باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1616 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2012-04-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 14:32

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە


                                لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە 
                                         (ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالىسى)

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئۆرپ - ئادەت،توي ـتۆكۈن،قائىدە - يوسۇن،ئەنئەنە،تويلۇق،تويلىشىش.

      ئۇيغۇر مىللىتى تارىخى ئۇزۇن،تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلە ر ئىچىدە مەدەنىي ھاياتقا ئەڭ بۇرۇن كۆچكەن،نۇرغۇنلىغان ئېىسىلئەنئەنە ،ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇنلارغا ئىگە مىللەت.
ئۆرپ - ئادەت-ئىدىئولوگىيە خاراكتېرىگە ئىگە بىر خىل مۇرەككەپ مەسىلە.ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى-ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىدەبىر مىللەتنىڭ پەلسەپە قارشى،ئەخلاق قارشى،ئىقتىسادىي قارشى،ئىجتىمائىي قارشى ،ئەدەبىيات - سەنئەت قارشى،دىنىي قاراشلىرىدائىپادىلىنىپ تۇرماقتا.
   ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى،ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى بولىدۇ.بۇلا شۇ مىللەتنى ئىككىنچى بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاراكتېرلىك ئالامەت،شۇنداقلا شۇ مىللەت ئېتنوگرافىيسىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەلۋەتتە،لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنائەمەس.
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندائۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى ،تىلى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە قەدىمكى ئېلمىنتلارنىڭ بىر قەدەر تۇلۇق ساقلىنىپ كەلگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. تارىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇئەييەن تارىخى،ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شەرت - شارائىت ئاستىدا ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئۆرپ - ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ساغلام،پايدىلىق ئامىللار ئىنتايىن كۆپ.بۇلار ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ يۈكسەك مىللىي پىسخىكىسى ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە،شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى.بۇ خىل ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىن قارىغاندا بەزىلىرى دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،بەزىلىرى دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
     ئىسلام دىنى لوپنۇرغا13ـئەسىردىلا تارقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ،ئاھالىنىڭ ئىنتايىن تارقاق،قاتناش - ئالاقە ئىشلىرىنىڭ بەكمۇ قولايسىزلىقىدەك ئوبىيكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 18ـ ئەسىرگەكەلگەندە ئاندىن ئومۇملاشقان.ئۇنىڭدىن بۇرۇن شامان،بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى.شۇڭا،لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئىسلام كەيپىياتى ئانچە قۇيۇق ئەمەس.ئۇلار بۇرۇنقى دىن - ئېتىقادلىرىنىڭ قىسمەنلىرىنى ئىسلام دىنىغا ماسلاشتۇرۇپ،داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
      يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان لوپنۇرغا ، ئوچۇقى لوپنۇرلۇقلارغا قىزىقىش ئەۋج ئېلىپ،زىيارەتكە كەلگۈچىلەر،كۆرگەن،ئاڭلىغانلىرىدىن تەسىرات يازغۇچىلار كۆپىيىپ قالدى.بۇنداق بولۇشىدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى،ئېتنىك تەركىبى ،ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى بېكىنمىچىلىكتىكى كەچۈرمىشلىرى،ئىشلەپچىقىرىش،ئىگىلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرى،تىل ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنى قىزىقتۇرغان مۇھىم ئامىللاردۇر.
غەربىي رايوننى ئۇنۋېرسال كەڭ ئېچىۋېتىشتەك بۇنداق تارىخى پۇرسەتتە،يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپلا،ماددىي ،مەنىۋىي مەدەنىيەت تەرەققىيات سەۋىيسىنى ياراتقان تارىملىقلارنىڭ قەدىمكى،كېيىنكى ھەم ھازىرقى ئەجدادلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا يەنىمۇ چوڭقۇر، كەڭ تونۇشتۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش.شۇڭا،مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە لوپنۇرلۇقلاردىكى توي - تۆكۈن ئادەلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ياخىشى ئىشنىڭ ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


     لوپنۇرلۇقلاردىكى توي - تۆكۈن ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن بۇرۇن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي: 

