查看完整版本: [-- شىنجاڭ پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇلدى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> شىنجاڭ پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇلدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zaman 2011-11-15 21:38

   [attachment=13493]
سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول بازىسىنىڭ قۇتلۇقلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
[attachment=13494]

 ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت مۇراسىمدە سۆزلىدى



    شىنجاڭ ئۈچۈن پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيلەشتىكى مۇھىم بازا ھېسابلىنىدىغان ، شىنجاڭ پۇتبۇل مەشىق بازىسى يەنى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپى 11 – نويابىر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەبىيە مەكتىپى ئۈچتاش مەشق بازىسى رەسمىي قۇرۇلدى . جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى چاڭ روڭجۈن ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ پۇتبۇل مەشىق بازىسى يەنى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئىككى ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىنغان . ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 110 مو ، ئۈچ پۇتبول مەيدانى ۋە ئۈچ بىنادىن تەركىپ تاپقان . مەشق قىلىش ، تۇرمۇش ، ئۆگىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى پۇتبۇل مەشىق بازىسى بولۇپ ، 400 نەپەر پۇتبۇلچى بۇ يەردە ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ، مەشق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن . نۆۋەتتە ئوغۇللار تۆت تۈركۈمدىكى ياش گورۇپپىسى ۋە ئىككى قىزلار كوماندا بولۇپ بۇ يەردە كوللىكتىپ مەشق قىلىدىكەن .
جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 2003 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ياش – ئۆسمۈر پۇلبۇلچىلار تەرەققىيات ئىشلىرىغا زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولۇپ ، توققۇز يىلدىن بۇيان شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدىن بارى قاتارلىق 200 نەچچە نەپەر كەسپى كوماندا ئەزاسى يىتىشىپ چىققان .
شىنجاڭ قىزلار پۇتبۇل كوماندا ئەزاسى گۈلنىگار ئەمەتجان مۇخبىرغا : بۈگۈن بۇ مەشق بازىسىدا تۇرۇپ ناھايىتى ئازادىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن ، بۇ يەر بىزنىڭ بۇرۇنقى جايدىن ياخشىكەن . ھەممە يەر چىملىق بولۇپ ، بۇ يەردە مەشق قىلغاندا يىقىلىپ چۈشسەك بەدىنىمىز ئاغرىمايدۇ . ياخشى مەشق قىلىپ ، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمىز ، دېدى .
ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەبىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات تۇرسۇننىڭ ئىيتىشىچە ، بۇ بازا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ ياش –ئۆسمۈر پۇتبۇلچىلىق بازىسى ئۈچۈن ئاساسىنى پۇختىلاپ ، كۆلەمنى كىڭەيتىپ ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن .


ئۆركەش 2011-11-15 21:51
كاتا خوش خەۋەركەن بۇ . ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىز نەچچە پىرسەنتتۇ؟

general 2011-11-16 13:06
مەنبەسى ئەسكەرتىلمىسە ئۆچۈرۈلىدۇ.

zamzam 2011-11-16 13:58
گېنىرال ئەپەندىم  باشقۇرغۇچى ئىكەنسىز شاش بولۇڭ!
 ھەممە تېمىغا كىرسە مەنبەنى ئەسكەرتمىسىڭىز ئۆچىرىلىدۇ دەپلا قوپىدىكەنسىز!قارىمامسىز رەسىمنىڭ ئۈستىدە تىيانشان تورى دەپ خەنزۇچە تۇرمامدۇ..فىلىممۇ خەلىق تورىنىڭ ئىكەن..شۇنىمۇ سورامدۇ...
چاپە-چاپ دىگەن تېمامنى ئۆچىرىپسىز قانداق ئىش بۇ؟سىزگە نىمە كېرەك ئىشەك چاپتۇرىۋاتقانلارنىڭ خەۋەر مەنبەسىمۇ؟ئۆزىڭىزىچە ئۇلارنى مەن توقۇپ چىقىپتىمەندە....
ئەگەر باشقۇرغۇچىلارغا خاس سەزگۈرلىكىڭىز بولغان بولسا رەسىملەر ئۈستىدىكى رۇيتىرىست دىگەن خەتنى كۆرەر بولغىيدىڭىز!
  مۇنبەردە بىر نەچچە باشقۇرغۇچى بار ئىكەن..بىزگە باشلامچى بولۇش خىيالىدا يوق،يوللىغان تېمىلارنى يۇيۇشقا تەييار ..ئەزا چەكلەشكە ماھىر....
ئويلۇشۇپراق ئىش قىلارسىلەر...

مۇناجات 2011-11-17 16:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى zamzam نىڭ 2011-11-16 13:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گېنىرال ئەپەندىم  باشقۇرغۇچى ئىكەنسىز شاش بولۇڭ!
 ھەممە تېمىغا كىرسە مەنبەنى ئەسكەرتمىسىڭىز ئۆچىرىلىدۇ دەپلا قوپىدىكەنسىز!قارىمامسىز رەسىمنىڭ ئۈستىدە تىيانشان تورى دەپ خەنزۇچە تۇرمامدۇ..فىلىممۇ خەلىق تورىنىڭ ئىكەن..شۇنىمۇ سورامدۇ...
چاپە-چاپ دىگەن تېمامنى ئۆچىرىپسىز قانداق ئىش بۇ؟سىزگە نىمە كېرەك ئىشەك چاپتۇرىۋاتقانلارنىڭ خەۋەر مەنبەسىمۇ؟ئۆزىڭىزىچە ئۇلارنى مەن توقۇپ چىقىپتىمەندە....
ئەگەر باشقۇرغۇچىلارغا خاس سەزگۈرلىكىڭىز بولغان بولسا رەسىملەر ئۈستىدىكى رۇيتىرىست دىگەن خەتنى كۆرەر بولغىيدىڭىز!
  مۇنبەردە بىر نەچچە باشقۇرغۇچى بار ئىكەن..بىزگە باشلامچى بولۇش خىيالىدا يوق،يوللىغان تېمىلارنى يۇيۇشقا تەييار ..ئەزا چەكلەشكە ماھىر....
.......

   راس دەيسىز ....   


查看完整版本: [-- شىنجاڭ پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇلدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049130 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us