سىدنېي تىياتىرخانىسى ئاۋىستىرالىينىڭ سىدنېي شەھرىدىكى بىنلان تۇمشۇقىدا ، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى،ھەمدە دۇنيادىكى داڭلىق سەنئەت مەركىزى بولغاچقا سىدنېي شەھرىنىڭ بەلگە خارەكتىرلىك قۇرۇلىشى بولۇپ قالغان. تىياتىرخانا 1973-يىلى پۈتكەن،2007-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنياۋى مەدىنيەت مىراسى بولۇپ باھالانغان.
تىياتىرخانا 1.84 گېكتار كۆلەمدە بولۇپ،ئۇزۇنلىقى 183 مېتىر، كەڭلىكى 118 مېتىر، ئېگىزلىكى 67 مېتىر، تەخمىنەن 20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ.تىياتىرخانىنى دانىيلىك ئارخىتېكتور Joslash Utzon لايىھىلىگەن .
Joslash Utzon دانىيلىك ئارخىتېكتور،1918-يىلى4-ئاينىڭ9-كۈنى تۇغۇلغان، 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاپات بولغان،سىدنېي تىياتىرخانىسى ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسىرى.
مەنبە:ئاتەش بلوگى