
بۈگۈنكى كۈندە غۇلجا شەھىرىدە كىنو تىلغا ئېلىنسا ئانچە سىرلىق بىر ئىش ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن بىرقانچە ئون يىلدىن ئىلگىرى، كىنو غۇلجىدا يەنىلا يېڭى بىر ئىش ئىدى.19–ئەسىرىنىڭ 20–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن مابىلىن ئەپەندى (كۆپ جەھەتتىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان، زېرەك كىشى ئىكەن) سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر كىچىك تىپتىكى قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئاۋازسىز كىنو ئاپاراتى، دىۋېگاتىل ماتورى ۋە ئازراق (كىنو لېنتىسى)فىلىم سېتىۋالغان. كىنو قويىدىغان تۇراقلىق ئورۇن بولمىغاچقا، سەييارە يۈرۈپ، مەسىلەن، كۈرە، قورغاس (سۈيدۈڭ) قاتارلىق جايلاردا كىنو قويغان. ئۇ، بارغانلىكى جايدا ئالدى بىلەن گېنېراتور، دىۋېگاتىل ماتورلارنى ئورنىتاتتى، بىرقانچە كۈن قويۇلغاندىن كېيىن ئورۇن يەڭگۈشلەيتتى، چىقىم كۆپ، دارامەت ئاز ئىدى.
تەخمىنەن 30–يىللارنىڭ دەسلىپىدە غۇلجىدا قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان گېنېراتور بارلىققا كېلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى سەييارە كىنو قويۇشقا كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەرگەچكە مۇقىم ئورۇندا ۋتە سەييارە كىنو قويۇش شەكىللەنگەن. مەسىلەن، ھەرقايسى بايرام كۈنلىرى مۇقىم ئورۇندا كىنو قويۇلاتتى. باشقا كۈنلەردە سەييارە يۈرۈپ قوياتتى. كىنو قويىدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە بىرلا ئاھاڭدا سۇناي چېلىپ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلاتتى. ئەڭ دەسلەپتە غۇلجا شەھىرىدىكى ئايتېكىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى كوچىغا قارايدىغان بىر ئېغىز چوڭ زاۋۇت ئۆيىدە (ھازىرقى باج ئىشلار ئىدارىسىنىڭ غەربىي تەرىپى)دە كىنو قوياتتى. تاختاي ئورۇندۇقلارغا مىڭغا يېقىن ئادەم سىغاتتى، بەزىدە ھەرەمباغ بايكۆل يېنىدىكى مەيدان (ھازىرقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى)دا كىنو قوياتتى. بۇ يەر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن رۇسسلارنىڭ جەم بولۇپ تانسا ئوينايدىغان ئورۇنى بولغاچقا كىنو قويىدىغان ئورۇن قىلىپ تاللانغان. كۈرەگە بارغاندا، شىمالىي چوڭ كوچىدىكى خۇيفاڭيۈەن (شەخسىي مېھمانخانا)دا كىنو قوياتتى، قورغاس (سۈيدۈڭ)لەردە دۇڭتوداۋ كوچىسىدىكى جېڭ ئەيخۇڭ مېھمانخانىسىدا كىنو قوياتتى. بۇنداق ئەھۋال تاكى 30–يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن فىلىمنىڭ كېلىش مەنبەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن، «دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئۇرۇشى»، «××ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ غەرق بولۇشى» دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن، شىمالىي مىللىتارىسىتلارنىڭ ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ۋەقەلىكى ئاددىي، مۇھەببەت بىلەن زوراۋانلىق كىرىشتۈرۈلگەن فىلىم «لى جياڭجۈن» قاتارلىقلار قويۇلدى. بۇنىڭدا فىلىمدىكى سۈرەتنىلا كۆرەتتى.
