باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 12581 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەيغەمبەر تامغىسى
دوستلىشىش
ئا.ئابلەتخان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6792
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-06 12:41

پەيغەمبەر تامغىسى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-10)

پاراڭنىڭ بېشى:

مەرھۇم دادام تۈركىيەگە ئامراقتى. نىمە ئۈچۈن ئامراقلىقىنى سورىماپتىمەن. ئەمەلىيەتتە  ئۇ يەرنىڭ دەرۋازىسى قانداق؟ ئادەملىرى  ئىگىزمۇ-سېمىزمۇ ؟ پەتەڭگە كىيەمدۇ ياكى مەسسە-كالاچمۇ  ؟ ھېچنىمىسىنى بىلمەيتتى. پەقەت "تۈركىيە" دىگەن ئىسىمنىلا بىلەتتى.
بۈگۈنكىلەر تۈركىيە دىگەن ئىسىمنىلا ئەمەس، ئىستانبول، ئەنقەرەلەرنىمۇ بىلىمىز. بىراق يەنىلا تورۇس تاغلىرىنى بىلمەيمىز.  
كونىلارنىڭ "پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاچ چاققاندا ئايرىلدۇق." دەيدىغان بىر سۆزى بولىدىغان.
ئىلگىرى تورۇس تاغلىرىغا ئوخشاش مىڭلىغان تاغلار، ئىستانبول ۋە ئەنقەرە بىلەن تەڭ پادا باققان ئىكەن. جەڭلەر قىلغان ئىكەن. "ئۆلسەك شېھىت ! قالساق غازى! " دىيىشكەن،  بىر ئاكوپتىكى سەپداشلاردىن ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياڭاق چاقىدىغان ۋاقىتلارمۇ كېلىپتۇ. ئىش شۇ چاغدا بۇزۇلۇپتۇ. تورۇسلۇقلارنىڭ پادا باققاندا كەيگەن كىيىملىرى ، بۇرۇندىن تۇتقان يولى ئەنقەرەلىكلەرنىڭ كۆزىگە سىغماپتۇ. ھەممە كاساپەت شۇلارنىڭ تۇتقان يولىدىن، كەيگەن كىيىملىرىدىن كېلىدۇ دەپ بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن "تۈركىيە دىگەن بۇ سەھنىدە تورۇس تۇرمىسۇن" دەپتۇ. "پەقەت ئەنقەرەلا تۇرسۇن" دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بىزنىڭ كۆزىمىزگە سۈت بەرگەن كالىغا قارىغاندا سۈتچى خوتۇن جىق ئۇچرايدىغان بولۇپ قاپتۇ. تورۇس تاغلىرى بولسا ئۇنتۇلۇپ كېتىپتۇ.
تۈركىيەدىكى دۆلەتلىك موزىينى بىلەمسىز؟
بىز كۆرگەن ماتىرياللاردا، ئىلگىرى بۇ جاي خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ سوفىيە دىگەن داڭلىق چېركاۋى ئىكەن. كېيىن تۈرك خەلىقلەرى پەرەڭ قەۋىملىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ئىسلامىيەتنىڭ شۆھرىتى بولغان سۇلايمان مەسچىتىگە ئۆزگەرتىپتۇ. بۈگۈنچۇ ؟
بۈگۈنكىلەر پەرەڭ ئىتىپاقىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن   مەسچىتنى موزىي قىلىپ قويۇپتۇ. تىرىكچىلىك  ئادەمنى نىمە كويغا سالمايدۇ دەيسىز.....
موزىينىڭ نىمە قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟
ئۇ قەدىمقىلارنىڭ ئاجايىپ ئىش-ئىزلىرىنى كۆرۈپ تاڭلايلىرىمىزنى چاكىلدىتىغان جاي.
مەن ئىلگىرى سوفىيە خانىم  چېركاۋىنىڭ سۇلايمان قارى مەسچىتىگە ئايلانغانلىقىغا ھەيران قېلىپ تاڭلىيىمنى خېلى يىللارغىچە چاكىلداتقان.  كېيىن سۇلايمان قارى مەسچىتىنىڭ "دۆلەتلىك موزىيغا ئايلىنىپ قالغان"لىقىنى ئاڭلاپ جىممىتە بولۇپ قالدىم.
تۈركىيەگە بارغانلاردىن سورىسام دۆلەتلىك موزىيغا تارىختىن قالغان دىنىي، مىللىي ئاسارۇ-ئەتىقىلەر سىغماي قاپتۇمىش. موزىي دىگەن چەكلىك بولىدۇ-دە. ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىدىغان ئىقتىدارى شۇنچىلىككەن. ئامالسىز سۇلايمان مەسچىتىنى موزىيغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
ئەجەملەر، ئەرەپلەر، پەرەڭلەر ئۇچراشقان جايدا يەنە نىمە ئىشلار بولار؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىرىكچىلىك سەۋەبىدىن بۇ موزىي قايتىدىن مەسچىتكە ياكى بۇنىڭدىنمۇ باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.....ھەممىنى ئالدىن بىلگۈچى، يىگانە اللە........
خوش، بىز بۇنداق ئېغىر تېڭىرقاشلار ئىچىدە بېشىمىزنى قاتۇرۇپ يۈرمەي، يىراقتىكى تورۇس تاغلىرىغا كېتەيلى، ئۇ جايلاردا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئادەملەر ياشىغان. 
 ئەشۇلار بىزنى ھەيران قالدۇرغان تارىخنىڭ ھەقىقى ئىگىلىرى. ئىستانبول، ئەنقەرەگە سۈت بەرگەن، ئۇلار ئۈچۈن جان بەرگەن تورۇسلۇقلار!.....
 



پەيغەمبەر تامغىسى
(مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭنىڭ 3-قىسمى)
سېسىپ كەتكەن ئۆلۈك
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
 

ئالدىنقى قېتىم سۆزلەپ قەيەرگە كەلگەنتۇق ؟
توغرا، شۇ ئاخشىمى مەمەت ئاۋاق ئەلى ساپانى ئۆلتۈرۋېتىپ قېچىپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەسكەر ۋە ساقچىلار قوغلاپ مېڭىپتۇ..........
ئۆلۈمنىڭ ئېتى توقۇقلۇق بولىدۇ. سەن دىمىسەڭمۇ جاھانغا يېيىلىدۇ. ئەتىسى بامداتتىن يېنىپ، ئەلى ساپا باينىڭ مىيىتىگە كەلگەن ئادەملەر ئۇنىڭ ھويلىسىغا كېلىشكە باشلاپتۇ. يىراقلارغا خەۋەر ماڭدۇرۇپتۇ. باينىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئەڭ چەت يېزىلارغىچە بېرىپتۇ. ئاتلىق، ھارۋىلىق كېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. شەھەردىكى كەسپى ھازىچى خوتۇنلار بۇرۇنلا كېلىپ "ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى، ھۆكۈمەتنىڭ سادىق كادىرى، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىنىڭ باشلامچىسى" بولغان ئەلى ساپاغا بېغىشلانغان مەرسىيەلەرنى باشلاپتۇ. ئۇلار ئەڭ تەسىرلىك مەدھىيە سۆزلىرىنى بوزلاپ تۇرۇپ ئېيتىدىكەن. باينى ئۆلتۈرگەن "قولى قانلىق، ئىنجۇمارۇق مەمەت"نى قاغاپ ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ كېتىدىكەن........
ئۆلۈك شۇ كۈنى يەرلىككە قويۇلماپتۇ. سۇغىمۇ ئالدۇرۇلماپتۇ. تۈڭلۈككە چىقىپ ئوقۇيدىغان، توۋۇتنى ئىشىك ئالدىغا باراڭ قىلىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ قىلىنماپتۇ. ئەتىسىمۇ قىلىنماپتۇ.
باينىڭ چوڭ خوتۇنى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كادىرلىرى ئورتاق تونۇشتىكەن. " مېيىتنى ئالدىراپ كۆمۈۋېتىشكە بولمايدۇ ! ...ھەممىسى كۆرسۇن. بىر ئۇرۇش قەھرىمانىنىڭ دۆلەت دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قانلىرىنىڭ قانداق چاچرىغانلىقىنى كۆرۈشسۇن...."
ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا "ئازاتلىق قەھرىمانى"نىڭ ئۆلىگىدىن ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان پۇراقلار چىقىشقا باشلاپتۇ. ئىسسىق تومۇزنىڭ چاتىقى يوقكەن. ھۆكۈمەت باقىدىغان كادىرمۇ ياكى ھۆكۈمەتنى باقىدىغان دىخانمۇ كارى يوقكەن. ئۆلۈكلا بولسا سىلاپ سېسىتىدىكەن. 
 ئۆلۈكتىن سېسسىق پۇراشقا باشلاپتۇ. بۇ پۇراق ھويلىغا، ئاندىن  مەھەلىگە، ئاخىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى كوچىلارغا تارقىلىپتۇ.
ھازىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قول ياغلىقلىرى بىلەن تۇمشۇقىنى توسايدىكەن. قول ياغلىقى يوقلار بولسا كىيىملىرىنىڭ پەشلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ماسكىلايدىكەن. سېسىقچىلىق دەستىدىن بۇنى ھېچكىم ئېغىر ئالمايدىكەن. چۈنكى ھويلىنى ئاپتاپتا قالغان غالجىر ئىتنىڭ ئۆلۈكى  باردەك سېسىقچىلىق قاپلاپ كەتكەن تۇرسا.
مىيىت ئىشلىرى بىلەن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت تاپقانلار تۇمشۇقىنى توسىمايدىكەن. مۇھىم ئادەملەر يىغىلغان سورۇندا ئۇلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن. كۆزىنى، بۇرنىنى، قۇلىقىنى، ئاغزىنى، ئىشقىلىپ پۈتۈن تۆشۈكلىرىنى ئىشقا سېلىپ شۇنداق پۇرسەت ئىزدەيدىكەن. ھەممە يېرى شۇنداق ئالدىراش تۇرسا سېسىق پۇراقنى قەيېرى بىلەنمۇ پۇرايدۇ دەيسىز ؟ شۇڭا پۇرىمايدىكەن. تېخى تازا قاملاشتۇرۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ قويىدىكەن.
ئۆلۈككە توختىماي ئەتىر سېپىشىپتۇ. ئەمما بۇنداق مۇقەددەس ئۆلۈكنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ئەتىر يوقۇتالماپتۇ. ناھىيىنىڭ دۇكانلىرىدىكى ئەتىرنىڭ ھەممىسىنى ئەكىلىپتۇ. توختىماي سېپىپتۇ. ئەمما ئۆلۈك توختىماي كۆپۈۋېرىپتۇ. سېسىۋېرىپتۇ.
مىللەت قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاناتولىيەنىڭ ئۆلكە رەئىسى ئارۇپ سايىم ئەپەندىممۇ كېلىپتۇ. خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىغىمۇ كېلىپتۇ. يەنە ئادانانىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بىلەن باشقا  كاتتىلارمۇ كېلىپتۇ. باينىڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرغان ئىسلاھاتچى دوستلىرى، كوزاندىن، ئوسمانىيەدىن كەلگەن كونا تۈركمەن بەگلىرى، نۇرغۇن ئادەملەر كېلىپتۇ. ئىشقىلىپ كاتتا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كېلىپتۇ.
باينىڭ يېققىن دوستى، قارا تاغلىقنىڭ يالغۇز ئوغلى مۇرتازا ئەپەندىم بۇرۇنلا كەپتىكەن. ئۇ يېقىن دوستىنىڭ ئۆلىمىگە قاتتىق قايغۇرىدىكەن. 
 ئەسلىدە ئادەم دىگەن بىراۋنىڭ ئۆلىمىگە بارغان چاغدا ئۆزىنى ئەڭ خاتىرجەم ھېس قىلىدىكەن. بەلكىم ئۆلۈكنى كۆرسە تىرىك تۇرغانلىقىغا خوش بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما مۇرتازانىڭ كۆڭلى دەككە-دۈككىدە ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ قايغۇسى دوستىنىڭ ئۆلىمىدىلا ئەمەسكەن. كەينى-كەينىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئۇنىڭغا زەنجىرسىمان پىلاندەك بىلىنىدىكەن. بۇ ئۆلۈمنىڭ كەينى ئۆزلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتەك، مەمەت ئاۋاق نۆۋەت بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋاتقاندەك بىلىدىكەن.
شۇڭلاشقا قورقىدىكەن. توختىماي ئەندىشە ئىچىدىكەن، قورقۇنۇچ ئۇنى يەيدىكەن. ئۇ بولسا قورقۇنۇچنىڭ پوقى بولغان ئەندىشىنى يەيدىكەن. ئۇلار بىر-بىرىنى توختىماي يەيدىكەن.
مۇرتازا ئەپەندىم بۈگۈن ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ھازىچىكەن. دوستىغا ھازا تۇتىدىكەن.
-          بىر يىتىم ئوغلاق، بوينى ساپاقتەك پىستەك ئۆلتۈردىغۇ !؟ مۇستەقىللىق قەھرىمانى، مۇستاپا كامالنىڭ ياراملىق سەبدىشىنى ئۆلتۈردى....تۇغقانلار، ھەي مۇسۇلمانلار بىز مۇشۇ كۈنگە قالدۇقمۇ ؟!  دوستىمىزنىڭ كۆزىگە ئېتىپتۇ. پەرەڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا خەنجەردەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە ئېتىپتۇ. ئۇ شۇنداق ئۆلتۈرىدىكەن. كادىر بولامدۇ، دېھقان بولامدۇ، كارى يوقكەن. ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىكەن. خوتۇنلىرىنىڭ قارنىنى يارىدىكەن. قىزلىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ بولۇپ باشلىرىنى كېسىدىكەن. يەرلىرىمىزنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىدىكەن. قان-تەرىمىز بەدىلىگە ئاچقان بوز يەرلىرىمىز. كىلولاپ ئالتۇن، تۇتاملاپ كويچەن تۆلەپ سېتىۋالغان يەرلىرىمىز قولدىن كېتىدىغان بولدى. شان-شەرىپىمىز، يەتتە دۆلەت، ئون بەش پادىشا بىلەن ئۇرۇشۇپ يېڭىلمىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمىز، ئۇلۇغ نومۇسىمىز ۋەيران بولىدىغان بولدى. بىر نەچچە يالاڭتۆشنىڭ ئىشىغۇ بۇ ! شۇنداق كېتىۋەرسە ئېتەكلەر ياقا، ياقىلار ئېتەك بولمامدۇ.....ئىسىت گۈلدەك ۋەتەن ! ئەشۇ گادايلارغا قالمامدۇ !؟........
مۇرتازانىڭ كالپۇكلىرى سەل ئۇزىراپ ۋە سەمىرەپ قاپتۇ. ئاچچىقنىڭ، قورقۇنۇچنىڭ كۈچى بىلەن سۆزلەۋەرگەچكە بۇ كالپۇكلارغا ئارام يوقكەن. ئۇلار چىدايدىكەن. قىزىل ئۆڭگەچنىڭ يېنىدىكى كاناي بىلەن، يۈرەكنىڭ يېنىدىكى ئۆپكە چىدىغان يەردە ئۇلارغا ئامال يوقكەن. شۇڭا چىدايدىكەن.
مۇرتازا ئاغا مىيىتكە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھۋاللىشىپ ھازا تۇتۇپتۇ. دوستىنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرغان بۇ ئادەم ئامانلىق ساقلاۋاتقان ساقچىنىڭ، مېيىتكە كەلگەن يېزا باشلىقلىرى بىلەن بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. ئېزىپ چۈشەندۈرۈپتۇ. پاراڭلىشىپ تۇرغان سودىيەلەرنىڭ ئالدىغا ئالدىغا بېرىپتۇ. تەسەللى ئىزدەپتۇ. توپلىشىپ تۈرغان كەنت باشلىقلىرى بىلەنمۇ سالاملىشىپتۇ. ھەممەيلەن بىلەن كۆڭۈل سورىشىپتۇ. ئىشقىلىپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خىزمەتكارى بولسىلا دەرت تۆكۈپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ ۋەھشىلىكى، خەتەرلىكلىكى توغرىسىدا ئورتاقلىشىپتۇ.
ئارۇپ سايىم باي بىلەن ئاندىن ۋىلايەتلىك ساقچىنىڭ باشلىقى بىلەنمۇ ئەھۋاللىشىپتۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدا باشقىلارغا يىغلىغاندەك يىغلىيالماپتۇ. مەمەت ئاۋاق ۋەقەسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىيەلمەپتۇ. چۈنكى باشلىقلار خالىمايدىكەن. جاننى ئالمىغان جاراھەتنى  كۆپتۈرۈشكە بولمايدىكەن. بولمىسا تەسىرى كېڭىيىپ كېتىدىكەن. "ئاممىۋى تەسىر" دىگەنگە بۇ رەھبەرلەر بەك سەزگۈركەن. بۇ ۋىلايەتتە ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولىشى، ھۆكۈمەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئىكەن. ئەگەر مەمەت ئاۋاق ئۇلاردىن داڭلىق بولۇپ كەتسە ئۇلار يارامسىز بولۇپ قالمامدۇ ؟! ئەنقەرەدىكىلەر نىمە دەيدۇ ؟! ئازاتلىق ئۇرۇشىدا شۇنچە دۈشمەنگە بوي بەرمىگەن بۇ ئەزىمەتلەر بىر قەلەندەرگە ، ئۇماچ بىلەن كاۋىنى تولا يەپ  قوسىقى كۆپۈپ كەتكەن بىر ماڭقىغا تەڭ كېلەلمەپتۇ دەپ مەسخىرە قىلمامدۇ ؟! شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى تۈگەشمەمدۇ !؟
مىيىتكە كېلىۋاتقانلار كېتىۋاتقانلار داۋاملىقكەن. ئادەم مىغىلدايدىكەن.  سېسىق بىلەن تىنجىق باشلارنى قايدۇرىدىكەن.
مۇرتازا ئەپەندىم ئەلى توكۇرنى ئەگەشتۈرۈپ ئازراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپتۇ.


ئەنقەرەگە ئەرز

مۇرتازا ئەپەندىمنىڭ قورقۇنچى بېسىلمايدىكەن. قايغۇسى يامانكەن. بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ئارام ئېلىشقا مۈمكىن بولسۇن. چۆچۈپ كەتكەن كۆڭۈلگە تەسەللى كېرەككەن. تۈۋرۈكتەك بىر تەسەللى كېرەككەن. تۈۋرۈكتەك بولمىسىمۇ تاياقتەك، ھېچبولمىسا چۆكۈشتەك بولسىمۇ خۇداغا شۈكرىكەن. بىراق بۇ تەسەللىنى ھېچكىم بېرەلمەيدىكەن. چۈنكى ھەممىلا ئادەم چۆچۈپ تۇرىدىكەن.
مۇرتازا ئەپەندىم ئۆزىگە ئەنقەرەدىن بولسىمۇ تەسەللى ئىزدەپ باقماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ئەرز يازغۇچى سىياسەتچىنىڭ دۇكىنىغا بېرىپتۇ. ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ تەغدىرىدىن مۇرتازا ئەپەندىملا قايغۇرمايدىكەن. قايغۇرىدىغانلار جىقكەن. ئۇ سىياسەتچىنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ بۇنى بىلىپتۇ. ئۆزى بىلەن ئوخشاش غەمدىكى ئادەم جىقكەن. دۇكاندا ئەرز يازدۇرۇۋاتقان ئادەم ئۆچىرەتكەن. ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدىغان بۇ دۆلەت ئۈچۈن قايغۇرماي قالامدۇ ؟! ئۇلار مۇرتازادىن بۇرۇنلا كېلىپ،  ئەنقەرەگە ئەرزلەرنى، مەلۇماتلارنى يوللاۋاتقان ئىكەن.
سىياسەتچىنىڭ ماشىنكىسى توختىماي تاقىلدايدىكەن. ".......تورۇس تاغلىرى قاراقچىلار بىلەن توشتى.......ھەر بىر قارىغاي، ھەر بىر جىغان تۈۋىدە بىر مەمەت ئاۋاق بار....... بىز بۇ گادايلارغا ۋەتەننى ئاياق ئاستى قىلدۇرمايمىز. يالاڭتۆشلەرنى چوقۇم يوقىتىمىز. پەقەت بىر پولك ئەسكەر ماڭدۇرۇپ بەرسىلا بىز قالغىنىنى ھەل قىلىمىز......"
ناھىيىدىكىلەر، تاغدىن چۈشكەنلەر ئۆچىرەت بىلەن ئەرز يازدۇرىدىكەن. ئەرز قوشۇنىنىڭ كۆپلىكىدىن ئەرز قەغەزلىرى ئەنقەرەدىكىلەرنىڭ بىر يىل تازلىق قەغىزى قىلىشىغىمۇ يېتىپ ئاشىدىكەن.
سىياسەتچىنىڭ سودىسىغا بۇنداق بەرىكەت ياغمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. ئۇ تەرلەپ-تەپچىرەپ كېتىپتۇ. توختىماي يېزىپ ھەر-بىر گىراژداننىڭ تېلگىراممىسىنى، قايغۇسىنى تىزىپ چىقىدىكەن. تۇتاملاپ كويچەنلەرنى تارتمىسىغا، ئۇ يەر توشۇپ كېتىپ يانچۇقلىرىغا، يانچۇقلىرى توشۇپ كېتىپ ھەتتا پايپىقىنىڭ قونجىغا قەدەر تىقىپتۇ. توختىماي تىقىپتۇ.
قەيەردىن پەيدا بولغانلىقى نامەلۇم بۇلغان "مەمەت ئاۋاق"قا ئىچىدە دۇئا قىلىپتۇ. بۇ مەمەت ئاۋاق بېشىنى يىمەي بىر ئىككى يىل تاغلاردا تۇرۇپ بەرسىلا سىياسەتچى بېيىپ كېتىدىكەن. ھەرەمگە بارىدىكەن. يەنە ئىككى خوتۇن ئالىدىكەن. بىر نەچچە يەردە داچا سالىدىكەن.
مۇرتازا ئاغا تىقما-تىقما ئەرزچىلەرگە قاراپ بېشىنى چايقاپتۇ. ئۆزىنىڭ كېچىكىپ قالغانلىقىغا ئۆچىرەتنىڭ ھازىرچە ئۆزىگە كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ. ئۇ پەخرى دەلدۈشنىڭ دۇكىنىغا كەپتۇ. دەلدۈشنىڭ دۇكىنى چۆلدەرەپ تۇرۇپتىكەن. مۇرتازا ئەپەندىمنى كۆرۈپ پەخرى دەلدۈش ئالدىراپ قاپتۇ. خېرىدارنىڭ يۈزلىكى، پۇللىقى كەلگەن تۇرسا،
ئەتتىگەندىن خېرىدار يوقكەن. شۇڭا زېرىكمەسلىك ئۈچۈن ئورۇندۇق-ئۈستەللەرنى نەچچە نۆۋەت سۈرتكەن ئىكەن. مۇرتازانى كۆرۈپ چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن يەنە بىر سۈرتكەن بوپتۇ.  
ئاغىنىڭ نىمىشقا كەلگەنلىكىنى دەلدۈش بىلمەي قالامدۇ. پۈتۈن شەھەر شۇ ئىش بىلەن قايناۋاتسا؛
- ....قاراڭ بىز ئەرز يازساق ئاۋۇ سىياسەتچىدەك پەقەت پۇل ئېلىش ئۈچۈنلا يازمايمىز. بىز يازغان ئەرز، ئەنقەرەگە شۇنداق يېتىپ كىرگەن زامان كامال پاشا، ئىسمەت پاشا غەزەپتىن جوزىغا بىرنى ئۇرىدۇ. تۈركىيە دىر-دىر تىترەيدۇ. پۈتۈن ئارمىيە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى بۇ تەرەپكە قارىتىدۇ. ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايرۇپىلان، بىرونىۋىك، باشقۇرىلىدىغان بومبىلار ھەركەتكە كېلىدۇ. مىليونلىغان تۈرك چەۋەندازلىرى مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۈستىگە ئاتلىنىدۇ.....- دەپتۇ.
مۇرتازا ئاغا كۈلۈمسىرەپتۇ. دەلدۈش دۆلەتنىڭ كۈچىنى پەش قىلىپ ئۇنىڭ قايغۇسىنى ئازراق بولسىمۇ بېسىپتۇ. تىترەپ تۇرغان مۇرتازا سەل ئەسلىگە كەپتۇ. تېخى چاندۇرماي كېرىلىپمۇ قويۇپتۇ. 
-بولدى قېرىندىشىم. ئۇنچىلىك ئەمەس. ناھايىتى بىر يىتىم ئوغلاققۇ...بىز ئەنقەرەنى ئۇنچىلىك پاراكەندە قىلساق بولمايدۇ. ئۇ قېلىچلارنى بۇنداق قۇچقاچلارغا سالغىلى بولامدۇ. پەقەت بىر پولك ئەسكەر بولسىلا بولدى.......
پەخرى دەلدۈش ئۆزىنىڭ سىياسەتچىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلغۇسى كەپتۇ.
- قارا ئاغام، بىز ئەنقەرەگە مەمەت ئاۋاق توغرىسىدا ھەممىنى دەپ تېلگىرامما سوقتۇق. ئەمما ئۈنىمى بولمايۋاتىدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردىيەي. قىزلارنىڭ نومۇسىغا تەگدىيەي. يەتمىش ياشلىق مومايلارنىڭ.....ئۇچرىغانلا كىشىنى بۇلىدى. تاغلاردا ھۆكۈمەت قۇرىۋالدى.....بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بولدۇق. بۇ قېتىم باشقىچىرەك يازايلى، چوقۇم ھەپتە ئۆتمەي نەتىجىسى چىقىدۇ. مەن بۇ قېتىم مەمەت ئاۋاق بەش يۈز ئادىمىنى باشلاپ ناھىيىگە ھۇجۇم قىلدى. دەپ يازاي. مەن ھېس قىلدىم. ھۆكۈمەت تاغدا نىمە بولسا چاتىقى يوقكەن. شەھەر قولىدا بولسا غىرت قىلمايدىكەن.....
قارا تاغنىڭ ئوغلى مۇرتازا ئويلىنىپ قاپتۇ. "راست،.... توۋۋا...نىمىشقا بۇنى ئويلىمىغاندىمىز..." دەپتۇ. دەلدۈش پەخرىنى بىر يانغا تارتىپتۇ. ئىشتىنىنىڭ يانچۇغىغا بىر چاڭگال پۇلنى تىقىپتۇ. " ئەقلىڭگە بارىكاللا !" دەپ قۇچاغلاپتۇ. ئارقىدىن "يازغان شۇ ئەرزىڭگە ماۋۇ لاغايلاپ يۈرگەنلەرنىڭ قوللىرىنى باستۇرىۋال. قانچە كۆپ ئادەم قول باسسا شۇنچە ياخشى. چىقىمى مەندىن." دەپتۇ. 
 جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆكرىكىدە، يۈرىگىنىڭ سەل ئۈستىدە تۇرىدىغان بۇ ئادەم سايلام بولسۇن، ئىلتىماس بولسۇن ۋە ياكى ماۋۇنىڭدەك دات-ئەرزلەردە بولسۇن قانچىكى كۆپ ئاۋاز بولسا شۇنچىكى ئۈنىمى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن.
دەلدۈش پەخرىمۇ ئوبدان بىلىدىكەن. تۈرك دىخانلىرىغا "ماۋۇنىڭغا قول قوي" دىسە خوشاللىق بىلەن قول قويىدىغانلىقىنى، بارماقلىرىدىكى قىزىل سۇرۇخنى ئالدىراپ يۇۋەتمەي خۇددى جەڭدە يارىدار بولغان غازىدەك يۈرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن.
دەلدۈش دۇكانغا كىرگەنلەر، كىرمىگەنلەر، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، ياكى ئۆتمەكچى بولۇپ يىراقتىن كېلىۋاتقانلار بولسۇن ھەممىسىنى چاقىرىپ ئەرزگە قول باستۇرۇپتۇ. بەزىلەر يامانكەن. بىر قېتىم بارماق باسقاننىڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئاسانلىقچە قول باسمايدىكەن. يالغاندىن نېزىقاپ تۇرىۋالىدىكەن. پەخرى ئۇلارغا نەچچە تەڭگە بېرىپتۇ. شۇندىلا ئۇلارمۇ قول بېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ قول باسقان ئادەم يەتتە يۈزدىن ئېشىپتۇ. پەخرىنىڭ سودىسىغا بەرىكەت كەپتۇ. يازغان ئەرزىدىن باشقا ماۋۇ يەتتە يۈز بارماقنىڭ ھەر بىرىگە ئالىدىغان پۇلمۇ ئاز ئەمەسكەن.
پەخرى دەلدۈش دۇكاننى تاقايدىغان چاغ بوپتۇ. ئۇ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئىككى قىز بىلەن تەييارلانغان ئەرزنى بىر قۇچاقتىن كۆتۈرۈشۈپ پوچتىخانىغا مېڭىپتۇ. بەك جىقكەن. ئۈچەيلەن ھاسىراپ ئاران كۆتۈرۈپتۇ.
يولدا سىياسەتچىنىڭ ئەرزلەرنى بىر ئات ھارۋىسىغا بۇغداي بېغىدەك رەتلىك بېسىپ پوچتىخانىغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. تېخى ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۈچ يەردىن پۇختا باغلانغان ئىكەن. پەخرى دەلدۈشنىڭ ئىچى ئاچچىق بوپتۇ. ئەمما ئۆزىدىكى يەتتە يۈز بارماق ئېسىگە كېلىپ كۈلۈپ قويۇپتۇ....


ئىتەكنىڭ ياقا بولىشى

مۇرتازا ئاغىنىڭ ئىزچى ئەلى توكۇر بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ يېققىنى بولغان چوڭ باينىڭ، بىر قاقشال گاداي بىلەن تونۇشۇپ بۇنداق يېققىن بولۇپ كېتىشى سەل غەلىتە ئىكەن.

راستىنى ئېيتقاندا مۇرتازانىڭ ئەلى توكۇر بىلەن مەمەت ئاۋاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋىرى بار ئىكەن. توكۇرنىڭ ئابدى ئاغىنىڭ ئادەملىرىگە يول باشلاپ مەمەت بىلەن خەدىچەنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، كېيىن مەمەت نىمىشقىدۇ ئەلى توكۇرنى نەچچە رەت ئۆلتۈرۈش پۇرسىتى كەلسىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن قورققانلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەن. مۇرتازا بۇگەپلەرنىڭ ئالدىغا ئىشەنسىمۇ ئاخىرىغا ئىشەنمەيدىكەن. چۈنكى ئۇ باشقىلاردەك نادان ئەمەسكەن. يەرنىڭ ئاستىدا سازاڭ ئۆرۈلسە بىلىدىغان بۇ ئادەم، مەمەت بىلەن ئەلى توكۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېيىنكى كۈنلەردە ئالاھىدە مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىكەن.
ئەقىللىق ئادەملەر قانداق چاغدا ئوت بىلەن، قانداق چاغدا سۇ بىلەن تۇققاندارچىلىق قىلىشنى ئوبدان بىلىدىكەن. مۇرتازا ئەقىللىقلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ئىكەن. ئۇ ئوتنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ، سۇغىمۇ تەبەسسۇم قىلىشنى بىلىدىكەن. چۈنكى تەغدىر دىگەن ئاجايىپ نەرسە، كىم بىلىدۇ ؟! ئۇنىڭ تەغدىرى ئوتنىڭ قولىدىمۇ ياكى سۇنىڭ قولىدىمۇ ؟!
مۇرتازا ئاغا دىققەت قىپتۇ. ئەلى توكۇرنىڭ يېنىدا مەمەت ئاۋاقنىڭ گېپىنى چىقارسا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدىكەن. ئادەم دۈشمىنىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا غەزىپىنى ياكى ئەندىشىسىنى كۆزلىرىدىن بىلدۈرۈپ قويىدىكەن. ئەمما توكۇرنىڭ كۆزلىرى بولسا بىر خىل مۇھەببەت بىلەن مۇلايىملىشىپ پۇرلىشىپ كېتىدىكەن. جاۋغىيىدىكى سىزىقلار ئۇزۇرايدىكەن. كۆزلىرى راستىنلا پۇرلىشىپ كېتىدىكەن. "...دىمەك ئۇلار دۈشمەن ئەمەس. ئۇنداقتا دۈشمەن بولمىسا نىمە ؟ ئەلۋەتتە دوستتە.... ئۇلار مەخپى دوست. بۇ توكۇر قاراقچى ئاۋاقنىڭ ئادىمى. ئۇنڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ...." مۇرتازا ئاغا يامان كۈنلەرنىمۇ ئويلاپتۇ. "بىر قولىنى مەمەت ئاۋاق تەرەپكىمۇ سۇنۇش كېرەك. بولمىسا قازايۇ-قەدەر بۇ قاراقچىنىڭ مىلتىقى ئۆزىگە توغىرلىنىپ قالسا....سۇبھانئاللە..."
مۇرتازا ئاغا ئەلى توكۇرنى چاقىرىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن بىر كېچە ئىككى كۈندۈز مۇڭدىشىپتۇ. يېزىسىنىڭ ئەھۋالى، بالىلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرى توغرىسىدا سوراپتۇ. دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، كىملەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى ئىكەنلىكى توغرىسىدا جىق گەپلەرنى سوراپتۇ.
ئەلى توكۇر دادىسىنىڭ دېھقان ئىكەنلىكى، بوۋىسىنىڭمۇ قارا دېھقان ئىكەنلىكى، ئىزچىلىقنىڭ بوۋىسىدىن دادىسىغا دادىسىدىن  ئۆزىگە كەسپ بولۇپ قالغانلىقىنى يەنە تىرىكچىلىكنىڭ غېمى بىلەن ھېيت-ئايەملەردىمۇ ھال-ئەھۋال سورىشالمايدىغان قېرىنداشلىرى-تۇققانلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
ئەللىك يىل بۇرۇن دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەندە مۇرتازا ئاغا ئاۋازىنى يىغلامسىرىتىپ كېچىكىپ بولسىمۇ كوڭۈل سوراپ سەۋرى قىلىشنى ئېيتىپتۇ.
نۇرغۇن پاراڭلىشىپتۇ. ئەلى توكۇر كىچىك ۋاقتىدا قانداق قىلىپ بىر پۇتىنىڭ توكۇر بولۇپ قالغانلىقى سۆزلەپ بېرىپتۇ. گەپ ئارىلىقىدا مەمەت بىلەن ئابدى ئاغا توغرىسىدىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپتۇ.
مۇرتازا ئەپەندىم تېگى-تەكتىنىڭ سەلجۇقىيلارغا تۇتىشىدىغان كونا بەگلەردىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. قوللىرىدا سەلجۇق ئوردىلىرىنىڭ، ئوسمانىي خانلىرىنىڭ تەغدىرلەپ بەرگەن كونا تەشەشككۈر نەسەپنامىلىرى بارلىقىنى، قولىدىكى يەرلەرنى باشقىلاردەك بۇلاش بىلەن ئەمەس بەلكى سېتىۋېلىش ياكى تېگىشىش بىلەن كەلگنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ھازىر ئۆزىنىڭ مەسچىتكە بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، بەش ۋاق ناماز بىلەن روزىنى قازا قىلمايدىغانلىقى ، زاكات ئۈچۈن يىلدا نەچچە گىلەمنى مەسچىتلەرگە سېلىپ قويىدىغانلىقى، چوڭ نەزىرلەرنى بېرىپ جامائەتنى چاقىرىپ مېھمان قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
سۆھبەت تەسىر قىلىدۇ. پاراڭ ئىسسىق بولىدۇ ، دىگەندەك بارا-بارا ئېچىلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپتۇ. خورۇلدىتىپ بىر چىلىمنى ئىككەيلەن تەڭ تارتىپ قويىدىكەن. ياخشى قۇۋۋەتلىك تاماقلار بىلەن ناۋات، زەپەرلەردىن دەملەنگەن ئىسسىق چاي ۋاقتى-ۋاقتىدا كىرىپ تۇرىدىكەن. ئەلى توكۇر مۇرتازا ئاغىنى يېقىن كۆرۈپ قېلىشقا باشلاپتۇ.  
ئىلگىرى ئەلى توكۇر مۇرتازا ئەپەندىم ئۆزىنى ئىزدىگەندە "..بەلكىم مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۇچۇرىنى چاندۇرماي ئىگەللەش مەخسىتى بار....." دەپ ئويلاپتىكەن. كېيىنچە قاراپ بېقىپ ئۆزىنىڭ جېنىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. بۇ ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىگىنى بىلەلمەپتۇ. مەيلى ، يېققىنچىلىق قىلغۇسى كەلسە قىلىۋەرسۇن. ھېچنەرسە ئۈندۈرەلمەيدۇ. ئۆتۈپ باقمامدۇق. بىر نامراتنىڭ باينىڭ سالىمىغا ئېرىشمىكى ئاسانمۇ ؟!
ئەلى توكۇر قاملاشتۇرالمايدىكەن. ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا قىلالمايدىكەن. شۇڭا ۋاقىت ئۇزارغانچە بايغا چىن كوڭلىدىن مۇئامىلە قىلىشقا باشلاپتۇ. قورۇنماپتۇ. چىلىمنى چەككۈسى كەلگەندە ئىلگىركىدەك تارتىنىپ تۇرمايلا "...ئىككىنى تارتايچۇ، ئاغا...." دەپ قولىدىن ئالىدىغان بوپتۇ.   
 مۇرتازا ئاغا ئەلى توكۇرنى چۈشۈنىشكە تىرىشىدىكەن. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە چاندۇرماي قارايدىكەن. نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىدىكەن. قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ تەسىرىنى ئىزدەيدىكەن. ئالدىدا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى، مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋېلىشنى خالايدىكەن.
قانداق تاماقلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئەلى توكۇر كاۋاپ، پولوغا ئوخشاش گۆشلۈك تاماقلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. باي ئىچىدە "...تويۇنمىغان جانىۋاركەن ..." دەپ ئويلاپتۇ.  
ئەمەليەتتە بىر ئادەمنى چۈشىنىمەن دىيىش قۇرۇق گەپكەن.
ئادەم، ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ قىياسى بويىچە چۈشىنىدۇ. خاتالىق دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. چۈنكى سەن دىگەن سەن . ئۇ دىگەن يەنىلا ئۇ. مەيلى ئاتا-ئاناڭ ياكى خوتۇن-بالاڭ بولسۇن سەن مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايسەن.    
مۇرتازا ئاغا ئەلى توكۇرنى شۇ سورۇندا شۇ ۋاقىتتىلا چۈشىنەلەيدىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى چۈشەنچىسىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ خاتالىشىدىكەن. ئەلى توكۇرمۇ "مۇرتازا ئاغام بىلەن ئۆلگىچە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ چىلىم چېكىشىمىز" دەپ خىيال قىلىدىكەن.........
ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگىمەپتۇ. كونا زاماننىڭ گەپلىرىگە كىرىپ كېتىپتۇ.
مۇرتازا ئاغا سۆزمەنكەن. نۇرغۇن پاراڭلارنى بىلىدىكەن.
-       ئەلى ئۇكام. ساڭا قۇدۇقچى مۇرات توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي......
ئۇ چاغلار تۈرك سۇلتانلىرى ئوسمانىي دەپ ئاتىلىپ جاھان سوراۋاتقان چاغلار ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل بۇرۇندۇ بەلكىم...مۇشۇ تورۇس تاغلىرى ئىسيان كۆتۈرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى مۇشۇ مەمەت ئاۋاقتەك ئورۇق، پاكار ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار قوزغۇلۇپ تاغ ئۈستىدە تاش قويماپتۇ. مۈرە ئۈستىدە باش قويماپتۇ. ئاخىرى تاغلاردا كېسىدىغان باش تۈگەپ، تۈزلەڭلەرگە چۈشۈپتۇ. شەھەرلەردە قىيامەت باشلىنىپتۇ.
بۇ خەۋەرنى دەسلەپ سۇلتانغا ھېچكىم دىيەلمەپتۇ. يوشۇرۇپتۇ. "ئاستا جىمىقتۇرارمىز" دەپ ئويلىغان گەپ. ئەمما يوشۇرغانچە دۈشمەن كۈچىيىپتۇ. كۆپۈيۈپتۇ. مىڭ ئادەم يۈزمىڭ بوپتۇ. ئاخىرى مىليون بوپتۇ. ھەممىسى بىرلىشىپ ئىستانبولغا سۇلتاننىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا ئاتلىنىپتۇ. شۇ چاغدا كەلگەندە سۇلتان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ. قاتتىق چۆچۈپ كېتىپتۇ. ھەربى ئىشلار باشلىقى مۇرات پاشانى چاقىرىپتۇ. " ھەي مۇرات، ئاڭلىساق تورۇس تاغلىرى قوزغۇلۇپتۇ. كونيا بىلەن سىۋاس تۈزلەڭلىكلىرى ۋە ئاق-قارا دېڭىز بويلىرىدىكى خەلىقلەر، ۋان كۆلىدىكى ئىنسانلار ئۇلارغا ئەگىشىپتۇ. ھازىر ئۈستىمىزگە باستۇرۇپ كېلىۋاتقانمىش. دەرھال ئاتلان. يىلاننىڭ بېشى تورۇس تاغلىرىدىكەن. تېز بېرىپ يەنچىۋەت. ئىسلام خەلىپىسىگە قارشى چىققان بۇ ئىمانسىزلارنى يەتتى ياشاردىن يەتمىش ياشارغىچە قىلىچتىن ئۆتكۈز...."
مۇرات پاشا ئارمىيىنى باشلاپ تورۇسقا كەپتۇ. ئالدىرىماپتۇ. يالپۇز پۇراپ تۇرغان بۇلاق بويلىرىدا ئارام ئاپتۇ. قوزىلارنى سويدۇرۇپ تاغ پىيىزى ئارىلاشتۇرۇپ كاۋاپ يەپ ئۈچ كۈن يېتىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن تۈزلەڭ يەرنىڭ ھەممىسىگە قۇدۇق قازدۇرۇپتۇ. تۈمەنلىگەن ئەسكەر ئىككى كۈندە مىڭلىغان قۇدۇقلارنى قېزىۋېتىپتۇ. ئاخىرى پۈتۈن تورۇس تۈزلەڭلىكىنى مۇرات قازدۇرغان قۇدۇق قاپلاپ كېتىپتۇ. شۇندىلا مۇرات پاشا ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق بېرىپ ھەر بىر يېزىغا قەدەر كەلكۈندەك باستۇرۇپ كىرىپتۇ. ئۇچرىغانلىكى ئەر-ئايال قېرى-ياش ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى سامسا قىيمىسىدەك ئۇششاق چاناپ كولىغان قۇدۇقلارغا تاشلاپتۇ.....
كۆردۈڭمۇ ؟! مۇرات پاشا تەقۋادار مۇسۇلمانمىكەن. ئۇ "ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆلۈكىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ قاغا-قۇزغۇنغا يەم قىلمايمەن" دەپ شۇنداق قىلىدىكەن. ئۇ بەش ۋاق نامازنى تەرك قىلمايدىغان مۇسۇلمان بولغاچقا ئۆلتۈرۈلگەن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى ئايرىم كۆمۈدىكەن. مۇسۇلمانچىلىقتا ئەر بىلەن ئايالنى بىللە كۆمۈشكە بولمايدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا قېرىلارنى، ياشلارنى، قىزلارنى، مومايلارنى، خوتۇنلارنى، بوۋاقلارنى ھەممىسىنى ئايرىم قۇدۇقلارغا كۆمۈپتۇ.....
قۇدۇقچى مۇرات پاشا ئەشۇنداق باستۇرۇپ، تورۇستا ئىسيانچى دىگەننىڭ ئۇرۇقىنىمۇ قويماپتۇ. كېيىن ئىسيانچىلارنىڭ باشلىقىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ سوراق قىپتۇ.
- سەن پادىشا بولۇش ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈردۈڭمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ. ئىسيانچىلارنىڭ باشلىقى قىيغاچ، قارا كۆزلۈك. ياڭاقلىرى ئىگىز، كەڭ يەلكىلىك، كېلىشكەن ئادەم ئىكەن. ئۇياتچان ئىكەن. بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپتۇ.
- مەن قانداقمۇ پادىشا بولىمەن دەي. بىزگە مۇسۇلمانچلىققا يات زۇلۇملارنى سالدى. يەر-سۇلىرىمىزنى تارتىۋالغاننى ئاز دەپ، ئىلكىمىزدە بىر تال توخومۇ قالدۇرمىدى. ھەتتا قىزلىرىمىزنى بۇلاپ خوتۇنلىرىمىزنى تارتىۋالدى. شۇڭا چىدىمىدۇق. ئۆلۈمگە قىستاپ قويدى....ئۆلۈمدىن قاچتۇق....ئامالسىز قاچتۇق....قېچىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلتۈردۇق. ئەمما يەنىلا قاچالمىدۇق. ئۇلاردىن قېچىپ ساڭا تۇتۇلدۇق.....
مۇرات پاشا سەۋەپنى چۈشۈنۈپتۇ. ئولتۇرغان جايىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ قاپتۇ. قانداق سوئال سوراشنى بىلەلمەپتۇ. ئارقىدىنلا پەريات چېكىپتۇ.
- ئىسىت ! مەن شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنچىلىك ئادەمنى قۇدۇققا تاشلىدىممۇ !؟ مەن ئەمدى قانداق قىلاي...بۇ گۇناھلىرىمنى قانداق كۆتۈرۈپ بولاي...-دەپتۇ. ئەمما ئىش ئورنىغا كېلەمدۇ.
بىزنىڭ گېنىرال، قۇدۇقچى مۇرات پاشا ئىسيانچىلار باشلىقىنى ئىستانبولغا، سۇلتانىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ. سۇلتانغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. ئۆزىنىڭ تورۇس تاغلىرىدا ئادەمزاتتىن باشقا ئۇچار-قانات ھەتتا ئىت-مۈشۈككىچە قۇدۇققا كۆمگەنلىكىنى ئەمما ئىشنىڭ ئەسلىدە باشقىچە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. سۇلتان تولىمۇ بىئارام بوپتۇ. قايغۇرۇپتۇ. شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆزلىرىدىن قان-ياش ئاققۇزۇپ يىغلاپتۇ...." ئاھ ۋەتەنداشلىرىم ....ئۇلۇغ تۈرك خەلقىم......قۇدۇقلارنىڭ ئىچىدە ياتقان قېرىنداشلىرىم ..." دەپ پەريات چېكىپتۇ. ئىسيانچىلار باشلىقىنى قۇچاغلاپتۇ....كۆزلىرىدىن سۆيۈپتۇ. "كەچۈر قېرىندىشىم...ئوغلۇم " دەپتۇ. ئۇنىڭغا توققۇز قۇيرۇقلۇق ۋەزىرلىك ئۇنۋانى بېرىپتۇ...پۈتۈن ئاناتولىيەگە، قەيسەرى ۋە سىۋاس دىيارلىرىغا بەگلەرنىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلەپتۇ...ئاندىن ئۇنى قوماندان قىلىپ، ۋان ئۆلكىسىدىكى ئىسيانچىلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۇمۇ بېرىپ ئالدى بىلەن نۇرغۇن قۇدۇق قازدۇرۇپتۇ. ئىلگىرى بىر سەپتە جەڭ قىلغان قېرىنداشلىرىنى ئەشۇ قۇدۇقلارغا كۆمۈپتۇ. ئاخىرىدا قۇدۇقچى مۇرات پاشا تۈگىتەلمىگەن ئىشلارنى پاك-پاكىز تۈگىتىپتۇ..........
ئەلى توكۇر چىلىمنىڭ كەيپى بىلەن ئېزىلىپ يانپاشلايدىكەن. ئاڭلاپ باقمىغان پاراڭلار، ۋەقەلەرگە ھەيرانكەن. توغرىسىنى ئېيتقاندا قۇدۇق كولايدىغان مۇرات پاشاغا قارىغاندا ماۋۇ مۇرتازا ئاغىسىغا ھەيرانكەن. ئۇنىڭ شۇنداق قىززىق پاراڭلارنى سۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا ھەيرانكەن....
- ئەلى، سەن تەلۋە سىنان پاشانى ئاڭلىغانمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ مۇرتازا ئاغا.
ئەلى توكۇر تۈزلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ. سۆز قىستۇرىدىغان پۇرسەت كەپتۇ.
- ئاڭلىمايدۇ دەمسەن ئاغا، ئۇ شۇنچىلىك تەلۋە ئىكەنكى. ھەتتا دەرەخلەرنىمۇ تىك تۇرۇشمامسەن دەپ قامچىلارمىشقۇ....-دەپ كۈلۈپتۇ. ھەر ئىككىسى بىر ھازا كۈلۈشۈپتۇ. ئاندىن مۇرتازا:
- ھەئە، ئەشۇ تەلۋىنى بىر كۈنى مۇستاپا كامال بىلەن ئىسمەت ئىئونو بۇياققا ھىساپسىز ئارمىيە بىلەن ئېۋەتىدۇ. ئۇمۇ كېلىپلا قۇدۇق كولار....
- نىمىشقا ئۇلارمۇ قۇدۇق كولايدۇ دەيسەن ئاغا ؟ - ئەلى ھەيرانلىقىنى يوشۈرماپتۇ.
- ئەلۋەتتە كولايدۇ-دە.....بۇ يەردىكىلەر كىچىككىنە ئىشنى چوڭايتىۋەتتى. مەمەت ئاۋاق ۋەقەسىنى بىر بالاغا ئايلاندۇردى......ئەنقەرەگە تېلگىرامما يامغۇردەك يېغىۋاتىدۇ....شۇ تېلگىراممىلار سەۋەبىدىن ئاستا كېلىشىدىغان ئىش بۇزۇلدى......
مۇرتازا ئاغا سەزدۈرمەي ئەلىگە سىنچىلايدىكەن. سۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىزدەيدىكەن. ئەلى توكۇر ئىسسىق تاماق بىلەن كۈچلۈك شەربەتلەرنى مۇنداق يەپ-ئىچىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. ئىككى كۈندىلا كۆزلىرىنى چوپاق بېسىپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر قولىدا كۆزلىرىدىكى چوپاقلارنى سېرىپتۇ. ئالقىنى پىشىپ يېرىلىپ كەتكەن بولغاچقا قولىنىڭ دۇمبىسى بىلەن ئۇۋىلاپتۇ. يەنە بىر قولىدا ئولتۇرۇپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن توكۇر پۇتىنى ئۇۋىلاپ قويۇپتۇ. "......ھەي ي.....ئۇنچىلىك قىلغىدەك ئىشمۇ بۇ....." دەپ غۇدۇڭشۇپ قويۇپتۇ.