        1  . لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
لوپنۇر ناھىيسى-غەرب تەرەپتەكۇچا، بۈگۈر،شايار بىلەن،شىمال تەرەپتە كورلا، ئۇششاقتال،توقسۇن،تۇرپان،پىچان بىلەن،شەرق تەرەپتە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ.يەرمەيدانى 59 مىڭ 767 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ،ناھىيە نوپۇسىنىڭ %73 نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ(بۇ سانلىق مەلۇماتلار 1996ـ يىلى شۇنداق ئىدى).لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھازىرقى لوپنۇر ناھىيسى دائىرىسى ئىچىدە ،بۇرۇنقى زامانلاردا 18 چوڭ دەريا ۋە ئۇنىڭ ھېسابسىز تارماق ئېقىنلىرى بىلەن 180 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆل بولغانلىقى ،ئەجدادلىرىنىڭ كرورەن،مىرەن،ئابدال،قاراقوش(قارا قوشۇن) قاتارلىق قەدىمكى ئاۋات شەھەرلەرگە ۋابا تارقىلىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن تارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىمىنى بويلاپ كۆچۈپ،مۇشۇ دەريا-كۆللەر ئوتتۇرىلىرىدىكى دۆڭلۈكلەر،ئاراللار ۋە ئىپتىدائىي ئورمانلىقلار ئىچىگە ماكانلىشىپ،بېلىق تۇتۇپ،ئوۋ ئوۋلاپ يەپ،تەدرىجى چارۋا قىلىپ ياشاپ كەلگەنلىكلىرىنى رىۋايەت قىلىدۇ.بىز،لوپنۇرنىڭ غەربىدىن تا شەرقى جەنۇبىغا قەدەر نەچچە يۈز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان لېنىيدىكى دۆڭقوتان،مىرسالى،قارچۇغا،چوڭ كۆل،تېيىز كۆل،چارا،ئۇلۇغ كۆل،كۈزلەك،تىكەنلىك،ئويمانكۆل،كۆكئالا،يېڭىسۇ،قاراداي قاتارلىق ئاھالە جايلاشقانلىقى،مەھەللە-كەنىتلەرنىڭ ئىسمىدىن سۇ،كۆكلەم،يايلاق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنىڭ ئاڭلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت جۇغراپىيۋى پاكىتلارغا ئاساسلانساق،ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇقى مەلۇم بولىدۇ.مۇنداق جۇغراپىيۋى مۇھىت ئۇلارنىڭ ئۇزۇن دەۋىرلەرگىچە سىرت بىلەن ئالاقىسى يوق ھالەتتە ياشىشىغا ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەرجەھەتتە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىدىن ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولغان.لوپنۇرئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
     لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈل،زېرەك،مەرد-مەردانە،خۇشچاقچاق،ھېسياتچان،ئاددى-ساددا،ئەمگەكچان،قانائەتچان،چىداملىق،ھالىمەن،يارىمەن،يۇرت سۆيەر،جەسۇرقاتارلىق مىجەز خۇلقى بىلەن كىشىدە چوڭقۇرتەسىرات قالدۇرىدۇ.مۇنداق خىسلەت –پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىرەتتە ئۇچرايدىغان ياخشى-يامان ئىشلارغا،پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيسى،ئەل-يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى،سەمىمىي-سادىقلىقى قاتارلىقجەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.لوپنۇرئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيلىك شارائىتى ئۇلاردا ئۆزىگە خاس گۈزەللىك زوقىنى يېتىشتۈرگەن.بۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سەمىمىي-سادىقلىق،ئاقكۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرغان مىجەز-خارەكتېرىدەئىپادىلىنىدۇ.ئۇلار قەلب گۈزەللىكىنى ئىنسانغا خاس ئەڭ ئاساسلىق گۈزەللىك ھېسابلايدۇ.بۇ ئۇلاردىكى «باش قارا بولغانغىلا ئادەم ئەمەس» دېگەن ماقالدا روشەن خارەكتېرلىنىدۇ.
     لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يەنە ناھايتتى مېھماندوست،داستىخنى كەڭ كېلىدۇ.ئادەتتە مەھەللە ئىچىدە ئۆز-ئارا كىرىپ –چىقىپ مېھمان بولۇشۇپ تۇرۇش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولمايدىغان بىر مەزمۇن.ھەرقاچان غىزا-تاماق ئۈستىگە بىرسى كىرىپ كەلسە چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىپ تۆرگە باشلايدۇ.ئالدىغا تاماق قويۇپ ئاندىن ھال سورايدۇ.تاماق ئۈستىگە كىرگەن كىشىنى «ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە،يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە»دەپ ئۇنى ياخشىلىققا جورۇيدۇ.كىرگەن كىشىگە قارىتىپ تاماق يېيىشنى قىزغانچۇقلۇق،پىخسىقلىق دەپ يامان ئالىدۇ. 
     لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى،ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرى بىلەن مەيلى كۈرەش ھالىتىدە بولسۇن ياكى قوبۇل قىلىش بىرلىشىپ كەتكەن جەريانلىرىدا بولسۇن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇزاق يىللار بىرگە مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن.
    دېمەك،ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس ئىقتىسادى بىرلىك،تىل-يېزىق،مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپلا قالماستىن،شىنجاڭ رايونىدا ياشاۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاس مەدەنىيەتلەر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ كەلگەن.بولۇپمۇ،لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن ئادەتلىرىمۇ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرقى جەريانلىرىغىچە ئۆزگىچە.
 تۆۋەندە مەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
        2. لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي-تۆكۈن ئادەتلىرىنىڭ جەريانى
   لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي- تۆكۈن ئىشلىرىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە ئىنتايىن تىپىك بىر نەچچەخىل مەھەللىۋىي ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن.ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىدە«يانلار»(تاشان يۇتلۇقلار)دىن قىز ئالمايدۇ ھەم ئۇلارغا قىز چىقاررمايدۇ.بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى،ئۇلارنى تۇرالغۇسىز،يىلتىزى يوق،ھامان بىر كۈنى ئۆز جايىغا كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.ئۇنى بىر قەدەر ئىپتىدائىي سودا خاراكتېرلىك تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردىكى ئادەت-قائىدىلەرنىڭ داۋامى ياكى ئىز-قالدۇقلىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.يەنى،لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىق،بېلىق تۇتۇش قوراللىرى،چېگە-تۇرقا،جەرەن-تۈلكە،مولۇن تېرىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تويلۇق سېلىش ئادىتى بولغان.بۇ ئۇلارنىڭ ناھايتتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان دەريا،كۆل ۋە ئاراللادا سىرت بىلەن ئالاقىسىز دېگۈدەك ھالەتتە ياشاپ كەلگەنلىكلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.روشەنكى،بۇ ئادەتلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ سىنپىي جەمىئىيەتكە قەدەم قويغان باسقۇچلىرىدىكى تويلىشىش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر نوقتىلىق ھالداتويلۇق تۈرلىرىنىڭ تويلىشىش جەريانىدىكىبەزى قەدەم-باسقۇچلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ.مەسىلەن:
لايىق تاللاش(كۆزلەش ياكى نىشان كۆرسىتىش)،ئادەم(ئەلچى قويۇش)«گەپ سېلىش»،كىچىك چاي(داستىخان تاشلاش)«چانچىق تۈگۈش»،چوڭ چاي«قولتۇقتۇق بولۇش»،تويلۇق«قالىن»دەپ ئاتىلىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىكى تويلىشىش ئادىتى تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

     1)نىشان كۆرسىتىش(لايىق تاللاش).
  ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئويناپ يۈرگەن،ئۆيلرىگە كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن مەزگىللىرىدىن باشلاپلا قىز ياكى ئوغلىنى ھەرجەھەتتىن كۈزىتىدۇ.مۇشۇ جەرياندا ئاتا-ئانىلارغا مەلۇم بىر قىز ياكى ئوغۇل يېقىپ قالسا،كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزغا تۇيدۇرماي كۆڭلەك ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى ئازىراق يىرتىپ قويىدۇ.ئوغۇلنىڭ بولسا دوپپىسى ياكى تۇمىقىغا ۋە ياكى دۈمبىسىگە بىر تال كالتە ئاق يپ يېپىشتۇرۇپ قويىدۇ.يىگىت بىلەن قىز ھەقىقەتەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا،يىگىت قىزنىڭ بارمىقىغا ئۈزۈك سېلىپ ياكى بوينىغا تۇمار ئېسىپ قويىدۇ.قىز يىگىتكە مەخسۇس ئىشلەنگەن قلياغلىق تۇتۇشتەك ئادەتمۇ بولغان.ئاتا-ئانىلار بۇ بەلگە-ئالامەتلەرنى كۆرگەن ۋە سەزگەندىن كېيىن:«ھە،قىزىمىز(ئوغلىمىز)غا لايىق چىقىپتۇ»دەپ ئويلىنىشقا باشلايدۇ ۋە مەلۇم بىر كۈنى قىز تەرەپكە گەپ سېلىپ ئادەم ئەۋەتىدۇ.
   ئوغۇل تەرەپ ئەلچى ئەۋەتىشتەرەددۇتىدا بولىدۇ.ئەلچى بېرىشتا توققۇز دانە بېلىق بېشى پىشۇرۇپ داستىخان قىلىپ بارىدۇ.ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرمىسە،قىز تەرەپ ئايرىم توققۇز دانە بېلىق بېشى پىشۇرۇپ داستىخاننى ياندۇرىدۇ.  

        2)چانچىق تۈگۈش(داستىخان تاشلاش).
   چانچىق تۈگۈشتە ئېلىپ بېرىلىدىغان داستىخان بىر قەدەر بۇرۇنقى چاغلاردا يەتتە ياكى توققۇز دانە پىشۇرۇلغان بېلىق كاللىسى،قىزغا ئاتاپ بىر كىيىملىك تورقا چەكمە ياكى كۆڭلەكلىك تورقا شايى،ئازىراق تۇز سېلىپ باراتتى.كېيىنچە،بېلىق ئورنىغا شاتىۋا،تەدرىجى زاۋۇت رەختلىرى سالىدىغان بولدى.بۇ ئادەتتە بىز ئاتايدىغان ھەم داستىخان تاشلاش ھەم قىزنىڭ بېشىنى باغلاپ قويۇش بولۇپ،بۇنى لوپنۇرلۇقلار كۆچمە مەنىدە مۇرۇلۇغ○1دەيدۇ.لوپنۇر قوشاقلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

                                               ئۇزۇن بولدى كەپ قويمادىڭ چاراغا○2،
                                               گەپىڭ يوقمۇ مەندەك دىلى ياراغا. 
                                               ئىلاجىم يوق مەن يۈرۈيمەن مۇرۇللۇغ،
                                               باراي دېسەم توساق چۈشتى ئاراغا.

