باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 798 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان پەرۋەرلىك
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 2030 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-12-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 19:02

كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان پەرۋەرلىك



كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان پەرۋەرلىك

 سۆيۈملىك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلار بىلەن سەپەر ئۇستىدە ئىدى. ئۇلار توختىغان جايدا سۇ تاپقىلى بولمىغاچقا، ھەممەيلەن ئۇسسۇزلۇقتا ھالسىراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە ساھابە سۇ ئىزدەشكە يولغا چىقتى. بىر ھازادىن كىيىن ئۇلار چۆللۈكتە، سۇ قاچىلانغان تۇلۇمنى كۆتۈرۈپ يالغۇز كېتىپ بارغان بىر كاپىر ئايالنى ئۇچراتتى. سۇغا تەشنا ساھابىلەر يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەھۋال ئېيتتى. ئەمما ئۇ ئايال ئازراق بولسىمۇ سۇ بېرىشكە زادىلا ئۇنىمىدى. غەزەپلەنگەن ساھابىلار ئايالنى تۇتۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. بۇنىڭدىن قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن ئايال ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ ناھايىتىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئۇسسۇزلىقتىن ھالسىرىغان كىشىلەرگە سۇ بەرمەي خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.
"
بۇلار ئەمدى مېنى نېمە قىلىۋىتەر؟  ھەتتا مېنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىسىمۇ، ئۇنى كۆرىدىغانغا ئادەم يوق بۇ چۆللۈكتە، ئۆزەم يالغۇز شۇنچە كۆپ ئەرلەرگە قانداقمۇ قارشىلىق بىلدۈرىمەن؟ يەنە كېلىپ مەن بىر ئاجىز ئايال تۇرسام. . . " دېگەندەك ۋەھىمىلەر بىلەن پۈتۈن ئەزايى تىترىمەكتە ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قولىدا تۇلۇمنى ئىلىپ، يەنە بىر قولىدا تەڭگە تۇتقۇزىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۈنسىز ۋەھىمىلىك خىيال دېڭىزىدا ئاجايىپ ھاياجانلىق بىر داۋالغۇشنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى سەزمەكتە ئىدى.
"
بۇلار زادى قانداق ئادەملەردۇر؟ ھىچ بىر كىشى يوق بۇ چۆللۇكتە مېنى قانداق خالىسا شۇنداق بوزەك ئېتەلەيدىغان تۇرۇپ، يەنە نېمىدىن قورقۇپ بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغاندۇ؟ ئۇلارنى ئەيمەندۇرىۋاتقان زادى نېمە؟ ئۇلار نېمىدىن زادى شۇنچە قورقىۋاتقاندۇ؟ توغرا، ئۇلار بەلكىم ئۆز خۇداسىدىن قورقۇۋاتسا كېرەك، باشقىلارنى بوزەك ئېتىشكە كەڭرى شارائىت تۇرۇپمۇ، ئۇلار بۇنچە ئەيمىنىۋاتقان خۇدا، چوقۇم ھەقىقىي خۇدا. چوقۇم ھەقىقىي خۇدا... " دېگەنلەرنى بىر قۇر ئويلاپ چىقتى – دە، دەرھال ئىمان ئېيتىپ، شۇ يەردىلا مۇسۇلمان بولدى. (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)
مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئېسىل ئەخلاقى، مانا بۇ سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش ئىزلىرى. ئەمما بىز ئەشۇ ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمەستىن، بەلكى مەلۇم بىر قىسىم سىياسى مەنپەئتىمىزنى دەپ، ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆزگەرتىپ تاشلىماقتىمىز. تېخى ئۇيالماستىن باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىمىزچە پەتىۋالارنى توقۇشۇپ "بىر توپ ئىسلام جامائىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىش جائىز" دەپ جۆيلۈپ يۈرمەكتىمىز. ھالبۇكى بىزنىڭ چوقىنىۋاتقىنىمىز ئۆز نەپسىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس. لىكىن شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىز مۇسۇلمان، توۋا! يەنىلا بىز مۇسۇلمان!
