بەزىلەر جەنۇب گېزىتچىلىكىگە نىمىشقا ئۆچ؟
جەنۇب گېزىتچىلىكى جۇڭگودىكى راست گەپ قىلالايدىغان بىر قانچە تاراتقۇنىڭ بىرى، ئاۋام ئۈچۈن ۋىجدانى بىلەن گەپ قىلغانلىقتىن، ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. «جەنۇب ئازنىلىقى»نىڭ داڭقىنى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا بىلەتتىم، باھاسى قىممەت بولغاچقا (باشقا گېزىتلەر بەس موچەن بولسا، ئۇنىڭ بىر سانى ئۈچ سوم ئىدى) دائىم سېتىۋالالماي، پات-پاتلا ئوقۇپ تۇراتتىم.
جەنۇب گېزىتچىلىكى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان بولۇپ، گېزىت چىقىرىش ئىدىيىسى باشقا تاراتقۇلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار دوگماتىزىمچىلىق قىلمايدۇ، چوڭاملار نېمە دېسە خوپ دەپ تۇرمايدۇ، ئاخباراتنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى قېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار مەدھىيە-قەسىدە ئوقۇمايدۇ، دائىرىلەرگە گۇمانىنى قويالايدۇ. 15-ئۆكتەبىر گۇاڭجۇغا خىزمەت بىلەن بېرىپ، گېزىت ساتقۇچىدىن «جەنۇب ئازنىلىقى»دىن بىر پارچە سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم، باش بەتتە گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ۋە گۇاڭجۇدا قارا يامغۇر ياغقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بارىكەن، ۋېن باش مېنىستىرنىڭ گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە بىر پارچىلا خەۋەر تۇرىدۇ، باشقا بەتلىرىدە گۇاڭجۇدا قارا يامغۇر ياغقاندا شەھەرنىڭ كۆپ يەرلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكى يېزىلىپ، ماقالىلەردە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشتا سۇسلۇق قىلغانلىقى، سۇ چىقىرىش قۇرۇلىشىغا كۈچىمىگەنلىكى تەنقىت قىلىنىپتۇ.
بۇلارنى ئوقۇپ، بۇ گېزىت باشقا شەھەرلەردىكى گېزىتلەردەك ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا كارامەت كۆرسەتكەنلىكىنى مەدھىيلىمەستىن، ھۆكۈمەتنىڭ سەھۋەنلىكىنى تەنقىت قىپتۇ، جۇڭگودىكى باشقا تاراتقۇلارغا راستىنلا ئوخشىمايدىكەن دەپ ئويلىدىم. جەنۇب گېزىتچىلىكىنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ توردا تىللاپ يۈرگەنلىكى بىكار ئەمەسكەن، ھەممىلا يەردە غالچىلار يامراپ كەتكەن بىر ئەلدە بۇنداق گېزىتلەرنى تىللايدىغانلار، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ.
جەنۇب گېزىتچىلىكى ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن راست گەپ قىلىپ، كۆپ قېتىم رەتكە سېلىنغان بولسىمۇ، ئۇسلۇبىنى يەنىلا ئۆزگەرتمىدى، قۇرۇپ كەتمەي، كۆكلەپ-ياشناپ كەتتى. مۇخبىر-مۇھەررىرلەرنىڭ يۈرىكىدىكى بىر خىل غايە، ئېتىقاد ۋە بۇرچ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلىدى. ئىلگىرى «جەنۇب ئازنىلىقى»غا بېسىلغان بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇغاندا، بىر ئوقۇرمەننىڭ «بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قاراڭغۇدا ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇم، دۇنيادا ماڭا ئوخشاش راستچىللىق، سەمىمىيەت، گۈزەللىك ئىزدەيدىغانلارمۇ بارىكەن، قۇياش مەڭگۈلۈك، بەزىدە قارا بۇلۇتلار ئۇنىڭ نۇرلىرىنى توسۇۋالسىمۇ، قۇياش يەنىلا مەۋجۇت» دەپ ئىنكاس قالدۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
كۈزىتىشىمچە، جەنۇب گېزىتچىلىكىنى تىللايدىغانلار ئىككى خىل ئادەملەركەن: بىر خىلى ھوقۇقدار تۆرىلەرگە ياللانغان بەش موچەنلىك ئوبزورچىلار، يەنە بىر خىلى لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «دورا» ناملىق ھېكايىسىدىكى ئادەم قېنىغا چىلانغان جىڭموما يەيدىغان نادان –ئەخمەقلەركەن. بۇ ئەلدە نادانلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئازلاپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەر داۋام دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، شۇلار ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقان جەنۇب گېزىتچىلىكىنى دۈشمەن دەپ قارايدىكەن، بەزىلىرى «جەنۇب ئازنىلىقى»نى ئوقۇپمۇ باقمىغان تۇرۇپ، كونسېرۋاتور ۋە ئاشقۇنلارنىڭ قۇترىتىشى ۋە ئازدۇرۇشى بىلەن دېموكراتىيە –قانۇنچىلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتقان جەنۇب گېزىتچىلىكىگە قاتتىق ئۆچ بولۇپ كېتىدىكەن. كونسېرۋاتور ۋە ئاشقۇنلار دەل ئاۋام-پۇقرا ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ يىلتىزى تۇرسا، نادانلارنىڭ دۈشمەننى دوست، ئوغرىنى ئاتام دەۋېلىشى پاجىئە ئەمەسمۇ؟ بۇ لۇشۈننىڭ «دورا» ناملىق ھېكايىسىدىكى تراگىدىيەنىڭ تەكرارلىنىشىدۇر.
كۈزىتىشىمچە، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى جەنۇب گېزىتچىلىكى باش بولۇپ پاش قىلىدىكەن، مەسىلەن، يېقىندا يۈز بەرگەن نارەسىدە قىزچاقنى ماشىنا بېسىۋەتسە باشقىلارنىڭ كارى بولمىغانلىقى، بىرلەشمە مۇداپىئە خادىمىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى، مەلۇم بىر جايدا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تورغا يازما يوللىغۇچىغا تەھدىت سېلىپ يازمىنى ئۆچۈرگۈزگەنلىكى قاتارلىق ئىشلارنى «جەنۇب شەھەر گېزىتى» بىرىنچى بولۇپ خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بەزى غوجاملارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. جەنۇب گېزىتچىلىكى دېموكراتىيە-قانۇنچىلىقنى تەرغىپ قىلسا، تۆرىلەر ۋە سولچى ئاشقۇنلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر.
خەلق تورى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى «سۇۋادان تېرەك»: كوڭ چىڭدوڭغا ئوخشاشلارنىڭ جەنۇب گېزىتچىلىكىگە ئۆچلۈك قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب بۇ گېزىت ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىسلاھات ساداسىنى ياڭراتتى، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، جامائەت پىكرى پەيدا قىلدى، بۇنداق قىلىش سولچى ئاشقۇنلارغا گۆر كولىغانلىق، شۇڭا تىللاپ تۇرىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ. مانا بۇنىڭدىن كوڭ چىڭدوڭلارنىڭ ھازىرقى سىياسەتلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ» دەپ يېزىپتۇ.
جەنۇب گېزىتچىلىكى جۇڭگودىكى راست گەپ قىلالايدىغان بىر قانچە تاراتقۇنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ گېزىت چىقىرىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دېموكراتىيە-قانۇنچىلىقى، مەدەنىيەت، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلدى، قوللاشقا ئىگە بولدى.
جەنۇب گېزىتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ- ياشنىشىنى تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان بىر كۈچ بار، ئۇلارنىڭ ھەر داۋام ھەققانىيەت، مېھىر-شەپقەت، ئەخلاق-پەزىلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشىلىشىدا بىر كۈچ بار، ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كۈچ بار. رەقىبنى تەسىرلەندۈرۈش ئوڭاي ئەمەس، ھەققانىيەت چاقىرىقىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
ئۇۋالچىلىق ۋە خارلىقتا قالغان ئىگە-چاقىسىز بىچارىلەرنى، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىۋاتقان رەزىل-رەزگىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە ھەققانىيەت ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىنىدىغانلىقىنى، قانچىلىك جاسارەت كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز. باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئوڭاي ئەمەس، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تەرەققىيات بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
مەنبە: خەنزۇچە «خەلق تورى»نىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى .
تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن پاۋان
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=426