مەشھۇر ئىزچى، ھۆرمەتلىك ئەلى 
شۇ كۈندىكى سۆھبەت ئاياقلىشىپ، ئەتىسى مۇرتازا ئاغا ئەلى توكۇرنى باشلاپ بازارغا ئېلىپ چىقىپتۇ. توكۇرنىڭ ئۈستى-بېشى تۈرك دېھقانلىرىدىن ھىچقانچە پەرقى يوقكەن. كىيىملىرى مۇھىم يېرىنىلا توسالايدىكەن. قولتۇغى، تىزى، ساغرىسى، بېقىنى دىگەندەك ئادەتتىكى يەرلىرى كىيىمىنىڭ تۆشۈكلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.
ئۇلار ئالدى بىلەن ئەتكەس مال ساتىدىغان ھاجى قارغۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپتۇ. ئۇنىڭدا پەرەڭ، ئورۇس تەرەپلەردىن كېلىدىغان نۇرغۇن ياخشى رەختلەر بار ئىكەن. مۇرتازا ئاغا دۇكاندىكى خىزمەتچىلەرگە ھاجى قارغۇنىنى چاقارتىپتۇ. " قارا ھاجى، بۇگۈن دۇكىنىڭغا كىم كەلدى !؟......ئۆزەڭ مۇلازىمەت قىلىسەن. بۇ دىگەن ئاسماندىكى قۇشنىڭ ئىزىنى تاپىدىغان مەشھۇر ئىزچى، ئاجايىپ ئەلى ئاغا دىگەن شۇ...." ئەلى توكۇر تونۇشتۇرۇشتىن ئۇيۇلۇپ كېتىپتۇ. ئىشتىنى خەقنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز سېرىلىپ كەتكەندەك ئوڭايسىزلىنىپ قاپتۇ. مۇرتازا ئاغا ھاجى قارغۇنى " ....تېز كېلىپ قولىنى سۆيۈۋال....." دەپ توكۇرنىڭ قولىنى سۆيدۈرۈپتۇ. ھاجى قارغۇنىڭ گۆشلۈك كالپۇكلىرى توكۇرنىڭ ئورۇق قولىنىڭ دۈمبىسىگە لىق كەپتۇ. ".....كېلىڭ ئاغام...ئەلى ئاغا......مۇرتازا ئاغامنىڭ دۆلىتى....جانابىڭىز بىلەن ئەسرارلاشتۇق....ئەلھەمدۇلىللا..." دەپ خوشاللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. 
 ھاجى قارغۇ ھەيران قاپتۇ. بۇنداق ئاۋارە بىر ئادەمنى شەھەرنىڭ يۈزلۈك ئەرباپى ئىززەتلەۋاتقانلىقىدا بىر گەپ بار دەپ توكۇرنىڭ ئەپتىنى چاندۇرماپتۇ. " بىرەر غەزىنە ئۇچراپ قالغان گادايمىدۇ...." دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ. مۇرتازا ئاغىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئەڭ ياخشى ئىنگىلىز سوكنۇلىرىنى، ئورۇسنىڭ پەلتۇلىرىنى ئامباردىن چىقىرىپتۇ. ئۇلار مۇرىسىدە پاگوندەك قاتۇرمىسى بار پەلتودىن بىرنى تاللاپتۇ. سوكنۇنىڭ يۇمشاق تىۋىتلىقىدىن بىر كىيىملىك كەستۈرۈپتۇ. ھاجى قارغۇنىڭ ئىمپورت ماللار دۇكىدىن چىققاندىن كېيىن، ياندىكى تىككۈچىلىك دۇكىنىغا كىرىپتۇ. 
 – ھەي مۇھەممەت،  قېنى سەن. ئورنۇڭدىن تۇر! ......- مۇرتازا ئاغا تىككۈچىلىك كارخانىسىنىمۇ ئۆرە-تۆپە قىلىۋېتىپتۇ. ئەلى توكۇرنىڭ"...ئاغا، ئۆتۈنەي.....مېنى قىينىما....." دەپ پىچىرلاشلىرىغا پەرۋا قىلماپتۇ. " سەن ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنى ئوبدان تونۇ....سەن دىگەن مەشھۇر ئەلى تو...ياق، ياق....ئەلى ئىزچى.....ئۇلار بىلىشسۇن. " دەپتۇ. 
 شەھەردىكى ئەڭ ئۇستا تىككۈچى ئادىل سەتەڭ قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ، مۇرتازا ئاغىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئىككى قولى بىلەن ئالدىغا تارتىۋالغان پەرتۇقنى توختىماي غىجىملاپ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ.
- ئالدىڭدا تۇرغان بۇ زاتنى كۆردۈڭمۇ ؟ سەن بۈگۈن شۇنداق بىر كىيىم تىكىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىۋاتىسەن. خۇداغا ھەمدۇ-سانا ئېيت.......-دەپتۇ. ئادىل سەتەڭ ئالدىراپ قاپتۇ. " بېششىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىمىز ئاغام . مەرھەمەت ، بىز تەييار" دەپتۇ. مۇرتازا ئاغا " ئۇنىڭ بەدىنىنى ياخشى ئۆلچىگىن." دىيىشى بىلەن ئادىل سەتەڭ ئاۋايلاپ تاسما مېتىرنى ئەلى توكۇرنىڭ بېلىگە چىرماپتۇ."...يېققىن تۇرۇپ ئۆلچىمەمسەن....." مۇرتازا ئاغا سەمىگە ساپتۇ. ئادىل سەتەڭ توكۇرنىڭ تەر پۇراپ تۇرغان بەدىنىدىن ئازراقمۇ يىرگەنمەي شۇنداق قۇچاغلاپ ئۆلچەپتۇكى يىراقتىن قارىغان ئادەم، پاكىزە، قارىقاشلىق بىرەيلەن بىلەن بىر پۇتى قىسقا، مەينەت بىرەيلەننىڭ چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىكەن. تاسما مېتىرنى كۆرەلمەيدىكەن.
ئۇلار سەتەڭنىڭ كارخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن ئىتالىيە شىلەپىسىدىن بىرنى ۋە ياخشى خۇرۇم ئاياقتىن بىر جۈپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەردىكى دۇكانلارنى ئايلىنىپتۇ. كۈلرەڭگە مايىل ھەقىقى ئىمپورت ئىتالىيان شىلەپىسىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. بەتىنكە سېتىۋېلىشتا يامان بوپتۇ. ئەلى توكۇرنىڭ مايماق ساقىيىپ قالغان پۇتىغا ئىتالىيەنىڭمۇ، گېرمانىيەنىڭمۇ، فىرانسىيەنىڭمۇ ئاياقلىرى چۈشمەپتۇ. زورلاپ بېقىپتۇ. بولماپتۇ. مايماق پۇتىنىڭ چىقىۋالغان دوقمۇشى تاقىشىۋېلىپتۇ. ئاخىرىدا جوڭگونىڭ لاتا خەيلىرىنى كىيگۈزۈپ بېقىپتۇ. كېلىشنىغۇ كەپتۇ. ئەمما خەينىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ يۇمۇلاق بولۇپ قاپتۇ. بىراق مۇرتازا ئاغا قوشۇلماپتۇ. "ئەلى ئىزچى قانداقمۇ لاتا خەي كىيىپ كوچىدا يۈرسۈن........"
ئۇلار مەخسۇس كادىرلارنىڭ خانىملىرى ئۈچۈن توپلەي تىكىدىغان موزدۇزخانىغا كەپتۇ. ئەلىنىڭ پۇتىنى ياخشى ئۆلچىتىپتۇ. بولۇپمۇ مايماق پۇتىنى ئاستىدىن ئۈچ قۇر، ئۈستىدىن تۆت قۇر يەنە ئايلانمىسىنى ئىككى قۇر ئۆلچىتىپتۇ. شۇنداق ئۆلچىمىسە بۇ مۇرەككەپ پۇتنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمى چىقمايدىكەن. ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن جىگەررەڭ يۇمشاق خۇرۇمدىن ئاستىنى قېلىن قىلىپ مەسسە تىكىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.   
ئاخىرىدا ئەلى توكۇرنىڭ چاچ-ساقىلىنى مەدەنىي پاسوندا ياسىتىش ئۈچۈن ساتىراشخانىغا كېلىپتۇ. ئىشىكتىن كىرگەن مۇرتازا ئاغا سايراپ كىرىپتۇ.
- تۇرىشە ئورنۇڭدىن !  كۆرۈشتۈڭمۇ ؟ كىم كەلدى. سىلەرگە شەرەپلىك بىر ئادەم كەلدى. ئىزچى ئەلى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟ بۇ زاتنى ياۋروپا گېزىتلىرىمۇ تونۇشتۇرغان. سىلەر نەدە يۈرۈپ گېزىت ئوقۇيسىلەر....ئىسىت ! خەۋەرسىزدە سىلەر. ئۇنىڭدەك ماھىر ئىزچى ئالەم بىنا بولغاندىن بۇيان پەقەت بىرلا كەلگەن. كەلگۈسىدىمۇ كەلمەيدۇ.....بۈگۈن سىلەر ئۇنىڭ توتىيا باشلىرىنى، مۇبارەك بويۇن-گەدەنلىرىنى سىلاش بەختىگە ئېرىشتىڭلار......بۇ مىنۇتلارنى قەدىرلەڭلار....- ساتىراشخانىدىكىلەر ئالدىراپ قاپتۇ. جىددىلىشىپ قاپتۇ. پەرتۇق بىلەن كاپلىغۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەلى توكۇرنى كۆتە-كۆتە بىلەن ياتىدىغان ئورۇندۇققا جايلاشتۇرۇپتۇ. بىرى مۇرىسىنى تۇتىدىكەن. بىرى يوتا-پاقالچاقلىرىنى سىقىدىكەن. يەنە بىرى ئىڭەكلىرىنى ئۇۋىلاپ مازغاپ سۈركەيدىكەن. ساتىراشنىڭ قوللىرى تىترەيدىكەن: 
 - كەچۈرۈڭلار....مەن ئۆزەمنى سەل تۇتىۋالاي....تەمتىرەپ كەتتىم....ئىزچى ئەلى توكۇرنىڭ چېچىنى ئېلىش، بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئەمەسمۇ.....كەچۈرۈڭلار....
شۇنداق سەمىمى ۋە جىددى مۇلازىمەت ئىچىدە ئەلى توكۇرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدىن باشقا يېرىگە بىر قۇر ئۇستىرا تېگىپتۇ. بۇرۇنلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىچى، قۇلاقلىرىنىڭ قىرى بىلەن تۆشۈكىمۇ قالماپتۇ. قۇلاقنىڭ ئىچىدىكى تۈكلەر بىلەن تۇغۇلغاندىن بۇيان كىرگەن قۇم-توپىلار شۇنداق مەزمۇت بىرلىشىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلارنى ئېلىپ بولغىچە توكۇرنىڭ يېرىم جېنىنىمۇ ئېلىپ بوپتۇ. شۇنداق تىرىشچانلىقلار ئارقىسىدا ئەلى توكۇر ھەر ھالدا ياۋروپا گېزىتلىرى تونۇشتۇرغاندەك بولۇپتۇ.
ئۇلار بازاردا يۇقۇرى قاتلامدىكىلەرلا تاماق يىيەلەيدىغان رىستورانغا كىرىپ ھەر خىل كاۋاپلاردىن بۇيرۇتۇپ كۈچلۈك ئىچىملىكلەر بىلەن پەيزى قىلىشىپتۇ. ئەلى توكۇر ئىچسە مەس قىلىدىغان "ھاراق" دىگەن نەرسىنى مۇشۇ يەردە كۆرۈپتۇ. خەلق بۇ نىجىسنى ئىچكەن ئادەمنى ھەددىدىن تاشقىرى پەس كۆرىدىكەن. شۇڭا ھەممىلا ئورۇندا ساتقىلى بولمايدىكەن. پەقەت مۇشۇنداق يەرلەردىلا بولىدىكەن. كۆزى ئېچىلغان كادىرلار، بايلار كېلىپ ئىچىپ تۇرىدىكەن.
مۇرتازا ئاغا ئەشۇ ھاراقتىن ئازراق كەلتۈرۈپتۇ. ئالدى بىلەن ئۆزى ئىچىپتۇ. ئاندىن توكۇرنى ئىچىشكە زورلاپتۇ. " ھېچنىمە قىلمايدۇ، كۆڭۈلنىڭ يىللاپ كەتكەن كىرىنى يۇۋېتىدۇ.....ئىچىۋەت ! " دەپتۇ.
توكۇر خىجىل بوپتۇ. ئۆزرە، پەرز دىگەنلەرنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپ بېقىپتۇ. مۇرتازا ئاغا قىزىپ قالغان ئىكەن. ئۇنىماپتۇ. " كۆڭلۈمنى قىلمىدىڭ.." دەپ زورلاۋېرىپتۇ. ئاخىرى يىغلۇغۇدەك بولغان ئەلى توكۇر " ئاغا...بۇ تاماق بار جايدا ئىچمەي...مۇسۇلمانچىلىقتا يامان بولىدۇ.....ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئىچىپ كېلەي" دەپتۇ. مۇرتازا ئاغا " نەدىمۇ ئادەم يوق يەر بولسۇن. بۇ يەر مازار بولمىسا......" دەپتۇ. توكۇر ئۇنىڭغا " باياتتىن ھاجەتخانىغا كىرسەم ھېچكىم يوقكەن. شۇ يەرگە كىرىپ ئىچىپ چىقاي..." دەپتۇ. مۇرتازا ئاغىسى كۈلۈپ كېتىپتۇ. كۆزلىرىدىن ياشلار چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ماقۇل بولۇپتۇ. ئەلى توكۇر ھاجەتخانىغا كىرىپ، كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، ھېلىقى نەرسىنى ئېغىزىغا قۇيۇپتۇ........
ئۇلار كەچقۇرۇن مۇرتازا ئاغىنىڭ داچىسىغا قايتىپ كېلىپتۇ. مۇرتازا ئاغا داچىدىكىلەرنى يىغىپتۇ. خوتۇنلىرىنى، بالىلىرىنى، خىزمەتچىلىرىنى ھەممىنى يىغىپتۇ. ئۇلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەلى توكۇرنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ شۇلارنى جاكالاپتۇ:
- ئاڭلاڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ ئەلى ئاغاڭلار مېنىڭ ئاتا باشقا، ئانا باشقا قېرىندىشىم. ئاتا بىر ئانا بىر قېرىندىشىمدىن ئارتۇق قېرىندىشىم. سىلەر ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلساڭلار قېرىندىشىم ئەلىگىمۇ شۇنداق، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ مۇئامىلە قىلىسىلەر. تېرىقتەك خاتالىق كۆرۈلسە مەندىن يامانلىماڭلار........
مۇرتازا ئاغا ئورنىدىن دەست تۇرۇپتۇ. ئەلى توكۇرنىمۇ  تۇرغۇزۇپتۇ. 
 ئىككى قېرىنداش قۇچاغلىشىپتۇ. چوڭ خوتۇنى ھۆسنەرىخانغا بۇيرۇپ دادىسى قارا تاغلىقتىن قالغان سەدەپ ساپلىق تاپانچىنى ئەكەلدۈرۈپتۇ. ئۇنى توكۇرغا ئۆز قولى بىلەن ئېسىپ قويۇپتۇ.
نەق مەيداندىكى يىلقىچىلار باشلىقىغا ئۇرفادىن ئەكەلدۈرگەن ھېلىقى ئاق بوز يورغىنى ئەتىلا ئەلى ئاغىسىغا كۈمۈش ئېغىزدۇرۇق ۋە تىللا تاسمىلىق ئىگەرلەر بىلەن جابدۇپ مىندۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ..........
شۇندىن بۇيان ئەلى توكۇر بىلەن مۇرتازا ئاغىنىڭ قېرىنداشلىق تۇرمۇشى باشلىنىپتۇ. بىللە يېتىپتۇ. بىللە قوپۇپتۇ. بىللە تاماق يەپتۇ. مۇسۇلمانچىلىقتا بىللە ھاجەت قىلغىلى بولمايدىكەن. يەنە بەزى ئىشلارنى بىللە قىلغىلى بولمايدىكەن. بولمىسا مۇرتازا ئاغىنىڭ ئىختىيارىچە ھەممە ئىشنى بىللە قىلىشنى خالايدىكەن. ئەلى توكۇر بۇنداق كۈن، بۇنداق ھوزۇرنى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرمەپتىكەن. مۇرتازا ئاغىسىنىڭ مەمەت ئاۋاقتىن قورقۇپلا ئۆزىگە شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ياسالمىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدىكەن. ئەمما بۇ بىچارە تۈرك دېھقان يالغان بولسىمۇ بۇنچىلىك ھۆرمەت كۆرمەپتىكەن. راھەت كۆرمەپتىكەن. قانداق قىلسۇن. چارىسىزكەن. كۈن تەككەن مۇزدەك ئېرىيدىكەن.
ئۇ مۇرتازا ئاغىسىنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ناۋادا مەمەت ئاۋاق ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولسا مىلتىققا ئۆزىنى تۇتۇپ بەرگۈدەك ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ......
****************************************************
ئەلى ساپا باينىڭ ئۆلۈكى ئەتىسىمۇ كۆمۈلمەپتۇ. تىنجىق تومۇزدا شۇنداق سېسىپتۇكى ھەممىلا يەرگە سېسىقچىلىق سىڭىپ كېتىپتۇ. ھازىدارلار سېسىق پۇراقتىن قېچىپ تۇمشۇقىنى ياقىسىنىڭ ئىچىگە تىقسا قوينىدىنمۇ سېسىق پۇرايدىكەن.
ئۇرۇق-تۇققانلار ئاخىرى چىدىيالماپتۇ. ئەقلىنى ئىشلىتىپتۇ. "....مىيىتنى مەسچىتكە يۆتكەيلى....خۇدانىڭ ئۆيىدە تۇرسۇن...ئەھلى مۇسۇلمانغا شۇ ياخشى...." دىيىشىپتۇ. ئۆلۈك مەسچىتكە يۆتكۈلۈپتۇ. دىماقنى ئېچىشتۈرغىدەك سېسىقچىلىق مەسچىتتىن تارقاشقا باشلاپتۇ.  
ئۆلۈكنىڭ مەسچىتكە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئارۇپ سايىم ئەپەندىم بىلەن ۋىلايەتلىك ساقچىنىڭ باشلىقى قايتىپ كەپتۇ. كېلىپلا پۈتۈن ناھىيىنى لىق بېسىۋالغان سېسىقچىلىق ئىچىدە تىنالماي قاپتۇ. ئەتراپتىكى ئاسمان، يوللار، تاملار،دوقمۇشلار ھەتتا تام تۆشۈكلىرىگىچە لىقمۇ-لىق سېسىقچىلىق ئىكەن. بۇرۇننى چىقىرىپ تىنغۇدەك بارماقچىمۇ بوش يەر يوقكەن. لىق سېسىقچىلىقكەن.
ئۆلۈكنىڭ بۈگۈنمۇ كۆمۈلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ گەپ قىلماپتۇ. مىيىت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ مىيىت ئىگىلىرىگە قىلغان لىپاپىدىكى، خالتىدىكى يەنە تۇڭدىكى غەمخورلۇقلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئازراق ئولتۇرۇپتۇ. تۇمشۇقلىرىنى توساپ بېقىپتۇ. قول ياغلىقلىرىغا پاكىستاننىڭ ئەنبىرىنى ئېزىپ سۈركەپ تۇمشۇقىغا تۇتىۋاپتۇ. يەنىلا بولماپتۇ. ئۆزلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ بۇ مىيىت ئۈچۈن ئىككى قېتىم كەلگەنلىكىنى پاراڭغا قىستۇرۇپتۇ. ھەتتا دوغان پاشانىڭ مىيىتىگىمۇ ئىككى قېتىم بارمىغانلىقىنى ئېيتىشنىمۇ ئۇنۇتماپتۇ. يەنە ئازراق ئولتۇرماقچى بوپتۇ. ئەمما پۇراق چىداتماپتۇ. ماشىنىسىغا چىقىپتۇ. شوپۇرنى قاتتىق نوقۇپتۇ. شوپۇر ئىلگىرى بۇنداق نوقۇلۇپ باقمىغان توسۇن ئايغىر ئىكەن. شۇنداق نۇقۇلۇش بىلەن ماشىنىنى چاپتۇرۇپتىكى ئۇلارنى ئۇزاتقىلى چىقىپ قول ئېلىشقان ئادەملەر قوللىرىنى تېخى چۈشۈرۈپ بولمايلا ماشىنىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەي قاپتۇ.....
-       سالاتى مىيىت دەۋاتىدۇ. ئەلى...
پىشايۋاندا سالقىنلاپ ياتقان مۇرتازا ئاغا يېنىدا سۇنايلىنىپ ياتقان ئەلى توكۇرغا شۇنداق دەپتۇ.
-       بېرىپ كېلەمدۇق...- ئەلى توكۇر سوراپتۇ.
مۇرتازا ئاغا يىپەك كۆڭلىكىنىڭ پېشى بىلەن ئۆزىنى يەلپۈگەچ:
- مۇشۇ ھاۋانىزە، نىمانداق تىنجىق. ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن جۇمۇ.....ئەتىلا سىپارىسىنى قىلار. شۇ چاغدا بالدۇرراق بېرىپ قويساقلا بولار- دەپتۇ.
ئەلى توكۇرمۇ " شۇنداق قىلايلى...تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ قويدۇققۇ...." دەپتۇ.
شۇ كۇنى دىگەردىن كېيىن ئەلى ساپا باي يەرلىككە قويۇلۇپتۇ
باينىڭ مىيىتى نەچچە كۈنگىچە سۇغا ئېلىنمىغان ئىكەن. ئىمامنى سۇغا ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئىمام " ئۆت كېسىلىم بار. پۇرىسام بولمايدۇ " دەپ ئۆزرە ئېيتىپتۇ. دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىغى " مائاشلىرىغا ئوت ياللۇغىنىڭ دورىسىدىن ئالمىغانمۇ..." دەپ ئىمامغا تەنە قىلىپ بىر ئالىيىپتىكەن. ئىمامنىڭ ئۆتى يېرىلىپ كېتەي دەپتۇ. بىچارە ئالدىراپ مەزىننى سۇ تەييارلاشقا بۇيرۇپتۇ. مەزىن " ياش بالىلار سۇغا ئالسا ساۋاپ بولىدۇ" دەپ ئىككى تالىپچاقنى بۇيرۇپتۇ. تالىپلار باشلىرىنى قېلىن ئەدىيال بىلەن ئوراپ مىيىت قويۇلغان ئۆيگە كىرىپتۇ. ئەلى ساپا باينىڭ مىيىتى تۇتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۇمشاپ كەتكەن ئىكەن.  تۇتۇپ بولغىچە بارماقلار ئۇنىڭ پاختىدەك بەدىنىگە پېتىپ قالىدىكەن. شۇڭا قول بىلەن سىلاپ تاھارەت ئالدۇرۇشقا بولماپتۇ. ئىلاجىسىز تۆت-بەش چىلەك سۇنى جەسەتنىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ قۇيۇپلا بولدى قىپتۇ.  
مىيىت نامىزى ئوقۇلۇپتۇ. مىيىت يەرلىككە قويۇلۇپ يەتتە كەتمەن توپا تارتىلغاندىن كېيىن بىراقلا يەتتە مەسچىتنىڭ ئىمامى مۇبارەك "سۈرە ياسىن"نى تالىشىپ قىرائەت قىلىشقا باشلاپتۇ.
شۇنداق قىلغاندا مۇنكىر-نېكىر بىلەن ئەلى ساپانىڭ سۆھبىتىگە ئاسانلىق بولىدىكەن. بەلكىم يەتتە قارىنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن قىرائىتى پەرىشتىلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ، ئەلى ساپانى سوراق قىلغۇسىمۇ كەلمەيدىغاندۇ.
ئەلى ساپا يەرگە كۆمۈلگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى سېسىقچىلىق بارا-بارا يوقاپ كېتىپتۇ.
ساقچى كەرتىش ئەلى

بۇ يىل سارى كەچلى يېزىسىنىڭ ئادەملىرى چېدىرلىرىنى بۈركۈت جىلغىسىغا تىكىپتۇ. 
 كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بۇ تاغچىلار ئوت-سۇ قوغلىشىپ بىر يىل بۈركۈت جىلغىسىدا يەنە بىر يىلى نېرناسى يەنە بىر يىللىرى بولسا تۆمۈرتى تەرەپلەردە يۆتكۈلۈپ يۈرۈيدىكەن. 
 سارى كەچلى يېزىسىدىكى مۇسلىم دىگەن بالا، يوغان باشلىق پادىچى ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ ھەر كۈنى مەھەلىدىكىلەرنىڭ قويلىرىنى باقىدىكەن. كەچقۇرۇن قوسىقى تويغان قويلىرىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىدىكەن. كۈنلىرى شۇنداق ئۆتىدىكەن.
ئۇ ئاخشام ئۆيىگە قايتماپتۇ. يېرىم كېچىدىمۇ قايتماپتۇ. ئەتىسى ئەتتىگەندىمۇ قايتماپتۇ.
ئەسلىدە سارى كەچلىدە بىر ئىش بولغان ئىكەن. 
 تۆنۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان يېزا جىددى بىر سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ. توخولارمۇ قاقىلدىمايدىكەن. ئىتلارمۇ ھاۋشىمايدىكەن. يېزىلىقلار بولسا پىچىرلىشىپ سۆزلىشىدىكەن. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا ئەندىشە ۋە جىددىلىك بولسىمۇ كۆزلىرىنىڭ تېگىدىن يوشۇرۇن بىر خوشاللىق تېپىپ تۇرىدىكەن. يېزىدىن قىرىق كۆز دەرگاھىنىڭ ئەۋلىياسى كەلگەندەك بىر ئىللىقلىق تارايدىكەن. ئېغىزى بەززاپ ئادەملەرمۇ سىلىق سۆزلىشىدىكەن. ھەممەيلەن ھېچ ئىشى بولمىسىمۇ قەدەملىرىنى ئىلدام ئېلىپ، ئۇياق-بۇياققا ماڭىدىكەن.
مۇسلىممۇ جىددىكەن. چوڭلارغا ئارىلىشىپ، چىرايلىرىنى مۇستەھكەم قىياپەتكە كەلتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا ماڭىدىكەن.
 مۇسلىمنىڭ يېزىدىكى بۇ كەيپىياتتىن شۇنداقلا ئايرىلىپ چىققۇسى كەلمەپتۇ. بىراق ئايرىلمىسا بولمايدىكەن. ھېچكىم ئۇنى "يولغا چىقىپ كۈزەتچىلىك قىل" دىمەپتۇ. ئەمما مۇسلىم يېزىدىكى خوشاللىقنىڭ ئۇزۇنراق، مۈمكىن بولسا مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى خالايدىكەن. شۇڭا يېزىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ قويلىرىنى باققاچ كۈزەتچىلىك قىلىشنى ئويلاپتۇ.
ئۇ قويلىرىنى ھەيدەپ مېڭىپتۇ. كۈزەتچىلىك قىلىدىغانغا مۇۋاپىق ئورۇننى ئىزدەپ خېلى مېڭىپتۇ. ئاخىرى تېپىپتۇ. بۇ جايدىن قارىسا چوقۇر ئوۋادىن چىققان يول ئوچۇق كۆرۈنىدىكەن. قويلىرىنى قويۇق ئۆسكەن چىغلىققا قويۇۋېتىپتۇ. بىر بۇلاق بويىدا يانپاشلاپ يېتىپتۇ. ئارىلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا قاراپ قويىدىكەن. يولدا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن. ئولتۇرىدىكەن. يېنىدىكى بۇلاققا قارايدىكەن. بۇلاق سۈيىنىڭ ئۇششاق قۇملارنى يېنىك توزۇتقىنىچە يەر ئاستىدىن ئۆرلەپ چىقىشىنى تاماشا قىلىدىكەن. تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئىچىدە بىر خىل تارتىشقاندەك يېنىك ئاغراق پەيدا بولىدىكەن. كىچىك تەرىتى قىستاۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن. ئورنىدىن تۇرىدىكەن. يولغا قارايدىكەن. كەچ كىرگەندە  قويلىرىنى تاغ قاپتىلىدىكى ئويمان يەرگە يىغىپتۇ. ئۆزى بولسا ئىتىغا يۆلىنىپ يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلىپ يېتىپتۇ.
قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىدىكەن. يىراقلاردىن كېلىۋاتقان ھەر-بىر ئاۋازنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشايدىكەن. تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرى ئىچىدە نامەلۇم بىر تۈن قۇشلىرىنىڭ سايراشلىرى ئاڭلىنىپ قالىدىكەن. تۇيۇقسىزلا يېنىدىنلا ئوت-چۆپلەرنى شىلدىرلىتىپ قانداقتۇ بىر ھايۋان ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ئەمما ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى ياكى ئادىمىزاتقا تەۋە بولغان ئاۋاز ئاڭلانمايدىكەن. 
 مۇسلىم قوي باققان چاغلاردا كۈندۈزلىرىمۇ ئازراق ئۇخلىۋالىدىكەن. ئىتى بولغاچقا خاتىرجەم ئۇخلايدىكەن. بىراق بۇ كېچە كۆزىنى ئازراقمۇ يۇمماپتۇ. مۇگدەش خىيالىغىمۇ كىرمەيدىكەن. ئەمما تاڭغا يېققىن ئۇخلاپ قاپتۇ.
ئۇ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ، ئورنىدىن تۇرغاندا ئەتراپ يورۇپ كەتكەن ئىكەن. كۈنمۇ بىر غېرىچ ئۆرلىگەن ئىكەن.
ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. يولغا قاراپتۇ. بويى بىلەن تەڭ سارغۇچ پوپەكلىك ئاچ-يېشىل چىغلارنىڭ ئىچىدە  ئۇزاقتىن ئۇزاق ئۆرە تۇرۇپ چوقۇر ئوۋادىن چىقىپ بۈركۈت جىلغىسىغا يەنە بىر تەرىپى باقىرگە تەرەپكە كەتكەن يول ئېغىزىغا قاراپتۇ. ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن.
تۆنۈگۈندىن بۇيان بىر نەرسە يىمىگەنلىكى ئېسىگە كەپتۇ. ئەتراپتىن نەچچە تال تاغ پىيىزى تېپىپتۇ. كولاپ ئېلىپ چاپىنىغا سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن بىرنى چىشلەپتۇ. تاغ پىيىزىدىن سۈتتەك سۇ تېمىپ تۇرىدىكەن. ئېلىۋالغان نېنىنى چىقىرىپ پىياز بىلەن يىيىشكە باشلاپتۇ. نېنىنى يەپ بولۇپ، يېنىدىكى چىغ ئاستىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان ئاجىز بۇلاق سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپتۇ.
بىر چاغدا ئۇنبڭ ئىتى تۇيۇقسىز قاۋاپ كېتىپتۇ. مۇسلىم يەۋاتقان نان-  پىيازلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يولغا قاراپتۇ. ئۆزى تۇرىۋاتقان تەرەپكە كەلگەن چىغىر يول تەرەپتىكى چىغلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئاي-يۇلتۇزلۇق كاكار تاقىغان باش غىل-پال كۆرۈنۈپ يوقاپ كېتىپتۇ. كەينىدىنلا ئات مىنىۋالغان يۈز بېشى بىلەن ئاسىم چاۋۇش ۋە مىلتىقلىرىنى مۈرىلىرىگە ئاسقان قوراللىق ساقچىلار چىقىپ كەپتۇ. ئۇلار مۇسلىمغا يېققىن يەردىكى بۇلاق بويىدا توختاپتۇ. بۇ چاغدا مۇسلىمنىڭ ئىتى ئۇلارغا قاراپ ھاۋشىغىنىچە ئېتىلىپتۇ. مۇسلىم ئىتىنى توسۇش ئۈچۈن كەينىدىن يۈگرەپ ئىتنى بۇلاق بويىدا تۇتىۋاپتۇ.
مۇسلىم ئىتىنىڭ بوينىندىن تۇتىۋېلىپ قوراللىق ئادەملەرگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ساقچىلار ئۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلماي يۈك-تاقلىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىكەن. گايىلىرى چاي قاينىتىش ئۈچۈن كورىلىرىنى ئېسىپ ئوت يېقىش بىلەن ئالدىراشكەن.
ساقچىلارنىڭ ئارىسىدىكى كەرتىش ئەلى مۇسلىمغا دەسلەپ دىققەت قىلىپتۇ.
كەرتىش ئەلىنىڭ تېگى تاغچىكەن. تاغچىنىڭ ئارىسىدا گەپ قاناتلىق بولىدىكەن. بىكاچىلىقتا چوڭىدىن-كىچىكىگە قەدەر بىر ئىشتىن بەكمۇ تېز خەۋەردار بولۇپ كېتىدىكەن. كەرتىش ئەلى تاغچى بولغاچقا قوي بېقىۋاتقان بۇ بالىغا دىققەت قىلىپ قاپتۇ.
كەرتىش ئەلى بۇ رايوندىكى ئەڭ نامرات يېزىلاردىن بولۇپ ئەسكەرلىكتىن قايتقاندىن كېيىن يېزىسىغا قايتماپتۇ. ئۇ ساقچىخانىنىڭ ئىشىكىدە بىر-ئىككى يىل، بۇ قوراللىق ساقچىنىڭ ئاشخانىسىدا بىر نەچچە ۋاقىت دىگەندەك ئىشلەپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇشۇ ناھىيىلىك ساقچىخانىغا ئورۇنلۇشۇپتۇ.
كەرتىش ئەلى يېڭى ئىشقا چۈشكەندە تۈركىيەدىكى ئەڭ گاداي ساقچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئاددى بىر ساقچى ئۈچۈن قانچىلىك كىرىم مەنبەسى بولىدۇ دەيسىز. ئازغىنە مائاش بىلەن قانچىلىكمۇ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ھۆكۈمەتتىن تارقاتقان ساقچى فورمىسى يېڭىكەن. ئەمما يانچۇقى قۇرۇقكەن. ئىشنىڭ دەسلىپى قىيىنكەن. سەل قىينىلىدىكەن. كونىرىغانچە ياخشى بولۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا چىداش كېرەككەن.  دەسلەپتە سوراق ئۈستىلىدە باشقىلار ئۇنتۇپ قالغان تاماكىلارنى چېكىپ يۈرۈپتۇ. بۇنداق ئادەم ھەر خىل ماركىدىكى تاماكا چېكىدىكەن. بەزىدە جىنايەتچىلەرنىڭ مەيدە يانچۇقلىرىنى ئاختۇرغاندا بەش-ئون كوي پۇل چىقىپ قالىدىكەن. بۇ پۇللارنى چاندۇرمايلا ئۆزىنىڭ ئىشتان ياچۇقىغا تىقىۋالىدىكەن.
بۇنداق چۈپەي قىلىقلار پىشانىسىغا دۆلەت بەلگىسى تاقىۋالغان ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەسكەن. ئۇ چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەككەن. ساقچىخانىلارنى كىچىك كۆرمەڭ. بۇ جاي بىۋاستە خەلق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئورۇن بولغاچقا يەنىلا نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەر بولىدىكەن. ئوغۇرلۇق، ئۇرۇشۇش، ھۆكۈمەتنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك...ئىشقىلىپ كىچىك بولسىمۇ جىنايەتچى چىقىپ تۇرىدىكەن. بۇلارنى ئاستا بېسىۋېتىش ياكى يۇقۇرىغا يوللاپ قولغا ئېلىش دىگەندەك مۇھىم ئىشلار ئەشۇ ئاساسى قاتلامدىكى ساقچىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىكەن. قولىدىن كەلدى دىگەن گەپ، باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ دىگەن گەپ. ھاجەتتىن چىقتىڭ دىگەن گەپ، سەنمۇ مەنپەئەت كۆرىسەن دىگەن گەپ. ۋاقىت ئۇزارغانچە كەرتىش ئەلى بۇ خىلدىكى ھوقوقلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپتۇ. جىنايەتچىلەرنىڭ تۇققانلىرى بالىلىرىنى يوقلاپ بەش مولۇق سامسا ئېلىپ كەلسە، يەتكۈزۈپ بېرىش ھەققى ئۈچۈن ئەللىك كوي ئاپتۇ. بىرەر توخو ئېلىپ كەلسە بەش يۈز كوي ئاپتۇ. تىرىشساڭ تاپارسەن دىگەندەك، توختىماي تىرىشىپ تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا دەرىجىدىكى باي ساقچىلار قاتارىغا كىرىپتۇ.
ئۇ ھازىرمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ. چۈنكى ئالدىنقى قاتاردىكى كىرىمى ياخشى ساقچىلار قاتارىغا كىرىش نىشانى ئۇنى ھەردەم تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىكەن.  
ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. ئادەم ئۇرۇشتا ياكى سوراق قىلىشتا بولسۇن ئەنقەرەدىكى مەخپى سوراقچىلارنىمۇ ئون يىل ئوقۇتالايدىكەن. ئۇنىڭ ساناپ بولغۇسىز دەھشەتلىك قىيناق ئۇسۇللىرى ئۇنى شۆھرەت قازاندۇرۇپ " خۇداسىز كەرتىش ئەلى " دەپ نام قازاندۇرۇپتۇ. ئادەم ئۇرۇشتا ھەيران قالارلىق كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ بىر كېچە بىر كۈندۈز توختىماي ئادەم ئۇرالايدىكەن. باشقا ئادەم بىر كېچە-كۈندۈز كارۋاتتا ياتسىمۇ چىدىمايدۇ. ئەمما مۇنۇ "خۇداسىز" توختىماي يىگىرمە تۆت سائەت ئادەم ئۇرالايدىكەن.
بىراق ئۇنىڭ مۇشۇنداق پەمسىز قارا كۈچىلا بولغاچقا ئۆسەلمەپتۇ. چۈنكى تۈرمىلەرنىڭ شارائىتى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ھۆكۈمەتنىڭ باش ئاغرىقىكەن. جىنايەتچىلەرگە ئىنسانى مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يىغىنلاردا كۆپ تەكىتلىنىدىكەن. شۇڭا تاكتىكىلىق ساقچى يولداشلار كېرەككەن. ھەم ئىقرار قىلدۇرالايدىغان، ھەم دۆلەتكە تۆلەم ئاۋارچىلىقى كەلتۈرمەي ئىزىنى يوقۇتالايدىغانلار كېرەككەن. ھېچ ئامال تېپىلمىغاندا يوقنى بار قىلىپ چاپلاپ سولىيالايدىغان ساقچىلار كېرەككەن.
ئەمما مۇنۇ كەرتىشتە ئۇنداق پەم يوقكەن.
كەرتىشتەكلەرنىڭ نەزىرىدە ساقچىخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرگەنلا ئادەم "چوقۇم جىنايتى بار" دەپ سانىلىدىكەن. ھەتتا كىملىك بېجىرگىلى كەلگەنلەرنىڭمۇ تومۇرىنى تۇتۇپ چاندۇرۇپ قويىدىكەن.
كەرتىش ئەلى ئەسلىدە ئۇنچىلىك قارا كۆڭۈل ئەمەسكەندۇق. ئەمما مۇشۇ كەسپى ئەسلىدىكى بارماقتەك قارا كۆڭلىنى يوغانلىتىپ قازاندەك قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭغا ئامال يوقكەن. چۈنكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسىمۇ ساقچى قىلىپ قويسا كېچىككەندە ئالتى ئايدا ئالۋاستىغا ئايلىنىپ بولىدىكەن.
ساقچىلارغا ھەردائىم يىغىن ئېچىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىغىنلاردا "بۇزغۇنچى...جىنايەتچى.....تېرورچى.....دۈشمەن كۈچ....." دىگەندەك قارا ئاتالغۇلارغا قۇمدەك تەكىتلىنىدىكەن. ئون گەپنىڭ توققۇزىدا شۇنداق قورقۇنۇچلۇق گەپلەركەن.
بۇنداق مۇھىت ئۇزارغانچە ئادەمنىڭ مىجەزى ئۆزگۈرۈپ كېتىدىكەن. يىغىنلاردا تەكىتلەنگەن تەلەپلەردە " ئىنسانىي ئادالەت، مىللى ھىسيات، ئادىمى ئىشەنچ...." دىگەنلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا قەتئى بولمايدىكەن. بالىلىق چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسى، قېرىنداش-دوستلىرى تەرىپىدىن يېتىلدۈرگەن " قېرىنداشلىق، ۋاپادارلىق، سەمىمىلىك...." تەك ساپ تۇيغۇلار بۇ خىزمەتتە پۇتلىكاشاڭ بولىدىكەن.
بۇنداق نورمال ئىنسانلىقتىن چەكلەيدىغان خىزمەت تەلىۋى مەجبۇرلىغانچە ئادەمنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى كۈچۈيۈپ كېتىدىكەن. چىرايلىرىنى سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك كۆرسۈتۈشكە تىرىشىدىكەن. ئەتراپتىكى پۈتۈن ئادەمنى جىنايەتچىدەك سېزىدىكەن. ئۆزى "007" دەك، ئۇلار ھامىنى قولغا چۈشىدىغاندەك بىلىنىدىكەن.  بۇنى ئۇلار "خىزمەت خاراكتىرى" دەۋالىدىكەن. 
 ساقچىلاردا "خىزمەت كۆرسۈتۈش " ئىدىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ باشقا خىزمەتكارلىرىغا قارىغاندا ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدىكەن. كوچا سۈپىرىدىغانلار بىرەر تال يوپۇرماقنىمۇ قالدۇرماي سۈپۈرىدىكەن. ساقچىلار ئۇلاردىنمۇ پاكىزە سۈپىرىدىكەن. ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت ھەتتاكى ھەر سىكونت خىزمەت كۆرسىتىش تەلۋىلىكى ئۇلارنى ھەرقانداق ئادەمنى بوش قويۇۋەتمەسلىك، مىڭى خاتا كەتسە كەتسۇن، بىرىنى قاچۇرۋەتمەسلىك دەيدىغان  ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرىدىكەن. بۇنداق تەلۋىلەرچە "خىزمەت كۆرسۈتۈش" ئارزۇسى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ قانداق مۇھىتتا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىكەن. "زۆرۆر تېپىلغاندا" دىگەن ئاتالغۇنى قوللۇنۇپ ئالدى بىلەن دۆلەت قانۇنىنى ساقچىلار بۇزىدىكەن.
ئىلگىرى ئانىلار، بالىلىرى يىغلاپ ئۇخلىمىسا "ئالۋاستى كەلدى" دەپ يىغىدىن پەسلىتىدىكەن. ئەمما كەرتىش ئەلىدەك ساقچىلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن" ساقچى كەلدى" دەپ قورقۇتىدىغان بوپتۇ.    
قىززىق يېرى، بۇلارمۇ قېرىيدىكەن. پىنسىيىگە چىقىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۆنۈگۈنلا مۇتلەق ھوقوق بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمنىڭ خىزمىتى يوقايدىكەن. كۈچ-قۇۋۋەت بېرىۋاتقان خىزمىتىنىڭ كۈچلەندۈرۈش ئوكۇلى توختايدىكەن. "قولغا ئېلىش، سۈرۈشتۈرۈش، كويزىلاش...."  دىگەندەك ئىمتىيازلار ئەمەلدىن قالىدىكەن. بۇ چاغدا ئاخىرقى قېتىم مىجەزىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدىكەن. ئۆزىنى ھەممىدىن قۇرۇق قالغاندەك، ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئادەمدەك ھېس قىلىدىكەن. 
 ئىلگىرى بېلىدە تاپانچا، پىشانىسىدە كاكار بىلەن نەپەسلىنىپ، تاماق يەپ، سىيىپ-چىچىپ كۆنۈپ قالغاچقا ئۇلار يوقالغاندا كۆنەلمەيدىكەن. دېمى سىقىلغاندەك بىلىنىدىكەن. تاماقنىمۇ لەززەتسىزدەك ھېس قىلىدىكەن. ئەتراپتىكى تونۇش-بىلىشلىرى مەنسىتمەي، مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ، جامائەتچىلىك سورۇنلىرىغا يۈرەكلىك قاتنىشالمايدىكەن. كوچىدىكى ئىگىسىز قالغان لالما ئىتتەك غېرىپلىق بېسىۋالىدىكەن.
قىسقىسى، ساقچىلىق خىزمىتىنىڭ خاراكتىرى شۇ خىزمەتنىڭ ئىدارە قىلغۇچىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلانغاچقا ئەڭ شەرەپلىك بۇ خىزمەت شۇنداق پەسكەش قىممەت يارىتىدىكەن. كەرتىش ئەلى مانا شۇنداق ھايات مۇساپىسىدا پالاقشىپ يۈرگەن ساقچىلارنىڭ بىرىكەن.
كەرتىش دىگىنى بىزنىڭ كېلەر دىگىنىمىز شۇ. 
 كەسلەنچۈكنىڭ سايدا يۈرۈيدىغىنىنى كېلەر دەيمىزغۇ.  ئۇنىڭ بېشى ياپىلاق، جاۋغىيى ئادەتتىكى كەسلەنچۈكنىڭكىدىن بىر ھەسسە يوغان كېلىدۇ. چوڭلىغانچە يوغانلاپ پۈتۈن بەدىنىنى قاتتىق قاسراقلار قاپلاپ يا ئىسسىق ياكى سوغۇق تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
بىزنىڭ كەرتىش ئەلىمۇ دوغىلاقكەن. بىلەكلىرى ئۇزۇنكەن. بېغىشى بىلەن ئالقانلىرى يوغانكەن. كېلەرنىڭكىدەك يېيىلىپ تۇرىدىكەن. بېشى تار بولسىمۇ ئەمما تۆۋەنگە چۈشكەنچە ئىڭەكىلىرى يوغانلاپ كېڭىيىپ كېتىدىكەن. ئىشقىلپ بېشىدىن ئىڭىكى خېلىلا يوغانكەن. دەل كېلەرنىڭكىدەككەن.
مەمەت ئاۋاق ۋەقەسى چىققاندىن كېيىن كەرتىش ئەلىنى بىر ئارزۇ چىرمىۋاپتۇ. ئولتۇرسا-قوپسا مەمەتنىلا ئويلايدىكەن. " مۇشۇ گۇينى تۇتىۋالسام، خۇدانىڭ بەرگىنىتتى..."
ئۇ ھەر قانچە خىزمەت كۆرسەتسىمۇ بۇ خىزمەتكە يەتمەيدىكەن. شەرەپ بىلەن "بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى " دەپ ئەنگە ئېلىنىدىكەن. ئەنقەرەمۇ قاراپ تۇرمايدىكەن. ئۆسۈپ ئەنقەرەگە كېتىدىكەن. ئۇ چاغدا بۇ يەردىكى باشلىقلارغا ئۇ باشلىق بولىدىكەن. " خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ....؟ " دەپ تېلفۇن سوقۇپ ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇجۇپ قويىدىكەن. بۇ بىچارىلەر ئەنقەرەگە خىزمەت ئىشى بىلەن بارغاندا ئۇنى سوغا-سالاملار بىلەن يوقلاپ تۇرىدىكەن. " ۋاي ھۆرمەتلىك كەرتىش ئەلى.....ياق، ياق، كەرتىش دىگەن قاچانقى گەپ ! ۋاي جانابى ئەلى تىڭجاڭ........" دەپ يەرگە قارىغىنىچە پۈكلىنىپ يۈرۈيدىكەن. كەرتىش ئەلى شۇلارنى ئويلاپ " ئاھ  خۇدا ! نىمىدىگەن بەخت. بەندەڭ ئەلىنى نائۈمۈت قويمىغايسەن." دەپ پىچىرلاپ قويىدىكەن.....


مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلتۈرلىشى 
 
كەرتىش ئەلى مۇسلىمغا قىزىقىپ قاپتۇ. ئۇ يۈز بېشىغا مۇسلىمنى كۆرسۈتۈپ:
-  ئالدىماققا بالا ياخشى. سۈرۈشتۈرۈپ باقامدۇق؟-؛ دەپتۇ.
ھېرىپ كەتكەن يۇز بېشى ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بۇلاق بويىغا يانپاشلىغىنىچە:
-       مەيلى.... - دەپتۇ. 
 كەرتىش ئەلى مۇسلىمنى چاقىرىپتۇ؛
-       ھەي بالا ئىتىڭنى قوغلىۋېتىپ بۇياققا كەل. سېنى يۈز بېشى چاقىرىدۇ...
مۇسلىم ئىتىنى چىغلىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قويلىرى تەرەپكە قوغلىۋېتىپ ، يۈز بېشىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. يۈز بېشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ.
- ھەي بالا سەن بۇ يەردە قوي بېقىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى ؟ 
 مۇسلىم " ئىككى كېچە ئۈچ كۈندۈز بولدى" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
-       ئۇنداقتا تۆنۈگۈن سەھەردە مۇشۇ تەرەپتىن بىر ئورۇق ئادەم، ئات مىنىپ ئۆتتىمۇ ؟ خېلى ئېغىر يارىدار......
مۇسلىم " ياق كۆرمىدىم " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. كۆزلىرىدە بالىلارچە بىر قۇۋلۇق ئوينايدىكەن. بۇنى كەرتىش ئەلى بايقىماي قالامدۇ. ئۇ گۇمانىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن؛
- ئۈلۈشكۈن ئاخشام پەستىكى ئورمانلىقتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلاندىمۇ؟ -؛ دەپ سوراپتۇ. مۇسلىم "ئاڭلانمىدى" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
كەرتىش ئەلى " مانا دىمىدىممۇ بۇ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مۇشۇ يەردە قوي بېقىپ پەستىكى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىم دەيسىنا..." دەپلا قولىنى سوزۇپ مۇسلىمنى تۇتىۋاپتۇ.
- ئېيتە ؟! مەمەت ئاۋاق قايسى تەرەپكە كەتتى- مۇسلىم قورقۇپتۇ. تىترەيدىكەن. ئەمدى كۆزلىرىدە ياشلار پەيدا بوپتۇ. ئىككى قولىنى مەيدىسىگە تۇتۇپ تىترەيدىكەن.
- ئېيتە ؟ دەپ بەرسەڭ ئەللىك كوي بېرىمىز.
مۇسلىم ساقچىلار ئۇچراپ مەمەت ئاۋاقنى سورىسا قەتئى قورقماي "كۆرمىدىم" دەپ تۇرىمەن. دەپ ئويلاپتىكەن. ھېلىمۇ " كۆرمىدىم" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئەمما يەنىلا شۇنداق قورقۇپتۇ. لاغ-لاغ تىترەيدىكەن. بىراق يىغلىماپتۇ.
كەرتىش ئەلى ئالداپتۇ. سىلكەپتۇ. كاچىتىغا ئۇرۇپتۇ. كاسسىسىغا تېپىپتۇ. مۇسلىم تىترىگىنىچە "كۆرمىدىم" دەپ تۇرىدىكەن. يانپاشلاپ ياتقان يۈز بېشى پەرۇق، كەرتىش ئەلىگە " بولدى قىل، بىلمەيدىكەن." دىگەندەك قاراپ قويۇپتۇ. ئەمما كەرتىش ئەلى بىلىدىكەن. بۇ قوي باقتى چوقۇم بىلىدۇ. يۈز بېشىغا ئىلتىماس قىپتۇ. "ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگەن بولسىڭىز ؟" دەپتۇ.  يۈز بېشى "نىمە قىلساڭ قىل" دىگەندەك تەتۈر قاراپ يېتىۋاپتۇ. 
 كەرتىش ئەلى مۇسلىمنى بۇلاق بويىدىن يىراقراق ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭ رەخت پارچىلىرىدىن قىلىۋالغان پوتىسىنى يېشىپتۇ.  ئۇنىڭ بىلەن ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ باغلاپتۇ. ئاندىن بىر يۇلغۇن تايىقىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ تاپىنىغا ئۇرۇشقا باشلاپتۇ........
مۇسلىمنىڭ تىترەشلىرى توختاپ قالغان ئىكەن. كۆڭلى جايىغا چۈشكەن ئىكەن. تاياق تەككەندىن باشلاپ قورقۇنچ يوقايدىكەن. پەقەت ئازراق چىدىسىلا قۇتۇلىدىكەن......
مۇسلىمنىڭ لەۋلىرى مەھكەم يۇمۇلغان ئىكەن. غىڭ قىلمايدىكەن. بەدىنى ھەر بىر تاياق تەككەندە ئېگىلىدىكەن. يەنە تۈزلىنىدىكەن..........
كەرتىش ئەلى ھەيران قاپتۇ. مۇسلىم تاپىنىغا يۇلغۇن بىلەن نەچچە يۈزنى ئۇرسىمۇ يىغلىماپتۇ. ساقچىلار ھەيران قاپتۇ. بۇنداق چىداملىق مەخلۇقنى ھېچكىم كۆرۈپ باقماپتىكەن. يۈز بېشىمۇ ھەيران قاپتۇ.
بىر چاغدا مۇسلىم جىم بولۇپ قاپتۇ. تاياق تەگسىمۇ بەدىنىنى ئەگمەپتۇ. پۇتىنىمۇ يىغماپتۇ. ساقچىلارىن بىرى:
- ئۆلدىمۇ نىمە ؟ - دەپتۇ. 
 كەرتىش ئەلى " ياق ئاسانلىقچە ئۆلمەيدۇ. بۇلارنىڭ جېنى مۈشۈككە ئوخشاش يەتتە، يەنە ئالتىسى بار" دەپتۇ.
مۇسلىمنى تۇرغۇزۇپتۇ. تۇرالمايدىكەن. ئىككى ساقچى قولتۇقىدىن كۆتۈرۈپ بۇلاق بېشىغا ئەكەپتۇ. بېشى ، ئىككى قولى ۋە پۇتى جانسىز پولداڭلاپ تۇرىدىكەن. بېشىغا مۈزدەك بۇلاق سۈيىدىن قۇيۇپتۇ. مۇسلىم بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپتۇ. ئەتراپقا قاراپتۇ. ساقچىلارغا قارىماپتۇ. بىر نەرسىنى ئىزدەيدىكەن. شۇ چاغدا ئەمدىلا بۇ تەرەپكە كەلگەن ئىتىنى كۆرۈپتۇ. كۆڭلى تىنغاندەك بېشىنى يەنە تاشلىغىنىچە تۇرۇپتۇ.
بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان ئاسىم چاۋۇش بىر نەرسىنى ھېس قىپتۇ. بالىنىڭ ئاغرىيدىغان يېرىنى بىلىۋاپتۇ. تاپانچىسىنى ئېلىپ ئىتنى نىشانغا ئېلىپتۇ؛
- ھەي بالا! مەمەت نەگە كەتتى ؟ ئېيتمىساڭ ئىتىڭنى ئېتىۋېتىمەن....- دەپتۇ. 
 بايا ئاران تۇرغان مۇسلىم ھالسىزغىنە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىتىغا قاراپتۇ. چاۋۇش تاپانچىنى شاراقلىتىپ بەتلەپتۇ. مۇسلىم ئىتىغا سەل قاراپ تۇرغاندىن كېيىن خۇددى پىچىرلىغاندەك؛
- سېرىقىمنى ئۆلتۈرمە...مەن دەپ بېرەي...-  بۇلارنى كۆرۈپ پەرۇق يۈز بېشى كۈلۈپ كېتىپتۇ.
كەرتىش ئەلى بوغۇلۇپ قاپتۇ. ئات-ئېشەكتەك يېرىم كۈن ئىشلەپ بالىنىڭ زۇۋانىنى ئاچالماپتۇ. ئەمما ماۋۇ چاۋۇش ئاسانلا سۆزلىتىپتۇ. تۆھپە چاۋۇشقا كېتىپتۇ. يۈز بېشى سوراپتۇ:
- مەمەت ئاۋاق قاياققا كەتتى ؟- مۇسلىم؛
- باقىرگە تەرەپكە كەتتى. ئۇ تەرەپتە قاراقچى تازنىڭ ئەترىتى بار.....شۇنىڭغا قوشۇلۇشقا كەتتىمىكىن......- ئاسىم چاۋۇش مۇسلىمدىن:
- ئۇنىڭ مەمەت ئاۋاق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ ؟_دەپ سوراپتۇ. مۇسلىم " تورۇق ئات...مىنىدۇ..... ئاتنى ئىگەرسىز....يايداق مىنىدۇ. ئوزى ئورۇق ئادەم...قوراللىق.... " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئەڭ يېڭى ئۇچۇر يۈز بېشىنى ئورنىدىن لىككىتە تۇرغۇزۇپتۇ. ساقچىلارنى تېزدىن يىغىلىپ ئاتلىنىشقا بۇيرۇپتۇ.
ھەممەيلەن تەييار بوپتۇ. كەرتىش ئەلىنىڭ ئاچچىقى بېسىلمايدىكەن. ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك جاپا چېكىپ، ھېچقانداق پايدا ئالالمىغانلىقى، چاۋۇشنىڭ ئاسانلا پايدىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇنى بەزگەك قىلىپ قويۇپتۇ. مېڭىشتىن بۇرۇن ئاچچىقىدا مۇسلىمنىڭ ئورۇق بەدىنىگە نەچچىنى دەسسىۋېتىپتۇ.
يۈز بېشى ئېتىغا مىنىۋېلىپ تاپانچىسىنى چىقىرىپتۇ. مۇسلىمنىڭ ئىتىغا توغرىلاپ، تاپانچىدىكى ئوقنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋېتىپتۇ. ئىت ئورنىدا غىڭشىپ پىقىراپ كېتىپتۇ. كېيىن ئادەمدەك سوزۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ.........
پەرۇق يۈز بېشى باقىرگە تەرەپكە ئالدىن ئۈچ نەپەر ماراقچى ساقچىنى ماڭدۇرۇپتۇ. ئۆزلىرى يولدىن چەتنەپ، تاغ ئارىسى بىلەن ئىلگىرلەپتۇ. نامازشام بىلەن باقىرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇلارنى ساقلاۋاتقان ماراقچىلاردىن  بىرى "قاراقچىلارنىڭ جەمى توققۇز ئادەم ئىكەنلىكى، ھازىر تاغ باغرىدىكى ئويماندا گۈلخان يېقىپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقى"نى يەتكۈزۈپتۇ.
يۈز بېشى ھەممەيلەنگە ئالدى بىلەن كەچلىك تاماقنى تېزدىن يىيىشىنى بۇيرۇپتۇ. ماراقچىلارغا ئورنىدىن قىمىرلىماي قاراقچىلارنىڭ ھەركىتىنى داۋاملىق كۈزۈتۈشنى تاپشۇرۇپتۇ. ساقچىلار تەييار تاماقتىن ھاپىلا-شاپىلا يىگەن بوپتۇ. تاماقتىن كېيىن يۈز بېشى ساقچىلارنى بىر نەچچە گۇرۇپىغا بۆلۈپ تاغ ئۈستىدىن، ئۇدۇلدىن ۋە ئىككى ياندىن تولۇق قورشاشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ.
خۇپتەندىن كېيىن قاراقچىلار بىر نەپەر كۈزەتچىنى قويۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن يېتىپتۇ.
يۈز بېشى ئۇخلاۋاتقان قاراقچىلارنى تولۇق قورشاۋغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ، كۈزەتتە تۇرغان قاراقچىغا ئوق چىقىرىپتۇ. ئوق قاراقچىنىڭ پۇتىغا تەككەنمۇ چىقىرىغىنىچە پۇتىنى تۇتۇپتۇ. ئارقىدىنلا دومۇلاپ كېتىپتۇ. قالغان ساقچىلارمۇ قاراقچىلار توپلاشقان ئويمانغا قارىتىپ ئوق دىگەننى تۆكۈۋېتىپتۇ...
قاراقچىلار ئۇيقىدىن ئويغىنىپ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە نەچچىسىگە ئوق تېگىپ بوپتۇ.  قاراڭغۇدا دۈشمەننىڭ ئورنىنىمۇ بىلەلمەپتۇ. ئوق ئېتىلغان تەرەپتىكى يورۇقنى نىشانغا ئېلىپ بولغىچە كەينى تەرەپتىن ئوقلار كېلىدىكەن. ئالقانچە ئويماندىكى قاراقچىلارنى قۇچاقتەك قورشاۋغا ئېلىۋالغان ساقچىلار بىر كېچە ئوق ئېتىپتۇ.....
بامداتقا يېقىن قارشى تەرەپتىن ئوق ئېتىۋاتقانلار پۈتۈنلەي توختاپتۇ. ئارىسىدا بىرى يارىلانغانمۇ توختىماي ئىڭرايدىكەن. ساقچىلار ئوق ئېتىشتىن توختىماپتۇ. ئىڭراشمۇ توختىماپتۇ. تاڭ ئاتقىچە توختىماپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ......
ئەتراپتىن ئاچچىق ئوق-دورا پۇرىقى كېلىدىكەن. ئوق ئېتىشقان يەر ئويمانلىق بولغاچقا گۈڭگۈرت پۇرىقى ئۇزۇنغىچە تارقاپ كېتەلمەپتۇ.
ساقچىلاردا ۋاقىت كەڭتاشا بولغاچقا يەنە يېرىم كۈن ماراپ يېتىپتۇ. پەقەت يارىلانغان قاراقچىنىڭ ئىڭرىشىدىن باشقا ھىچقانداق تىرىكلىكنىڭ نىشانى يوقكەن. شۇندىلا ساقچىلار ئېھتىيات بىلەن ئۆمۈلۈشۈپ قورشاۋنى تارايتىپتۇ. قاراقچىلار توپلاشقان مەيدانغا يېققىن كېلىپ ئۇ يەر بۇ يەردە چېچىلىپ ياتقان ئۆلۈكلەرنى كۆرۈپتۇ. ئىڭراۋاتقان قاراقچى تۆت تال قورام تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈگۈلگىنىچە ياتىدىكەن. ھىچقانداق قارشىلىق قىلغۇدەك ھالى يوقكەن. پەقەت قوسىقىنى قۇچاغلىغىنىچە ئىڭرايدىكەن.
يۈز بېشى پەرۇق بۇلارنى كۆرۈپ، ئورنىدىن دەست تۇرۇپتۇ. قالغان ساقچىلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ. يۈز بېشى ئىڭراۋاتقان قاراقچىنىڭ يېنىغا كېلىپ " بىزگە ئەسىر كېرەك ئەمەس" دىگىنىچە تاپانچىسىنى يارىدارغا ئوبدان توغۇرلىۋېلىپ، ئىچىدىكى ئوقنىڭ ھەممىسىنى مۇسلىمنىڭ ئىتىغا ئاتقاندەك ئېتىۋېتىپتۇ.
ئۇلار توققۇز ئادەم ئىكەن.
يۈز بېشى ئالدى بىلەن ئۆلۈكلەرنىڭ ئىچىدىن مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈكىنى تېپىشقا بۇيرۇپتۇ. بىراق ساقچىلار تەمتىرىشىپ قاپتۇ. ئەسلىدە ھەممىسى "كۆرسەكلا تونۇيمىز" دەپ ئويلاشقان ئىكەن. بىراق تىرىككە قارىغاندا ئۆلۈكنى تونۇماق تەسكەن. شۇ چاغدا پەرۇخ يۈز بېشى بايىقى يارىدار قاراقچىنى ئالدىراپ ئېتىۋەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىپتۇ.
ھىچقايسىسى ئۆلۈكلەرنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنى "مەمەت ماۋۇ شۇ" دىيەلمەپتۇ.
نەچچە يىللاردىن بۇيان مەمەت ئاۋاقنىڭ پېيىدا يۈرگەن ئاسىم چاۋۇشمۇ دىيەلمەپتۇ. چۈنكى بۇ پىشقەدەم ساقچىمۇ مەمەتنى يۈز تۇرانە كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. پەقەت يېزىلىقلاردىن ئۇنىڭ تەرىپىنىلا ئاڭلاپتىكەن.
يۈز بېشى ساقچىلارنى مۇشۇ جايدا ناشتا تەييارلاشقا بۇيرۇپتۇ.
ساقچىلار چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغاندا تۆۋەندىكى چېچەكلىك دەرەسىنىڭ  ئادەملىرى بىرلەپ ئىككىلەپ ئۆلۈكلەرنى كۆرگىلى كېلىشكە باشلاپتۇ.
يۈز بېشى ئۇلاردىن ياشتا چوڭراق بىرىنى چاقىرىپ ئۆلۈكلەردىن قايسىسىنىڭ مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈكى ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ.
چالنىڭ كۆزى ساز ئەمەسكەن. ھەممە ئۆلۈككە سىنچىلاۋېرىپتۇ. تاپالماپتۇ.  ئەتراپتىكى ئىچى پۇشقان تاغچىلاردىن بىرنەچچەيلەن "ماۋۇ بولۇشى مۇمكىن" دىسە يەنە بىرى "ئاۋۇمىكىن دەيمەن...." دەپ ئېنىق بىرەيلەننى كۆرسۈتەلمەپتۇ.
يۈز بېشى قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ. ئۇلارنىڭ "قەستەن مەمەت ئاۋاقنى كۆرسۈتۈپ بەرمەيۋاتقانلىقىغا" قاتتىق ئاچچىغى كەپتۇ. بىر نەچچە تاغچىنىڭ قولىنى كەينىگە قىلىپ "قاراقچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن" دىگەن "يىلىم"نى سۈركەپ باغلىماقچى بوپتۇ. شۇ ئۇسۇل بىلەن "باشلىقى"نى تونۇپ بېرىشنى سورىماقچى بولغاندا تۆۋەندىن ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىپ بىر توپ ئايال چىقىپ كەپتۇ.
ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئاق ياغلىق، ئاق كۆينەك كىيىشىۋالغان ئىكەن.
ئۇلار ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىغا كەلگەندە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يىغلاشقىنىچە ئۇلارنى ئايلىنىشقا باشلاپتۇ.
ساقچىلار مەڭدەپ قاپتۇ. ئاياللارنىڭ "دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى"گە ھىسداشلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قاراپلا قاپتۇ.
ئاياللار بىر چاغدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بۇرۇتلۇق ھەم گەۋدىلىك بىرەيلەننى چۆرىدەپ "...ۋاي مەممىتىم، دۇنياغا بىرلا كەلگەنتىڭغۇ باتۇر ئاۋىقىم....." دەپ ھازا تۇتۇپ ئايلىنىشقا باشلاپتۇ.
مەمەتنى تونۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى كەپتۇ. يۈز بېشى كۈلۈمسىرەپتۇ. ئۇ ئاسىم چاۋۇشقا؛
- ھەي، چاۋۇش بىزدىكى مەلۇماتلاردا مەمەت ئاۋاق ئورۇق بىر ئىنجىمارۇق دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمما ماۋۇ خوتۇنلار مەمەت ئاۋاق دەۋالغىنى دىۋىدەك بىرى تۇرىدۇ. قارىغاندا توپلىغان مەلۇماتلىرڭلارمۇ خاتاكەندە....- دەپتۇ. 
 ئاسىم چاۋۇش؛
- ئۇ يېرىنى بىلمىدىم ئەپەندىم. بىراق مۇشۇ مەمەت ئاۋاق سەۋداسى بېشىمغا چىققاندىن بۇيان ئۇ توغرىسىىدا نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىدىم . ھەتتا بۇلارنى ئاڭلاۋېرىپ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مەمەت ئاۋاق ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم. بەلكىم بىزدىكى مەلۇمات خاتا ئوخشايدۇ. ماۋۇ خوتۇنلار قالغان سەككىز قاراقچى بىلەن چاتىقى يوق...پەقەت ئەشۇ بىرىنىلا چۆگىلەپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.- دەپتۇ. كەرتىش ئەلىمۇ قوشۇپلا:
- راس ھېلىقى پادىچى بالا قانچىلىك چىدىدى. ئۇلار پەقەت مەمەت ئاۋاق ئۈچۈنلا ھەرقانداق تاياققا چىدايدۇ. - دەپتۇ. يۈز بېشى:
- بولدى!  بۇ چوقۇم مەمەت. ھازىرلا ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ناھىيىگە يوللايلى...
يېزا باشلىقى بۇ يېزىدىكى تاھسىن تايغان دىگەن شاتۇرنى چاقىرىپ كەپتۇ. يۈز بېشى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت بېرىپ، "بۇ خەتنى تېزدىن ناھىيىگە يەتكۈز! سەن قانچىكى تېز يەتكۈزسەڭ شۇنچە ياخشى. ناھىيىدىكى ئەمەلدارلار سېنى سۈيۈنچە بىلەن باي قىلىۋېتىدۇ." دەپتۇ. تاھسىن شۇ ھامان يولغا چىقىپتۇ.........
پەرۇخ يۈز بېشى تۇتۇشقا تەييارلىغان تاغچىلارنى قويدۇرىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئاياللارنىڭ ھازىسىنى تاماشا قىلغاچ ئولتۇرۇپتۇ.
بۇ چاغدا خوشنا يېزىلارنىڭ ئاياللىرىمۇ يېتىپ كېلىشىپتۇ. ھەمدە ھازىچىلار قوشۇنىغا ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. يېڭى ھازىچىلار كېلىشى بىلەنلا ھەممىسى يەنە باشقىدىن ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. ھازا قوشاقلىرى ئېيتىپتۇ. 
 .....مەمەت ئاۋاقنىڭ روھى قىرىق چىلتەنلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ، قارا كۆزلۈك، قارا قاشلىق، كېلىشكەن قەددى قامەتلىك مەمەتنىڭ قارا تورۇققا مىنىپ دېھقانلارنى قۇتۇلدۇرغانلىقى، ئەمدى بولسا ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنى ئەكىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى .... خەدىچەسى بىلەن ھەر چولپان تۇققان ۋاقىتتا ئەلى تېغىنىڭ چوققىسىدا ئۇچۇرشىدىغانلىقى ....ئۇنىڭ روھىنىڭ قارا كېچىلەردە قاراڭغۇ كوچىلارنى ئايلىنىدىغانلىقى، ئاجىزلارنىڭ يىتىملارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈدىغانلىقى، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھالىغا چىدىماي يەنە تورۇس تاغلىرىغا كېلىدىغانلىقىدەك ھازا بىيىتلىرىنى ئېيتىشىدىكەن..........
يۈز بېشى خوتۇنلارنىڭ تاماشىسىنى قانغۇچە كۆرۈپتۇ. يىغلاشلىرىغا قاراپ " خۇراپىلار" دەپ كۈلۈپتۇ. تاماشا كۆرگەچ ئەتتىگەنلىك چېيىنىمۇ ئوبدان ئىچىپتۇ. ئاندىن يېزا باشلىقىنى چاقىرىپتۇ. ئۇنىڭغا يۈك توشۇيدىغان توققۇز بەيگىر ئات تېپىپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.
ئاتلار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ساقچىلار ئۆلۈكلەرنى خوتۇنلارنىڭ قولىدىن شۇنچىلىك تەستە ئاجىرتىپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ كىيىملىرىنىڭ پارچىلىرى خوتۇنلارنىڭ قولىدا قاپتۇ.
ئۇرۇشتىن قايتقان غازىلار بەيگىرلەرگە ئارتىلغان ئۆلۈكلەرنى ئېلىپ ناھىيىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ......

تاھسىن باي بوپتۇ.

شاتۇر تاھسىن تايغان بىر كېچە بىر كۈندۈز يۈگرەپ ناھىيىگە يېتىپ كەپتۇ.
يولدا بۇر يۇتۇم سۇ ياكى بىر چىشلەم نانمۇ يىمەپتۇ. "سېنى باي قىلىۋېتىدۇ..." دىگەن سۆز ئۇنىڭغا ھەردەم خۇددى ھەسەل بىلەن سېرىق ماي ئارىلاشتۇرۇپ يەۋاتقاندەك كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاپتۇ.
ئۇ ناھىيىگە كىرىپ ئۇدۇل ھۆكۈمەت بىناسى تەرەپكە بېرىپتۇ. بىنا يىراقتىن كۆرۈنگەندە ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھەممە ماغدۇر يوقاپلا كېتىپتۇ. شۇنچىلىك تەستە ئاخىرقى تىنىقى بىلەن ئىككى پۇتىنى يۆتكەپ بىنا پەلەمپىيىگە كەلگەندە يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كېتىپتۇ
تاشقىرىدىكى تاراق-تۇرۇقنى ئاڭلاپ ھاكىمنىڭ كاتىپى سىرتقا چىقىپ قارىسا شۇنچىلىك ئۇزۇن بىر ئادەم پەلەمپەيدىنمۇ ئۇزۇنراق سوزۇلۇپ ياتقۇدەك.
كاتىپ ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىغا قاراپ يىراق بىر تاغلىق كەنتتىن مۇھىم ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. كاتىپ ھاكىمنى چاقىرىپتۇ. ياتقان ئادەمنىڭ ئالقىنىدا بىر نەرسە بار ئىكەن. كاتىپ ئالقاننى ئاچالماپتۇ. قېيىشىپ بېقىپتۇ. قايرىپ بېقىپتۇ. ئاچالماپتۇ. ھاكىممۇ چىداپ تۇرالماي بارماقلارنى تاتىلاپ بېقىپتۇ، چۆيۈندىن قۇيۇلغاندەك بارماقلار تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداقتەك ئېچىلماپتۇ. دوختۇرنى چاقىرىپتۇ. "بىر ئوكۇل بىلەنلا بارماقلىرىنى ئاچايلى" دەپتۇ. دوختۇر تاھسىننىڭ كۆز قارىسى، گەدىنى دىگەندەك يەرلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ "ئەنسىرىمەڭلار، ھاجىتى يوق. بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ. بەك چارچاپ كېتىپتۇ. شۇڭا پۈتۈن بەدەن كىيىشىپ قاپتۇ. سەل تۇرۇپ ئوڭشىلىدۇ" دەپتۇ. دوختۇر كېتىپتۇ.
ھاكىم ساقلاپتۇ. بارماقلارنى كېسىپ ئاچقۇدەك بوپتۇ. تۆت تال بارماققۇ مەيلى، يامىنى بارماقنىڭ ئىچىدىكى خەت قان بىلەن بويىلىپ كەتسە بولمايدىكەن. ئوقۇغىلى بولمايدىكەن. ئىشخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپتۇ. مۇشۇنداق جىددى ھالەت مەزگىلىدە پەيدا بولغان بۇ ئادەم چوقۇم مۇھىم بىر ئىش بىلەن كەلدى دەپ ئويلاپتۇ. بىر چاغدا تاھسىن تايغان كۆزلىرىنى ئېچىپتۇ. ئەتراپقا قاراپتۇ. كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئارقىدىن ئېغىزىنىمۇ ئېچىپتۇ. " يۈز بېشى......مەمەت ئاۋاقنى ئۆلتۈردى. ھازىر ناھىيىگە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى.....كېلىۋاتىدۇ. " دەپتۇ. تەستە دەپتۇ. كالپۇكلىرى كىيىشىپ قالغاچقا مىدىرلىمايدىكەن. پەقەت دىمىقى بىلەنلا شۇنداق دەپتۇ. ئارقىدىنلا " مانا..... خەت يېزىپ بەردى............ توققۇز قاراقچىنى ئۆلتۈردى" دەپتۇ. قولى يادىغا كەپتۇ. كۆتۈرۈپتۇ. ئەمما بارماقلىرىنى ئۆزىمۇ ئاچالماپتۇ. چالا-پۇچۇق بولسىمۇ خۇش-خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاكىم جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. ئىسسىق سۇ كەلتۈرۈپتۇ. "پۇتىنى چىلايلى" دەپتۇ. "سىڭىرلىرى بوشايدۇ" دەپتۇ. چىلاپتۇ. ئېچىلماپتۇ. مۈزدەك سۇ كەلتۈرۈپتۇ. پىشانىسى ئوتتەك قىززىپ كەتكەن ئىكەن. ئىشتاننى سالمايلا ئۇنىڭ كاسسىسىنى سۇغا چىلاپتۇ. شۇنداق قىلسا ئىچىدىكى ئىسسىق كۆتتى بىلەن چىقىپ كېتىدىكەن. تاھسىن يېرىم سائەت سوغاق سۇدا ئولتۇرۇپتۇ. خوش ياققاندەك ئۈرگىدەپ قاپتۇ. تېخى سۇ يۈزىگە بۇلدۇقلاپ ھاۋا كۆپۈكچىلىرى چىقىپ قالىدىكەن.
ھاكىم ئاچچىقىدا تەڭنىدىكى سۇنى " بېششىغا قۇيۇڭلار! " دەپتۇ. ئۈستىگە تۆكۈپتۇ. ئەندىكىپ كەتكەن تاھسىن تايغان ئۆزىمۇ سەزمەستىن بارماقلىرىنى ئېچىپ يۈزلىرىدىكى سۇلارنى سۈرتۈپتۇ. خەت پىشانىسىغا چاپلىشىپ قاپتۇ. كاتىپ خەتنى ئاۋايلاپ سويىۋېلىپ ھاكىمغا بېرىپتۇ. ھاكىم خەتنى ئوقۇپتۇ.  
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ كاتىپقا توۋلاپتۇ." تېز بول! كادىرلارنىڭ ھەممىسى يىغىلسۇن. جىددى يىغىن بار."
ھۆكۈمەت خادىملىرى يۈگۈرۈشۈپ كېلىپتۇ. جىددى يىغىن خەۋىرى بەزىلەرنى ئۆيىدىن، بەزىلەرنى قاۋاقخانىدىن، ياكى ئاكىسىنىڭ خوتۇنىغا قۇرۇپ بەرگەن كارخانىلاردىن، بەزى "قېرىغاندا قېرى تاتۇقلار"نى  شوپاڭخانىدىن سۆرەپ كەپتۇ.
ھاكىم يۇمۇلاق ئۈستەلنىڭ تۆر تەرىپىدە ئولتۇرىدىكەن. ئوڭ قولى ئۈستەل ئۈستىدە ئىكەن. بارمىقى ئۈستەلنى توختىماي چېكىدىكەن. ئىككىلا پۇتى ئۈستەلنىڭ ئاستىدىكەن. پۇتلىرىنىڭ ئۆكچىسى بىلەن يەرنى چېكىدىكەن. بىر چاغدا كادىرلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بوپتۇ.
ئورۇندۇقلار توشۇپ بولغاندىن كېيىن، ھاكىم گېلىنى قىرىپتۇ. ئاۋازىنىڭ ئاددىلا چىقىپ قېلىشىنى خالىماپتۇ. بويۇنلىرىنى سەل چىڭقالدۇرۇپ كانىيىنى قىسىپ سۆزلەپتۇ.
- خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن..... - ئولتۇرغانلارغا ھېيىتلىقنى بىراقلا بېرىۋەتكۈسى يوقتەك سۆزىنى بۆلۈپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا سەل قارىۋاپتۇ. ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ؛
- پەرۇخ يۈز بېشى مەمەت ئاۋاق باشچىلىغىدىكى توققۇز قاراقچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى ئېلىپ كېلىۋاتقۇدەك...- سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىمۇ خوشاللىقتىن چىدىماپتۇ. چىرايىدىكى ياسىما سۈرى يوقاپ كېتىپتۇ. مايمۇندەك ھىجىيىپلا قاپتۇ.
يىغىن زالى جىمجىتكەن. ھەممەيلەننىڭ چىرايى قېتىپلا قاپتۇ. پەقەت ھاكىملا ھىجايغىنىچە بىردە ئۇنىڭ بىردە بۇنىڭ چىرايىغا قارايدىكەن. سورۇندا تۇيۇقسىز ئىشىنىپ بولغۇسىز بىر ھاياجان، چۇقان كۆتۈرۈلۈپتۇ. خىزمەتچىلەر سەكرەپ كېتىپتۇ. ئۈستەل بىلەن ئورۇندۇقنى ئۇنتۇپ قالغانلار تىزىنى نەچچە رەت ئۇرىۋاپتۇ. ئۇلار قۇچاغلىشىدىكەن. كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدىكەن. بىر-بىرىگە شۇنداق مېھرى-مۇھەببەت بىلەن قارىشىدىكەن. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈنىمۇ بولمىغان بىر خوشاللىق بوپتۇ.
خوشاللىق بىر سائەتتەك داۋاملاشقاندىن كېيىن، ھاكىم، باتۇر يۈز بېشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بىر قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش كېرەكلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. " شۇنداق قىلىش كېرەك" "قەھرىمان تۈرك باتۇرىنى شۇنداق كۈتىۋېلىش كېرەككى.......".
كۈتىۋېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.
يىغىن ئاخىرلىشىپتۇ. ھەممەيلەن ئۆزى مەسئۇل خىزمەتلەرگە تارقىلىپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىمۇ ئۇلار بىلەن تەڭلا شەھەرگە تارقىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بايلار، ھۆكۈمەت خىزمەتكارلىرى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرەپكە يۈگرەپتۇ. ئادەتتىكى ئۇششاق خەلىقلەر تەۋپىقنىڭ قەھۋاخانىسىغا ئېقىپتۇ. پۈتۈن شەھەر قايناپ تاشقىن بولۇپتۇ........
كاۋاپداننى كاۋاپ بىلەنلا تاشلاپ قويۈپ قەھۋاخانىغا كەلگەن كاۋاپچى نۇسرەت خالايىق ئارىسىغا قارايدىكەن. بىرسىنى ئىزدەيدىكەن. ئىزدىگىنى بۇ يەردە يوقكەن. ئىككى ئاتلاپ مەھكىمىگە بېرىپتۇ. ھەممە ياققا قاراپتۇ. يەنىلا يوقكەن. ئۇ مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈمىگە ئەڭ تەشنا بولغان قارا تاغلىقنىڭ ئوغلى مۇرتازا باينىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ قاپتۇ. نۇسرەت كاۋاپچى شۇ ھامان ئۇنىڭ داچىسىغا قاراپ چېپىپتۇ.
مۇرتازا ئاغا ئۆز سارىيىدا ئەلى توكۇر بىلەن ئۇنى كەلگۈسىدە قانداق باي قىلىۋېتىدىغانلىقى، قەيەردىكى بېغىنى بۇ ئىنىسىغا بېرىدىغانلىقى، ئەلىنىڭ بايلار قاتارىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى كېرەكلىگى.......دىگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن.  ئەلى توكۇرنىڭ بۇ ئادەمدىن كېلىۋاتقان ئىللىق مۇھەببەت تەپتىدىن كۆزلىرى ياش يۇقى ئىكەن.
نۇسرەت كاۋاپچى ھويلىغا كىرىپلا ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.
- ئاغا !..... سۈيۈنچە!... سۈيۈنچەڭنى بەر.... مەمەت ئاۋاق ئۆلۈپتۇ.....
مۇرتازا ئاغا ئۆيدە تۇرۇپ بۇ گەپنى ئاڭلاپتۇ. ئېنىق ئاڭلاپتۇ. ئەمما ئەلى توكۇردىن " نىمە دىدى ؟ " دەپ سوراپتۇ. ئەلى توكۇرمۇ مەڭدەپ قاپتۇ. قېتىپ قاپتۇ. مۇرتازا ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ماڭدىمۇ ياكى ئۆمىلىدىمۇ ئىشقىلىپ سىرتقا چىقىپتۇ.
كاۋاپچى ئۇنى كۆرۈپ يەنە ۋاقىراپتۇ.
-       ئاغا مەممەت ئاۋاقنى يۈز بېشى پەرۇخ ئۆلتۈرۈپتۇ........
مۇرتازانىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىپتۇ. ئادەمنىڭ تىنىقى توختاي دىگەندە شۇنداق بولىدىكەن. ئەمما مۇرتازانىڭ تىنىقى ئىتتىكلىشىپ شۇنداق بولۇپ كېتىپتۇ. پۇتى پەلەمپەينى سىلاپ ماڭىدىكەن. ئېغىزى توختىماي پىچىرلايدىكەن......."راست دەۋاتامسەن. چاخچاق قىلمايۋاتقانسەن-ھە.....قەسەم قىل ! خۇدا ھەققى دەپ باقچۇ ؟......بۇ خەۋەر راستمۇ..............."
كېلىپلا كاۋاپچىنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىلىپتۇ. بىر نەرسىگە ئېسىلىۋالمىسا بولمايدىكەن. پۇتى يۇمشاق بولۇپ قاپتۇ. كاۋاپچى نۇسرەت، باينىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپتۇ. " راست ئېيتتىم. ھازىر ھاكىم ئېلان قىپتۇ...." مۇرتازا يىغلامسىرايدىكەن. كاۋاپچىنىڭ ئىس ۋە ماي يۇقى يۈزلىرىگە سۆيىدىكەن. " سۈيۈنچە دەمسەن....ساڭا يېڭى دۇكان ئەپ بېرىمەن.....شۇ تىللىرىڭنىڭ....قۇربانى بولاي.....ۋاي كاۋاپچى نۇسرەت بەي ! جېنىم قېرىندىشىم. قارا كۆزلىرىڭنىڭ ۋەيرانى بولاي....
بۇ چاغدا ئۆيدىكى خوتۇنلار، خىزمەتچىلەر ھەممىسى ھويلىغا يىغىلىپتۇ. چوڭ خوتۇنى ھۆسنە خاتۇن يەردە ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. "ئۇلۇغ خۇدا...شەپقىتىڭگە شۈكرى . بۇ ئادەمگە قىلغان ياخشىلىقىڭغا مىڭلارچە تەشەككۈر...ساڭا ئاتاپ بىر جۈپ كالا قۇربالىق قىلاي...بۇ ئادەمدىكى قىيامەتلىك سەۋدانى كۆتۈرگىنىڭگە مىڭلارچە شۈكرى...ئۇلۇغ خۇدا....قۇدرىتىڭ ئۇلۇغ! " دەپ ھەمدۇ-سانالار ئوقۇپتۇ.
مۇرتازا ئاغا ئۆيگە قايتىپ كىرىپتۇ. ئاياقلىرى يېنىككەن. يەرگە تېگىۋاتامدۇ بىلگىلى بولمايدىكەن. ھېيت-بايراملاردا كىيىدىغان ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپتۇ. قىپقىزىل گالاستۈك تاقاپ فىرانسۇزلارنىڭ قولىدىن چىققان كاستوم-بۇرۇلكىسىنى كىيىپتۇ. ئىستامبولدىن ئالدۇرۇپ تېخى كىيىپ باقمىغان ئۆتۈكىنى مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن كىيىپتۇ. ھويلىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغان كاۋاپچىغا ھەمياندىن بىر تۇتام پۇل چىقىرىپ بېرىپتۇ. مۇرىسىنى سىلاپتۇ. " ھازىر بۇنى خەجلەپ تۇر. ئەتىلا سەن ئېچىۋاتقان دۇكاننى نامىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن." دەپ ئالدىراپ ھويلىدىن چىقىپتۇ. ئەلى توكۇرمۇ پۇتىنى سۆرەپ مۇرتازا ئاغىنىڭ كەينىدىن يۈگرەپتۇ. ئۇلار تونۇشقاندىن بۇيان تۈنجى قېتىم ئىلگىرى-كېيىن مېڭىپتۇ.....
تاھسىن تايغان ئەتراپىدا بولىۋاتقان غەلۋە-غوغىدىن ھەيران قاپتۇ. شۇ ھەيرانلىقتا بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ شاتلىق ئىلكىدە چۇقۇرشىۋاتقان  ھۆكۈمەت خىزمەتكارلىرىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلارغا قاراپ ئۆزىنىڭ راستىنلا مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. سۈيۈنچىگە بولغان تاماسى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ. بىراق كىمدىن سورايدۇ ؟!
ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ چىرايىغا ئۇزاقراق قاراپ بېقىپتۇ. پايدىسى بولماپتۇ. ھېچكىم دىققەت ياكى سالام قىلماپتۇ. ئېسىل كىيىنگەن بىرەيلەننىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇھىم سۆزى باردەك كانىيىنى قىرىپ بېقىپتۇ. ئۇمۇ دىققەت قىلماپتۇ. داردەك ئۇستىخاندىن باشقا ھېچنىمىسى يوق بۇ ئادەمگە كىممۇ دىققەت قىلىدۇ.
تاھسىن تايغان ئادەملەر ئارىسىدا ھاكىمنىڭ كاتىپىنى كۆرۈپ قاپتۇ. قىستىلىپ يۈرۈپ يېنىغا بېرىپتۇ. چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلىق تارتىپتۇ. كاتىپ پېشىغا قاراپتۇ. پېشىنى تۇتىۋالغان تاھسىننى كۆرۈپتۇ. تايغان كاتىپقا خىزمىتىنى ئەسلىتىپ پىچىرلاپتۇ. " يۈز بېشى خەۋەرنى ئېلىپ بارساڭ، شەھەردىكىلەر ساڭا سۈيۈنچە بېرىدۇ. دىگەنتى...." كاتىپ چۈشۈنۈپتۇ. ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ-دە، ھۆكۈمەت تاھسىندەكلەرنى غەلبە ساداسى ئىچىدە ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ-دە. كاتىپ ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۈرغان كۆزلىرىگە بىردەم قاراپ تۇرۇپتۇ. يېرىم مىنۇت قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تۈكۈرىكىنى "غۇرت" قىلىپ يۇتۇپتۇ. ئاندىن تاھسىنغا " بۇياققا كەل، ئاۋۇ شىلەپە كىيىپ، پۇزۇر ياسانغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ ؟...ھە.. ئۇ مۇرتازا ئەپەندىم. شۇنىڭ قېشىغا بار. ئۇ سۈيۈنچىگە مەسئۇل" دەپ قىزىل گالاستۇكلۇق ئېسىل كىيىنگەن ئادەمنى كۆرسۈتۈپ قويۇپتۇ. تاھسىن يەنە قىستىلىپ يۈرۈپ، زوق-شوق بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان پۇزۇر ياسانغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. مۇرتازا ئاغىنىڭ يېڭىدىن بايىقىدىنمۇ ئاستا تارتىپتۇ. ئاغا ئۇنىڭغا قاراپتۇ. " بۇ خەۋەرنى مەن ئېلىپ كەلگەن. يۈز بېشى سۈيۈنچە بەرسۇن دىگەن. " مۇرتازا ئاغا تاھسىنغا قاراپتۇ. كاتىپتەك قارىماپتۇ. يېققىن ئادىمىگە قارىغاندەك قاراپتۇ. مۇشۇ تاپتا مۇرتازا ئاغىغا بۇ خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەممىلا ئادەم ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك ، ئۇلۇغ ئىستىلادىن كەلگەن قەھرىمان تۇققىنىدەك كۆرۈنىدىكەن. " سەن خەۋەرچىمۇ ؟ يۈگرەپ كەلگەن شاتۇر سەنمۇ ؟ " دەپتۇ. تاھسىن " ھەئە، مەن شۇ " دەپتۇ. مۇرتازا ئاغا " ئالە ! سۈيۈنچە سەندىن ئايلانسۇن. شۇ پۇتلىرىڭنىڭ قۇربانى بولسۇن. " دەپ توۋلاپتۇ. راستىنلا ئۈنلۈك توۋلاپتۇ. ھەميىنىنى چىقىرىپتۇ. مۇرتازا ئاغا ئادەتتە ھەمياننى چىقارسىلا ئاشۇنداق توۋلاپ قويىدىكەن. ئاشخانىدىمۇ، ساتىراشخانىدىمۇ يەنە...ئشقىلىپ ھەممىلا جايدا توۋلاپ قويىدىكەن. پۇل خەجلىسىلا توۋلاپ قويىدىكەن. ھەمياندىكى ھەممە پۇلنى تاھسىنغا تۇتاملاپ بېرىپتۇ.  ئەتراپتىكىلەر مۇرتازانىڭ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يېنىغا توپلىنىپتۇ.
ئۆرۈم بىلەن سۈيۈنچىنىڭ ۋاقتى بولىدۇ. ئادەم جىقراق بولسا ئاندىن قىممىتى بولىدۇ. پۇلغا گۆش يىگەندىن شۇنداق سورۇننى تاپساڭ سۈيۈنچە بەر! گۆش يىگەندىن ئارتۇق ھوزورلىنىسەن....
مۇرتازانىڭ كەينىدە قالغۇسى كەلمىگەنلەردىن ئۇ بېرىپتۇ. بۇ بېرىپتۇ، ئۇمۇ بىر تۇتام بېرىپتۇ. بۇمۇ بىر تۇتام بېرىپتۇ. تاھسىننىڭ قولى توشۇپتۇ. چاققانلىق قىپتۇ. تىتىلىپ كەتكەن پەشلىرىنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپتۇ. قولىدىكى پۇللارنى قوينىغا ساپتۇ. ئۆمرىدە قوينىغا بىرى پۇل بىرى ئايال سەپ باقماپتىكەن. ئۈرۈك، ئالما ياكى بىرەرتى يېرىم ئوغۇرلىۋالغان توخو سەپ بېقىپتىكەن. بۈگۈن پۇل ساپتۇ. بەرگەن كۈنىڭگە شۈكرى.
تاھسىننىڭ كاللىسى قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قاپتۇ. چىرايىدا ھىچقانداق بىر ئىپادىمۇ يوقكەن. سۇنۇلىۋاتقان قوللارغىلا قارايدىكەن. پۇلنى ئالىدىكەن. قوينىغا سالىدىكەن......
ئۆرۈمچىلەر شالاڭلاپتۇ. تاھسىن ئوتتۇرىدا يالغۇز قاپتۇ. ئاستا ئېسىگە كەپتۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزى تاھسىندىكەن. ياق تاھسىندە ئەمەس، ئۇنىڭ پومپىيىپ تۇرغان قوينىدىكەن. تاھسىننىڭ غېمى ئۆزگۈرۈپتۇ.  ئەمدى مۇشۇ پۇللارنى تېچ-ئامان ئۆيىگە ئەكىتەلەرمۇ ؟!
تاھسىن ئادەملەر ئارىسىدىن ئاتلاپ يۈرۈپ ھۆكۈمەت ھويلىسىدىن چىقىپتۇ. شەھەرنىڭ ئادەمسىز خالتا كوچىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ شەھەر سىرتىغا چىقىۋاپتۇ. "بولدى خۇداغا شۈكرى !.......ئەمدى شۇنداق بىر يۈگرەيكى..."
ئۇ تاغ تەرەپكە قاراپ شۇنداق مېڭىپتۇ. ئىلگىرى بۇنداق تېز ماڭماپتىكەن. يېزىسىدا مىيىت خەۋىرىنى ياكى كەلكۈن كەلگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزگەندىمۇ بۇنداق تېز ماڭماپتىكەن. بۈگۈن مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئەكەلگەندىمۇ بۇنداق ماڭماپتىكەن. ھازىر شۇنداق مېڭىپتۇكى .............


خەلق مەيدانىدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمى.


پۈتۈن ناھىيە ھەركەتكە كەپتۇ.
جۇمھۇرىيەتنىڭ مەمەت ئاۋاقنى ئۆلتۈرگەنلىك غەلبىسىنى تەبرىكلەش، توپىلاڭچىلارنى يوقاتقاتقان قەھرىمان ئوغلانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىقلار باشلىنىپتۇ.
ھەر بىر دۇكان ئىشىكىگە دۆلەت بايرىقى ئېسىلىپتۇ. كوچىغا قارايدىغان ئۆيلەرگىمۇ ئېسىلىپتۇ. كونىراق تاملار ئاقارتىلىپتۇ. شوئارلار يېزىلىپتۇ. " مەمەت ئاۋاقنى ئۆلتۈرگەن تۈرك قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ياشىسۇن ! " " بۈيۈك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەڭگۈ ياشناپ گۈللىسۇن ! " ساقچىلار بىلەن خەلق ئاممىسى، كالا بىلەن مۈڭگۈزدەك ! " دىگەندەك شوئارلار دۇكانلارنىڭ، سارايلارنىڭ تاملىرىغا ھەتتا تېمى ياخشىراق ھاجەتخانىلارغىمۇ يېزىلىپتۇ.
دەرەخلەرگە گۈللۈك لېنتىلار ئېسىلىپ، ئۇششاق چىراقجانلار بىلەن بېزىلىپتۇ. خەلق مەيدانىغا دۆلەت بايرىمىدىكىگە ئوخشاش مەخسۇس سەھنە ياسىلىپتۇ. شۇنداق ئۇزۇن ، ئىگىزلىكىمۇ ئادەم بويىدىن كەڭ قىزىل رەختنى سەھنىنىڭ ئۈستىگە تارتىپتۇ. رەختنىڭ يۈزىگە " دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ بىر ئوچۇم دۈشمەنلىرى بىلەن قەتئى كۈرەش قىلايلى! " دەپ يېزىلىپتۇ.
شەھەرلىك قىزلار ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپتۇ. قەھرىمانلاردىن بىرەرسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا دىگەن ئۈمۈت قاشلىرىنى، بۇرۇنلىرىنى چىمدىتىپتۇ. ئەڭلىك قۇتىلىرىنى ئاچتۇرۇپتۇ. چۈنكى ئەسكەر دىگەننىڭ تەمىناتى ياخشى ئىكەن. 
 يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارمۇ ئېتىز-ئېرىقلىرىنى تاشلاپ شەھەرگە ئېقىپتۇ. يا كۆرگىدەك كىنو يا بىرەر توي-تۆكۈن بولماي زېرىكىپ كەتكەندە بېرىپ باققۇسى كەپتۇ.
بۈگۈن مەيداندا بامداتتىن كېيىنلا ئالتى ناغرىچى بىلەن ئىككى سۈننايچى شادىيانەنى باشلاپ بولغان ئىكەن. ئىچىگە باتماي قالغان يېنىكرەك ياشلار ساما بىلەن ئالدىراشكەن. ئىشقىلىپ شۇنداق بىر خوشاللىق ئەتراپقا يېيىلىپتۇ.
ھۆكۈمەت تارمىقىدىكىلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن مەنپەئەتى چېتىلغان بايلار نىمىگە خوشال بولىۋاتقىنىنى بىلىدىكەن. قالغان خەلق بولسا مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكىنىلا بىلىدىكەن. باشقىنى بىلمەيدىكەن. ئەمما خوشال بولۇش كېرەككەن. چۈنكى رەھبەرلەر "پۈتۈن خەلق خوشال بولسۇن!  " دەپتۇ.  بۇ سىياسى مەيدان مەسىلىسىكەن. 
 ھاكىم باشلىق رەھبەرلەر پەرۇخ يۈز بېشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بارماقچىكەن. ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ، چىشلىرىنى، چاچلىرىنى چوتكىلاپ ئاندىن تۆت خىل مېغىز، ئۈچ خىل مۇراببا ۋە بولكا كالباسالار بىلەن ناشتا قىلىپ بولغىچە كۈن ئۆرلەپ قاپتۇ.
خەۋەرچىلەر قەھرىمانلارنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ.
ھاكىم كۈتىۋېلىشقا چىقىدىغان كادىرلارنى تاللىغاندىن كېيىن ناھىيىنىڭ سىرتىدىكى ئەزىزىم دىگەن يەرگە بېرىپتۇ. ئادەم سانى ئازراق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دىخانلارنى ھەركەتلەندۈرۈپتۇ.  نەچچە ئائىلىلىك بۇ ئۆتەڭ  ئادەمگە لىق تولۇپتۇ. ھەممەيلەننىڭ قولىدا كىچىككىنە ئاي-يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى شامال بولمىغاچقا سالپىيىپ تۇرىدىكەن.

