باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1317 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سەھەردىكى ئۈرۈمچى ( گېنىرال )
دوستلىشىش
گېنىرال
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9534
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-09
ئاخىرقى: 2011-12-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 21:04

سەھەردىكى ئۈرۈمچى ( گېنىرال )

رەسىم:
سەھەردىكى ئۈرۈمچى
ھايات ۋە ماماتلىقتىن قىچىپ قۇتۇلغىنى بولمايدۇ،بىز ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ ئارلىقىدا ياشايمىز ،ماماتلىقنىڭ قاراڭغۇ سايىسىدە ھاياتلىقنىڭ رەڭگى شۇنداق يىقىملىق ،شۇنداق پاك كۆرىنىدۇ .
                                                                             گىئورگى سانتايان
ئاپا ؟ مەن يەنە ياشىيالامدىم؟مەن مۇشۇنداقلا ئۆلۆپ كىتەمدىم؟
ئۇنىڭ بۇ سوئالى ئارلىقتىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى،كۆزلىرى ئۇيقىسىزلىقتىن ۋە كۆپ ياش تۆككەنلىكتىن قىزىرىپ كەتكەن ،چىھرىدىن سۇلغۇنلۇق جىسمىدىن ھارغىنلىق ((مانە مەن ))دەپ بىلىنىپ  تۇرغان بىچارە ئانا يەنە كۆزىگە ياش ئالدى ،بىز تال ئوغىلىغا چىدىمايىتتى،ئۇ ئوغىلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۇنىڭغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن :
-ئۇنداق دىمىگىن بالام ،ئۇنداق دىسەڭ مەن ئازاپلىنىدىكەنمەن ، ساڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ،خۇدايىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ،دوختۇر ((ھازىر ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ))دەيدۇ، سەن ساقىيىپ كىتىسەن، يەنە بۇرۇنقىدەك دوسلىرىڭ بىلەن ئوينايسەن ،سىنى ئاخىرىغىچە داۋالىتىمەن قوزام...
ئۇ شۇنداق دىگەش ئوغىلىنىڭ يوتقىنىنىڭ ئوچۇق قالغان يەرلىرىنى ئوڭشاپ قۇيدى.
كۆڭلى قاتتىق ئازاپلىناتتى ،چۈنكى ئۇ ئوغىلىغا يالغان گەپ قىلدى ،دوختۇر ئۇنىڭغا ((ئەمدى داۋالاتقاننىڭ پايدىسى يوق،بالدۇراق ئەچىقىپ يۇرۇتغا ئەكىتىڭلار،يەنە داۋالىتىمەن دىسەڭلارمۇ ئىخساد ئوشۇقچە زىيان بولىدۇ ))دىگەن ئىدى.
بىر ئانىنىڭ ئوغۇلىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بۇلمىسا كېرەك...
بۇ ئاۋات شەھەرگە ئوغىلىنى داۋالىتىمەن دەپ كىلىپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ بۇ بىچارە تۇل ئايال كىملەردىن قەرىز سورىمىدى؟ئانىسى رەھمەتلىكتىن قالغان قورۇمۇ سىتىلىپ بولدى.  
لىكىن بالا ساقايماق تۈگۈل كىسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشتى،كۈنلۈك داۋالىتىش ھەققى ئۆزىلا 2000 يۈەندىن ئاشتى ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئاشۇ ئىڭىراپ ياتقان ،ياشلىققا ئەمدى قەدەم قويغان 18 ياشلىق نارسىدە ،يۈرەك پارىسىدىن كىچىش كېرەكمۇ؟
ياق!ئۇ بىر ئانا بولغىچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس!!!