داستىخان تاشلىنىپ ئارىدا بىر نەچچە كۈن تەييارلىق قىلىۋالغاندىن كېيىن،ئۈچىنچى قەدەمدە قولتۇقتۇق قىلىنىپ كەلگەن. 

         3)قولتۇقتۇق بولۇش(چوڭ چاي)
     قولتۇقتۇقتا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە يەتتە ياكى توققۇز پىشۇرۇلغان بېلىق،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىردىن ئىككى كىيىملىك تورقا○3چەكمە ياكى ئانىسىغا بىر كۆڭلەكلىك تورقا شايى،كىچىك بىر خالتا تۇز سېلىپ بېرىلغان بولسا،قىزنىڭ تويلۇق ئاش سۈيىگە قارىتا يەتتە ياكى توققۇز ئون(يەتمىش ياكى توقسان)بېلىق، جەرەن،كېيىك گۆشى ۋە تۈلكە،مولۇن،سۈلەيسۈن تېرىسى○4،بىر ئىككى خالتا ئۇجۇل تالقىنى،ئىككى-ئۈچ تاغار جىگدە ۋە كېمە گۆلمە سېلىشلار بولغان. چانچىق ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن،ئارىدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك گەپ ئۆتۈلۈپ ياكى باشقا بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىپ،توي ئىشى بۇزۇلۇپ،ئوغۇل تەرەپنىڭ چانچىقىنى قايتۇرىۋېتىشكە توغرا كەلسە،ئەكىرىلگەن بېلىق كاللىسى قانچە بولسا،شۇنچە تال خام بېلىق كاللىسى بىلەن قىزغا،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەكىرىلگەن مالنى،تۇزنى(قايتۇرما چانچىق)قىلىپ مەھەللىدىكى بىرەر چوڭراق ئايالغاكۆتەرتىپ ياكى يەنە بىر چوڭ ياشلىق ئەر بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،قايتۇرما چانچىقىنى ئېچىپ قويۇپلا قايتىپ چىقاتتى.ئىككى تەرەپتىن بىر ئېغىزمۇ گەپ-سۆز بولۇنمايتتى.باشقا نەرسىلەرمۇ قايتۇرىلىدۇ.ئەمما،قولتۇقتۇق بولۇش ئەل-يۇرت ئالدىدا قۇدىلىشىشقا بېرىلگەن ۋەدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا مەيلى قايسىسى بولمىسۇن ھەرقانداق شارائىتتا يالتىيىۋېلىشقا بولمايدۇ.


       4)قالىن (تويلۇق)
     بۇرۇن قالىن(تويلۇق) ئۈچۈن بېلىق،ئۇجۇل،تورقا-چەكمەن،تورقا،جىگدە،كېمە،گۆلمە(تور)،جەرەن،تۈلكە،مولۇن تېرىلىرى سېلىنىپ كەلگەن،كېيىن جەرەن ،تۈلكە،مولۇن تېرىلىرى ئورنىغا قوي،كالا ياكى قوي-كالا بەدىلىگە كۆمۈش،يامبۇ سېلىنىدىغان بولغان.قول ئىلىكىدە بارلار ئارا تويلۇق ئۈچۈن توققۇز ياكى يەتتە ئون بېلىق(20 بېلىق بىر ئون بېلىق ھېسابلىنىدۇ)،توققۇز ياكى يەتتە جەرەن،تۈلكە ياكى مولۇن تېرىلىرى،بىر جۈپ كېمە،بىر جۉپ گۆلمە،توققۇز ياكى يەتتە كىيىملىك تورقا چەكمە،ئىككى-ئۈچ خالتا ئۇجۇل،تۆت-بەش تاغار جىگدە،ئىككى ئارتىق تورقا،ئادەتتىكىلەر ئارا ھەممە ئۆز ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېمەيتىپ تەدرىجى ئۆزگىرىپ ،يۇقىرىقىدەك تويلۇق تۈرلىرىنىڭ ئورنىنى كالا،قوي،رەخت،ئاشلىق(بۇغداي ياكى ئۇن)ئالغان.
     لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىسىدە توي ھەم ئاددى-ساددا بولۇش بىلەن ئۆزگخچە ئۆتكۈزۈلەتتى.توي قىز تەرەپتىلا ئۆتكۈزۈلۈپ ئوغۇل تەرەپتە قازان ئېسىش ئادىتى يوق ئىدى.ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق ھەم شالاڭ بولغاچقا،تويغا(جۈملىدىن باشقا ھەرقانداق يىغىنچىلىققا)ئادەم چاقىرىش،خەۋەر قىلىش قىيىن ئىشلاردىن ئىدى.ئەمما كىشىلەر شۇ يەرنىڭ يەر شارائىتىغا مۇۋاپىق ئوڭاي ئۇسۇلنى تېپىۋالغان.تۆت ئادەم تۆت تەرەپتە بىردىن قۇم دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ توي توغرىسىدا جاكار تارقىتاتتى.خوشنا مەھەللىدىكىلەردىن بۇنى ئاڭلىغان بىرى بىر دۆڭگە چىقىپ ھېلىقى جاكارنى ئاڭلىغىنى بويىچە تەكرار توۋلايتتى.شۇ تەرىقىدە توي ۋە باشقا يىغىنچىلىقنىڭ خەۋىرى قۇلاقتىن-قۇلاققا يەتكۈزۈلۈپ،بىرەر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى كىشىلەرمۇ خەۋەر تاپاتتى.ئەمما، ھازىر ھەممە جايلارغا ئورتاق بولغان باغاق تارقىتىش ئارقىلىق توي ئۇقتۇرۇشى قىلىدىغان بولدى.تويغا قىز تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى،قۇربىغا قاراپ قوي،كالا،كېيىك،جەرەن گۆشى،نەچچە ئون بېلىق،توشقان ئېلىپ كېلەتتى،تۇققانلار ۋە قۇلۇم- خوشنىلار تويغا بوسۇتلۇق ئۈچۈن رەخت،گېلەم....قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان بولدى.يەنە تويغا تەييارلىنىدىغان تاماقلارمۇ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزدىن بولماقتا.بۇرۇن تويدا مېھمانلارغا تارتىلىدىغان تائام بېلىقنى ئاساس قىلىپ گۆش ۋە ئۇجۇل،بېلىق تالقىنى ئۇمىچى ياكى جىگدە تالقىنى ئۇمىچى ئىدى.بۇنداق جەم بولۇش دائىم بولۇپ تۇرمىغاچقا،توي مەرىكىسى ھەرقايسى جايلاردىكى قوشاقچىلار ئۈچۈن ئۆزىنى كۆرسىتىۋالىدىغان بىر پۇرسەت بولسا،كۆپچىلىك ئۈچۈن قانغۇچە قوشاق ئاڭلاپ پۇخادىن چىقىپ كۆڭلىنى ئېچىۋالىدىغان ،ئۇزاقتا كەلگەن بىر پۇرسەت ئىدى.شۇڭا توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئائىلە كىشىلىرى ئاغرىپ قېلىپ ئورنىدىن تۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە يېتىپ قالمىغانلا بولسا،چوڭ-كىچىك،قېرى-ياش ھەممىسى كېلەتتى.توي ئېگىلىرى بىلەن تونۇشۇش-تونۇشمايدىغىنى بىلەن ھېسابلاشمايتتى.ھەتتا بەزىلىرى ئېھتىيات ئۈچۈن يەيدىغانلىرىنىمۇ ئېلىۋالاتتى.(بۇنداق قىلىشتا يولدا بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ بولۇپ قېلىشىنى نەزەرگە ئالاتتى).كىشىلەر ئات،تۆگە،كالا،ئېشەك مىنىپ،پىيادە بولۇپ توي مەرىكىسى بولىدىغان تەرەپكە ئېقىشاتتى.ھەممە جاينى قوشاقچىلارنىڭ ئاۋازى قاپلايتتى.كىشىلەرنىڭ توي مەرىكىسىگە بۇنداق قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشىدا ئەلۋەتتە تۈرلۈك سەۋەپلەر بارئىدى.لوپنۇرلۇقلاردىمۇ بۇرۇن باشقا يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ساز-مۇزىكا چېلىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان،بەزمە-مەشرەپ قىلىدىغان سەنئەت شەكىللىرى بولغان بولسىمۇ،تەبىئىي شارائىت،ياشاش مۇھىتى ناچارلىشىپ،نەچچەيۈز يىل داۋام قىلغان تولا كۆچۈش،تارقاق ماكانلىشىش تۈپەيلىدىن كىشىلەردە پات-پات بىر يەرگە جەم بولۇپ بەزمە-مەشرەپ قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش قىلىدىغان ئىمكانىيەت بولمىغان.20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە سەنئەتنىڭ ئۆز-ئارا قوشاق ئېيتىشىشتىن باشقا شەكىللىرى قالمىغان.توينىڭ بىردىنبىر يارىشىقى ئوغۇ قىز تەرەپتىن ۋە خالىغانچە قوشاقچىلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆزئارا بىر-بىرىگە قوشاق تاشلىشىش بولغان.بۇنداق سورۇندا قوشاق تاشلىشىدىغانلار ئۆزىنىڭ قوشاقچىلىقتىكى ماھارىتىنى،ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلىدىغان بولغاچقا،سۆز(قوشاق)ئويۇنىدا رەقىبىنى ھەرگىز ئاياپ تۇرمايدۇ.بۇنداق سورۇندا ئېيتىلغان قوشاقلار ھەرقانچە كىشىنىڭ شەخسىيتىگە ھەتتا ئائىلە،جەمەتىگە تېگىدىغان سېسىق،ھاقارەتلىك بولسىمۇ،كىشىلەر ئۇنى كۆڭۈل ئېچىش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان ئادەتتىكى قوشاق دەپلا قارايدۇ،ھەرگىز ئېغىر ئالمايدۇ،تەگەشمەيدۇ...
      بۇرۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك توي مەشرىپى بولماي مەرىكىدىن كېيىن ئوغلاق تارتىشىش بولاتتى.نىكاھ ئوغلاق تارتىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇلۇپ قىز كۆچۈرىلەتتى.توي كۆچۈرۈش ئادىتىمۇ ئۆزگىچە،قوشاقلار ئېيتىلىپ،ۋاقىت بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن،تۆتىنجى قەدەمدە توي كۆچۈرۈش بولىدۇ.قىز باشقىدىن كىيىندۈرۈلۈپ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىلىۋاتقاندا ۋە قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئۇرۇغ-تۇغقان،مەھەللىداشلىرى داپ ئورنىدا چاۋاك چېلىپ ياكى تاۋاق-قاچا،لېگەن،جاۋۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى رېتىملىق ئۇرۇپ قوشاق ئېيتىشاتتى.
بۇنداق چاغدا ئېيتىلىدىغان قوشاقلار ئوخشاش ئەمەس.ھەر مەھەللە-جايلارنىڭ ئۆزگىچە.
مەسىلەن:
                                                      داڭىتقۇيەي،دوڭىتقۇ،○5 
                                                      توي قىلماق بەخت-قۇتقۇ. 
                                                      تاپىپ چىقاي،ئالىپ چىق،
                                                      باش-كۆزىنۇ ياپىپ چىق. 
                                                      قىزنى تاپشۇر كۆيۈگە، 
                                                      ئالىپ كەتسۇن ئۆيۈگە.
                                                      ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار،
                                                      توغراق يېشى كۆرۈڭلار.
ياكى:
 
