باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1259 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوغرىنىڭ ئىقرارى   (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1534
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1534دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-06 23:42

ئوغرىنىڭ ئىقرارى   (گېنېرال)


بۇ يىللاردا،بىر ئادەم ئالتە ساقچىنى ئۆلتۈرىۋەتسە ۋە ئالتە ساقچى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسە مانا بۇ ھەقىقىي ئاخبارات خەۋىرى بولىدۇ.ساقچىخانىغا يېڭىدىن ئورۇنلاشقان جاڭ فامىلىلىك ياش ساقچىنى بىئارام قىلىدىغىنى جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلغىنىمۇ ياكى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىپ ئەسەبىيلەشكەنلىكىمۇ بىلىپ بولمايتتى.جاڭ ساقچى چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ،ئۆزىگە تاشلانغان بېلەت سانىنىڭ قانچە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا،قولىدا خاتىرە كومپيۇتېر كۆتۈرىۋالغان،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بىرەيلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن(كەسپىي)ئوغرى ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئۆزىنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاساسىي قاتلامدا ساقچى بولغىلىمۇ بىر يىل بولاي دەپ قالدى،ساقچى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جاڭ ساقچى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۆزىنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆپ كۆرگەن بولسىمۇ،ئالدىدا تۇرغان ماۋۇ ئادەمدەك ئۆزى يالغۇز ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى ئۇنىڭ ئوغرىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئىدى.ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەن ئىكەن،دېمەك بۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر ھېكايە بار.شياۋجاڭ بىردىنلا روھلىنىپ بۇ ئوغرىنىڭ ئىقرارىغا قۇلاق سالدى.
   ئۇ كۈنى،توغرىسىنى ئېيتقاندا شەنبە كۈنى،نەچچە كۈندىن بۇيانقى كۈزىتىشكە ئاساسلانغاندا ئىدارە باشلىقى ئىدارىگە كەلمەيتتى.ئوغرى قاق سەھەردىلا ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا سۇقۇنۇپ كىردى.ئۇ تېخى قولىغا چىققۇدەك بىرەر نەرسە تاپالماي تۇرۇپلا ئىشخانىغا بىرەيلەن كىرىپ قالدى.ئوغرى نىمە قىلارىنى بىلەلمەي،جىددىيلىك ئىچىدە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ دەرھاللا ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ كەينىدىكى كىرىسلوغا چۆكتى ۋە ئۈستەلدىكى گېزىتنى ئېلىپ يۈزىنى توسۇۋالدى.كىم بىلسۇن كىرگەن ئادەم گېزىتكە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ:
- ۋاڭ ئىدارە باشلىقى،سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە شۇنچە سەھەر كەپسىز-ھە؟ - دېدى.
ئوغرى ئامالسىزلىقتىن جاۋاب تەرىقىسىدە گېلىنى قىرىپ قويۇپ،كۆڭلىدە بۇ ئادەمنىڭ تېزرەك چىقىپ كېتىشىنى تىلىدى.ئۇ ئادەم ھۆججەت ئىشكاۋىدىن بىر پارچە ھۆججەتنى ئېلىپ ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ قويۇپ:
- باشلىق،قارىغاندا زۇكام بولۇپ قاپسىزدە؟-دېدى.ئەمدى ئوغرى ئاخىرىغىچە ئېلىشمىسا بولمىدى.ئۇ ئاۋازىنى قىسىپ تۇرۇپ:
- تۈنۈگۈن كەچ ھاۋا تەڭشىگۈچنى چڭراق ئېچىپ قويۇپتىمەن- دېدى.كىم ئويلىغان دەيسىز،قارشى تەرەپ كۈلۈپ قويۇپ:
-باشلىق،سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىز بولمايدۇ،دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقامسىز يا؟-دېدى.ئوغرى باشلىق سىمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئىكەن چوقۇم يىغىن ئاچىدۇ،دەپ ئويلاپ،يەنە ئاۋازىنى قىسىپ:
- يىغىن تۈگىگەندە بىر گەپ بولسۇن،دېدى.كۆڭلىدە <<ئۇ بايا نېمىشقا كۈلگەندۇ ياكى مېنىڭ بىرەر ئىشىنى بايقاپ قالغانمىدۇ ؟>> دەپ ئويلىدى.ئۇنىڭ خىيالى تۈگىمەي تۇرۇپ ئۇ ئادەم  ھۆججەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئوغرى ئۇزۇن بىر تىندى.ئۇ تەرلىرىنى سۈرتىۋېتىپ <<سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ نېمە ئەمدى،بۇ يەردىن تېزرەك كېتەيچۇ،>> دەپ تۇرۇشىغا ئۈستەلدىكى تېلېفون سايراپ كەتتى،تېلېفون سايراپ كەتسە مەيلىغۇ،دەل شۇ چاغدا ئىشخانىغا يەنە بىر ئادەم كىرىپ كەلدى.ئوغرى بايىقى رولنى قايتا ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.ئۇ گېزىت بىلەن يۈزىنى توساپ تۇرۇپ،تېلېفوننى ئېلىپ سورىدى:
-كىم؟...
ئۇ يەنە ئويلىمىغان ئىدىكى قارشى تەرەپ بىر قىز ئىدى.ئۇ قىز نازلانغىنىچە:
- مېنى شۇنچە تېز ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ؟ تۈنۈگۈن كېچە سىز تېخى...
ئوغرى دەرھال چۈشەندى.بۇ يەردىكى ئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇ ئايال ئوتتۇرىسىدا تۈنۈگۈن كېچە بىر قىسما ئىشلار بولغان،بايا ئىشخانىغا كىرگىنى بولسا چوقۇم ئىشخانا مۇدىرى.مۇشۇنىڭ توغرىلىغان ئىشىمۇ تېخى! زۇكام بولۇپ قالدىم دېسە،ئۇنىڭ كۈلۈپ قويغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئوغرى ئاۋازىنى پەسلىتىپ تۇرۇپ:
- ھۇ شەيتان،تۈنۈگۈن كەچ ئۆلەي دېدىم، - دەپ قويدى. قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى دەرھال مۇلايىملاشتى:
- باشلىق،ئەجەب ئەسكىكەنسىز.ماڭا ماقۇل بولغان ئىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، بۈگۈن ئەتىگەن نەۋرە ئاكام سىزنى ئىزلەپ بارىدۇ،- دېدى.ئوغرى دەرھال چۈشەندى،ھازىر كىرگىنى ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئىكەندە! چوقۇم بىر سودا بار!ئوغرى مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ قويۇپ:
- خاتىرجەم نولۇڭ،مەن سىزنى بىكارغا ئاۋارە قىلمايمەن،- دېدى.قارشى تەرەپ تېلېفوننى قويدى.ئوغرى تېلېفوننى ئەمدىلا قويۇشىغا،بايا كىرگەن ئادەم ئالدىغا يېقىن كېلىپ،ئۇنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىنى ئېچىپ قېلىن بىر بولاقنى سېلىپ قويدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئىدارە باشلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىشىدا ياردەم قىلارسىز،- دېدى.
<<قۇرۇلۇش>> دېگەن سۆز ئوغرىنى دەرھال سەگىتتى.ئۇ كۈلۈمسىرەپ:
- سەل تۇرۇپ يىغىن ئاچىمىز،قۇرۇلۇشنىڭ ئىشىدا سىز چاقىرتىشىمىزنى كۈتسىڭىز بولدى، - دېدى. ئۇ ئادەم خاتىرجەم بولۇپ شۇئان چىقىپ كەتتى.
ئوغرى قېلىن قەغەز بولاقنى  سىلاپ بېقىپ كۆڭلىدە قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى.<< بۈگۈنكى جاپايىم،قورقۇنچلار بىكارغا كەتمىدى.ئاناڭنى،كىرىمىم ئاز ئەمەس!>>  ئۇ بولاقنى يانچۇقىغا سېلىپ،ئۈستەلدىكى خاتىرە كومپيۇتېرنى ئېلىپ ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئىشخانىغا يەنە بىرى كىرىپ قالدى.بۇ قېتىم كىرگىنى  يۈزلىرىگە قىزىللىق تولغان،ئېغىر-ئېغىر تىنىدىغان كىشى بولۇپ،ئۇ ئوغرىنى كۆرۈپلا كەسكىن ئاۋازدا:
- سەن كىم؟ نېمىشقا مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرىسەن؟- دەپ سورىدى.ئوغرى << ئوغرىنى قاراقچى سوقتى>> دېگەن ماقالنى ئەسلەپ قالدى.ئۇنىڭ بىلىشىچە ئالدىدىكى بۇ ئادەممۇ ياخشى نېمىلەردىن ئەمەستى.ئوغرى ئورنىدىن دەس تۇردى-دە،ئىدارە باشلىقىغا مىختەك تىكىلىپ تۇرۇپ قاتتىق تەلەپپۇزدا:
-  سەن تېخى بۇ ئورۇندا داۋاملىق ئولتۇرالايمەن دەمسەن؟ تۈنۈگۈن كېچىدىكى ئىشنى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئىشىنى مېھمانخانىنىڭ 218-ياتىقىغا بېرىپ چۈشەندۈر! - دېدى. ئىدارە باشلىقى بىردىنلا بوشىشىپ،چىرايى تاتىرىپ كەتتى.ئۇ زۇۋانمۇ سۈرمەي ئوغرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چوڭ يولغا چىقتى.ئوغرى كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توسۇپ چىقتىدە-دە،گومۇشلارچە ھاڭۋېقىپ قالغان ئىدارە باشلىقىغا قارىسى يۈتكىچە قول پۇلاڭلاتتى.
 ساقچى شياۋجاڭمۇ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلىدى ۋە تىللاپ قويدى.لېكىن ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىدىكى سەۋەبنى تېخى بىلەلمىگەنىدى.بۇنداق ئىشتا ئىدارە باشلىقىمۇ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلمايتتى،يەنە نېمىشقا ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەنسەن ئەخمەق! شۇنىڭ بىلەن ئوغرىدىن سورىدى:
- ئۇنداقتا سەن مەقسىدىڭگە يەتكەن تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلغىلى كەلدىڭ؟
ئوغرى يىغلامسىرىغىنىچە كىمنىدۇ تىللاپ كەتتى:
- مەن ئۇنىڭ كومپيۇتېرىدىن بىلدىم،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى باركەن.بىلەمسىز ،ئۇ قىز مېنىڭ مەبۇدىم ئىدى!
ساقچى شياۋجاڭ كومپيۇتېرنى ئېچىپ قاراپ كۆردىكى،ئوغرى ئېيتقان ئۇ قىز شۇ يەردىكى بىر داڭلىق چولپان ئىدى،يەنە كېلىپ شياۋجاڭنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى،ئىلگىرىكى مەكتەپ گۈزىلى،ئۆزى يوشۇرۇن كۆيگەن قىز ئىدى.شياۋجاڭ ئۆزىنى باسالماي تىللىدى:
- ھۇ ھايۋان!

                    تەرجىمان: گېنېرال

                  <گېنېرال بىلوگى>  دىن ئېلىندى.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دوستلىشىش
مەلىكەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9675
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-03-31
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-26 17:57

Re:ئوغرىنىڭ ئىقرارى   (گېنېرال)

ھە ئەسلىدە مۇنبىرىمىز دە ئىككى گېنرال بار ئىكەندە      ئەمدى بىلدىم
ياخشىلىق  قىل قولۇڭدىن كەلسە!!!!