لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922-1945) بىر ئوت يۈرەك شائىر، ئۇ "يىللارغا جاۋاپ"، "خىيالچان تىلەك" قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى ل. مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت 9 يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ، ۋەتىنىگە، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى.
2004-يىلى قۇربان ھېيتتا يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندى دادامنى يوقلاپ ئۆيىمىزگە كېلىپ دادام بىلەن پاراڭلاشتى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىدى. دادام گەرچە 86 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، خاتىرىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. دادام 60 يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى بىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى:
1939-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىچان ناھىيىسىدىن مەن، ئابلا پولات، ئىمىن قاسىم، مۇھەممەت قاسىم، ئەنەس سادىق ئالتەيلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقتۇق. شۇ يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە تۆرت سىنىپ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 21-، 22-، 23-، 24- سىنىپلارغا تەقسىم قىلىنغانىدى. بىز پىچاندىن كەلگەنلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تۇرغۇن ئالماس … قاتارلىقلار بىلەن 24- سىنىپتا ئوقۇدۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇتىئى (پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىسى)، مەۋلانجان تۇردىيوف (دۇنيا تارىخى ئوقۇتقۇچىسى)، ئابدۇللا زۇنۇنوف (تىل ئوقۇتقۇچىسى)، ئاخۇنجانوف ۋە ئابلا داۋۇتوف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. مەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن شۇ چاغدا تونۇشقان. سىنىپتا ئۇنى «مۇتەللىپ» دەپ چاقىراتتۇق. ئۇنىڭ شېئىرلىرى سىنىپ تام گېزىتى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلاردا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. تەنەپپۇستا مۇتەللىپ مۇنبەرگە چىقىپ شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ لېنىننى دوراپ سۆزلەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرەتتى. ئۇ رۇسچىغا پىششىق بولۇپ، رۇسچە، تاتارچە، قازاقچە ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنالايتى. كېيىن خەنزۇچىنىمۇ ئۆگەندى.
شۇ چاغدا ھەر پەسىلدە بىر قېتىم سىنىپ تام گېزىتى چىقىراتتۇق. بىز ئىشلىگەن تام گېزىتى مەكتەپ بويىچە باھالاشتىن ئۆتەتتى. مېنىڭ خېتىم ھەممەيلەننىڭكىدىن چىرايلىق بولغاچقا، تام گېزىتىنىڭ خېتىنى مەن يازاتتىم، مۇتەللىپ بىلەن سەئىدىن تالىپ گۈزەل-سەنئەت لايىھىلىگۈچىسى ئىدى. مۇتەللىپ رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولۇپ، ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىن، سىتالىنلارنىڭ رەسىملىرىنى شۇنداق ئوخشىتىپ سىزاتتى.
1939- يىلنىڭ ئاخىرى بىز «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا تام گېزىتى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلدۇق. تەييارلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى دوسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دوسكا توشمىدى، مەكتەپتىن تەكشۈرىدىغان ۋاقىت ئاز قالغاچقا، مۇتەللىپنى چاقىرىپ مۇشۇ يەرگە شېئىر يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇنۇ شېئىرنى يازدى:
يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
كۈرەش مەيدانىغا چۈشتى باغلاپ مەھكەم بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز چوقۇم بولىدۇ ھەل.
مەن بۇ شېئىرنى دەرھال قەغەزگە كۆچۈرۈپ چاپلىدىم. تام گېزىتىمىز مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ باھالاندى. مۇتەللىپ بۇ شېئىرىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى مەدھىيىلىگەنىدى.
مەن 1940-يىل 8-ئايدا ئۆلكىلىك ساقچى ئەمەلدارلىرى مەكتىپىگە ئىمتىھان بەردىم. ئىمتىھاندا «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قانداق قارايسىز ؟ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سىزنىڭچە قانداق بولىدۇ ؟» دېگەن سوئال بار ئىدى. مەن مۇتەللىپنىڭ تام گېزىتىگە يېزىپ بەرگەن شېئىرىنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە شۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ جاۋاپ يازدىم. شۇنىڭ بىلەن 1348ئادەم ئىچىدە 3- بولۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. شۇڭا بۇ بىر كۇبلىت شېئىر ھېلىمۇ ئېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ.