                                                       كەتەر بولدۇ قىزىمىز،
                                                       قۇم دۆڭىنىڭ ئۇ ياقىغا.
                                                       ئىككى كالا پايلاماس،
                                                       يوللارنىڭ يىراقىغا.
                                                       قىزىمىز كۆنەلەرمۇ،
                                                       ياڭى ئۆي ئوچاقىغا....
قىز كۆچۈرۈپ ماڭغۇچىلار تاكى مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە بىرىنىڭكىگە بىرى ئۇلاپ قوشاق ئېيتىشىپ ماڭاتتى.بۇ چاغدا ئېيتىلىدىغان قوشاقلار يېڭى كېلىندىن ئېزگۈ تىلەكلەر تىلەشتىن ئىبارەت بولاتتى.
  قىز كۆچۈرۈلۈپ ئۆيگە كەلگەندە كېلىن ھويلا ئىشىكىنىڭ ئىچى تەرىپىگە يېقىلغان ئوتتىن سەكرەپ ئۆتۈپ بولۇپ،ئىچىدە بېلىق يېغى ياكى سېرىق ماي بار ياغاچ چۆمۈچنى ئوتقا تاشلايتتى،ئوت چاراسلاپ چاچقۇ چاچرىتىپ كۆيەتتى.بۇنى ئۇلار«كېلىنىمىزنىڭ ئايىقى ياراشسا،ئائىلىمىزنىڭ بەختى مۇشۇ ئوتتەك يورۇپ كەتكۈدەك»دەيتتى.بۇ خۇددى ئۇلارنىڭ «كىم ئوتنى ئۆچۈرسە،ئۇنىڭ بەختى ئۆچىدۇ»دەپ،ئوت كۆيۈپ بولۇپ ئۆزى ئۆچمىگۈچە ئۆچۈرمەيدىغان ئادىتىگە ئوخشاش. ئۇزاق قەدىمكى زاماندىكى ئوتقا چوقۇنۇش،ئوتنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادىدىن قالغان ساقىندى ئادىتىدىن ئىبارەت○6. كېلىن ئاندىن ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان كۆتەككە ئورناپ ئولتۇرغۇزىلاتتى.بۇ،كېلىنىمىز ئۆيىمىزگە كۆتەكتەك ئورناپ كەتسۇن دېگەنلىك.كېلىننى ئەكىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن بېشىنى چۈمكەپ ئارتىلغان ئۈچ ياغلىق(بىرىنى كۆچۈرۈپ ماڭغاندا ئانىسى،بىرىنى قېينىئانىسى،يەنە بىرىنى يەڭگىسى ئارتىپ قويغان)نى يەڭگىسى ياكى ئوغۇل تەرەپتىن ياشىراق بىر ئايال كېلىپ قوشاق ئېيتقاچ: 

