ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باتۇر قاراخانلې
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش سېكرىتارى ئەكمەلەددىن ئىھسان ئوغلۇ « ئەرەب باھارى » دەپ ئاتالغان ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن، بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تارىخ ئېقىمىغا قوشۇلۇش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، « بۇنىڭ، ئىسلام ۋە دېموكراتىيە ئارىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ماسلىشىش ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكىنى » ئېيتتى.
ئىھسان ئوغلۇ كونراد مېھمانخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان « ئىستانبۇل مۇھاكىمە » يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئەرەب دۇنياسىدا يۈزبەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن
« باھار » ئىپادىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ دېكتاتۇرلارنىڭ « كۈز پەسلى » ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىھسان ئوغلۇ، بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى « ئىنقىلاب » دەپ ئاتاشنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، « مەن بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى ` تارىخىي ئېقىمىغا قېتىلىش ` دەپ تونۇيمەن » دېدى.
ئىھسان ئوغلۇ، ئەرەب دۇنياسىدىكى يېڭىلىق دولقۇنىنىڭ، تۇنۇستا قورقۇ تاملىرىنى ئۆرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىھسان ئوغلۇ، خەلق قوزغىلاڭلىرىدىكى شۇئارلارنىڭ پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۇزۇندىن بۇيان ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن دېكتاتۇر تۈزۈمدىن قۇتۇلۇش ۋە ئانا ۋەتىنىدە ھۆر، شان – شەرەپلىك بىر پۇقرا سۈپتىدە ياشاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىدى.
بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ تارىخىي جەھەتتىن بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، نوپۇس ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى باياب قىلىپ، بۇ جەمىئىيەتلەردىكى ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بەلگىلىك تۈرگە مەركەزلىشىپ قېلىشى، مائارىپ تەربىيسىنىڭ كەمچىلىكى ، سىھىيە ۋە تەلىم – تەربىيە شارائىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ياش نوپۇس ۋە ئىشسىزلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ياش نوپۇسنىڭ، جەمىئىيەتتە جانلىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە بەزى خىزمەت ساھەسىدە جىددىي بىر تەلەپ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى؛ ئوتتۇرا سىنىپنىڭ چوڭىيىشىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەركىنلىك، سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.
« قورقۇ تاملىرى ئۆرۈلگەندە، خەلقنىڭ ئالدىنى ھېچقانداق كۈچ توسالمايدۇ »ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن، دېموكراتىيسى تەرەققىي قىلىدىغان، كۆپ پارتىيلىك ۋە ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ تۇنۇس بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى بايان قىلىغان ئىھسان ئوغلۇ، تۇنۇستىكى ئوتتۇرا سىنىپنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ياۋروپا كۈلتېرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئوچۇق بىر جەمىئىيەت بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىھسان ئوغلۇ، ئەرەب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئورتاق نوقتىسىنىڭ بىر باشلامچىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەشكىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ۋە بىر سىياسىي پرگراممىسى بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، « ياشلار ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت قورقۇ تېمىنى ئۆرۈپ تاشلىدى. قورقۇ تاملىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەندە، خەلقنىڭ ئالدىنى ھېچقانداق بىر كۈچ توسالمايدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر، خەلقنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئۆزگۈرۈش، ئىچكىي قىسىمدىن ۋە ئۆزلىكىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۆزگۈرۈش » دېدى.
لىۋىيىنىڭ تۇنۇس ۋە مىسىر قاتارلىق ئەللەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، لىۋىيىدە قەبىلىۋازلىقنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىر كىشى باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۆزگۈرۈشئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۆزگۈرۈشلەردىكى ئورنى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئىھسان ئوغلۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2005 – يىلى ماقۇللىغان ئون يىللىق ھەرىكەت پىلانىدا، تۇنجى قېتىم كىشلىك ھوقۇق، دېموكراتىيلىشىش، ئوچۇق – ئاشكارە بولۇش، جاۋابكار بولۇش، پارىخورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق مەسلىلەرگە يەر بەرگەنلىكىنى، كېيىنكى مەزگىلدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئاساسىي نىزامنامىسىگە بۇ مەسلىلەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىھسان ئوغلۇ، « 2005 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا بىر يېڭىلىنىش ئېلىپ باردۇق. 27 ئىسلام ئەللىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، ئاللىقاچان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئاساسىي ھەقلەرنى ياقىلايدۇ » دېدى.
لىۋىيە مەسىلىسىدە، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالغان ۋاقىتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قوللىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەرەب ئەللىرىدىكى يېڭىلىققا يار – يۆلەكتە بولۇش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن خىزمەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
« بۈگۈن تۈنۈگۈنگە ئوخشىمايدۇ، ئەتە بۈگۈندىن تېخىمۇ پەرقلىق بولىدۇ »
تۈركىيە ۋە ئەرەب دۇنياسىدا يۈزبەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان ئىھسان ئوغلۇ ، « تۇنۇس ۋە مىسىردا بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر يۈز بېرىدۇ دېگىنىمىزدە، مېنىڭچە تۇنۇستا تۈركىيدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ روشەنلەشكەن ھالى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتېر ساھەسىدىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن كېلىپ چىققان. مىسىر ھىندىنوزىيىگە ئۆزىگە ئۆلگە قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئىككى ئەلدە ھەربىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىكى تەسىرى جەھەتتىن ئوخشاشلىق بار » دېدى.
بۇ ئۆزگۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىسلام ۋە دېموكراتىيە ئارىسىدا بىر ماسلىشىش شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىھسان ئوغلۇ، « كىشىلەر تارىخ ئېقىمىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلدى. بۇ ئىسلام ۋە دېموكراتىيە ئارىسىدا تېخىمۇ ماسلىشىش شەكىللەندۈرىدۇ » دېدى.
تۇنۇستا « ياسىمەن ئىنقىلابى » بىلەن باشلىغان ۋە مىسىر، لىۋىيىگە كېڭەيگەن يېڭىلىق دولقۇنىنىڭ بىر پالاكەتكە ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سىياسەتچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشى ۋە مەسلىگە كەڭ دائىرىدە قارىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە « بۈگۈن تۈنۈگۈنگە ئوخشىمايدۇ، ئەتە بۈگۈندىن تېخىمۇ پەرقلىق بولىدۇ » دەپ سۆزىنى ئاخىرىلاشتۇردى.
،،،،،،،،،،،،،،،