ئاخىرى بىچارە ئانا ئۈمۈدىنى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە باغلىدى،ئوغىلىغا ((يۇرىتتىن تۇققانلار كەپتىكەن بالام بازار ئايلىنىپ قالدىم .)) ((سەن ساقايغاندا سىنى ئۈرۈمچىدە ئوقىتاي دەيمەن ،شۇڭا مەكتەپ ئۇقىشىۋاتىمەن ))دەپ يالغان گەپ قىلىپ ئەمىلىيەتتە بىر پارچە چوڭ قەغەزگە ئوغىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى،ئىخساد جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى يىزىپ ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات بازارلىرىنىڭ بىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇ خەتلەر يىزىلغان قەغەزنى ئالدىغا قۇيۇپ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەردىن ياردەم قولىنى سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى ...
ئانا ئاز بەدەل تۆلىمىدى ،ئاخىرى ئاڭلىغان جاۋابى ئەنە شۇ بولدى .
_ئاپا؟
_نىم بولدى بالام ؟
_قاچان تاڭ ئاتىدۇ ؟
_ئاز قالدى بالام ،تاڭ ئاتاي دىدى ،ئازىراق ئۇخلىۋالغان ئۇغۇلۇم.
_ياق،،ئاپا .ئۇخلاپ قالسام ئويغىنالماق قىلىشىمدىن قورقىمەن .
ئانا يەنە ئۈمچەيدى،لىكىن ئۆزىنى زورىغا بىسىۋىلىپ:
_مەن بار تۇرسام نىمىدىن قورقىسەن بالام؟
ئانا شۇنداق دىگەش ئوغىلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ كارۋات بىشىغا كىلىپ ئولتۇردى .
_ئاپا؟دادام قانداراق ئادەم ئىدى؟
ئانا بۇ سوئالغا نۇرغۇن قىتىم جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ ،يەنىلا بۇ سوئالنى تۇنجى قىتىم ئاڭلاۋاتقاندەك،ياتاقنىڭ قانداقتۇر بىر بۇلۇڭلىرىغا قاراپ تۇرۇپ:
_داداڭ ئىسىل ئادەم ئىدى،ئۇ ئىنتايىن كۆپ پۇل تاپقان ،يوقسۇزلارغا ياردىمىنى ئايىمايىتتى.خۇدايىم ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىنى يىنىغا ئەكىتىدىكەن،داداڭ بىر قىتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە قازا تاپقان پۇتۇن مەھەللىدىكىلەر داداڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغان ،رەھمەتلىكنىڭ بىرەر كىشىگە يامانلىق قىلاي دەيدىغان يېرى يوقتى....
-مەن ئۆلۆپ كەتسەم مىنى يۇرۇتقا ئاپىرىپ دادامنىڭ يىنىغا كۆمۆپ قۇيۇڭ ئاپا.
تۇساتتىن دىيىلگەن بۇ سۆزدىن ئانا بىر چىلەك سوغوق سۇنى بىشىدىن قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى...
_بالام،مەن خوش بولاي ئۇنداق دىمىگىن ساڭا ھىش ئىش بولمايدۇ ،مەن سەندىن ئايرىلسام ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟
ئانا ئەمدى ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى،بۇ ئانا بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئۇلاردىن باشقا ھىش كىشى ئاڭلىمايىتتى،بالىنىڭ كېسىلى يۇقۇملۇق ئۆپكە تىبىيۇركۇلىز بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ياتاقتا بىرلا كارۋات بار ئىدى ،
دەرىزە قىيا ئىچىلغان ئاۋات شەھەرنىڭ كېچىلىك بازارلىرىدىكى شاۋقۇن-سۆرەنلەر ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئانا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە تۈۋىگە كەلدى،دەرىزىنى يىپىپ قۇيۇپ سىرىتقا قاراپ:
توۋۋا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھېش غىمى يوقمىدۇر؟ھەي ياراتقان ئىگەم مەندەك ئاجىز بەندەڭگە ئوڭ كۆزۆڭدە قارساڭ بولمامدۇ؟ نىمە گۇناھ قىلغىنىمغا شۇنچە ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلدىغانسەن ؟ ئاشۇ ناتىۋان ئوغۇلۇمغا بەرگەن كېسەلنى ماڭىلا بەرسەڭ بولماسمىدى.