                                                                    ئاۋالارەي○7،ئىنەلەر، 
                                                                    ئاغاچىلار،ئاغىلار○8.
                                                                    قىز يۈزۈنۇ ئاچالى،
                                                                    ئۈنچە-مارجان چاچالى.
                                                                    قىز ياراشقاي ئۆيۈگە،
                                                                    باغىر باسقاي كۆيۈگە.
دەپ تۇرۇپ ئېلىۋېتەتتى.بۇ«يۈز ئاچقۇ»دېيىلىدۇ.«يۈز ئاچقۇ» دا ئوقۇلىدىغان قوشاقلار مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ.مەسىلەن:


                                                                    سىزنى تويلاپ ئەكەلدۇق،
                                                                    بالا بولسۇن بىزگە دەپ.
                                                                    دەريا-كۆلگە توققۇز ئون○9،
                                                                    كېمە سالدۇق سىزگە دەپ. 
                                                                    قۇلاق سالماڭ ئارادا،
                                                                    بولۇپ قالسا جەمە گەپ○10.
يۈزى ئېچىۋېتىلگەن كېلىن قېينىئاتىسىغا،قېينىئانىسىغا،ئاندىن باشقا مېھمانلارغا سالام بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن توي ئاخىرلىشىدۇ،مېھمانلارمۇ تارايدۇ.
       ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە ئىنسانىي ئەخلاق،شەرمىي-ھاياغا بەكمۇ ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن .قىزلانىڭ شەرمىي-ھايالىق بولۇشىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى قىزلىق ئىپپەت-نو،ۇسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.مانا بۇ نوقتىغا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن،ھەم بۇنىڭغا ئائىت ئۇلاردا بۇرۇندىن ھازىرغىچە بىر قىسىم ئۆزگىچە پەرھىز ۋە قائىدىلەر داۋاملاشقان.بۇخىل قائىدىلەردىن بىرى بولغان قىزنى يېڭى سويۇلغان قوي تېرىسىگە يۆگەش ئادىتى لوپنۇرنىڭ يىراق يېزىلىرىدىن بىرى بولغان قارچۇغا يېزىسىدا تا ھازىرغا قەدەر قەتئىي داۋاملىشىپ كەلمەكتە.يەنى،قىز كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كۈنى (توي كېچىسى)نىڭ ياندۇرقى كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر چوڭراق بىر قوينى تەييارلايدۇ.يىگىت يەڭگىلەر ياكى ئانىسى ئارقىلىق توي قىزىنىڭ ئىپپەتلىك ئىكەنلىكىنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرىدۇ.بۇنىڭ ئىپادىسى ئۈچۈن تېخى چۇجرىسىدىن چىقمىغان قىزنىڭ مەيدىسىگە يوغان بىرتال گۈل تاقايدۇ،ئاندىن تەييارلانغان قوينى سويۇپ ەۆشىدە شورپا قىلىپ قىزنى كۈتىدۇ،تېرىسىغا قىزنى يۆگەش قائىدىسىنى قىلىدۇ.بۇرۇنلادا قىزنى تېرىگە يۆگەش ھەپتە داۋاملىشاتتىكەن،بۇ چاغدا يىگىت قىزنىڭ بارلىق ھاجىتىدىن چىقىدىكەن،ئاندىن ھەپتە ياكى بەش-ئالتە كۈندىن كېيىن قىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا مۇراسىم-مەرىكە بېرەتتىكەن،بۇ مۇراسىمنى قارچۇغىلىقلار توي مۇراسىمىدىن چارە بىلەتتىكەن. ھازىر بىر قىسىم ئادەت-قائىدىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قىزنى تېرىگە ئېلىش مۇراسىمىنىڭ بەزى تەرەپلىرىدە ئۆزگىرىش بولغان.يەنى،ياندۇرقى كۈنى قىزنىڭ مەيدىسىگە گۈل تاقاپ،تېرىگە ئالىدىغان قائىدىسى تۈگىگەندىن كېيىن،ئالاھىدە داستىخان راسلاپ قىزغا ۋە يەڭ‍گىلەرگە قويىدۇ،ئاندىن ياندۇرۇق چاي ئۆتكۈزىدۇ.ناۋادا،توي قىزى ئىپپەتلىك قىز بولماي قالسا،بۇ قائىدىلەر قىلىنماستىن،ئارىغا بىر ئاز سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ.بۇرۇنلادا مۇشۇنداق بولۇپ قالسا توينىڭ ئەتىسىلا قىز يەڭگىلىرىگە قوشۇپ قويۇلىدىكەن ياكى سازايى قىلىندىكەن.ھازىر گەرچە بۇ قائىدىلەر سەل قىسقىرىغان بولسىمۇ،قارچۇغىلىقلار،جۈملىدىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ نەزىرىدە توي قىزىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.بۇ قىزنىڭ چوڭ بولۇپ ئۆسكەن ئائىلىسىگە ئىززەت-ئابروي ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن،يىگىتنىڭ ئائىلىسى،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.يەنە قىز ئۆزىنىڭمۇ بىر ئۆمۈر يۈزى يورۇق بولىدۇ.ئۇلار بۇ خىل ئىززەت-ئىكرامنى ئانا شۇنداق ئەمىلى ھەرىكىتى ۋە مەرىكە-مۇراسىم بىلەن ئىپادىلەپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق،شەرمىي-ھايا،ئىززەت-ئابروي قارشىنى نامايەن قىلغان.ھەممە پائالىيەتلەر جەمئىيەت ئېقىمىغا ماسلشپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىكى مۇشۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى قائىدىلەر ئىزچىل داۋاملىشىپ،كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
    يۇقىرىقى تويلىشىش ئادىتى مەرىكە كۈنى ئاياغلىشىدۇ،ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپتىن ئەكېلىدىغان ئىسسىقلىق ئۈچۈنمۇ لوخو بېشى پىشۇرۇپ ئەكىلىش بولسىمۇ،ھازىر ئاش ئەكىلىش ئوموملاشقان. 


           5) چىللاق
بۇرۇندىنلا چىللاققا كەلگەن مېھمانلار لوخو بېشى بىلەن مېھمان قىلىنىپ كەلگەن.تۇققانلار ئارا قويۇلىدىغان سوۋغاتقىمۇ گۆش بىلەن توقاچ قويۇلۇپ كەلگەن.ئەمما گۆش تۇغقانلانىڭ دەرىجىسىگە ماس كېلىشى شەرت.بۇ«قويدۇرۇق»دەپ ئاتىلىدۇ.كېيىنچە قويدۇرۇق ئۈچۈن رەخىت قويۇلىدىغان بولغان.
لوپنۇر ئەنئەنىسىدە توي ئەنە شۇنداق ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئاددىي-ساددا،ئەمما ئنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىلەتتى................................