تەخمىنەن 35–يىلى يازدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كىنوخانىسى شەرقىي دەرۋازا يېنىدا بىر يازلىق كىنوخانا ياساپ سىرتقا قارىتا كىنو قويغانىدى، لېكىن ھەممىسى ئاۋازسىز ھەرىكەتلىك رەسىملىك فىلىم ئىدى. 33–يىلى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولۇپ، (يېڭى ھۆكۈمران شېڭ شىسەي تەختكە چىققان)دىن كېيىن غۇلجىنىڭ ھەرساھە، ھەر كەسىپلىرى يەنە بىر قەدەر راۋاجلاندى. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ تەسىرى، تۈرتكىسى ئاستىدا، بۇ يېڭى ھۆكۈمران شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت بىردەك باراۋەر بولۇش، ئورتاق روناق تېپىشنى تەكىتلىدى. ئالتە چوڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەگىشىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىمۇ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. مەسىلەن، غۇلجىدا ياسالغان ئاممىۋى كۇلۇب بۇنىڭ بىر مىسالى (ھازىرقى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە كومىتېتى ئورنىدا)، بۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللىتى ئۆزلىكىدىن مەبلەغ سېلىپ ياسىغان، مىڭدىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان، نومۇرغا قاراپ ئولتۇرىدىغان كۇلۇب بولۇپ، ئۇنىڭدا سەھنە، سازەندىلەر ئۆيى، كىنو قويۇش ئۆيى، كىيىم ساقلاش ئۆيى، توك تىزگىنلەش ئۆيى، گىرىمخانا ۋە دەم ئېلىش ئۆيى بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئاممىۋى كۇلۇب دەپ نام قويۇلغان، كىنو قويۇلاتتى، تىياتىر ئوينىلاتتى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈلەتتى، لېكىن كىنو قويۇشنى ئاساس قىلاتتى، 25–يىلى تۇنجى ئاۋازلىق كىنو (مەزمۇنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى قېزىپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى)قويۇلغان، كېيىن ئاۋازسىز كىنو بارا–بارا تۈگەپ، ئاۋازلىق كىنو ئارقا–ئارقىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن، «چاپايوۋ»، «ئىنسانىيەت ۋە قورال»، «زېرەك بالا»، «بېلىقچى ۋە ئالتۇن بېلىق»قاتارلىقلار. ھەر ھەپتىدە يېڭى كىنو، بولۇپمۇ يېڭى خەۋەرلەرنى ھەركۈنى كۆرگىلى بولاتتى.كىنونىڭ تەرەققىي قىلىشى تېز بولغاچقا، جەمئىيەتتە ھەرمىللەت تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغىغان. مەسىلەن، خەنزۇلاردىن پىڭ ئېنچىن ئەپەندى، ئەن خۇيبۇ ئەپەندى، نيويۈەن ئەپەندى، ئۆزبېكلەردىن غۇلام ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردىن ھۆسەيىن ئەپەندى، رۇسلاردىن نىكولاي ئەپەندى، تاتارلاردىن مالىك ئەپەندى قاتارلىقلار كىنو ئىشلىرىنىڭ غۇلجىدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى ئىشلىگەن. ئالدى بىلەن خەنزۇلار ئۆزلىكىدىن مەبلەغ توپلاپ ياسىغان سەنمىڭ كىنوخانىسى ياز، كۈز پەسلىدە سەنمىڭ مەكتەپنىڭ قورۇسىدا كىنو قويدى.قىش، ئەتىياز پەسلىدە سەنمىڭ كىنوخانىسىدا قويدى. تاپقان كىرىم بىلەن سەنمىڭ مەكتەپنىڭ خىراجىتىنى قامدىغان، شۇ ۋاقىتلاردا فىلىم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلتۈرۈلەتتى. مەسىلەن، «چاپايوف»، «زېرەك بالا»، «ئالتۇن بېلىق ۋە بېلىقچى» شۇنىڭدەك ئاخبارات خەۋەرلىرىمۇ بارئىدى. بۇ ھال تاكى 1937–يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغانغا قەدەر داۋاملاشتى. شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئارقا سەپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر تۈركۈملەپ شىنجاڭغا كەلگەچكە، شىنجاڭ، بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرى تېخىمۇ جانلىنىپ، كىنوچىلىق يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرمۇ غۇلجىغا ئۈزلۈكسىز كېلىپ تۇردى. مەسىلەن، «قەدىمكى شەھەردىكى ئىپپەتلىك ئايال»، «پەلەككە يەتكەن جاسارەت»، «ئالەمدە باھار» قاتارلىقلار، چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرمۇ بار بولۇپ، كۆپۈنچىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپتىكى خەۋەرلەر ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ قىشلىق كىيىم–كېچەك ئىئانە قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار ئىدى. بىر قىسىم سودىگەرلەر پايدا ئېلىش ئۈچۈن كىنو فىلىملىرىنى غۇلجا ئېلىپ كېلىپ ئىجارىغا بېرەتتى. 