_ئاپا؟
_نىم بولدى بالام ؟
خىيالغا پاتقان ئانا دەرھال ئوغىلىنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
_ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىڭە؟كىچىكىمدە ئېيتىپ بىرىدىغان ھىلىقى ناخشىنى.
ئانا دەماللىققا ئىسىگە ئالالماي.
_قايسۇنى دەيسەن بالام ؟
_ھىلىقى بىر قىزچاقنىڭ ئانىسىنى سېغىنىپ ئىيتىدىغان ناخشىسىچۇ.
قەدىردان ئانا ،ئوغىلىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇ ناخشىنى ئاڭلىغىسى كېپ قالغىننى بىلگىسى بولسىمۇ ،ئوغىلىنىڭ باياتىن بىرى سەل كۆپ گەپ قىلغاشقىمۇ سارغىنلىق يەتكىنىنى سەزدى بوغاي باشقا سوئال سورىمايلا،ئىنتايىن مىسكىن ،غىرىپ،مۇڭلۇق ئاھاڭدا ناخشىنى باشلىدى
يېرىلىڭ تاش-يېرىلىڭ تاش،
مەن ئانامنى كۆرىۋالاي.
دىدارىغا قىنىۋالاي
يېرىلىڭ تاش-يېرىلىڭ تاش!.......
ئانا ناخشىنى ئوقۇپ بولۇپ ئوغىلىنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان ياشلارنى كۆردى.
_ئاپا؟بۇ خەتنى كىيىن يۇرۇتقا قايىتقان ۋاقتىڭىزدا. مىنىڭ سىنىپ تەربىيىچىم ئارزىگۈل مۇئەللىمگە بىرىپ قويسىڭىز.
بالا شۇنداق دەپ ئۈستىدىكى يۇتقاننى ئىچىشكە تەمشىلدى لىكىن مادارى يەتمىدى ،ئانا يۇتقاننى ئاشقاندا بالىنىڭ بىر قولىدا كونىۋېرىت تۇراتتى ،ئانا دەم ئاللىققا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي خەتنى قولىغا ئىلىپ بالىنى يەنە يىپىپ قويدى،كونىۋېرىت ئۈستىگە خەت يىزىلمىغان ئاغىزىمۇ چاپلانمىغان .ئىدى.
_بالام ئەمدى بىر ئاز ئۇخلىۋالغىن ،بىرەر يىرىپ ئاغرىۋاتامدۇ يا؟
_ياق ،ئاپا،ھىش يىرىم،ئاغرىمىدى،سىزنى،كۆپىرەك،كۆرىۋالاي...
_ياق،ياق بالام ئۇنداق دىمىگىن ،مىنى ئايىغىن،بىز بىرگە يۇرۇتقا قايتىمىز،بۇ مىھرى سوغۇق ئۈرۈمچىدىن ،بۇ ئادەم كىرمەيدىغان دوختۇر خانىدىن قايتىمىز ،مەن ئەتىلا سىنى يۇرۇتقا ئەكىتىمەن بالام .مەن مەڭگۈ سەن بىلەن بىللە ،سەن نىمە بولساڭ مەن شۇ جىنىم بالام .
ئانا شۇنداق دەپ ئوغىلىنى قۇچاقلاپ بۇقۇلداپ يىغلايىتتى،
_كە كەچۈرۈڭ ئانا،مىنىڭ بۇنداق دىگۈم يوق،بىراق...
_بولدى بالام ،سەن كۆپ ئويلىما ،مەن ھەممە ئىشلارنى ئويلاپ قۇيدۇم .
ئانا -بالا ھەر ئىككىلىسى ئىغىر خىياللارغا چۆمدى...
