مەلۇم قىسىمدىن 4نەپەر ئەسكەر قورال ھەم نۇرغۇن ئوقلارنى ئېلىپ قىچىپ كەتكەن
خەلق تورىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى: CNTVنىڭ مىكرۇ بىلۇگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جېلىن شۇلەن شەھەرلىك ساقچى تەرەپ بۈگۈن جىددى ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 4 يېرىمدىن 6گىچە بولغان ئارلىقتا،جېلىن شەھىرى مەلۇم قىسىمدىكى 4نەپەر ئەسكەر 95تىپلىق ئاپتۇماتىك مىلتىق بىلەن 795تىپلىق ئوق (95تىپلىق، 460تىپلىق، 92تىپلىق، 300تىپلىق، 77تىپلىق 35تىپلىق )لارنى ئېلىپ قىسىمدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ قاچقان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسمى، لىن پېڭ خەن، ياڭ فەن، لى شىنشىن،جاڭ شىنيەن بولۇپ ، 1988-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە تۇغۇلغان ئىكەن.
جېلىن شەھەرلىك ساقچى ،تەرەپ چوڭ تىپتىكى ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ھەممال –مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى بانكا، ئالتۇن زىبۇ- زىننەت دۇكانلىرنىڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى،گۇمانلىق ئەھۋال سېزىلگەن ھامان دېلۇ مەلۇم قىلىشىنى، بىخەتەر تىجارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان ئىدارە ئورگانلارنىڭ تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختىشىنى . ئەگەردە يىپ ئۇچى بايقالسا جېلىن شەھەرلىك خ خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تارماق ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۇقتۇردى .
ھازىر جېلىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسدىكىلەر ئۇلارنى تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپتۇ.
مەنبە: نۇر تورى