1933–يىلىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىلىرى ئارقا–ئارقىدىن قۇرۇلدى. غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، قىرغىز ئۇيۇشمىسى، تۇڭگان ئۇيۇشمىسى، خەنزۇ ئۇيۇشمىسى، ئۆزبېك ئۇيۇشمىسى…قاتارلىقلار قۇرۇلدى. مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سىلجىتتى. ئۆزلىكىدىن مەبلەغ توپلاپ ياسىغان كىنوخانا، چاڭچىلىخانا، خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى بىر تۇتاش مەدەنىيەتنى ئىلگىرى ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. مەسىلەن، سەنمىڭ كىنوخانىسىنىڭ بارلىق مۈلكى خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا، ئاممىۋى كۇلۇب خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. غۇلجا شەھىرىدە ئۆزبېك غۇلام باي باشلامچىلىق قىلىپ پۇل توپلاپ ئۆزبېك كۇلۇبى ياسىغان (ھازىرقى 5–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئىدى)، كۆركەم ئەسلىھەلىرى تولۇق بولسىمۇ نېمە ئۈچۈندۈر سىرتقا قارىتا زادىلا ئېچىپ بېرىلمىگەن. 1949–يىلى باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، بىر پارچە خارابىلىققا ئايلانغان. يەنە مەسىلەن، رۇسلار مەبلەغ توپلاپ غۇلجا شەھەردە ياسىغان رۇس كۇلۇبى (ھازىرقى سىتالىن كوچىسىدا)، كىنو قويۇشنى ئاساس قىلىغان(بۇ كېيىنكى ئۆكتەبىر كىنوخانىسىنىڭ تەكتى ئىدى)، لېكىن 70–يىللاردا ئوت ئاپىتىدا كۆيۈپ ھېچ نېمىسى قالمىغان، سوۋېت كىنوخانىسىنىڭ شەرقىي تەرەپتىكى يازلىق كىنوخانا كېيىنكى كۈنلەردىكى ماياك كىنوخانىسى ئىدى.
36–يىلى كۈزدە ئىلىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى چيۇزۇڭيۈەن (شېڭ شىسەينىڭ قېينئاتىسى) غۇلجىدا كېلىشكەن، ئەڭ چوڭ، كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا بولىدىغان، يەنى تىياتىر ئويناشقا، تانسا ئويناشقا، كىنو قويۇشقا، يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغان كۇلۇب ياساش توغرىسىدا ھەدەپ دەۋراڭ سالغان ھەم سابىق مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ داۋيىن يامۇلى (ئەسلىدىكى مىللىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئورنى)نىڭ ئورنىنى تاللاپ بېكىتكەنىدى. چيۇزۇڭجۈن قۇرۇلۇشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمرانلار بىرقانچە قېتىم ئېلىشقانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرەلمىگەن. ئەكسىچە، ئۇلار غۇلجىدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئىئانە قىلغان پۇللارنى چۆنتىكىگە سېلىپ ئېلىپ كەتكەن. 1944–يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاندىن بۇ قالدۇق قۇرۇلۇشنى تەدرىجىي ھالدا رېمونت قىلىپ ياسىغان، ئازاتلىقتىن كېيىن يەنە قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىنانى ياساپ پۈتتۈرۈپ، ئىلى مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت بىناسى قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، كېيىن يەنە سەنئەت ئۆمىكىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن (ھازىرقى كىنو فىلىم تارقىتىش–قويۇش شىركىتىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە).
