باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2418 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىنجاڭ پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇلدى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5379
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 2350 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-03-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 21:38

شىنجاڭ پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇلدى

  

سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول بازىسىنىڭ قۇتلۇقلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش



 ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت مۇراسىمدە سۆزلىدى



    شىنجاڭ ئۈچۈن پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيلەشتىكى مۇھىم بازا ھېسابلىنىدىغان ، شىنجاڭ پۇتبۇل مەشىق بازىسى يەنى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپى 11 – نويابىر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەبىيە مەكتىپى ئۈچتاش مەشق بازىسى رەسمىي قۇرۇلدى . جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى چاڭ روڭجۈن ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ پۇتبۇل مەشىق بازىسى يەنى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئىككى ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىنغان . ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 110 مو ، ئۈچ پۇتبول مەيدانى ۋە ئۈچ بىنادىن تەركىپ تاپقان . مەشق قىلىش ، تۇرمۇش ، ئۆگىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى پۇتبۇل مەشىق بازىسى بولۇپ ، 400 نەپەر پۇتبۇلچى بۇ يەردە ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ، مەشق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن . نۆۋەتتە ئوغۇللار تۆت تۈركۈمدىكى ياش گورۇپپىسى ۋە ئىككى قىزلار كوماندا بولۇپ بۇ يەردە كوللىكتىپ مەشق قىلىدىكەن .
جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 2003 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ياش – ئۆسمۈر پۇلبۇلچىلار تەرەققىيات ئىشلىرىغا زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولۇپ ، توققۇز يىلدىن بۇيان شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدىن بارى قاتارلىق 200 نەچچە نەپەر كەسپى كوماندا ئەزاسى يىتىشىپ چىققان .
شىنجاڭ قىزلار پۇتبۇل كوماندا ئەزاسى گۈلنىگار ئەمەتجان مۇخبىرغا : بۈگۈن بۇ مەشق بازىسىدا تۇرۇپ ناھايىتى ئازادىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن ، بۇ يەر بىزنىڭ بۇرۇنقى جايدىن ياخشىكەن . ھەممە يەر چىملىق بولۇپ ، بۇ يەردە مەشق قىلغاندا يىقىلىپ چۈشسەك بەدىنىمىز ئاغرىمايدۇ . ياخشى مەشق قىلىپ ، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمىز ، دېدى .
ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەبىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات تۇرسۇننىڭ ئىيتىشىچە ، بۇ بازا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ ياش –ئۆسمۈر پۇتبۇلچىلىق بازىسى ئۈچۈن ئاساسىنى پۇختىلاپ ، كۆلەمنى كىڭەيتىپ ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن .

دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 928
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە928دانە
ئۆسۈش: 3230 %
مۇنبەر پۇلى: 11532 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 21:51

كاتا خوش خەۋەركەن بۇ . ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىز نەچچە پىرسەنتتۇ؟
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...