تىللا تىزەكلەيدىغان قوي - دولان قۇيى
دولان قۇيى -قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيسىدىكى كەڭ خەلىق ئاممىسى تەدىرىجى يىتىشتۈرگەن ئەلا نەسىللىك يەرلىك قوي تۈرى. يىقىنقى يىللاردا شىنجاڭ يىزا- ئىگىلىك ئونۋىرسىتىتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيسىدە دولان قويلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بازىسى قۇرۇپ ، بۇخىل قوي تۈرىنىڭ دىھقان-چارۋىچىلارنى باي بۇلۇش يولىغا يىتەكلەيدىغان، كۆلەملەشتۈرۈشكە ، كەسىپلەشتۈرۈشكە بولىدىغان قوي تۈرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شىنجاڭ قويچىلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان دولان قويلىرى ئىنتايىن تىز سۈرەتتە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاسىت ، شەھەر، ناھىيلىرىگە تارقالماقتا .
دولان قويىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى ، كۆپ گۆشلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ ، تىنى چوڭ، سېنى ئۇزۇن، پاخلانلىرىنىڭ يىتىلىشى تىز، بېقىلىشى ياخشى بولسا يىلدا ئككى قىتىم قوزىلايدىغان قوش قوزىلاش نىسپىتى يۇقىرى ، قوچقارنىڭ ئىغىرلىقى ئوتتۇرچە ھىساب بىلەن 140كىلوگىرام ، ساغلىقنىڭ ئوتتورچە ئىغىرلىقى 108كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ .
دولان قويىنىڭ ئوستىخىنى كىلىشكەن ، بىشىنىڭ چوڭلۇقى ئوستىخىنىغا باققاندا كىچىك ، قاڭشارلىق، قۇلىقى ئۇزۇن ھەم كەڭ ، ساپ نەسىللىكنىڭ ھەممىسى مۈڭگۈسسىز ، باش ، پۇت ، قورسرقنىڭ رەڭگى قوڭۇ ر ، دۈمبىسى ئاققۇچ ، يۇڭى ئىنچىكە ، كىچىك بۈدۈرە (گىدە) بولىدۇ . شىنجاڭدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ، كەڭ قوي ھەۋەسكارلىرى ئەلا نەسىللىك قويلارنى يىتىشتۈرۈش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . قارباش قار قۇرۇق قار بېقىن ، تۇم قارا ، سۇس كۈلرەڭ ، قېنىق كۈلرەڭ ، قۇيرۇقى كىچىك ھەم ئاچا قاتارلىق قويلار ئەتىۋارلىق بېقىلىۋاتىدۇ . ئەلا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قوچقار ۋە ساغلىقنىڭ باھاسى مېلىيۇن يۈەندىن ئېشىپ ، دېھقان-چارۋىچىلار ۋە قوي ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتماقتا .
قويچىلىق ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى، دولان قويى بۇنىڭدا بەك مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.بۇلۇپمۇ گوشنىڭ باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئورلەۋەتقان ۋە بازار ئىھتىياجىنى قامداپ بۇلالمايۋاتقان بۇنداق شارائىتتا.
تەپسىلىيرەك چۇشەنمەكچى بولغانلار مۇنۇ ئادرىسقا كىرىڭلار http://www.apirin.com/ ھەمكارلاشماقچى بولساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار؛ چ چ-2366755198 [ بۇ يازمىنىhikmet 2011-11-21 12:47قايتا تەھرىرلىدى ]