ئابدۇكېرىم ئابلىزغا مەخپى بىشارەت
(فېلىيەتون)
مەمتىمىن ئابلىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!! سەنئەت كۆكىدە چولپان بولۇپ چاقناپ شان-شۆھرىتى يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇكتەك يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان ئەل سۆيگەن ھەم ئەلنى سۆيگەن ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەپەندى، سىز مەركەزدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەپ راكېتادەك ئۆرلەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بەزىلەرنىڭ ئۈستىڭىزدىن قىلغان غەيۋەت- شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ ئەڭ زور رەۋىشتە ئىخچاملاپ مۇندەرىجە شەكلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ بۇلۇڭدا سىزگە مەخپى بېشارەت بىرىشنى توغرا تاپتىم. ئۇلاردىن بىزنىڭ مەھەللىدىنلا ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرز قىلىشقا ماڭغانلار تۆۋەندىكىچە:
1. 12بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغانلاردىن ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ تولغۇنۇپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كېتىپ جىددى قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار ۋە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى.
2. قان بېسىم كىسىلى بولۇپ ھاياجانلانسا بولمايدىغانلاردىن ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا قىزىق گەپلىرىڭىزنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن كۈلۈپ، تېلىقىپ ھۇشىدىن كېتىپ ۋېگېتاتىپ ئەدەم بولۇپ قالغانلارنىڭ جۆرىلىرى.
3. سائىتىگە قارىماي ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ كۆرىشىدىغان جايغا ۋاختىدا بارالماي سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ جۇدالىقتا ئازاب چېكىۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلار.
4 . قولىدا رول تۇرۇپ ئىتوت كۆرۈپ مېڭىپ تېرەك تورمۇز قىلىپ يولۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تۆلىمىگە قالغان شوپۇرلار.( نەق مەيدان تەكشۈرۈشتە ماشىنا ئىچىدىكى ئىكراندا سىز خاتىرجەم ئىتوت قويىۋاتقان ھالەت سۈرىتىڭىز پاكىت قىلىنىدۇ)
5 .ئىشخانىدا توردا سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ، تېلىقىپ، ئىسىنى يوقۇتۇپ باشلىق كىرسە ئىش ۋاختىدا تورغا چىقسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسلىيەلمەي « كەلسىلە ئولتۇرسىلا، بەك قىزىقكەن» دەپ ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىپ جەرىمانە، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر.
6 . يۈرىكىگە كۆۋرۈك سالدۇرغىنى ئېسىدە يوق ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ-چايقىلىپ كۆۋرۈكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئاخىرەتكە كەتكەنلەرنىڭ جۆرىلىرى.
7. دۇكانلاردا خېرىدار كەلسە قارىماي ئىتوت كۆرۈپ مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇپ مېلى بېسىلىپ قېلىپ زىيان تارتقانلار.
8 . تەرىتىنى تۇتالمايدىغانلاردىن ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ تولغۇنۇپ ئىشتانغا چېقىرىۋەتكىنىنى سەزمەي ئايالىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەلمەي ئائىلىدىكى ئوبرازىغا دەخلە-تەرۈز يەتكەنلەر.
9. كىرا ماشىنىسىدا ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ، تېلىقىپ، ئىسىنى يوقۇتۇپ مەنزىلگە يەتكەندە يېنىدىكى سومكىسىنى ئۇنتۇپ قېلىپ تاپالماي ۋاي ئىسىت دەپ دېلو مەلۇم قىلغانلار.
10 . ئىتوتلىرىڭىزنى تەكرار-تەكرار-تەكرار كۆرۈپ ئىتوتنىڭ قىزىقىدا د ۋ د لىرى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپ رېمونتچىغا كۆرسەتسە « ئابدۇ كېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى كۆرگەندە د ۋ د نىڭ دۈمبىسىگە رادىياتۇر(سوۋۇتقۇچ) ئورنۇتۇپ كۆرمىسىڭىز مۇشۇنداق بولىدۇ » دېگەن گەپنى ئاڭلىغانلار.
11. شەخسەن مەنمۇ سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى تولا كۆرۈپ قىزىقىدا كومپىيوتىرىمنىڭ نەچچە قېتىم ئىكرانى كۆيۈپ كېتىپ ھازىر ئىتوتىڭىزنى كۆرگەندە ئېكراننى توڭلاتقۇغا سېلىپ قۇيۇپ كۆرىدىغان ئۇسۇلنى ئۈگىنىۋېلىپ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلمايدىغان بولدۇم. ,
لېكىن باشقىلارنىڭ ئەلپازى يامان تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە تاۋارنىڭ تېشىدا ئېھتىيات بەلگىسى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار يېزىلسىمۇ سىزنىڭ ئىتوت پىلاستىنكىڭىزدا بۇنداق ئېھتىيات قىلىشتىن بېشارەت بېرىلمىگەن. يەنە تېخى « سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم» دېگەن بىر جۈملە شۇئارىڭىز يۇقارقىدەك ئاقىۋەتلەرنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە دەۋا پىلتىسىگە ئوت ياقىدۇ. زاسېداتىللار مەسئۇلىيىتىڭىزنى بېكىتىشتىن ئاۋۋال يۇقىرىقى يېتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلاپ، دەۋاگەرلەرگە سوت سىرتىدا كېلىشىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن تەسەللى جاۋاب بېرىپ قۇيامسىز قانداق؟ دادىلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولغاچقىلا بۇ گەپنى دوستانىلىق بىلەن ھېچكىم يوق يەردە دەپ قويدۇم . سوتتا مېنى دېگەن دېمەسسىز! خوش مەن سىزنى كۆرمىدىم جۇمۇ!. پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرارمىز. يالقۇن، رۇقىيەم ھەم ھېلىقى چەبدەس شاگىرتىڭىزغىمۇ دەپ قويۇڭ ، دۆڭگەپ قويسىڭىز ئۇلارمۇ چاتما جاۋاپكار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھۇشيار بولسۇن
مەنبە :يازغۇچىلار تورى باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى : قىزغىنلىقىڭىز قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ ، مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويدۇم ، بۇندىن كىيىن مۇشۇ بۇيۇنچە تېما يۆتكىسىڭىز ،خاتالاشمايسىز![ بۇ يازمىنىxahla91 2011-11-10 23:34قايتا تەھرىرلىدى ]