گەرچە يىرىم كىچە بولسىمۇ دەرىزىدىن چۈشكەن كوچا چىراقلىرىنىڭ يۇرىقىدا ياتاق ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئىنىق كۆرگىنى بولاتتى ،
ئانا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزە ئالدىغا كەلدى .
ھەممە كىشىلەر ئۆز غىمى بىلەن ،كېچىلىك بازاردىكىلەر بىر كۈنلۈك سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشىۋاتقان،ھەرخىل رەڭدا لاپىلداپ يىنىۋاتقان قانداقتۇر ياشلار ھەممىدىن ئەزىز كۆرىدىغان،ياشانغانلار لەنەت ئوقۇيدىغان ئورۇنلارنىڭ چىراقلىرى،توپ-توپ كۈلكە چاقچاق قىلىشىپ كىتىۋاتقان قىز يىگىتلەر...
بۇلار ئانىنىڭ  دىقىتىنى قوزغىيالمىدى ،ئۇ نۇرى ئۆشكەن كۆزلىرىنى بىر ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ،كەسكىن قارار چىقارماقچى بولىېاتقاندەك خىيال سۈرۈپ تۇراتتى.
بالىنىڭ قاتتىق يۆتەلگەن ئاۋازى بىلەن ئۇ چۆچۆپ ئوغىلىنىڭ يىنىغا باردى ، كارۋات ئاستىدىن بىر كىچىك داسنى ئىلىپ ئېغىزى يىنىغا ئەكىلىپ بىر قولى بىلەن بالىنىڭ بىشىنى كۆتۆردى ،
بىچارە بالا قاتتىق -قاتتىق يۆتىلىۋىدىمئاغىزىدىن قان ئارلاش بەلغەم كىچىك داسقا چۈشتى،ئانا داسنى ئورىنىغا قۇيۇپ ،لۆڭگىنى ئىلىمان سۇغا چىلاپ بالىنىڭ ئېغىز ئەتىراپىنى سۈرۈتكەندىن كىيىن يەنە دەرىزە تۈۋىگە كەلدى،
كوچىدا ئادەملەر ئازلىغان بۇ مىھرى سوغوق ئۈرۈمچى يەنىلا شۇ ھەيۋىتى بىلەن ...
_ئاپا؟
بالىنىڭ ئىڭىراق ئاۋازى نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ تۇرغان ئانىنىڭ خياللىرىنى بۇزدى ...
بىم بۇلدى بالام ؟
پۇتۇم،پۇتۇم مۇزلاپ كەتتى...
ئانا بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك يۈگۈرۈپ كارۋات بىشىغا كەلدى بالىنىڭ ئۈستىگە يىپىغلىق يۇتقان ئىچىگە قولىنى تىقىپ ئوغىلىنىڭ پۇتىنى تۇتتى.
دەرۋەقە ئۇنىڭ پۇتى مۇزدەك تۇراتتى ...
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە مىڭىۋىدە :
_نە نەگە ،بارىسىز ، ئاپا؟
_دوسختۇر چاقىرىپ كىرەي بالام ھايال بولماي كىرىمەن .
_يا ياق ئاپا،كەتمەڭ. قورقىۋاتىمەن.كەتمەڭ ئاپائ
_ماقۇل مەن ھىش يەرگە بارمايمەن ،بالام مەن يىنىڭدا .
ئانا يەنە ئورىنىغا قايتىپ كىلىپ بالىنىڭ يىنىدا ئولتۇردى.
_ئانا مەن مەن ئۆلۆپ كىتىمەن،سىزنى،تاشلاپ،كىتىمەن،مەندىن،رازى ،بولوڭ ئاپا...
ئانىلار ھەر قانچە چىداملىق ،كۆتۈرۈشلۇك بولسىمۇ،ئۇ بۇ قىتىم ئۆزىنى توختۇتۇپ گەپ قىلالمىدى،پەقەت ئىچىنىشلىق يىغلىيالىدى.
