ئۇزۇن يىل چەتئەللەردە بىلىم ئىلىپ قايتىپ كەلگەن ياش
ئاتا ئانىسىغا:< ئانا دادا مىنىڭ 3سۇئالىم باتتى .ئۇزۇن يىل سىرتتا
يۇرگەن جەرياندا ،بىر ئادەممۇ ماڭا قەنەئەتلىنەرلىك جاۋەپ بىرەلمىدى.
ھازىر سىلەرنىڭ ماڭا سۇئاللىرىمغاجاۋاپ بىرەلىگۇدەك بىرسىنى تىپىپ بىرىشىڭلارنى
سورايمەن >دەپتۇ.
2كۈن ئۈتۈپ ئاتا- ئانىسى بۇ يىگىتكە بىر دانىشمەننى تۇنۇشتۇرۇپتۇ.
يىگىت؛ دانىشمەندىن ئوزىنى ئەيىپلىمەسلىكنى، ئۇرماسلىقنى ،ئاچچىقلىماس-
لىقنى، ئەستايىدىل جدۋاپ بىرىشىنى ئۈتۈنۈپتۇ. يىگىت سۇئالىنى باشلاپتۇ.
1-سۇئال؛خۇدا راسلا بارمۇ؟ بولسا ماڭا شەكلىنى كۆرسىتىپ بىرەلەمسەن.
2-سۇئال؛تەغدىر دىگەن نىمە؟
3-سۇئال؛خۇدا شەيتاننى ، ئوتتىن ياراتقان ئىكەن ، ئوتنى جازالىغاندىمۇ-
دەۋزاق ئوتىدا جازالايدىكەن. ئوت بىلەن ئوتنى ئازاپلىسا نىمە پايدىسى دەپتۇ!
دانىشمەن ئازراق ئويلانغاندىن كىيىن، يىگىتنىڭ ئالدىغا كىلىپ،يىگىتنى قاتىق
ئۇرۇپتىكى يىگىت ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۇشۇپتۇ.
يىگىت دانىشمەندىن نارازى بۇلۇپ< سەن ماڭا ئاچچىقلىمايمەن، ئۇرمايمەن>
دىگەنغۇ دەپتۇ. ئۇغلۇم مەن ئاچچىقلانمىدىم، بۇپەقەت سۇئالىڭغابەرگەن
جاۋابىم دەپتۇ. سەۋەبىنى چۈشۈنەلمىگەن يىگىت دانىشمەندىن نارازى ھالدا
سوراپتۇ. دانىشمەن سۆزباشلاپتۇ.
دانىشمەن يىگىتتىن سوراپتۇ؛ ھازىر سىنى ئۇرغاندا يۈزۈڭ ئاغرىدىمۇ؟ يىگىت-
<ھەئە>دەپتۇ. دانىشمەن؛ئۇنداقتا، سەن ماڭا ئاغرىقنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمسەن؟
يىگىت ئۈندىمەپتۇ؛ دانىشمەن يىگىتكە <مانا بۇ 1- سۇئالىڭنىڭ جاۋابى > دەپتۇ.
دانىشمەن يەنە؛<2كۈن ئاۋال سەن مەن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىڭنى بىلەمتىڭ،
بۇتاياقنى يىيىشنى ئويلاپ باققانمۇ ؟ يىگىت <ياق> دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
دانىشمەن ؛ <مانا بۇ تەغدىر ،سەن ئۇنى كۆرەلمەيسەن،قاچان قانداق كىلىدىغانلىقىنىمۇ-
بىلمەيسەن، بۇ 2-سۇئا لغا جاۋاپ> دەپتۇ. ئاخىرىدا دانىشمەن :
<مىنىڭ قۇلۇم سىنىڭ يۈزۈڭ نىمىدىن تۈزۈلگەن دەپ> سوراپتۇ.
يىگىت ، گۆش دەپ جاۋاپ بىرېپتۇ. دانىشمەن <گۆش بىلەن گۆشنى ئۇرسا ئاغرىيدىكەنۇ؟
ئوت بىلەن ئوتنى ئازاپلىسا ،ئازاپلانماسمۇ؟> دەپتۇ
يىگىت ؛ دانىشمەننىڭ جاۋابىدىن قاناھەتلەنگەن ھالدا ئۆيگە قايتىپتۇ.
مەنبە = دوستۇم