 * * * * * * * * *
بۈگۈن خەلىپىلىك خەزىنىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلاشقان يەھۇدىلار دۇنيادا تېخىچە كۆرۈنۈپ باقمىغان ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي داڭ قېتىپ قىلىشقان ئىدى. ئەسلىدە بۈگۈن ھىرەقىلنىڭ پولات ساۋۇتلارغا چۈمكەلگەن ئىمپىرىيە قوشونلىرى ”يەرمۇك“ قا توپلاشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىنى توساش ئۈچۈن  ”ھىمىس“تىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەر جىددى ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈن ئىدى
.
بۇ دەل خۇددى ھازىرقى دەۋردىكىگە ئوخشاش دۇنيادىكى بارلىق مۇستەبىت ھۆكۈمران كۈچلەر ”ئۇرۇش ھازىرلىقى“ نامى بىلەن پۇقرالارغا سېلىق سېلىپ، ئۇلارنىڭ تىرېلىرىنىمۇ قويماي يۇلۇپ ئادەتلەنگەن، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربى ھازىرلىق پىلانلىرى ئەجدىھاردەك ھەممىنى يالماپ، خەلق ئىقتىسادىنى پالەج ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان. توپلارنىڭ دەھشەتلىك زەربىسىدە ئىتىزلار نابۇت بولىدىغان، قەھەتچىلىك بولىۋاتقىنىغا قارىماي پۇقرالارنىڭ مال – مۈلۈك، ئوزۇق – تۈلۈكلىرى قۇرال زاۋۇتلىرىغا سەرمايە قىلىۋېلىنىدىغان، تۈرلۈك سىياسىي تاكتىكىلار ئىنسانلارنىڭ ئۆز – ئارا مىھرى – مۇھەببىتىنى ۋە يۈكسەك ئىنسانىۋېلىكىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن  ئىمزالىشىشقا ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ئۇرۇش مەزگىلى ئىدى.
ئەمما مانا شۇنداق جىددى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىمۇ پۈتكۈل ھىمىس خەلقى جەڭ سىگنالى چېلىنىشى بىلەن تەڭلا جاكارچىنىڭ "بارلىق غەيرى دىندىكىلەر ئىسلام ھۆكىمىتىمىزگە تاپشۇرغان يىللىق جىزيەسىنى (يەنى كاپالەت بىجىنى) دەرھال قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتسۇن!" دەپ توۋلاۋاتقانلىقىنى ئۆز قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىدى. خەلىپىلىك خەزىنىسىنىڭ غەيرى دىندىكى پۇخرالارغا كەڭرى ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.
ــ ھوي! بىز زادى نېمىنى كۆرىۋاتىمىز؟! . . . ئاڭلاۋاتقانلىرىمىز راستمۇ؟! يەھۇدىلار كوچا، كوچىلاردا، بارچە يول قاسناقلىرىدا بىر – بىرىگە ئالدىراش شىۋېرلاشماقتا ئىدى.
ــ  شۇنچە جىددى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەندىمۇ پۇخرالارنى بۇلاپ، تالاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆز مال – مۇلكىنى ئىككى قوللاپ پۇقراغا سۇنىدىغان بۇ مۇسۇلمانلار زادى قانداق ئىنسانلاردۇر؟!...
ــ توغرا دەيسىلەر! ــ بۇ يۇقۇرىقى سۇئاللارغا ئىسلام ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان ئاددى جاۋاپ ئىدى.
