يېقىننىڭياغى مەخسۇس ئىختىلاپى مەسىللەر قەستەن يوللۇنۇپ دىنىي چۇشەنچىسى تۇۋەن تورداشلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ئەھۋال بەك كۇپىيىپ قالدى،بۇنىڭدىن خۇشال بۇلىدىغىنى پەقەتلا شەيتان . مۇنداق مۇنازىرەڭلارنى بۇ يەردە قىلىپ پىتنە تېرىشنىڭ ئورنى ۋاقتىڭلارنى ئۇزەڭلارغا ۋە باشقىلارغا مەنپەتى تىگىدىغان ئىشلارغا قاراتساڭلار بولمامدۇ؟
بۇلۇپمۇ قۇتلۇق ئەپەندى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تورداشلار سىلە نىمىگە ئىرىشتىڭلار ؟ ئۇزەڭلىغا ۋە تور ئەھلىگە نىمە مەنپەت ئەكەلدىڭلا؟ سىلەر پەقەت خەلقىمىزدىكى يېڭىدىن گۇللىنىۋاتقان دىنىي قىزغىنلىققا سۇغۇق سۇ سىپىپ ، كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ زىھنىنى ۋە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلدىڭلار( بۇ دىگەنلىك سىلەرنىڭ سۇزۇڭلارنىڭ ئاساسى يوق دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى مۇنازىرە ئورنى ۋە ئۇسۇلىڭلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىقىۋاتقان سەلبىيلىكلەرنى ئەسكەرتكىنىم). قالغىنى ئەستايىدىل ئويلاپ بېقىڭلا.
ئەگەر سىلەرنىڭ مەقسەتىڭلار ئۇزۇڭلىنى كورسىتىش بولماي اللە رازىلىقى ۋە خەلقنىڭ مەنپەتى بۇلىدىغان بولسا ، ئاز سوزلەپ، كوپ ئۇگۇنۇڭلا.سىلەرگە بولغان ھورمىتىمىزنى يەرگە ئۇرماڭلا.