باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 517 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باكۇدا تۈرك دۇنياسى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4269
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2011-11-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

باكۇدا تۈرك دۇنياسى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى

باكۇدا تۈرك دۇنياسى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا، «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ۋە تۈرك ئەدەبىي تىلى» تېمىسى ئاستىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
زامانىۋىي تەرەققىيات ئىتتىپاقى، ئەزەربەيجان ئايال مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا تارقىتىش مەركىزى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن يىغىننى ئاتاتۈرك مەركىزى ۋە تۈرك ئوجاقلىرى باكۇ شۆبىسىمۇ قوللاپ –قۇۋۋەتلىدى.
بۈيۈك لىدەر ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغان يىغىنغا ئالىملار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۇلۇسى قىلىچ قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى.
يىغىندا، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىنلا ئورتاق ئېلىپبە ئىشلىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.
لېكىن ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئورتاق ئېلىپبە قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنالمىغانلىقى تەكىتلەنگەن يىغىندا، تۈرك دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق تىلنىڭ تۈركىيە تۈركچىسى بولۇشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.  

مەنبە:http://uyghuracademy.com/?p=20665
HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 256
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە256دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2647 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2011-11-16

ئاپتۇر (kaska) نىڭ يازمىسىغا

ناھايتى تۇغرا ،بىز ئۇيغۇرلارمۇ يېزىق ئۈزگەرتىش زۈرۈر بۇلسا  تۈرك لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك، شۇنداق بۇلغاندا بىزنىڭ تۈركى خەلىقلەر بىلەن  تېخىمۇ يېقىنلىشمىز.