ـ توغرا. شەكسىزكى، ھازىر خەتەرلىك ئۇرۇش بۇلۇتلىرى بىشىمىزدا لەيلەپ يۈرمەكتە. شۇ تاپتا ئۇرۇش ھازىرلىقى جەھەتتىكى جىددى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىمىزمۇ بىزگە ئاپەت كەبى ۋەھىمە سالماقتا. ئەمما سىلەردىن يېغىۋېلىنغان يىللىق كاپالەت بىجى بولسا، سىلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكىڭلارنى، ئىززەت - ئابروي، مال – مۈلكىڭلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يېغىۋىلىنغان. مانا ئەمدىكى ۋەزىيەتتە بىز ئۇرۇشقا ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىمىز، كىم بىلسۇن، ئۇرۇشتىن كىيىن سىلەرگە كاپالەتلىك قىلالماي يېغىۋېلىنغان باجنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھەققى ئادا قىلىنمىغان پۇللارنى جىھاد ھازىرلىقى ئۈچۈن ئىشلىتەلمەيمىز، چۈنكى جىھادتىن ئىبارەت بۇ پاك ئىبادىتىمىزگە ھارام پۇللارنىڭ ئارىلىشىپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ھاياجىنىنى باسالمىغان يەھۇدىلار:– تەۋرات بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بۇنداق ئادىل ھۆكۈمرانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ھەر قانداق ھۆكۈمرانلىقىنى پىدا قىلىشقا تەييارمىز، بۈگۈن بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە رىم قوشۇنلىرىغا قارشى تاكى جىسمىمىزدا بىر تامچە قان قالغىچە ئۇرۇش قىلىمىز. ھەر قانداق ئەھۋالدا دۇشمەننى ”ھىمىس“كە يېقىن يولاتمايمىز، دەپ تەلەپ قىلىپ، توۋلاۋاتقان ۋەدە، شۇئارلىرى بىلەن ئاسماننى لەرزىگە كولتۈرۈشكە باشلىدى.
ئىسلام تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇنداق ۋەقەلەر قەدەمدە بىر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما نىچۈنكىنتاڭ، بىز ئۇنىڭ زادى نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشقا ۋاقىت ئاجرىتىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمىز. قارىماققا ناھايىتى ئاددى تۇيىلىۋاتقان بۇ ۋەقە بىزگە بىر تەرەپتىن ئىسلامنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە تۇتقان دىنى ئەسەبىيەتلەردىن خالىي ئادىل نۇقتى نەزىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئىنقىلاۋېنىڭ تۈپ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەسھابە كىراملار ۋە بارلىق تابىئىن، مۆئمىن مۇجاھىدلار تارىختىن بۇيان ئىسلام كۆرەشلىرى ئۈچۈن ھالال قان - تەرلىرى ۋە پۇل بايلىقىلىرىنى سەرپ قىلىپ كەلگەن. بۇ ئەڭ يۈكسەك، پاك ئىبادەتكە ھارام پۇللارنىڭ ئارىلىشىپ قىلىشىغا قەتئىي يول قويمىغان. ئەمما مانا بۈگۈنكى دەۋىردە دۇنيانىڭ يەكلىشىگە دۈچ كەلگەن بىر قىسىم ئازغۇن دىنىي جامائەتلىرىمىز ئازغىنە سىياسىي مەنپەئىتىنى دەپ، جىھاد نامى بىلەن ھەتتا مۇسۇلماننى بۇلاشتەك ئۆچمەس قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، ئۇلارنىڭ ئۆز بۇلاڭچىلىقلىرى ئۈچۈن پەتىۋا قىلىشىۋالغان "ئامالسىز ئىككى گۇناھنىڭ بىرىگە دۇچ كەلگەندە، چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىك زىياننى تاللاش لازىم" دېگەن ئىبنى قەييۇم تەيمىييە(ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن)نىڭ سۆزى  ئەمەلىيەتتە جىھاد مەسىلىسىگە ئەمەس، بەلكى پەقەت يېمەكلىك مەسىلىسىگە قارىتىلغان. ئاللاھ گەرچە بىزنىڭ ئامالسىز توڭگۇز گۆشى يېگەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلسىمۇ، ئەمما ئامالسىزلىقنى باھانە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يېگەنلىكىمىزنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. شەھىد بولغان كىشىنىڭ بارلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى باشقىلارنىڭ قەرزى ياكى ھەققىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلىقى نۇرغۇن ھەدىسلەردە ئېنىق بايان قىلىنغان. چۈنكى ھەقىقىي مۇجاھىدلارنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇللۇق ئىشكەللىرىدىن ئازات قىلىپ، پەقەت بىرلا ئاللاھقا يۈزلەندۈرۈش، ئۇلارنى ھەقىقىي ئىنسانىي مەرتىۋېسىگە ۋە ئىنسانىي ھەق ھوقوقىغا ئىگە قىلىشدۇركى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىش ئەمەس.
