ھۆكۈمەت پۇقرانىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى زۆرۈر
ھۆكۈمەت ئاۋام –پۇقرانىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاۋام-پۇقرانىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەش جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشى، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئادىتىگە ئايلىنىشى زۆرۈر.
جامائەت ئىشلىرىدا ئاۋام-پۇقرانىڭ پىكرىنى تولۇق ۋە ئەركىن ئىپادىلىشى دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىدۇر، ئۇ سىياسىي مەدەنىيلىكنىڭ نامايەندىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. 17-قۇرۇلتايدا «سۆزلەش ھوقۇقى» نىڭ تەكىتلىنىشى جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى ۋە سىياسىي مەدەنىيلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئاۋام-پۇقرانىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىيەلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. جىلىن ئۆلكىسى «ئاۋام گەپ قىلىش ئورنى» قۇرۇپ، ئاۋامغا ئەركىن پىكىر قىلىش شارائىتى يارىتىپ، ئۇچۇر تورىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش سەۋەنلىكىنى ئازايتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.
پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ ئېچىۋېتىش، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھوقۇقنى قانداق چەكلەش، ھۆكۈمەتنى قانداق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ھازىرقى جەمئىيەتتىكى مۇھىم تېما ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش توپنىڭ ئوخشاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولى ئوخشاش بولمىسا، ئاقىۋىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. «ئاۋام گەپ قىلىش ئورنى» ھوقۇقنى جەمئىيەت ئارقىلىق چەكلىگەندە ھوقۇقنىڭ ئاينىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھۆكۈمەت ئاۋام –پۇقرانىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاۋام-پۇقرانىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەش جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشى، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئادىتىگە ئايلىنىشى زۆرۈر.
ئاۋام-پۇقرانىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقلۇغى، ئىناۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇقلۇغى ئاممىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ ھازىرقى دېموكراتىك سىياسىي دەۋرىدە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا قوزغىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ «ئاۋام گەپ قىلىش ئورنى»دا ئاممىغا بولغان تەلىم-تەربىيە ۋە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرگە بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن-سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پايدىلىق بولغان. كۆپرەك سۆزلىگەندە ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، تەلەپ-ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قايىللىقى ئېشىپ، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرانىڭ مۇناسىۋىتى قايتا ئورنايدۇ. ئاۋامنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى ۋە تەلىپىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئاڭلىقلىغىنىڭ نەتىجىسى، ھەم ئاۋامنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
جەمئىيەت باشقۇرۇش كۈچەيتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەنپەئەتنىڭ پارچىلىنىشى ۋە كۆپ مەنبەلىشىشى ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. مەنپەئەت ئۈستىدە سۆزلەشمۇ ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ھازىر جىددىي قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاۋامنىڭ دېموكراتىيە تەلەپلىرىگە جىددى قاراپ، دېموكراتىيە، سۆزلەش يوللىرىنى ئېچىپ، دېموكراتىيە-قاتنىشىش مىخانىزىمىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ سۆزلەش يوللىرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى (خەنزۇچە)
ئاپتور: جاڭ ياڭ
تەرجىمىدە: نوشىرۋان.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=429