ئەمەلدارلارغا بىر دەرس: مىكروبلوگ بىلەن QQنىڭ پەرقى
«بىز يوللىغان گەپلەرنى كۆردىڭىزما؟ قانداق كۆردىڭىز؟ ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بىز ئىككىمىز يوللاشقان گەپلەرنى سىز قانداق كۆرەلەيتىڭىز؟»
جياڭسۇ ئۆلكىسى لىياڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆزى مىكروبلوگدا تارقاتقان گەپلەرنى باشقىلارنىڭ كۆرگەنلىكىدىن ھەيرانە-ھەس قاپتۇ. بۇ جانابى باشلىق مىكروبلوگدا بىر خانىم بىلەن مۇنداق گەپلەرنى قىلىشقان ئىكەن:
ھايات قەدرى: قەدىرلىك بودەك، بۈگۈن مەن كۆلگە ساياھەتكە بارىمەن، تېلېفۇن قىلارسىز.
سىزنى دەپ5123: ئوماق، مەن چۈشتىن بۇرۇن شەھەر باشلىقىغا خىزمەت دوكلات قىلاتتىم.
سىزنى دەپ5123: ياتقاقنىڭ ئاچقۇچىنى بىرەي، ئارام ئالغاچ تۇرسىڭىز، مەن كېيىنرەك باراي.
ھايات قەدرى: ئاچقۇچنى قانداق بېرىسىز، مەن بارمايمەن جۇمۇ.
بۇ گەپلەر مىكروبلوگدا تارقىلىش بىلەن، ئۇلار كۈلكىگە قاپتۇ. بۇ باشلىقنىڭ دېيىشىچە، مىكروبلوگ دېگەن گەپنى بىرسىدىن ئاڭلاپ، بۇ يىل ئەتىيازدا تىزىملاتقان ئىكەن. ئۇ يەنە: «مىكرو بلوگ دېگەننى مەن نەدىن بىلەي، باشقىلار ئەمدى ئىلخەت ئەۋەتىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ھازىر مىكروبلوگدا گەپ ئەۋەتىدۇ دېگەن» دەپتۇ.
جانابى باشلىق يېڭىلىقنى تېز قوبۇل قىلىپتۇيۇ، تازا بىلەلمەي قاپتۇ. ھېلىقى خانىممۇ نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي: مىكروبلوگ
بىلەن QQنىڭ پەرقى بارمۇ؟ دەپتۇ.
مىكروبلوگ بىلەن QQنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىلىدۇ، QQبىر ئايرىمخانىغا ئوخشايدۇ، ئىككى ئادەم كىرىۋېلىپ نېمە دېيىشكۈسى كەلسە شۇنى دېيىشىدۇ. مىكروبلوگ
مەيدانغا ئوخشايدۇ، بىرسى قىلغان گەپنى باشقىلار ئاڭلاپ تۇرىدۇ.
ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە، بەزىلەر“web3.0”ۋە «بۇلۇت ھېسابلاش» ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشىۋاتسا، يەنە بەزىلەر، يەنى خېلى بىلىملىك ھېسابلىنىدىغان ئەمەلدارلار مىكروبلوگنىڭ نېمىلىگىنى بىلمەي يۈرۈشۈپتۇ. «ھەممە تەڭ دىققەت ئاغدۇرۇش جۇڭگونى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان چاغدا، ئەمەلدارلار مىكروبلوگ بىلەن QQنىڭ پەرقىنى بىلەلمەي يۈرۈپتۇ. بىر تۈركۈم ئادەملەر تور دەۋرىگە كىرگەندە، يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەر بۇرۇنقى پېتى توختاپ قاپتۇ.
ئاۋۇ جانابىي باشلىق ئادەتتىكى بىر ئادەم بولغان بولسىغۇ ياكى مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىم بولسىغۇ مىكروبلوگنى بىلمىسىمۇ بوپتۇ دېسەك. مىكروبلوگدا ھەر كۈنى يوللىنىۋاتقان يېڭى خەۋەر، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ياكى تاسادىبىي ۋەقەلەر شۇنچە جىق تۇرسا، ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى تۇرۇپ مىكروبلوگنىڭ نېمىلىگىنى بىلمىسە، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئىنكاس قايتۇرۇشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىگە ئىش تېپىۋالمىسا مەيلى.
بىرەيلەن مىكروبلوگدا: ساۋاتسىزلىق بەك چاتاقكەن، دەپ يېزىپتۇ. يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشالمىغان ئەمەلدارلار بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، مىكروبلوگ
بىلەن QQنىڭ پەرقىنى ئوبدانراق بىلۋالسا بولغىدەك. شۇنداق قىلغاندا، ھېلىقىدەك كۈلكىگە قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىق پايدىسى بار.
ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مىكروبلوگ ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نوقتا بولۇپ قالغان. يەنە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىمۇ مىكروبلوگ ئاچقان، بىر مىليون 350 مىڭ ئادەم ئەگەشكەن، مىكروبلوگ ئۇلارنىڭ ئامما بىلەن سىردىشىدىغان سورۇنى بولۇپ قالغان.
يۇقۇرىدىكى كۈلكىلىك ئىشنىڭ كەينىدىكى رېئاللىققا قاراپ كۈلەلمەي تۇرۇپ قالىسىز: دەۋردىن ئايرىلىپ قالغان ئەمەلدارلار شىددەت بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان بۇ دۆلەتنى قانداقمۇ باشقۇرار؟
جى يۈن ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە سۇمرۇغ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=384&extra=page%3D2