جۇڭگولۇقلار ئافغانىستاندا بىخەتەرلىككە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ
« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئافغانىستانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى لى پېيخەن
« مىنادىن ئۈچنى كولاپ چىقتۇق!» جۇڭگو «جۇڭشىڭ» خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل دىرېكتورى خې شيەنجېن ئەپەندى كابولدا ماڭا ئافغانىستاندا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان چاغدىكى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان 1000 نەچچە جۇڭگولۇق ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار ئافغانىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەردى، كورىيىلىك تۇتقۇنلار ۋەقەسىدىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى جۇڭگولۇقلار ئۆز بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. ئۇنداقتا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتى قانداق؟ ئۇلار ئافغانىستانغا قانداق كەلگەن؟ ئۇلار ھازىر قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟ شۇ ۋەجىدىن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلارنى زىيارەت قىلدىم.
پارتلىمىغان مىنالار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ
خې ئەپەندى ماڭا ئۈچ مىنانى ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ: « بەختكە يارىشا بۇ ئۈچ مىنانىڭ ھەممىسى تانكىغا قارشى مىنا بولۇپ، يېتەرلىك بېسىم بولمىسا پارتلىمايدىكەن، ئۇنداق بولمىغان بولسا چاتاق چىقاتتى»، دېدى. تېخى تازىلانمىغان نۇرغۇن مىنا 20نەچچە يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئافغانىستانغا قالدۇرغان بىردىنبىر «مىراس»ى بولۇپ قالدى. مىنا توغرىسىدا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو «جۇڭشىڭ»خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ب د ت دىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، قۇرۇلۇش جەريانىدا يەنىلا تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. خې ئەپەندى مۇنداق دېدى: بىز دائىم ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرىمىز ھەم قۇرۇلۇش قىلىمىز، بەزى جايلاردا يولنىڭ ئىككى قاسنىقى تىك قىيا بولمىغان تەقدىردىمۇ، مىنا كۆمۈلگەن، ھەتتا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىمۇ ئوڭغۇل-دوڭغۇل يوللاردا مېڭىشقا پېتىنالمايدۇ، چۈنكى ئاپتوموبىل مېڭىپ باقمىغان جايلاردا مىنا بولۇشى مۇمكىن.
ستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر ئافغانىستاندا 1000نەچچە جۇڭگولۇق بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، شۇنداقلا ئافغانىستانغا «پۇل تاپقىلى»كەلگەن جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ خادىملىرى ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئىكەن. جۇڭگو «جوڭشىڭ»خەۋەرلىشىش شىركىتى ھازىر ئافغانىستاندىكى تۈر سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغان جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،يۈز نەچچە جۇڭگولۇق خىزمەتچىسى بار. 2003-يىلى بۇ شىركەت ئافغانىستاندا پونكىت قۇرۇپ، سىمسىز تېلېگراف خەۋەرلىشىش تورىنى قۇرۇش توغرىسىدا چوڭ توختام تۈزگەن. ئافغانىستاندا سىمسىز تېلېگراف خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇش ئۈچۈن، ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىمسىز تېلېگراف تورى قۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردا باش پونكىت قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىخەتەرلىك مەسىلىسى، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى قەندىھار، خېلماند قاتارلىق ئۆلكىلەردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ قالغان. «جۇڭشىڭ» شىركىتى قەندىھار رايونىدىكى مەلۇم بىر جايدا باش پونكىت قۇرماقچى بولغاندا، تالىباننىڭ بۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ، بۇ يەرگە ئىزدەپ كېلىپ نۇرغۇن قوغداش ھەققى تەلەپ قىلغاچقا، شىركەت بۇ قۇرۇلۇش پىلانىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر كېچىلىرى ئوق ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ، راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىنى كۆتۈرۈۋالغان يەرلىكلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلار راكېتا بومبىلىرىنىڭ بىنالارغا تېگىۋاتقىنىنى كۆرىدۇ، ئۇلار يەنە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قىزىل ئىنفرا نۇرلۇق قارىغا ئېلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن كىشىلەرنى قارىغا ئالغانلىقىدەك تۈرلۈك ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگىلى بولىدۇ.
لېكىن ئافغانىستاندا قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغان، ئافغانىستاندىكى تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق خادىم ئەڭ كۆپ جۇڭگو تۆمۈريول 14-ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتىگە سېلىشتۇرغاندا «جۇڭشىڭ» شىركىتىنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرى ھېچقانچە خەتەرلىك ھېسابلانمايدۇ. 2004-يىلى 6-ئايدا،جۇڭگو تۆمۈريول 14-ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ئۆلكىسىدە تاشيول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 11كىشى ئۆلگەن، تۆت كىشى يارىلانغان. 2006-يىلى12-ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بادگىس ئۆلكىسىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىمۇ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن بىر يېرىم سائەتچە ئېتىشىشقاندىن كېيىن، تېررورچىلار قېچىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلۇش ئورنىدا 30 جۇڭگولۇق، 29 ئافغانىستانلىق ئىشچى ئىشلەۋاتاتتى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2002-يىلىنىڭ باشلىرىدا كابۇلدىكى مۇخبىرلار پونكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىر ئاگېنتلىقىمىزنىڭ كابۇلدىكى باش مۇخبىرى جاڭ خەيبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز ئىشىكىنىڭ ئالدىدىلا ئوق تېگىپ يارىلانغان، جاڭ خەيبومۇ كابۇل كوچىسىدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان.
ئافغانىستان مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو شىركەتلىرى ئافغانىستاندا سەمىمىي، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغاچقا، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەچكە ھەم قۇرۇلۇشنى دېگەن ۋاقىتتا پۈتتۈرگەچكە، يەرلىك قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە بەرگۈچىلەردە ياخشى تەسىرات قالدۇرغان. تېررورچىلار جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگەن ۋە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى دېگەن ۋاقىتتا پۈتتۈرۈشىنىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تالىباننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بوشلۇقىنى كىچىكلىتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، جۇڭگونىڭ بۇ شىركەتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
ئېغىر روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش
خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى مۇشۇنداق ناچار بولغاچقا خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلىغۇچى ياللاش، جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئاساسلىق تاللىشى بولۇپ قالدى، ئىشىككە پوست قويۇش، سىم تور تارتىلغان ئېگىز قورۇ تام سېلىش، سېمونت كۆتەك قويۇش، قوراللىق ئامانلىق ساقلىغۇچى ھەتتا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى. لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئافغانىستاننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى بەك مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن، ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرى دېگەندەك مۇكەممەل بولمىغاچقا ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ، ناچارلىرىمۇ بار. ئافغانىستاندىكى بىر خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنىڭ بىر قىسىم خادىمى جەنۇبتىكى مەلۇم بىر ئۆلكىدە ئون پۇقرانى بۇلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەچكە قولغا ئېلىنغان. جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىنىڭ بىر خادىمى ماڭا نەچچە كۈن ئىلگىرى يىتۈرۈپ قويغان قول سائىتىنى ئافغانىستانلىق بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ قولىدا كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ ئىسمى مەڭگۈ ياللاشقا بولمايدىغانلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئىقتىسادىي زىيانغا بەرداشلىق بەرگىلى بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بېسىمغا ھەممەيلەننىڭ بەرداشلىق بېرىپ كېتەلىشى تەس. 2006-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، كابۇلدىكى جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرۇلغان ئافغانىستان جۇمھۇرىيەت دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن، ئافغانىستانغا كەلگىنىگە تېخى نەچچە كۈن بولمىغان جۇڭگولۇق ئىشچىلار پارتلاش يۈز بەرگەن جايدىكى بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، بەزى جۇڭگولۇقلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا دەرھال ۋەتەنگە قايتىشنى تەلەپ قىلغان. 2007-يىلى7-ئايدا، كورىيىلىك تۇتقۇنلار ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار تېخىمۇ خەتەر ھېس قىلغان. چۈنكى يەرلىكلەرنىڭ نەزەرىدە جۇڭگولۇقلار بىلەن كورىيىلىكەرنىڭ چىرايى ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەتتا خەنزۇچە بىلەن چاۋشيەنچىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. گەرچە جۇڭگو ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتمىگەن بولسىمۇ، ئافغانىستاندىكى تېررورچىلار كورىيىلىكلەرنى تۇتقۇن قىلغان ئىكەن، جۇڭگولۇقلارنىمۇ تۇتقۇن قىلماي قالمايدۇ.
ناچار تۇرمۇش مۇھىتىمۇ روھىي بېسىمنى كۈچەيتىۋەتكەن ئافغانىستاندا قىشتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20نەچچە سېلسىيە گرادۇسقا چۈشكەندە، شەھەردە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى بولمىغاچقا، جۇڭگولۇق خادىملار ئوتۇن قالاپ ئىسسىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۇخلاپ ئويغانغاندا يۈزلىرى قاپ-قارا ئىس بولۇپ كېتىدۇ. تەجرىبىسىز بولغاچقا، كۆپچىلىك كېچىسى يېتىشتىن بۇرۇن سۇ باكىدىكى سۇنى قويۇۋەتمىگەچكە، تۇرۇبا يوللىرى توڭلاپ، سۇ كەلمەيدۇ، بەزىدە ھەتتا نەچچە ھەپتىگىچە يۇيۇنغىلى بولمايدۇ. ئافغانىستاندا يەنە بىر خىل چايان بار بولۇپ، بۇنداق چايان ئادەمنى چېقىۋالسا ئاقىۋىتى بەك ئېغىر بولىدۇ. مۇشۇنداق تۈرلۈك خەتەرلەر جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ سەۋر- تاقىتى بىلەن ئىرادىسىگە ھەر زامان خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بەزى خادىملارنىڭ: «بىز پسىخولوگىيە دوختۇرىغا جىددىي موھتاج» دېيىشى بىكار ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردە ئۇزاق تۇرسا روھىي جەھەتتىن ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلىگە دۇچ كېلىشى تۇرغانلا گەپ».
ئافغانىستاندا جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقان جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرى بار. كابۇلدىمۇ مۇشۇنداق بىر توپ جۇڭگولۇق بار، لېكىن باشقا جايدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تېخىمۇ غەيرەتلىك، باتۇر ۋە سەۋرچان بولۇشى كېرەك.
ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستانغا تۇنجى كەلگەن كىشى جېجياڭلىق ۋاڭ ئەپەندى بولۇپ، 2002-يىلىنىڭ باشلىرىدا تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەيدىن كابۇلغا كەلگەن، ئۇ دەسلەپتە جۇڭگوچە تائاملار رېستورانى ئاچقان، كېيىن ئاستا-ئاستا ئىشلىرى روناق تېپىپ قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئالغان. ئۇ بۇ تۈرلەر ئۈچۈن كابۇل بىلەن قۇندۇز ئارىسىدا چېپىپ يۈرگەن. ۋاڭ ئەپەندى ھازىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە، تۈرلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىكەن، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولغان. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئېرىشكەن ئاخباراتقا قارىغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلار ھەتتا ئەتراپلىق تۇتقۇن قىلىش پىلانىنىمۇ تۈزگەن، ئۇلار قانداق ماشىنا ئىشلىتىش، كىم قايسى ئىشنى قىلىش، قانداق قول سېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرغان.
50 ياشتىن ئاشقان جېجياڭلىق تاڭ لىنپۇ ئافغانىستانغا 2002-يىلى 8-ئايدا كەلگەن، ئافغانىستانغا ئەڭ بالدۇر پۇل تاپقىلى كەلگەنلەرنىڭ بىرى. لېكىن، بۇلتۇرقى بىر قېتىملىق توپىلاڭدا ئۇنىڭ مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسى يوق بولغان. بۇلتۇر 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاپتوموبىلى كابۇلدا ئافغانىستانلىقنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، تالىبان ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر توپىلاڭ پەيدا بولغان. توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئامما كابۇل شەھىرىدە ئۇرۇپ-چېقىپ، ئوت قويغان، تاڭ ئەپەندىنىڭ دۇكىنىمۇ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىپ قۇرۇقدىلىپ قويۇلغان. ئۇ نەچچە يۈزمىڭ يۈەن زىيان تارتقان. لېكىن تاڭ ئەپەندى بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالماي ئافغانىستاندا داۋاملىق تۇرغان، ھازىر ئۇ كابۇلنىڭ يېنىدىكى ۋارداك ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان.
شاڭخەيدىن كەلگەن چېن دامىڭ بىلەن ئۇنىڭ شېرىكى كابۇلدا «ئالتۇن ئاچقۇچ» دەيدىغان داڭلىق جۇڭگوچە تائاملار رېستورانى ئاچقان. دۇبەيدە رېستوران ئېچىپ باققان چېن دامىڭ 2005-يىلى كابۇلغا كېلىپلا يەنە رېستوران ئاچقان. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى ئاساسلىقى ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خادىملىرى ئىكەن. لېكىن، ب د ت خادىملىرىنىڭ بەلگىلەنگەن رېستورانلاردا غىزالىنىشىنى تەلەپ قىلغاچقا، چېن دامىڭ ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك بەلگىلىمىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئامانلىق ساقلاش خادىمى ياللىغان، تۆمۈر ئىشىك بېكىتكەن، ئەينەككە 0.6 مىللىمېتىرلىق پارتلاشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پليونكا چاپلاتقان ھەم قورۇق تامنى 2.7مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرگەن، يەنە تېخى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلىگەن. تۆت قېتىم ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، بۇلتۇر 8-ئايدا، ئۇنىڭ رېستورانى ئاخىر ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىنغان رېستورانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، چېن دامىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇلتۇر ب د ت كابۇلدىكى 184 رېستوراننىڭ 17سىنىلا تەستىقلىدى، جۇڭگوچە تائاملار رېستورانىدىن پەقەت بىزنىڭ رېستورانىمىزلا تەستىقتىن ئۆتتى»، دېدى. چېن دامىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى ئۈستىدە توختالغاندا پەقەت: «بەك قىيىن بولدى!» دېدى. رېستوران ئېچىلغان دەسلەپكى بەش ئايدا، رېستوراننىڭ ئايلىق تىجارەت سوممىسى 4000دوللار بولسىمۇ، رېستوراننىڭ ئىجارە ھەققىلا 3900 دوللارغا يەتكەن. بايلىق مەنبەسى كەمچىل ئافغانىستاندا، بىر تۇڭ تەبىئىي گاز 45دوللار، بىر لىتىر بېنزىن بىر دوللار ئىكەن، دائىم سۇ، توك توختاپ قالغاچقا، يەنە گېنېراتور ۋە سۇ پومپىسى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، ياللانما خادىملار بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ مائاشىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئايدا كىرىم چىقىمنى قامدىيالمىغاچقا ئىچى ئاچچىق بولۇۋېتىپتۇ. ھازىر مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئەمدىلا تېخى يولىنى تاپقان چېن دامىڭ كەلگۈسىدىن تولۇق ئۈمىدۋار ئىكەن. ئۇ يەنە كابۇلنىڭ يېنىدىكى ئامېرىكىنىڭ باغرامى ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدا رېستوران ئاچماقچى بولۇۋېتىپتۇ، ئۇ يەنە ئافغانىستاندىكى مۇھىم بازار مازارىشېرىپتىمۇ تارماق رېستوران ئاچماقچى بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ، ئۇ يەرنى ئىككى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆينىمۇ كۆرۈپ قويغان بولسىمۇ، كورىيىلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن توختاپ قالغان. چېن دامىڭ ۋەزىيەت سەل تىنچلانغاندا تارماق رېستوراننى ئېچىشقا تۇتۇش قىلىمەن، دېدى.
سىرتتا يۈرگەندە بىر نەچچە ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك
چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ياكى خۇسۇسىي تىجارەتچى بولسۇن، يىراق يەردىن ئافغانىستاندىن ئىبارەت ئىچكى قۇرۇقلۇق تاغلىق دۆلىتىگە ئىگىلىك تىكلىگىلى كېلىش جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر. لېكىن بۇلتۇردىن بۇيان، ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ئەھۋالى كۈندىن -كۈنگە ناچارلاشتى، تەھدىت ئەڭ زور بولغان يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسى بۇلتۇر بىر يىلدىلا 1600 قېتىم يۈز بەرگەن. ماقالە يوللاۋاتقىنىمدا،كابۇل شەھىرىنىڭ شەرقىدە يەنە يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئىككى قېتىملىق قاتتىق پارتلاشنىڭ تەسىرىدە مەن تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى جالاقشىپ كەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پارتلاشتا گېرمانىيە دىپلوماتىنى قوغداشقا مەسئۇل ئۈچ گېرمانىيىلىك ساقچى ئۆلۈپتۇ. 2005-يىلى 21 قېتىم ئادەمبومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، 2006-يىلى 139 قېتىمغا يەتتى. ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 2005-يىلى 1500 كىشى، 2006-يىلى 4000كىشى قازا قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىن يېرىم يىلىدىلا بۇنداق ۋەقەلەردە قازا قىلغانلار 3000غا يەتتى. شۇڭا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىز بىلەن ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىمىز «ئافغانىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئورگانلارنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىدىن ساقلىنىشنى، مەملىكىتىمىز پۇقرالىرى ۋە ئۆمەك ۋە تەشكىلاتلارنىڭ زۆرۈر بولمىسا ئافغانىستانغا ۋاقتىنچە بارماسلىقىنى» ئاگاھلاندۇردى.
مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: چەت ئەلگە چىققان نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ناھايىتى ئاسانلا جىنايەتچىلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ياكى قوراللىق زوراۋان كۈچلەر پەيدا قىلغان ۋەقەلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالىدۇ.1 -، نۇرغۇن جۇڭگولۇقنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ مۇھىتتا ياشىغاچقا، ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەنرەك. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ۋە داۋالغۇشقا بولغان تونۇشى چوڭقۇر ئەمەس. مەن ئافغانىستاندىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ خادىملىرىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇلارمۇ مۇشۇنداق مىساللارنى تىلغا ئالدى. ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردىمى بېرىش قىسىمىنىڭ گازارمىلىرى ناھايىتى كۆپ، لېكىن، بەزىلەر بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ يېنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىغا دىققەت قىلماي، خالىغىنىچە سۈرەتكە تارتىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇچقاندەك كېلىپ، سۈرەتكە تارتقانلارنىڭ فوتو ئاپپاراتلىرىنى تارتىۋالىدۇ، بەزىلىرى سۈرەتلەرنى يۇيۇۋېتىدۇ، ئاچچىقى يامانراقلىرى ئاپپاراتنى مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ، ھەتتا بەزىدە سۈرەتكە تارتقان كىشىنى تەكشۈرىدۇ، بەزىلىرى تارتىۋالغان ئاپپاراتلارنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدى. 2-، شۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتىنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن، ئافغانىستان قەبىلىلىرى ناھايىتى چوڭقۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغاچقا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغىلا ئېرىشىش ھەر قانداق جايدا توسالغۇغا ئۇچرىمايدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا، ئۇقۇشماسلىق ۋە ئاۋارىچىلىك كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئافغانىستان مەدەنىيىتىنى بىلىدىغان جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جايلاردا، كەنت ۋە ئاقساقاللار بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. 3-، چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققاندا، بەزى ئادەتلەرمۇ ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يېنىغا نۇرغۇن نەق پۇل سېلىۋېلىش، سىرتقا چىققاندا پاسپورت ئېلىۋالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتچىلەرنىڭ بۇلىشى ۋە بەزى قارا نىيەت ساقچىلارنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئافغانىستاندا جۇڭگو مەبلىغى كارخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن خۇسۇسىيلار بۇلاڭچىلىققا ئۇچرايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، بۇلانغان نەق پۇل نەچچە مىليون دوللارغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگولۇقلار تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھەمىشە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، مۇشۇنىڭ بىلەن بالا-قازا كەتسۇن، دەپ ئويلايدۇ، بۇ، ئەكسىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ خورىكىنى يوغىنىتىپ قويىدۇ. ئاخىرىدا، قانۇنسىز كۆچمەنلەر دائىم بەزى قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، شۇ يەردە ئەمگەك قىلىۋاتقان، قانۇنلۇق ئىشلەۋاتقان جۇڭگولۇقلارمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالىدۇ.
جۇڭگو تىنچ باش كۆتۈرۈۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇنىڭ تەسىرى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. چەت ئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئافغانىستاندەك بۇنداق داۋالغۇش بولۇۋاتقان رايوندىكى جۇڭگولۇقلارنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيىسى، سودىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلىرىدە يېڭى تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى
مەنبە
http://www.nur.cn/html/news/38603.shtml