 * * * * * * * * *
خەيبەردىكى يەھۇدىلار خېلى ئۇزاق تىركىشىپمۇ ئاخىرى قۇرال تاشلاشقا مەجبۇر بولغاندىن كىيىن شەھەرگە بېسىپ كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام قوشۇنلىرىغا نىسبەتەن ئاجايىپ قورقۇنۇشلۇق ۋەھىمىلەرگە مۇپتىلا بولۇشماقتا ئىدى. ئۇلار "شەھىرىمىز بىر قېتىملىق چوڭ بۇلاڭ – تالاڭ، قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغان بولدى" دەپ قاتتىق ئەنسىرەشمەكتە ئىدى. چۈنكى ئۇلار دۇنيانىڭ شۇ چاققىچە بولغان تارىخىدا، قەلئە، قورغانلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن غالىپ قوشۇنلارنىڭ دائىم زۇلۇم، ئىستىبداتلىقنىڭ ئەڭ قەبىھ نەمۇنىلىرىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىنى كۆرۈپ ئادەتلەنگەن ئىدى. غالىپلارنىڭ دەھشەت سېلىشى بىلەن مەغلۇپلارنىڭ ئەنسىز، تاتىراڭغۇ چىرايىدا، ئىنسان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە بولغان مەيۈسلىكنىڭ قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى، ئاياللار، ئۇششاق بالىلار، قېرى – چۆرە، ئاجىز، مىيىپلارنىڭمۇ ئىمتىيازسىز زۇلۇملاردا بېچارىلەرچە جان بېرىدىغانلىقىنى، ئوت يالقۇنلىرى ئىچىدە ئېتىز، ئورمانلار كۈلگە ئايلىنىپ، پادىلارنىڭ ئۇياق – بۇياقلارغا قالايمىقان چېپىپ يۈرىيدىغانلىقىنى، ئۇچار قۇشلارنىڭمۇ ئالاقزادىلىكتە ئۇۋىلىرىنى تاشلاپ، يىراق – يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدىغانلىغىنى، ئۆز غەلىبىسىدە ھۇشىنى يوقاتقان غالىپلارنىڭ بەئەينى ئالا – جوقىلاردەك چۇقان سىلىشىپ، شەھەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ياكى قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىغان ئىدى
.
ئەمما بۈگۈن خەيبەر زېمىنى تۇپراقتىن يارالغان ھەقىقىي ئىنسانلارنىڭ غەلىبىدىن كىيىنمۇ كەمتەرلىكىنى ئىپادىلەپ، نەزەرلىرىنى تۆۋەن تۇتقان ھالدا يەرگە يۇمشاق دەسسەپ، شەھەرگە كېرىۋاتقانلىقىنى تۇنجى قىتىم ھېس قىلماقتا ئىدى. غالىپ ئىسلام قوشونىنىڭ بېسىۋاتقان قەدەملىرىدىن ۋەھشىلىك ۋە مەغرۇرلۇقنىڭ قاراس – قۇرۇس ئەۋازلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى. خەيبەر زېمىنى تارىخىدا تۇنجى قېتىم غالىپلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئىنتىقام ۋە نەپرەتنىڭ غەزەپلىك ئۇچقۇنلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئاجايىپ بىر خىل مۇھەببەت نۇرىنىڭ جىلۋىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قوللىرى قانلىق قىلىچلار تەرەپكە ئەمەس، ئەكسىچە ئىنسانىي دوستلۇق، ئىنسانىي مۇھەببەت تەرەپكە سوزىلىۋاتقانلىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
بۇ دەل قەدىردان پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇياش كەبى نۇرلۇق جامالى بەخش ئېتىۋاتقان گۇزەل سېزىم بولۇپ، مۇجاھىدلارنىڭ ھەر بىر قەدىمىمۇ خەيبەر زېمىنىگە ئەنە شۇنداق سېزىمنى بەخش ئېتىپ، يىنىك بىسىلماقتا ئىدى. ئىسلام قوشونىنىڭ سەردارى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چېھرىدە غالىپلارچە مەغرۇرلۇق ئورنىغا مەغلۇپلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بولغان كۆيۈمچانلىقنىڭ ئالامەتلىرى ئېنىق ئىپادىلىنىۋاتاتتى.
ئاجىزلار زۇلۇم، تەھدىتلەرنىڭ رەزىل ھېسلىرىنى باش ئەگدۈرىۋاتقان تەڭداشسىز غايىپ ئىلاھىي كۈچنىڭ ئەمەلىي ئوبرازىنى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى. خەيبەرنىڭ بارلىق سېپىل، ئىششىك، دەرىزىلىرى قايىللىق بىلەن كۆزنەكلىرىنى ئېچىپ، چۇڭقۇر ھاياجانلىنىش ئىلكىدە ھەيرانە قاراپ تۇراتتى. شەھەرنى قاپلىغان قورقۇنچ، ۋەھىمىلەرنىڭ قارا بۇلۇتلىرى بىردەم ئىچىدىلا غايىپ بولۇشقان ئىدى. مەغلۇپلارنىڭ ئالاقزادە چىرايىدا ئەكىس ئىتىشكە باشلىغان خاتىرجەملىك گويا ئۇلارنىڭ قەلىب، روھلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئىدى. جەڭ ئوتىدا پۇچىلانغان شەھەر پۇخرالىرى ئەمدىلىكتە ئۆز مەغلۇبىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلار قولىدا نەقەدەر گۇزەللىككە ئېرىشكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلماقتا ئىدى. ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ مەغلۇپ قۇماندانلىرىمۇ مۈكىنىۋالغان بۇلۇڭ – پۇچقاق، پاناھگاھلىرىدىن چىقىپ، غالىپ ئىسلام قۇماندانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۇلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى سىناپ كۆرۈشكە پىتىنالىدى. تېخى بايىلا قورقۇنچتا پۈتۈن ئەزايى تىترەشكە چۈشكەن مەغلۇپلار غالىپلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتەك ئەدەپسىزلىك قىلىشقا جۇرئەت قىلالىدى.
دېمەك، ئىنسانپەرۋەرلىككە بولغان ئىشەنچنىڭ نۇرلۇق قوياشى شۇنچە ئۇزاق زامانلاردىن كىيىن تارىخ ئاسمىنىدا تۇنجى قېتىم نۇر چاچماقتا ئىدى. شەھەردە غالىپلارچە مەغرۇرلۇق ئىپادىلەنمىدى. قىلىچلار ھىچقانداق ئىنساننىڭ قىنىغا بويالمىدى. ئىنتىقام ۋە غەلىبە، نۇسرەتنىڭ ئاللا – چۇقانلىرىمۇ كۆتۈرۈلمىدى. بەلكى دەل ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرلا ئەۋازى بىلەن تەڭ بارلىق مۇجاھىدلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا يۇۋاشلىق بىلەن سەجدىگە باش قويۇشقا، نامازنى ئادا قىلىشقا دەرھال توپلاشتى. دۇشمەنلەرنىڭ مەغرۇر قەددىنى مۈكچەيتكەن غالىپ باشلار ئەمدىلىكتە ئاجىزلىق بىلەن يەرگە تەگمەكتە ئىدى. زېمىننى تىترىتىدىغان چىكىنمەس قەدەملەر ئۆز ئىزىدا قاتقان ئىدى.
خەيبەر ئەنە شۇنداق شانلىق فەتھى قىلىنغاندىن كىيىن غەيرى دىندىكى پۇقرالارنىڭ قەلىبلىرىمۇ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەم بولۇشقا باشلىدى. غالىپلار بىلەن بىرلىكتە مەغلۇپلارمۇ تەڭ شاتلىققا چۆمدى. گويا ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق، غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت، شەرق بىلەن غەرب ئۆز – ئارا بىرلىشىپ كەتكەندەك ئىدى. مەغلۇپلارنىڭ ئىسلام قوشونىغا قويىۋاتقان تەلەپلىرىدىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىككە بولغان قەتئىي ئىشەنچلىرى ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى.
