باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 100 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈن دۇنيا دىئابىت كېسىلى كۈنى
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 725
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە725دانە
ئۆسۈش: 1882 %
مۇنبەر پۇلى: 6926 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-11-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 14:12

بۈگۈن دۇنيا دىئابىت كېسىلى كۈنى



بۈگۈن دۇنيا دىئابىت كېسىلى كۈنى

دىئابىت كېسىلى-كۆپ ئۇچرايدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل. ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىننىڭ كەمچىل بولۇشى ياكى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1991-يىلى ھەر يىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىنى دۇنيا دىئابىت كېسىلى كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، كىشىلەرنى دىئابىت كېسىلىنىڭ زىيىنىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. بۈگۈن ئىنسۇلىننى بايقىغۇچى كانادالىق ئالىم بانتىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا دىئابىت كېسىلى كۈنىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قوراللىرىنى تەكشۈرگۈچىلەر ئىراقتىن چېكىنىپ چىققان.

نۆۋەتتىكى يادرو قوراللىرىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنمىغاچقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراقتىكى يادرو قوراللىرىنى تەكشۈرگۈچىلەرنى كۆپلەپ چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئاز ساندىكى تەكشۈرگۈچىلەرنى قالدۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1979-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىۋەتكەن.

ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بانكىسىدىن 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ پۇللارنى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توسۇدىغان دۆلەتلەرنىڭ بانكىلىرىغا قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ قارارنى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى يېڭى دېھلىدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جاكارلىغان ئىدى. بۇ خەۋەر غەربىي ياۋروپانىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا داۋالىغۇچ پەيدا قىلىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنى يۇقۇرىلىتىۋېتىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت باھاسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن. 1911-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ماراكەش كرىزىسى ئاخىرلاشقان.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، جاھانگىرلار ئافرىقىغىمۇ تاجاۋۇز قىلغان. ماراكەش ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ستىراتىگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بولغاچقا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى شۇنىڭدىن باشلاپ ماراكەشكە ھۇجۇم قىلغان. 1902-يىلى فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ماراكەشنى بۆلۈۋېلىش ئۈچۈن مەخپىي شەرتنامە تۈزگەن.

1911-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە ماراكەشنىڭ فىرانسىيەنىڭ قوغدىشىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق بۇ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيەگە قاراشلىق كونگودىن ئۆزلىرىگە ئازراق بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كرىزىس گەرچە ئاخىرلاشقاندەك قىلسىمۇ، بىراق، بۇ قېتىمقى كرىزىس ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ تىركىشىشنى كۈچەيتىۋەتتى. 1912-يىلى فىرانسىيە ماراكەشنىڭ ئۆزىنىڭ قوغدىشىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

مەنبە:
http://radio.okyan.com/ToDay.aspx
توردىن ئىشەنچىلىك مال سېتىۋىلىشنى خالامسىز، مەھسۇلاتىڭىزنى توردا سېتىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟  ئۇنداق بولسا تور دۇكىنى مۇلازىمەت مەركىزىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ! ئىتىبار كارتىمىز سىزنى كۈتمەكتە. ئالاقە تېلېفۇنى: 13909997308
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5420
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 565 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-02
ئاخىرقى: 2011-11-14

رەھمەت بىلۋالدىم