          3.لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بىلەن كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
 
       ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن،توي مۇراسىم ئادەتلىرىدىمۇ ھەرقايسى رايونلاردا بىر قىسىم ئوخشاش بولمىغان قائىدە-يوسۇنلار مەۋجۈت.
     ئىلگىرى تويلاشماقچى بولغان ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى ئارقىلىق ئۆز-ئارا رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن تويلىشاتتى،يىگىت بىلەن قىز تويدىن بۇرۇن يۈز كۆرۈشمەي،توي كۈنى ھۇجىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن يۈز كۆرۈشەتتى.ھازىر ئەھۋال ئۆزگىرىپ،يىگىت بىلەن قىز ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ،ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن تويلىشىدىغان بولدى.ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى ھەم ھەرقايسى جايلارنىڭ توي مۇراسىم ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ توي مۇراسىملاردا بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ئاددىيلىشىپ،قىسقىراپ يەنە بىر قىسىم قائىدە –يوسۇنلار قوشۇلۇپ،ھازىرقى شارائىتتىكى بىر قەدەر قېلىپلاشقان توي-تۆكۈن تەرتىپى بارلىققا كەلدى.
      لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىدەك بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيلەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان توي مۇراسىم ئادەتلىرى بار.كورلا رايونىدا بولسا توي تەرتىپى بىر قەدەر قېلىپلاشقان بولۇپ،تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
      دەسلەپكى ئىككى قەدەم لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھازىرقى توي ئادىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،ئىككى تەرەپ تويغا رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن ،ئايال قۇدىلار ئۆز-ئارا تونۇشۇش ھەم قىز تەرەپنىڭ تويغا قوشۇلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن يىگىتنىڭ ئاپىسى يېقىن ئايال تۇغقانلىرىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ قىز تەرەپكە رەھمەت داستىخنى ئېلىپ بارىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تويلىشىش دەسلەپكى قەدەمدە باشلىنىدۇ.
      ئۈچىنچى قەدەمدە يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ.ئەلچىلىككە يۇرت چوڭى،بىۋاستە تاغىسى قاتارلىق ئەرلەر تاللىنىدۇ.ھازىر ئەلچىلىك قېتىم سانى قىسقىراپ،بىرلا قېتىم بارىدىغان ھەم قىز تەرەپ قوشۇلسا شۇ كۈنىلا توي ۋاقتى،تويلۇق،ئاش سۈيى(گۆش،گۈرۈچ،ماي،سەۋزە ۋە باشقا توي لازىمەتلىكلىرى)،چوڭ-كىچىك داستىخان ئاساسى جەھەتتىن بېكىتىلىدىغان بولدى.
       تۆتىنچى قەدەمدە ، ئوغۇل تەرەپ مۇۋاپىق كۈننى تاللاپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە قولۇم-خوشنا ھەم يېقىن-يورۇقلىرىنى ئېلىپ (ئاياللار)قىز تەرەپكە چوڭ چاي ئېلىپ بارىدۇ.داستىخانغا ئوغۇل تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن 10~20 گىچە پەتنۇس راسلايدۇ،بۇنىڭدا كەمپۈت،ناۋات،چاي،پىشۇرۇق،مېۋە-چېۋە ۋە باشقا قۇرۇق ھۆل يېمىشلەردىن باشقا قىزغا ئاتالغان تۆت پەسىللىك كىيىملەر،ئالتۇن،زىبۇ-زىننەتلەر،قىزنىڭ ئاتا-ئانا،چوڭ دادا،چوڭ ئاپىلىرىغا ھەم باشقا قېرىنداشلىرىغا كېيىملىك رەختلەر قويۇلىدۇ. 
       بەشىنچى قەدەمدە،توي مۇراسىمىغا بىر ھەپتە قالغاندىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپ باغاق تارقىتىش،يىراق-يېقىنغا خەۋەر بېرىش بىلەن بولىدۇ.توينىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى قىزنىڭ دوستلىرى ھۇجرا ئۆينى ياساشقا كېلىدۇ.بۇنىڭدا قىز تەييارلىغان پەردە،ياپقۇچ ۋە باشقا ئۆي لازىمەتلىكلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ.ھۇجرا ئۆي دەسلەپكى قەدەمدە ياسىلىدۇ.قالغىنى توي كۈنى بېرىدىغان يوتقان-كۆپە ۋە باشقا ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى بىلەن بېزىلىپ،ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا قىز-يىگىتنىڭ ئۆيى ياسىلىدۇ.بۇ تەرەپلىرى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھازىرقى توي ئادىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. 
      ئالتىنچى قەدەمدە،توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.يېزا تەرەپلەدە ئاساسەن ئۆيدە ئۆتكۈزىلىدۇ.شەھەرلەدە ئۆيلەر كىچىك،قولايسىز بولغاچقا،مەرىكە زاللىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
توي كۈنى سەھەردىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپتە توي باشلىنىدۇ.مەسجىدتىن يانغان جامائەت ۋە باشقا يىراق-يېقىنلار توي ئېشىغا داخىل بولغاندىن كېيىن،چۈشتىن بۇرۇن تەخمىنەن سائەت 7:30 لاردىن باشلاپ ئاياللار تويغا كېلىشكە باشلايدۇ.يىگىت تەرەپتىمۇ شۇ تەرتىپ بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىپ،چۈشكە يېقىن بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە باشقا يېقىنلارنى ئېلىپ قىز-يىگىت ئولتۇرىدىغان ماشىنىنى ھەرخىل گۈللەر بىلەن بېزەپ،باشقا ماشىنىلارغا قىزىل رەخت باغلاپ،ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ،ماشىنىلارنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇللارنى ئويناپ،قىز تەرەپكە توي كۆچۈرگىلى بارىدۇ.
      نىكاھ ئوقۇش بۇرۇنلاردا بىر كۈن بۇرۇن ئوقۇلاتتى.ھازىر توي كۈنىنىڭ ئۆزىدە قىز كۆچۈرگىلى كەلگەندىلا بىر ئېغىز ئۆي خالىي قىلىنىپ،يىگىت ھەم قىزنىڭ دادىلىرى،موللا ۋە يىگىت قولداشلىرى ھەمراھ بولۇپ،بىرلىكتە نىكاھ ئوقۇلىدىغان بولدى.لوپنۇردىمۇ يۇقارقىدەك ئادەت ئوموملاشماقتا.
نىكاھ ئوقۇشيىن بۇرۇن موللا قانۇنلۇق توي خېتىنى چوقۇم كۆرىدۇ.يان ئۆي ئىشىكىدە قىز قولداشلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇپ نىكاھ سۈرىسىنى ئاڭلايدۇ،ئوغۇل-قىز رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن تۇزغا چىلانغان ناننى قولداشلىرى يىگىت بىلەن قىزغا يېگۈزىدۇ.بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ بىر جۈپلەنى مەڭگۈ ئىمان-ئېتقادى بىلەن ۋاپادار ئۆتۈشكە ئۈندەشتۇر.نىكاھدىن كېيىن قىزغا تويلۇق كىيىم كىيگۈزىلىدۇ.يىگىتنىڭ ئاچىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقىنىدىن ئىككى-ئۈچ ئايال كىرىپ،قىزغا باشتىن-ئاياغ تويلۇق كىيىم كىيگۈزىدۇ.كىيىم كىيگۈزۈش باش كىيىمدىن باشلىنىدۇ،زىبۇ-زىننەت ئۈستىدىن-ئاستىغا،ئوڭدىن-سولغا تاقىلىدۇ.ئاياقمۇ ئوڭ پۇتتىن كىيىلىدۇ،ئايىقىنىڭ ئىچىگە سەرەڭگە ياقىدۇ.بۇ «ئوتتا چايقاش» دېيىلىدۇ.بۇنىڭدىن مەقسەت:«كېلىنىمىزنىڭ ئايىقى ئوتلۇق،مېھرى ئىسسىق بولسۇن »دېگەنلىكتۇر.كىيىم كىيگۈزۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىگىت ۋەكىللىرى قىزنى ئالدىرىتىدۇ.يىگىت بىلەن قىز توي سورۇنىغا ئېلىپ چىقىلىپ،كۆرپىگە ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن،قىز تەرەپ ۋەكىلى قىزغا ئاتالغان تويلۇقلارنى ئوتتۇرىغا يايىدۇ(يوتقان-كۆرپە،ياستۇقلار،گېلەم-ئەدىياللار،ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر).
ئوغۇل تەرەپتىن تويلۇقلارنى رەھمەت تازىم بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،قىز تەرەپتىن ياشتا چوڭ،ھۆرمەتتە چوڭ تۇغقىنى،كۆپىنچە ئاتا-ئانىسى(ئەر-ئايال چەكلەنمەيدۇ)قىز يىگىتكە دۇئا بېرىدۇ.دۇئا بىر جۈپلەرگە مەڭگۈلۈك بەخىتلىك تۇرمۇش،ۋاپادار ۋە ئەقىللىق پەرزەنت تىلەش بىلەن بىللە قىزغا ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن رەھمەت تازىم بىلەن قىزنى ئېلىپ ماڭىدۇ.قىز تەرەپتىن بىر قىسىم تۇغقانلار(دادىسى،ئانىسىدىن باشقا) ھەم ئالاھىدە تەيىنلەنگەن يەڭگە ئوغۇل تەرەپكە بىللە بارىدۇ.قىز ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ھويلىغا بوسۇغىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئىسسىقلىق ئوتى يېقىلىپ،قىز شۇ ئوتتىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ.(بۇنىڭدىن مەقسەت قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ئاشۇ ئوتتەك ئىسسىق بولسۇن دېمەكچى.)ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن قىزنىڭ ئاستىغا ئالدىن تەييارلانغان كۆرپە ياكى گېلەم قاتارلىق نەرسىلەرنى سالىدۇ.(قىزنىڭ ئاستىغا سېلىنغان نەرسە ھۇجرا ئۆيگە مەنسۇپ.) قىز ئولتۇرغان كۆرپىنىڭ ئاستىغا تاش قويۇپ قويۇلىدۇ،(بۇنىڭدىكلى مەقسەت قىز مۇشۇ ئۆيگە سۇغا چۈشكەن تاشتەك ئورناپ كەتسۇن،دېمەكچى).
       يەتتىنچى قەدەمدە،توينىڭ ئىككىنچى كۈنى سەھەردە يىگىت قولداشلىرى بىلەن قىزنىڭ چوڭ ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ.يىگىت ۋە قولداشلىرىغا ئالدىن تەييارلانغان سوۋغاتلار قويۇلىدۇ.
       سەككىزىنچى قەدەمدە،قىز تەرەپ تۇغقانلىرىنى،يېقىنلىرىنى ئېلىپ ئوغۇل ئىسسىقلىق(پولو،سامبۇسا...قاتارلىق تاماقلارنى)ئېلىپ كېلىدۇ.
       توققۇزىنچى قەدەمدە،ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە قىزنى كۆرسەتكىلى ئېلىپ بارىدۇ. 


