......قار لەپىلدەپ ياغماقتا ، بۇ نويابىر سوۋغىسى ، تۇنجى قار ، دەرەخ شاخلىرىدا لىرىكا بىلەن يۇغۇرۇلغان تىل سەنئىتىنىلا ئىپادىلىيەلەيدىغان قار گۈللىرى پەيدا بولدى . قىز شىنىل ، شەپكە كىيگەن ، قاملاشقان .چىرايلىق يىگىتنىڭ سول بېلىكىدىن قولتۇقلىۋالغان ، يىگىتنىڭ ئوڭ قولى چاپان يانچۇقىدا ، سول قولى قىز ئۈچۈن جەينەك بىلەن بىلەكتىن تۇتقۇچ ياسىغان .. لىكىن ئۇنىڭ خىيالى باشقا بىر قىزدا . ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە خادىكتە مەست بولوپ قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆز كۆڭۈل ئازاپلىرىنى ئاشكارلىغان پەرىخەنى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان ، ھەربىيچە كىيىملىرىنىڭ تۈگىمىلىرى ئېچىلغان . ئۇ نۇرىنى كۆرۈپ دەرھال يېنىدا ئولتۇرغان سۇلايمانوفنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويىۋىلىپ ، چىرايلىق كۆزلىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ قاقاھلاپ كۈلدى . ئىنسان كۆپ ھاللاردا دەرت -ئەلەملىرىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ -دە !
نۇرى قىزنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەلەم ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى ، ئۇ نېمىشقا نۇرىدىن قاچىدۇ ، ئاشۇ سۇلايمانوفنىڭ ھېلىقىدەك رەززىللىكى سەۋەبىدىن قىزلىق شەنىگە داغ چۈشكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ؟ نۇرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ، ھەتتا دادىسىنىڭ ، كىچىككىنە ئوغلى خەمىتنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ، پەرىخەنىڭ ئۆزىگە بولغان ساپ مۇھەببىتىنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى . مانا بۈگۈن زەيتۇنە بىلەن ئاخىرقى قېتىم سەيلە قىلىۋاتىدۇ ، ئۇ زەيتۇنەدىن ئەپۇ سورىماقچى ، ئەھۋاللىرىنى زەيتۇنەگە تولۇق ئېيتماقچى ، ئۇنىڭ خىيالى پەرىخەدە ، ئۇ كۆڭلىدە ياتلىشىشىنى قارار قىلغان قىز بىلەن بىللە سەيلە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن پەرىخەدىن ئىچىدە كەچۈرۈم سورىماقتا .
-زەيتۇنە، مۇھىم گېپىم بار سىزگە دەيدىغان !
-ياق ،
بۈگۈن ھەر قانداق مۇھىم گەپ مەنئى قىلنىدۇ ، بىز مۇنۇ گۈزەل تەبىئەت بىلەن سۆزلىشىمىز ! - قىز ئەركىلەپ،خۇمارلاشقان يوغان ، قاپقارا كۆزلىرى بىلەن يىگىتكە << يالىت>> قىلىپ قاراپ قويدى - دە ، بېلىكىنى تېخىمۇ چىڭىراق سىقتى .
-لىكىن بۇ گەپ ! ...
-تىنىچ، <<لىكىن >> مۇ مەنئى قىلىنغان ! قاراڭە ئاۋۇ سۆگەت شېخىغا ، ئاشىق -مەشۇقلار سۆزلىشىۋاتىدۇ ، قار بىلەن يوپۇرماق قوشۇلسا ھەجەپمۇ چىرايلىق گۈل پەيدا بولىدىكىنا ، قىز تولىمۇ ھاياجانلانغان ، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ھىسىياتلىق لېرىكا ،شېئر -مىسرالىرى ئىدى . نۇرىنىڭ قەلبىدە يەنە ي تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ھەۋەس دۇلدۇلى تىپچەكلىدى . ئۇنىڭ قىزنى قۇچاقلىغۇسى ، ئەرلىك نەپسىنى قاندۇرغۇسى كەلدى . ئۇ بىر دەقىقەق پەرىخەنى ئۇنتۇدى ، مۇھەببەت ئىنسابنى يەڭدى ، تەبىئىي ھىسيات كۈچى ياسالماي دىيانەت رامىكىسىنى بۇزدى . ئۇ يانچۇقىدىكى ئالىقىنىغا ئېلىۋالغان نازۇك ، سىلىق قىز قولىنى سىقىپ قويدى ، قىز ئۇنىڭ بىلەكلىرىگە ئىقككى قولى بىلەن يامىشىپ مەست بولغان ھالەتتە ؛
-بىر شېئىر يېزىڭە ، بۈگۈنكى كۈن مەڭگۈلۈك خاتىرە بولوپ قالسۇن ! - دېدى .
ئۇ قىزنى تېرەك دالدىسىغا ئاستا تارتتى ، ئەتىراپقا قارىدى-دە ، نازۇك بېلىدىن تۇتتى ، قىز ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سالدى . ئۇلا بىر تەنگە ئايلاندى ، نەدە تۇرغىنىنى ،نىمە قىلىۋاتقىنىنى تامامەن ئۇنتۇدى. دۇنيادا گويا شۇلاردىن باشقا ھىچنىمە مەۋجۇت ئەمەستەك ، گويا يەرشارىدىكى تۇنجى ئىنسانلار - ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ مۇز تەلبىدە تۇنجى قېتىم ئۇچىرشىپ ، ئىنسان خوشلىقىنىڭ بىرىنچى پەللىسىنى - جىنسى قوشۇلۇشنى پەيدا قىلغىنىدەك .....
- نېمىشقا بۇنداق ئوغۇرلىقچە ... بىزگە توسقۇنلۇق يوققۇ ، نۇرى ...
نۇر قىزنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلارپ شېئىر ئوقۇدى ؛
ئاپئاق قار سۆيمەكتە يېشىل ياپراقنى ،
قالدۇرۇپ بىر ئىللىق سۆيگۈ-پىراقنى .
قار دەيدۇ، ئەل كۆرسۇن ،پىنھان نە كىرەك ،
نە ھاجەت ئۆچۈرمەك نۇرلۇق چىراقنى .
...ھا-ھا-ھا!...-قىز قاقاھلاپ كۈلدى ...
-ھە-ھە، يەنە ئوقۇڭ ! - قىز ئەمدىلا يىگىت قوينىدىن قولىرىنى بوشىتىۋىدى ، <<پاڭ >> قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى .
-ئە....ئە....-دېدى نۇرى كەينىگە سەنتۈرلۈپ ، ئۇ تېرەككە يۆلىنىپ قالدى . ئۇنىڭ شىنىلىنىڭ كۆكىرەك تەرىپىدىن قېپقىزىل قان چىقماقتا ئىدى . ئۇ تامدەك تاتىرىپ ئوڭ قولى بىلەن بېلىكىدىكى تاپانچىسىنى تۇتتى ،لىكىن ھىچنىمە قىلالمىدى.
قىز بار ئاۋازى بىلەن چېرقىردى . يېنىدىكى ھويلىدىن تاتارلار يۈگۈرۈپ چىقىتى .
يېرىم سائەتتىن كېيىن سوۋىت گوسپىتالىدا نۇرى كارۋاتتا ئوڭدا ياتاتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا ئەڭ داڭلىق دوختۇر ھاكىم جاپپارۇف دوختۇرلار، سېستىرالار بىلەن پايپىتەك بولماقتا ئىدى .
-ساقايتىسەن دوختۇر ، ساقايتىمىساڭ ئېتىۋىتىمەن ! - دەپ ۋارقىردى بىر دەمدىلا پەيدا بولغان غېنى باتۇر تاپانچىسىنى يالاڭاچلاپ ئۈستەلگە قويۇپ .
- ئوق يۈرەكنىڭ يېنىدىن تېشى ئۆتكەن ، قان بەك جىق كەتكەن ، قان سالمىساق بولمايدۇ !
_مان مەندىن ئال ، چىلەكلەپ ئالساڭمۇ يېتىدۇ ! - دېدى باتۇر بىلەكلىرىنى تۈرۈپ .
-ئالمۇتۇغا ،مۇسكىۋاغا ئايرۇپىلان بىلەن يۆتكەيلى ! - دېىد ئابلا باي تىتىرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن دوختۇرغا يېلىنىپ ، - قىزىم تېخچە ھوشىغا كەلمىدى !....
- قىزىڭىز ئۆلمەيدۇ ھەممنى قىلغان شۇ قىزلار ! - دېدى غېنى باتۇر ۋارقىراپ ، - يۈز قىزنى يۇغۇرسا نۇرىنىڭ بىر تىرنىقى يارالمايدۇ . ئۆلمە نۇرى ، ئۆلمە باتۇر يىگىت ! ئۆمرىدە ياش تۆكمىگەن غېنى باتۇرنىڭ بورتۇپ چىققان يوغان قوي كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى مۆلدۈرلەپ تۆكۈلدى ! ...
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-11-19 00:09قايتا تەھرىرلىدى ]