ئاۋۋال قىزلار ئىسىملىرى:
كۈلسۇم:ئككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
كەۋسەر:تاتلىق سۇ،جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
لامىئە:نۇر چاچقۇچى،داڭلىق.
لەتىيفە:مۇلايىم،مەرھەمەتلىك،مەدەنيەتلىك.
لەيلا:بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە،مەستلىك ۋە مەستلىكنىڭ باشلىنىشى،ھاراقنىڭ كەيپى.
مارىيە:ئاق پىشماق ئايال.
مەريەم:سۇرىيانچىدە ئېگىز دېگەن مەنىدە بۇلىدۇ،ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسىمى.
مەلىكە:مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە:نۇرلۇق،يۈزى يورۇق،گۈزەل،نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
نائىلە:ئېرىشكۈچى،سوۋغا-سالام.
ناجىيە:قۇتۇلغۇچى ئايال،تېز ماڭغۇچى تۆگە.
نادىرە:ھېكمەتلىك سۆز،لەتىپە،ئۆز زامانىسىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
نادىيە:جەمىيەت،يىغىن كۇلۇب.
نارىمان:پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن مەنىدە.
نەجات:قۇتۇلماق،خالاس تاپماق.
نەجىيبە:تېگى تەكتى ئېسىل،پەزىلەتلىك،زېرەك،نەپىس،ئەقىللىق.
نەجىيە:سىر،سىرداش دوست.
نەرگىس:تەڭگچە ئاقياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
نەزىيھە:ئىپپەتلىك،رەزىللىكلەردىن يىراق.
ئەبراز:ساداقەتمەن،كۆيۈمچان.
ئەمان:ئامانلىق،تىنىچلىق،بىخەتەرلىك،خاتىرجەملىك،ئاراملىق،قوغدىماق،ئەھدە،كاپالەت،قەرىز.
ئامىنە:خاتىرجەم ،كۆڭلى توق ،ساغلام.
ئەمىينە:ئىشەنچلىك،سادىق،ۋاپادار،بىخەتەر.
ئەنۋار:نۇرلار،يورۇقلار.
ئەنىيسە:كۆيۈمچان،خۇشخۇي،ئۈلپەت.
ئىمان:ئېتىقاد،تەستىق،ئشەنچ.
بۇشرا:خۇش خەۋەر،گۈزەللىك ،چىرايلىقلىق،ھۆسىن-جامال.
بىلقىيىس:سەبەئ دېيىلدىغان بىر قەدىمىي مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھىي بۇلۇپ
سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ زامانىسىدا ياشىغان،سۇلايمان ئەلەيھىسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
گۇلنار:ئانار گۈلى.
جەمىيلە:چىرايلىق،ئۇز،گۈزەل،كېلىشكەن.
ھەبىبە:سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە:مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى،ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە:ئېغىر-بېسىق ۋە ئەقىللىق ئايال.
ھەمىيدە:شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال،ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە:ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال،مۇسۇلمان ئايال،توغرىنى تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا:ھەۋۋا ئانا،ئىنسانلارنىڭ ئانىسى،يېشىلغا مايىل قارا،ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
ھۇرىيە:پەرى،ھۆر،رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇللادە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە:مەڭگۈ،دائىم.
خالىسە:ساپ،پاكىز،خالىس،بەك ئاق.
خەدىيجە:ۋاقتىدىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە:ئەستە تۇتۇش قابىليىتى،خاتىرە ،ئاڭ.
زاكىيە:پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە:ھۇشيار ئايال،چېچەن ئايال،زېرەك ئايال.
زاھىدە:ئاخىرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنيانى ياخشى كۆرمىگەن ئايال.
زاھىرە:گۈزەل ئايال،چىرايلىق ئايال،يۈزى يورۇق ئايال.
زۆھرە:چولپان يۇلتۇزى،ۋېنرا،ئاپپاق،سۈزۈك رەڭ.
زەھرا:رەڭگى سۈزۈك،نۇرلۇق،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب:كۆرۈنشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر خىل دەرەخ،رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ
مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت:گۈزەللىك ۋە ھۆسىن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدغان بۇيۇم،بېزەك،ھۆسىن.
رەشىيدە:ھىدايەت تاپقۇچى ئايال،ئاڭلىق ئايال،ئەقىللىق ئايال.
رەنا:بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي قاراپ قالىدىغان نەرسە.
قالغىنىنى پات ئارىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.ئوغۇللار سىلەرگىمۇ بار ......