                    4. لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا
        1980-يىللاردىن باشلاپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىشكە باشلىغان سىترنىڭ تۈرلۈك تۈستىكى مەدەنىيەتلىرىمىزنى،جۈملىدىن ئۆزگىچە،خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر ئوبدان توي مەدەنىيتىمىزنى شالغۇتلاشتۇرىۋېتىپلا قالماستىن،ھەشەمەتلىك،ئىسراپخولۇقتا تاپتىن چىقىرىپ،بىزنى ئۆز ئەنئەنىمىزاىن ياتلاشتۇرىۋەتتى.شۇ قاتاردا نەچچە ئەسىردىن بۇيان بېكىنمىچىلىك پەردىسى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلارمۇ«يېڭى مەدەنىيەتلەر»دىن يۈزى ئېچىلىپ،دەسلىپىدە ھاڭتاڭلىقتا گاڭگىراپ قالغان بولسا،ئۈزۈلمەي تۆپە-تۆپىلەپ كۆرۈلىۋاتقان يېڭىلىقلار،«يېڭى مەدەنىيەتلەر»دىن،شۇنداقلا خوشنا يۇرتلاردىن كېلىپ تۇرغان «يېڭى مەدەنىيەت پۇرىقى»دىن مەست بولۇپ،ئېسىل ئەنئەنىسىنى «كونىلىق»دەپ چۆرۈپ تاشلاپ،«زامانىۋىي يېڭى مەدەنىيەت»كە بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىشتى.قىز-ئوغۇل تەرەپ بىر-بىرىگە سېلىق سېلىشماي «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز»دېگەندەك،«يوتقىنىغا قاراپ پۇت سۇنۇپ»،چامىنىڭ يېتىشىچە كېرەكلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئۇرۇغ-تۇغقان،قولۇم-خوشنىلارمۇ تەڭ ھە-ھۇ قىلىشىپ،قوشاق ئېيتىشىپ ،تېجەشلىك،كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ئۆتكۈزىلەتتى.ئەمدىچۇ؟! ئۇ ئېسىل ئەنئەنىمىزنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايمايمىز.بولۇپمۇ شەھەر ۋە شەھەر ئەتىراپىدىكى يېزىلاردا...
     ھازىرقى توي ئەھۋالى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىدىكى توي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق،بۇرۇنقىسى بىلەن ھازىرقىسىنىڭ ئارلىقىدىكى پەرقلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە چوڭىيىپ كەتكىنىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئازاپلىنىمىز،ئېچىنىمىز.ئۇلارمۇ ئېسىل ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىپ يىراقلاپ كەتكىنىنى ھېس قىلغان چېغى،ھەر ھالدا پەسكويغا چۈشتى.ئەمما، شەھەردىن يېزىلارغىچە توينى قوشاق ئېيتىشىپ قىزىتىدىغان ئەنئەنىسى ئۇنتۇلدى.ئۇنىڭ ئورنىنى ئالا-تاغىل ۋارقىراپ،قول پۇلاڭلىتىپ ئېگىز-پەس سەكرەيدىغان غەيرى-غەلىتە ئۇسۇللار ئېگىلىدى.ئەمما بىز يەنىلا ئەسلىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا ھەمدە ئۇنى قوغداشقا موھتاج.چۈنكى،ئەسلىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر ھامىنى ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى خاسلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز،ئۇنى قوغدىشىمىز،ئاسىرىشىمىز،بېيتىپ مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز،داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.


 
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.مويدۇن سايىت بوستان:«لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،2003-يىل4-ئاينىڭ1-نەشرى.
2. مويدۇن سايىت بوستان:«لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا»،مىراس ژۇرنىلى 2008-يىلى 6-سان.
3.ئۆمەرجان قۇربان،تۇسۇنئاي ئۆمەر:«كورلىلىقلارنىڭ توي مۇراسىم ئادەتلىرى»،كروران ژۇرنىلى 2008-يىلى 6-سان.
4.ئابدۇرېھىم ئابدۇللا:«لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى»،شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 1996-يىلى 5ـ سان.