1942–يىلى سوۋېت–گېرمان ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا سوۋېت خەلقىنىڭ گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملار ھەركۈنى دېگۈدەك قويۇلاتتى. بەزىدە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار توغرىسىدىكى فىلىملارمۇ قويىلاتتى. ھېكايە فىلىملارمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. مەسىلەن، «سېگرىنارزايكوم»، «مارىتا»…قاتارلىقلار. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدا كىنو فىلىمى ھامان ئېھتىياجىنى تەمىن ئۆتەلمەيتتى. چۈنكى، ئۆكتەبىر كۇلۇبى، سەنمىن كۇلۇبى، ماياك كۇلۇبى، ئۇقاق كۇلۇبىدىن باشقا، ماياك ۋە ئۆكتەبىر يازلىق كىنوخانىلاردىمۇ كىنو قويىلاتتى.
1944–يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇرۇش تۈپەيلىدىن كىنو ئىشلىرى بىر مەزگىل توختاپ قالدى. 46–يىلى يىل بېشىدا شىنجاڭ تىنچلىقپەرۋەر دېموكراتىك ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كىنوخانىلار قايتىدىن جانلاندى. شۇ مەزگىلدىكى كىنو فىلىمىنى تارقىتىشتىمۇ مەخسۇس ئاپپارات قۇرۇلغان، ئاقىدىنلا ئىتتىپاق كىنوخانىسى (يازلىق كىنوخانىسى ھازىرقى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىناسىىنىڭ غەربىي تەرىپىدە)قۇرۇلدى. بۇنداق ئەھۋال تاكى ئازاد بولۇش ھارپىسىغىچە داۋاملاشقان، «ئىتتىپاق»نىڭ قۇرۇلۇشى كىنو ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسىي يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. شۇ مەزگىللەردە كىنوخانا سانىدا كۆز ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن سۈپەت جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلدى. ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلغان فىلىملارنىڭ كۆپىنچىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشستىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، سوۋېت خەلقىنىڭ ۋەتەننى قوغداشنى ئاساسىي تېما قىلغان فىلىملار ئىدى. مەسىلەن، «خائىننى يوقىتىش»، «پۇتسىز ئۇچقۇچى»، «زويا»، «ياش گۋاردىيە»، «باتۇر كىشىلەر»، «جاڭ گوفىڭ ۋەقەسى»، «بىزنىڭ دۆلەت چېگرىمىز»، «لېكىن ئۆكتەبىر»، «ئىنسانىيەت ۋە قورال»…قاتارلىقلار. بەزىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ قىسمەن ئەمەلىي ئەھۋالىمۇ خەۋەر قىلىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى قويۇلغان كىنو فىلىمللار ناھايىتى ئاز ئوينىلىدىغان بولدى. 1945–يىلى 9–،10–ئايلار بولسا كېرەك، سەنمىن كىنوخانىسىدا بىر قېتىم ھەقسىز كىنو قويۇش پىلان قىلىنغانىدى. كېيىن ئادەم كۆپ، سىغماسلىقى مۈمكىن دەپ خېباڭ جەمئىيىتىدە كىنو قويۇش بېكىتىلدى (ئورنى 2–رايونلۇق پارتكوم بىناسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە). ھەقسىز كىنو بولغاچقا، كىنو كۆرگۈچىلەر 3000دىن ئارتۇق ئادەم كىشىگە يەتكەن. شۇ قېتىمدا قويۇلغان فىلىم ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان فىلىم ئىدى. فىلىمدە ۋەتىنىمىزنىڭ تۇپرىقى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىۋاتقان، شەرقىي–شىمال ئۈچ ئۆلكىدىكى خەلقنىڭ ياپون، مانجۇرىيە قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياق ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر كۆرۈلگەندە كىشىلەر غەزەپلىنەتتى، قارلىق تاغلاردا ۋە ئورمانلىقلاردا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە قوشۇندىكى ئەزىمەتلەرنىڭ باتۇرانە قىياپىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل كۈنلەردە ياپون ئالۋاستىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، بولۇپمۇ ئۇلۇغ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپونىيىنىڭ گۇەندۇڭ ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرۈلگەندە كىشىلەر خۇشالىققا چۆمۈلەتتى، شۇ مەزگىللەردە ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ.
––––––––––––––––––––––––––––––
ئاپتورى: شۈلەنفاڭ (ھاكى يۈسۈپ تەرجىمىسى)
مەنبە: «غۇلجا تارىخ ماتېرىياللىرى(1)»، 183–بەت.