باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 610 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بەشبۇرجەك بىنا نېمىشقا ھە دېسىلا جۇڭگودىن قۇسۇر چىقىرىدۇ
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 955
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە955دانە
ئۆسۈش: 4110 %
مۇنبەر پۇلى: 12447 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-11-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

بەشبۇرجەك بىنا نېمىشقا ھە دېسىلا جۇڭگودىن قۇسۇر چىقىرىدۇ

بەشبۇرجەك بىنا نېمىشقا ھە دېسىلا جۇڭگودىن قۇسۇر چىقىرىدۇ؟
[ئامېرىكا«دەۋر»ھەپتىلىك ژۇرنىلى، تور پونكىتىنىڭ 10-نويابىر ماقالىسى]سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن بۇيان، ئامېرىكا پارلامېنتى ھەربىي دائىرىلەردىن ھەر يىلى«جۇڭخۇا  خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيىسى»توغرىسىدا  دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇڭا، بەشبۇرجەك بىنا 3- مارت 66 بەتلىك دوكلات تەييارلاپ، پارلامېنتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئەندىشىسىنى  تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
   بۇ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، پارلامېنت تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قانچىلىك قورال سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى دەلىللەيدۇ.
   ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرغانغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بەشبۇرجەك بىنا جۇڭگونىڭ ھازىر قانداق تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار: جۇڭگونىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئاشكارا بولمىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالنى ئەڭ  يامان تەسەۋۋۇر قىلىشى   كېرەكلىكىنى دەلىللەيدۇ، دەيدۇ.
 بەشبۇرجەك بىنانىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى جۇڭگونى ھەمىشە ئەيىبلەيدىغان   پارلامېنت ئەزالىرىنى دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. پارلامېنت بىلەن بەشبۇرجەك بىنا ئارىسىدىكى سىرلىق ئۆز ئارا بېقىنىش مۇناسىۋىتى بۇ دوكلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا خېلى زور دەرىجىدە سەۋەب بولدى.
[ئامېرىكا«دىپلوماتىيە سىياسىتى قىزىق نۇقتىلىرى»تور پونكىتىنىڭ 10-نويابىر ماقالىسى]بۇ يىل 2-ئاينىڭ 4- كۈنى، بۇش زۇڭتۇڭ مالىيىدىن بۇ يىللىق ھەربىي خىراجەتكە 515 مىليارد 400 مىليون دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلەرگە ئاجرىتىلغان خىرجەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پۇل پاخاللىقى ئامىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكى تەلەپ قىلغان ئەڭ كۆپ خام چوت ھېسابلىنىدۇ.
 مۇنداقچە قارىغاندا، كۆپەيتىلگەن خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ھەم نۆۋەتتىكى ئۇرۇشلاردا بۇزۇلغان ياكى كونىراپ كەتكەن ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
 لېكىن، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، خام چوتنى كۆپەيتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ياكى باشقا ئادەتتىكى ۋەقەلەر ئەمەس، بەلكى  دەرىجىدىن تاشقىرى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن كۆرۈۋاتقان تەييارلىقىدىن ئىبارەت. دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغاندا، بۇنچە كۆپ خام چوت ئاجرىتىپ تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت پەقەت جۇڭگودىنلا ئىبارەت، دېگەن يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ.
 يېڭى تىپتىكى قىممەت قوراللارنى سېتىۋالالىغىدەك مەبلەغگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پارلامېنتتىكى ئىتتىپاقداشلىرى، شۇنداقلا قورال- ياراغ ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى«جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»نى ھەدەپ تەرغىب قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بۇلتۇر 1-ئايدا ئامېرىكا دەۋاتقان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بارغاندا،بۇنداق سەپسەتىنى تەرغىب قىلىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
 «يىرتقۇچ قۇش»ناملىق«F-22 »تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋىلىش توغرىسىدىكى پىلاننى  قوللايدىغانلار جۇڭگو تەھدىتىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلدى. ئاۋام پالاتاسى مەبلەغ ئاجرىتىش كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئەسى  گۇرۇپپىسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون موسا: «مەن ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن باشقا جايلارغا، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەھدىتنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن»، دېدى.
 موسا خىراجەتنى كۆپەيتىپ، « F-22»تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىلاننى قوللايدىكەن. ئۇ سۆزىدە كىشىلەرنى جۇڭگونىڭ«بۇنىڭدىن كېيىنكى تەھدىت»بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىگە، بۇ  كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن.
 خۇددى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكى ۋە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى: «سوۋېت ئىتتىپاقى تەھدىتى نى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق، پارلامېنت ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ  قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىلغار قورال- ياراغلارنى سېتىۋالغاندىكىدەك، بۈگۈنكى كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە، ئامېرىكا: «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئوخشاش مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى بارغانسېرى سوزۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىراق ئۇرۇشىغا  كېتىۋاتقان  ھەربىي خىراجەت ھەم باشقا بەزى مۇھىم مەسىلىلەر(سەھىيە، داۋالىنىش،مائارىپ، ئېنېرگىيە، قەرز كرىزىسى قاتارلىقلار)دىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندا، بۇنداق مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن تەھدىت دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكىنىڭ قورال - ياراغ پىلانى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.
 ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاش-تارتىشنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بۇنداق قاراشلار بارغانسېرى كۆپ ۋە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق شەكىلدە  ئوتتۇرىغا  چىقماي قالمايدۇ. بۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى جۇڭگونى ياقتۇرمايدۇ ياكى جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلار ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىلغار ھەم قىممەت قوراللارنى سېتىۋىلىشقا يوللۇق باھانە تېپىش ئۈچۈن، دەرىجىدىن تاشقىرى   چوڭ  دۆلەتتىن ئىبارەت بىر دۈشمەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىماقچى. چۈنكى، بۇ شەرتكە جۇڭگولا ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ، يوشۇرۇن دۈشمەن قىلىنغان . 

مەنبە:http://nur.cn/html/news/38776.shtml
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 186
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە186دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1890 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2011-11-15
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئىككى قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا !
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەن دەپ،كەيدىم& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 711
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە711دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 7350 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-11-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

شۇنداق ئوۋچىغا پايدا ...ئامىرىكا ھىندىنى بىزگە قۇش قىلىپ سالماقچى بولۋاتىدۇ.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
a
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 293
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە293دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 3488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2011-11-16
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئامىرىكا قەغەز يولۋاس
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 630
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە630دانە
ئۆسۈش: 2450 %
مۇنبەر پۇلى: 7982 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-11-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى oguzhan نىڭ 2011-11-15 18:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئامىرىكا قەغەز يولۋاس




ياق ھازىر ئۇ بىر پولات يولۋاس . كېيىن كۆرۈپ قالىمىز تېخى .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 630
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە630دانە
ئۆسۈش: 2450 %
مۇنبەر پۇلى: 7982 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-11-15
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئەجدىھا بىلەن ئۇ يولۋاس ئاخىرى بىر تۇتۇشىدۇ ...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...