ئەسسالامۇئەلەيكۇم كەڭسايدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ، كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن . مەن كەڭساي مۇنبىرىگە دوستۇمنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن كىرگەنتىم .. بۇ مۇنبەرنى شۇنداق ياختۇرۇپ قالدىم . . مۇنبەردە ھەم ئىسلامىي تېمىلار ، ھەم مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە تارىخ توغۇرلۇق ، ھەم دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى دېگەندەك ھەممە مەزمۇن باركەن .
مەن كەڭساي مۇنبىرىنى باشقىلارغىمۇ تەشۋىق قىلدىم . مۇنبىرىمىز ئۇلارنىڭمۇ قايىللىقىنى قوزغىدى ... كەچتە كۆپ سۆزلەپ قويدىغاندەك تۇرىمەن ، ئەمدى مەقسەتكە كېلەي ، مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ تۇنجى يوللىماقچى بولغان تېمام مۇشۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ . گەرچە ئانچە ئېسىل بولمىسىمۇ ياختۇرۇپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . مەرھەمەت ...................
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ھازىر يوللىماقچى بولغىنىم ئامېرىكىنىڭ بىر كىنوسى ، ئامېرىكىنىڭ كىنوسى دېسەم قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتمەڭلار يەنە ....
كىنودا ئىسلامغا ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ، بىر مۇسۇلمان دادىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ، باللىرىغا بولغان مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن . شۇنچە قىيىن -قىستاق ئالدىدىمۇ بوشاشماي ئاخىرى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دىنى ئسلام ئۈچۈن قۇربان بولىدۇ .....
كىنو ئىسمى : ئىستىراتىگيە ئالاھىدە ئەتىرەت گۇرۇپپىسى ئىنگىلىزچە ئىسمى: Unthinkable
كىنونىڭ رەسىملىرى :
كىنونى بۇ ئادېرىستىن كۆرۈڭ:
XMjkwMTA1MDY0
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: فىلىمدىكى باش پىرسوناژ ئەسلى بىر ئامېرىكىلىق بولۇپ ، بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئېراققا ئەۋەتكەن قىسمىدىكى بىر ئەسكەر ، ئىسلامئابادقا بارغاندا ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ(ئىنگىلىزچە ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىدىكەن، ئەرەبچە ئىسىمغا ... يۇسۇف ئاتا مۇھەممەد) شۇ يەردىكى بىر جاھان ئىسملىك مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلغان . كېيىن رۇسسىيەدە بىر قېتىملىق چارلاشقا قاتنىشىپ 18 قاداققا يېقىن يادرو بومبىسىنى قولغا چۈشۈرگەن . ئۇ ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ۋەھشىيانە قەتلىئاملىرىغا چىدىماي ، بۇ يادرولاردىن بومبىلارنى ياساپ ئامېرىكىنىڭ 3 شەھرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىككى شەرتنى ئۇرۇنلاپ بېرىشنى <<ئىلتىماس>> قىلىدۇ. ئاخىرىنى ئۆزۈڭلار بىر كۆرۈڭلار ... فىلىم ھەقىقەتەن تەسىرلىك ...
===============
تەييارلىغۇچى : مۇناجات كوت كوت نۇمۇرۇم : 584680534