_ئۇنداق دىمىگىن،ئۇنداق دىمىگىن جىنىم بالام.ئۇنداق دىمىگىن ...
ئۇ پەقەت ((ئۇنداق دىمىگىن))دىگەن سۆزنىلا قايتىلاپ بالىنىڭ يۈزىگە يۈزىنى يىقىپ تۇرۇپ يىغلايىتتى.
_يىغلىماڭ،ئاپا،سىزنى،بەك ،كۆپ،جاپادا،قويدۇم،مەن ،مەن ،ھەممىنى ،بىلىپ،تۇرىمەن،ئاپا،سىز،دۇنيادىكى،ئەڭ،مىھرىبان،ئانا.
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قانچىلىك قىينىلىپ ئېيتىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
ئانا ئۆزىنى مىڭ جاپادا بىسىپ تۇرۇپ:
_بولدى بالام كۆپ گەپ قىلمىغىن،بولمىسا كىسىلىپ تىخىمۇ زورۇقۇم كىتىدۇ.
_ئاپا،مىنىڭ،سىزدىن ،ئايرىلغىم ،يوق،ئاپا ئاپا...
بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى بۇلۇپ قالدى ،بىچارە ئانا ئوغۇلىنىڭ مۇزلاپ كەتكەن يۇزىگە ،يۈزىنى يىقىپ قەتتىق يىغلايىتتى،نۆۋەتچى دوختۇرلار ياتاققا كىرگەندە بالا ئاللىبۇرۇن كۆز يۇمۇپ بولغان ،ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن،قىسقا قىردۇرىۋەتكەن چىچى ئۆزىگە خويمۇ ياراشقان ، قىزلاردىمۇ ئاز تىپىلدىغان ئۇزۇن كىرپىكلەر ياش يۇقىدا نەمدەلگەن چوڭ كۆزلەر يۇغان ئىچىلغان ،قۇرۇغان لەۋلەر بىر-بىرىگە كىرىشكەن،يىغىپ ئىتقاندا بۇ ناتىۋاننىڭ بى دۇنيانىڭ رەزىللىكىدىن ،قىسقا كەلگەن ئۆمىرىدىن رازى ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇراتتى،بىچارە بالا ئاخىرى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدى،ئۇ دۇنياغا پاكىز كەتتى،لىكىن بىر ئۆمۆر بالام!بالام! دەپ ئۆتكەن جاپاكەش ئانىچۇ؟
ئۇ بالىسىنىڭ ئۆلىمىگە ئۆزىنى سەۋەپچى،ئوغۇلۇمنى راھەت تۇرمۇشقا ئىگە قىلالمىدىم دەپ ئىچىنىشلىق يىغلايىتتى،
كاللىسىدا((بالام))دىگەن سۆزدىن باشقا ئۇقۇم يوق ،ئۆزىنى بالىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قاتتىق يىغلايىتتى ،دوسىتۇر خانىدىكىلەر بۇ ئىچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۆپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش ئىلىشاتتى.
ئانا ئورىنىدىن تۇردى ،ھىش ئىشتىن خەۋىرى يوق ياتقان ئوغىلىغا قاراپ :
مەن ساڭا دىگەن جىنىم بالام ،سەن نىم بولساڭ مەن شۇ ،سىنى بۇ دۇنيادا بەخىتلىك قىلالمىدىم ،سەن ئانا مىھرىگە مۇھتاج،مەن ساڭا مۇھتاج،
ئۇ شۇنداق دىگەش يانچۇقىغا سىلىپ قۇيغان ،ئوغىلى مۇئەللىمىمگە بىرىپ قۇيۇڭ دەپ بەرگەن ھىلىقى كونۋېرىتنى قولىغا ئالدى ئىچىدە بىر كىچىك ۋاراق قەغەز تۇراتتى ،ئۇنىڭغا:
ئەسسالام ئەلەيكۈم قەدىرلىك مۇئەللىم ؟ياخشىمۇسىز؟
ئانام مىنى داۋالىتىمەن دەپ ئۈرۈمچىگە ئەكەلگەن ئىدى،مەن ياخشى بولۇپ كىتىمەن دەپ ئويلاپتىمەن ،ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن ،تۈنۈگۈن ئاپامنىڭ دوختۇر بىلەن پاراڭلاشقان سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم،مەن ساقىيالمايدىكەنمەن ،ئۆمىرۈم ئاز قاپتۇ،
ئەقىدەمنىڭ شورلىقىدىن يىغلايمەن مۇئەللىم،ئىلاجىسىزلىقىمدىن يىغلايمەن..