ئىزاھاتلار:

○1مۇرۇللۇغ - ئەسلىدىكى ئىستېمال مەنىسى:ھايھانلارنى باغلاپ قويۇش.
○2چارا - جاي نامى.
○3تورقا - چېگە تۈرىدىكى چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ ،دەريا،كۆل ياقىلىرىدا،نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ،پۇتاقسىز،چېگىدىن ئىككى ھەسسە ئېگىز بولىدۇ.تالالىرى يىپەكتەك سىپتا،يۇمشاق، سىلىق،ئۇنىڭدىن توقۇلغان رەخت مەشۇت(يىپەك)رەختتەك سۈپەتلىك بولىدۇ.
○4سۈلەيسۈن تېرىسى - سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان.سىرتقى كۆرۈنۈشى مۈشۈككە ئوخشايدۇ.لېكىن مۈشۈكتىن خېلى چوڭ،قۇيرۇقى قىسقا،ئىككى قۇلىقىنىڭ ئۇچىدا بىر تۇتامدىن ئۇزۇن تۈكى بولىدۇ.ئىككى قوۋۇزىنىڭ تۈكلىرىمۇ ئۇزۇن،پۈتۈن تېنى ئاچ سېرىق بولۇپ،ئۈستىدە كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭلىك ئالىلىرى بار،قۇيرۇق ئۇچى قارا،دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر،ھەرىكىتى چاققان،تېرىسى قېلىن ۋە يۇمشاق بولۇپ ئەتىۋارلىنىدۇ.
○5داڭىتقۇيەي-دۇڭۇتقۇ - «لايلىلايلاي-لايلىلاي» دېگەندەك رېتىمغا كەلتۈرۈپ ئېيتىلغان ئىملىق سۆز.
○6 بۇ توغۇرلۇق مويدۇن سايىت بوستان «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»دېگەن كىتابىنىڭ 8-باب6-بۆلىكىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختالغان.
○7ئاۋا-ئاتا
○8ئىنە-ئانا
○9توققۇز ئون-توققۇزدىن ئونى ۇەنى توقسان.بۇ يەردە سىزنىڭ تويلۇقىڭىزغا بېلىق تۇتقىلى پۈتۈن مەھەللە بويىچە شۇنچە كۆپ كېمىنى ئىشقا سالدۇق دېمەكچى.
○10جەمە گەپ - پىتنە-ئىغۋا،يالغان ياۋىداق گەپ.

 
ـ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئوسمان ئىسمائىل تارىم


2010-يىلى7-ئاي( ئۈرۈمچى)
مەنبە: ئۆزۈم.
[ بۇ يازمىنىمەنزىرە 2011-11-14 14:49قايتا تەھرىرلىدى ]
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2012-04-21

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 791
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە791دانە
ئۆسۈش: 1430 %
مۇنبەر پۇلى: 9593 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 11:26

ھەرقايسى يۇرۇتلاردىكى ئويغۇلارنىڭ تورمۇش ، ئورۇپ -ئادەتلىرىدىن خەۋەردار قېلغىنىڭىزغا رەھمەت ،  ئىلمىي ماقالىڭىز ھەقىيقەتەن ئەتىراپلىق ، چۈشۈنىشلىك چىقىپتۇ، بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنىڭىدەك ئىجادىي ئەمگەكلىرىىڭىزنى كۆپرەك سۇنۇپ تۇرارسز!
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 882
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە882دانە
ئۆسۈش: 2842 %
مۇنبەر پۇلى: 9293 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 11:54

رەھمەت، مەنزىرە ئاي سىڭلىم، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

توۋاھ، لوپنۇرلۇقلارنى قىرغىز زىيالىلىرى بىزدىن دېيىشىدىكەن، قالپىغا قاراپ شۇنداق دېدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئۇنى دىسە ئىلى ئۇيغۇرلىرى (تارانچى) نىڭمۇ كېيدىغان قالپىقى لوپنۇرلۇقلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، خۇددى سادىر بۇۋىمىزنىڭ قالپىقىدەك.........
[ بۇ يازمىنىalmiliq 2011-11-15 16:07قايتا تەھرىرلىدى ]
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
ئەر بولساڭ ئەل  دەپ   ياشا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3140
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 719
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە719دانە
ئۆسۈش: 5870 %
مۇنبەر پۇلى: 5761 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 15:49

سەۋىيە  يامان   جىقكەن  سىزدە
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 17:16

ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ مەدىنيەتى تولىمۇ رەڭدار ئىكەن. يۇقىردىكى ئىلمى ماقالە بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدىكەن.
راس بىر ئىشقا سەل ھەيرابمەن نىمىشقا بىزنىڭ مەدىنى مىراسلىرمىزنى باشقىلار داۋاملىق ئۆزنىڭ قىلۋىلىشنى ئويلايدۇ ؟
بىزنى كۆرەلمەيدىغانلار نىمانداق جىق.   
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
يەردىكى يىلتىزىم لوپنۇر،ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم لو ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 949
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-12
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 20:22

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى almiliq نىڭ 2011-11-15 11:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
رەھمەت، مەنزىرە ئاي سىڭلىم، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

توۋاھ، لوپنۇرلۇقلارنى قىرغىز زىيالىلىرى بىزدىن دېيىشىدىكەن، قالپىغا قاراپ شۇنداق دېدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئۇنى دىسە ئىلى ئۇيغۇرلىرى (تارانچى) نىڭمۇ كېيدىغان قالپىقى لوپنۇرلۇقلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، خۇددى سادىر بۇۋىمىزنىڭ قالپىقىدەك.........

 لوپنۇردا قارا قوشۇن،يانلا،جوداقلار،قالماقلار قاتارلىق ئۇرۇق-قەبىلىلەر بار.تاس قالدى بىلىق يەيدىغان لوپلۇق دەپ 57 مىللەت قىلىپ قويغىلى.....
يەردىكى يىلتىزىم لوپنۇر،ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم لوپنۇر. www.loptekin.com
HALDIN
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1529
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 298
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە298دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 3077 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 22:06

لۇپنۇرلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى مۇرى ئۇيغۇرلىرىنىكىگە ئۇخشايدۇ، مۇرى ئۇيغۇرلىرىمۇ لۇپنۇرلۇقلارغا ئۇخشاش باش كىيىمى كىيىدۇ، لۇپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىۋىسى، ناخشا- مۇزىكىسى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنكىگە ئۇخشايدۇ، تۇيدا بىيىت ئېيتىشىش تۇرپانىڭكىگە ئۇخشاشكەن.
دوستلىشىش
ئابدۇقۇددۇس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8746
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-27
ئاخىرقى: 2012-04-26
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-16 22:26

لوپنۇرلۇقلار قىزىق تېمىغا ئايلىنىپتىغۇ      
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1466
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1466دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12871 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 14:36

ئالى مەكتەپتىكى چېغىمدا بىر قىرغىز ساۋاقدىشىم بۇلىدىغان ،ئۇنىڭ قولىدا بىر قىرغىزچە كىتاپ
كۆرگەن ئىدىم ،شۇنىڭدا دىيىلىشىچىمۇ قىرغىزلار بىردەك لوپنۇرلۇقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى
دەپ قارايدىكەن ،،،،دېمىسىمۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ چىرايىدا قىرغىز مۇڭغۇل ئالامەتلىرى شۇنداق
روشەن ،،،،مىلللى كىيىمى بولغان مالخايمۇ ئەمەلىيەتتە قىرغىزلارنىڭدۇر ،،،،،،،
مۇنۇ تېمىدىكى ئەنئەنە دىگەن نەرسە يىراق بىر ئۆتمۈش ،،،،،مەيلى لوپنۇر بولسۇن ياكى
قۇمۇل ئارا تۈ رۈك بولسۇن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا توي ئۆتكۈزىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا ......