بىچارە ھۆرى ئانا... بىچارە ئانا سۇلتان ....بىچارە سالاھىدىن قىلىچى....ئەركەككە ، ئادالەتكە ، ئادىمىي ئىززەتكە ، كىچىككىنە ھۆرمەتكە ... زار بولغان ، ياز ئايلىرىدىكى يالتىراق قوڭغۇز چىقارغان يورۇقچىلىك بولسىمۇ ئۈمۈدكە تەشنا بولغان ، تاز بولسىمۇ ، قوتۇر بولسىمۇ ، ماڭقىسى ئېقىپ تۇرسىمۇ ، ئۇرۇقلىقىدىن قوۋۇرغىللىىرى سانىۋالغۇدەك ،پۈۋلىسە ئۇچۇپ كەتكۈدەك ئاجىز بولسىمۇ قەھرىمانغا ئىنتىزار بولغان بىچارە خەلق!.... ئاخىرى ، يىراق سەھرادىكى ئاددىي تۇل خوتۇننىڭ ئىنجىمارۇق ئوغلى --مەمەت ئاۋاقنى __ باشقلاردەك كۈلۈشنى خالىسىمۇ كۈلەلمەيدىغان ، يىغلاشنى خالىسىمۇ يىغلىيالمايدىغان ، ئويناشنى خالىسىمۇ ئوينىيالمايدىغان ، خوتۇن ئېلىپ كۆڭۈل ئاچاي دىسىمۇ ئالالمايدىغان..... قاراقچى بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.....
بۈگۈنكى مۇبارەك ھېيت دەملىرىدە مەمەت ئاۋاق بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەندىكى تېپىلغۇسىز تۇيغۇلار ھوزۇرىنى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ئابدىرىيىم ئابلەتخاننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن ....ئايەم مۇبارەك !!!.....