مۇئەللىم سىزگە خىجىلچىلىقتا بىر گەپنى دىمەكچى مەن، ھىلىقى سىزنىڭ سومكىڭىزدىن چىققان پاقىنى ئەسلى مەن سومكىڭىزغا سېلىپ قويغان ئىدىم ،مىنى كەچۈرۋىتىڭ مۇئەللىم
مەن سىزگە بەك ئامىراق ،ئامىراقلىقىمدىن چىقىشىپ شۇنداق قىلغان ئىدىم ،لىكىن سىزنىڭ ئۇنچە قورقۇپ كىتىشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن،مىنى كەچۈرۈك مۇئەللىم،
مىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
ئانا خەتنى نىمە ئۈچۈن ئوقىغىنىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ ئۇخمىسا كېرەك ،ئۇ خىتنى يەنە كونۋېرىت ئىچىگە سىلىپ يانچۇقىغا قايتا سالدى ،ۋە ئوغىلىغا بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كىيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ دەرىزە تەرەپكە يۈگۈردى،ئۇنىڭ كۆرگىنى ئەمدى يورىۋاتقان زىمىن ،ئاڭلىغىنى باشقىلارنىڭ چىر-چار چىقىراشلىرى بولدى،
توغرا ئۇ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالدى،ئوغىلىنىڭ ئۇ دۇنيادا ئانىسىز قىلىشىنى خالىمىدى ،
ئەلۋەتتە ئانا بولغان ئادەم ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن پۈتكۈل باشلىقىنى قۇرباق قىلالايدۇ ،ئانا توغۇرسىدا سۆزلىمەك ئاسان ئەمەس ،ئۇنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ ،
مانا بۇ جاپاكەش،مىھرى ئاتەش ،ئانىجان ئۆز ئوغىلىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشىيالايدىغانغا كۆزى يەتمىدى...
تاڭ سۈزۈلدى ،ئانا-بالا ئوتتۇرلۇقىدىكى مىھىر-مۇھەببەتلىك سۆزلەرنىڭ بىردىن -بىر گۇۋاھچىسى بولغان زۇلمەت كىچىگە خاتىمە بىرىلدى...
سەھەردىكى ئۈرۈمچى يەنىلا شۇ ھەيۋىتى بىلەن ، قانداقتۇر تۇرمۇش غىمى،كېسەل داۋالىتىش،ئوقۇش،خىزمەت،ئىش-ئوقەت،ئويۇن سەۋەپلىرى بىلەن كەلگەن مۇساپىر مىھمانلىرىغا ((كەل دوستۇم كەل،ئۈرۈمچى دىگەن مەن شۇ،پۇل بۇلسا ئۈرۈمچى پۇل بولمىسا ئۆلۆمچى دىگەن شەھەر مەن شۇ )) دەۋەتقەندەك سۈرلۈك رەڭگە كىرگەن ئىدى....
تامام:گېنىرال
مەنبە:ئىجادىيىتىمدىن

تىنىشلىق  گېنىرالنىڭ قولىدا ...!
