پۇل قاپچۇقىدىن تېپىلغان ئمان
يېڭى يىل ھارپىسىغا ئككى كۈن قالغان ۋاقىت ئىدى،دېمەك رائىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بەش كۈن قالدى دېگەن گەپ.ئۇ قولىغاقارىۋىدى رائىلەنىڭ ئۇنىڭغا تاللىتىپ تۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن 98 يۇەنلىك سائىتى بېلىكىدە پارقىراپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئوغۇللۇق غۇرۇرى ئۇنىڭغا ئۇ باھادىن تۆۋەن نەرسە ئېلىپ بېرىشكە ئۇنىمايتتى.ئۆزى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئويلىنىپ قالاتتى،بۇ نىمە مۇناسىۋەت بولدى،ئۆزى پۇتۇنلەي ئۇ تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.ئۆتكەن ئوقۇش مەۋسۇمدىكى بىر قېتىملىق يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى مۇھەببەتمۇ ياكى دوستلۇقمۇ ئۆزىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل مۇناسىۋەتنى شەككىللەندۇرگەن ئىدى.رائىلەنىڭ توختىماي بۇ مەكتەپ رايۇنىغا ئۇنى ئزدەپ كېلىشى ،توختىماي ئۇنىڭغا تېلىفۇن ياكى ئۇچۇر قىلىشى،ياتاقتىكى ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن ئاالىقاچان مۇھەببەتلەشكەن قاتارىغا چىقىرۋېتىلدى.ئەمما ئۆزى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.مانا ئالىي مەكتەپنىڭ ئككىنچى يىللىقىغا چىقىپتۇ،ئۇنىڭ ئارزۇلىرى بارغانچە كۆپۈككە ئايلىنىۋاتاتتى.تولۇقنى پۇتتۇرگچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان فەرۇق ئەمدى دەرستە ئاران يېتىشىپ مېڭىۋاتاتتى.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئانچە كارى بولمىغاچقا دەرس سوراپمۇ قوياي دېمەيتتى.يۇرتداشلارنىڭ ئايدا بىر ئايلىنىپ قالىدىغان تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشلىرىدا رائىلە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ھەمراھ ئىدى....
مانا ئۆزىنىڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى خەجلەپ بولغىلى بىر ھەپتە بوپتۇ،تاماق كارتوچكىسىدىكى ئازغىنە پۇلدىن باشقا ھېچنىمە قالمىغاندى.بۇگۇن كۈنگە شەنبە بولۇپ ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئىچىگە كىردى.كىرىشىگىلا خېلى ئوخشاپ قويىدىغان قۇم قازان تامىقىنىڭ پۇرىقى ئۇنىڭ ئشتىھالىرىنى ئېچىۋەتتى،ئەمما چىدىماي بولمايتتى،قالدى پۇللار بىلەن بۇ ئاينى چىقىرىشى كېرەك ئىدى.1-قەۋەتتە ئۇ يېگۈدەك تۈزۈك تاماق بولمىغاچ ئۈستىگە چىقتى.تاماق بۇيرۇتماقچى بۇلۇپ تۇرىۋىدى سەپ خېلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنىدى ،ئاچچىقىدا ئالدىدىكىلەرنى توختىماي تىللايتتى،سەت مەينەتلەر ئۆزۈڭنىڭكىگە چىقىپ يېيىشسەڭ بولماسمىدى،بۇ يەردە ئادەمگە پۇتلىكاشاڭ بولماي... ئۇ ئاۋۋال تاماق بۇيرىتىۋېتىپ كېلىپ بىر ئورۇندا ئولتۇردى.ئولتۇرۇشىغىلا ئالدى تەرەپتىكى جوزىنىڭ ئۈستىدە قارا رەڭلىك سومكىنىڭ ئىچىدە سۇس توخۇڭ رەڭلىك پۇل قاپچۇقىنىڭ يېرىمى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەملەر قورساق بېقىشقا قالغاندەك ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تامىقىنى يېيىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇ قايسىدۇربىر كۈچنىڭ تۇرتكىسىدە دەرھال ئۆتۈپلا پۇل قاپچۇقىنى ئالدى -دە،قوينىغا سېلىپ ئادەم كۆپرەك جايغا سۈرۈلۈپ ئۇ جوزا تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇردى،قايسىدۇر بىرى كېلىپ ئۇنى تۇتۇۋالىدىغاندەك ئەندىكىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ قوياتتى،ئەمما ئۇ جوزىدىكىلەر تاماق ئالالمىغان چېغى تېخى ئۇ ئورۇن بوش تۇراتتى.ئاشخانىدىكىلەر ئۇنىڭ كارتا نومىرىنى توۋلىۋىدى ،يۈگۈرگىنىچە بېرىپ تامىقىنى ئېلىپلا ياتىقىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.....
ياتىقىدا ھېچكىم بولمىسىمۇ قورققىنىدىن قوينىقىدىكىنى چىقىرىشقا پېتىنالمايۋاتاتتى.بىچارە ئەخمەق شۇنداقمۇ دۆتلۈك قىلغان بارمۇ؟سەنلەر بىز مىللەتنى ئوغرى دېسەڭ ئوغرى دەپ يۈزىمىزنىمۇ قويمىدىڭ ،ئوغرى دېگەن مۇنداق بولىدۇ.ئۇ پۇل قاپچۇقىنى ئېچىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى....
ئىنشااللە ئاخىرى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىدۇ،ئەتىكى دەرس مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ تۇراي.
مەنبە ئۆزۈم.