باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2224 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 17.سۇئالغا جاۋاپ(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-01 13:58

17.سۇئالغا جاۋاپ(ھ)

17-21-ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەننى بىلىملەرنى ئۆگەنسە ، ئۆز خاسلىقىنى يوقاتمىغان ئاساستا بەزى ئىسلامدا بولمىغان مەدىنىيەتلەرنى قوبۇل قىلسا(مەسىلەن قىزلارنىڭ رومال ئارتىىشنى تاشلىشى ، ئوغۇللارنىڭ ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ئىشتان كېيىشى دېگەندەك) خاتامۇ؟؟؟(گەپ چۈشىنىشلىك بولسۇن، ئۆز خاسلىقىنى يوقاتمىغان دېگەن خەتنى چوقۇم كۆرۈڭ.)؟

ئىسلام دىنى پەننى بىلىملارغا قارشى تۇرمايدۇ.بەلكى پەننى بىلىملەرنىمۇ ئېلىشقا ئۇندەيدۇ. پەننى بىلىملەرنى ئىگەللەش بەزى ۋاقىتتا شۇ ئۇرۇندىكى شارائىتقا قارتا پەرز بۇلىدۇ. مەسىلەن. بىر يۇرتتا پەقەتلا دۇختۇر بولمىسا دۇختۇرلۇقنى ئۇگىنىش ھەممە ئادەمگە پەرز بۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ئۇگەنسە ھەممە ئادەمدىن ساقىت بۇلىدۇ.بۇ خۇددى جىنازا نامىزى پەرز بولغانغا ئوخشاش جىنازە نامىزىغىمۇ بىر يۇرت ئەھلى چاقىرىلسا يۇرت ئەھلى بارمىسا شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممسىى گۇناھكار بۇلىدۇ.ئەگەر شۇ يۇرت ئەھلىدىن بىر كىشى بارسا ھەممە كىشىدىن ساقىت بۇلۇپ كىتىدۇ. مانا بۇ پەرز كۇپايە دىيلىدۇ.
 بۇلۇپمۇ ھەر مەھەللىدە ئايال دۇختۇر بۇلۇشى بەكمۇ زۇرۇردۇر. چۇنكى ئاياللارنىڭ كىسىلىنى داۋالاش ئۇچۇن ئايال دۇختۇر بولمىسا بولمايدۇ. بۇ ئىسلامنىڭ تەلىپى.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان پەننى ئىلىملار  باربۇنى تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ھەممىمىزگە ئايان.

ئىسلام دىنى تەرەققىياتقا قارشى تۇرمايدۇ بەلكى تەرەققىياتقا ئۇندەيدۇ. ئىسىل مەدەنىيەتلەرنى قوللايدۇ شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغانلا بولسا . ئەر-ئاياللارنىڭ كىينىشى يەنى شەرىئەت توسمىغان كىيىملەرنى كىيشى. مەسلەن چىرايلىق ئىشتان كەستۇنلارنى كىيىپ گلاستۇك تاقىشى(بۇنداق كىينىشنى بەزى مويسىپىتلار يامان كۇرىدۇھەم مۇسۇلمانلارنىڭ كىيمى ئەمەس دەپ قارايدۇ بۇ پەقەت ئۇلارنىڭلا خاتا كۆز قارشى) ھەرمىللەتنىڭ ئۇزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان كىيىمى، تىل ئۇگىنىش(تىل ئۇگىنىش سۇننەت رەسۇلۇللە بىر ساھابىسىنى يەھۇدىي تىلىنى ئۇگىنىشكە بۇيرىغان) كومپىيوتېر ئۇگىنىش، ئىنجىنىرلىق،ئاسترونۇمىيە ئىلمىنى ئۇگىنىش ،سودا-سانائەت،تىبابەت،تىلشۇناسلىق ... قاتارلىقلار . قىسقىسى ئىسلام دىندا چەكلەنمىگەن ھەرقانداق مەدەنىيەتلەرنى قۇبۇل قىلسا مۇسۇلمانلىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھىسابلىنىدۇ ئىسلامدىكى تۆت مەزھەپنىڭ بىرى بولغان ئىمام شافى رەھىمەھۇللە ئىسلام دىندا چەكلەنمىگەن ئىسلام دىنغا زەرەر يەتكۇزمىگەن  ھەرقانداق ئۆرپ-قائىدە جارى بۇلۇپ تۇرسا چاتاق يوق دىگەن.  بۇ توغرىدا سۆزلىسەك تىما ئۇزراپ كىتىشى مۇمكىن.

گەپنىڭ خۇلاسىسى ئىسلام دىنى دىنغا زىت بولمىغان ھەرقانداق مەدەنىيەتلەرنى قوللايدۇ.يىڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىدۇ. مەدەنىيەت زامان،ماكانغا قاراپ ئۆزگۇرىدىغان نەرسە بۇنى بۇيۇك اللە ئالدىن بىلىپ بولغان. شۇڭا مەدەنىيەتلەرنى چەكلەيدىغان(دىنغا زىت بولمىسىلا)ھېچقانداق قانۇن تۇزۇم چۇشۇرگىنى يوق. قۇرئانى كەرىمگە قارايدىغان بولساقمۇ تەرەققىياتقا يىڭىلىققا يۇزلىنىشكە ئۇندەيدىغان ئايەتلەرنى كۇرىمىز. ۋە 1400 يىل بۇرۇن ھازىرقى تەرەققىياتلارغا ئىشارەت قىلىپ ئۆكەنلىكىنى بىلىمىز. 
اللە قۇرئاندا مۇنداق دىگەن{دېڭىزدا تاغدەك ھەركەتلىنىدىغانلارمۇ يەنە اللەنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدۇر}( شۇرا سۇرسى 32.ئايەت) بۇ ئايەتتىكى <<تاغدەك ھەركەتلىنىدىغانلار>> دەپ كىمىلەرنى پاراخۇتلارنى دىيىلگەن. دېڭىزدا كىمە پاراخۇتتىن باشقا نەرسە تاغدەك ھەركەتلىنەلمەيدۇ. اللە قۇرئاننى چۇشۇرگەن چاغلاردا تاغدەك چوڭلۇقتا كىمە يوق ئىدى يەر ئاستى كىمىلىرىمۇ ھەم يوق ئىدى.ئۇ چاغدىكى كىمىلەر ناھايتى ئاددى ياسالغان كىمىلەر ئىدى.
بۇ ئايەتتە بىر ھىكمەت يۇشۇرۇنغان.ئۇ بولسىمۇ  كەلگۇسىدە مۇشۇنداق تاغدەك ھەركەتلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىنسانلار تەرپىدىن ئىجاد قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت بەرگەن.
ھازىر غەرپ ئالىملىرىمۇ قۇرئاننى ھازىرقى تەرەققىياتنىڭ مەنبەسى دەپ قۇرئانغا قول قويغان.
  . مىسىرلىق بىر دۇختۇر ئەتتىگەنلىك قۇرئان ئۇقۇشىدا قۇرئان  ئۇقىۋېتىپ {...سىلەرمىنىڭ بۇ كۆڭلۇكۇمنى ئاپىرىپ ئاتامنىڭ يۇزىگە تاشلاڭلار كۈزى ئېچىلىدۇ...} (سۇر يۇسۇپ 92.ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىگەن ئايەتنى ئۇقۇۋېتىپ ئويلۇنۇپ قالىدۇ يۇسۇپنىڭ كۆڭلىكىدە زادى نىمە بار؟ ئۇ ئىزدىنىپ كوينەكتە ئادەم بەدىنىدىن چىققان تەردىن ئۆزگە ھېچقانداق نەرسە يوقلىقىنى بايقىغان. ۋە دەسلەپ ئادەم بەدىنىدىن چىققان تەردە بىر دورا ياساپ چىققان ۋە بۇ دورىنى كۇزى كۆرمەس بۇپ قالغان بىمارلارغا ئىشلەتكەن نەتىجىدە بىمارنىڭ كۈزى ئېچىلغان. ئۇ دورىنىڭ پايدا قىلىش نىسپىتى 98%دىن ئاشقان. ئۇ مىسىرلىق بۇ دورىغا <قۇرئان شىپادانى> دەپ ئىسىم قويغان.
يۇقۇرقى ئايەتلەر بولسا قۇرئان ئۇقۇغان ئىنسانلارنى ئۇقۇپلا قالماستىن بەلكى ئىزدىنىش تەپەككۇر قىلىش يىڭىلىققا يۈزلىنىش قاتارلىق تەرەققىياتلارغا يۇزلىنىشنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
اللە خالىسا قۇرئانى كەرىم توغۇرلۇق باشقا بىر تىمىدا تەپسىلى توختىلىپ ئۈتەرمىز.تىمىنىڭ بەك ئۇزراپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن ئىسلام دىننىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتلارغا قانداق قارىغانلىقى توغرىستىكى تىمىنى مۇشۇ يەردە توختىتىمەن.

مەخسەتكە كەلسەك:


سىزنىڭ سۈزىڭىزدىكى < قىزلارنىڭ رومال ئارتىىشنى تاشلىشى ، ئوغۇللارنىڭ ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ئىشتان كېيىشى>  دىگەن سۆزلىرىڭىزتوغۇرلۇق ئىسلام دىندا ئۇچۇق مەلۇماتلار بار .
اللە قۇرئاندا {مۇئىمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى ناماھرەملەرگەتىكىلىپ قارىمىسۇن.ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن.تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارلىمىسۇن. لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن...} (سۇرە نۇر 30.ئايەتنىڭ بىرقىسمى) دىيىش ئارقىلىق ئۇزىنى مۇسۇلمان ھىسابلايدىغان ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى جەزمەن يېپىشىنى بۇيرىغان.اللە خالىسا اللەنىڭ نىمە ئۇچۇن ئاياللارنى مۇنداق ئورىنىشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھىكمەت بارىسىدا كىيىنچە توختىلىمىز.

ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرى قايسىلار؟ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللە <ئاياللارنىڭ يۇزى ۋە ئىككى قۇلىدىن باشقا ھەممە يىرى ئەۋرەت > دىگەن. ئەمما ئەرلەرنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستى تىزىنىڭ ئۇستى ئەۋرەت ھىسابلىنىدۇ. بۇ بولسا ئىسلام قانۇنى. ھازىرقى ئاياللارنىڭ يالاڭباش. مەيدىلىرى ئۇچۇق پاچىقىنىڭ يېرىمىدىن كوپرەكى ئۇچۇق تۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەتلەر گە ئۇزىنى ئېتىشى ئىسلام داۋاسى قىلىدىغانلارنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۇنداق مەدەنىيەتلەر غەيرى دىندىن غەيرى مىللەتتىن كىرگەن غەيرى مەدەنىيەتتۇر.

رەسۇلۇللەنىڭ بىر ھەدىسىدە < زامان ئاخىرىغا يېقىن ئىككى تۇرلۇك ئادەم كىلىدۇ .
1. قۇلىغا كالىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاش قامچىلارنى كۇتۇرۋېلىپ باشقىلارنى ئۇرىدىغان ئادەملەر.
2.بىر ئاياللاركى ئۇ ئاياللار بېشىنى تۇگىنىڭ لۇكىسىدەك قىلىۋېلىپ. يالىڭاچتەك كىيىم كىيىدىغان(يەنى نىپپىز ،تار،بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان. بەدىنىنىڭ ئىگىز-پەس يەرلىرى بىلنىپ تۇرىدىغان) ئۈزىمۇ ئېزىپ باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان ئاياللار كىلىدۇ. بۇلار جەننەتنىڭ پۇرقىنىمۇ پۇريالمايدۇ ،جەننەتنىڭ پۇرقى 40يىللىق يىراقتىنمۇ كىلىپ تۇرىدۇ> دەپ ھازىرقى ئاياللارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرگەن. مۇسلىمە ئاياللار نامەھرەملەردىن ئۇزىنى ساقلىشى پەرزدۇر.


 ئوغۇللارنىڭ ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ئىشتان كېيىشى  دىگەن سۈزىڭىزگە كەلسەك بۇ توغرىدىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇچۇق ھەدىسى بار. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن. < ئىشتىنى ھۇشۇقتىن ئۇزۇن بۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس>  <اللە قىيامەت كۇنى قارىمايدىغان گۇناھلىرىنى پاكلىمايدىغان قاتتتىق ئازاپ قىلىدىغان ئۇچ تۇرلۇك كىشىنىڭ بىرىمۇ ئىشتىنىنى ھۇشۇقىدىن ئاشۇرۋالغان ئادەم.> چۇنكى بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ بەلگۇسىدۇر. اللە تەكەببۇرلارنى يامان كۇرىدۇ. ئەگەر تەكەببۇرلۇقتىن بولمىسا چاتاق يوق. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھەدىس بار. رەسۇلۇللە ئىشتاننى ھۇشۇقتىن ئاشۇرۇپ كەيسە ناماز مەقبۇل ئەمەس دىگەندە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللە ئەنھۇ <يا رەسۇلۇللە مەن ئىشتىنىمنى كۇتۇرۇپ تۇرمىسام سۆرلىپ قالىدۇ(ئۇ ۋاقىتلاردا بىر پارچە ئەن رەختنى بىلىگە چىگىپ قۇياتتى ئەبۇبەكرى بەك ئۇرۇق بولغانلىقتىن ئۇ رەخت چەككەن ئۇرۇندىن پەسلەپ كىتەتتى)دىگەندە رەسۇلۇللە <چاتاق يوق چۇنكى سەن تەكەببۇرلۇقتىن ئىشتىنىنى سورىۋالىدىغانلاردىن ئەمەس> دىگەن...

بۇنداق ئۇچۇق ھۇكۇم بار ئىشلار مۇسۇلماندا سادىر بۇلىدىكەن گۇناھكار بۇلىدۇ.

بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىممۇ قانداق؟ ئەگەر چۇشەنمىگەن كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن يەرلەر بولسا يەنە ئوتتۇرغا قۇيشىڭىزنى سۇرايمەن. سىز سەۋەبلىك نۇرغۇن مۇنبەرداشلار ئىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

يازغانلىرىمدا خاتالىق بولسا ماڭا كۆرسۇتۇپ بىرىڭلار. بۇ ئىسلامدىكى خاتالىق ئەمەس خۇسۇسەن ئۈزۈمدىكى خاتالىق. ئەگەر توغرا بولسا اللەنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان فەزلىدۇر.
[ hamzaتەرىپىدىن2010-08-01 14:36قايتا تەھرىرلەندى ]
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 403
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە403دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22

ناھايىتى چۈشىنىشلىك بوپتۇ ،رەھمەت سىزگە!~~!
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-01 21:17

چۇشەنگەن بولسىڭىز بولدى. مەن  قىلغان ئەمگىكىمدىن رازى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 845
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2010-12-15
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-05 12:40

ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  كوپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-11 17:18

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى