سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول بازىسىنىڭ قۇتلۇقلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت مۇراسىمدە سۆزلىدى
شىنجاڭ ئۈچۈن پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيلەشتىكى مۇھىم بازا ھېسابلىنىدىغان ، شىنجاڭ پۇتبۇل مەشىق بازىسى يەنى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپى 11 – نويابىر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەبىيە مەكتىپى ئۈچتاش مەشق بازىسى رەسمىي قۇرۇلدى . جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى چاڭ روڭجۈن ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ پۇتبۇل مەشىق بازىسى يەنى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئىككى ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىنغان . ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 110 مو ، ئۈچ پۇتبول مەيدانى ۋە ئۈچ بىنادىن تەركىپ تاپقان . مەشق قىلىش ، تۇرمۇش ، ئۆگىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى پۇتبۇل مەشىق بازىسى بولۇپ ، 400 نەپەر پۇتبۇلچى بۇ يەردە ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ، مەشق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن . نۆۋەتتە ئوغۇللار تۆت تۈركۈمدىكى ياش گورۇپپىسى ۋە ئىككى قىزلار كوماندا بولۇپ بۇ يەردە كوللىكتىپ مەشق قىلىدىكەن .
جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 2003 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ياش – ئۆسمۈر پۇلبۇلچىلار تەرەققىيات ئىشلىرىغا زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولۇپ ، توققۇز يىلدىن بۇيان شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدىن بارى قاتارلىق 200 نەچچە نەپەر كەسپى كوماندا ئەزاسى يىتىشىپ چىققان .
شىنجاڭ قىزلار پۇتبۇل كوماندا ئەزاسى گۈلنىگار ئەمەتجان مۇخبىرغا : بۈگۈن بۇ مەشق بازىسىدا تۇرۇپ ناھايىتى ئازادىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن ، بۇ يەر بىزنىڭ بۇرۇنقى جايدىن ياخشىكەن . ھەممە يەر چىملىق بولۇپ ، بۇ يەردە مەشق قىلغاندا يىقىلىپ چۈشسەك بەدىنىمىز ئاغرىمايدۇ . ياخشى مەشق قىلىپ ، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمىز ، دېدى .
ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەبىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات تۇرسۇننىڭ ئىيتىشىچە ، بۇ بازا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ ياش –ئۆسمۈر پۇتبۇلچىلىق بازىسى ئۈچۈن ئاساسىنى پۇختىلاپ ، كۆلەمنى كىڭەيتىپ ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن .