18ياشلىق توي قىلمىغان قىز ھاجەتخانىدا تۇغۇپ بالىسنىڭ گېلىنى سىقىپ ئۆلتۇرگەندىن كىيىن ئىت ئۇۋسىغا تاشلاپ قويغان
‹ يولۋاس ۋەھشى بولسىمۇ ئۆز بالىسىنى يىمەيدۇ › دىگەن ماقال - تەمسىلنى ھەممىمىز بىلىمىز ، بىراق توي قىلماي ھامىلدار بۇلۇپ قالغان بىر قىز ھاجەتخانىدا تۇققاندىن كىيىن ،باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن قورقۇپ ،دەرھال بالىسنى ئۆلتۇرگەندىن كىيىن ئىت ئۇۋسىغا تاشلاپ قويغان. يىقىندا بۇ قىز قەستەن ئادەم ئۆلتۇرۇش جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ ،خۇادۇ رايۇنلۇق تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلاندى.
تەكشۇرۇش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى جياڭ 18xxx ياش بۇلۇپ ، بۇيىل 4- ئايدا ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ھەم ئۇزىنىڭ ھامىلدار بۇلۇپ قالغىنىغا ئىككى ئاي بولغىننى بىلگەن .جياڭ xxx باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلىنى چۇشۇرۋېتىشكە جۇرئەت قىلىلالماي ، ساقلاپ تۇغۇلغاندىن كىيىن تاشلىۋېتىشنى پىلانلىغان .
بۇيىل 7- ئايدا جياڭ xxتۇققىنى ئاچقان قەغەز بۇيۇملارنى ئوراپ قاچىلاش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقاندا سەمىرىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالغاندەك بولسىمۇ ، يېڭى موھىتتا باشقىلارنىڭ دىققىىتىنى قوزغىمىغان ھەم ھامىلدار بۇلۇپ قالغىننى ھىچكىم سەزمىگەن ،10- ئاينىڭ 14- كۇنى سەھەر سائەت بىردە جياڭب xxx بالىنىڭ تۇغۇلاي دەپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان ، ئۇزى يالغۇز زاۋۇت ياتقىنىڭ ھاجەتخانىسغا كىرىپ 20 مىنۇت كۇتكەندىن كىيىن بىر ئۇغۇل بوۋاق تۇغقان ھەم تىرنىغى ئارقىلىق كىندىكىنى ئۇزگەن .
ئۇزى تۇققان يۇرەك پارىسنى تاشلىۋېتىش ئۇچۇن جياڭ xxx ئىككى قۇلى بىلەن بالىنىڭ گېلىنى تاكى بالا مىدىرلىمىغانغا قەدەر بۇغقان ، ئاندىن ئۇ بالىنى ئېلىپ زاۋۇت سېخنىڭ كەينىدىكى قورۇ تامنىڭ قېشىدىكى ئىت ئۇۋسىغا بالىنى تاشلىۋېتىپ ياتىقىغا كىرىپ ئۇخلىغان . تاڭ سەھەر ئالتىدە ئوراپ قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ تازلىقچىسى بى ھەدە ئىت ئۇۋسىغا كىلىپ يەم بەرگەندە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى ، پۇتۇن بەدىننىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى ، تىنىقىنىڭ يوقلىقىنى كۇرۇپ كۇرۇپ چۇچۇپ كەتكەن ھەم دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان .
تەپتىش ئەمەلدارى سوراق قىلغان ۋاقىتتا جياڭ xxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەم بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان . )
مەنبە : شەرقى شىمال تورى .
http://society.dbw.cn/system/2011/11/16/053517376.shtml كەڭ ساي تەرجىمە گۇرۇپپىسدىن نەۋقىران تەرجىمىسى
2011-يىل 11-ئاينىڭ 18- كۇنى `