بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى sad~da نىڭ 2011-11-13 20:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹ئى كىشلەر! ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىنىلا (ھالالنى) قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە بويرىغان نەرسىنى بۇيرىدى. ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە: ‹ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلىڭلار›، دېگەن بولسا، مۆمىنلەرگە: ‹ئى ئىمان ئېيتقان كىشلەر! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار›، دېدى، دېگەندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەر قىلىپ (ھەج سەپىرىگە ئوخشاش) چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈزلىرىنى توپا-چاڭ باسقان بىر ئادەمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ ئادەم ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: ‹ئى رەببىم! ئى رەببىم!› دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېمىكى ھارامدۇر، ئىچىملىكى ھارامدۇر، كېيىم-كىچىكى ھارامدۇر ۋە ئوزۇقلىنىشى ھارامدۇر، بۇنداق ئادەمنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ قوبۇل بولىدۇ؟›› دېدى. ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
ماۋۇ ھەدىستىن دۇئا قىلغاندا قول كۈتۈرۈشنىڭ دۇرۇسلىقى ياكى ئۇنۇڭ مۇستەھەپلىكى چىقامدۇ يا؟ تىما يوللۇغۇچى قېرىندىشمنىڭ تاماقتىن كىيىن دۇئا قىلىش بىدئەت دەمسىز ياكى دۇئادا قول كۈتۈرۈش بىدئەت دەمسىز .