ـــ زېمىنىمىزنى ئۆزىمىزگە تاپشۇرۇڭلار - بۇ تېخى بايىلا قورقۇنچ، ۋەھىمىلەردە مۆكۈنۈشكە يەر تاپالماي تىپىرلاپ يۈرگەن مەغلۇپلارنىڭ غالىپلارغا قويىۋاتقان تەلىپى ئىدى.
ــ چۇنكى بىز سىلەرگە قارىغاندا يەرگە ياخشى قارىيالايمىز، ئۇنىڭدىن ئېلىنغان مەھسۇلاتتا سىلەرنىڭمۇ تىگىشلىك ئۈلىشىڭلار بولسۇن.
تارىخ گۇۋاھكى، بۇ تەلەپمۇ تەخىرسىز ماقۇللاندى. شۇنداق قىلىپ دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. بىر مەزگىلدىن كىيىن مول - ھوسۇل يېغىۋېلىش پەسلى كەلگەندە، ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ خەيبەردىكى ۋەكىلى ھەزرىتى ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەسىللىك مول – ھوسۇللارنى تەقسىملەپ:
ــ مانا بۇلاردىن ئۆزەڭلارغا يارىغان ئۆلىشىنى ئىلىپ، يارىمىغىنىنى بىزگە قالدۇرۇڭلار - دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان يەھۇدىلار چوڭقۇر ھاياجانلىنىش ۋە سۆيىنىش ئىلكىدە كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ:
ــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بۇ ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلار تۈپەيلىدىنلا پۈتكۈل ئاسمان - زېمىن ئەركىن نەپەسلىنىشكە سازاۋەر بولماقتا - دەپ ئاپىرىن ئوقۇشقا باشلىدى.
ئەمما مىڭ - مىڭلاپ ئەپسۇسكى، دۇنياغا ئىنسانپەرۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئىنساپ، ئادالەتتىن دەرىس بەرگەن ئاشۇ بۈيۈك ئۈممەت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كېچە – كېچىلەپ تۆككەن قانلىق ياشلارمۇ بەدەل بولالمىغۇدەك دەرىجىدە دۇنيا ئۈچۈن ئاچچىق ساۋاققا ئايلىنىپ قالماقتا.
(پارچىلار)
شەمىس نەۋىد ئوسمانىي                                  كامىلجان تەرجىمىسى
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1104
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1104دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14774 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-13

ياخشى تىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.........!
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 7081 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-01-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-16 21:30

مۇسۇلمان ئەڭ ئالىجاناب  ئىنساندۇر...
ئادىيات
دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-01-13
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-17 20:51

مۇشۇنداق ياخشى يىزىلغان ماقالىگە بىزنىڭ ئنكاسىمىزنىڭ ئاز بولىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ..،بىز نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرماي  نەدىكى پاخال تىمىنى قىززىتىپلا يۇرىمىز..
كىشىلىك ھوقوققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئنسانلارنىڭ باراۋەرلىك روھى ئسلام دىنىمىزدا ھەرقانداق دىنندىن بەكىرەك يۈكسەك ئورۇنغا ئگە،بۇ بىز سەل قارايدىغان مەسلە ئەمەس،چۇنكى بىز مۇسۇلمانلار  دەل سەل قارىغانلىقىمىز  ئۇچۇن كىشىلىك ھوقوق ۋە دىمۇكراتىينىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىدىن مەھرۇم قالدۇق،ئاللاھ بىزنى بۇنىڭغا سەل قارىمىغانلار ئارقىلىق بىزگە ئەسكەرتىش بەرمەكتە،دۇشمەنگە زەربە بىرىشتە بىزگە مۇشۇ روھنى تولۇقلاشتىن ياخشىراق تاللاش يوق،بۇبىزگە بىر بايراقتۇر...