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 218
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە218دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2394 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-05-11

ئىس- تۈتەكتە  قالغان  ئۈرۈمچى، يەنە  قارا  قىشقا  كىرىپ  كەتتىڭمۇ؟
دوستلىشىش
مەلىكەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9675
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 520 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-04-23
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 13:17

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،دوستۇم ،ياخشى يېزىپسىز
ياخشىلىق  قىل قولۇڭدىن كەلسە!!!!
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1466
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1466دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12871 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 15:34

گېنىرال ،بۇنى ئۆزىىڭز يازمىغانسىز ؟؟؟بۇنداق ياخشى ھېكايىنى يېزىش ئۈچۈن خېلى
قەلەم قۇۋىتى كېتىىدىغان تۇرسا  ؟
لېكىن ھېكايىڭزدىكى بۇ ئانىنىڭ ئىسلام دىىنى ئاساسى ئاجىزمۇ قانداق ؟
ئوغلى ئۆلۈپ كەتسە مەنمۇ ئۇ ئالەمدە ساڭا ھەمراھ بۇلاي دەپ ئۆلىۋالىدىغان ...
ئۈرۈمچى ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان جاي ،پۈتۈن شنجاڭنىڭ ئىقتىساد مەدەنىيەت
مەركىزى ،ئۈرۈمچىنىڭ بۈگۈنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ،،،تەرەققىيات ۋە
ئادىمىلىك جەھەتتە باشقا يۇرتلار بىلەن پەقەت   ئىلگىرى كىينلىك مۇناسىۋىتى
 مەۋجۇت ،ئۇنىڭدىن پەقەت تۇرمۇشقا ماسلىشش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرلا ئاغرىنىدۇ ..
ئۈرۈمچى ،ئاھ ئۈرۈمچى .......ئالى مەكتەپلەر ماكانى ،،،،،ھەريىلى قانچىلىغان
 سىتۇدىنىتلار سېنىڭدىن  كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىدۇ ،،،،سەندە قالغۇسى
 كېلىدۇ ،،،،،سېنىڭدىكى گۈزەل ھاياتىنى ،ياشلىقىنى  ئەسلىشىدۇ .....
ئۈرۈمچى ....ئەسلىمىلەرگە ،تالاي قىسمەتلەرگە باي شەھەر ،،،،،،
دوستلىشىش
گېنىرال
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9534
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-09
ئاخىرقى: 2011-12-14
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 20:46

شۇنداق  ئاداش ، بىر  ئانىنىڭ  ھەقىقىي  مىھرىنى  ئىپادىلەش  ئۈچۈن  ئۇنى  ئاخىرىدا   ئۆزىنى  ئۆلتۈرگۈزىۋەتتىم ، ئۇنى  ھەرخىل    تەرەپتىن   ئويلىساق  بولىدۇ ، ئوغىلىدىن   بۆلەك  ھىشقانداق   تارتىشقىدەك  ئادىمى   قالمىغان   بىر  ئانىنىڭ   ، ئۆزىنى  ئۆلتۈرىۋىلىشى ھەيران  قالغۇچىلىكى   يوق   مىنىڭچە ، ئەمدى  بۇنى   ئىتىقادىىزغا  باغلىساق  سىز  دىگەندەك  ئۇنىڭ  ئېتىقادىدا  مەسىلە  بولغان  بولىدۇ  ...
لىكىن  ئاشۇنداق  جىددىيچىلىك  ئاشۇنداق    ئازاپ  ئىچىدە  بىر  ئادەمنىڭ  ئۆزىنىڭ  نىمە  قىلىۋاتقىنىنىمۇ  تولۇق   بىلەلىشى  ناتايىن  ....
شۇنىڭ   ئۈچۈن   ئاخىرىدا  ئانىنىمۇ   بىرگە   ئۆلتۈرۋەتتىم ، شەخسەن  مەن ئۇنىڭ  بۇنىڭدىن كىيىنكى   ھاياتىنىڭ   قانداق  بولىدىغانلىقىنى    تەسۋىرلەپ   چىقالىشىمغا   كۆزۈم  يەتمىدى ئاداش  ...
تەكلىپ   پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ...
ئۆزىڭىز   يازمىغانسىز ؟؟؟   دىگەن   خېتىڭىزنى  كۆرۈپ  خوش بولاپ  قالدىم ...
ھەر  ھالدا    يامان  ئەمەس  يىزىلغاشقىلا  سىز  شۇنداق  دىدىڭىز    
تىنىشلىق  گېنىرالنىڭ قولىدا ...!
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1466
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1466دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12871 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 14:17

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى گېنىرال نىڭ 2011-12-03 20:46 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شۇنداق  ئاداش ، بىر  ئانىنىڭ  ھەقىقىي  مىھرىنى  ئىپادىلەش  ئۈچۈن  ئۇنى  ئاخىرىدا   ئۆزىنى  ئۆلتۈرگۈزىۋەتتىم ، ئۇنى  ھەرخىل    تەرەپتىن   ئويلىساق  بولىدۇ ، ئوغىلىدىن   بۆلەك  ھىشقانداق   تارتىشقىدەك  ئادىمى   قالمىغان   بىر  ئانىنىڭ   ، ئۆزىنى  ئۆلتۈرىۋىلىشى ھەيران  قالغۇچىلىكى   يوق   مىنىڭچە ، ئەمدى  بۇنى   ئىتىقادىىزغا  باغلىساق  سىز  دىگەندەك  ئۇنىڭ  ئېتىقادىدا  مەسىلە  بولغان  بولىدۇ  ...
لىكىن  ئاشۇنداق  جىددىيچىلىك  ئاشۇنداق    ئازاپ  ئىچىدە  بىر  ئادەمنىڭ  ئۆزىنىڭ  نىمە  قىلىۋاتقىنىنىمۇ  تولۇق   بىلەلىشى  ناتايىن  ....
شۇنىڭ   ئۈچۈن   ئاخىرىدا  ئانىنىمۇ   بىرگە   ئۆلتۈرۋەتتىم ، شەخسەن  مەن ئۇنىڭ  بۇنىڭدىن كىيىنكى   ھاياتىنىڭ   قانداق  بولىدىغانلىقىنى    تەسۋىرلەپ   چىقالىشىمغا   كۆزۈم  يەتمىدى ئاداش  ...
تەكلىپ   پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ...
ئۆزىڭىز   يازمىغانسىز ؟؟؟   دىگەن   خېتىڭىزنى  كۆرۈپ  خوش بولاپ  قالدىم ...
.......

ئوخخووووووووووووو ..توقىغان بىرنېمكەندە ئەسلى ،،،،
ئۆزەمچە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ ،ئىچ ئاغرىتىپ يۈرۈپتىمەن ،،،،،
رەسىممۇ سىزىدىكەنسەن ،ھېكايىمۇ توقۇيدىكەنسەن ،ئەمدى ئاشپەزلىك
قاپتۇ سەن قىلمىغان ،،،،،،،،
دوستلىشىش
گېنىرال
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9534
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-09
ئاخىرقى: 2011-12-14
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 00:40

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-12-04 14:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئوخخووووووووووووو ..توقىغان بىرنېمكەندە ئەسلى ،،،،
ئۆزەمچە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ ،ئىچ ئاغرىتىپ يۈرۈپتىمەن ،،،،،
رەسىممۇ سىزىدىكەنسەن ،ھېكايىمۇ توقۇيدىكەنسەن ،ئەمدى ئاشپەزلىك
قاپتۇ سەن قىلمىغان ،،،،،،،،

مەن  قازان بىشىغا   بېرىشنى   ياخشى  كۆرمەيمەن ...
خەق  تاماق  ئېتىپ  بەرسە    يەپ   باھا  بېرىشنى  بىلىمەن  ... خى خى خى
تىنىشلىق  گېنىرالنىڭ قولىدا ...!