شۈ شىلىياڭ
بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەۋاتسام بىرى مېنىڭدىن : « قاچانلىققا تەنقىدلەشنى توختىتىسىز؟ » دەپ سورىدى. مەن : « بۇ ئىش ئانچە تەسمۇ ئەمەس، ئاز-تولا مەنسەپ بەرسەڭلا تەنقىدلەشتىن تەبىئيلا قول ئۈزىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلا پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى، ئارقىدىنلا پۈتۈن يىغىن مەيدانى ۋاڭ – چۇڭ بىلەن تولدى. ئۇلار : « ئەسلىدە سېنىڭ ئەمەلدارلارنى، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى چىرىكلىك ۋە قاراڭغۇ تەرەپلەرنى تەنقىدلىشىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمىلىڭنىڭ يوقلىقىغا بولغان ئاچچىقىڭكەندە » دېيىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
بىراق، كېيىنكى چۈشەندۈرىشىم ئۇلارنى جىممىدە قىلىپ قويدى. مەن لوڭ يىڭتەينى مىسال قىلدىم. ئۇ ماھىيەتتە بىر تەنقىدچى ، يەنە كېلىپ ھىچ كىمگە يۈز خاتىرە قىلمايدىغان ئىلىمگەر ئىدى. ئۇ مايىڭجىيۇ تەيبېي شەھرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا باش بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئۇچۇق – ئاشكارە بىرەر پارچە ماقالا ئېلان قىلمىغان، ئاشكارا سورۇنلاردا بىرەر قېتىممۇ نۇتۇق سۆزلەپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ
تەنقىد ماقالىسى يېزىشى، ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىشى ئىدارە باشلىقلىق كۈرسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە داۋاملاشتى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، لوڭ يىڭتەينى تەنقىدلەش مەجبۇرىيىتىدىن توختىتىدىغان ئاقىلانە ئۇسۇل ئۇنىڭغا ئەمەل بېرىشتۇر. بىراق ، بۇنىڭغا قاراپلا بىر ئىلىمگەرنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەشتىكى مۇددىئاسىنى « ئەمەل تاماسىدا تەسلىمنى قوبۇل قىلىش ، بىرەر مەنسەپكە ئىرىشىش ئۈچۈن پايپاسلاش» دەپلا چۈشەنسەك خاتالاشقان بولىمىز.
لوڭ يىڭتەي خانىمنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئۆز چۈشەندۈرىشى بار، مەن ئۇنى ناھايىتى ئورۇنلۇق دەپ بىلىمەن. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: « كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ئوخشاش بولمىغانىكەن ئۇنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىمۇ تەبىئىيلا پەرقلىق بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇھىمى خەلق بەرگەن ھۇقۇقنى ياخشى ئىشلىتىپ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھەرگىزمۇ تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى بىر ئىجراچى بولۇشى كېرەك. ھوقۇق قولىڭىزدا بولغانىكەن، ئەمىلىڭىزنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئىپادىلەشتىكى بىردىن – بىر ئۇسۇلىڭىز قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، ۋەزىپىڭىزگە سادىق بولۇپ ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي خىزمىتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ، ئۆز ھەركىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاشتۇر. بۇ ۋاقىتتا سىز جەمئىيەتنى تەنقىدلەش ھوقۇقىڭىزدىن ۋاز كېچىشىڭىز لازىم. بىراق، بىر ئىلىمگەر، بىر زىيالىي بولغانىكەن ئۇنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇۋېلىشقا ياردەم بېرىشتۇر. ئەگەر بىر ئىلىمگەر تەنقىدلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. مەمۇرلارىنىڭ تەنقىدلەش ھوقۇقى بولمايدۇ. بىراق ، پۇقرالارنىڭ ، ئىلىمگەرلەرنىڭ، زىيالىلارنىڭ تەبىئىيلا تەنقىدلەش ھۇقۇقى بولغان بولىدۇ. شۇنداق جەمئىيەتلا نورمال جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولغانىكەنسىز ھۇقۇق قولىڭىزدا بولىدۇ. مەسىلە كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئامال قىلىپ ھەل قىلىشىڭىز لازىم، زارلايدىغان ھىچقانداق ئورۇن يوق. ئالغان رول ئوخشاش بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىمۇ تەبىئىيلا پەرقلىق بولىدۇ. جەمئىيەت بىر كېمىگە ئوخشايدۇ، بۇ كېمىدە بەزىلەر غەۋۋاس بولسا، بەزىلەر رولچى بولىدۇ، يەنە بەزىلەر كۈزەتچى بولىدۇ. رولچىلار رەھبەرلەردۇر، كۈزەتچىلەر ئىلىمگەرلەردۇر. پاراخۇت دېڭىزدا يۈرگەندە، ئەتراپ تىپتېنىچ، ھەممە ئامان – ئىسەن بولسا كۈزەتچىنىڭ
ھاۋانىڭ شۇنداق ياخشىلىقى، پاراخۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرىۋاتقانلىقى، ھەممىنىڭ تېنچ ئىكەنلىكىگە مەدھىيە ئوقۇشىنىڭ ھىچبىر ھاجىتى يوق. بىراق ، دېڭىزدا قارا بوران چىقىپ شىددەتلىك دۇلقۇن كۆتۈرۈلگەندە، يۇشۇرۇن خادا تاشلار ھەيۋە قىلغاندا، خەتەرلىك ساھىللارغا دۇچ كەلگەندە كۈزەتچى چۇقۇم دەل ۋاقتىدا سېگنال بېرىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا دېڭىز سەپىرىنىڭ بىخەرتەرلىكىگە كېپىللىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر كۈزەتچى خەتەرنى كۆرۈپ تورۇپمۇ سىگنال بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولىدۇ. ئەگەر كۈزەتچى خەتەرنى كۆرگەن بولسىمۇ، رولچى ئۇنى ئېغىز ئاچۇرمىسا بۇ رولچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بولىدۇ. كۈزەتچى رولچى بولغاندا ئاندىن ئۇنىڭ سىگنال بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ پەقەت يۈرۈش لېنىيىسى ۋە بېرىلگەن سېگنال بويىچە دېڭىز سەپىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ بىخەتەرلىككە كېپىللىك قىلسىلا بولىدۇ.
ھۇقۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە بۇ ھۇقۇقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلار مۇبادا خالىغانچە « تەنقىد » كالتىكىنى پۇلاڭلاتسا ھەمىشە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
گېزىت – ژورنال ئاۋامنىڭ پىكىر سەھنىسى. ئۇ تەنقىد ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئارتقان.
ئامېرىكا زوڭتۇڭى لىنكولىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەنقىدىنى ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت بۇ كالىنىڭ بەدىنىدىكى كۆكۈيۈن(ئىت چىۋىنى) گە ئوخشاتقان. گەرچە كۆكۈيۈن
كالىنىڭ كاسسىسىنى چاقسىمۇ، بەزىدە ھەتتا ئۇنى قانىتىۋەتسىمۇ، بىراق، بۇ كالىنى ھورۇنلۇق قىلغۇزمايدىغان بىردىنبىر ئۆنۈملۈك ئۇسۇل. ئامېىرىكىدا بۇ خىل ئەنئەنە ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جېففىرسۇننىڭ مۇنداق بىر جۈملە داڭلىق سۆزى بار: « ھۆكۈمەت بولمىسىمۇ گېزىت بولسۇنكى، گېزىتسىز ھۆكۈمەت بولمىسۇن».
ئەلۋەتتە، ھەم ھۆكۈمەت ھەم گېزىت بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بىراق، ئىككىسىدىن چۇقۇم بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە ، ھۆكۈمىتى بولمىغان گېزىت، گېزىتسىز ھۆكۈمەتتىن مىڭ ياخشى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە گېزىتسىز ھۆكۈمەت قارا جەمئىيەتكە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ھۇقۇق ئاقىۋەتتە لىۋاتەندىكى غەلىتە مەخلۇق (ئىنجىلدا تەسۋېرلىنىدىغان رەزىل دېڭىز مەخلۇقى) قا ئايلىنىپ دۆلەت ۋە ئاۋامغا تۈگىمەس بالايى - ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھۇقۇق ئۇچۇق – ئاشكارا بولمىسا بۇ خىل ھۇقۇق ئىنتايىن رەزىل بولىدۇ. بۇنداق ھۇقۇقنى يامان ئىش قىلىشقا ئىشلەتمىسە يەنە نېمىگە ئىشلەتكىلى بولسۇن؟
بىر جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت بولماي گېزىت بولسا قالايمىقان بولسىمۇ ئۇنچىلىك قورقۇنچلىق بولمايدۇ. شىمالىي مىللىتارىستلار دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكەت دېگۈدەك ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە ئىدى. بىراق، شۇ چاغدا نەچچە خىل راۋرۇس گېزىتلەر بار ئىدى. مەسىلەن: « كېنەز گېزىتى»، « خەۋەرلەر گېزىتى »، «نۇر گېزىتى» دېگەندەك.
شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە بارماقتا توختىغىدەك ئۇنىۋېرسىتىتلارمۇ قۇرۇلغان ئىدى. لۇشۈندەك مائارىپ مىنىستىرلىكىدىكى ئادەتتىكى بىر ئەمەلدار كىچىككىنە بىر ئىش سەۋەبىدىن شۇ چاغدىكى مائارىپ مىنىستىرى قۇشۇمچە ئەدلىيە مىنىستىرى جاڭ شىجيەن بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىپ ئۇنى يېڭىپ چىققان ئىدى. بۇنداق ئەدلىيە دىلو مىسالى كېيىنكى مىنگو دەۋرىدە ياكى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە بولسۇن تېخى ئۇچراپ باققىنى يوق.
ئەمەلىيەتتە، ماڭا مەنسەپ بېرىڭلا دېيىش رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى، ھۇقۇق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان دەۋردە ، بەزىدە « لىياڭشەندىكىلەرنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش » كىمۇ ئىمكانىيەت يوق.
يەنە دېسەك، بەزى جايلاردا ھەممە ئەمەل – مەنسەبنىڭ نەرقى – باھاسى پۈتۈپ قويۇلغان. كىچىككىنە ئەمەل ئۈچۈنمۇ بەزىلەرنىڭ بېلى نەچچە قېتىملاپ پۈكۈلىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا شۇنچە ئاسان
ئىرىشكىلى بولامدۇ؟ شۇڭا، ماڭا مەنسەب بېرىڭلار دېگەن قىياس پۈت دەسسەپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن. بىراق، مەسئۇلىيەتچان ، ۋىجدانلىق بىر زىيالىنىڭ ئۆزىنىڭ تەنقىدلەش بۇرچىنى لۇڭ يىڭتەي خانىمنىڭ بەش يىل مەدەنىيەت ئىدارىسىغا باش بولغىنىدا توختىتىپ قويغىنىدەك مەزگىللىك توختىتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.