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 7081 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-01-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-20 22:46

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى kroran2010 نىڭ 2011-11-17 20:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مۇشۇنداق ياخشى يىزىلغان ماقالىگە بىزنىڭ ئنكاسىمىزنىڭ ئاز بولىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ..،بىز نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرماي  نەدىكى پاخال تىمىنى قىززىتىپلا يۇرىمىز..
كىشىلىك ھوقوققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئنسانلارنىڭ باراۋەرلىك روھى ئسلام دىنىمىزدا ھەرقانداق دىنندىن بەكىرەك يۈكسەك ئورۇنغا ئگە،بۇ بىز سەل قارايدىغان مەسلە ئەمەس،چۇنكى بىز مۇسۇلمانلار  دەل سەل قارىغانلىقىمىز  ئۇچۇن كىشىلىك ھوقوق ۋە دىمۇكراتىينىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىدىن مەھرۇم قالدۇق،ئاللاھ بىزنى بۇنىڭغا سەل قارىمىغانلار ئارقىلىق بىزگە ئەسكەرتىش بەرمەكتە،دۇشمەنگە زەربە بىرىشتە بىزگە مۇشۇ روھنى تولۇقلاشتىن ياخشىراق تاللاش يوق،بۇبىزگە بىر بايراقتۇر...

ئەسسالامو  ئەلەيكوم.  پىكىرىڭىزنى  قوللايمەن ..  مۇشۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى  قىرىنداشلىرىمىز  ئارسىدا كىشىلىك ھوقوق  ۋە  دىموكىراتىيەنىڭ  ئەھمىيىتى  ھەققىدە ھەر قايسى  ساھەلەردەكى  مۇنبەرداشلىرىمىز  دىنىمىز تەرغىپ قىلغان
كەڭ قورساق بولوش، كەمتەر بولۇش ، مەدەنى بولوش ئاساسىدا گۈزەل بىر مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرساق دىگەن
ئۈمۈدتىمەن..
ئادىيات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5000
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-12-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-20 23:17

ئىسلام دىنى 1400-يىل ئىلگىرىلا كىشىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھورمەت قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دۇنياغا بەر پا قىلغان ئىدى قۇللارنى ئازات قىلىشقا چاقىرغان ئىدى ئاياللانىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەن ئىدى قەرىز دارلارنىڭ قەرىزىنى بىرىشكە كەمبىغەل مىسكىنلەرنى ئىقتىزادى جەھەتتە يۇلەشكە بۇيرىغان ئىدى، ھازىرقى ئىنسانلار مىنە ئەمدى تېخې كىشىلىق ھوقۇقنى كۆتۇرۇپ چىققان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە خەلىقنى ئالداپ كىشىلىك ھوقۇققا ھورمەت قىلمايۋاتىدۇ  ئاللاھ بىزگە ئاشۇ ساھابىلاردەك ئىمان ئاتاقىلسۇن   تما يوللۇغۇچىغا رەھمەت
دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-01-13
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 10:26

ئراق ھۆكۇمىتى گەرچە ئامىركا سادامنى ئاغدۇرۋەتكەندىن كىيىن تەشكىللەنگەن ھاكىمىيەت بولسىمۇ ئىزچىل ئامىركىدىن قوشۇنلىرىنى پۇتۇنلەي چىكىندۇرۇپ كىتىشنى تەلەپ قىلدى،بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى شۇكى ھاكىمىيەت سايلام ئارقىلىق شەكىللەنگەن،ھۆكۇمەت ئەل رايىدىن قورقىدۇ چۇنكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىلا ھوقوقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ شۇڭا ئراق خەلىقىنى ئامىركا قوشۇنلىرىغا بولغان نارازىلىق ساداسى ئىراق ھاكىمىيتىدە ئەكىس ئەتكەن،دىمۇكراتىيە دەل ئەل رايىنىڭ ھاكىمىيەتكە كۇچلۇك تەسىر كۆرسىتشكە بىۋاستە يول ئاچىدۇ.تۈركىيەنىڭ ئسرئىليەگە قارىشى  پۇزۇتسىيسىمۇئەمىلىيەتتە تۇرىك مۇسۇلمانلىرنىڭ پۇزىتسىيسى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ.