كەمسىنىشنىڭ دورىسى- ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت
كەمسىنىش تۇيغۇسىنىڭ بولۇشى ۋە كۈچىيىشى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. كەمسىنىش تۇيغۇسى ئۆزگۈرىۋاتقان جەمئىيەتتىكى روھىي نازۇكلۇق ۋە مۈشكۈل ئەھۋالنى ئىپادە قىلىدۇ، روھىي غالىپلىق ۋە ئىناقلىقنىڭ مۇقەررەر يولى ھەم ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت نۇرى ئاستىدا، قائىدە ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئادىل تەرەققىي قىلىش ، ئورتاق بەھرىلىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ، ھەممە ئادەم تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەمگە پۇرسەت بېرىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئۈمىدۋار بولىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلغاندا، كەمسىنىش تۇيغۇسىنى تېزرەك تۈگەتكىلى بولىدۇ.
«سىز ئاجىزلار توپىغا تەۋەمۇ؟». ئارقا-ئارقىدىن
ئېلىپ بېرىلغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشلىرىدە، چىغ سېۋەتنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر ئۆزىنى ئاجىز دېيىشتى؛ تەرجىمىھالىنى كۆتۈرۈپ ئىش ئىزدەپ يۈرگەن ستۇدېنتلارمۇ ئۆزىنى ئاجىز دېيىشتى؛ ئايلىق مائاشى ئون مىڭدىن ئاشىدىغان ئايلىقچىلارمۇ ئۆزىنى ئاجىز دېيىشتى. مانا بۇنى ئاجىزلار توپى كۆپىيىۋاتىدۇ دېگەندىن كۆرە، كەمسىنىش تۇيغۇسى كۈچىۋاتىدۇ، دېگەن تۈزۈك.
بەزىلەر پسىخىكىلىق كىرىزىس جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، دېيىشىدۇ. جەمئىيەت قۇرۇلمىسى شىددەت بىلەن ئۆزگۈرىۋاتقان، مەنپەئەت قۇرۇلمىسى تېز تەڭشىلىۋاتقان دەۋردە، ماركس دەپ ئۆتكەندەك «كەپە ئۆيلەرنىڭ يېنىدىلا قەسىر پەيدا بولۇپ قالغان» غا ئوخشاش نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسى ئىلگىرى ئۇچراپ باقمىغان زەربىگە ئۇچرىدى، تەشۋىش، جىددىيلىك، ئەنسىزلىك پەيدا بولدى.
بۇنداق روھىي ھالەتنى تەڭشەشتە، بىر جەھەتتىن، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بۇ خىل ئۆزگۈرۈش داۋامىدىكى «دەرت» ۋە پەرققە توغرا قاراپ، ئۆز-ئۆزىنى تەڭشىشىگە توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ھەممە قاتلامغا سىڭىپ كەتكەن كەمسىنىش تۇيغۇسىنىڭ يىلتىزىنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېچىنىۋاتقىنى ئۆزىدە «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق»لۇقى ئەمەس، بەلكى ئادىللىق بولمىغان مۇھىتتا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىدۇر. قان-تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىگەن توختاملىق ئىشچىنىڭ مائاشى رەسمى ئىشچىنىڭكىدىن خېلىلا ئاز بولىدۇ؛ بىر ئورۇنغا بىر ئادەمنى نىشانلاپ قوبۇل قىلىدىغان سىناقلاردا ئارقا تېرىكى بولمىغان ستۇدېنتنىڭ قوبۇل قىلىنمىقى بەسى مۈشكۈل؛ ئىجتىھات بىلەن قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىغان مەمۇرلار بىر ياندا قېلىپ، چوڭامنىڭ ئارقىسىدىن قاتراپ، سوۋغا-سالام سۇڭگۇتقانلارنىڭ مەنسىپى ئۆستۈرىلىدۇ. بىر ئۆلىما مانا بۇنىڭدەك رىقابەتسىز ئاجىزلاشتۇرۇشنى
يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە بەزىلەرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىغان ياكى باشقىلاردىن كېيىنرەك يۈگۈرۈتكەنگە ئوخشاتقان ئىكەن.
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئاجىز چاغلىشى ۋە كەمسىنىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرى كونترول قىلىش-ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدىغان ئەھۋالغا يولۇققاندا كۆرۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئامالسىزلىق، خاۋاتىرلىنىش، تەشۋىشلىنىش-خەۋپسىرەش ۋە كەمسىنىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ كۈچىيىپ كېتىدىكەن.
كەمسىنىش تۇيغۇسى بولغاندا، بەزىلەر چىنە-قاچىلارنى چېقىپ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ؛ بەزىلەر غەزەپلىنىشتىن ۋەھشىيلىشىشكە ئۆتۈپ، نارەسىدىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتەك قاباھەتلىك ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدۇ؛ بەزىلەر «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» دېگەندەك قىلىپ، سۈپەتسىز يېمەكلىك يەپ سالغاننىڭ زېيىنىنى داۋالاش ھەققىدىن تولدۇرماقچى بولىدۇ؛ بەزىلەر مەنسىپى ئۆستۈرۈلمىگەنلىكنىڭ ئاچچىغىنى غالجىرانە خىيانەت قىلىش-پارا ئېلىش بىلەن چىقىرىدۇ؛ بەزىلەر كۈن ئۆتكۈزۈش يولىغا كىرىۋالىدۇ، ئالىجانابلار چاكىنىلىشىدۇ،
ئۈمىدۋارلارنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلىدۇ. نىشاننى موقىملاشتۇرۇش ئىناق جەمئىيەتنىڭ ھۇلتېشى بولسا، كەمسىنىش تۇيغۇسى جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئازرۇ-ئۈمىدنى يوققا چىقىرىدۇ، قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە، جەمئىيەتنى «ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق» بولغان «مەھبۇسلۇق مۈشكۇلاتى»غا باشلايدۇ.
راست گەپنى قىلغاندا، ئادىللىق مەڭگۇ بىر نىسبىي ئۇقۇمدۇر. مۇتلەق ئادىللىقنى قوغلىشىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم مۇمكىن بولمايدۇ. مۇتلەق ئادىللىق تەپەككۇرى بويىچە ئويلىغاندا، خىزمەت ۋە كەسپتە زور ئۇتۇق قازانغانلارمۇ قانائەت قىلمايدۇ، رازى بولمايدۇ، خۇشال بولمايدۇ، ھەممىدىن ئاغرىنىپ، قارغاش-رەنجىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى ئوبېكتىپ رىئاللىقتىن كۆرۈشكە بولمايدۇ، پەرققە توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان غەيرى روھىي ھالەتمۇ شۇنداق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ مەركەزنىڭ نېمە ئۈچۈن ساغلام روھىي ھالەت يېتىلدۈرۈشنى ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، نۆۋەتتە جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە كىرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
مەيلى قايسى جەھەتتىن ئېيتمايلى، كەمسىنىش تۇيغۇسىنىڭ بولۇشى ۋە كۈچىيىشى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. كەمسىنىش تۇيغۇسى ئۆزگۈرىۋاتقان جەمئىيەتتىكى روھىي نازۇكلۇق ۋە مۈشكۈل ئەھۋالنى ئىپادە قىلىدۇ، روھىي غالىپلىق ۋە ئىناقلىقنىڭ مۇقەررەر يولى ھەم ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ- ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت نۇرى ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. جەمئىيەتتە غەيرەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان، تېنچپەرۋەر-مۇلايىم بولىدىغان، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتىدىغان روھىي ھالەت يېتىلدۈرۈشتە، ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش داۋامىدا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشى زۆرۈر. جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قائىدە ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئادىل تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ، ھەممە ئادەم تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەمگە پۇرسەت بېرىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئۈمىدۋار بولىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشى تېخىمۇ زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا، كەمسىنىش تۇيغۇسىنى تېزرەك تۈگەتكىلى بولىدۇ.
(بۇ ماقالە «خەلق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 5-مايدىكى سانىغا بېسىلغان. ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى)
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=391&extra=page%3D2