1941يىل 5-ئايدا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە پراكتىكا قىلدىم. بۇ بۆلۈمدە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپلىرى بولۇپ، ئۇلاردا شۇ ئۇرۇنلاردىكى سىياسىي جەھەتتە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. مەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم، ھەر بىر سىنىپنىڭمۇ ئايرىم ئارخىپى بار ئىكەن. مەن سىنىپىمىزدىكى (24-سىنىپ) «گۇمانلىق ئوقۇغۇچى» لارنىڭ ئارخىپىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. مېنىڭمۇ بىر پارچە «جىنايەت ئارخىپىم» بار ئىكەن. ئۇنىڭدا «24-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمىن ئاقۇپ 1940-يىلى ئاپرىل بايرىمىدا "ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز" دېگەن» دەپ يېزىلىپتۇ. يەنە بىر پارچە قەغەزدە «ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئاتا- ئانىسى دىھقان، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ باقمىغان»، دەپ يېزىلغان ۋە پىچان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە لەمجىن ساقچىخانىسىنىڭ تامغىلىرى بېسىلغانىدى.
مەن بۇلارنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەندىم. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن بولغان كۈنىنى خاتىرىلەپ پائاليەت ئۇيۇشتۇرۇلاتتى، يەنى بۇ كۈن شۇ چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ بايرام كۈنى ئىدى. 1940- يىل 4- ئايدا ئۈرۈمچىدە يامغۇرغا قارىماي بايرامغا تەييارلىق قىلدۇق. مېنىڭ ئاياغلىرىم يىرتىلىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن «ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز» دېگەنىدىم.
مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق شەخس» نامىدىكى ئارخىپلىرى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن. مەن بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈپ ھۆكۈمەت ئىشپىيونلۇق تورىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
خىزمەت تەقسىماتى بىلەن 1941-يىل 6-ئايدا ئاقسۇغا باردىم. 1943-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىشخانىغا كىرسەم ئۈستەل ئۈستىدە «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» دېگەن خەنزۇچە خەت يېزىلىپ، ئۈستىگە ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئاق خەسە بىلەن مەھكەم ئورىلىپ، يىپ بىلەن تىكىلگەن بىر ئارخىپ خالتىسى تۇرۇپتۇ.
مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئارخىپى كېلىپ بولغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەنىكەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى»، ياسىن ئېزىزنىڭ مەخپىي ئىسمى «كاڭجيەن» ئىدى.
ساقچى ئىدارىسى مېنىڭ مۇتەللىپ بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە بىللە ئوقۇغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، مۇتەللىپنىڭ «دېلوسى» غا مېنىڭ ئارىلاشماسلىقىمنى ئۇقتۇردى. لېكىن مەن مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن يەنىلا خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم.
مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق» ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىشپىيونلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ ئەھۋاللارنى تېلېگرامما ئارقىلىق ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىغا دوكلات قىلاتتى. كېيىن ئۆلكىدىن «سىلەر مۇتەللىپنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىلا ئىگىلەپسىلەر، لېكىن كېچىدە ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كېچىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ مەلۇم قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاقسۇ قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان سوفىيە ئىسىملىك بىر قىز تاللانغانىدى. ئىشپىيون ھېكىم نۇر مۇتەللىپ بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇۋالغاچقا، مۇتەللىپكە سوفىيە بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا قايتا-قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، مۇتەللىپ «توي قىلىشقا پۇلۇم يوق» دەپتۇ. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن ھېكىم نۇرغا پۇل بېرىپتۇ. ھېكىم نۇر بۇ پۇلنى ئېلىپ «مۇتەللىپ ئاداش، بۇ پۇل سېنىڭ توي ئىشىڭغا ياردىمىم بولسۇن» دەپ مۇتەللىپكە بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇتەللىپ سوفىيە بىلەن توي قىلدى. سوفىيەمۇ مۇتەللىپنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.
مۇتەللىپكە «دىققەت قىلىش» توغرىسدا گەپ قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشپىيونلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مۇمكىن بولمىدى. بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلىرىمىز بىر كۈندىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى. چۈنكى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىمۇ پايلاقچىلار بار بولۇپ، دەككە-دۈككىدە خىزمەت قىلاتتۇق.
1944-يىلىنىڭ بىر كۈنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇ دۇڭچۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى زو مىڭ (زۇنۇن)، ساقچىلاردىن مۇھەممەت ئەرشىدىن (تۇرپانلىق)، قاسىم (قەشقەرلىك) قاتارلىقلارمۇ مۇتەللىپ بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە: "مەن ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. سەن بۇ ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ كېلىسەن، بولامدۇ ؟" دىدى.
مۇتەللىپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن مۇ دۇڭچۇ ھېكايىسىنى باشلىدى. زو مىڭ بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلدى. بۇ ھېكايىدە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر خەنزۇ دېھقاننىڭ پىلە بېقىپ، دەستىگاھ قۇرۇپ، كېيىن چوڭ بىر فابرىكا قۇرۇپ چىققانلىقى سۆزلەندى. ھېكايە ئۇزۇن بولۇپ يېرىم كېچىدە ئاخىرلاشتى. مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە "سەن بۇنى بىر ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ماڭا تاپشۇرىسەن"، دىدى.
ئەتىسى مۇ دۇڭچۇ مېنى يەنە چاقىرتتى. ئەسلىدە مۇتەللىپ تۈنۈگۈنكى ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئەكەلگەنىكەن. ئۇ بۇ سەھنە ئەسىرىگە «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. مۇتەللىپنىڭ يازغانلىرىنى زو مىڭ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان مۇ دۇڭچۇ چاۋاك چېلىپ كەتتى ۋە بىزگە قاراپ : "سىلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىسىلەر، ئەرەبلەردىن چىققان مۇھەممەتنى پەيغەمبەر دەيسىلەر. لېكىن ئۆز ئىچىڭلاردىكى پەيغەمبەرنى بىلمەيسىلەر، مېنىڭچە مانا بۇ مۇتەللىپنى پەيغەمبەر دېسە بولىدۇ"، دىدى.
مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە «بۇنى كۆرۈپ باق» دەپ بىر پارچە خەتنى بەردى. بۇ يۇقۇرىدىن كەلگەن «مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن» دىگەن بۇيرۇق ئىدى.
مۇتەللىپ بۇنى كۆرۈپ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
مۇدوڭچو مۇتەللىپكە: "سەن ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىكەنسەن، ھەممىمىز ساڭا قايىل. بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەشكىللىگەن سانائىي نەفىسەدە تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆتەيسەن، بۇنىڭغا قوشۇلساڭ بۇيرۇقنى باستۇرۇپ قويىمىز. قوشۇلمىساڭ بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرىمىز" دىدى، بۇنىڭغا مۇتەللىپ قوشۇلدى. ئىشپىيونلار مۇتەللىپنىڭ يېقىن دوستى بولىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىش-ھەركەتلىرىنى توختىماي مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. مۇتەللىپ سانائىي نەفىسەدە «غېرىپ سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرە»، ئارشىن مال ئالان« قاتارلىق دىراما-ئوپېرالارنى يازدى ۋە سەھنىلەشتۈردى. شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چوڭ زالىدا ئويۇن قويۇلاتتى، مەن دائىم ئويۇن كۆرگىلى باراتتىم. شۇ چاغلاردا ماڭا «غېرىپ سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالارىنىڭ ناخشىلىرى ياد بولۇپ كەتكەندى.
كۈنلەر ئۆتۈپ 1945-يىلنىڭ بىر كۈنىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇشۆبىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىش يولىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسنىڭ مېھمانخانىسىغا چۈشتى. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇدوڭچوغا ۋۇشۆبىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئېيىتتى. مۇدوڭچو "ئەگەر ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بولسا ئالدىمغا كىرسۇن. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى بارمايمەن"، دەپتۇ. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇدوڭچونىڭ گېپىنى ۋۇشۆبىڭگە ئاشۇرۇپ يەتكۈزۈپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋۇشۆبىڭ "خەپ سېنى مۇدوڭچو"، دەپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ خوتەندىن ئېلىپ كەلگەن ئىسىل قاشتېشى، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىپ، ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لىيىڭچىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا :
سىلىگە ياردەمدە بولۇشقا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاقسۇغا يۆتكىكىلىپ كەلگەن بولسام دىگەن تەلەپنى قويۇپتۇ.
لىيىڭچى: بولىدۇ، سىز ئاقسۇغا مېڭىڭ، بىز ئاقسۇغا تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز. سىز بېرىپلا خىزمەتكە چۈشۈڭ دەپتۇ.
ۋۇشۆبىڭ: جاناپلىرىنى ئاۋارە قىلماي تېلېگراممىنى ئۆزەملا ئېلىپ بارسام دەپتۇ.
لىيىڭچى ۋۇشۆبىڭگە ئۇنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەنلىك توغرىسىدىكى تېلېگىراممىنى بېرىپتۇ.
بىر كۈنى كەچتە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر زالدا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زال ئىچىگە قوراللىق ساقچىلار كىرىپ كەلدى، ئارىدىن بىرى سەھنىگە چىقىپ:
بۇ قانداق يەر ؟ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا سانائىي نەفىسە تەشكىللەش، ئويۇن قويۇش مەدەنىيەت-مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشى ئەمەسمۇ ؟ ئويۇن تارقالسۇن، سانائىي نەفىسە تارقىتىۋېتىلسۇن. بۇ ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقى دەپ، ۋۇشۆبىڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەنلىك بۇيرۇقىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مۇدوڭچونىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
شۇنىڭ بىلەن سانائىي نەفىسە تارقىلىپ كېتىپ مۇتەللىپ ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا كەتتى. ۋۇشۆبىڭ ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ساقچى كادىرلارنى ئۆزى تەيىنلەپ كەلگەچكە، مېنى ئاقچى ناھىيەسىگە كېيىن توقسۇ ناھىيەسىگە يۆتكىدى.
1945-يىلى غۇلجا ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھىرىنى ئىككىنجى قېتىم قورشايدۇ. مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا باشلىق كىشىلەر تەشكىلات قۇرۇپ غۇلجا ئارمىيەسىگە ئىچى-سىرتىدىن ماسلاشماقچى بولغاندا، ئىنقىلاپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ھېكىم نۇر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1945-يىل 18-سىنتەبىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، ئابلا روزى، مەۋلانجان تۇردىيوف، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى توقسۇ ناھىيەسىدە تۇرۇپ ئاڭلىدىم.
1946-يىلى مەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە قايتىپ كېلىپ، مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تېخىمۇ تەپسىلى ئۇقتۇم. ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىز قاتارلىق ئىشپىيونلار بۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەسمى ساقچىسى بولۇپ كەتكەندى.
1946-يىلى گومىنداڭنىڭ چوڭ ئىشپىيونلىرىدىن ئابلا داموللا بىلەن جۇتۈئەنجاڭ دىگەنلەر ئاقسۇغا كەلدى. ئۇلار چوڭ يىغىن ئېچىپ :
بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنىپ خەلق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن قانداق پىكىر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ دىدى.
يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مېھمانخانىسى زالىغا يىغىلىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەنمۇ كاتىپ بولۇپ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنى خاتىرىلىدىم. ئەتىسى ئابلا داموللا بىلەن جۇتۈئەنجاڭ پىكىر تەكلىپ ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. مەن ئالدى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەرنى ئوقۇدۇم :
1. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شۆبىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ جىنايەتچى شۇنداقلار ئىشپىيون ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىزلار خەلق ئالدىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ قاتتىق جازالىنىشى كېرەك.
2. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا گومىنداڭ ئارمىيىسى شەھەر سىرتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۈزلىۋەتتى ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
3. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن نۇرغۇن ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۇرۇۋەتتى. شۇڭا ۋۇ يۈشۈن بۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشى كېرەك.
مېنىڭ كەينىمدىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى ساقچىلىرىدىن ياسىن ئەخمەت قاتارلىق ساقچىلار ۋە باشقىلار بەس-بەستە پىكىر قىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامما تەشكىللىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە ئونسۇدا ئۈچ كۈن نامايىش قىلدۇق.
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئابلا داموللا، جۇ تۇئەنجاڭ جىمجىتلا كېتىپ قالدى، ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەردى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى پىكىر تەكلىپ ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان، پىكىر قىلغان ۋە گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەر تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەر بىلەن قولغا ئېلىندى. شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ ئۇنۋان ۋە خىزمەتلىرىم ئېلىپ تاشلىنىپ خىزمەتتىن بوشىتىلدىم. مەن شۇنىڭدىن كېيىنلا ئابلا داموللا، جۇ تۇئەنجاڭ دىگەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشى بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق، قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
مەن 1957-يىلى ئاقسۇدىن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. كېيىن ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى كىشىلەر روماندىكى «يانتاقۇپ» دىگەن ئىشپىيون «ئىمىن ئاقۇپ» دىگەن كىشىمىش دىگەندەك گەپلەرنى قىلشىپتۇ.
http://www.saba.cn/show_edu.asp?mid=302