 باشلىقلار تەئەززۇ بىلەن كۈلۈمسىرىشىپ پاراڭلىشىدىكەن. ساقچىلار ئامانلىق خىزمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ-بۇنىڭ چىرايىغا، سومكىلىرىغا  سەپ-سېلىپ قارايدىكەن. قېرىلار ئولتۇرۇپ پاراڭلاشسا، ياشلار ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىدىكەن. ئاياللار ئاۋازلىرىنى سۈزۈپ پاراڭلاشسا، قىزلار تۇمشۇقلىرىنى تۇتۇپ كۈلىشىدىكەن. كىچىك بالىلار پۈرۈكلىرى ئېچىپ، ماڭقىلىرىنى كاپلىشىپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرشىدىكەن.
بىر چاغدا خەۋەرچى يېتىپ كېلىپتۇ.
- كەلدى...كەلدى...
يىراقتىكى قومۇش قاپلىغان دوڭنىڭ ئۈستىدە يۈز بېشى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ ئېتىنىڭ ئۈستىدە كونىستانتىنپولنى ئالغان ئىستىلاچى مۇھەممەتتەك مەغرۇر قىياپەت بىلەن كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ كەينىدىن چورۇق ۋە جەندە كەيگەن ئون سەككىز تۈرك دېھقىنى ئىككىدىن بولۇپ ئۆلۈكلەر ئارتىلغان ئاتلارنى يېتىلەپ چىقىپ كەپتۇ. ئەڭ كەينىدە غازىلار يەنى قوراللىق ساقچىلار قاتارلىشىپ كۆرۈنۈپتۇ.
ھاكىم باشلىق ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. كۈتىۋېلىشقا چىققانلارنى كۆرگەن يۈز بېشى پەرۇخمۇ ئاتتىن چەبدەسلىك بىلەن چۈشۈپ  ھاكىمغا قاراپ يۈگرەپتۇ. يېقىن كەلگەندە تىك تۇرۇپ ھاكىمغا چاس بېرىپتۇ. ئاندىن قۇچاغلىشىپتۇ. ھاكىم يۈز بېشىنىڭ پىشانىسىدىن ئۈچ قېتىم سۆيۈپتۇ. ئاندىن ناھىيىنىڭ باشقا كاتتىلىرىغا نوۋەت كەپتۇ. توختىماي قۇچاغلىشىش ۋە سۆيۈشۈش باشلىنىپتۇ.
سۆيۈشۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن تۈگمەن بېشىدىكى ئادەم دېڭىزى غازىلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ شەھەرگە قاراپ ئېقىپتۇ.
يول ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىشىپتۇ. مۇرتازا باي، مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلەپ يەتتە بۇقىنىڭ قېنىنى ئېقىتىپتۇ. تاشقىن خېلىل بىلەن موللا تۇران ھاجىم ئوتتۇز بىر قوي ۋە ئون توققۇز ئۆچكە قۇربانلىق قىلىپتۇ. گۆشلەرنى شۇ يەردىلا ساقارىدەك چۆگىلەپ يۈرگەن دىخانلارغا خام تالاش قىلىپ بېرىپتۇ.
شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن بەيگىرلەرگە ئارتىلغان ئۆلۈكلەر سازايى قىلىنىپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈكى ئالدىدا مېڭىپتۇ. قالغان قاراقچىلارنىڭ ئۆلۈكى كەينىدىن مېڭىپتۇ. خەلق ئات ئۈستىدىكى ئۆلۈكلەرگە سېسىغان كۆكتاتلارنى، تۇخۇملارنى ئېتىپ غەزىپىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۆلۈكلەر كوچىمۇ-كوچا سازايى قىلىنغاندىن كېيىن خەلق مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ. ساقچىلار ئۆلۈكلەرگە ھېچكىمنى يېققىن كەلتۈرمەيدىكەن. بۇيرۇق قاتتىقكەن. خەلق ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆلۈكلەرنى تارتىۋېلىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەككەن. ئۆلۈكلەر ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، قايمۇققان ئاممىنى تەشكىللەپ مىيىت نامىزى چۈشۈرىدىكەن. ھەيۋەتلىك قەبرە قاتۇرىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن بۇ قاراقچىلار روھىي تۈۋرۈككە ئايلىنىدىكەن. ئۆلۈپ قەبرىدە ياتسىمۇ يەنىلا بۇزغۇنچىلىقى ئاياقلاشمايدىكەن. يېڭى-يېڭى ئىسيانچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن.
قاتتىق مۇھاپىزەت بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ئۆلۈكلەر مۇنبەرنىڭ ئالدىغا قاتار ياتقۇزۇپ قويۇلۇپتۇ.
ئالدى بىلەن ھاكىم سۆزگە چىقىپتۇ. بۇ ئادەم كوسا ئىكەن. ئىڭىكى خۇددى پىشانىسىدەكلا پارقىراپ تۇرىدىكەن. شۇڭا بۇرۇت-ساقال قويغانلارغا ئۆچكەن. ھۆكۈمەت خىزمەتكارلىرى ھاكىمنىڭ كوسا ئىڭىكىنى ھۆرمەتلەيدىكەن. تۈكسىز ئىڭەكنى ھۆرمەتلەپ بىرسىمۇ ساقال-بۇرۇت قويمايدىكەن. شەھەردە كوسىلىق مودىكەن. ھەتتا ئىماملارمۇ كوسىلىققا ھەۋەس قىلىدىكەن.
كوسا ھاكىم مۇنبەرگە چىقىپتۇ. ئەتراپقا ئالدىرىماي قاراپتۇ. گېلىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى مۇلايىم ئاۋازدا باشلاپتۇ.
- يولداشلار! بۇ بىر ئۇلۇغ غەلبىدۇر. مەمەت ئاۋاقتەك دۆلەتكە ۋە خەلققە قارشىلىق قىلغان ھەرقانداق بۇزغۇنچىنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ پولات مۇشتىمى بۇنداق قارا نىيەت كۈچلەرنى مۇشتىلاپ يوق قىلىۋېتەلەيدۇ. مانا ئۆزەڭلەر كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ، شۇڭا كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ، خەلق ئىچىدىكى دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئايرىپ چىقىشىمىز كېرەك......
ھاكىم خېلى سۆزلمەكچىكەن، بىراق ھاۋا ئىسسىقكەن. بەدەن سېمىزكەن ، بويۇن قىسقىكەن. شۇڭا تېزلا دېمى كېسىلىپ قاپتۇ. بۇنداق بەدەن شەكلى بىلەن ئۇزاق سۆزلىگىلى بولمايدىكەن. 
 ئارقىدىن شەھەر باشلىقى سۆزگە چىقىپتۇ. دەسلەپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنمۇ ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولماپتۇ. ئاۋازى غاراڭشىيدىكەن. تۇرۇپلا دېمى كېسىلىپ قاپتۇ. ھاياجان بەك كۈچلۈككەن. سەل تۇرىۋاپتۇ. ئىشتىنىنى كۆتۈرۈپ قويۇپتۇ. كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى ئېتىپتۇ. يەنە بوشىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ھاياجانغا لوقتا سېلىۋاپتۇ. سۆزلىرىنى دانە-دانە سۆزلەشكە تىرىشىپتۇ. جىق گەپلەرنى قىپتۇ. سەلجۇقىلاردىن تارتىپ ھېچكىم يېڭەلمىگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ۋەتەن مىللەت دۈشمەنلىرىنىڭ كاللىسىدىن تاغ، قانلىرىدىن دېڭىز قىلغانلىقىدەك ئىشلارنى سۆزلەپتۇ. ئىشقىلىپ ھاكىمدىن ئۇزاقراق سۆزلەپتۇ. ئاخىرىدا يەنە بىر دەم تۇرىۋەپتۇ. بارماقلىرىنى ئېچىپتۇ، يەنە يۇمۇپتۇ. يوغان كالا كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا قاراپتۇ. ئاندىن يىراقتىكى تاغلارغا قاراپتۇ....تۇيۇقسىزلا؛
-       پەرۇخ يۈز بېشىغا ئوخشاش قەھرىمانلارنى تۇققان ئانىلار مىڭ يىللار ياشىسۇن!- دەپ توۋلاپتۇ. ئاندىن پەستە تۇرغانلارغا " ھە قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە توۋلايلى" دەپتۇ. "...بۇنداق ئانىلار تۈمەن يىللار ياشىسۇن ! ..." مەيداننى يېرىم سائەتكە يېقىن گۈلدۈرلىگەن شوئار توۋلاش قاپلاپ كېتىپتۇ. خەلق مەيدانىدا توۋلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىدىن ئۇچار قانات ھەتتا قۇرت-قوڭۇزلارمۇ بەدەر قېچىپتۇ.
ئەڭ كەينىدە ھەر قېتىملىق دۆلەت بايرىمىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان ناتىق ئابدۇسەمى تۇرغۇن مۇنبەرگە چىقىپتۇ.
ئابدۇسەمى ئورۇقكەن. بوينى ئۇزۇنكەن. بۇغدىيىكىنى ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا مىدىرلىتالايدىكەن. بۇنداق ئادەم ئۇزۇن سۆزلىسىمۇ چارچىمايدىكەن.
ئۇ مۇنبەرگە چىقىپتۇ. ئوڭغا سولغا قاراپتۇ. ئالدىغا كەينىگە قاراپتۇ. ئىككى قولىنى ئالدىغا قويۇپتۇ. يەنە چۈشۈرۈپتۇ. ھېچكىمدىن ئاۋاز چىقمايدىكەن.
ئۆلۈكلەرنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان بىر نەچچە روچىۋىننىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز يوقكەن. ئەتراپ شۇنداق جىمىپ كېتىپتۇ. خەلق ئاممىسى تىنىقىنى ئىچىگە تارتىپ ئابدۇسەمىنىڭ ئاغىزىدىن چىقىدىغان قانداقتۇ بىر نەرسىنى كۈتۈشكە باشلاپتۇ....
- بىزنىڭ مىللىتىمىز ! - دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ ئابدۇسەمى تۇرغۇن. ئۇنىڭ ئىنچىكە جارڭلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ھەممەيلەننىڭ تېنى ئەينەكنى جىجىغاندەك جۇغۇلداپ كېتىپتۇ.
- بىزنىڭ ئىرقىمىز ! دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىرىقلارنىڭ بىرى. بىز بۆرە نەسلىدىن. بىز باتۇرلار ئىرقى. بىز يېڭىلمەس بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى پۇشتى. بىزنىڭ مىللەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يىراقتىكى بوخەيدىن تارتىپ بۇياقتىكى دوناي قىرغاقلىرىغا قەدەر ئات چاپتۇرغان. دۇنيانىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان جەڭلەرنى قىلغان. بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كىگىز ئۆيلەردىن چىقىپ، ياۋروپانى بويسۇندۇرغان خەلىقلەرمىز. ئاددى كىگىز چېدىرلارنى ھەيۋەتلىك سارايلارغا ئايلاندۇرغان مىللەتبىز. ....... - ئابدۇسەمى ئىككى مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، قوللىرىنى سىلكىيدىكەن. بەدىنى ئۇياققا بۇياققا تولغىنىدىكەن. تۇرۇپلا قىلۋىغا ئىككى قەدەم، ئاندىن كۈن چىقىشقا ئۈچ قەدەم مېڭىپ قويىدىكەن. ئېگىلىپ قويىدىكەن. تۈزلىنىدىكەن. قىزىرىپ كېتىپتۇ. توختىماي سۆزلىگەچكە تەرلەپ كېتىپتۇ. كۆزلىرى يىراقلارغا، يىراقتىكى تورۇس تاغلىرىغا تىكىلىدىكەن. توختىماي ھەركەت قىلىدىكەن. يەنە ئاسمانلارغا قارايدىكەن. ئۇ خۇددى ئادەملەرگە ئەمەس بلكى ئەشۇ تاغلارغا ، كۆپ-كۆك ئاسمانغا سۆزلەۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن.
- ........ بىز بولمىغان بولساق، بۈگۈنكى دۇنيا تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولاتتى. بىز بولمىغان بولساق، ئۇلۇغ دىنىمىز ئاياق-ئاستى قىلىنغان بولاتتى. بىز بولمىغان بولساق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلىچى، بۇردەسى پەرەڭلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولاتتى....بىز بولمىغان بولساق ئىنسانىيەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولاتتى.....بىز قىيا تاشلارغا ئىزىمىزنى ئويدۇق. ئاددى تاشلارنى مەڭگۈ تاشلارغا ئايلاندۇردۇق. بىزنىڭ تەڭرى تاغلىرىدىن ئاتقان ئوقىمىز، ئالىپ تاغلىرىنىڭ باغرىنى تەشتى. پولات بىلەكلىك، پىشانىسىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق تامغىسى بار باتۇرلىرىمىز ئۇچرىغان دۈشمەننى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. تىزلانغانلارنى يۆلىدى.....
مانا قاراڭلار مۇشۇنداق تېگىدىن ئېسىل بىر مىللەتتىن، بۆرە پۇشتىدىن  مەمەت ئاۋاقتەك كاپىر چىقامدۇ ؟! ئەشۇنداق قېنى بۇزۇق بىزنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىغا قانداق قىلىپ ئارىلىشىپ قالغان-ھە!؟ بۇنداق قاراقچىلار، بۇزغۇنچىلار، تېرورچىلار بىزنىڭ ئۇلۇغ مىللەتكە تەۋە ئەمەس.....
ئۇلۇغ خەلقىم مانا قاراڭلار! ئۇ ئىمانسىزلار ئالدىمىزدا سېسىپ ياتىدۇ. قونغان چىۋىننى قورۇيدىغان ئادىمى يوق، رەسۋا بولۇپ ياتىدۇ. ئۇلار ئەلى ساپادەك، ئابدى ئاغىمىزدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىن قېنى بۇلغانماستىن كەلگەن باتۇرلىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن. ھۇ ! قېنى بۇزۇقلار...تۈرك مىللىتىنىڭ دۈشمەنلىرى ! ....
بىز بۇلارغا يول قويالمايمىز. تۈرك مىللىتى يول قويمايدۇ ! ....
بۇلارغا يول قويساق مىللىتىمىز ۋاپات بولىدۇ. ناۋادا بۇ مىللەت ئۆلسە يەر شارى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرەلمەي ۋەيران بولىدۇ....بىز يوقالمايمىز....قىيامەتكە قەدەر گۈللەپ-ياشنايمىز ! ......بىز سىنىپىي زىدىيەت بولمىغان، يۇقۇرى-تۆۋەنلىك پەرقى يوقالغان ھالدا قان بىلەن گۆشتەك بىرلىشىپ كەتكەن مىللەت !. بىزنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىمىز بۇنداق بىر ئوچۇم ۋەتەن مىللەت دۈشمەنلىرىنى كۈمپەيكۈم قىلىۋەتكۈسى....ھۇررا !!!!......تۈرك مىللىتى!!!....ھۇررا!!!!!..........
ئابدۇسەمىنىڭ ئىسسىقتىن، تەردىن چاچلىرى پاخپىيىپ كېتىپتۇ. كۆزلىرى قىزىرىپ، بۇرۇن چاناقلىرى كېرىلىپ كالپۇكىدىنمۇ يوغان كۆرۈنىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بىر دەم مەمۇرىي باشلىق ھاكىمغا قارايدىكەن....بىر دەم ھەربىي ئەمەلدارغىمۇ قارايدىكەن. سودا-سانائەتچى مۇرتازاغا قاراشنىمۇ ئۇنۇتمايدىكەن...
ئابدۇسەمى يايلىسىنى پاخپايتىپ ھۆكۈرەۋاتقان بىر شىرغا ئايلانغان ئىكەن. مۇنبەرگە چىقىۋالغان شىرغا ئوخشايدىكەن. ئۇ توختىماي ھۆكۈرەيدىكەن....".....بۇ ۋەتەن ئۆلمەيدۇ...ھۇررا ! خەلق پارتىيىسى ياشىسۇن!  ھۇررا ! ...تۈرك مىللىتى يوقالمايدۇ...!....ھۇررا....."
پۈتۈن مەيداننى تۈمەنلىگەن چەۋەنداز دۈشمەن ئۈستىگە ئاتلانغان چاغدىكىدەك "ھۇررا" قاپلاپتۇ.
تەبرىكلەش يىغىنى ئاخىرلىشىپتۇ.
ساقچىلار ئۆلۈكلەرنى قايتىدىن ئاتلارغا ئارتىپ ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ھويلىدىكى تام تۈۋىگە قاتار ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
مەمەت ئاۋاقنىڭ ئىچ كىيىم بىلەنلا قالغان ئۆلۈكىنى ئەڭ باشقا تىزىپتۇ. توققۇز قاراقچى باشلىرىنى ھەر تەرەپكە تاشلىغىنىچە دۈمبىسىنى تامغا يۆلەپ پۇتلىرىنى سۇنۇپ ياتىدىكەن.
ساقچىلار ئۇلارنىڭ قاتىللىق قوراللىرى بولغان مىلتىقلىرىنى قۇچاغلىرىغا قويۇپ قويغان ئىكەن. بەزى قوراللارنى ئامباردىن كەلتۈرۈپ قاراقچىلارنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرۇپتۇ. قاراقچىلار قانچىكى يامان كۆرۈنسە ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئاشىدىكەن. ئۇلارنىڭ بەللىرىدە خەنجەر، ئوق خالتىلىرى يەنە بەزىلەردە دۇربۇن بار ئىكەن. بەزىلەردە تېخى مىنامىيوتمۇ باركەن. ئارىدىكى تاز قاراقچى دىگەننىڭ ئالدىغا ئۆزى ياسىۋالغان بىر بومبىنى قويۇپ قويغان ئىكەن. چۈنكى ئۇ بومبا مۇتەخەسىسىس بولۇپ، بومبا بىلەنلا نۇرغۇن ساقچىنىڭ بېشىغا چىققانمىش.
بىردەمدىلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىغا ئادەم يېغىپ كېتىپتۇ. ئۇلار قاراقچىلارنىڭ ئۆلۈكىنى يېققىن تۇرۇپ، تاماشا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن.
ھەممەيلەن "..مەمەت ئاۋاق قايسىسى ئىكەن..؟ " دەپ سورىشىدىكەن. بىلگەنلەر ئىچ كىيىم بىلەنلا قالغان بۇرۇتلۇق قامەتلىك قاراقچىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئاڭغىچە رەسىم تارتقۇچى رەھىمجان ئاپاراتىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئۇ ھەر بىر قاراقچىنىڭ ئۆلۈكىنى رەسىمگە تارتىپ ئارخىپ قالدۇرىشى ۋە ئەنقەرەگە ماتىريال قىلىپ يوللىشى كېرەككەن.  
ھەر قانداق قاراقچى قىزىل دوپپا كىيىدىكەن. يېڭىدىن قاراقچى بولغانلار ئالدى بىلەن قاراقچىلىقنى قىزىل دوپپا كىيىشتىن باشلايدىكەن. چۈنكى ھۆكۈمەت دوپپىغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچكەن. ئۆلگەن قاراقچىلارنىڭ دوپپىلىرى نەلەردە چۈشۈپ قالغان بېشىدا ھىچنىمە يوق ئىكەن.
رېھىمجان پوستىكى ساقچىلارغا پىچىرلاپتۇ. ئارىدىن بىر ساقچى بېرىپ مۇسادىرە قىلىنغان نەرسىلەر قويۇلىدىغان ئامباردىن بىر دوپپىنى ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار دوپپىنى ئالدى بىلەن مەمەت ئاۋاققا كەيگۈزۈپتۇ. ئاندىن رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن بېشىنى تىكرەك قىلىپ قويۇپتۇ. ئەمما قويۇۋەتسىلا باش چۈشۈپ كېتىدىكەن. بىر ساقچى ئەقىل تېپىپ ئىنچىكە سىمدىن ئازراق تېپىپ كەپتۇ. سىم بىلەن مەمەت ئاۋاقنىڭ ئىڭەكلىرىدىن تېڭىپ كەينىگە تارتىپ قويۇپتۇ.
رەسىمچى شۇندىن كېيىن مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈكىنى رەسىمگە تارتىپتۇ. شۇ ئۇسۇل بىلەن ھەممە قاراقچىنى رەسىمگە تارتىپ بولۇپتۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىۋىدە ئۆلتۈرۈلگەن قاراقچىلارنىڭ ئۆلۈكىنى چوقۇم دوپپا بىلەن رەسىمگە تارتىش كېرەككەن. چۈنكى ئەنقەرەدىكىلەرلا ئەمەس تۈركىيەدىكى زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىقلارنىڭ شىلەپىسىنى كىيىشكە جان دەپ رازىكەن. چۈنكى شىلەپە كەيسە پەرەڭلەردەك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىكەن.  شۇڭا كونا زاماننىڭ ئاسارىتى بولغان دوپپىنى كىيىشكە رازى ئەمەسكەن.
مەركەزدىكى رەھبەرلەر داۋاملىق شۇنداق دەيدىكەن. باش دىگەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى. بۇ ماكاننى چوقۇم نادانلىقنىڭ يۇمۇلاق گۈمبىزىدىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. خۇراپاتلىقتىن خوشلىشىش كېرەك. دەپ تۇرىدىكەن......
ۋاي ۋاي يېزىسىدىن مۇسلۇ ئۆلۈكلەرگە ئۇزاق قاراپتۇ. ئىچىدە توختىماي دۇئا ئوقۇيدىكەن.
ئۇ مەمەت ئاۋاقنى بۇرۇن يىراقتىن كۆرگەن ئىكەن. ئەمما بۈگۈنكى مەمەت ئاۋاقنى ياخشى تونۇيالماپتۇ. بىر قارىسا شۇدەك كۆرۈنىدىكەن. يەنە بىر قارىسا سەل يوغاندەك بىلىنىدىكەن." بەلكىم ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، تونىغىلى بولمايدىغاندۇ...." ئۇ ئۆلۈكلەرنى بىر ھازا چۆگۈلەپ يۈرۈپ، گاراڭلىق ئىچىدە يېزىسىغا قايتىپتۇ.
مۇسلۇ نامازشام بىلەن يېزىغا كەپتۇ. ئالدى بىلەن ئۆيىگە بارماستىن سەيپەلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا:
- ئاكا، شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟ بېشىمىزغا كۈلپەت كەلدى. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈكىنى تاغدىن ئەكەپتۇ....- دەپتۇ. سەيپەلى شۇ ھامان ئۇنىڭغا؛
- ئاغزىڭنى يۇم! بىز تۈگەشتۇق. ئوسمان چوڭ بىلمەيدۇ. ئۇ ئاڭلىسا شۇ ھامان ئۆلۈپ قالىدۇ. سەيران قىزمۇ بىلمەيدۇ. پۈتۈن يېزا بىلىپ بولدى. ئەمما ئىككىسىگە ھېچكىم بىلدۈرمىدى...- دەپتۇ. مۇسلۇ باشقا گەپ قىلماپتۇ. ئاستا كېلىپ سەيپەلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ.
ئىككەيلەن توختىماي "ئۇھ " تارتىدىكەن. سەيپەلى " ئەمدى بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا قانداقمۇ ئېيتارمىز....؟..." دەپ پىچىرلاپ قويىدىكەن. مۇسلۇ بىر چاغدا كېتىش ئۈچۈن قوزغۇلۇپتۇ. سەيپەلى " نەگە بارىسەن ؟ سەنمۇ ئۆيۈڭدە ئادەم غېرىپى بولۇپ ئولتارغىچە بىزنىڭكىدىلا ئولتۇرمامدۇق...." دەپتۇ. مۇسلۇنىڭمۇ ئىچىنى سىقىلىپ ئېغىرلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەيدىكەن. شۇڭا ئىككىسى پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپتۇ.
مەمەتنىڭ بالىلىق چاغلىرى ، ئابدى ئاغىنى ئۆلتۈرۋەتكەن ئىشى، قەلەيچى بىلەن ھەمزە ۋە ئەلى ساپالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىدەك ئۆتكەن ئىشلارنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
شۇنداق پاراڭلىشىپ تاڭمۇ ئېتىپ كېتىپتۇ. يېزا جىمجىت ئىكەن. بۇ جىمجىتلىق بامداتتىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپتۇ. سىرتتىكى ئېغىر جىمجىتلىق مۇسلۇ بىلەن سەيپەلىنى زېرىكتۈرۈپتۇ.
سەيپەلىنىڭ مومىيى ئەتتىگەنلىك چاي تەييارلاپتۇ. ئۇلار ناخۇش ئولتۇرۇپ چاي ئىچىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز يېزىدىكى جىمجىتلىقنى چېقىندەك يېرىپ بىر چىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئىككەيلەنلا ئەندىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ:
- ۋاي خۇدا !... بۇ سەيراننىڭ ئاۋازى. مانا ئۇمۇ خەۋەر تېپىپتۇ...خۇدا ئۆزەڭ ساقلا...ئەمدى موسا چوڭمۇ ئاڭلايدۇ...- سەيپەلى ئەنسىرىگەن ئىش بەرىبىر يۈز بېرىپتۇ.
سەيران ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۇشسىز ياتىدىكەن. كۆزلىرى يۇمۇق، بەدىنى تۈگۈلۈپ قالغان ئىك
ەن.

 ھارمانجالىق سەيران

پارىڭىمىزنى ئازراق توختىتايلى.

موسا چوڭنىغۇ ھەممىمىز تونۇيمىز. مەمەتنىڭ جان كۆيەر قوغدىغۇچىسى. مەمەت ئابدى ئاغا بىلەن قەلەيچىنى ئۆلتۈرۋېتىپ قېچىپ يۈرگەندە ۋاي ۋاي يېزىسىدا بوۋاينىڭ ئۆيىدە پاناھلانغان ئىدى. بوۋاي ئۆزىنىڭ شۇڭقارىنى ئامان-ئېسەن باققانلىغى ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بار.
ئەمما سەيران دىگەن بۇ قىزنى ھېچكىم تونۇمايدۇ. چۈنكى بىز ئىلگىركى پاراڭلىرىمىزدا ئۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرمىگەن ئىدۇق. ئەمدى سۆزلەپ بەرمىسەك بولمايدىغان يېرىگە كەپتۇ. شۇڭا قىسقىلا ئېيتىپ بېرەيلى.
تورۇس تاغلىرىنىڭ قىپ-قىزىل قىيالار بىلەن قاپلانغان بىر بۆلىكى بار ئىكەن. يىراقتىن قارىماققا بۇ قىيالىقلاردا ئادىمىزات ياشىمايدىغاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئەمما قىيالارنىڭ ئىچكىرىسىدە ھارمانجا دىگەن بىر يېزا بار ئىكەن.
ھارمانجا يېزىسى خۇددى ئورماندەك قويۇق قىيالىقلار ئارىسىغا جايلاشقان قەدىمى يۇرت بولۇپ، بۇ يەرلەردە شۇنداق چىرايلىق ئۇزۇن بويۇنلۇق ھەر خىل گۈللىرى بار ئوتلار ئۆسىدىكەن. دەل-دەرەخلىرىمۇ ئىگىز ھەتتا قارىغايدىنمۇ ئىگىز بولىدىكەن. ئوت-چۆپى قويۇق بولمىسىمۇ ئەمما ئىگىز ۋە پۇراقلىق ئىكەن. ھارمانجالىقلار چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ دانلىرىمۇ شۇنداق قاتتىق ۋە ھوسۇللۇق ئىكەن. ئادەملىرىگە ئوخشاش ئات-كالا، قويلىرىنىڭمۇ پۇتلىرى ، بويۇنلىرى ئۇزۇن بولىدىكەن.
تورۇسنىڭ باشقا جايلىرىدىكى چارۋىلارغا قارىغاندا بۇ يەرنىڭ چارۋىلىرى سۈتلۈك كېلىدىكەن. قۇشلىرىمۇ كەڭ قاناتلىق، قۇيرۇقلىرى ئۇزۇن بولۇپ ھەر-خىل رەڭلەردە پارىلداپ تۇرىدىكەن.
ئىشقىلىپ ھارمانجانىڭ ھەممە نەرسىسى ئىگىز ۋە ئۇزۇن بولىدىكەن. خۇددى ئىگىز قىيالارغا بېقىپ ھەممە نەرسە ئادەملىرى، چارۋىلىرى، دەل-دەرەخلىرى...... ھەممىسىلا ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىك ئىكەن.

ھارمانجالىقلار شەھەر تەرەپلەرگە ئۆتكەندە يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ ئىگىز ۋە چىرايلىق بەدەن شەكلىگە قاراپ " سەن ھارمانجالىقمۇ ؟ " دەپ تونۇۋالىدىكەن.  ئادەملىرىنىڭ بوينى ئۇزۇن،كۆزلىرى يوغان، بۇغداي ئۆڭ بولۇپ بۇ يېزىدا تېرىسى ئاق ياكى سېرىق ئادەم بولمايدىكەن. يۈرۈش-تۇرۇشلىرى رەتلىك پاكىزە بولۇپ قەدىمقى زامانچە كىيىنىدىكەن. ئۇلار بەك باي بولمىسىمۇ شۇنداق ئىقتىساتچان ۋە تىرىشچان ئىكەن. رەختلەرنى ئۆزى توقۇپ، ئۆزى بويىۋالىدىكەن. ئۇلار مەغرۇر ۋە قورقماس بولغاچقا بۇ يېزىدا قان بەك كۆپ تۆكۈلىدىكەن. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن بىر-بىرىگە يول قويماي ئاخىرى خۇن ئىشى بىلەن تۈگەيدىكەن. شۇڭا ئەتراپتا بۇ يېزىنىڭ ئادەملىرىنىڭ نامى بار ئىكەن.
سەيران بۇ يېزىدىكى ئەڭ كونا جەمەتلەردىن خېلىل موللا دىگەننىڭ بەشىنچى بالىسى ئىكەن. قېرى ياقاندىسى ئىكەن.  بىر تال ئارزۇلۇق قىز بولغاچقىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە تۆت ئاكىسىنىڭ مۇرىسىدىن چۈشمەيدىغان كەنجى تايكەن. 
 سەيران بەش ياش چاغلىرى ئوخشايدۇ، يېزىغا ئەزىز دەپ بىر سەرگەردان بالا كېلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كىرەر ئۆيى ياكى بارار جايى بولمىغاچقا خەلىل موللا ئائىلىسى ئۇنى بالىچىلاپ بېقىۋاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ سەيران بىلەن ئەزىز كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بوپتۇ. سەيران ئەزىزدىن بىرياش چوڭ ئىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار شۇنداق ئۆگۈنۈپ قاپتۇكى بىرى بولمىسا يەنە بىرىنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىكەن.  ئۇيقۇسى كەلمەيدىكەن.    
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ يىللارمۇ ئۆتۈپتۇ. ئەزىز بىلەن سەيران چوڭ بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىجىللىقى بۇ يېزىدا سۆز-چۆچەككە ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. ئەلۋەتتە سۆز-چۆچەك بولىدۇدە. بالىلىقتا ياراشقان بىلەن ياشلىقتا يارىشامتى.
بۇ ئىش خەلىل موللىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپتۇ. ئەزىزغۇ ياخشى ئادەم بوپتۇ. ئەمما شۇنداق ئابرويلۇق جەمەت تۇرۇپ، يالغۇز قىزىنى تېگى نامەلۇم بىر بالىغا بېرىشكە كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە بىئارام بولۇپتۇ. كېيىنچە ئۇ ئەزىزنى سەيراندىن يوشۇرۇنچە ۋاي ۋاي يېزىسىدىكى سەيپەلىنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۋېتىپتۇ. سەيپەلىنىڭ دادىسى بىلەن خەلىل موللا بۇرۇندىن يېقىن بۇرادەرلەردىن ئىكەندۇق. ئەزىز كەتكەندىن كېيىن سەيران باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قاپتۇ......
سەيراننى خوشنا يېزىدىكى بىر ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ ئوغلىغا بېرىشكە كېلىشىپتۇ.
يىغلاپ، تاماق يىمەي، ساراڭدەك كۈنلەپ گەپمۇ قىلماي بۇ توينى توسىيالمىغان سەيران قېچىپتۇ. بىر قېتىم دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ پارىڭىدىن"سەيپەلى" دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىۋالغان ئىكەن. ئۇ يېزىمۇ-يېزا سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئاخىرى ۋاي ۋاي يېزىسىغا كېلىپتۇ. ئەزىزنى سەيپەلىنىڭ ئۆيىدىن تېپىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سەيرانمۇ شۇ ئائىلىدە تۇرۇپ قاپتۇ.
سەيران بىلەن ئەزىزنىڭ ۋەقەلىكى ۋاي ۋاي يېزىسىدا پۇر كېتىپتۇ. بولۇپمۇ سەيراننىڭ مىس رەڭ، نۇرلۇق چىرايى بىلەن بەئەينى قىرچىن تالدەك بويى، چىرايلىق، تېگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى تۈندەك قارا كۆزلىرى ئەتراپقا مەشھۇر بولۇپتۇ.
ھەممە يېزىنىڭ بىر نەچچە قۇلاق كەستىسى بولىدىكەن. ۋاي ۋاي يېزىسىنىڭمۇ بۇنداق ئۇششۇقلىرى بار ئىكەن. ئەلى ساپانىڭ ئاكىسىنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، بۇ قۇلىقىنى كېسىدىغانلارغا باش ئىكەن. ئۇلارمۇ سەيران توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپتۇ. ئۇلار سەيراننى بۇلاش نىيىتىگە كېلىپتۇ. يېزىنىڭ قىزلىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇچىغىدىن بۇلاۋاتقان يەردە، يىلتىزىدىن ئاجرىغان مۇساپىر قىزنى بۇلاش قانچىلىك ئىشتى.
يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىغى بۇ قۇلىقىنى كېسىدىغانلارنىڭ سورۇندىشىكەن. ئالقانچە يېزىدا قانچىلىك قىززىقچىلىق بولىدۇ-دەيسىز. بۇ سوجاڭمۇ زېرىكىپ تۇرىدىكەن. مەيلى ئىچىملىك ياكى چېكىملىك ياكى بۇزۇقچىلىقتا بولسۇن ئوبدان ماسلىشىدىغان ھەمراھلاردىنكەن.
بىر كېچىسى ئۇلار سەيپەلىنىڭ ئۆيىگە قوراللىق ھۇجۇم قىپتۇ. ئېتىشىش بوپتۇ. ئاخىرى بۇلاڭچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، سەيراننى ئېلىپ قېچىپتۇ.
ئەتىسىدىن باشلاپ ئەزىز ساراڭغا ئايلىنىپتۇ. قولىدا بار پۇلىنى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ھەتتا ئۇچىسىدىكى بىر قۇر كىيىمىدىن باشقا كىيىملىرىنىمۇ ئوققا ئالماشتۇرۇپتۇ. ئۇ شۇنچىلىك جىق ئوق يىغىپتۇكى ئېغىرلىقىدىن كۆتۈرەلمەيلا قاپتۇ.
ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ ساقچى باشلىقى زۇلپى باشلىق بۇلاڭچىلارنى يېزىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئۆيدە تۇتىۋاپتۇ.
ئىشىكتە ئولتۇرۋېلىپ ئىچىدىكى ھەممەيلەننى بىر-بىرلەپ ئېتىۋېتىپتۇ. ئاخىرىدا يالغۇز قالغان سەيراننى يالغۇز قالدۇرۇپ ئۇددۇل يېزىلىق ساقچىخانىغا كېلىپتۇ. دەرۋازىۋەن ساقچى " نىمە ئىشىڭ بار ؟" دەپ بولغۇچە ئېتىۋېتىپتۇ. دەرۋازىدا ئولتۇرۋېلىپ ئىچىدىن چىققانلىكى ساقچىنى ئېتىۋېرىپتۇ. بىر چاغدا ئىچىدىكىلەر سىرتقا چىقماي قويۇپتۇ. ئەزىز نەدىندۇ ئازراق بېنزىن بىلەن بىر قۇچاق لاتا-پىتىنى تېپىپ كېلىپ ساقچىخانىنىڭ ئىشىكىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. ئوت ئۇلغۇيۇپ ساقچىخانە كۆيۈشكە باشلاپتۇ. ئىچىدىكىلەر ئامالسىز ئۆزىنى سىرتقا ئېتىپتۇ. ئېزىز چىققاننىڭ بىرىنى قويماي ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
بۇ چاغدا ناھىيىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چىققان قوراللىق قىسىم ئۇنى قورشىۋېلىپتۇ. ئەزىز بىر گوداڭغا چۈشىۋېلىپ ئۇلار بىلەن تاكى ئوقى تۈگىگىچە ئېتىشىپتۇ. ئوقى تۈگىگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇلار تەرەپكە ئۇددۇل مېڭىپتۇ. يوشۇرنۇش تۈگۈل بوينىنىمۇ ئەگمەپتۇ. تىك مېڭىپتۇ. ئەسكەرلەر بۇ تىرىك نىشانغا شۇنچىلىك كۆپ ئوق ئېتىپتۇكى كېيىن جەسەتنى تونىغىلىمۇ بولماپتۇ.
ئەزىز ئۆلگەندىن ھۆكۈمەت ئۇنىڭ جەسىتىنى دىخانلارغا بەرمەي شەھەر سىرتىدىكى چاتقاللىق ئەخلەت مەيدانىغا يۈز مېتىر كولاپ كۆمۈۋېتىپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ يۈز مېتىر قۇدۇق بىلەن ئاچچىقى چىقماپتۇ. سەيراننى تۈرمىگە سولاپتۇ.  جىنايىتى " نۇرغۇن خەلق ساقچىسىنىڭ قۇربان بولىشىغا سەۋەپ بولغان" ئىكەن.
بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلغان خەلىل موللا ئىككى كۈن يېتىپلا ئاغرىقتىن ئۆلۈپتۇ. توينىڭ سەتچىلىكىدىن ئاران تۇرغان ئادەمگە ئامراق قىزىنىڭ بۇ كۈنگە قېلىشى ھەقىقەتەن ئېغىر كەپتۇ.
بىر يىلدىن كېيىن سەيراننىڭ تۇققانلىرى ئۇنى نۇرغۇن پۇللار بىلەن تۈرمىدىن بوشىتىپتۇ. ئەمما سەيران ئۇلار بىلەن يېزىسىغا قايتىشنى خالىماپتۇ. تۈرمىدىن چىقىپ تۇققانلىرىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماپتۇ. ئېزىزنى كۆمۈۋەتكەن چاتقاللىققا كېلىپتۇ. ئۇنىڭ كۆمۈلگەن ئېنىق ئورنىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
سەيران چاتقالنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۆزى بىلىدىغان بىر نەچچە ئۇششاق سۈرىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىچىگە سىغدىلىپ چىقالمايۋاتقان دەرتلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپتۇ. ئۈچ كۈنگە قەدەر دوڭلۈكتىكى چاتقال ئارىسىدىن بىر قىزنىڭ ۋارقىراپ يىغلاپ ھازا تۇتىۋاتقان ئاۋازى كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۈچۈنچى كۈنى بۇ ئاۋاز يوقاپتۇ. تۇققانلىرى بارسا ھۇشسىز ياتقان سەيراننى كۆرۈپتۇ. ئۇنى كۆتۈرۈپ سەيپەلىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ.........
سەيران ساقايغاندىن كېيىن ، ئۇنى ئەكەتمەكچى بولغان تۇققانلىرىغا يەنىلا قارىماپتۇ. بىر قېتىم بولسىمۇ قارىماپتۇ. ئانىسى كەلسىمۇ قارىماپتۇ. ھاياتىدا بىر قېتىم ئېرىشكەن ئەڭ تاتلىق سېزىملىرىدىن مەھرۇم بولۇشقا سەۋەپ بولغانلارغا ئېغىز يېرىپ گەپ قىلماپتۇ. ئۇلار قۇرۇق قول قايتىپ كېتىپتۇ. كېيىنچە ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۇنى ئالغىلى كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئىلگىرى ئەگەشمىگەن سەيران ئەمدى ئەگىشەمتى.
ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئاخىرى سەيرانغا ئەگىشىپتۇ. ئالدى بىلەن ئانىسى قاچا-قۇچىلىرىنى يىغىشۇرۇپ ۋاي ۋاي يېزىسىغا كېلىپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوغۇللىرى ۋە باشقا قېرىنداشلىرى ئەگىشىپ كېلىپتۇ. ئۇلار باي جەمەت ئىكەن. ماللىرىنى ئاتلىرىنى سېتىپتۇ. ئاقچاساز ئەتراپىدىكى تۈركمەنلەردىن ياخشى يەرلەرنى سېتىۋېلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھارمانجادىن كەلگەن بۇ تاغچىلار ئاقچاسازغا يەرلىشىپ قېلىپتۇ.................
سەيران ھەر جۈمە كۈنى شەھەرگە بارىدىكەن. ھېلىقى دوڭلۈكتىكى چاتقاللىققا، ئەزىزنىڭ غايەت چوڭ قەبرىسىگە بارىدىكەن. ئالدى بىلەن بىرنەچچە سۈرە ئوقۇيدىكەن. ئاندىن ھازا بىيىتلىرىنى ئېيتىپ ئىچىنى بوشىتىپ كېلىدىكەن. 
 يىللار شۇنداق ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. شۇنچە يىللار ئىچىدە سەيران بىر قېتىممۇ كۈلۈمسىرەپ باقماپتۇ. ئەمما بىر قېتىم كۈلۈمسىرەپتۇ. 
 يەنى مەمەتنىڭ قەلەيچىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپتۇ. 
 يېزىلىقلار مەمەت توغرىسىدا شۇنچىلىك چىرايلىق پاراڭلارنى سالىدىكەن. بۇ پاراڭلارنى بوۋاي-مومايلاردىن تارتىپ كىچىك بالىلارغىچە يات بىلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ مەمەت توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۇلارغا شۇنچىلىك ھوزۇر ئىكەن.
سەيران كىملا بولسۇن مەمەت توغرىسىدا پاراڭ سالسىلا ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارىغىنىچە كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. بىر پاراڭنى يۈز قېتىم، مىڭ قېتىم ئاڭلىغان بولسىمۇ يەنە ئاڭلىغۇسى كېلىدىكەن.
بىچارە قىزدا نىمە چارە بار دەيسىز ؟!
نەچچە يىللاردىن ئۈستىنى ئېغىر تاشلار بىلەن باستۇرۇپ چىداپ ياشاۋاتقان قىساسلىق يۈرەك پەقەت بۇ كۈنگە كەلگەندە تەسەللىگە ئېرىشىپتۇ. بۇنداق تەسەللىنى يېققىن بولسىمۇ ئاتا-ئانا بېرەلمەيدىكەن. قېرىنداش-تۇققانلار بېرەلمەيدىكەن. دوست-بۇرادەرلەر بېرەلمەيدىكەن. بۇنداق قىساسلىق يۈرەككە يېققىنچىلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش دىگەنلەر تەسەللى بولالمايدىكەن. پەقەت قىساس ئۆزى ھەمراھ بولالايدىكەن.
مەمەت ئاۋاق ۋەقەسى بۇ قىزنى ئۆزگەرتىپتۇ. نەچچە يىلدىن گەپ قىلمىغان تۇققانلىرىغا گەپ قىپتۇ. بىر تام قوشنا بولۇپ ئولتۇرىۋاتقان ئانىسىنىڭ يېنىغا شۇنچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۈلۈمسىرەپ كىرىپتۇ. " ياخشىمۇ سىز ؟ ئانىجان " دەپ سالام قىپتۇ.
ئانىسى مەزلۇم نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. قايتۇرۇپ سالاممۇ قىلالماپتۇ. ئېغىزى ئوچۇقكەن.كۆزىدە لىق ياش ئىكەن. ئولتۇرۇپلا قاپتۇ......
سەيران ئوسمان چوڭدىن داۋاملىق سورايدىكەن. بىر ئاماللار قىلىپ مەمەتنىڭ پارىڭىنى چىقىرىشقا تىرىشىدىكەن. قەمەر ئايلانىڭ ئېغىزىنى تاتىلايدىكەن. مەمەتنىڭ قانداق ئۇخلايدىغانلىقى، تاماقنى قانداق چاينايدىغانلىقى، كۈلۈمسىرەشلىرىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئاڭلاشنى خالايدىكەن.
بۇ ئىككى قېرى بىلىپ قاپتۇ. ھەممىنى كۆرۈپ كاداڭ بولۇپ كەتكەن قېرى يۈرەك سەزمەي قالامدۇ !؟ سەيران مەمەتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن.
يۇرت دىگەندە بىر ئىشنى "قېرىلار بىلدى" دىمەك يۇرت بىلدى دىگەنلىككەن. ۋاي ۋايلىقلار سەيراننىڭ قاراقچى مەمەت ئاۋاقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ بوپتۇ.
مەمەت ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيىدىن يۆتكۈلۈپ ئېتىزلىقتىكى بىر قوغۇنلۇقتا تۇرىۋاتقان چاغلىرىدا قەمەر ئايلا تاماق ئاپىرىپ بېرىدىكەن. كېيىنچە بۇ خىزمەت سەيرانغا تېگىپتۇ. سەيراننىڭ تاماق توشۇغىنىدىن مەمەتمۇ خوشالكەن. ئىلگىرى يوشۇرۇنغان چاغلاردا ساقىلىنى چۈشۈرمەيدىكەن. ئەمدى چۈشۈرۈپتۇ. ئىشقىلىپ ئەتىيازدا يامغۇر ياققاندەك ئىش بوپتۇ. ئىككىسىلا شۇنداق خوشالكەن.


يىغلاپ بېرىپ، كۈلۈپ قايتىش

ئەمدى ئەسلى پاراڭغا قايتىپ كېلەيلى.

دىخانلار ھۇشسىز ياتقان سەيراننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ تۇرىدىكەن. بىر نەچچە ئايال ئۇنىڭ بېشىنى يۆلەپتۇ. چېكىلىرىنى سىلاپتۇ. پىشانىسىنى چىمداپتۇ....
بىر چاغدا بېلىگە تاپانچىسىنى قىستۇرغان ئوسمان چوڭ ئاپپاق ساقاللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئىككى پۇتنى مەجبۇرى سۆرەپ يېتىپ كەپتۇ. قەمەر ئانىمۇ بىللە كېلىپتۇ. ئۇ سەيراننىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئاپتۇ.
ئوسمان چوڭ نىمە ئىشلىقىنى سوراپتۇ. دىخانلار تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىدىكەن. بىرەرسى چىش يېرىپ جاۋاپ بېرەلمەيدىكەن.
سەيپەلى ئوسمان چوڭنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. " سەۋرى قىل. ئوسمان. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز....سەۋر قىل......ھۆكۈمەت مەمەت ئاۋاقنى ئېتىۋېتىپتۇ...... "
ھەممىسى ئوسمان چوڭغا قاراپلا قاپتۇ. قېرى چالنى يىقىلسىلا يۆلەش ئۈچۈن قوللىرىنى سۇنىشىپتۇ.
ئەمما قېرىغاندا ئالجىغان چال تەلۋىكەن. تەلۋىكەن. يېزىلىقلارغا ئوخشىمايدىكەن. تەلۋە بولمىسا ھۆكۈمەت قوغلاپ يۈرگەن قاراقچىنى ئۆيىدە باقامدۇ !؟ ئۇ ئاڭلىغانغا ئىشەنمەيدىكەن. كۆزىگە ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىككى كۆزىگە ئىشىنىدىكەن. قۇلىقىغىمۇ ئىشەنمەيدىكەن. مىڭ ئادەم قەسەم قىلسىمۇ ئىشەنمەيدىكەن؛
- نىمە !؟  بۇ ئۇسۇرۇق گەپنى قايسىڭ تاپتىڭ!؟  مېنىڭ شۇڭقارىمنى ئېتىپتىمىش. خاييەمگە ھېساپ !...." 
 بوۋاي ئەتراپتىكىلەردىن "كىم ئېتىپتۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ. ھەممەيلەن "يۈز بېشى پەرۇخ ئېتىپتۇ." دەپتۇ.
ئوسمان چوڭ كۈلۈپ كېتىپتۇ؛
- ئۇ ھەزىلەك قانچىلىك ئادەمكەن. مېنىڭ مەمىتىمنى ئاتقۇدەك! خۇدا ئۇنداق خۇمسىلارغا مەمەتنى ئاتقۇدەك نۇسرەت بەرمەيدۇ. ئۆمرىدە دۈشمەننى ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلقىنى بوزەك قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ، قۇربانلىق قىلسا قېنى چىقمايدىغان ئەشۇ ھېجىقىزلار مېنىڭ شۇڭقارىمنى ئاتالمايدۇ ! .....- بوۋاي مەغرۇركەن. ئەتراپقا قارايدىكەن. تۈكرۈكلىرى كىمنىڭ يۈزىگە چاچراۋاتىدۇ چاتىقى يوقكەن. ئالچاڭلاپ مېڭىپ قويىدىكەن. ئاچچىق ۋە مەغرۇر سۆزلەيدىكەن؛
- ھەي قىز تۇرە ئورنۇڭدىن ! ئۆلمىگەن ئادەمگىمۇ ماتەم تۇتامدۇ. ھەي خالايىق. قايسىڭ كۆردۈڭ شۇڭقارىمنىڭ ئۆلۈكىنى، ھازىرغىچە ھۆكۈمەت مەمەتنى قانچە قېتىملار ئاتتى. ھەر قېتىم باشقا قاراقچى بولۇپ چىقتى....تۇرە ! قىز . بۇنداق شۈمشىيىپ ئولتۇرغىچە ساقچىغا بېرىپ كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ كەل ! ....-؛ بوۋاي قاقاقلاپ كۈلىدىكەن. خالايىق جىمجىتكەن. پىچىرلىشىدىكەن. " راست. مەمەتنى نەچچە قېتىم ئاتتىغۇ ؟!..." ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇسلۇ چاۋۇشمۇ بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆزى كۆرگەنگە ئىشەنمەي قاپتۇ. " مەمەت دەپ يەنە باشقا ئادەمنى ئاتقان گەپ..." بارا-بارا ئادەملەر ئارىسىدىكى پىچىرلىشىش سۆزلىشىكە، مۇنازىرىگە، خوشال ۋارقىراشلارغا ئۆزگۈرۈپتۇ. سەيران كۆزىنى ئېچىپتۇ. كۆزىنى ئېچىپلا ئەتراپتا بولىۋاتقان قىززىق ئالامەتنى كۆرۈپتۇ. ھەممە ئادەم ئۆز خوشاللىقى بىلەن ئىكەن. چۇرقىرىشىدىكەن." مەمەت ئۆلمەپتۇ..... ئۆلتۈرگىنى مەمەت ئەمەسكەن....توغرا، ئۇلار مەمەتنى ئۆلتۈرەلەمدۇ...ئۆلتۈرەلمەيدۇ."
ئەتراپتىكى خوشاللىق سەيرانغىمۇ سىڭىپتۇ. قەمەر ئانىسىغا ئېسىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئوسمان چوڭ سەيرانغا:
- ھەي قىزچاق ! ماڭ، ياتماي شەھەرگە كىرىپ كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ چىق. ئۆلگەن قاراقچى، مەمەت ئەمەس!......- دەپتۇ.
سەيران ھېچنىمە دىيەلمەيدىكەن. كۆزى، پەقەت ياشلىق كۆزىلا ھودۇقۇش ئىچىدە كۈلۈمسىرەيدىكەن.
سەيران شۇ سۆزنىلا ساقلاۋاتقاندەك، خۇددى بايا ھېچ ئىش بولمىغاندەك شەھەر تەرەپكە قاراپ يۈگرەپتۇ.
يېزىدىن چىقىپتۇ. توپىلىق يولدا يۈگرەيدىكەن. قۇرۇپ كەتكەن كىچىكرەك ئېرىقتىن ئاتلاپتۇ. ئالدىغا بۇغدىيى ئورۇۋېلىنغان ئېڭىزلىق ئۇچراپتۇ. پۇتىدا ئايىقى يوقلىقى شۇ چاغدا ئېسىگە كەپتۇ. مېڭىۋېرىپتۇ. تىز بىلەن تەڭ قوناقلىققا كېلىپتۇ. ئوتتۇرىدىكى قۇر بىلەن ئۆتۈپتۇ. يول نەدە قالدى بىلمەيدىكەن. ئالدىغا نىمە ئۇچرىسا كېسىپ، ئۇددۇل شەھەرگە قاراپ يۈگرەيدىكەن. ھېرىدىمۇ ياكى ئۇسساپ كەتتىمۇ بىلمەيدىكەن. مىڭىسىدە " ئۆلگەن مەمەت ئەمەس..." دىگەن قىپقىزىل ئۇچقۇنلار چۆگىلەيدىكەن. كۆينىكىنىڭ يېنى تىكەنلەرگە ئىلىنىپ قاچانلاردىدۇ يىرتىلىپ كەتكەن ئىكەن. پاقالچاقلىرىدا يانتاقلاردىن قالغان قىزىل سىزىقلار پەيدا بوپتۇ. سەيران سەزمەيدىكەن.
سەيران شەھەرنى چۆگىلەپ ئاقىدىغان چوڭ ئۆستەڭگە يېتىپ كەپتۇ. ئۆستەڭ قۇرۇق بولۇپ گىرۋەكلىرىنى قومۇش، قىياق ۋە قۇرۇپ كەتكەن پاقا ئوتلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىكەن.
ئۇ ئۆستەڭ قىرىدا توختاپ قاپتۇ. شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئوستەڭدىن ئۆتەي دەپ ئۆتمەپتۇ. سەل تېڭىرقاپتۇ. مىڭىسىدىكى قىزىل ئۇچقۇنلار يوقالغان ئىكەن. " ناۋادا ئوسمان چوڭ خاتالاشقان بولسىچۇ....." شەھەرنى كۆرۈپلا قەيەردىندۇ پەيدا بولغان ئەندىشە باش كۆتۈرۈپتۇ.
جايىدا ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. پۇتلىرىدىكى تىكەن جىرىۋەتكەن ئىزلار ئېچىشىشقا باشلاپتۇ. " ھەر قېتىملا مەمەت بولماي چىقارمۇ....ناۋادا بۇ قېتىم......" سەيران شەھەرگە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىمايدىكەن. ئولتۇرغان جايىدا بېشىنى سالغىنىچە ئولتۇرىدىكەن. توپىغا يېرىمى پېتىپ تۇرغان بارماقلىرى ئۈستىدىن بىر قارا چۈمۈلە ئالدىراش مېڭىپ ئۆتۈپتۇ. يىراققا بارمايلا يەنە قايتىپ كېلىپتۇ. پۇتىنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. ئۇياق-بۇياققا قارايدىكەن. چىمچىلاق بارمىقىغا كېلىپتۇ. بىردەم قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاندىن سەيراننىڭ پۇتىدىن چۈشۈپ ئالدىراش مېڭىپ ئۆستەڭ قىرىدىكى ئوتلار ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
كۈن قىيىلغان ئىكەن. سەيران نىمە قىلىشىنى بىلەلمەپتۇ. " ناۋادا راستىنلا مەمەت بولۇپ قالسىچۇ....." سەيران ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئالدىدىكى ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن سېرىلىپ ئىچىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ قىرغاققا چىقىش ئۈچۈن ئوتلارغا ئېسىلىپتۇ. نىمىلەردۇ قوللىرىنى ئېچىشتۇرىدىكەن. ئەمما دىققەت قىلمايدىكەن. " بوپتۇ....ياراتقان ئىگىسى مەمەتنىمۇ ئېلىۋالغۇسى كەلگەن بولسا....ئېلىۋالسۇن......ئالسۇن! " كۆز ئالدىدا قىزىل ئۇچقۇنلار چۆگىلەيدىكەن. ئۆستەڭدىن چىقىپتۇ. شېغىل ياتقۇزۇلغان يولدىن ئۆتۈپتۇ. كىچىك تار كوچىلاردا مېڭىپتۇ. " ئۆلمەيدىغان كىم بار....سەنمۇ ئۆلىسەن سەيران! " چوڭ مەيدانغا چىقىپ قاپتۇ. ئۇددۇل مېڭىپتۇ. " ئۆلۈم دىگەن ھەق! بۈگۈن ئۆلمىسە ئەتە ئۆلىدۇ. ئەتە ئۆلمىسە ھامان بىر كۈنى ئۆلىدۇ......"
سەيران ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان بولغاچقا تۈرمىنى ۋە ساقچى ئىدارىسىنى بىلىدىكەن. ئاشخانا قايسى ؟ پوچتىخانە قايسى ياكى بانكا قايسى بىلمەيدىكەن شەھەردە پەقەت ساقچى ئىدارىسى بىلەن تۈرمىنىلا بىلىدىكەن.
سەيران ئۇددۇل ساقچى ئىدارىسى تەرەپكە بېرىپتۇ.
ئوتتۇز قىرىقچە ئادەم ساقچى ئىدارىسىنىڭ رىشاتكىسىدىن ئىچىگە قاراپ تۇرغان ئىكەن. ئارىسىدا ئاق ياغلىق چەككەن ئاياللارمۇ بار ئىكەن. بىر نەچچە ساقاللىق ئەر بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا ئېلىپ توختىماي سۆزلەۋاتقان ئىكەن. بىر ئايالنىڭ قۇچىغىدىكى بالىسى قوسىقى ئاچقانمۇ جىدەل قىلىپ يىغلايدىكەن. ئايال نىمىشقىدۇ بالىسىنى بەزلىمەي رىشاتكىدىن ئىچىگە قارىغىنىچە قېتىپ تۇرىدىكەن.
ھازىر ناھىيىنى قاپلىغان تەنتەنە ئۆزىنىڭ يېڭى چاغدىكى قىززىقىنى يوقۇتۇپ ھايات ئىزىغا چۈشكەن ئىكەن. ئەتتىگەندىن تاماشا كۆرگەن ئەر-ئاياللار، ساما ئوينىغان يىگىتلەر، ئەرلەرنى جەلپ قىلىشچۈن قاشلىرىنى چىمدىغان قىزلار....ئىشقىلىپ چىۋىنلاردىن باشقا ھەممە مەخلۇق ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىگە كەتكەن ئىكەن.
ئۆلۈكلەرنىڭ ئىگىلىرىدىن باشقا ھەممە ئادەم ئۆلگەنلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن.
سەيران ئۇددۇل مېڭىپ دەرۋازىدىن كىرىپ ئۆلۈكلەرگە يېققىن كەپتۇ. پوستتا تۇرىۋاتقان ساقچى ئىسسىقتا ئۈرگىدەپ قالغان بولغاچقا ئۇنى بايقىماپتۇ.
سەيران ھەر بىر ئۆلۈككە سىنچىلاپ قارايدىكەن. ئولتۇرۇپ قارايدىكەن. ئورنىدىن تۇرۇپ قارايدىكەن. بىر چاغدا ساقچى بېشىنى كۆتۈرۈپ سەيراننى كەينىدىن كۆرۈپتۇ؛
- ھەي خوتۇن! چىقە بۇ يەردىن. سېنىڭ تاماشا كۆرىدىغان جايىڭمۇ بۇ ؟....- دەپتۇ. ئەمما سەيراننىڭ قۇلىقىغا ئاۋاز كىرمەيدىكەن. ھەر-بىر ئۆلۈككە بىر-بىرلەپ تەپسىلى قارايدىكەن. ساقچى قورالىنى سەيرانغا تەڭلەپ يېققىن كەپتۇ؛
- ھەي سارومۇسەن. ماۋۇ دىگەن ساقچى ئىدارىسى. خالىغانچە چۆگىلەيدىغان مازار ئەمەس. قوپ تېز چىقىپ كەت !...-. سەيران ئاخىرقى ئۆلۈككە كەلگەندە ساقچىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ. قورالىنى سەيرانغا تەڭلىگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپتۇ. سەيراننىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدىكى ئىشىنىپ بولغۇسىز تەلۋىلەرچە بىر خوشاللىقنى كۆرۈپ توختاپ قاپتۇ.
سەيران ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. كەينىگە قاراپتۇ. ساقچىغا قاراپتۇ. كۈلىدىكەن. رىشاتكىنىڭ سىرتىغا، يىراققا ئاسمانلارغا قاراپتۇ. چىقىپ كېتىش ئۈچۈن دەرۋازىغا مېڭىپتۇ.
دەرۋازىغا كەلگەندە كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلگەن كۈلكە ئۇنىڭ زىناقلىرىنى، كۆزلىرىنى كۈلدۈرۈپتۇ. رىشاتكىنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئاياللاردىن بىرى:نى
-سىڭلىم بۇلارنىڭ ئىچىدە سېنىڭكى يوقمىكەن ؟-دەپ سوراپتۇ. سەيران؛
- يوقكەن ئاچا...مېنىڭ يوقكەن. خۇداغا شۈكرى....مېنىڭ يوقكەن. بىچارىلەر بەك پۇراپ كېتىپتۇ. كۆمۈۋەتسە بوپتىكەن. -دەپتۇ.
سەيران كېلىشتە شەھەرگە كىرەلمەي قورققان بولسا، كېتىشتە كەينىگىمۇ قارىماپتۇ. ئۇددۇل قايتىپتۇ. كۆزلىرى قات-قات كۈلىدىكەن. يۈزلىرى كۈلىدىكەن. زىناقلىرى كۈلىدىكەن. بەدەن-بەدەنلىرى كۈلىدىكەن.
قاراقچىلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈشكە يىغلاپ بارغانلار يىغلاپ قايتىدىكەن. كۈلۈپ بارغانلار كۈلۈپ قايتىدىكەن. ئەمما يىغلاپ بېرىپ كۈلۈپ قايتقانلاردىن پەقەت مۇشۇ سەيرانلا ئىكەن. بىچارە قىز !
ساقچىلار ئېتىۋەتكەن توققۇز يىگىتنىڭ جەسىتى شەھەردە قاپتۇ. ئۇلار ئىسسىقتا پۇراپ كېتىپتۇ. سەيران بۇلارنى ئويلىمايدىكەن. ئۇنىڭ غېمى پەقەت مەمەتلا ئىكەن. ئۇ ساق بولسىلا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مەيلىكەن. ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى كۆڭلىنىڭ ئارامىنى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنىلا ئويلايدىكەن. قالغىنى بىلەن چاتىقى يوقكەن. كەينىدە قالغىنى توققۇز ئەمەس ھەتتا توققۇز يۈز جەسەت بولسىمۇ ئۇلارنى ئويلىمايدىكەن.
سەيران يۈگۈرگەندەك مېڭىپ ياق ئۇنىڭدىنمۇ تېز ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ۋاي ۋاي يېزىسىغا  قايتىپتۇ.


يىمە نامەرت ئېشىنى، ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ.

ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش مۇراسىمى بىلەن سادىق ئادەملىرىنىڭ، خىزمەتچى-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتىپتۇ.
قارا تاغلىقنىڭ ئوغلى مۇرتازا باي تولىمۇ خوشالكەن. بېشىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم يوقالغان ئىكەن. ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمگە كىچىككىنە سەۋەپلەر بىلەنمۇ سۈيۈنچە ياكى تاتلىق سالام بىلەن يېقىنچلىق قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەلى توكۇر بولسا باي ئاكىسى ئېلىپ بەرگەن سوۋېتنىڭ پەلتوسىنى شۇنچە ئىسسىقتىمۇ سالماستىن پۇلاڭلىتىپ مۇرتازانىڭ كەينىدىن يۈگرەيدىكەن.
نىمىشقىدۇ باي مەمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن توكۇرغا بىر قېتىممۇ گەپ قىلماپتۇ. قاراپمۇ قويماپتۇ. ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان شېۋىتنىڭ سائىتى توغرىلىق گەپمۇ قىلماپتۇ. بولمىسا " ئۇنى ئېلىپ بېرەي، بۇنى ئېلىپ بېرەي، يەنە نىمە ئېلىپ بېرەي " دەپ توختىماي سۆزلەركەندۇق. ئەمما ھازىر جىمىپ كېتىپتۇ. پەقەت بىر قېتىم يەرنىڭ تېگىدىن كۆزىنىڭ بۇرجىكى بىلەن شۇنداق سوغۇق قاراپتۇكى ئەلى توكۇر ئىسسىق تومۇزدا تۇرۇپمۇ جالاقلاپ توڭلاپ كېتىپتۇ. توڭلاپ كېتىپتۇ، سوۋېتنىڭ پەلتوسىدىمۇ توڭلاپ كېتىپتۇ.
مۇراسىم ئاياقلاشقاندىن كېيىن مۇرتازا ئاغا ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئەلى توكۇرمۇ مۇرتازا ئاغىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئەگەشمەي قانداق قىلسۇن؟! توكۇر پۇت ئۆزىنىڭ بولغان بىلەن يۇمشاق ئۆتۈك قېرىندىشى مۇرتازا ئاغىنىڭ تۇرسا.
ئەمما بىزنىڭ مۇرتازا ئەپەندىم كەينىدە ھېچكىم يوقتەك، ئەلى توكۇر دەپ بىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەستەك ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. داچىغىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئىلگىرى مۇرتازا ئەپەندىم بىلەن ئەلى توكۇر دەرۋازا ئالدىدا يېرىم سائەت مازىرەت قىلىشىپ " ئۆزلىرى كىرسىلە..." دىسە " ياق، سىلى ئاۋال كىرىپ بەرسىلە...." دىيىشىپ تۇرىدىكەندۇق.  بىراق بۇ قېتىم مۇرتازا ئەپەندىم كەينىگىمۇ قارىماي كىرىپ كېتىپتۇ. ئەلى توكۇر تەكەللۇپقا كۆنۈپ قالغانمۇ ئازراق مەڭدەپ قاپتۇ.
نىمىشقىدۇ مۇرتازا ئەپەندىمنىڭ كۆيۈمچانلىغى، نامرات بىلەن قېرىنداش بولۇشقان ئاددى-ساددىلىقى مەمەت ئاۋاق بىلەن تەڭلا يوقالغان ئىكەن. ئۆلگەن ئىكەن.
ئەلى دەرۋازىدىن بېشىنى كىرگۈزۈپ ھويلىغا قاراپ بېقىپتۇ. مۇرتازا باي ھويلىدا قولىنى كەينىگە قىلىپ بىر نەرسىنى خىيال قىلىپ تۇرغان ئىكەن. ئەلى توكۇرنىڭ بېشى ئىچىدە پۇتى تېشىدا تۇرۇپ قاپتۇ. تەمتىرەپ قاپتۇ. كىرەلمەي ياكى كېتەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. بىر چاغدا مۇرتازا ئاغا:
- كىرمەمسەن.....ھەي توكۇر . ياكى يېتىلەپ ئەكىرەيمۇ ؟!- دەپ دەھشەتلىك ۋاقىراپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بىچارە توكۇر تېخىمۇ تۈگىشىپ كېتىپتۇ. بىراق كىرمەي ئىلاج يوقكەن. كىرىپتۇ.
مۇرتازا ئاغىنىڭ ۋاقىرىشى بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خوتۇنلىرى، بالىلىرى ھويلىغا چىققان ئىكەن. ھەممىنىڭ چىرايىدا بىر ئەنسىرەش ھودۇقۇش بار ئىكەن. توكۇر بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەپتۇ. پەلتونىڭ توپچىسىنى سىلىغىنىچە ھويلىغا كىرىپتۇ. چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك چىپىلداپ تەرلىگىنىچە بېشىنى پولداڭلىتىپ تۇرۇپتۇ. مۇرتازا باي ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ كېتىپتۇ. بېشىدىن ئايىقىغىچە، ئايىقىدىن بېشىغىچە ئۇزۇن قاراپ كېتىپتۇ:
- سالە ! پەلتونى ، كاستومنىمۇ سال . ماۋۇ قەلەندەرنىڭ قىلىقىنى. شۇنچە ئىسسىقتا پەلتو كىيىۋالغىنىنى......
ئەسلىدە مۇرتازا ئاغا ئەلىگە پەلتونىمۇ ئۆزى زورلاپ كەيگۈزۈپ قويغان ئىكەن. " قوش-قوش كىيىملىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭ كۆرسۈن...." دەپتىكەن. ئەلى نىمە بولىۋاتقانلىقىنى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلسىمۇ كاللىسى يەنىلا گاراڭكەن.
ئاسماندىكى پەرىشتىمۇ تۇيۇقسىز زىمىنغا چۈشۈپ كەتسە ئەلى توكۇردىنمۇ بەكرەك گاراڭ بولۇپ قالار. ئەلىمۇ شۇنداق بولۇپ قاپتۇ. ئۇلۇغ ئىزچى ئەلىدىن بىراقلا قەلەندەر ئەلى توكۇرغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئىككى قولى تىترەيدىكەن. پەلتو بىلەن كاستومنى قوشۇپ سالالماي ئاۋارىكەن. شۇنچە قېلىن پەلتو بىلەن كاستومنى قوشۇپ بىراقلا سالغىلى بولمايدۇ-دە. ئەلى ھودۇقۇپ كەتكەچكە بۇنى سەزمەيدىكەن.   
- ھەي دۆت ! تۈزۈك كىيىم كىيىپ باقمىغان كالىۋا. ئاۋال پەلتونى سالمامسەن. ئىككىسىنى قوشۇپ سالىدىغان مايكا بىلەن خەنتەي بولمىسا.........
ئەلى شۇندىلا پەلتونى نىمىشقا سالالمىغانلىقىنى بىلىپتۇ. بىلىكىدە قىسىلىپ قالغان پەلتو بىلەن كاستومنى قايتىدىن كىيىپتۇ. تەستە كىيىپتۇ. ئارقىدىن ئالدى بىلەن پەلتونى ساپتۇ. بىر قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، كاستومنىمۇ ساپتۇ.
مۇرتازا ئاغىسىغا قارىيالمايدىكەن. سوۋېتنىڭ قېلىن پەلتوسى بىلەن ئىنگېلىز سوكنوسىدىن تىكىلگەن كاستوم قۇچىغىدىكەن. ئۆزى كىيىملەرنىڭ كەينىدىكەن. ئەلى توكۇر نىمىشقىدۇ ئەتتىگەنلا ئەركىلەپ تۇرۇپ قارىغان مۇرتازا ئاغىنىڭ ئىللىق چىرايىغا ئەمدى قارىيالمايدىكەن. چۈنكى بۇ چىرايلار ئۆزگەرگەن ئىكەن. مۇز ياغىدىكەن.
ھويلىغا چىققان ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى ھۆسنە خاتۇن تامغا يۆلىنىپ قاپتۇ. ئەھۋالنى چۈشۈنۈپتۇ. مۇرتازانىڭ بېشىدىكى غەم يوقالغان ئىكەن.
- ئاۋۇنىڭ قولىدىكى كىيىملەرنى ئېلىۋال- مۇرتازا ئەپەندىم كەينىدە تۇرغان خىزمەتكارىغا ۋاقىراپتۇ. ئاندىن ئەلىگە؛
- سالە ! ئاۋۇ يۇمشاق ئاياققا كۆزۈڭ قىيمايۋاتامدۇ !؟ توكۇر پۇتۇڭغا خوش يېقىپ كەتتىمۇ-يە.....شىلەپىنىمۇ سال- دەپ مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرەپتۇ. ئەلى قولىدىكى كىيىملەرنى خىزمەتچىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ بېشىدىكى شىلەپىسىنىمۇ بېرىپتۇ. ئادەتتە ئايىقىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سالمايدىكەن. توكۇر پۇتىنىڭ شەكلىدىن خىجىل بولىدىكەن. بىراق بۈگۈن سالماي بولماپتۇ. ئولتۇرۇپ ئاياقنى سەپتۇ. قىزىرىپ كېتىپتۇ. پۇشۇلدايدىكەن. تۇرۇپلا بۇرنىنى تارتىپتۇ. كەينى-كەينىدىن تارتىپتۇ. بوغۇزىدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك قىسقا-قىسقا ھېق تۇتۇپتۇ. ئۆزىنى توختىتالماپتۇ. ئاخىرى توختىماي ھېقىلداپ كېتىپتۇ. ئاياقنى سېلىپ خىزمەتچىگە بېرىپتۇ. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقىدىكەن. ئېغىزلىرى ئۈمچۈيۈپ قاپتۇ. مۇرتازا ئاغا يەنە ۋاقىراپتۇ. ئەمما ئەلى ئۇنى كۆرەلمەيدىكەن. ياش توسۇۋالغاچقا ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىكەن؛
- ئىشتاننىمۇ سال، پوتىنىچۇ ؟! بېلىڭدىكى دادامدىن قالغان تاپانچىنىچۇ ؟ ئىشەك تاققا چىققاندەك ئېسىۋالغىنىنى قارا ماۋۇ قەلەندەرنىڭ......
ئەلى ئىشتاننىمۇ ساپتۇ. بايىقىدەك قىينىلىپ ئولتۇرماي ئاسانلا سېلىپ بېرىپتۇ. پوتىنى، تاپانچىنى قوشۇپ ئالدىدىكى ئادەمگە بېرىپتۇ. ئەمدى ھېقىلدىمايدىكەن. پەقەت كۆزىدىكى ياش توختىمايدىكەن.
ئەلى توكۇرنىڭ ئۇچىسىدا ھېچنىمە قالماپتۇ. مۇرتازا ئاغا ئۆزىنىڭ يىپەك ئىچ كىيىملىرىنى كەيگۈزۈپ قويغان ئىكەن. ئۇلارنىمۇ سالدۇرىۋەپتۇ. پەقەت بىر تال كۇسار بىلەنلا قاپتۇ. بېقىنلىرىدىكى قورۇلۇپ قالغان گۆشلەر، سانىغىلى بولىدىغان قوۋۇرغىلار، گۆشلىرى سۈزۈلۈپ ئىنچىكە بولۇپ قالغان پۇتلار، بىلەكلەر.....شۇلار بىلەنلا قاپتۇ.
ئەلىنىڭ ئىلگىركى كىيىملىرىنى شۇ چاغدىلا مۇرتازا ئەپەندىم خىزمەتكارلىرىغا دەپ كۆيدۈرىۋەتكەن ئىكەن. ئەلى "ساقلاپ قويايلى" دىسە " قوي قېرىندىشىم مىننەت شۇلار بىلەن كەتسۇن.....سېسىقچىلىقنى ساقلاپ نىمە قىلىسەن " دىگەن ئىكەن.
مۇرتازا ئەپەندىم خىزمەتكارىغا؛
- ئاۋۇ قەلەندەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشىكلەرنى تاقاپ، ئىتلارنى قويۇۋېتىڭلار- دەپ جېكىلەپ قويۇپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
ئەلى بوغۇزىدا تۇرۇپ قالغان مۇشتەك بىر سۇيۇقلۇقنى غەيرەت بىلەن يۇتىۋېتىپ يىغا ئارىلاش ئاۋازدا " يىمە نامەرت ئېشىنى، ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ..." دەۋېتىپتۇ. يىغا تەسىرىدىن ئاۋازى غاراڭ-غۇرۇڭ بولغاچقا باشقىلار چۈشۈنەلمەپتۇ. مۇرتازا خىزمەتكاردىن " نىمە دەۋاتىدۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ. خىزمەتكار " مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم....يىغلاۋاتقاندەك قىلىدۇ " دەپتۇ.
ئەلى توكۇر ئورۇق قوللىرى بىلەن قوساق-مەيدىلىرىنى توسىغىنىچە ھويلىدىن يالىڭاچ پېتى چىقىپ كېتىپتۇ.......

سەككىز ئۆلۈكنىڭ ئىگىلىرى

جەسەتلەرنى تاماشا قىلىۋاتقانلار تاماشىسىنى تۈگۈتۈپ قايتىشىپتۇ. ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن قاراقچىلارنىڭ تۇققانلىرىلا قاپتۇ.
ئۇلار بىرەر كۈندەك رىشاتكا سىرتىدا تۇرغاندىن كېيىن بەكمۇ تەستە ساقچىخانە ئىشخانىسىغا كىرىشىپتۇ. ۋەيرانە ئەرلەر، جۇل-جۇل ئاياللار، سارغىيىپ تۇرغان بالىلار تەپتارتىدىكەن. ئىشخانىنىڭ پوللىرىنى بېزەپ قىلىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ ھەممىسى ئاياقلىرىنى ئىشىك تۈۋىدە سېلىۋەتكەن ئىكەن. بىرىنچى ئىشخانىدا سېمىزرەك، ئوماق بىر ساقچى پۇتلىرىنى ئۈستەلگە ئالغىنىچە ئورۇندۇققا يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئاياقلىرى ھەقىقى ماراش خۇرۇمىدىن تىكىلگەن بولۇپ شۇنداق چوڭ سۈپەت پاقىرايدىكەن. ئۇنى كۆرۈپ ھەممىسى تەمتىرەپتۇ. بىر-بىرىنىڭ كەينىگە تىقىلىپتۇ. شۇنداق تۇرغىلى بولمايدىكەن. ئامالسىز ئېغىزلىرىنى ئېچىپتۇ. " ئادەم ئۆلدى. بولسا ئۆلىكىنى بولسىمۇ بەرسە..... يۇيۇپ تاراپ مۇسۇلمانچىلىقىنى قىلىۋالغان بولساق..... " دەپ پىچىرلىشىپتۇ. ساقچى " نىمە !!! " دەپ ۋاقىراپتۇ. ئەمما پۇتنى ئۈستەلدىن چۈشۈرمەپتۇ. ئارىسىدىكى بىرەيلەن تەكررارلاپتۇ. "ئۆلۈكلەرنى.......بېرەمدىكىن...دەپ...شۇ..." دەپتۇ. ساقچى " سىلەر قاراقچىلارنىڭ تۇققانلىرىمۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ.ھەممىسى ئالدىرىشىپ " ھەئە " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئوماق ساقچى ياندىكى ئىشخانىدىكىلەرگە خەۋەر قىپتۇ. يەنە ئىككى ساقچى چىقىپتۇ. قوللىرىدا سېرىق تاشلىق ئۇزۇن دەپتەرلەر بار ئىكەن.
ساقچىلار ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى كەسپى يېشى جىنسى دىگەندەك مەلۇماتلىرىنى يېزىۋاپتۇ. يېزىۋالغانلىرىنى نۇقتىلىق كۈزۈتىلدىغان ئوبىكىتلار ئارخىپىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئاندىن ئۇلارنى تىللاپ پوسكايتىۋېتىپتۇ. " جىنايەتچى دىگەن ئۆلگەندىمۇ جىنايەتچى ! ھەر قايسىڭ كاللاڭنى سىلكىۋەت! تېخى ئۆلۈكىنى ئالماقچىما ؟! تىرىك چېغىدا ھەرقايسىڭ نەدە يۈرۈشكەن؟ ئاران دىگەندە ئېتىپ كەلسەك ئەمدى سىلەر تەييارغا ھەييار بولماقچىمۇ ؟! ......"
ئۆلۈكلەرنىڭ ئىگىلىرى يالۋۇرۇپتۇ. پوتلىلىرىنى ئېقىتىپ يىغلاپتۇ. پايدىسى بولماپتۇ. ساقچىلار ئۇلارنىڭ قۇيمۇشلىرىغا تېپىپ ئىشخانىدىن چىقىرۋېتىپتۇ. " سىلەرنىمۇ سولىمىغانغا خوش بولۇش ! ئەشۇنداق بالىلارنى تۇققانغا، ئەشۇ قاراقچىلارنى ئەر قىلغانغا تۈرمىگە سولىساق ياخشى بولاتتى. خۇداغا شۈكرى قىلىش!....."
ئاخىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماي بولماپتۇ. ئەگەر قارشىلىق قىلىۋەرسە ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقان بولۇپ "دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلىش جىنايتى" ئۆتكۈزگەن بولىدىكەن. ئۇ چاغدا ئۆلتۈرۈلگەن قاراقچىلار بىلەن پەرقى قالمايدىكەن. ئۇلارمۇ ئەكسىلئىنقىلاپچى سانىلىپ ئېتىلىدىكەن.
بىچارىلەر تۇققىنىنىڭ ئۆلۈكىنى مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىدە ئۇزۇتۇشنىڭ بۇنداق چوڭ جىنايەتكە چېتىلدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن. باشلىرىنى سالغىنىچە رىشاتكا سىرتىدىن بالىلىرىنىڭ، ئەرلىرىنىڭ، دادىلىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىگە قاراپ ئولتۇرىدىكەن. رىشاتكا ئىچىدە ئۆلۈكلەر يەردە پۇكلىشىپ ياتىدىكەن.
ھاۋا قىززىيدىكەن. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوقكەن. كۈندۈزى ئىسسىق ئاپتاپ، كېچىسى تىنجىق تومۇز توختاپ قالغان ھەممە نەرسىنى سېسىتىدىكەن. توختام سۇلارنى سېسىق يۇندىغا ئايلاندۇرۇپ ئەسلىدىكى سۈزۈكلىكىنى، يېقىشلىقىنى ئادەملەرگە ئۇنتۇلدۇرىدىكەن. يىرگەندۈرىدىكەن.
قاراقچىلارنىڭ ئۆلۈكلىرىمۇ سېسىشقا باشلاپتۇ. ساقچىخانىنىڭ ھويلىسىدىكى توققۇز جەسەتتىن چىققان سېسىقچىلىق ئىدارىنىڭ ھويلىسىنى، كوچىنى بىر ئاپتۇ. قاراقچىلارنىڭ ئوق تەككەن جايلىرىدىن قىزىل،سېرىق رەڭلىك ئارىلاش سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرىدىكەن. ئېقىپ يىراققا بارمايدىكەن. بىرەر مېتىر يەرگە بېرىپلا ئىسسىق دەستىدىن قۇرۇشۇپ قالىدىكەن. جەسسەت كۆپكەنچە يەنە يېڭىدىن سۇيۇقلۇقلار ئېقىپ ئەسلىدىكى يىرىڭنىڭ ئۈستىدە ئاققىنىچە قېتىپ قالىدىكەن.
مىڭلىغان چىۋىن، ھەرىلەر سۇيۇقلۇقلار ئۈستىگە قونىۋالغاچقا خۇددى يىلانسىمان غەلىتە مەخلۇقتەك كۆرۈنىدىكەن. ھويلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان گىژىلدىغان ئاۋازلار ئادەملەرنىڭ ئاۋازلىرىنىمۇ بېسىپ كېتىدىكەن. جەسەتلەرنىڭ بۇرۇنلىرى كۆزلىرى جاۋغايلىرىغا چاپلىشىۋالغان چىۋىنلارنىڭ دەستىدىن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.
ساقچىلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى تەسكە چۈشۈپتۇ. ئۆلۈكلەردىن چىقىۋاتقان سېسىقچىلىق ئۇلارغا ئەلەم بوپتۇ. خاتىرجەملىكىنى بۇزۇپتۇ. غۇدۇراش باشلىنىپتۇ. " ماۋۇلارنى قاچان يوقىتىمىز ؟.....سېسىقچىلىقنى بىزلا پۇرامدۇق ؟! "
دىمىسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قاراقچىلارنى يوقۇتۇش پىلانىنى ساقچىلار ئورۇنلىدى. ئەمدى ئۆلۈكلەرنى سېسىتىپ ئۇلارنىڭ ئەل قەلبىدىكى ئورنىنى يوقۇتۇش پىلانىنىڭ دەردىنىمۇ يەنىلا مۇشۇ ساقچىلار تارتىۋاتمامدۇ. ئاخىرى بۇ ئىدارىدا ئادەم تۇرۇش مۇمكىن بولماي قاپتۇ.
ساقچى باشلىغى قاراقچىلارنىڭ تۇققانلىرىغا بۇ يەردىن ۋاقىتلىق يوقۇلۇپ تۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن ھۆكۈمەتكە بېرىپ قاراقچىلارنىڭ تولۇق سېسىپ بولغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئەپتىگە قارىغان ئىتلارنىڭمۇ يىرگىنىپ كېتىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ. ھۆكۈمەتتىكىلەر مۇزاكىرىلىشىپتۇ. نەچچەيلەننى ئېۋەتىپ قاراقچىلارنىڭ ئۆلۈكىنى، ئەتراپتىكى خەلقنىڭ پوزىتسىيىسىنى تەكشۈرۈپتۇ. ئۆلۈكلەر راستىنلا ئىت يىگۈسىز ھالدا سېسىغان، بارلىق خەلىقلەر ئۇلاردىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچقان ئىكەن. ھەتتا تۇققانلىرىمۇ قاچقان ئىكەن. دىمەك ئەمدى ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئادەممۇ قالماپتۇ.
ئاخىرى كۆزلىگەن مەخسەت تولۇق ئەمەلگە ئاشقان ئىكەن.
ئاخىرىدا ئۆلۈكلەرنى تۇققانلىرىغا بېرىش ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنى تازىلاش قارارى بىردەك ماقۇللىنىپتۇ..........
قاراقچىلارنىڭ تۇققانلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە چاپلىشىپ قالغان ئۇششاق تاشلارنى، قۇرۇپ چاپلىشىپ كەتكەن لايلارنى پاكىزلەپتۇ. يۈز-كۆزلىرىدىكى قان يۇقىلىرىنى كۆڭلەكلىرى، چاپانلىرىنىڭ يەڭلىرى بىلەن سۈرتۈپتۇ. ئۇلارنى شۇ جايدىلا ئاپپاق رەختلەر بىلەن ئوراپتۇ. ئۇلار ئۆلۈكنىڭ ھېچنىمىسىنى بۇ يەردە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلاردىن ئاققان قان-يىرىڭلارنى قولياغلىقلىرى ۋە باشقا پاكىزە رەختلەر بىلەن سۈرتۈپ ئېلىۋاپتۇ.
بۇرۇنلىرى ھېچنىمىنى پۇرىمايۋاتقاندەك كۆزلىرى ھېچنىمىنى كۆرمىگەندەك، يىرگەنمىگەندەك قىلىدىكەن. ئۇلار نەچچىمۇ يىللاردىن تۇققانلىرىنىڭ مېھرىگە ، تەر پۇراقلىرىغا قانمىغان يۈرەكلىرىنى، بۇرۇنلىرىنى ئۇلاردىن كېلىۋاتقان سېسىقچىلىق بىلەن قاندۇرۇپتۇ.
ياشراق بىر ئۆلۈكنىڭ يېنىدا بىر دادا يا يىغلىماي ياكى ھېچنىمە قىلماي ئۆلۈككە قاراپ ئۆلتۇرىدىكەن. ئۆلۈكنىڭ بېشى دادىنىڭ ئېتىكىدە بولۇپ جاۋغىيىدىن ئاققان سېرىق سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىگە توختىماي ئاقىدىكەن. ئەمما ئۇ ئادەم ھېچنىمىنى سەزمەي ئولتۇرىدىكەن. كۆزلىرى قەيەرگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. قاراپ ئولتۇرغىنى ئۆلتۇرغان ئىكەن.
بۇ يىگىت ئۆزى بىلەن بىر يېزىلىق يەنە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۋېتىپ قاراقچى بولغان ئىكەن.
يىگىت ئۆلتۈرۋەتكەن ئادەم بۇ يېزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھەم يامان پالۋىنىكەن. پالۋاننىڭ كالىلىرى، ئاتلىرى، قويلىرى نۇرغۇنكەن. ئۇلارنى يېزىلىقلارنىڭ تېرىلغۇلىرىغا ھەيدەپ قويىدىكەن. يېزىلىقلار ئۇنىڭدىن قورقىدىكەن. بۇغدايلىرىنى ، قوناقلىرىنى يەۋاتقان كالىلارنى يۈرەكلىك ھەيدىۋېتەلمەيدىكەن. ھەيدىۋەتسە پالۋان ئۇلارنى تېخىمۇ بوزەك قىلىدىكەن.  
يىگىتنىڭ دادىسى بىر قېتىم بۇغدايلىرىنى يەۋاتقان ئات-كالىلارنى ھەيدىۋېتىپتۇ. ئەتراپتا ئادەم يوقكەن. "ھەيدىۋەتكىنىمنى ھېچكىم كۆرمىدى" دەپ ئويلاپتىكەن. بىراق ئەتىسى پالۋان ئۇ ئادەمنى كوچىدا تۇتىۋېلىپ قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ. كالىلارنى ھەيدىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇرۇنلىرىدىن، ئېغىزلىرىدىن قانلارنى بۇلاقتەك چىقىرىۋېتىپتۇ. يىگىت بۇ ئىشنى ئاڭلاپ نومۇستىن ئۆلگۈدەك بوپتۇ. شۇ كۈنىلا يەۋاتقان ئاشلىقىدىن يەتتە خالتىنى ئاپىرىپ <<بۇغدا>> ماركىلىق تاپانچىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى يېزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تاپانچا ئېتىشنى مەشق قىلىپتۇ. تاپانچا شۇنداق كۈچلۈك بولۇپ يوتىدەك دەرەخكە ئاتسا، ئوق ئۇ يېقىدىن چىقىپ كېتىدىكەن.    
قۇربان ھېيت كېلىپتۇ. ھارپا كۈنى يىگىت ئېتىزلىقىغا پالۋاننىڭ ھايۋانلىرى كىرىۋالغىنى كۆرۈپ ئۇددۇل بېرىپلا ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. يىراقتا بۇنى كۆرگەن پالۋان كەلگىنىچە يىگىتنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ. بۇ قېتىم يىگىتنىڭ تاپانچىسى ئاستىغا بېسىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالالماپتۇ.
ئەتىسى ھېيت نامىزى ئۆتەپ بولغان يېزىلىقلار مەسچىتتىن چىقىشىغا يىگىت ئالدىدا كېتىۋاتقان پالۋاننى چاقىرىپتۇ:
- ھەي جالاپنىڭ بالىسى، بۇياققا قارا !  بۈگۈن ھېيت قىلامسەن ؟- دەپ مەسخىرە قىلىپتۇ. پالۋان بۇنى كۆرۈپ يىگىتكە قاراپ ئېتتىلىپ كەپتۇ. يىگىت ئالدىرىماي يېنىدىكى تاپانچىسىنى چىقىرىپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان پالۋانغا توغرىلاپ ئېتىۋېتىپتۇ. پالۋان دەل يىگىتنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە ئوق پىشانىسىگە تېگىپتۇ. كەينىگە قاتتىق سىلكىنىپ يىگىتنىڭ ئالدىدا سوزۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ.
يىگىت يېزىلىقلىرىغا:
- كەچۈرۈڭلار ھېيىتىڭلارنى كۆڭۈلسىز قىلىپ قويدۇم- دەپ كەينىگىمۇ قارىماي يېزىسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ....... 
 يىگىتنىڭ دادىسى بىر چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئوغلىنىڭ ئۆلۈكىنى خۇددى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دىگەندەك ئاۋايلاپ كۆتۈرۈشكە تىرىشىپتۇ. دادىسى بەكمۇ ئورۇقكەن. ئىككى پۇتى تىترەپ تۇرىدىكەن. ئەمما ئوغلىنىڭ ئۆلۈكىنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە تىرىشىپتۇ. ئاخىرى ئۆلۈكنى دۇمبىسىگە ھاپاش قىلىۋاپتۇ. خۇددى بالىسىنى كىچىك چاغلىرىدا ھاپاش قىلىپ كۆتۈرگەندەك كۆتۈرگىنىچە ساقچىخانىنىڭ قوروسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. قەدەملىرىنى ئاران يۆتكەيدىكەن. پۇتلىرى تىترەپ تۇرىدىكەن.
چۈشتىن كېيىن ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا بىر ماشىنا كېلىپ توختاپتۇ. ماشىنىدىن بوينىغا زۇننارلىق ئۇزۇن مارجانلار ئاسقان، بادام قاپاق، كىرپىكلىرى قايرىلىپ تۇرىدىغان ياشقىنە بىر ئايال چۈشۈپتۇ. ئايالنىڭ چىرايلىق يۈزلىرى غەمكىن كۈلۈمسىرىگەندەك كۆرۈنىدىكەن. مەيدىسىگە ۋە يانلىرىغا رەڭلىك گۈللەر ئىشلەنگەن ئۇزۇن تونىنىڭ ئىزمىلىرى تىللادىن ئىكەن. ئىنچىكە قونجىلىق ئۆتۈكى بىلەن سالماق مېڭىشى پۇتلىرىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىدىن يىراقلاردىكى ئابرويلۇق، باي بىر قەبىلىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن.
ئۇ ئۇدۇل كەلگىنىچە تاز قاراقچىنىڭ يېنىدا قوللىرىنى ئاستىغا بېسىپ پۈكلىنىپ قالغان قاراقچى كەرىمنىڭ يېنىغا كېلىپ توختاپتۇ. كۆزلىرىنى چىمىلداتماستىن ئۆلۈككە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ ئۆلۈكنىڭ مەڭزىگە چاپلىشىپ قالغان ياغاچ پارچىسىنى ئاۋايلاپ ئېلىۋېتىپتۇ. چىرايى يەنىلا شۇنداق چىرايلىق غەمكىن كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن.
ئايال باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بىر چاغدا باشلىق بىلەن ئىككى ساقچى چىقىپتۇ. ئايال ئۇلارغا كەرىمنىڭ  ئۆلۈكىنى كۆرسىتىپتۇ.
كەرىمنىڭ ئارخىپتا ھىچقانداق ئۇرۇق-تۇققىنى يوق دەپ يېزىلغان ئىكەن. باشقا ئۆلۈكلەرنى تۇتۇپمۇ قويمىغان ساقچىلار بۇ ئۆلۈكنى كۆتۈرۈپ ئايال ئېلىپ كەلگەن ماشىنىغا سېلىپ بېرىپتۇ. ئايال مېڭىشتىن بۇرۇن ساقچىلارغا بىر تۇتام پۇل تۇتقۇزۇپ ساقچى باشلىقىغا رەخمەت ئېيتىپتۇ. ماشىنا مېڭىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ساقچىلار ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ھازا قارىشىپ قېلىپتۇ.  
كەچقۇرۇنغىچە <<مەمەت ئاۋاق>> بىلەن تاز قاراقچىنىڭ ئۆلۈكىلا قاپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى تېخىچە كەلمەپتۇ.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ساقچى ئىدارىسىغا ئالتى ئارغىماققا مىنىپ پۇزۇر كىيىنگەن ئالتى يىگىت كېلىپتۇ. ئۇلار سوجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇكىسىنىڭ ئۆلۈكىنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. سوجاڭ ئۇلارنى تىزىملاش ئۈچۈن تاز قاراقچىنىڭ تۇققانلىرى دەپ تولدۇرۇپتۇ. ئەمما يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلار <<مەمەت ئاۋاق>> دەۋاتقان ئۆلۈكنى ئېلىشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. سوجاڭ چۈشۈنەلمەي قاپتۇ.
- بىزدىكى مەلۇماتلاردا مەمەت ئاۋاقنىڭ ھېچقانداق تۇققىنى يوق دەپ ئېيتىلغان. بۇنى جىمى ئالەم بىلىدۇ. خاتالىشىپ قالمىغانسىلەر؟! -دەپ سوراپتۇ. يىگىتلەر "خاتالاشمىدۇق. بىز قارا ئوسماننىڭ تۇققانلىرى" دەپتۇ. سوجاڭ ئالدىراپ قاپتۇ. "قېنى ماڭا كۆرسۈتۈڭلار" دەپتۇ. ھەممىسى دۈكۈرلەپ سىرتقا چىقىپتۇ. ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىغا كەپتۇ. يىگىتلەر ئۇكىسىنىڭ ئۆلۈكىنى يەنى ساقچىلار <<مەمەت ئاۋاق>> دەۋاتقان ئۆلۈكنى كۆرۈسۈتۈپتۇ.
سوجاڭ ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپتۇ:
- بۇ قانداق گەپ. مەمەت ئاۋاق قانداقسىگە قارا ئوسمانغا ئايلنىپ قالىدۇ !؟ سەنلەر بىزنى مەسخىرە قىلماقچىمۇ ؟!
يىگىتلەر؛
-بىز مەمەت ئاۋاقنى تونۇمايمىز. ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى نىمە قىلىمىز! بىزگە ئۇكىمىزنىڭ ئۆلۈكى كېرەك. سىزگە يالغان ئېيتمىدۇق. ئۇنىڭ چىرايى بىلەن بىزنىڭ چىرايىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ- دەپتۇ. سوجاڭ سېلىشتۇرۇپتۇ. ھەقىقەتەن ئوپمۇ-ئوخشاشكەن. قارا-قاشلىق، ھەممىسى ئوخشاش بۇرۇتلۇق. يىگىتلەر نوپۇس دەپتىرىنى چقىرىپتۇ. كىملىكلىرىنى چىقىرىپتۇ. سوجاڭ سېلىشتۇرۇپتۇ. ئوخشاش. قارا ئوسماننىڭ قېرىنداشلىرى.....
سوجاڭنىڭ پىشانىسىدىن تەر چىقىپ كېتىپتۇ. دەرھال ھۆكۈمەتكە ئادەم ماڭدۇرۇپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. ھاكىم كېلىپتۇ. ھاسىرايدىكەن. "قېنى ئۇلار " دەپتۇ. يىگىتلەرنى كۆرسۈتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپتۇ. ئاندىن <<مەمەت ئاۋاق>>نىڭ چىرايىغا قاراپتۇ. ئوخشاشكەن. ساقچىنىڭ باشلىغىمۇ يېتىپ كېلىپتۇ. توختىماي نالە قىلىدىكەن." بۇ نىمە كۈندۇ-ھە...." دەپ پىچىرلايدىكەن. كەينىدىن باشقا كاتتىلارمۇ يېتىپ كېلىپتۇ. ھەممىسى ئۆلۈكنىڭ چىرايىغا يىگىتلەرنىڭ چىرايىغا قارايدىكەن. ئوخشاشكەن. بەزىلىرى نالە قىلىدىكەن. بەزىلىرى ئۇياق-بۇياققا ئەندىشە بىلەن قارايدىكەن.....
ئۇلار مەريەمچىل غولىدىن بولۇپ، يەتتە قېرىنداش ئىكەن. ئۆلگەن ئىنىسىنىڭ ئىسمى ئوسمان ئىكەن. ئۇ يوغان ھەم تېرىسى قارا بولغاچقا <<قارا ئوسمان>> دەپ قويىدىكەن.
بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى بالىلارنىڭ كىچىكى قارا ئوسمان ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇزۇنغىچە ئىز-دېرىكى بولماپتۇ. كېيىن ئۇنىڭ قاراقچى تازنىڭ ئەترىتىگە كىرىپ قاراقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. نەچچە رەت ئۆزلىرى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئەمما ئىنىسى ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەردىن سۆز ئېيتتۇرۇپ بېرىپتۇ. بىراق قارا ئوسمان يەنىلا ئۆيىگە قايتماپتۇ.
ئۇلار قاراقچى تاز ئەترىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تۆنۈگۈن ئاڭلاپتۇ. ياشانغان دادىسى بىلەن ئاپىسى ئوغۇللىرىنى تېزدىن بېرىپ ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە ئەۋەتىپتۇ......
پات-پاراقچىلىق باشلىنىپتۇ. بەزىلەر جايىدا ئولتۇرۇپ قاپتۇ. يەنە بەزىلەر ساقچىخانىنىڭ تېمىغا، رىشاتكىلارغا، پەلەمپەينىڭ گىرۋەكلىرىگە يۆلىنىپ قاپتۇ.
بىر چاغدا ھەممىسى "ئىشخانىغا كىرەيلى" دىيىشىپتۇ. ئىشخانىغا كىرىپتۇ. ھويلىدا ئىككى جەسەتلا قاپتۇ.
ئىشخانىدىن ۋاقىراشلار، جوزىغا ئۇرغان ئاۋازلار يەنە ئارىلاپ نالە قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدىكەن. تۇرۇپلا جىم-جىت بولۇپ كېتىدىكەن. يەنە نالە قىلغان ئاۋازلار باشلىنىدىكەن. جوزىغا ئۇرىدىكەن. ۋارقىراشلار ئاڭلىنىدىكەن. نالە قىلىش، جىمىپ كېتىش يەنە نالە قىلىش، ۋارقىراش بىلەن ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.
نامازشام بىلەن ھەممىسى جىمىپ كېتىپتۇ. بىر چاغدا ئىچىدىن قارا ئوسماننىڭ ئىككى تۇققىنى چىقىپ ئۇكىسىنىڭ ئۆلۈكىگە ئاق رەخت يېپىپ قويۇپتۇ. كەينىدىن ھاكىم چىقىپتۇ. ئۆلۈكلەر تەرەپكە بىر قاراپ قويۇپلا دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئاندىن ساقچىنىڭ باشلىقى چىقىپتۇ. ئۇمۇ بىر قاراپ قويۇپ ساقچىخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. قالغانلار كەينى-كەينىدىن چىقىشىپ ئۆلۈكلەر تەرەپكە كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قارىشىپ قويۇپ دەرۋازىدىن چىقىشىپ كېتىپتۇ.
ھۆكۈمەت قارا ئوسماننى تۇققانلىرىغا بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئەمما شەرتى چوقۇم تولۇق قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆلۈكنى ئىنسى-جىنغا كۆرسەتمەي شەھەردىن ئېلىپ كېتىش كېرەككەن. كېيىنمۇ بۇ ۋەقەنى ھېچيەردە ھىچقانداق ئادەمگە تىنماسلىغى كېرەككەن. بولمىسا ئۆلۈك قارا ئوسماننىڭ بولماي بەلكى <<مەمەت ئاۋاق>>نىڭ ھىساپلىنىدىكەن. جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈكىنى ئېلىپ قاچقانلار بەكمۇ ئېغىر جازالىنىپ كېتىدىكەن.


تاشلىۋېتىلگەن ئۆلۈك

نىياز يالغۇز بالىكەن. بېشىدا نىياز چېچى بار ئىكەن.
بوۋىسىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بوۋىسىنىڭ دادىسىمۇ ئەشۇنداق چاچ قوياركەندۇق. ئۆمۈر بويى چۈشۈرمىگەچكە ئاقىرىپ كېيىنچە ساغىرىپ ئاخىرىدا تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىكەن.
نىيازدىن ئىلگىرى تۇغۇلغان قېرىنداشلىرىنىڭ گاھىسى چاچىراپ گاھىسى يېشىغا توشۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
ئاتا-ئانىسى نىياز تۇغۇلغاندا يۇرتقا نەزىر قىلىپ ئەقىقىسىنى بېرىپتۇ. دۇئا قىرائەت قىلىپ بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ ياڭاقتەك چاچنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. چۈشۈرگەن چاچلارنىڭ باراۋىرىدە كۈمۈش سەدىقە قىلىپتۇ. ئەمما قالغان چاچنىڭ سەدىقىسىنى بولسا بەرمەپتۇ. بالا ئامان-ئېسەن چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندە ئاندىن بەرمەكچى بوپتۇ. چاچ ئۆسۈپ تۇتامغا توشقاندا چىرايلىق ئۆرۈپ قويۇپتۇ.
نىياز بىلەن يىتەرگۈل بىللە ئوينايدىكەن. يىتەرگۈللەرنىڭ ئۆيىدە ئالتى قىز بار ئىكەن. ئۇ ئەڭ كىچىكى ئىكەن. يىتەرگۈل تۇغۇلغاندا دادىسى " بولدى ئەمدى يېتەر! " دەپ تۇغۇلغان بالىنىڭ ئىسمىنى يىتەرگۈل قويۇپتىكەن. ئەمما يىتەرگۈلدىن كېيىنكىسىمۇ قىز تۇغۇلۇپتۇ.
نىياز ئوغۇللارنىڭ بېششىكەن. يىتەرگۈل قىزلارنىڭ بېششىكەن.  كىچىك چاغدا پەرقمۇ كىچىك بولىدۇ. قىزلار ئوغۇللار يېتىرقىماي ھەر كۈنى بىللە ئوينايدىكەن.
ئادەمسىز ئەسكى تاملىقلار، يالغۇز قېرى دەرەخ تۈۋىدەك جايلار ئۇلار بىلەن ئاۋات بولۇپ تۇرىدىكەن.
قۇرۇپ كەتكەن ئۆستەڭ ئىچى يۇمشاق قۇملۇق ئىكەن. بالىلار ھەر كۈنى ئۆستەڭنىڭ ئىچىدە قۇملاردىن قەلئەلەرنى، ئۆيلەرنى، يوللارنى ياساپ ئوينايدىكەن. قاچىلارغا سۇ ئەكىلىپ قۇملاردىن ھەر-خىل تاماقلارنى <<ئېتىدىكەن>>.......
نياز ياساۋاتقان قۇم ئۆيىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ كېرىلىپتۇ. ئېسىگە ئۆستەڭ قىرىدىكى چىغقا باغلاپ قويغان ھەرىسى كەپتۇ. ئۆستەڭ قىرىغا چىقىپتۇ. بېلىدىن يىپ بىلەن باغلانغان ھەرە يەردىكەن. بىر قانىتى قايرىلىپ قالغان ئىكەن. دوستى سەيپىنىڭ ھەرىسىگە قاراپتۇ. ئۇنىڭ ھەرىسى كۆرۈنمەيدىكەن. باغلاپ قويغان يىپنىڭ ئۈچىدا ھېچنىمە يوق ئىكەن؛
- سەيپى ھەرەڭنى قۇشقاچ يەۋاپتۇ- نىياز ئۆستەڭنىڭ ئىچىگە قاراپ توۋلاپتۇ. ئۆستەڭنىڭ ئىچىدىن  يۈزلىرىگە قۇم دانىچىلىرى چاپلىشىپ كەتكەن يەنە بىر بالا قىردىكى چىغقا ئېسىلىپ چىقىپتۇ.
- قېنى- سەيپى ئۆستەڭدىن چىقىپلا ھەرىسىنى باغلاپ قويغان يىپنىڭ يېنىغا كەپتۇ. قۇرۇق تۇرغان يىپنى كۆرۈپتۇ.
- ئاران تۇتقانتىم. – ئەتراپىغا قارايدىكەن. نېرىراقتىكى قېرى ئۆرۈكنىڭ شېخىدا چۇرۇقلىشىپ تۇرغان قۇشقاچلارنى كۆرۈپتۇ. يەردىن بىر تاشنى ئېلىپ ئۇلارغا قارىتىپ ئاچچىق بىلەن ئېتىپتۇ. قۇشقاچلار پۇرۇلداپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ؛
- يەنە بىرنى تۇتمىسام....سېنىڭكى ساقمىكەن- سەيپى نىيازدىن سوراپتۇ.
- مېنىڭ ساقكەن. ئەمما بىر قانىتىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.- ئۇ ھەرىسىنى سەيپىگە كۆرسۈتۈپتۇ.
- بولدى سەنمۇ قويۇۋېتە...باشقىدىن تۇتايلى-.دەپتۇ سەيپى. نىياز ئۈنچىقماپتۇ.
ھەرە تۇتۇش شۇنداق تەسكەن. بالىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت نىياز بىلەن سەيپىلا ھەرە تۇتالايدىكەن. قالغانلار تۇتالمايدىكەن. سەيپى ئۆستەڭنىڭ ئىچىدىكى بالىلارنى چاقىرىپتۇ؛
- بولدى بۇياققا چىقىڭلار. ئەمدى بىزنىڭ ھەرە تۇتىشىمىزنى كۆرۈڭلار.- ئۆستەڭ ئىچىدىن "ماقۇل.....راست تۇتامسىلەر.....ھەرە تۇتقىدەك.....تېز بولە...." دىيىشكىنىچە ئوغۇللار قىزلار چىقىپ كەپتۇ. كىچىكرەكلىرىنى بۇرۇن چىققانلار قوللىرىدىن تارتىپ چىقىرىپتۇ. بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى يىتەرگۈل سەيپىدىن؛
- مۇشۇ يەردىنلا تۇتساڭلار بولمامدۇ؟- دەپ سوراپتۇ. قىزچاقنىڭ قوللىرىغا ھۆل قۇملار چاپلىشىپ قالغان ئىكەن.
- بىز تېخى تامىقىمىزنى قىلىپ بولمىغان.....
- بولدى كېيىنرەك قىلمامسىلەر...ئەنجۈرلۈككە بېرىپ ئەنجۈر يىگەچ ھەرە تۇتىمىز.- نىياز بالىلارنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپتۇ.
بالىلار يۈگۈرۈشكىنىچە ئېتىزلار تەرەپتىكى ئەنجۈرلۈككە بېرىپتۇ. ھەممىسى ئەنجۈر دەرەخلىرىگە قاراشقا باشلاپتۇ. پەستە ئەنجۈر كۆرۈنمىگەندىن كېيىن دەرەخلەرگە يامىشىشقا باشلاپتۇ.
- بىرنىمۇ قويماپتۇ. ھەممىنى يەپ بوپتۇ. ھەرەمنىمۇ يىدى. تويماسلار!- سەيپى قۇشقاچلارنى تىللاشقا باشلاپتۇ.
ھەمزە دىگەن بالا قۇشقاچلار يېرىمىنى يەپ يېرىمىنى قويغان ئەنجۈردىن بىرنى تېپىۋېلىپ ئۇنى يىگەچ؛
- ئەمدى بىزگە مۇشۇلار قاپتۇ.- دەپتۇ.
راستىنلا ئەنجۈر دەرەخلىرىدە بىرەرمۇ پۈتۈن ئەنجۈر تېپىلماپتۇ. قۇشقاچلار يېرىمىنى ياكى بۇلىڭىنى يەپ قويغان ئەنجۈرلەردىن ساناقلىقلا تېپىلىدىكەن. بالىلار شۇلارنى بولسىمۇ تېرىپ يىيىشكە باشلاپتۇ. ياخشىراقلىرىنى پەستىكى قىزلار تاشلاپ بېرىپتۇ.
بىر چاغدا چەتتىكى ئىگىز ئەنجۈرگە چىقىۋالغان بىر بالا " بالىلار نىمە پۇراۋاتىدۇ؟....شۇنداق سېسسىق" دەپتۇ. بالىلار ئەتراپنى پۇراشقا باشلاپتۇ. راستىنلا باياتتىن دىققەت قىلمىغانمۇ ئەنجۈرلۈكنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى ھاك كۆلچەكلىرى تەرەپتىن سېسىق پۇراق كېلىۋاتقان ئىكەن. "سېسىق پۇراۋاتىدۇ" دىگەن بالا تېخىمۇ ئىگىزگە يامىشىپتۇ ۋە كۆلچەكلەر تەرەپكە قاراشقا باشلاپتۇ.
- قاراڭلار! ئىتلار بىر كۆلچەكنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋاپتۇ.- شۇ تەرەپتىكى ئەجۈرگە چىقىۋالغان بىر نەچچە بالىمۇ كۆرۈپتۇ. "راست قاراڭلار ساقارىلارمۇ باركەن....كۆلچەكتە بىر نەرسىنىڭ ئۆلۈكى باردەك قىلىدۇ.....بېرىپ باقامدۇق ؟....." ئەنجۈر ئىزدەش ئۇنتۇلۇپتۇ.  
نىياز ئالدى بىلەن پەسكە چۈشۈپتۇ.
- مېڭىڭلار كۆرۈپ باقايلى......
ئەنجۈرگە چىقىۋالغانلار چۈشۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا قىزلارنىڭ ئىچىدىكى چىرايى يۇپ-يۇممۇلاق توپچىگۈل دىگەن قىز:
- مەن بىلىمەن. ساقچىلار ئۇ يەرگە تاز قاراقچىنىڭ ئۆلۈكىنى تاشلىۋېتىپتۇ. دادام يەر سۇغارغاندا كۆرۈپتۇدەك.- دەپتۇ.
- تاز قاراقچىنىڭ تۇققانلىرى يوق . ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ھېچكىم ئالماپتۇ......- سەيپى ئېغىزىدىكى ئەنجۈر قېقىنى چاينىغاچ يەنە؛
- مەمەت ئاۋاقنىڭ ئۆلۈكى بىر كېچىدە يوقاپ كېتىپتۇ. قىرىق يىگىتلەر ئېلىپ كېتىپتۇ دەيدۇ- دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ.
بالىلار ھاك چىلايدىغان كۆلچەكلەر تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ.
- ياق. مەمەت ئاۋاق ئۆلمەپتۇ. ئۇنىڭ پىشانىسىدە پەيغەمبەر تامغىسى باردەك. شۇڭا ئوق ئۆتمەيدىكەن. ساقچىلارنىڭ ئۆلتۈردۇق دىگىنى باشقا ئادەمكەن.- نىياز ئالدىدا كېتىۋېتىپ بالىلارغا چۈشەندۈرۈپتۇ.
يېشى كىچىكرەك، ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىۋالغان بىر بالا چۈشىنەلمەي سوراپتۇ؛
- ئۇ تامغىنى قانداق باسقاندۇ ؟ ئاغرىمدۇ ؟- دەپ سوراپتۇ. نىياز دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ؛
- قارا، ئۇ تامغىنى مەمەت قوساقتىكى چاغدىلا پەرىشتىلەر بېسىپ قويغان. ئاغرىمايدۇ- دەپتۇ.
بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەمزە غەلىتىكەن. قەيەردە ئادەم توپلاشسا بېرىپ پاراڭ تىڭشايدىكەن. بېلىدىن مەيدىسىگىچە ئەسكى پۇرۇشلاردىن ئۆرۈۋالغان بىر ئاغامچىنى ئۆراپ يۈرۈيدىكەن. شۇڭا رەڭلىك ساۋۇت كىيىۋالغاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇ سۆزگە ئارىلىشىپتۇ؛
- ئاخشام بىزنىڭ ئۆيگە ئايدىن تۈرۈكلىرى كەلدى. كېچىچە داداملار بىلەن پاراڭلاشتى. مەن ئۇخلىغان بولىۋېلىپ پارىڭىنى تىڭشىسام، ئۇلار مەمەت ئاۋاق يارىلاندى. ھازىر ساقىياي دىدى، دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتى. شۇنداق پەس ئاۋازدا دىيىشتى. ئەمما مەن ئاڭلاپ قالدىم.- ھەمزە شۇنداق دىيىشى بىلەن يىتەرگۈل ھەمزەنىڭ سۆزىنى بۆلۈپتۇ؛
- مەمەتكە ئوق تەگمەيدۇ. يارىدار بولمايدۇ. چوقۇم زۇكام بولۇپ قالغان گەپ. سەن ئوبدان ئاڭلىماپسەن- دەپتۇ. نىياز ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا؛
- ھەمزە چوڭلارنىڭ پاراڭلىرىنى تىڭشىساڭ بولمايدۇ. بولمىسا تىلىڭ ساڭگاللاپ قالىدۇ. ساقچىلار مەمەتنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلمەي يۈرۈيدۇ. بۇنى ئاڭلىۋالسا چوقۇم تېپىۋالىدۇ. تېپىۋالسا سېنىڭچە ياخشىمۇ !؟- دەپتۇ.
ھەمزەنىڭ چىرايى ساغىرىپ كېتىپتۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ. ئۇلار مەمەتنىڭ پارىڭى ھارام بولغاندەك قايتا ئېغىزغا ئالماپتۇ.
بالىلار ھاك كۆلچەكلىرى بار تۆپىلىككە يېتىپ كەپتۇ. بۇ يەردە سېسىق پۇراق شۇنداق كۈچلۈك بولۇپ تىنغىلى بولمايدىكەن. ئوتتۇرىدىكى چوڭراق بىر كۆلچەكنىڭ ياقىسىدا ساقارىلار بىر تەرەپتە يەنە بىر تەرىپىدە بولسا تۆت-بەشتەك ئىت كۆلچەككە قاراپ تۇرغان ئىكەن.
بالىلار قوللىرى بىلەن تۇمشۇقىنى توسىۋاپتۇ. مېڭىشتىن توختاپتۇ. يىراقتىن ئىتلارغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپتۇ.  نىياز قىزلارغا؛
- ئاۋال ئوغۇللار بېرىپ باقايلى، سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار-دەپتۇ. يىتەرگۈل ئېغىز-بۇرنىنى توسىۋالغان بولغاچقا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ.
نىياز ئالدىدا سەيپى ئۇنىڭ كەينىدىن، قالغانلار ئۇلارغا ئەگىشىپ كۆلچەكنىڭ بويىغا كەپتۇ. بالىلار قارىغۇدەك بولسا كۆلچەكنىڭ يۈزى كۆكۈش نۇر بىلەن لىق تولغان ئىكەن. نۇرلار توختىماي جىمىرلاپ تۇرىدىكەن. ئۇلار يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن تۇيۇقسىز كۆلچەكتىكى نۇرلار ئاسمانغا غايەت چوڭ فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ. ئىككى مېتىردەك ئىگىزلەپ ئاندىن ئەتراپقا يېيىلىشقا باشلاپتۇ. ئەسلىدە مىڭلىغان كۆكۈش كېپىنەكلەر كۆلچەك يۈزىگە قونۇۋالغان ئىكەن.
كېپىنەكلەر ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن ھاك كۆلچىكىدىكى تاز قاراقچىنىڭ جەسىتى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ قىپيالىڭاچ بولۇپ بىر پۇتى يوقكەن. يەنە بىر پۇتنىڭ ئورنىدا گۆشسىز قىزغۇچ ئۇستىخانلا قالغان ئىكەن. سىڭار كۆزى ئوچۇق بولۇپ ئاسماننىڭ نەرىگىدۇ مىختەك قارايدىكەن. بالىلار بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ شۈركىنىپ كېتىپتۇ.   
ئۇلار بىر دەم قارىشىپ تۇرۇپلا كەينىگە قايتىپتۇ. قىزلار تۇرغان جايغا كېلىپ ئۇلارنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ پەسكە ئەنجۈرلەرنىڭ يېنىغا كېلىۋاپتۇ.
ئوغۇللار قىزلارغا كۆرگەنلىرىنى بەس-بەستە سۆزلەپ بېرىپتۇ.
نىياز ھېچنىمە دىمەپتۇ. باشقىلارغا قارىغىنىچە جىمجىت قاراپ تۇرىدىكەن.
كېيىن قالغانلارمۇ جىمىپ كېتىپتۇ. جىم-جىتلىقنى يىتەرگۈل بۇزۇپتۇ؛
-بىچارە ! ھېچنىمىسى يوق يالغۇزكەن.....
يىتەرگۈلنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ. بىر تەرەپكە قارىۋاپتۇ. سەيپى بۇنى كۆرۈپ بالىلارغا؛
- ئىتلارنى قوغلىۋېتەيلى. قاراڭغۇ چۈشكىچە شۇ يەردە قاراپ ئولتۇرايلى. بولمىسا تاز قاراقچىنى ئۇلار يەپ كېتىدۇ.......ئەتە ئەتتىگەن كېلىپ ئۇنىڭغا يەنە قارايلى. - دەپتۇ. نىياز بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ؛
-  ئىتلار بۈگۈن كېچىلا ئۇنى يەپ كېتىدۇ- دەپتۇ. ھەممەيلەن يەنە جىمىپ كېتىپتۇ. يىتەرگۈل كۆزلىرىنى سۈرتىۋېتىپ؛
- بىچارىنى كۆلچەكتىن چىقىرۋالايلى، ھاشىرلارنىڭ قوتىنىغا قويۇپ قويايلى-دەپتۇ. ئارىدىكى ھاشىر دىگەن بالا ئالدىغا چىقىپتۇ. كۆزلىرىدە ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ بولغان كەسكىنلىك چاقنايدىكەن. نىياز ئۇنىڭغا قاراپ؛
- شۇنداق قىلامدۇق ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھاشىر بېششىنى ئىتتىك لىڭشىتىپ؛
- داداملار يازدا قوتانغا كەلمەيدۇ- دەپتۇ. ھەممىسىدە بىر جانلىنىش باشلىنىپتۇ. نىياز ئۇلارغا؛
- ئەتە ئەتتىگەن ھەممىمىز كېلىپ تاز قاراقچىنى ئەنجۈرلۈكنىڭ يېنىدىكى چوڭ سىدىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويايلى – دەپتۇ.
چوڭ سىدە بالىلار داۋاملىق ۋەزىر، خىزىر ئويۇنى ئوينايدىغان خىلۋەت يەر ئىكەن. بۇ گەپ ھەممەيلەنگە يېقىپتۇ.
ئۇلار قوللىرىغا تاياقلارنى ئېلىشىپ كۆلچەككە قاراپ مېڭىپتۇ. بالىلار كەلگەندە كۆلچەكنىڭ ئىچىدىكى كۆكۈش كىپىنەكلەر يەنە بىر قېتىم ئاسمانغا كۆتۈرلۈپتۇ.
بالىلار قولىدىكى تاياقلار بىلەن ئىتلارنى قوغلاپتۇ. ئىتلار خوشياقمىغاندەك مېڭىشىپ بەك يىراقلاپ كەتمەي قاراپ تۇرۇپتۇ. ساقارىلار بولسا كۆلچەكنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىدىكەن.
بالىلار شۇنچىلىك خوشالكەن. ئۆزلىرىنىڭ چوڭلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلىنىدىكەن. سېسىقچىلىقنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. بۇرۇنلىرى ھېچنىمىنى پۇرىمايدىكەن.
نىياز ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خەنتىيىنى تاز قاراقچىنىڭ قوسىقىغا يېپىپ قويۇپتۇ. سەيپىنىڭ چاپىنى يېڭىكەن. ئىلگىرى ئاكىسى كىيگەن بولۇپ بىرمۇ يامىقى يوقكەن. ئۇ ئامراق چاپىنىنى تاز قاراقچىدىن ئايىماپتۇ. ئەمدى پەقەت گۆشسىز يالغۇز پۇتلا ئوچۇق قاپتۇ.
نىياز بىلەن سەيپى ئۆلۈكنىڭ قوللىرىدىن تارتىپتۇ. ھاك سۈيىگە يېرىم چىلىنىپ تۇرغان ئۆلۈك قىرغاققا يېنىكلا چىقىپتۇ. كۆكۈش كېپىنەكلەر بالىلارنىڭ ئۈستىدە، يانلىرىدا توختىماي ئايلىنىدىكەن. يىراقتىن قارىغان ئادەمگە بىر توپ بالا جىمىرلاپ تۇرغان كۆكۈش نۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك كۆرۈنىدىكەن.
تاز قاراقچىنى ئېغىلغا ئاپارماق قىيىنكەن. نىياز بىلەن سەيپىدىن باشقىلار كىچىككەن. نىياز ھەمزەگە:
- ئاغامچاڭنى ئىشلىتەيلى- دەپتۇ. ھەمزە ئاغامچىسىنى يېشىپ بېرىپتۇ. ئۇچىسىدا ئۈچ خىل رەختىن تىكىلگەن مايكىسىلا قاپتۇ. ئۇنىڭ مايكىسىنى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقماپتىكەن. ھەممىسى كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.
بالىلار ئۆلۈكنى ئاغامچا بىلەن باغلاپ سۆرەپتۇ. كېپىنەكلەر ئۇلارنى ئارىسىغا ئېلىۋاپتۇ. باشلىرىغا، كۆزلىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ئۆلۈكنى سۆرەپ يۈرۈپ ھاشىرلارنىڭ قىشلىق قوتىنىغا ئېلىپ كەپتۇ. تاز قاراقچىنى ئېغىلغا ئەكىرىپ قويۇپ  قوتاننىڭ ئىشىكىنى پۇختا قىلىپ تاقاپتۇ. ئەگىشىپ كەلگەن ئىتلار ئۇلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرىدىكەن.
ھەممىسى ئەتە ئەتتىگەندە مۇشۇ يەردە ئۇچراشماقچى بولۇپ تارقىلىپتۇ.

تاز قاراقچىنىڭ كېپىنى
 
چوڭلار ئۇنى كۆستىبەك بەكرىنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى دەيدىكەن.
ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى  ھېچكىم بىلمەيدىكەن. شۇڭا تاز قاراقچى دەپلا ئاتايدىكەن.
تاز قاراقچىنىڭ بېشى تازكەن. يازدا ياكى قىشتا بولسۇن بېشىدىن تېرە تۇمىقىنى ئالمايدىكەن. ئۇنىڭ قاچاندىن باشلاپ نىمە ئۈچۈن قاراقچى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ يېزىسىنى بىلىدىغانلارمۇ يوقكەن.
تاز قاراقچى قەدىمقى ناخشىلارنى ئېيتالايدىكەن. ئۇ ناخشا ئېيتقاندا، ئاڭلاۋاتقانلار ئۆزىنى ئۇنتۇپ يىراقلارغا بەكمۇ يىراقلارغا بېرىپ قالغاندەك بولىدىكەن. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كۆرگەندەك يىغلىغۇسى كېلىدىكەن.   
ئۇ كىچىك بالىلارغا ئامراقكەن. ھەر قېتىم قايسىلا يېزىغا كەلسۇن يانچۇقلىرىدا ساقلاپ قويغان كەمپىت-ئۇششاق ناۋات، جىگدە-قاققا ئوخشاش تاتلىقلارنى كۆرگەنلا بالىغا بېرىدىكەن. ھەرقانداق چاغدا ئۇنىڭ يانچۇقىدىن بۇنداق نەرسىلەر چىقىپلا تۇرىدىكەن. بالىلارغا گۆر ئوغلىنىڭ ھىكايىلىرىنى، قۇرقۇتنىڭ پاراڭلىرىنى سېلىپ بېرىدىكەن. قوراللىرىنى بىرەر دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ ئۇلار بىلەن چامغۇر يۇلۇش، دۈم-دۈم ئويۇنلىرىنى ئويناپ كېتىدىكەن. خۇددى كىچىك ۋاقتىدا تۈزۈك ئويناپ باقمىغاندەك ھەممىنى ئۇنتۇپ بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىدىكەن. بالىلارمۇ ئۇنىڭ قاراقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك، ياكى تاز بېشىدىكى چالپاقلارنى كۆرمەيدىغاندەك ئامراقكەن. يېزىلارغا كەلسىلا كەينىدىن چىقماي چاپلىشىۋالىدىكەن.
مانا بۇ ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ يوقىتىش تىزىملىكلىدىكى مۇھىم جىنايەتچىكەن.
چۈنكى ئۇ تورۇس تەۋەسىدىكى چوڭ بايلارنى، تىقىلىپ كەتكەن ئەمەلدارلارنى بۇلايدىكەن. ئۇ بىر ئادەمنى بىر يىلدا بىر قېتىملا بۇلايدىكەن. بۇلىماقچى بولغان ئادىمىنىڭ پىشانىسىگە تاپانچىسىنى تىرەپ تۇرۇپ " بۇ يىللىق زاكاتنى چىقار ؟! " دەيدىكەن. بۇلانغان باشلىق ياكى باي " مەسچىتكە گىلەم سالغانتىم. دوقمۇشتىكى قەلەندەرگە سەدىقە بەرگەنتىم. شۇلار زاكات ئەمەسمۇ ؟..." دەپ باقىدىكەن. تاز قاراقچى پۇل تېپىشنى بىلىپ زاكات ئايرىشنى بىلمەيدىغاننىڭ ئېغىزىغا ئۇرىدىكەن. " خۇدانى ئالدىماقچى بولغان ئېغىزىڭ مۇشۇمۇ " دەيدىكەن. ئاندىن ئۇلارنىڭ پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى ساناپ زاكىتىنى ھېساپلاپ مەجبۇرى ئالىدىكەن.
زاكاتنى مەجبۇرى بەرگەنلەر ئەتىسى بامدات نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپلا ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ تاز قاراقچى تەرىپىدىن بۇلانغانلىقىنى مەلۇم قىلىدىكەن.
تاز قاراقچى مۇشۇنداق قاراقچى ئىكەن.

****************************************************
نىياز قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆيىدىن چىقىپتۇ. ئۇددۇل پوچتىخانا خىزمەتكارلىرى ئولتۇرىدىغان مەھەلىگە بېرىپتۇ. ئەتراپ كېچە قاراڭغۇلىقى بىلەن جىم-جىتكەن. ئۇ قەدەرىيە خانىمنىڭ ئىشىكىگە بېرىپتۇ. چىراق ئۆچۈككەن. نىياز تامدىن مايمۇندەك ئارتىلىپ، ھويلىغا مۈشكتەك چۈشۈپتۇ.
قەدەرىيە خانىمنىڭ پوچتىخانىدا ئىشلىگەن ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ھازىر ئۆزى يالغۇز تۇرىدىكەن.
نىياز ئىلگىرى ئۈزۈم ئوغۇرلاپ يىيىش ئۈچۈن بۇ ھويلىغىمۇ نەچچە رەت كىرىپتىكەن. ھويلىغىلا ئەمەس، بۇ ئايالنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىپتىكەن. قەدەرىيە خانىم قاتتىق ئۇخلايدىكەن. ھەر قېتىم ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى سەزمەيدىكەن. نىياز شۇ چاغدا بۇ ئايالنىڭ مىس قاپلانغان چوڭ ساندۇقىنى ئېچىپ ھەر-خىل مارجانلار بىلەن نۇرغۇن گۈللۈك يوتقان تاشلىرىنى كۆرۈپتىكەن. ھازىر ئەشۇ يوتقان تاشلىرى تاز قاراقچىغا لازىم بولىدىكەن.
نىياز قەدەرىيە خانىم ئۇخلايدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىگە بېرىپتۇ. تىنجىق كېچە بولغاچقا ئىشىك ئوچۇقكەن. چىراق ئۆچۈككەن. بىراق قەدەرىيە خانىم ئويغاقكەن. ئۇخلىمىغان ئىكەن.
نىياز بىر ئادەمنىڭ ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغانلىقىنى ئۇنىڭ نەپەسلىنىشىدىن بىلىدىكەن. ھەتتا بىرەيلەننىڭ قانداق نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ نىمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلەيدىكەن.
قەدەرىيە خانىم ئۇخلىمىغان ئىكەن. نىياز ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىدىن بىلىۋاپتۇ. قەدىريە خانىم خىيال قىلىپ ياتىدىكەن. ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ قويىدىكەن. تۇرۇپلا "ئۇھ" تارتىپمۇ قويىدىكەن.
نىياز ئۇنىڭ نىمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاپتۇ. يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. قەدەرىيە خانىمنىڭ خىيالىنى دىيىشكە بولمايدىكەن. ئەيىپ بولىدىكەن. سەت بولىدىكەن.
نىياز ئىشىكنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ساقلاپتۇ. بۇ ئايالنىڭ ئۇخلىشىنى ساقلاپتۇ. شۇنداق ئۇزۇن ساقلىسىمۇ ئۇ ئايال ئۇخلىمايدىكەن. ھېلىقى خىياللارنى قىلىۋېرىدىكەن. نىياز ئالدىرايدىكەن. ئىچىدە ئەسكى ئىشلارنى خىيال قىلىدىغان بۇ خوتۇننى تىللايدىكەن. خۇدادىن ئۇنى ئۇخلىتىپ قويۇشنى تىلەپتۇ. " ئۇلۇغ خۇدا ، بۇ خوتۇن خىيال قىلمىسا نىمە بولار......بىر ئۇخلىتىپ قويساڭ......" ئەمما قەدەرىيە خانىمنىڭ نەپەسلىنىشى ئۆزگەرمەيدىكەن. يەنىلا شۇنداق خىياللار ".....ئۇلۇغ خۇدا ! بۇ خوتۇن خىيالنى ئاز قىلسۇن. بولمىسا ياخشى بەندەڭ تاز قاراقچى كېپەنسىز قالىدۇ......"
نىياز ئۆزگەرمەس نەپەسلىنىشنى ئاڭلىغىنىچە ئىشىك تۈۋىدە ئۆزى ئۇخلاپ قاپتۇ.
بىر چاغدا چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ. ئالەم يورۇشقا باشلىغان ئىكەن. قەدەرىيە خانىمغا دىققەت قىپتۇ. ئۇنىڭ نەپەسلىنىشى ئۆزگەرگەن، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ئىكەن.
نىياز ئالدىراپتۇ. ئالدىراپ بېرىپ ساندۇقنى ئېچىپتۇ. ساندۇقنىڭ ئىچىدىن كېلىۋاتقان يالپۇز پۇرىقى باشلىرىنى قايدۇرۇپتۇ. قولىنى ساندۇققا تىقىپتۇ. سىلاپ يۈرۈپ " بىسمىللا..." دەپ بىر يوتقان تېشىنى ئاپتۇ. قوينىغا ساپتۇ. " خۇدايىم، ياخشى بەندەڭگە ئەڭ چىرايلىقىنى ئالغان بولاي... " دەپ پىچىرلاپتۇ. ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاستا يېپىپ قويۇپ  ئۆمۈلەپ ئىشىكتىن چىقىپتۇ. تامدىن ئارتىلىپ ھويلىدىن چىقىپتۇ. يولغا چۈشكەندە يۈرىكى ئورنىغا چۈشۈپتۇ. يۈگۈرگنىچە ھاشىرلارنىڭ قوتىنىغا كەپتۇ. قوتان ئەتراپىدا ئىتلارمۇ يوقكەن. ھېچكىم يوقكەن.
ئالەم تولۇق يورۇپتۇ. نىياز قوتاننىڭ ئالدىدىكى ياغاچ ئوقۇرغا يۆلەنگىنىچە باشقىلارنى ساقلاپتۇ.
يىراقتىن سەيپى كۆرۈنۈپتۇ. قولىدا كىچىك كەتمەندىن بىرى ئىكەن. يەنە بىر قولى بىر نەرسىنى سۆرەپ كېلىدىكەن. يېققىن كەلگەندە ئۇنىڭ بىر پارچە بورا ئىكەنلىكى بىلىنىپتۇ.
- سەن قاچان كەلدىڭ ؟ - سەيپى كېلىپلا نىيازدىن سوراپتۇ:
- قاچچىندى ...بورىنى نەدىن تاپتىڭ ؟ - نىياز بورىنى كۆرۈپلا "بىزنىڭ تاز قاراقچىنىڭ چىرايلىق كېپىنى بىلەن بورىسىمۇ بار بولدى..." دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ.
سەيپى ئالدىرىماي نىيازنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. قولىدىكى بورىنى يېنىغا قويۇپتۇ. قايرىلىپ قالغان يېرىنى ئوڭشاپتۇ. قىلغان ئىشىدىن خوشالكەن. نىيازغا قاراپ ئالدىرىماي:
- باغچىدىكى سۇپىنىڭ ئىدى. ئۆيدىكىلەرگە دىمەي ئېلىپ چىقتىم. سورىسا كۆرمۈدۈم دەيمەن- دەپتۇ. ئاۋازىدا بىر مەمنۇنلۇق بار ئىكەن. نىياز قۇچىغىدىكى قاتلاۋېرىپ كىچىككىنە قىلىپ قۇچاغلىۋالغان يوتقان تېشىنى كۆرسۈتۈپتۇ. سەيپىنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كېتىپتۇ:
نەدىن ئالدىڭ ؟!- ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ.
نىياز كېچىدە قەدەرىيە خانىمنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاپ قالغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەمما سەيپىگە ئۇ ئايالنىڭ قىلغان خىياللىرىنى دىمەپتۇ. سەت بولمامدۇ ؟!
ئىككىسى بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ قويۇپتۇ.  
قىزىرىپ چىققان كۈن ئاقىرىپ بىر غېرىچ ئىگىزلەپتۇ. يىراقتىن كېلىۋاتقان بالىلار كۆرۈنۈپتۇ. يىتەرگۈل بىلەن ھەمزە ئالدىدىكەن. قالغانلار كەينىدىن يۈگۈرەيدىكەن. ئۇلارغا قاراپ نىياز بىلەن سەيپى كۈلۈپتۇ. يىتەرگۈل كېلىپلا چىرايلىق ئايال سۈرىتى بار بىر قۇتىنى چىقىرىپتۇ:
-ئايشەم ئاچامنىڭ ساندۇقىدىن ئالدىم. ئەتىرلىرى جىق. تاز قاراقچىنى ئەتىرسىز كۆممەيلى دىدىم. ئوغۇرلىغاندىكىن يامان بولۇرمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ. نىياز :
- نىمىشقا يامان بولىدۇ؟! بىز تاز قاراقچىغا ئىشلىتىمىز. سورىساقمۇ بېرەتتى- دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپتۇ. بۇ گېپى بىلەن ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى كۆتۈرلۈپ قاپتۇ.
بالىلار ئېغىلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپتۇ. تاز قاراقچى جايىدىكەن. تۆنۈگۈنكىگە قارىغاندا بەدەنلىرى سەل كىچىكلەپ قاپتۇ. ھەمزە ئۇنىڭ بېششىغا قاراپلا ۋارقىراپتۇ:
- قاراڭلار بېششىغا!......قاپقارا چاچلىرى باركەن.....-بالىلار قاراپتۇ. راستىنلا سويۇلۇپ كەتكەن چالپاقلارنىڭ ئورنىدا قاپقارا قويۇق قىسقا چاچلار بار ئىكەن. بالىلارنىڭ بەدەنلىرى ئىللىق غۇژۇلداپتۇ؛
- خۇدايىمنىڭ ياخشى بەندىسى. كۆردۈڭلارمۇ ؟ چاچلار ئۈنۈپتۇ.- نىيازنىڭ ئاۋازلىرى غاراڭ-غۇرۇڭكەن.
يىتەرگۈل:
- سىلەر كېپىنەكلەرنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ ؟ كېپىنەكلەر گۈلگە قونىدۇ. ئاندىن ئەڭ ياخشى ئادەملەرگە قونىدۇ. تاز قاراقچىغا ھەممىدىن جىق كېپىنەك قونۇپتىغۇ.....- دەپتۇ. توپچىگۈل ئاستا بېرىپ تاز قاراقچىنىڭ بېشىدىكى قارا چاچلارنى سىلاپ بېقىپتۇ.
بالىلار ھەيرانكەن. "ئەسلىدە تاز قاراقچىنىڭ شۇنداق چىرايلىق چاچلىرى بار ئىكەن. ئۇ نىمىشقا دىمىگەندۇ ؟" دەپ ئويلايدىكەن.
نىياز خوشالكەن. كېپىنەكلەر، گۈللۈك يوتقان تېشى يەنە قارا چاچلار بىلەن تاز قاراقچى خۇددى پەرىشتىكەن.
- بالىلار تاز قاراقچىنىڭ كېپىنى بار. بورىسى بار يەنە ئەتىرلىرى بار بولدى.....مەن، ھەمزە، سەيپى ئۈچەيلەن يەرلىك كولايلى....سىلەر قومۇش يۇلۇپ كېلىڭلار.....ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى بار بولسۇن- دەپتۇ نىياز. سەيپىنىڭ يادىغا بىر ئىش كەپتۇ. ئالدىراپ سوراپتۇ؛
-  مىيىت نامىزىنىچۇ ؟- . بالىلار تېڭىرقاپ قاپتۇ. چۈشىنەلمەپتۇ. توغرا ناماز دىگەننى چوڭلار ئوقۇيدىكەن.
بىراق ھەمزە چىدىمايدىكەن. ئاڭلىغان سۆزنى دەۋەتكۈسى كېلىدىكەن. چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغان گەپنى يەنە دەۋېتىپتۇ.
- دادام شېھىتلارنىڭ نامىزىنى ئادەملەر چۈشۈرمەيدۇ. پەرىشتىلەر چۈشۈرىدۇ...دىگەنتى.
بالىلار بىر- بىرىگە قارىشىپ قاپتۇ. نىياز ھەمزەنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويۇپتۇ. سەيپى ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپتۇ. ھەممىسىنىڭ چىرايىنى خوشاللىق قاپلاپتۇ.
- تاز قاراقچى دىگەن شېھىت!. ئۇنى ئەسكىلەر ئۆلتۈردى.
-       كېپىنەكلەر قوغدىدى.....
- ئەسكى ئادەملەرنىڭ ئەدىۋىنى بېرەتتى...
- ھەممە ئادەمگە پۇل بېرەتتى....
بالىلار چۈقىرىشىپ بىر-بىرىگە يول قويماي تاز قاراقچىنىڭ شېھىت ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىپتۇ.........
ئۈچەيلەن يالغۇز سېدىنىڭ تۈۋىگە يەرلىك كولاپتۇ. قېرى سېدىنىڭ يىلتىزلىرى ئەتراپنى قاپلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتتىگەندىن ناشتا قىلمىغان بولغاچقا پۇت-قوللىرىدا جان يوق ئىكەن. شۇنداق تەستە كولاپتۇ. باشقا يۇمشاق يەرنىمۇ ئىزدىمەپتۇ. چىداپتۇ. چۈنكى بۇ يەر ئەڭ چىرايلىق يەر ئىكەن. قومۇشقا كەتكەن بالىلار ھەر بىرى كۆتۈرەلىگەنچە قومۇش يۇلۇپ كەپتۇ.
ئاخىرى بەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ يەرلىك پۈتۈپتۇ.
تاز قاراقچىغا ئەتىر سېپىپتۇ. تاز قاراقچى ئۆمرىدە بۈگۈنكىدەك پۇراقلىق بولۇپ باقماپتىكەن. شۇنداق تاتلىق پۇراپ ياتىدىكەن. ھەر خىل گۈللىرى بار، تۈركىيەدىكى ئەڭ چىرايلىق رەختنى ئۇنىڭ ئاستىغا سېلىپتۇ. تاز قاراقچى تاتلىق پۇرىغىنىچە گۈللەر ئۈستىدە ياتقاندەك كۆرۈنىدىكەن. نىياز ئۆزى بىلىدىغان قىسقا سۈۋرىلەرنى ئوقۇپ ئۇنى كېپەنلەپتۇ. سەيپى سۈرە بىلمەيدىكەن. بىلىدىغىنى بىسمىللاكەن. شۇڭا توختىماي بىسمىللانى ئوقۇپتۇ. كېپەنلەپ بولغاندىن كېيىن سەيپىنىڭ بورىسىغا ئوراپتۇ. ھەمزەنىڭ گۈللۈك ئاغامچىسى بىلەن ئاستا سېرىلدۇرۇپ يەرلىككە چۈشۈرۈپتۇ. ئۈستىگە چاتقاللارنى يېپىپتۇ. چاتقاللار شۇنداق جىقكەن. بەش مىيىتكە يەتكۈدەك چاتقال بار ئىكەن. مىيىتنىڭ ئاستىغا، ئۈستىگە يانلىرىغا ئايىماي ئىشلىتىپتۇ. چاتقال جىق بولسا تاز قاراقچىغا ئازراقمۇ توپا تەگمەيدىكەن. يۇمشاق ياتىدىكەن. كېيىن چاتقاللار ئۆسۈپ چىقىدىكەن. شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىكەن.
ئۇلاردا گۈرجەك يوقكەن بىر كەتمەن باركەن. نىياز كەتمەن بىلەن توپا تارتىپتۇ. قالغان ئوغۇللار، قىزلار قوللىرى بىلەن توپا تاشلاپتۇ.
يەرلىك توپا بىلەن توشقاندىن كېيىن ، يەردىن ئىگىزرەك قىلىپ يەنە توپا دوۋىلاپتۇ. ھەممە بالا ئەتراپتىن چىرايلىق تاشلارنى تېرىپ كېلىپ توپىنىڭ چۆرىسىگە تىزىپتۇ.
قەبرە پۈتۈپتۇ.
ھەممىسى قەبرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىپ يۈزلىرىنى سىپاپتۇ. خۇدايىمدىن "تاز قاراقچىنى جەننەتكە كىرگۈزگەيلا" دەپ تىلەپتۇ. ئۇرۇق-تۇققىنى يوق ئادەم ئۆلۈپ قالسا كېپىنىمۇ، بورىسىمۇ ھەتتا قەبرىسىمۇ بولمايدىكەن. ئەمما تاز قاراقچىنىڭ تۇققىنى بولمىسىمۇ ھەممە نەرسىسى بار بوپتۇ. ھاياتلىقىدا ياخشى كۆرگەن بالىلار ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىنى تېپىپ بېرىپتۇ.
كىچىك بالىنىڭ گۇناسى بولمايدىكەن. پاك بولىدىكەن. دۇئاسىمۇ ئىجابەت بولىدىكەن. كېيىنكىلەرنىڭ دىيىشىچە تاز قاراقچى چوقۇم جەننەتكە كىرىدىكەن.
مەجبۇرى زاكات يىغىدىغان تاز قاراقچى ئەشۇنداق يەرلىككە قويۇلۇپتۇ.  


ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ ؟!

ھۆرى ئانا بامداتنى ئۆتەپ بولۇپ ناشتىلىققا چاي قايناتماقچى بوپتۇ. ئوتۇن ئەكىرىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقىپتۇ. ئېغىلنىڭ ئىچىدە كەسلەپ قويغان ياغاچلىرى بار ئىكەن. بىر قالام ئېلىپ ئۆيىگە يېنىپتۇ. ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئات يېقىنلا يەردە كىشنەپتۇ. ھۆرىنىڭ قولىدىكى ئوتۇنلار چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئاتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپتۇ. ھۆرىنىڭ يۈرىكى تۇنۇپتۇ. ھويلىدىن چىقىپتۇ. ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتۈپتۇ. قويۇق چىغلار ھېچنەرسىنى كۆرسەتمەيدىكەن. چىغلىقلاردىن ئۆتۈپتۇ. دوڭگە چىقىپتۇ. دوڭنىڭ ئۈستىدىكى يوغان تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. ئاتنىڭ ئاۋازى چىققان يەرگە قاراپتۇ. ئالدىدىكى چوققىدا بىر ئات ھەيكەلدەك تۇرىدىكەن. مىدىر قىلمايدىكەن. يورۇۋاتقان تاڭنىڭ نۇرىدا ئاسمانغا ئويۇپ قويغاندەك پارقىرايدىكەن. ئاتنىڭ ئۈستىدە ئادەم يوقكەن.
بۇ مەمەت ئاۋاقنىڭ ئېتىكەن.
ھۆرى ئانىنىڭ يۈزى ساپ-سېرىق ساغىرىپ كېتىپتۇ. جايىدا ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. " ئات يايداقكەن...." مەيدىسىنى ئىككى قولى بىلەن مەھكەم سىقىپتۇ. مەيدىسى قاتتىق بولۇپ ئاغرىيدىكەن. " ئات يايداقكەنغۇ......"
غەيرەت قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئاتقا قاراپتۇ. ئات بايىقى يەردە كۆرۈنمەپتۇ. ھۆرى ئانا ئەتراپقا قاراپتۇ. يوق. ساقلاپ بېقىپتۇ. كۆرۈنمەپتۇ. جايىدا تۇرۇپتۇ. ئولتۇرۇپ بېقىپتۇ. ئات قايتا كۆرۈنمەپتۇ. "ھەي قېرىلىق....كۆزلىرىم مېنى ئالدىغاندۇ....."دەپ تەسەللى تېپىپتۇ. چاينىمۇ ئۇنتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. كۈن ئۆرلەپتۇ. يەنىلا يوق.....
ھۆرى ئانا ئۆيىگە قايتىپتۇ. مەھەلىگە يېققىن كەلگەندە كوچىدا قايناپ كەتكەن يېزىلىقلارنى كۆرۈپتۇ. "ئەتتىگەندە بۇنچە ئادەمگە نىمىش بولغاندۇ ؟" ماخموت يىراقتىن ھۆرى ئانىسىنى كۆرۈپ يۈگرەپ كەپتۇ. ھاسىرايدىكەن. كېلىپلا سۆز قىلالماپتۇ. دېمى يېتىشمەيدىكەن. " ھۆرى ئانا...مەمەتنىڭ ئېتى...."
ھۆرى ئانىنىڭ تاپىنىدىن كىرگەن ئاغراق مىڭڭىسىدە توختاپتۇ.
بايىقىدەك ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
-       يېزىنىڭ ئىچىدىن ئۆتتى...ئۈستىدە ئادەم يوق.......- ماخموت ئانىغا گۇناھكاردەك قاراپتۇ.
ھۆرى ئانىنىڭ كۆزلىرى ئالدىمىغان ئىكەن. يۈرىكى توختاپ قاپتۇ. قانلىرى ئۇيۇشۇپ قاپتۇ. ماخموت ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپتۇ. ئۆيىگە ئەكىرىپتۇ. يېزىلىقلار كېلىپتۇ. ھويلىدا تۇرىدىكەن. ھۆرىنى كارۋىتىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ. چىرايى تاتىراڭغۇ، بەدەنلىرى تىترەيدىكەن. ماخموت ئىسسىق چاي دەملەپتۇ. ئىچمەپتۇ. كۆڭلى نىمىنى تارتىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. بېشىنى چايقاپتۇ.
ھويلىدىكىلەر تالىشىدىكەن. ۋاراڭ-چۇرۇڭكەن.
-       مېنى ئازراق ئارامىمدا قويۇڭلار- دەپتۇ ھۆرى ئانا.
ماخموت ھويلىدىكىلەرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
ھۆرى ياتىدىكەن. بەدەنلىرى مۇزلاۋاتقاندەك تومۇرلىرىدىكى قانلار قۇرۇپ كەتكەندەك  مىدىرلىمايدىكەن.
يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيدانغا يېزىلىقلار يىغىلىپتۇ. مەمەتنىڭ ئېتى يايداقكەن. ئۇلار ئەندىشە ئىچىدىكەن. "ئات يايداق....بۇ ياخشىلىق ئەمەس"كەن.
قېرىلار سۆزلەشمەيدىكەن. ياشلارمۇ جىمكەن. ئاياللارمۇ كەمسۆزكەن. بالىلار شوخلۇق قىلمايدىكەن. بىر-بىرىگە قاراپ قېتىپ تۇرىدىكەن. ھېچكىمنىڭ قولى ئىشقا بارماپتۇ. بۈگۈن شۇنداق ئولتۇرۇشنى نىيەت قىلغاندەك بىرمۇ ئادەم بۇ يەردىن كەتمەپتۇ.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. تۇيۇقسىز سەيداخۇننىڭ ئايالى " ئاتتام..." دەۋېتىپتۇ. ئەتراپتىكىلەر چۆچۈپتۇ. سېرىق ئايال يولنى كۆرسۈتۈپتۇ. ھەممىسى قاراپتۇ. يولدا ھۆرى ئانا بۇياققا كېلىۋاتقان ئىكەن. پۈتۈن ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. بايىلا ئۆيىدە ئۆلىدىغاندەك قالغان بۇ موماي تويى بولىدىغاندەك ياسىنىۋالغان ئىكەن. بورتۇمشال ياغلىق، مېغىزرەڭ قونجۇلۇق ئۆتۈك. يېزىلىقلارنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەپتۇ. ئۇلار ھەيرانلىقىدىن بۇ ئالامەتكە داڭ قېتىپ قاراپلا قاپتۇ.
- مەن دىگەن ھۆرى! كىمدىن قالمىغان جاھان بۇ ! بۇ دۇنيا قەھرىماننى ھەمراھ قىلمايدۇ. سۇلايمان ئۆلدى. مەمەت ئۆلسە نىمە بوپتۇ.....
ھۆرى ئانىنىڭ كۆزلىرى يانىدىكەن.
-مەن بارىمەن. بېرىپ ئۇنىڭ مازىرىنى ياكى ئىزىنى تاپىمەن. ماخموت ئىشىكىڭنى ئېلىپ ئۆيگە بار! ئۇنىڭ ئىزىنى تاپىمىز....
ھۆرى ئانا شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ. يېزىلىقلار داڭ قېتىپ قاپتۇ. كېيىن ھەممىسىگە جان كىرىپتۇ. ئارىدىكى بىر قارىمۇتۇق ئايال "ھۆرەك! قالتىس ئايالدە....." دەۋېتىپتۇ. " بالا-قازانىمۇ تەمتىرتىدىغان ئايال....." دەپتۇ يەنە بىرى......
ماخموت ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا قالغان قارا يىتىمكەن. بىر نەچچە ۋاقىت كوچىدا قاپتۇ. ھۆرى ئانا بالا يۈزى كۆرمىگەن ئانىكەن. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ چىدىماپتۇ. ئۆيىگە ئەكىلىپ بېقىپتۇ. ماخموت چوڭ بولۇپ جېنىنى جان ئەتكۈدەك قىلىپ قاتارغا قوشۇپتۇ. شۇڭا ھۆرىنى ھازىرغىچە "ئانا" دەيدىكەن.
ماخموت ئىشىكىنى ئېلىپ كەپتۇ. يولچىنىڭ ئوزۇقى يولدىلا بولمايدىكەن. ھۆرى ئانا كىچىك خۇرجۇنغا ئازراق سېرىق ماي، ئۈچ تال نان ۋە بىر نەچچە تال سەۋزە سېلىۋاپتۇ. سۇدانغا  چاي ئاپتۇ. ئۇلار ئالدى-ئارقىغا قاراپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي تېزلا يولغا چىقىپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ ئويلانغۇدەكمۇ چولىسى يوقكەن. يۈرىكىنى يەۋاتقان ئەندىشە ئويلاندۇرمايدىكەن.
ئەتتىگەندە ھاۋا سوغۇقكەن. ھېلىمۇ ھۆرى ئانا ئۇچىسىغا ئويۇقلار تۇتقان پەلتوسىنى كىيىۋاپتۇ. ماخموت " ئانا، ئىشەكنى مىنىۋال" دەپتۇ. ھۆرى ئانا مىنمەپتۇ. "ئەتتىگەندە سوغۇقكەن. پىيادە ماڭاي ئىسسسىپ قالىمەن" دەپتۇ.
دەگىرمەن ئۆلۈك كەينىدە قاپتۇ. يېزىنىڭ تېرىلغۇلىرىدىن چىقىپتۇ. توقايلىقلار ئارىسىدا مېڭىپتۇ. كۆز يەتكۈسىز چېقىر تىكەنلىكنى كېسىپ ئۆتمەي ئايلىنىپ مېڭىپتۇ. تاغ سۈيى يېيىلىپ ئاققان تۈزلەڭگە چىقىپتۇ. كۆز ئالدى رەڭدار گىلىمدەك سوزۇلۇپ ياتىدىكەن. يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسى پاتقاقلىقكەن. پارچە كۆلچەكلەردە سۇنىڭ كۆزلىرى قايناپ تۇرىدىكەن. ئېھتىيات قىلمىسا ئىشەكلا ئەمەس ئۆزلىرىمۇ تىقىلىپ قالىدىكەن. ماخموت قولىدىكى تايىقى بىلەن قاتتىقراق يەرلەرنى ئىلغاپ مېڭىپتۇ. پاتقاقلىقتىن چىقىپتۇ. يولدا قويلىرىنى شەھەرگە ھەيدەپ ماڭغان پادىچىغا ئۇچراپتۇ. يىراقتىن سالاملىشىپتۇ. ھۆرى ئانا ئۇنى چاقىرىپتۇ. " چارۋاڭ ئامانمۇ؟....بالاڭ ئامانمۇ ؟" دىيىشىپتۇ. ھۆرى ئۇنىڭدىن يالغۇز يۈرگەن ئاتنى سوراپتۇ. پادىچى بايىلا كۈلۈپ تۇرغان ئىكەن. ئاتنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن چىرايىدىكى كۈلۈمسىرەش ئۆچۈپتۇ. گەپنىڭ ئايىقىنى تىڭشىماي كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆز يولىغا مېڭىپتۇ. ھۆرى ئانا ھەيران قاپتۇ. ماخموت ھەيران قاپتۇ. بۇنداق يوسۇنسىز پادىچىنى كۆرمىگەن ئىكەن.  
ئۇلار باقىرغەگە ئايرىلغان يول ئېغىزىغا كەپتۇ. يەنە چىغ ئورمىنى ئىكەن. ئالدىغا مېڭىپتۇ. چىغلىقتا شۇنداق چىرايلىق بىر بۇلاق ئۇچراپتۇ. ئارام ئالغاچ ناشتا قىلماقچى بولۇپتۇ. ھاۋا ئىسسىغان ئىكەن. ھۆرى ئانا پەلتوسىنى سېلىپ داستىخان قىپتۇ. ئۇلار ئولتۇرۇپ چاي ئىچىپتۇ. ھۆرى ئانا نانىمۇ جىق يىمەپتۇ. چاينىمۇ ئانچە ئىچمەپتۇ.
ئىشتىھاسى تۇتۇقكەن. ئالدىراپلا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭغا قاراپ ماخموتمۇ ئالدىراپتۇ. ھايال ئۆتمەي يەنە يولغا چۈشۈپتۇ. ماخموت " ئانا ھاردىڭمۇ؟ ئىشەكنى مىنىۋال" دەيدىكەن. ھۆرى ئانا "ھارمىدىم" دەيدىكەن. ئىشەكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا ماڭمايۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن. شۇڭا پىيادە ماڭغۇسى كېلىدىكەن. ماخموت "ئۆزەڭگە دىقەت قىل. يول ئۇزۇن  . چارچاپ قالما " دەپ تۇرىدىكەن. ئانا ئاڭلىمايدىكەن.
ئۇلار چىغلىقتىن ئۆتۈپ شالاڭ ئوتلۇقتا قوي بېقىۋاتقان ئون ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزنى ئۇچۇرتۇپتۇ. ئەسلى مېڭىۋەرمەكچى بوپتىكەن. ئەمما ھۆرى ئانا قىزنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ. قىز ئۇلارنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ سالام قىپتۇ. ھۆرى ئانا " سالىمىڭدىن ئايلىناي قىزىم" دەپتۇ. 
-       مېنىڭ يۇمۇلاق قىزىم سەن سارى كەچلى ئايمىقىدىنمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ ھۆرى ئانا.
-       بىز سارى كەچلى بولىمىز – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز.
-       ئىسمىڭ نىمە قىزىم؟  مەن ساڭا بىر نەرسە بېرەي
-       ئىسمىم پاتمالى...
- قارا قاشلىق، قارا كۆزلۈك، گۈزەل پاتمالىيىم، ئالە -......دەپ بىر تال ئانار بېرىپتۇ. يەنە بىر چاڭگال ئەنجۈر قېقىمۇ بېرىپتۇ. قىز قوللىرىنى ئاران چىقىرىپتۇ. تارتىنىدىكەن. قولىنىڭ ئالقىنىنى ئاران ئېچىپتۇ. ئەنجۈرلەر سىغماپتۇ. ھۆرى ئانا ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ بېرىپتۇ. ئانارنى قولىدا ئارانلا تۇتۇپتۇ.
- تارتىنما قىزىم يەۋەرگىن.- قىز ئىككەيلەنگە ئازراق قاراپ تۇرۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئەنجۈردىن بىرنى ئېغىزىغا ساپتۇ. ئاندىن ئۇلارغا قاراپتۇ. كۆزلىرىدە ئەنجۈرنىڭ تاتلىقلىقى بىلىنىدىكەن. ئۇلاردىن سوراپتۇ؛
- بۇ ئانارنى مۇسلىمغا بەرسەم بولامدۇ؟ مەن يىمىسەممۇ ئۇ يىسۇن.- دەپتۇ. كۆزلىرىدە مۇڭلىنىش پەيدا بوپتۇ. ھۆرى ئانا تېزلا؛
- بولىدۇ قىزىم. مۇسلىم نىمەڭ بولىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ئۇ مېنىڭ ئاكام. ھازىر ئاغرىق .- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
- نىمە بولۇپ ئاغرىپ قالدى دەپتۇ ھۆرى ئانا ھىسداشلىق قىلىپ. قىزچاق دەيمۇ-دىمەيمۇ دىگەندەك تۇرۇپ كېتىپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ؛
- كەرتىش ئەلى قاتتىق ئۇرۇپتۇ...- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھۆرى ئانا قىزىقسىنىپ؛
- كەرتىش ئەلى دەپ ئاڭلىغان. ئۇ بىر ساقچىغۇ، ئۇ ئاكاڭنى نىمىشقا ئۇرىدۇ- دەپ سوراپتۇ.
- مەمەت ئاۋاقنى سوراپتىكەن- قىزچاق گېپىنىڭ بېشىنى چىقىرىپلا توختاپ قاپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ ئىككى كۆزى قىزنىڭ ئاغزىدىكەن. قىزچاق بۇنداق تەشنالىق ئالدىدا ئاخىرىنى دىيىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
- سوراپتىكەن، دىمەپتۇ. دىمىسە ئۇرۇپتۇ. يەنە دەپ بەرمەپتۇ. ئاخىرى يەنە بىر ساقچى دىمىسەڭ ئىتىڭنى ئاتىمەن دەپتۇ. شۇ چاغدا مۇسلىم يالغاندىن باقىرغەگە كەتتى دەپ ئالداپ قويۇپتۇ...ئەمما ئىتىنى يەنىلا ئېتىۋېتىپتۇ... ئۇ ئىتنى بەك ياخشى كۆرەتتى...ھازىرغىچە ئىتىغا يىغلايدۇ....تاياق يىگەنگە يىغلىمايدۇ.....
ھۆرى ئانا ماخموتقا قاراپتۇ. ماخموتمۇ ھۆرى ئانىغا قاراپتۇ. ئانىنىڭ كۆزىدىن قۇتۇلغان قىز تۇيۇقسىز ئەسلىگە قايتىپتۇ؛
- سىلەر نىمە ئادەملەر.....ھەممە گەپنى سوراۋېرەمسىلەر...- دەپ ئاچچىقلاپ قويلىرى تەرەپكە كېتىپتۇ.
ھۆرى ئانا قىزنىڭ ئارقىدىن بارماپتۇ. قىز يىراققا بېرىپ ئۇلارغا قاراپ قويىدىكەن. يەنە ئالدىغا قارىۋالىدىكەن. ھۆرى ئانا ماخموتقا " بولدى ماڭايلى بالام " دەپتۇ. يىراقتا ئۇلارنى كۈزىتىۋاتقان قىزغا قاراپ" قىزىم ئانارنى مۇسلىمغا بەر. ئۇ بەك ياخشى بالىكەن" دەپتۇ.
ئۇزۇن ماڭمايلا ئۇلارغا سۇ بويىدا كىر يۇۋاتقان تۈركمەن ئاياللار ئۇچراپتۇ. بېشىغا تاجىلىق تەقىي دوپپا كىيىپ، ئالدىغا گۈللۈك پەرتۇق تارتىۋالغان ئاياللار يىراقتىن سۇ بويىدا ئېچىلغان يوغان گۈللەردەك كۆرۈنۈپتۇ.
ھۆرى ئانا ئۇلار تەرەپكە مېڭىپتۇ. ئاياللارمۇ ئۇنى كۆرۈپتۇ. ھۆرى ئانا ئۇلارنى چۆچۈتمەي دەپتۇ. يېتىرقىمىسۇن دەپتۇ؛
- ئەسسەلام ئاغىچىلىرىم. كىر يۇۋاتامسىلەر ؟ مەن ھۆرى خاتۇن بولىمەن. بۇ ئۆزۈم تۇغماي باققان ئوغلۇم بولىدۇ-دەپتۇ. ئاياللار كۈلۈشۈپتۇ. قىزغىن بوپتۇ. ھۆرى ئانا؛
- كىمدىنلا سوئال سورىسام قېچىپ كەتتى. سىلەرمۇ قېچىپ كەتمەڭلار ئاغىچىلار....- دەپتۇ. ئاياللار بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ؛
- بولدى سورىمايلا قوي. ئۇنىڭ جاۋابىنى بىزمۇ بىلمەيمىز...- دىيىشكىنىچە يۇيۇپ بولمىغان كىرلىرىنى كۆتۈرشۈپ سۇنىڭ بېشىغا كېتىشىپتۇ.
ھۆرى ئانا ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالاي دەپتۇ. ماخموت ئۇنىڭغا " بولدى ئاچچىقلانما....تۈركمەن دىگەن شۇنداق بولىدۇ. بايىقى كىچىككىنە قىزنى كۆرمۈدۈڭمۇ ؟ " دەپتۇ. ھۆرى ئانا " مۇشۇنداق بولىۋەرسە بىز مەمەتنىڭ ئىزى تۇرماق ئىسمىنىمۇ تاپالمايمىز..." دەپتۇ. ماخموت " ئەڭ ياخشىسى سارى كەچلىنىڭ چوڭى بولغان باتتال ئاغىنى تاپايلى. مەمەت توغرىلىق پەقەت شۇلا بىر نەرسە دىيەلەيدۇ" دەپتۇ.
تۈركمەننىڭ چېدىرى
 
نامازدىگەر بىلەن ئۇلار تاقىر چوققىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئالدىدىكى ئەگىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تاغلار ئارىسىدىكى ئورمان ۋە يايلاق كۆرۈنۈپتۇ. ئورمان ياقىسىدا تۈركمەنلەرنىڭ قارا كىگىز چېدىرلىرى بار ئىكەن. ئۇلار شۇ تەرەپكە مېڭىپتۇ. چېدىرلارنىڭ ئەتراپىدا سېغىش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان كالىلار، قويلار ئوتلاپ يۈرگەن ئىكەن. بىرنەچچە تۈركمەن بىر چېدىرنىڭ يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىكەن. ھۆرىلەرنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ چېدىرلارغا تارقىلىپ كېتىپتۇ. ھۆرى ئانا ئاچچىغىدا "...ھۇ سىلەرنى...." دەۋېتىپتۇ.
ئېرىق بويىدىكى چېدىرلارنىڭ ئارىسىدا بەش خادىلىق ھەيۋەتلىك بىر چېدىر بار ئىكەن.  بۇ چوقۇم باتتال ئاغىنىڭ چېدىرى ئىكەن. ھازىر ھەممىلا تۈركمەن بۇنداق چېدىر تىكەلمەيدىكەن. ئۇلار چېدىر ئالدىغا كېلىپتۇ. ماخموت ۋارقىراپتۇ
-       باتتال ئاغا، ھەي باتتال ئاغا.... ئاللانىڭ مېھمىنى كەلدى....
چېدىردىن ئىگىز بولسىمۇ مۈكچەيمىگەن، ئۇزۇن شالاڭ ساقاللىق باتتال ئاغا چىقىپتۇ؛
- قېنى كىرىڭلار- دەپ چېدىرغا تەكلىپ قىپتۇ. كەينىدىن چىققان يەنە بىر ئادەم ماخموتنىڭ قولىدىن ئىشەكنى ئېلىپ چېدىرنىڭ يېنىدىكى قوزۇققا باغلاپ قويۇپتۇ.
ھۆرى ئانا چېدىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قاپتۇ.
ئۇ مۇنداق گىلەملەرنى، مۇنداق شىرداقلارنى، كىگىزلەرنى، چېدىرنىڭ خادىلىرىنى، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك چاڭغىراقنى بۇ زاماندا كۆرمەپتىكەن. ھەيران قاپتۇ. ئۇنى يىپەك رەختلەردىن زەدىۋال قىلىپ بېزىگەن شۇنداق يوغان كارۋاتقا تەكلىپ قىپتۇ.
- باتتال ئاغا تۈركمەنلەرنى گادايلىشىپ كەتتى دەۋاتقان چېدىرىڭنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم- دەپتۇ. باتتال ئاغا
- رەخمەت...- دەپتۇ. ئۇياتچان ئادەمكەن. يېشىل كۆزلۈك ئۈزۈك سالغان بارماقلىرى بىلەن بېلىدىكى بەقەسەم تونىنىڭ ئۈستىدىن باغلىغان بەلبىغىنىڭ چۇچىلىرىنى ئوينايدىكەن. چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئاچا ياغاچنىڭ ئۈستىدە يوغان لاچىن بار ئىكەن. يەر ۋە تامدىكى قىزىل سېرىق قەھۋە رەڭلەر بىرلىشىپ چېدىرنىڭ ئىچى يالقۇنجاپ تۇرىدىكەن. ھۆرى ئانىنىڭ كۆزى لاچىندىن باتتالغا، باتتالدىن گىلەملەرگە، گىلەملەردىن نەقىشلىك تۈۋرۈكلەرگە  يوتكىلىدىكەن.
-       باتتال ئاغا بۇنداق چېدىرلار يەتتە خادىلىق بولاتتى. ئىككى خادىسى قېنى....؟- دەپ سوراپتۇ.
باتتال ئاغا ئورنىدا قىمىرلاپتۇ. كۈلۈپتۇ. ھۆرىمۇ كۈلۈپتۇ. باتتال ئاغىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ھەسرەتلىنىپتۇ.
-       نىمىسىنى دەيسەن يەڭگە...يەتتە خادىلىق چېدىرلار ئەمدى يوق بولدى. ئۇلارنى توشۇش ئۈچۈن نەچچىلىگەن تۆگىلەر كېرەك. بىزدە تۆگىمۇ نەسىللىك ئاتلارمۇ قالمىدى. بىزنى تۈگەشتۈرىۋەتتى....بېلىمىزنى ئوشتۇۋەتتى. چېدىرلار بەش خادىغا چۈشتى...كىم بىلىدۇ كېلەر يىل ئۈچ خادىغا ئۇندىن كېلەر يىل بىر خادىغا چۈشۈپمۇ قالامدۇ-تېخى.....- دەپتۇ.
ئۇنىڭ ساقاللىرى تىترەپ كېتىپتۇ. چىرايلىق كۆزلىرى نەملىشىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ھۆرى ئانا ئۇنىڭ قايغۇسىغا قېتىلىپتۇ. ئەتتىگەندىن بۇيان ئۇچرىغانلىكى ئادەمنىڭ قىلغان قىلىقى ئۇنىڭغا ھاقارەتتەك بىلىنگەن ئىكەن. چۈنكى ھۆرى ئانا باشقا ئادەم ئەمەستە......
- باتتال ئاغا قېرىندىشىم. بېششىڭلارغا كەلگەن كۈنلەرنى بىلىمەن. چوقۇر ئوۋا بىلىدۇ. بۇرۇن يازلىق يايلاقتىن قايتساڭلار دىكەنلى تۈزلەڭلىكىدە قوناتتىڭلار...تۈركمەنلەر كېلىپ قونغاندا تۈزلەڭدە بايرام بولاتتى. يېشىل ، كۆك ئەتلەس كۆينەكلەرنى كەيگەن بېشىغا ئالتۇن تاجلىرىنى تاقىغان تۈركمەن قىزلار ، تىللا توپچىلىق تاۋار چاپانلارنى  كەيگەن، بورتۇمشا ياغلىقلىرىدىن دوپپىلىرىنىڭ موخازىسىنى چىقىرىپ قويغان نازاكەتلىك ئاياللار مومايلار تۈزلەڭلىككە تارقىلاتتى....چوڭ زىياپەتلەر بولۇپ ئېسىل ئاتلار مىنگەن يىگىتلەر بەيگە قىلىشاتتى. يۈزلىگەن بوۋايلار سەدەپتەك سازلىرىنى كۆتۈرۈپ دىكەنلىگە كېلەتتى. قۇرقۇت ئاتىدەك داستانچىلار دەرسىم تاغلىرىدىن، ئوتتۇرا ئاناتولىيەدىن...غاز تېغىدىن ھاجى بەكتاش ۋەلىنىڭ قارا ئۆيلىرىدىن كېلەتتى...تاڭلار ئاتقۇچە ساز چالاتتى...ئۇلۇغ داستانلار ئوقۇلاتتى.....تاغلار تىترەيتتى.....
ھەي باتتال ئاغا شۇنداق كۈنلەرنى كۆرگەنمىز....شۇنداق كۈنلەردە چوڭ بولغانمىز...دەۋر ئۆزگەردى....بىراق بىزنىڭ سېغىنىشىمىز شۇ كۈنلەرنى ئەسلىشىمىز ئۆزگەرمىدى. بىزنىڭ يولىمىز قالمىدى...زامان مەجبۇرلاۋاتىدۇ....بىزنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ...ئۆزىنىڭ زامانىغا مەجبۇرلاۋاتىدۇ...بىراق يۈرەك ماسلاشمايدىكەن...ئىلگىرى بىر ئادەمنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە بىر قەبىلىنىڭ بىر يۇرتنىڭ يۈرىكى ئاغرىيتتى. ھازىرچۇ ؟! ھازىر بىرەيلەن ئۆلۈپ قالسا قالغانلار ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى دەسسەپ ئۆتىدۇ،...ئەشۇ كۈنلەردىن قالغان يۈرەك قانداق چىدايدۇ دەيسەن...قانداق كۆنىدۇ دەيسەن...........
ھۆرى ئانا كەلكۈندەك ئۆزىنى قويۇۋەتكەن ئىكەن، باستۇرۇپ كېلىدىكەن. غەزەپ بىلەن سۆزلەيدىكەن.
-       ھەي تۈركلەر ، ھەي ئايدىنلىقلار، ھەي سارى كەچلىكلەر  سىلەرنىڭ قۇربانىڭلار بولۇپ كېتەي...شۇ زامانلاردا سىلەرنىڭ ئوردىدىن چىرايلىق. شاھنىڭ ئوتاۋلىرىدىن ئىگىز يەتتە خادىلىق چېدىرلىرىڭلار بار ئىدى. جەرەن قوغلايدىغان ئەرەپ ئاتلىرىڭلار...بار ئىدى...قولۇڭلاردا ئاسماندىكى تۇرنىنى ئالالايدىغان بۈركۈتلەر بار ئىدى. ھەي تۈركلەر.....سىلەرنىڭ داستىخىنىڭلار بىر ئاي، ئىككى ئاي يىغىلمايتتى. بىرى كەتسە يەنە بىرى ئۈچۈن تەييار تۇراتتى.  تەڭرى تاغلىرىدىن چىققان ئادەم تورۇس تاغلىرىغىچە ئاچلىق كۆرمەيتتى. خۇدايى قوناقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سىلەر بارىڭلارنى ئايىمايتتىڭلار.....
باتتال ئاغا ھەيرانكەن. بۇ ئايالنىڭ بۇنداق غەزىۋى بارلىقىنى بىلمەپتىكەن. غەزەپ دىگەن ساپ يۈرەكتە بولىدىكەن. ھۆرى ئانا سۆزلەيدىكەن.
- ھەي باتتال ئاغا ! ئىلگىرى سارى كەچلىگە زامان بىلەن تۇتۇشقان باتۇرلار، كىشەن چاققان گۇناھكارلار پاناھ ئىزدەپ كېلەتتى. سۇلتان يەر كۆتۈرەلمەيدىغان قوشۇن بىلەن بېسىپ كەلسىمۇ ھەممە جانلىق قىرىلىپ كەتسىمۇ پاناھىڭلارنى ئالغان ئادەمنى تۇتۇپ بەرمەيتتىڭلار...سىلەر شۇنداق بىر قەۋم ئىدىڭلار.....ئادەم ئاتىنىڭ زامانىدىن بۇيان ئەردەك ياشىغان ئۇرۇق ئىدىڭلار....
ھۆرى ئانا غەزەپلىككەن. باتتال ئاغا ئۇنىڭغا قارايدىكەن. ئالدىغا گىلەمگە قارايدىكەن. بىر قولى توختىماي گىلەمنىڭ يۇڭى تىتىيدىكەن. كۆزلىرى نەملىككەن. بىرەر ئادەم ھازىرغىچە ئېسىگە سېلىپ باقمىغان شۇ كۈنلەر ئېسىگە كېلىپ كۆڭلى بۇزۇلىدىكەن.
-       ھەي باتتال ئاغا. مەن ھۆرى خاتۇن بولىمەن. بۇ يېشىمغىچە ئوغۇل تۇغۇپ باقمىدىم. بالا تۇغۇپ باقمىدىم. ئوغۇل ئارزۇسى بىلەن ئوغۇلدەك ياشىدىم. ئەردەك ھېچنىمىدىن يانمىدىم....باتتال ئاغا ! ماڭا ھېچكىم ئىشەنمىدى. مەن ساڭا دەي.... مەن مەمەت ئاۋاقنىڭ ئانىسى. ئۆز ئانىسى مەمەت كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتتى....ئۆزۈم چوڭ قىلدىم...ماۋۇ ماخموتنى چوڭ قىلغاندەك چوڭ قىلدىم. مەن ئۇنىڭ ھۆرى ئانىسى ! ...باتتال ئاغا ماڭا ئۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بەر......
باتتال بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ.
ھۆرىنىڭ پىشانىسىدىن مۇنچاقتەك تەرلەر ئاقىدىكەن. كۆزىنى باتتالنىڭ كۆزىگە تىكىدىكەن. باتتال ئاغا ئىگىلىدىكەن. ھۆرى ئانىنىڭ كۆزىدىن قاچىدىكەن. ئەمما قاچالمايدىكەن.
-       ماڭا ئېيت باتتال ئاغام.....ئۇ تىرىكمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ..مەن ئۇنىڭ ئانىسى...ئانىنىڭ قانداقلىقىنى سەن بىلىسەن......
باتتال ئاغا قىينىلىدىكەن. بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا بېشىنى سېلىپ باقمىغان باتتال بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن.
-       ئەي باتتال! مەخلۇققا ئىشەنمىگىنىڭ توغرا. ئەمما ھەممىسىگە ئىشەنمىگىنىڭ خاتا...ماڭا ئېيتىپ بەر... مەن بىلمەي ئارام تاپمايمەن. ئۇ تىرىكمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ ؟!
باتتال ئاغا تولغىنىپ تۇرۇپ؛
- تىرىك ! - دەۋېتىپتۇ. ھۆرى" شۈكرى ئاللە" دەپتۇ. يەنە سوراپتۇ؛
- يارىدارمۇ !؟
باتتالنىڭ چىرايى قايغۇلۇقكەن؛
- يارىدار. ئېغىر يارىدار يەڭگەم.- ھۆرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى يۇمشاپتۇ. چېدىرغا كىرگەندىن بۇيان ئىڭىشىپ ئولتۇرغان ئادەم تىكلىنىپتۇ. "ئۇھ" دەپتۇ.
-       كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما باتتال ئاغام.....خاتىرجەم بول، مەمەت ھۆرى ئانىسىنى كۆرسە ساقىيىدۇ. ساقايمىسا بولمايدۇ...چوقۇم ساقىيىشى كېرەك ! تىۋىپ ئەكەلدىڭلارمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ.
باتتال ئاغا "ئەكەلدۇق، ھېچ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ" دەپتۇ.
-       باتتال ئاغا مەن ئۇنى كۆرەي. داۋاسىنى قىلاي مېنى رەت قىلما...ئۇمۇ شۇنى خالايدۇ- دەپتۇ. باتتال ئاغا "ئۇنىڭ قەيەردىكىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ئۇنى بۈگۈن كۆرەلمەيسەن قەبىلىدىن پەقەت بىرلا ئادەم بىلىدۇ...ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈر " دەپتۇ. ھۆرى ئانا؛
- قاراقچى تۆمۈرمۇ ؟ -دەپ سوراپتۇ. "ھەئە" دەپتۇ باتتال ئاغا. ھۆرى ئانا باتتالغا " تۆمۈر مېنى تونۇيدۇ. مەمەت بىلەن ئۆيۈمگە بارغان ئۇنى چاقىرىپ بەر " دەپتۇ. باتتال ئاغا "ئۇ بۇ يەردە تۇرمايدۇ. ئەتە ئەتتىگەندە كېلىدۇ." دەپتۇ. ھۆرى ئانا يۇمشاپتۇ. ئەتتىگەندىن بۇيان تارتىلغان كىرىچتەك قاتتىق بولۇپ قالغان بەدىنى لاسسىدە بوشاپتۇ. خېلى خاتىرجەم بولۇپ قاپتۇ. باشقا ئىلاج يوقكەن. ئەتە بولمايمۇ ئامال يوقكەن.....
كەچكى تاماقتا قورداق بىلەن پولو يىيىشىپتۇ. ھەسەل ۋە ئوغۇز سۈتى بىلەن چاي ئىچىپتۇ. باتتال ئاغا ماخموتنى باشقا چېدىرغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ھۆرى ئانىغا ئۆزىنىڭ چېدىرىنى بېرىپتۇ. ھۆرى ئانا بىر كۈن پىيادە مېڭىپ ھېرىپ كەتكەچكە يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىپتۇ.
يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە باتتال ئاغىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئويغۇنۇپتۇ. تاڭ ئاتىدىغانغا بالدۇر ئىكەن. باتتال ئاغا؛
- كېچىدىن بېرى تۆمۈر سېنى ساقلاۋاتىدۇ. سېنى ئازراق ئۇخلىۋالسۇن دىدۇق....ئەمدى يولغا چىقىڭلار... ماخموت بۇ يەردە قالسۇن- دەپتۇ. ھۆرى ئانا " ماقۇل" دەپتۇ. ئۇلار ئالدىراپلا قەھۋە بىلەن ناشتا قىلىپتۇ.
سىرتا باشتىن-ئاياق قوراللانغان. بېشىغا سۆسۈن پۆپەكلىك قىزىل دوپپا كەيگەن سېرىق بۇرۇتلىرى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان بىرى چېركەس ئىگەرلىك ئاتنى تۇتۇپ تۇرۇپتىكەن. ھۆرى ئانا ئۇنى كۆرۈپلا " ھە، قاراقچى مېنىمۇ تونىماس بولىۋالدىڭلار-ھە..." دەپ تەنە قىپتۇ. تومۇر كېلىپ ھۆرىنىڭ قولىنى سۆيۈپتۇ. "ئامانمۇسەن ھۆرى ئانا.....ھەددىمىزمۇ..." دەپتۇ.
باتتال ئاغا ھۆرىنى بىر يانغا تارتىپ " يەڭگە سەن خاپا بولما. تۆمۈر سېنى ئاپىرىدىغان يەرگە كۆزۈڭنى باغلاپ ئاپىرىدۇ...ھەممىسى مەمەت ئۈچۈن.... "دەپتۇ. ھۆرى ئانا " ئەلۋەتتە...سىلەرنىڭ ئەقلىڭلارغا ئاپىرىن " دەپتۇ. ھۆرى ئانىنى ئاتقا مىندۈرۈپتۇ. تۆمۈر ھۆرى ئانىغا بىر ياغلىقنى بېرىپتۇ. ئۇ كۆزىنى ئۆزى تېڭىپتۇ. تۆمۈر ئاتنى يېتىلەپ كېچە قاراڭغۇلىقىدا يۇرتتىن چىقىپ كېتىپتۇ.
ئۇلار ئۇزۇن يوللارنى مېڭىپتۇ.  مەنزىلگە يېتىپ بارمىغان چېغى ئات توختىمايدىكەن. بەزى يەرلەردە تۆمۈر" ئانا بېشىڭنى پەس قىلىۋال" دەيدىكەن. ھۆرى بېشىنى پەس قىلىدىكەن. بىر چاغدا تۆمۈر" بولدى" دەيدىكەن. بەزى يەرلەردە ئاتنىڭ بوينىغا چۈشۈپ قالىدىكەن. ھۆرى ئانا "پەسكە مېڭىۋاتىمىز" دەپ ئويلايدىكەن. تۇرۇپلا ئاتنىڭ كەينىگە سېرىلىپ قالىدىكەن. "ئىگىزگە مېڭىۋاتىمىز.." دەپ ئويلايدىكەن.
بىر چاغدا سۇنىڭ دەھشەتلىك شاقىراشلىرىنى ئاڭلىنىپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ يۈزىگە سوغۇق شامال ئۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن. تۇرۇپلا سۇلار چاچرايدىكەن. خېلى ماڭغاندىن كېيىن سۇنىڭ ئاۋازى يوقاپ كېتىپتۇ.
-كەلدۇق ئانا...كۆزۈڭنى ئېچىۋەت- دەپتۇ تۆمۈر. ھۆرى كۆزىدىكى تېڭىقنى ئاپتۇ. كۆزلىرى ھېچنىمىنى كۆرمەيدىكەن. دەسلەپ كۈچلۈك ئاپپاق نۇردىن باشقا ھېچنىمە يوقكەن. سەل تۇرۇپ كۆز ئالدى قىزىرىپتۇ. ھەممىلا نەرسە قىزىل كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپتۇ. ئەتراپنى پەرق ئېتىپتۇ. ئۇلار بىر تاغنىڭ بېلىدىكى ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكەن. تۆمۈر ئۇنى ئاتتىن چۈشۈرمەكچى بوپتۇ ھۆرى ئاچچىغى بىلەن ئۇنىڭغا؛
- ماڭا يېققىن كەلمە!...- دەپ ئۆزى ئاتتىن چۈشۈپتۇ. ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتلىرى بىلەن يەرنى مەھكەم دەسسىيەلمەپتۇ. تۆمۈر يۆلىمەكچى بوپتۇ. يەنە سىلكەپتۇ. قاراقچىلارنىڭ ئۆزىگە بىر ئىشپىيونغا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆزلىرىنى تېڭىپ قويۇشى ھار كەپتۇ.
ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىدە قوراللىق ئىككى يىگىت پوستا تۇرغان ئىكەن. ھۆرى ئانا پۇتلىرى بىلەن سەل تۇرىۋېلىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىن غەزەپ بىلەن كىرىپتۇ. ئەسلىدە كىرىپلا مەمەتنى تىللاپ، كۆزلىرىنى تاڭغان ئاچچىقنى چىقارماقچى بولغان ئىكەن. بىراق كىرىپ قېتىپلا قاپتۇ. پۈتۈن ئۆڭكۈرگە تولۇق سېلىنغان تېرىلەرنىڭ ئۈستىدە ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەم ياتىدىكەن.
ھۆرى ئانا ئۇنىڭ يېنىغا ئولتۇرۇپتۇ. مەمەتنى تونۇپتۇ. تونۇپلا قۇچاغلاپ يىغلاپتۇ؛
- جېنىم بالام...ئامانمۇسەن....باتۇرۇم ئەھۋالىڭ قانداقراق........
مەمەت كۆزلىرىنى ئېچىپتۇ. ھۆرى ئانىسىغا بىر پەس قاراپتۇ. ئاران تەستە كۈلۈمسىرەپتۇ؛
- شۈكرى ئانا.....خۇدادىن تىلىگەن. سېنى كۆرمەستىن جېنىمنى ئالماسلىقنى ئۆتۈنگەن.......نېسىپ قىلدى....- دەپتۇ. ھۆرى ئانا مەمەتنىڭ باشلىرى سىلايدىكەن. قوللىرىنى سىلايدىكەن. تۆمۈرنى چاقىرىپتۇ. ئاچچىقى بىلەن " تىۋىپلار ئوقنى چىقاردىمۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ. تۆمۈر " چىقىرالمىدى " دەپتۇ. چىرايى كىچىك بالىدەك ئۈمچىيىدىكەن. ئانىنىڭ كۆڭلى تۇيۇپتۇ. مەمەت ئەجەل ئۈستىدىكەن... 
 ھۆرى ئانا تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. تۆمۈردىن گۆش، پىيازلارنى سوراپتۇ. " مەمىتىم ئالدى بىلەن تاماق يىسۇن " دەپتۇ.  تۆمۈر" ئون بەش كۈن بولدى...شۇنچە قىلساقمۇ تاماق يىمەيۋاتىدۇ...." دەپتۇ. ھۆرى ئانا ئۇنىڭغا " ئاز گەپ قىلىپ ئوت ياق! "  دەپتۇ تۆمۈرنىڭ دىيىشىچە ئۆڭكۈردە ئوت ياقسا مەمەتنى ئىس بوغىدىكەن. سىرتتا ياقسا باشقىلار بايقىۋالىدىكەن. شۇڭا نېرىراقتىكى بىر غارنىڭ ئىچىگە ئوت يېقىپ بېرەي دەپتۇ. تۆمۈر بىلەن ھۆرى ئانا قازان-قومۇچنى كۆتۈرۈپ شۇ غارغا بېرىپتۇ. ھۆرى ئانا گۆش پارچىلاۋېتىپ تۆمۈرگە تاغ يالپۇزى بىلەن پىننىسىدىن تېپىپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ....
ھۆرى ئانا مەمەتنىڭ يېنىغا بىر قاچا شورپىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى شورپا بىلەن يالپۇزنىڭ پۇرىقىغا توشۇپتۇ....
ھۆرى ئانا ياغاچ قوشۇق بىلەن شورپىنى مەمەتكە ئىچۈرۈپ قويۇشقا باشلاپتۇ. شۇنچە كۈنلەردىن ئاغزىغا گىيا سالمىغان مەمەت قاچىدىكى شورپىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋېتىپتۇ. قاراقچىلار ھەيران قاپتۇ. قاپقارا چىرايلىرى كۈلىدىكەن. ئاپپاق چىشلىرى كۆرۈنىدىكەن. ھۆرى ئانا ئۇلارغا ئالىيىپ قويىدىكەن. ئىشقىلىپ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ تىنىپتۇ.
شورپىنى ئىچىۋالغان مەمەت تېزلا ئۇيقىغا كېتىپتۇ. ھۆرى ئانىسى ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ساقال باسقان يۈزلىرىگە قارايدىكەن. يىرىك چاچلىرىنى ئاستا سىلايدىكەن. تېخىمۇ ئورۇقلاپ ئۇستىخان بولۇپ قالغان يۈزلىرىگە قاراپ كۆزىدىكى ياشلىرىنى توختىتالمايدىكەن. " جېنىم بالا...مۇشتۇمدەك بېششىڭغا كېلىۋاتقان دەرت ئازمۇ.....ھېلىمۇ چىداۋاتىسەن....." دەپ پىچىرلايدىكەن.........  
ھۆرى ئانىسى مەمەتنى ساقايتمىسا بولمايدىكەن. بولمىسا بىر ئۆلۈم ئىككى بولىدىكەن. ھۆرىمۇ ئۆلىدىكەن.
ھۆرىنىڭ يادىغا قىرىق كۆز دەرگاھى كەپتۇ. بىراق مەمەتنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟ بۇ ھالى بىلەن ئۇزۇن يولغا چىدىمايدىكەن. سۇلتان ئانا بولسا ئەزەلدىن قىرىق كۆز شىپاخانىسىدىن چىقىپ باقماپتىكەن. چىقمايدىكەن. دەرگاھ ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئورنىدىن قىمىرلىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلتان ئانىنىڭ يېشى بەك چوڭكەن. ھەممە ئادەم يۈز ياشقا كىردىمىكىن دەيدىكەن.....
ھۆرى ئانا قەتئى نىيەتكە كەپتۇ. سۇلتان ئانىنى قىمىرلىتىدىكەن. يۇلۇپ كېلىدىكەن. ئاتقا مىنەلمىسە يۈدۈپ كېلىدىكەن. ئىشقىلىپ بار ئامالىنى ھەممە جېنىنى تىكىپ بولسىمۇ ئېلىپ كېلىدىكەن. ئېلىپ كېلەلمىسە ھۆرى تىرىك قالمايدىكەن.
ئۇخلاۋاتقان مەمەتكە قاراپتۇ. مەمەت تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىڭراپ قويىدىكەن. ئەمما ئويغانمايدىكەن. قارىغاندا ئاغرىق دەستىدىن نەچچە كۈنلەر ئۇخلىمىغان ئىكەن. ھۆرى ئانا تۆمۈرنى چاقىرىپتۇ. ئۆزى ئىككى قاراقچى بىلەن قىرىق كۆز دەرگاھىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تۆمۈر گەپ قىلماپتۇ. ئانىغا بىكار ئاۋارە بولىسەن دىگەندەك چارىسىزلىق بىلەن قاراپتۇ. ھۆرى ئانا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمايدىكەن. كۆزى مەمەتىكەن. تۆمۈرگە مەمەت ئويغانسا ئۆزى قىلغانغا ئوخشاش شورپا قىلىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ.......
ھۆرى ئانا ئالدىراپتۇ. قوراللىق ئىككى قاراقچى بىلەن قىرىق كۆز دەرگاھىغا قاراپ مېڭىپتۇ.........


سالاھىددىن بەرگەن قىلىچ

ئىلگىرى كونيادىكى قىرىق كۆز شىپاخانىسىنى بىلەن مەۋلانە جالالىددىن مازىرىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. مەۋلانىنىڭ مازىرىنى ھازىرمۇ ئاۋات دەپ ئاڭلىدىم. ئەمما قىرىق كۆز شىپاخانىسى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدىم. بەلكىم ئادەملەر بۇ دەرگاھنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ. چۈنكى قەدىمدىن بۇيان تەرىقەت بىلەن ھەقىقەت ئوخشىمىغان قىسمەتكە قالغان........
كونيادا ئاپپاق مەرمەر تاشلار بىلەن قاپلانغان ھەيۋەتلىك بىر تاغ بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى ھەسەن تېغىكەن. 
بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى كىرست ئۈممەتلىرى ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەپتۇ.
بىر كۈنى تاڭ سەھەردە سالاھىددىن ئەييۇبى ياراملىق ئادىمى ھەسەن بەگنى چاقىرىپتۇ. قولىغا بىر قىلىچنى تۇتقۇزۇپتۇ. بۇ قىلىچقا ئاللانىڭ قۇدرەتلىرىنىڭ بەلگىسى بولغان توقسەن توققۇز مۇبارەك ئىسىملار ئويۇلغان ئىكەن.  سالاھىددىن ھەسەنبەگكە شۇنداق دەپتۇ؛
-       شۇ كۆتۈرلىۋاتقان قۇياشنىڭ نۇرى سېپىلگەن ۋادىلارنى، تاغلارنى، ئاللا بىزلەرگە نېمەت قىلىپ بەرگەن ياپ-يېشىل چىمەنلەرنى، چۆللەرنى تۆمۈر تونلۇقلارنىڭ تىغىدىن ساقلا! بۇنداق قىلىچنى تۇتقان ئادەم دۈشمەنگە تەسلىم بولمايدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن سوقۇلغان قىلىچ سۇنمايدۇ. ئال قىلىچنى! دۈشمەننى كۈن پاتقان يەرگىچە قوغلا!...- دەپ بۇيرۇق قىپتۇ.
ھەسەنبەگ مۇقەددەس قىلىچنى قولىغا ئاپتۇ. قىلىچ ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈش بىلەن بۇ زىمىندىكى ئەڭ مۇقەددەس قىلىچقا ئايلىنىپتۇ. ھەسەنبەگ يارەنلىرىگە؛
-       تۇرۇڭلار. بوينىغا كىرست ئاسقانلارنى تاپايلى...ئاناتولىيەگە، رۇم دىيارلىرىغا بارايلى! بىزنى سەكراتتىكى ۋەتەن چاقىرىدۇ. نىمجان خەلق چاقىرىدۇ. غازات چاقىرىدۇ.... -  دەپتۇ. 
 ئون بەش مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇننى باشلاپ مۇشۇ كونيا تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۆمۈردىن تون كەيگەن، بوينىغا كىرست ئاسقان تۆت يۈزئەللىك مىڭ كىشىلىك دۈشمەن ئارمىيىسى چىقىپتۇ.
ئۇرۇش باشلىنىپتۇ. تۈنجى كۈنىدىكى جەڭدە ھەسەنبەگنىڭ ئون مىڭ ئەسكىرى شېھىت بوپتۇ. دۈشمەننىڭ تۆتتىن بىرى غازىلارنىڭ قىلىچىدا جان بېرىپتۇ.
ئەتىسى، ئۆگۈنى ئۇرۇش داۋاملىق بولۇپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھەسەنبەگنىڭ قىرىق ئادىمى قاپتۇ. ئۇلار ئاپپاق بىر تاغقا چىقىۋاپتۇ. دۈشمەن ئۇلارنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىپتۇ. شۇ كۈنكى جەڭدە ھەسەنبەگنىڭ ئۈچ ئادىمى قاپتۇ. ئۇرۇش ئەتىسىمۇ داۋاملىشىپتۇ. ئەتىسى پىشىن نامىزىغا ئەزان چىققاندا ھەسەنبەگ ۋە ئۇنىڭ قالغان ئادەملىرىمۇ شېھىت بوپتۇ.
دۈشمەن كوماندىرى ئادەملىرىگە "ھېلىقى قىلىچنى تېپىپ كېلىڭلار! بىزنى شۇ قىلىچ ۋەيران قىلدى" دەپتۇ. تۆمۈر تونلۇقلار قىلىچنى ئىزدەپتۇ. ئەمما تاپالماپتۇ. ھەسەنبەگ ۋە ئۇنىڭ قىرىق ئادىمىنىڭ جەسىتىنىمۇ تاپالماپتۇ.
ئەتىسى يەرلىك دېھقانلار تاغ ئۈستىدە قاتار ياتقان قىرىق شېھىتنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ ئۇلارنى يەرلىكىگە قويۇپتۇ. ھەسەنبەگلەر يەرلىككە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى قىلىچ نەدىندۇ ئۇچۇپ كېلىپ ھەسەنبەگنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا سانجىلىپ تىك تۇرۇپتۇ، دېھقانلار قىلىچنى ئالماقچى بولۇپ قولىنى سۇنسا قىلىچ يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بېلىكىگە ئۆزىنىڭ كىپەنىنى تېڭىۋالغان بىر بوۋاي پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا "مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە بۇيرۇق! قىلىچقا چېقىلماڭلار...بۇ قىلىچنى كېيىنكى زامانلاردا ھەسەنبەگنىڭ ئەۋلادىدىن بىرى دۇنياغا كېلىدۇ. قىلىچ شۇنىڭ ھەققىدۇر. ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ھەسەن! " دەپتۇ.
ئارىدىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ شېھىتگاھقا قۇرۇلغان قىرىق كۆز شىپاخانىسىغا ھەسەن ئىسىملىك بىر ياش كەپتۇ. ئۇ قەبرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قىلىچنى كۆرۈپتۇ. ئەمما بەدىنى شۈركۈنۈپ قىلىچنى ئالالماپتۇ. قىلىچ ئۆزى ھەسەننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ مۇقەددەس سېپىنى ھەسەننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ھەسەن شۇندىن باشلاپ بۇ دەرگاھقا شەيخ بوپتۇ. شىپاخانىغا پىر بوپتۇ.
ئەشۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر قىرىق كۆز شىپاخانىسىنىڭ ھۆجرىسىدىكى تامدا ئەشۇ قىلىچ ئېسىقلىق تۇرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئالالايدىغان ئادەم كېلىپ ئالىدىكەن. بۇ ۋەتەندىكى تەڭسىزلىكنى يوقۇتىدىكەن.
قىرىق كۆز شىپاخانىسىدا ھەر كۈنى قىرىق قازان قاينايدىكەن.  يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن غېرىپ-غۇرۋالار، ئاغرىق-سىلاقلار مۇساپىر-باتۇرلار بۇ جايغا كېلىپ دەرتلىرىگە شىپا تاپىدىكەن. قىيىنچىلىقلىرىغا، قەرزلىرىگە ياردەم ئالىدىكەن.
بۇ دەرگاھقا زالىملار، قانخورلار، كىشىنىڭ ھەققىنى بوزەك قىلىپ يەيدىغانلار كىرەلمەيدىكەن. گىرۋەكلىرىگە گۈللەر ئويۇلۇپ، قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان ئىشىكلەر ئېچىلمايدىكەن.
بۇ يەردە شىپا تاپمايدىغان كېسەل يوقكەن. مىڭ قىلىچنىڭ ئىزى بولسىمۇ يەنىلا ساقىيىپ كېتىدىكەن.
قاپقاراڭغۇ كېچىلەردە تورۇس تاغلىرىنىڭ يېزا كوچىلىرىدا ئون ئىككى ئاتنىڭ قاتارلىشىپ ئۆتكەن تۇياق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدىكەن. ئايدىڭ كېچىلەردە يەر سۇغۇرۇپ قايتقان دېھقان  بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاي نۇرىغا مىلىنىپ ياتقان چوققىلارغا قارايدىكەن. چوققىلارنىڭ ئۈستىدە قاتار ئۆتۈۋاتقان ئاتلىقلارنى كۆرۈپ " ئەنە پىرلىرىم" دەپ سالىدىكەن.
تاڭ سەھەردە ئاپپاق بۇغىلار قىرىق كۆز شىپاخانىسىغا كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى تاڭنىڭ ئېتىۋاتقان يورۇقىدەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرى ئاپتاپنىڭ تەپتىدەك ئىللىق كېلىدىكەن. بۇغىلار تۇخۇم بىلەن لاي قىلىپ سۇۋالغان كېمىرلەرنىڭ ئالدىدا، ھىممەت-مۆرىۋەتنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىدا ساقلايدىكەن. شىپاخانىدىكى شەيىخلەر ئۇلارنى ساغىدىكەن. سېغىپ بولغاندىن كېيىن بۇغىلار كېتىدىكەن. ھەر ئايدا ئەڭ يوغان بىر بۇغا شپاخانىنىڭ ئىشكىگە كېلىپ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۈچ كۈنگىچە شۇنداق تۇرىدىكەن. ئۈچىنچى كۈنى شەيخلەر ئۇنىڭ پۇت-قولىنى باغلىماي تەگبىر ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىدىكەن. ھەر كېچىسى تاغدىكى قورام تاشلاردىن چاراسلاپ يېرىلغان ئاۋازلار كېلىدىكەن. تاغدىكى جىمى ئۇچار قانات، ھايۋانات ۋە ئادىمىزات بۇ ئاۋازلار چىققاندا ئۇخلىماي تىك تۇرىدىكەن. ئەتىسى تاغ ئۈستىنى ھاۋارەڭ گۈللەر قاپلاپ، پۈتۈن دەرگاھ كۆكۈچ نۇر ئىچىدە تاۋلىنىدىكەن. كۆكۈچ تۇمانلار يىراقلارغىچە ئېقىپ بارىدىكەن. مىڭ يىللىق دەرەخلەر، مىڭ كېسەلگە داۋا چۆپلەر، دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە يوق ئاجايىپ چىرايلىق قۇشلار بۇ كۆك نۇرغا چىلىنىدىكەن. ئادەم بۇ كۆكۈچلۈك ئىچىدە ئاززراق تۇرىۋالسا كۆڭلىدىكى جىمى دەرت-ھەسرەتلىرى يوقاپ ئۆزىنى يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك يېپ-يىنىك سېزىدىكەن. ئۆلمەي جەننەت ھوزورىغا ئېرىشىپ، ھاياتىي دۇنيانىڭ غاۋغالىرىنى مەنسىتمەيدىكەن. بەختىيارلىق ئىچىدە مەردانە، يۈرەكلىك بولىدىكەن........
قىرىق كۆز دەرگاھى ئەشۇنداق دەرگاھكەن.



قىرىق كۆز دەرگاھى

ئۇلار بىر كۈن يول مېڭىپتۇ. كېچىدە ئازراق ئارام ئېلىپ يەنە ئاي يورىقىدا يولغا چىقىپتۇ. ئاتنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى قوراللىق يىگىت ھۆرى ئانىنى ھىمايە قىلىپ ماڭىدىكەن. ھۆرى ئانىنىڭ كۆزى يۇمۇلمايدىكەن. يىگىتلەرمۇ ھاياجان ۋە ئەندىشە ئىچىدىكەن . چۈنكى ئۇلار قىرىق كۆز دەرگاھىغا بارىدىكەن. زىيارەت قىلىدىكەن. يىگىتلەردىن بىرى ھۆرى ئانىسىدىن سوراپتۇ؛
- ھۆرى ئانا. ناۋادا سۇلتان ئانا بىز بىلەن بېرىشقا ئۇنىمىسا قانداق قىلارمىز ؟ ئىلگىرى سۇلتان مۇرات باغدات يۈرىشىدە بۇ دەرگاھنىڭ پىرلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپتىكەن. ئەمما ئۇلار بارماي ئاخىرى سۇلتان مۇرات ئۆزى كەپتىكەن......
يىگىتكە ئوخشاشلا ھۆرى ئانىمۇ ئەندىشە ئىچىدىكەن. بىراق سۇلتان ئانا كەلمىسە بولمايدىكەن. ھۆرى ئەشۇ كۆك نۇرنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. پىرغا يالۋۇرىدۇ. سۇلتان مۇراتتەك بۇيرۇق قىلمايدۇ. يالۋۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن، ئۆمرىدا ئاران كۆرگەن مەمەت ئاۋاقنى ساقايتىپ قويۇشنى، بۇ قاراقچىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قويۇشنى ئۆتىنىدۇ. ناۋادا مەمەت ئۆلۈپ كەتسە ئۆزىنىڭلا ئەمەس نۇرغۇن ئادەمنىڭ تايانچى، ئۈمۈدى ، تىرىكچىلىكتىكى ئىشەنچىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى، شۇنچە مۇشەقەتلەر ئىچىدە ئېگىلمىگەن بەللەرنىڭ ئاخىرى ئېگىلىدىغانلىقى، ھەممە ئادەمنىڭ دۇنيادىن ، ھاياتتىن ھەتتا مۇشۇ دەرگاھتىنمۇ كۆڭلى قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يىغلاپ باقمىغان ھۆرى يىغلاپ يالۋۇرىدۇ. بىر كۈن، بىر يىل يالۋۇرۇپ ياتىدۇ.  بېشىغا نىمە كەلسۈن يانمايدۇ. بۇ دەرگاھ بىلەن بىللە مۇشۇ يەردە ئۆلىدۇ..... شۇڭا بۇ كۈننى ھۆرى كۆرمىسۇن. دەرگاھى قىرىق كۆز كۆرمىسۇن. سۇلتان ئانا كۆرمىسۇن!..............
ئۇلار چۈشتىن كېيىن ئاپپاق تاشلار بىلەن قاپلانغان ئۇچلۇق قىياغا يېتىپ كەپتۇ. تاغنىڭ ئۈستىدە پارقىراپ تۇرغان قۇببە كۆرۈنۈپتۇ. يىگىتلەردىن بىرى قۇببىنى كۆرسىتىپ؛
-       يېتىپ كەلدۇق. ئەشۇ پارقىراپ تۇرغان ئۆي شۇ- دەپتۇ.
تاغقا چىقىدىغان يول بەكمۇ تىك ئىكەن. ئات تەستە مېڭىپتۇ.  ھۆرى ئاق مەرمەر تاشلارنى يېرىپ چىققان كۆكۈش گۈللەرنى ئىزدەيدىكەن. ئەمما ئۇلار كۆرۈنمەيدىكەن. بەھەيۋەت قورام تاشلار كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرىدىكەن. يەنە مېڭىپتۇ. " بەلكىم ئالدىدىدۇ..." دەپ ئويلاپتۇ. تاغنىڭ بېلىگە ئاز قاپتۇ. ھۆرى ئانا يىگىتلەردىن؛
- كۆكۈش گۈللەر كۆرۈنمەيدىغۇ- دەپ سوراپتۇ.
يىگىتلەردىن بىرى؛
-       ئۇ گۈللەرنى ھەممىلا ئادەم كۆرەلمەيدىكەن. پەقەت ياخشى ئادەملەرلا كۆرلەيدىكەن.- دەپتۇ.
ھۆرى ئىچىدە "دىمەك بىزمۇ ياخشى ئادەمگە كىرمەيدىكەنمىز" دەپ ئويلاپتۇ. بوينى قىسىلىپتۇ. كۆڭلى غەش بوپتۇ.
ئۇلار تاغنىڭ بېلىدىن ئۆتۈپتۇ.  ئالدىغا تۈپتۈز بىر پارچە يايلاق ئۇچراپتۇ. يايلاقتا كۆپ-كۆك گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ ئەتراپ كۆكۈش تاۋلىنىدىكەن.. ھۆرى ئانىنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلىپتۇ. ئاغزىمۇ يوغان ئېچىلىپتۇ.
-       ئەنە كۆكۈش گۈللەر......- دەۋېتىپتۇ.
يىگىتلەرمۇ كۆرگەن ئىكەن. ھەممىسىگە قايتىدىن جان كىرىپتۇ. ئىشەنچ پەيدا بوپتۇ. تېخىمۇ ئالدىراپتۇ. يېشىللىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە چوققىدىكى يولغا يامىشىپتۇ. چوققىنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. كۆز ئالدىدا مىڭ يىللىق دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئاپپاق قۇببىلىك گۈمبەز كۆرۈنۈپتۇ. دەرەخلەر ئارىسىدىكى چىغىر يول گۈمبەز تەرەپكە باشلاپ بارىدىكەن.. ئۇلار ئىچىلىرىدە دۇرۇت ئوقۇشۇپ چىغىر يول بىلەن دەرەخلەرنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ.
ئورماننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە قىرىق كۆز دەرگاھىنىڭ دەرۋازىسى كۆرۈنۈپتۇ.
ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا يېرىمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەگىم كېمىر ئىشىك، چالپاقلىرى بوشاپ چۈشۈپ كەتكەن ھويلا تېمى، ھۆيلىدا دىخانلارنىڭ ئۆيىدىكىدەك توخولار يەر تاتىلاپ يۈرىيدىكەن. زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلغان ئىت ئاپتاپ سۇنۇپ ئۈرگىدەپ ياتىدىكەن.....
ھۆرى تۇرۇپلا قاپتۇ.
ئاھ ! دەرگاھى قىرىق كۆز! رىۋايەتلەردىكى سىرلىق ماكان. كۆڭۈللەرنى جاسارەت-ھىممەتكە باشلايدىغان مۇقەددەس ئىشىكلەر، ھويلىدا دەرتمەنلەرنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ كۈتىۋالىدىغان ئاپپاق كىيىنگەن غۇلام-شەيخلەر..........
ھۆرى ئانا تۈگۈشۈپ كېتىپتۇ. روھىي دۇنياسى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ۋەيران بولغاندەك، ئۆزى تۈۋى يوق بىر قاراڭغۇلۇققا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپتۇ. جايىدا ئاستا ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
-       ھۆرى ئانا ! قاراڭ ئاۋۇ بۇلۇت بۇياققا كېلىۋاتىدۇ.......
ھۆرى ئانا بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. ھالسىزغىنە كۆتۈرۈپتۇ. كۆتۈرگۈسى يوق كۆتۈرۈپتۇ. يالغۇز بىر پارچە بۇلۇت ئورنىدىن قوزغۇلۇپ بۇياققا كېلىۋاتقان ئىكەن. ھۆرى ئانا بېشىنى پەس قىلىپتۇ. كۆز ئالدىدا ھېچنىمە يوق ئىكەن. كاللىسى گاراڭكەن. خيالىدىمۇ ھېچ نەرسە يوقكەن. كۆكۈش گۈللەر، ئاپپاق بۇغىلار، قايناۋاتقان قىرىق قازانلارمۇ....ھېچنىمە يوقكەن. كۆزىمۇ ھېچنىمىنى كۆرمەيدىكەن. ئورۈلگەن ئىشىك، زەنجىردىكى ئىت....ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن.....
پايانسىز بورانلىق دالىدا يالغۇز قالغاندەك، تېگى يوق ھاڭغا ئېسىلىپ قالغاندەك ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدىكەن.......
-       ھۆرى ئانا ! قاراڭ بۇلۇت قۇببىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى...
ھۆرى ئانا ئاڭلىماپتۇ. يىگىتلەر ئۇنى يۆلەپتۇ. ھۆرى ئانىنىڭ پۇتلىرى ھالسىزكەن. ھۆرى يىگىتلەرگە قاراپتۇ. كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىككى قاراقچى! ئانىسىغا ئۈمۈت بىلەن قاراپ تۇرغان ئىككى بالا........
ھۆرى ئانىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ......يىگىتلەرنىڭ قولىدىن مەھكەم تۇتۇپتۇ. " ھۆرى ئېسىلغۇدەك بىر نەرسە تاپ! بۇ ھاڭدىن چىقىپ كەت! ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈتلىك ئىنساندىن بىر سەن قالدىڭ ! ئاجىز بىر تال بۇيا بولسىمۇ چوقۇم ئېسىل....."
ھۆرى ئانا بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ.
بۇلۇت دەل شىپاخانىنىڭ قۇببىسى ئۈستىدە ئىكەن. قىمىر قىلمايدىكەن. ھۆرى كۆزىدىن بەكرەك كۆڭلىگە ئىشىنىپتۇ.
ھۆرىنىڭ كۆڭلى يورۇپتۇ. شۇ بۇلۇتقا، كارامەتلىك بىر پارچە ئاق بۇلۇتقا ھەۋەس بىلەن ھۆرمەت بىلەن قاراپتۇ.
شۇ چاغدا شىپاخانىنىڭ يېرىمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن كېمىرلىك ئىشىكىدىن بىر چوڭ ياشلىق شەيخ چىقىپتۇ؛
-       مەرھەمەت خاتۇن.- دەپ ئىچكىرىگە تەكلىپ قىپتۇ.
يىگىتلەر ئاتنى باغلاپتۇ. قاتارلىشىپ شىپاخانىنىڭ ئىشىكىدىن "بىسمىللا" دەپ كىرىپتۇ. چوڭ بىر ئۆيدىن ئۆتۈپتۇ. كىچىككىنە بىر ھويلىغا كىرىپتۇ. ھويلىدا تام تۈۋىگە قاتار قىلىپ سۇپىلار ياسالغان ئىكەن. سۇپىلارغا قەدىمقى زاماندىن قالغان بولسىمۇ بىراق گۈللىرىنىڭ نازاكىتى يوقالمىغان تار گىلەملەر سېلىنغان ئىكەن. شەيخ يىگىتلەرنى سۇپىلاردا ئارام ئېلىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. ھۆرى ئانىنى باشلاپ يەنە بىر ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆينىڭ يان تۈرنىكى شۇنداق يوغانكەن. كۈن نۇرىدا تاملاردىكى ياڭاق ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان يۈك يىغىدىغان ئويۇقلار، ھۆرىمۇ كۆرۈپ باقمىغان قاچا-قۇچىلار پارىلدايدىكەن. قازان بېشىنى جۈجەم ياغىچىدىن گۈللەر چىقىرىپ ياسىغان چوڭ ئوچاقتا ئارچا ئوتۇنى خۇشپۇراق چىقىرىپ كۆيىدىكەن. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا يولۋاس تېرىسىنىڭ ئۈستىدە ئانا سۇلتان ئولتۇرۇپ تەسۋە سېرىۋاتقان ئىكەن. ھۆرى ئوڭ تىزىنى يەرگە قويۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. ئاندىن ئانا سۇلتاننىڭ ئالدىغا بېرىپ قولىنى سۆيۈپتۇ. ئانا سۇلتان ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. سۇلتان ئانىنىڭ چىرايىدا بىرمۇ قورۇق يوق ئىكەن. كۆزلىرىدىن كىشىنى ئەركىلەتكۈچى نۇرلار تارقىلىدىكەن.
- مەرھەبا ھۆرى خاتۇن. قەدىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن. خاتىرجەم بول. مەن بارىمەن. ئوغلۇڭ مەمەت ئاۋاق ساقىيىدۇ.......
ھۆرى ئانا " غىق" بولۇپ قاپتۇ. كۆزلىرى چەكچىيىپلا قاپتۇ. بوغۇزىدا جىق نەرسىلەر تۇرۇپ قاپتۇ. ئاۋازى چىقمايدىكەن. پەقەت كۆزلىرىدىن ياشلا چىقىدىكەن. ئانا سۇلتاننىڭ كېلىشتىكى مەخسىتىنى بىلىۋالغانلىقى ھۆرى ئانىنى ھەممىگە ئىشەندۈرۈپتۇ. مۆجىزىگە باي بۇ دەرگاھقا تەسلىم قىپتۇ. پەقەت ئۈنسىز يىغلايدىكەن. ئاۋازى چىقمايدىكەن. ئېسىگە ئانا سۇلتاننى سۆيۈۋېلىش كەپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. قوللىرىغا ئېسىلىپ سۆيۈۋېرىپتۇ. تىللىرى يېشىلىپتۇ؛
- رەخمەت ساڭا ئانا سۇلتان. مەمىتىمنى، سۇلتان مۇراتتىن ئارتۇق كۆردۈڭ. ئۇنى قۇتۇلدۇردۇڭ. كۆڭلۈم ئۆلگىلى تاس قالغان، مېنىمۇ قۇتۇلدۇردۇڭ....
ئانا سۇلتان كۈلۈمسىرەيدىكەن. سۈزۈك سەۋزىرەڭ قوللىرى بىلەن ھۆرىنىڭ ئاق چاچلىق بېشىنى سىلايدىكەن؛
- ئەتە ئەتتىگەن يولغا چىقىمىز. باتتالغا مەن ھازىر خەۋەر ماڭدۇرىمەن. مەمەت ئاۋاقنى يېزىغا يېقىنراق يەرگە يۆتكەپ تۇرسۇن...
- رەخمەت ساڭا ئانا سۇلتان. تاپىنىڭغا قۇربان بولاي. مەمەتكە بېغىشلىغان ھۆرمەتلىرىڭگە قۇربان بولاي......
ھۆرى قارايدىكەن. ئاپپاق نۇرلۇق چاچلارغا، ئىنچىكە ئىڭەكلەرگە، ئۇچقۇن چاچرايدىغان كۆزلەرگە، ئۇزۇن چىرايلىق بويۇنلارغا قارايدىكەن. ياشلىق كۆزلىرى بىلەن قارايدىكەن. ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ. زەنجىرلىك ئىت...دانلاپ يۈرگەن توخولار....ئۆرۈلگەن تاملار....ھەممىسىنى ئۇنتۇپتۇ. قەلبىدە قىرىق كۆز شىپاخانىسىغا بولغان ھۆرمەت ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بوپتۇ.
ئانا سۇلتان ھۆرى ئانىنى باشلاپ مېڭىپتۇ. ئانا سۇلتان ئولتۇرغان چاغدا شۇنچە ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. ئەمما ئورنىدىن تۇرغاندا ئانچە ئىگىز ئەمەسكەن. نازۇك ئايالكەن. ھۆرى خاتۇن ئانا سۇلتاننىڭ سىلىق، ئاراملىق مېڭىۋاتقان قەدەملىرىگە ئەگىشىپتۇ.
ئۇلار  يەنە بىر ھويلىغا كىرىپتۇ. ھويلىدىكى كىچىكرەك بىر ئىشىكتىن سىرتقا چىقىپتۇ. ئالدى تەرەپ خىيالىي دۇنيا سىزىلغان رەسىمدەك ئىكەن.
قىيادىن يىراق-يىراقلار كۆرۈنىدىكەن. كۈن نۇرىغا چىلاشقا جىلغىلار، رەڭدار چاقناپ تۇرغان چىمەنلىكلەر، سۇس كۆكۈش لېنتىدەك تاغلارنىڭ بېلىگە چىرمىلىپ يىراقلارغا ئېقىپ كەتكەن سۇلار، قىزغۇچ بۇلۇتلار ئىچىدە كۆرۈنۈپ قالىدىغان بۈركۈتلەر ھەممە نەرسە ھۆرىنىڭ كۆز ئالدىدا يېنىك چايقىلىدىكەن.....
ئىككەيلەن چوڭلۇقى ئۆيدەك كېلىدىغان تۈپتۈز تاشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. يىراقلارغا قاراپتۇ. ئانا سۇلتاننىڭ بۈرجەكلىرىگە چاشما تىككەن سۈترەڭ ياغلىقى شامالدا تەۋرىنىدىكەن.
-       بۈگۈن ئاخشام تاشلار يېرىلغان ئاۋازنى ئاڭلايسەن شۇنداقمۇ ؟
-       ئاڭلايمەن.
-       ئەتە بامدات بىلەن شىپاخانىغا ئۆزلىرىنىڭ سۈتلىرىنى تەغدىم قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغان بۇغا-ماراللارنى ساقلايسەن شۇنداقمۇ ؟
-       ساقلايمەن.- ھۆرى خاتۇن تېڭىرقىمايدىكەن؛
-        ئۆزىنىڭ گۆشىنى تەغدىم قىلىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن بوينىنى ئېگىپ تۇرىدىغان بۇغىنىمۇ ساقلايمەن.- دەپتۇ ھۆرى ئانا.
ئانا سۇلتان ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپتۇ. ئىچىدىن بىر كۆرۈنمەس ئوت چىققاندەك ھۆرىنىمۇ كۆيدۈرۈپتۇ؛
-       ھۆرى خاتۇن. كىيىكلەر بۇ يەرگە كەلمىگىلى يۈز يىل بولدى....- دەپتۇ.
- مەيلى.....كەلمىسىمۇ مەيلى. ئەمما مەن ھەممىگە ئىشىنىمەن!- دەپتۇ ھۆرى ئانا. سۇلتان ئانا ھۆرىنىڭ چىرايىغا بىر دەم قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاقىرىپ تۆمۈررەڭگە ئايلىنىۋاتقان چاچلىرىغا، ئىلگىرى گۈزەللىكى بىلىنىپ تۇرغان ئەمما ھازىر قورۇلۇپ مۇشتەك بولۇپ قالغان چىرايىغا.....ئۇزاق قاراپتۇ. ئاخىرىدا بۇ ئايالدىكى بارلىق جاسارەتنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئوتتەك ئىككى كۆزىگە قاراپتۇ....
- ئاڭلا ھۆرى ! ھەزرىتى ئەلىنىڭ دۇلدۇلى، گۆر ئوغلىنىڭ بوز ئېتى، ياش ئوسماننىڭ ئەرەپ ئېتى ھەممىسى كېلەتتى. ئۆلمەس ئاتلارنىڭ ھەممىسى كېلەتتى. ھازىر كەلمەيدىغان بولدى. شىپاخانا نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالدى. ئازاتلىق ئۇرۇشىدا دادام  بىلەن ئاكىلىرىم پەرەڭلەرگە قارشى غازاتقا كەتتى. پۈتۈن ئىسلام ئالىمى بۇ غازاتقا ماڭدى. بۇ غازاتقا بالىلار ئاتىلىرىنى، ئانىلار بالىلىرىنى قۇربان قىلدى. بۇ دەرگاھمۇ ئۆزىنىڭ ئون ئىككى پىرىدىن، شەيخىدىن ئايرىلدى. ئۇلار جەڭدە شېھىت بولدى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. كامالچىلار ئازاتلىق ئۇرىشىدا قەبىلە قوراللىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن غازاتچىلارنىڭ كۈچىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن بولغاچقا بىزگە ئۆچمەنلىك قىلدى. بىزنى خەۋپ دەپ ھىساپلىدى. بۇ دەرگاھمۇ يوقۇلۇش سائىتىگە يەتتى....بىراق بىر مەن قالدىم. چىدىدىم. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان تاقالماي كەلگەن بۇ زىيارەتگاھ بىزنىڭ دەۋرىمىزدە تاقالسا، بىز كېيىنكىلەرگە، ئۆلسەك ئۇ دۇنيادىكىلەرگە قانداقمۇ جاۋاپ بېرىمىز. بۇ دەرگاھ ئۈچۈن قانلىرىنى تۆككەن شېھىتلارنىڭ تۆمۈر تىرنىقى بىزنىڭ ياقىمىزدا بولمامدۇ......
ھۆرى ئانا ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ. ئۆزىنى، مەمەتنى، ئەتراپتىكى ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەت ئانا سۇلتانلا بار ئىكەن. يىراقتا قالغان شان-شەرەپلەرنى زاماننىڭ چاڭ-توزاڭلىرى باسقان قەھرىمان-ئەزىمەتلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئانا سۇلتانلا بار ئىكەن.......
ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا پۈركۈنۈپتۇ.  نامازشامنىڭ ۋاقتى كىرىپتۇ. ئانا سۇلتان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە پارقىراپ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنى كۆرسۈتۈپ؛
-       بىزگە قەدىمقىلاردىن ئەنە شۇ يورۇق چوققا قالدى. ھەممە نەرسە يوقالدى. بىراق ئەشۇ يورۇقلۇق يوقالمىدى. بىزنىڭ ئۈمۈت-ئارزۇيىمىزمۇ يوقۇلۇشتىن ئامان قالدى- دەپتۇ.
ھۆرى ئانا بۈگۈنكىدەك يېنىكلىككە، مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باقماپتىكەن. بۈگۈنكىدەك ئۈمۈت ۋە غەيرەتكە ئېرىشىپ باقماپتىكەن. ئۇ باشقىدىن تۇغۇلغاندەك بولۇپ قاپتۇ. ئانا سۇلتان ئۆزىنىڭ ئانىسىدەك كۆرۈنۈپتۇ. ئۆمرىدە يىغلىمىغان ھۆرى بۇ دەرگاھقا كېلىپ بىر قېتىم يىغلاپتۇ. مانا ھازىر يەنە بىر قېتىم يىغلاپتۇ.
- ھازىر بىر ئائىلە كىشى ماڭا ھەمراھ بولۇپ بۇ دەرگاھتا ياشاۋاتىدۇ. ئەي ھۆرى ئېيتقىنا...پىتنە-پاساتقا توشقان شۇ دۇنياغا قىرىق كۆز دەرگاھىنىڭ كۈچى يېتەمدۇ !؟
-       يېتىدۇ. ئانا سۇلتان . شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ. خۇدا نۇسرەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى ھەممىگە يېتىدىغان بولىدۇ. گۆرئوغلىنىڭ بوز ئېتى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆلمەس ئېتى يەنە كېلىدىغان بولىدۇ. ھەر سەھەردە بۇغا-ماراللار يوقلايدىغان بولىدۇ. سۇلتان مۇراتلار بۇ دەرگاھقا كېلىپ قىلىچ ئېسىپ قويۇشنى ئۆتۈنىدىغان بولىدۇ.........
كۈننىڭ ئاخىرقى قىزىلى ئىچىدە ئىككى ئايال  يىراقلارغا قارايدىكەن. قاراڭغۇ زىمىن بىلەن تۇتىشىپ كېتىۋاتقان تاغلارغا، ئاخىرقى يورۇقلىقى بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرغان ئاسمانغا قارايدىكەن....
ياش شەيخنىڭ شام نامىزىغا ئېيتقان ئەزىنى ئۇلارنى سۆھبەتتىن توختىتىپتۇ. ئەزان تەگبىرلىرىنى مۇئەززىن بىلەن بىرلىكتە تەكرارلاپتۇ. ئەزاننىڭ ئاخىرىدا ئىسمى چىرايلىق مۇھەممەت پەيغەمبەرگە دۇرۇت يوللاپتۇ. ئاندىن تاھارەت ئېلىپ، سۇلتان ئانىنىڭ خاس ئۆيىدە كىيىك تېرىسىدىن قىلىنغان جەيناماز ئۈستىدە شامنى ئوقۇپتۇ. سۇلتان ئانا ھۆرى خاتۇنغا شۇ ئۆيگە ئورۇن راسلاپ بېرىپتۇ. ھۆرى خاتۇن قىرىق كۆز دەرگاھىنىڭ سۈتتەك ئاق، پۇراقلىق كۆرپە-يوتقانلىرىدا يېتىپتۇ. ياستۇقىدىن ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان تاغ رەيھانلىرىنىڭ پۇرىقى كېلىدىكەن.
" توۋۋا ! شۇنچە چىرايلىق، قارىغان ئادەمگە خوشاللىق بېغىشلايدىغان چىرايلار بىلەن ياشلىقىدا قانچىلىك گۈزەل بولغاي. بىر ئۆمۈر مۇشۇ قىرىق كۆز دەرگاھىدا قەدىمقىلارنىڭ روھىناتلىرى بىلەن ياشاپتۇ. ئۆمرىدە قولىنى ئەركەك زاتىغا تۇتقۇزماپتۇ. ئاجايىپ سۇلتان ئانا !......"
ھۆرى خاتۇننىڭ خىياللىرى تۈگىمەيلا شۇنداق شېرىن ئۇخلاپ كېتىپتۇ........  
ئۇلار ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. سۇلتان ئانىنىڭ خاس ئۆيىدىن يەنە بىر قازناقتەك كىچىك ئۆيگە كىرىپتۇ. بۇ ئۆيدە ھەر خىل شەربەتلەر، سۇيۇقلۇقلار قاچىلانغان يۈزلەرچە شىشىلەر بار ئىكەن. تېرىدىن، كۆندىن قىلىنغا ھەر خىل شەكىلدىكى ساندۇقلار تىزىلغان ئىكەن. ئۆيدىن مىڭلىغان تاغ گۈللىرىنىڭ پۇراقلىرى كېلىدىكەن.
سۇلتان ئانا شىشىلەر ئارىسىدىكى بوينى ئۇزۇن ئىچىدە ھاۋارەڭ سۇيۇقلۇق بار شىشىنى ئاپتۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى قاتاردىن يەنە بىر ئەينەك قاچىدىكى سۇيۇقلۇقنى ئاپتۇ. ئاخىرىدا بۇرجەكلىرى قىرىلىپ كەتكەن تېرە قۇتىنى ئېلىپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدىكى تىغلار، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەن يۇلغۇن ياغاچلىرى، قايچىلار بار ئىكەن. يەنە بىر يوغان لوپا ئەينەكنىمۇ قوشۇۋاپتۇ. ئانا سۇلتان ئالغانلىرىنى كىيىك تېرىسىدىن تىكىلگەن بىر خالتىغا سېلىپتۇ.
ئۇلار شىپاخانىدىن چىقىپتۇ. دەرۋازىدا شىپاخانىنىڭ بىر شەيىخى بىلەن ئىككى يىگىت ئاتلارنى توقۇپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. يىگىتلەر سۇلتان ئانىنى كۆرۈپ يەكتىز بولۇپ ھۆرمەت سالىمىنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. سۇلتان ئانا ئۇلارنىڭ سالىمىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپتۇ. ئاندىن قولىدىكى تېرە خالتىنى شەيىخكە بېرىپتۇ. شەيىخ خالتىنى ئاتتىكى خۇرجۇنغا جايلاشۇرغاندىن كېيىن سۇلتان ئانىنى ئاتقا مىندۈرۈپ ئالدىدا مېڭىپتۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھۆرى ئانا بىلەن ئىككى يىگىتمۇ ئاتلىرىغا مىنىپتۇ...........










خوتۇنسىراپ كەتكەن قاراقچى
 
مەمەت ئاۋاقنىڭ يارىلىرى ساقىيىشقا باشلاپتۇ.
قاسىم بىلەن تۆمۈر ئورماننىڭ ھاۋالىق يېرىگە تىكىپ بەرگەن چېدىردا ياتىدىكەن. بەزىدە سىرتلارغا چىقىپ ھاۋا يىگەچ ھەركەت قىلىدىكەن.
ھەر كۈنى سەھەردە يىگىتلەر يايلاقتىن يېڭى سېغىلغان سۈتلەرنى يەتكۈزۈپ كېلىدىكەن. سېرىق ماي، ھەسەللەر كېلىپ تۇرىدىكەن. تۆمۈر قۇش كاۋاپلىرىغا شۇنداق ئۇستىكەن.
يايلاقتىكىلەر مەمەت ئاۋاقنىڭ ساقىيىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھىساپسىز شاتلىققا چۆمۈپتۇ. ئۇنىڭغا قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى قىلىپ ئىسسىقىدا يىگۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراپ يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. سۇلتان ئانىنىڭ ئۆزى كېلىپ مەمەتنىڭ كېسىلىنى داۋالىغانلىقى ئەتراپتا ئاجايىپ ھىكايەتكە ئايلىنىپتۇ. "ھەق ! خۇدايىم. قىرىق كۆزنىڭ پىرلىرى سۇلتان مۇراتنىڭ ئالدىغا بارمىغان. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ئەمەسمۇ ؟!..........."   
ھۆرى ئانا مەمەتنىڭ يارىلىرى قېتىشقا باشلىغاندىلا " ئەمدى ماڭا رۇخسەت قىل ئوغلۇم.... " دەپ يېزىسىغا قايتىپتۇ. مەمەتكە ئامال يوق ئىكەن. قاراقچىمۇ ئانا مېھرى-مۇھەببەتكە تەشناكەن. بىر ئۆمۈر ئانىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغىسى كېلىدىكەن. ھەممە ئادەم قاراقچىنى ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ. ھېچكىمگە ھاجەتمەن بولمايدۇ دەپ ئويلايدىكەن. قەيسەر دەپ ئويلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە يۈرگەن ئادەم مېھرىبانلىققا ئەڭ ئاز ئۇچرايدىكەن. شۇڭا قىشنىڭ ئاپتىۋىچىلىك ئىللىق چىراينى كۆرسىمۇ مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىكەن.
ھۆرى ئانىغىمۇ، مەمەتكىمۇ ئامال يوقكەن.  ئادەم كۆپ بولسا بولمايدىكەن. ئادەم كۆپ بولسا ئىزمۇ كۆپ بولىدىكەن. گەپمۇ تولا بولىدىكەن. خەتەرمۇ كۆپ بولىدىكەن. شۇڭا ھۆرى ئانا مەمەتنى ئەۋۋىلى خۇداغا ئاندىن سارى كەچلى خەلقىگە تاپشۇرۇپ يولغا چىقىپتۇ...
سارى كەچلىلىكلەر كۈزلۈك يايلاققا كۆچىدىغان چاغلار بوپتۇ. باتتال ئاغا يايلاق بېجىنى تېخى تەييارلاپ بولالمىغاچقا كۆچۈش يىللاردىكىدىن كېچىكىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمەت ئاۋاق ئۇلارنىڭ پاناھىدا ئىكەن. مۇشۇ سەۋەپتىن كۆچۈش ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىكەن. ياخشىراق ئوۋغا ئېرىشسە ياكى ئوبدان تاماق ئەتسە مەمەتكە سۇنۇپ تۇرىدىكەن. شەھەر تەرەپكە ئۆتكەنلەر قوسىقىغا يىمىسىمۇ مەمەتكە ئاتاپ نەچچە تال شاپتۇل ياكى ئانار دىگەندەك مىۋىلەرنى ئالغاچ كېلىدىكەن. چوڭلاردىن كىچىكلەرگىچە بۇ كۈنلەرنى شۇنداق خوشال ئۆتكۈزىدىكەن. پاراڭلاشقاندا قوۋۇزلىرىنى توشقۇزۇپ پاراڭلىشىدىكەن. كۈلسىمۇ ئىچىدىن چىقىرىپ ئازادە كۈلىدىكەن.
كەتمەي ئامال يوقكەن. مەمەت ئاۋاق بىر ئورۇندا ئۇزۇن ياتالمايدىكەن. ھەتتا بىر تۈپ قاچورىنىڭ تۈۋىدىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرالمايدىكەن. قاراقچىنىڭ كۈنى شۇكەن.
ئۇ سارى كەچلىدىن كەتمەكچى بوپتۇ. كىچىك ۋاقتىدا دائىم كېتىشنى ئويلايدىغان يىراقتىكى خاتىرجەم يۇرتلارغا كەتمەكچى بوپتۇ. ئۇ يەرلەردە مەمەت ئاۋاقنى ھېچكىم تونۇمايدىكەن. شۇڭا خاتىرجەم ياشايدىكەن. خوشنىلىرى بىلەن ئەتە-ئاخشىمى دوقمۇشلاردا خاتىرجەم پاراڭلىشىپ تۇرالايدىكەن. كۈزنىڭ ئاپتىۋىغا قاقلانغاچ بالىلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرالايدىكەن. بازار كۈنلىرى خالىسا كاۋاپداننىڭ ئالدىدا ئالدىرىماي كاۋاپ يىيەلەيدىكەن. ياكى شاپتول سېتىۋاتقان بوۋاي بىلەن پاراڭلاشقاچ دانىسىنى ئون تىيىندىن تاللاپ ئولتۇرۇپ شاپتول يىيەلەيدىكەن. ئۈركىگەن قۇشتەك ئالدى-ئارقىغا قاراپ يۈرمەيدىكەن.
مەمەت ئاۋاق باتتال ئاغىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئاقساقالغا رەخمەت ئېيتىش كېرەككەن. بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرىگە رەخمەت ئېيتىش كېرەككەن......
مەمەت ئالدىدىكى قەھۋەنى ئىچكىنىچە چاڭغىراقتىن كىرگەن كۈن نۇرىنىڭ شىرداقتىكى شولىسىغا قارايدىكەن.
باتتال ئاغا مەمەت يېتىپ قالغاندىكى ئەتراپتا بولغان ھەر-بىر ئىشنى پاراڭ سېلىپ بېرىپتۇ. مەمەت خىيال سۈرگەچ ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلايدىكەن. داستىخان، مېھماندوست تۈركمەن ئادەتلىرى بويىچىكەن. كاۋاپ، سېرىق ماي، ھەسەللەر مولكەن. ئەمما مەمەت قەھۋەنىلا ئىچىدىكەن. تۈركمەنلەر قەھۋەنى باشقىچە تەڭشەيدىكەن. ئىچسەڭ ئىچكۈڭ كېلىدىكەن. باتتال ئاغا داستىخان خىزمىتى بىلەن يۈرگەن قىزغا ئىشارەت قىپتۇ. قىز سىرتقا چىقىپ ھايال ئۆتمەي بىر نەچچە بوپىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ئەگىشىپ كىرگەن يەنە بىر يىگىتنىڭ قولىدا بەش قۇر ئوقدان بىلەن يېپ-يېڭى بىر مىلتىق بار ئىكەن. باتتال ئاغا مەمەتكە؛
- بۇلار قەبىلىدىكىلەرنىڭ ساڭا قىلغان سوۋغىلىرى – دەپتۇ. مەمەت قىمىرلاپتۇ. سوۋغاتلارغا ئالدىراپ قاراپتۇ. ئاندىن ئىتتىك كۆزىنى ئەپقېچىپ ئالدىغا قارىۋاپتۇ. گېلىنى قىرىپتۇ. باتتال ئاغا مەمەتتىكى ئۆزگۈرۈشكە دىققەت قىپتۇ. ئۇنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ. باتتال ئاغا مەمەتنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپتۇ. قىز قولىدىكى بوپىنى مەمەتنىڭ يېنىغا قويۇپتۇ. يىگىتمۇ قورالنى قويۇپتۇ. مەمەت بىر مىلتىققا ئاندىن باتتال ئاغىغا قاراپتۇ. يەنە گېلىنى قىرىپتۇ؛
-       باتتال ئاغا.....مەن نۇرغۇن ئويلاندىم. ئەمدى تاغدىن چۈشەيمىكىن دەيمەن- سۆزىنى توختىتىپ كۆزىنى باتتالدىن ئەپقېچىپ ئالدىغا قارىۋاپتۇ......ئارىدا سۈكۈت باشلىنىپتۇ. مەمەت كەينىنى دىمەي ئامال بولماپتۇ؛
-       مەن بۇ ئىشتىن پايدا كۆرمۈدۈم. ئابدىنى ئۆلتۈردۈم ھەمزە چىقتى. قەلەيچىنى ئۆلتۈردۈم، قارا ئىبراھىم چىقتى. ھەمزەنىمۇ، ئەلى ساپانىمۇ ئۆلتۈردۈم ھەقاچان ئۇلارنىڭ ئورنىغىمۇ بىرى چىقىدۇ....مانا سىلەرنىڭ ئوتلاقلىرىڭلارنى ئىگەللىۋالغان موللا تۇراننى ئۆلتۈرسەممۇ ئۇنىڭدىن يامان بىرى چىقىدىكەن.........باشقىلارغا ياخشىلىق قىلاي دىسەممۇ قىلالمىدىم...مەن كېتەيمىكىن دەيمەن......
باتتال ئاغا مەمەتنىڭ كۆزلىرىگە قارايدىكەن. مەمەت باتتالغا بىر قارايدىكەن. يەنە كۆزىنى ئەپقاچىدىكەن. ئالدىغا قارايدىكەن. يىگىتكە قارايدىكەن. قىزغا قارايدىكەن. يەنە سۆزلەيدىكەن. ئاخىرىدا سۆزىنى تۈگىتىپ ئالدىغا قارىغىنىچە بوينىنى ئېگىپ ئولتۇرۇپتۇ.
باتتال ئاچىماققا قوندۇرۇپ قويغان لاچىنغا قاراپتۇ. بىر دەم قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاندىن مەمەتكە قاراپتۇ. ئۇمۇ گېلىنى قىرىپتۇ. ئاندىن ئالدىرىماي سۆزلەپتۇ؛
-       ئوغلۇم مەمەت. توغرا ئېيتتىڭ. سەن بۇ دۇنيانى تۈزەپ بولالمايسەن. قەدىمدىن بۇيان نۇرغۇن مەمەتلەر تۈزەپ بولالمىدى. بەلكىم سەنمۇ تۈزەلمەسلىكىڭ مۇمكىن. بىراق مەمەتلەر توختاپ قالمىدى. بۇرۇنقى مەمەتلەر ئۆلۈپ تۈگىدى. يېڭى مەمەتلەر چىقىۋەردى. سەن توختاپ قالساڭمۇ يەنە كەينىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئىنسانىيەت ئالىمى مەۋجۇت بولىدىكەن. زۇلۇم يوقالمايدۇ. شۇنداقلا زۇلۇمغا قارشى كۈرەشمۇ يوقالمايدۇ. سەن قورال تاشلىغان بىلەن زۇلۇم قورال تاشلىمايدۇ. ئىنسان تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچى. مۇشۇ تىرىشچانلىقى بىلەن خۇدا يارتقان مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئەڭ مەرتىۋىلىكى. خۇدا قول قوشتۇرۇپ تۇرغاننى خالىمايدۇ. ھەتتا قىيامەت سۈرىسى چېلىنىپ تۇرسىمۇ قول قوشتۇرماسلىق كېرەك. سەن ئارام تاپالمايسەن. ئىچىڭدىكى قۇرت ئارام تاپقۇزمايدۇ. قېنى قورال تاشلاپ بىر يەرنى تېپىپ ياشاپ باق. ھامىنى يەنە قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولىسەن......
مەمەت بېشىنى كۆتەرمەيدىكەن. ئورنىدا قىمىرلاپ قويىدىكەن. باتتال ئۇنىڭغا قارايدىكەن. مەمەت بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. ئىسسىپ كەتكەنمۇ بۇرۇنلىرى تەرلەپ قالغان ئىكەن. يەنە بېشىنى تۆۋەن قىپتۇ. يەنە كۆتۈرۈپتۇ. ئاندىن ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ؛
- باتتال ئاغا. توغرا ئېيتتىڭ. مەن يوقالغان بىلەن كەينىمدىكىلەر يوقالمايدۇ.  ئەمما ھەممىمىزنىڭ تەغدىرى بىر تال ئوق.....قىلغان ئىشلىرىمىز بىلەن ئازراق ياخشىلىق كۆرگەن بولساڭلار بىز رازى ئىدۇق....ئەمما سىلەرگە ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلەلمىدۇق....مېنى كەچۈرۈڭلار. مەن تاغدىن چۈشەي.......- دەپتۇ. يەنە بېشىنى تۆۋەن قىلىپتۇ.....
باتتال بىلەن مەمەت ئاۋاق كەچ كىرگىچە مۇڭدىشىپتۇ. ئىككىسى باشتىن كەچۈرگەن ئىشلىرىنى پاراڭ سېلىشىپتۇ. ئاسماندا يۇلتۇز، يەردە يىلتىز قالماپتۇ. ئاخىرى مەمەت ئاۋاق تاغدىن چۈشمەكچى بوپتۇ. قەبىلە سوۋغا قىلغان كىيىملەرنى قوبۇل قىپتۇ. ئەمما مىلتىقنى ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان <<مەمەت>>لەرگە قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.
قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن باتتال ئاغا بىلەن " خۇدايىمغا ئامانەت" دەپ خوشلىشىپتۇ.
مەمەت يېزىسىنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈۋېلىش ھەمدە ھۆرى ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن دەگىرمەن ئۆلۈككە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئەسلىدە ۋاي ۋاي يېزىسىغا بېرىشنى ئويلاپتىكەن. سەيراننى بالدۇرراق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بىراق ئېھتىيات قىپتۇ. ھۆكۈمەتمۇ دۆت ئەمەستە. ساقچىلارمۇ كالىۋا ئەمەسقۇ. قاراقچى بولسا نىمە بوپتۇ. ئۇنىڭدىمۇ يۈرەك بار. ئىشىق بار. بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى مەمەت سەيراننىڭ يېنىغا كېلىدىكەن. شۇڭا بۇ يېزىغىمۇ پايلاقچى قويىدىكەن. مەمەت چىدىيالماي ۋاي ۋاي يېزىسىغا كىرىپ، سەيراننىڭ چېچىنى پۇراپ بولغىچە ئۇنى قورشاپ تۇتىۋالىدىكەن....  
شۇڭا مەمەت ئۆزىنىڭ يېزىسىغا مېڭىپتۇ. ھۆرى ئانىسىغا سەيراننىڭ ئىشىنى ئېيتىدىكەن. ئاندىن سەيراننى ئېلىپ ئىسمى نامەلۇم يەرلەرگە كېتىدىكەن. ئەگەر ھۆرى ئانىسى قوشۇلسا ئۇنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىدىكەن.
مەمەت تاڭ ئاتارغا يېققىن يېزىسىغا يېتىپ كەپتۇ. يېزىنىڭ سىرتىدىكى ھېلىقى تاشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ. قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى يېزىسىغا قاراپتۇ. كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ. بالىلىقى، ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى، جاپاكەش ئاپىسى يادىغا كەپتۇ. ئىچى چىڭدىلىپ كەتكەن ئىكەن. مەمەت ئاۋاق باشقىلارنىڭ ئالدىدا خالىغانچە يىغلىسا بولمايدىكەن. شۇڭا يىغلاپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. بالىلىق دەۋرىدىكى تاشقا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ تازا يىغلاپتۇ. تۇختىماي يىغلايدىكەن. بىر چاغدا خېلى يېنىكلەپ قاپتۇ. كۆڭلى كۆتۈرلۈپ قاپتۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى بىلىدىغان خىلۋەت يوللار بىلەن ھۆرى ئانىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. موماينىڭ چىرىقى يېنىقكەن. مەمەت كۈلۈپتۇ. ھۆرى ئانىسى ھەر كۈنى چىرىقىنى ئۆچۈرمەي ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. ئىشىكنى ئاستا تىرىقلىتىپتۇ. ئەزاننى ساقلاپ ياتقان ھۆرى ئانا ئىشىكنىڭ تىرىقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. كۆڭلى تۇيۇپتۇ. مەمەت ئاۋاق كەپتۇ. مەمەت ئىشىكنى شۇنداق تىرىقلىتىدىكەن. ئىشىكنى ئېچىپتۇ. " كەلدىڭمۇ جېنىم بالام.....كىر...بالام...ئەھۋالىڭ قانچىلىك...يارىلىرىڭچۇ......" ئانا توختىماي سورايدىكەن. مەمەت جاۋاپ بېرىپ ئۈلگىرەلمەپتۇ. ئولتۇرغۇزۇپتۇ. "....قوسىقىڭچۇ ؟.....ھازىر قازان ئاسماي...ئۇلار كەلگىنىڭنى بىلىۋالىدۇ...سېرىق ماي بىلەن ھەسەل بار......قوسىقىڭنى توقلاپ تۇر.....توڭلىدىڭمۇ......ياراڭ ئاغرىمدۇ....." 
 ئانا داستىخىنىنى ئېچىپتۇ. يىغىپ قويغان سېرىق مايلىرىنى، تىقىپ قويغان ھەسەللىرىنى چىقىرىپتۇ. مەمەتنىڭ ئالدىرىماي نان چايناشلىرىغا قارايدىكەن. چىنىسىغا چاينى جىقلاپ تۇرىدىكەن. مەممەت " سەنمۇ ئىچكىن ئانا.." دىسە، " ياق، سېنىڭ ئىچكىنىڭنى كۆرۈپ ئولتۇراي.." دەيدىكەن. مەمەت چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ھۆرى ئانىسىغا ئۇ كەتكەندىن كېيىنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. باتتال ئاغا بىلەن خوشلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. چاينى ئىچىپ بولۇپ بىرلىكتە دۇئا قىپتۇ.
مەمەت ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن قاراقچى بولماي كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتماقچى بوپتۇ. سەيران بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتماقچى بوپتۇ. گەپنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەپتۇ. يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئادەم باداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بېقىپتۇ. ئۆزىگە قولاشمايۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن. يەنە يۈكۈنۈپتۇ.
ھۆرى ئانا سېزىپتۇ. مەمەتتە بىر ئىش باركەن. دىيەلمەيدىكەن. " مەن سېنىڭ ئاناڭ...ماڭىمۇ دىيەلمەيدىغان نىمە ئىشىڭ بار..." دەپتۇ. مەمەت شۇنى كۈتكەندەك؛
- ئانا مەن تاغدىن چۈشىمەن. قاراقچىلىق قىلمايمەن- دەپتۇ.  
ھۆرى ئانا ئۇنىڭ چىرايىغا ئىپادىسىز قارايدىكەن. ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ھېچنەرسىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. مەمەت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ؛ 
 - بۇ بەرىبىر ئىشكەن. قىلغانلىرىمنىڭ نىمە پايدىسى بولىۋاتىدۇ. ئابدىنى ئۆلتۈردۈم، ھەمزە كەلدى. ھەمزەنى ئۆلتۈردۈم. ھازىرچە سىلەر ئازات بولدۇڭلار. ئەمما ئەتە-ئۆگۈن يەنە باشقا ھەمزە پەيدا بولمايدۇ دىگىلى بولامدۇ!؟ بۇنىڭ ئايىقى چىقمايدىكەن.....بىر پاي ئوقتا ئۆلسەم مەيلىتتى. قىلغان ئىشىمنىڭ پايدىسى بولسىلا مەن رازىتتىم.....
مەمەت جىق گەپلەرنى قىپتۇ. ھۆرى ئانا بېشىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاپتۇ. مەمەت قىزىشىپ سۆزلەيدىكەن..." مەن كەتسەم كەينىمدىن نۇرغۇن مەمەتلەر كېلىدۇ. بىر مەن بىلەن دۇنيانىڭ ئىشى توختاپ قالمايدۇ......" ھۆرى ئانىنىڭ بېشى سېلىنىپ كېتىپتۇ. بىچارە نىمىمۇ دىيەلىسۇن " ياق سەن قاراقچىلىق قىلىشىڭ كېرەك" دەي دىسە جان مەمەتنىڭ. دەرتنى مەمەت تارتىدۇ. " قىلما " دەي دىسە كۆڭلى خالىمايدۇ. راست گەپنى قىلغاندا مەمەتنىڭ مەڭگۈ قاراقچى بولىشىنى خالايدۇ. ھۆرى مەمەتنى قاراقچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق نىمىمۇ دىيەلىسۇن. بېشىنى سالغىنىچە ئولتۇرىدىكەن. ھۆرىگە دۇنيانىڭ قىززىقى قالمىغاندەك، سۇ بىلەن ئوت ئوخشاشتەك، ئولتۇرغان بىلەن تۇرغاننىڭ ھىچقانداق پەرقى قالمىغاندەك بىلىنىپتۇ. ھۆرى ئانا ھېچنىمە دىمەپتۇ. گەپ قىلغان بىلەن گەپ قىلمىغان ئوخشاشكەن. شۇڭا گەپ قىلماپتۇ. مەمەت ئانىسىغا قارايدىكەن. ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتىدىكەن. سەيراننى دىمەكچى بوپتۇ. ھۆرى ئانا چوقۇم خوشال بولىدىكەن. مەمەتنىڭ توي قىلىشىنى، بالىلىق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن؛
- ئانا، ۋاي ۋاي يېزىسىدا سەيران دەپ بىر قىز بار. بۇ قېتىم ئۇنى ئالغىلى كەلدىم. ئەتە ياكى ئۆگۈنلا توي قىلىمىز.ئاندىن يىراقلارغا كېتىمىز....- دەپتۇ.  ھۆرى ئانىسى بېشىنى ئىتتىك كۆتۈرۈپتۇ. مەمەتنى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك قاراپتۇ. چىرايىدا ئاشكارا ھەيرانلىق بار ئىكەن. مەمەت ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان تىتىلداش بار ئىكەن.  كېيىن بېشىنى تۆۋەن قىپتۇ. ئىككى مۈرىسى بىلەن دەم ئالىدىكەن. ھۆرى ئانا سەل تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرمەي غۇدۇڭشۇپتۇ؛
- سېنىڭ دەردىڭنى بىلدىم. ئەسلىدە خوتۇنسىراپسەن ئەمەسمۇ....تېخى كۆرۈشكىلى بارامسەن؟! .... خوتۇن ئېلىشتىن ئاسان ئىش يوققۇ.....
مەمەت ھودۇقۇپتۇ. ھۆرى ئانىسىنىڭ خوشياقمىغاندەك قىلغان گەپلىرى يەرنىڭ تېگىدىن چىققاندەك ئاڭلىنىپتۇ.
بىر چاغدا ھۆرى بايىقىدىنمۇ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. كۆزلىرى يىرتقۇچنىڭ كۆزىدەك يانىدىكەن. چىڭ يۇمۇلغان لەۋلىرى توختىماي مىدىرايدىكەن. مەمەتكە بىر ھازا قاراپتۇ. تۇيۇقسىز ئاغزى ئېچىلىپتۇ.
خۇدايا توۋۋا...راستىنلا ئېغىزى ئېچىلىپتۇ؛
- ئاڭلا مەمەت ! خوتۇن ئېلىپ، بالا تېپىۋاتقان يۇۋاش گادايلار ئالەمدە مىڭ....ھەممىسى خوتۇن ئالالايدۇ. ئەمما بىرىمۇ مەمەت ئاۋاق بولالمايدۇ ! سەنمۇ خوتۇن ئالماقچىمۇ ؟.....ئال ! يوغان ئىش قىلغىدەكسەن.....سەندەك بېلى بوش، سىيگەك، مەمەت ئاۋاق بولالامسەن. ئۇنداق ئادەم بۇرۇنلا قوڭۇڭنى قىسساڭ بولمامدۇ ! .....
ھەي دۆت ! قاراقچى دىگەننىڭ خوتۇنى، بالىسى، ئۆيى بولمايدۇ....
ھۆرى ئورنىدا ئولتۇرغان بىلەن ھەر بىر سۆزىدە ئۈستىگە كۆتۈرلۈپ كېتىدىكەن. جان-جەھلى بىلەن سۆزلىگەچكە تۈكرۈكلىرى مەمەتنىڭ چىرايىغا چاچرايدىكەن؛
- قاراقچى ئاتالماق تەس. بىلىپ قوي، ئەمما ئۇنىڭدىن يانماق شۇنداق ئاسان. قىلمايمەن دىسەڭلا بولىدۇ. سەن شۇنداق ئاسان قۇتۇلماقچىما....ھەممىنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ قويۇپ ئەمدى تاشلاپ كەتمەكچىما.....ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، بىلىپ قوي....سېنىڭ جېنىڭ سېنىڭ ئەمەس...ئەمدى ساڭا تەۋە جان يوق !...سېنىڭ دەستىڭدىن پەرھات ئىماممۇ تۈرمىدە چىرىپ ياتىدۇ....ماقۇل بارە...ئاۋۇ سەيران-پەيران دىگەنلىرىڭ بىلەن كۆرۈش...ماقۇل بار...يۇرتنى چاقىرىپ توي قىل....مېھمانلىرىڭ ئاشقا ئولتۇرماي تۇرۇپلا ئۈستۈڭدىن ساقچىلار چۈشىدۇ. توي قىلارمىش تېخى... قاراقچى بولغىچە تىزەك تەرسەڭ بولمامدۇ.....شۇنچىلىك ئىشنى بىلمەمسەن...ھۆكۈمەت "مەمەت قاراقچى بولمىغۇدەك..." دەپ سېنىڭ بىلەن كارى بولماسمۇ....."بوپتۇلا جېنىنى باقسۇن" دەپ كارى بولماسما....دەپ باقە...ئەمدى سەن ئارام تاپىمەن دىسەڭمۇ مەڭگۈ ئارام تاپالمايسەن....ئارام تاپقىنىڭنى مەن كۆرۈپ باقاي.........ھۇ ! ئەقىلسىز كالا....گاداي ئىبراھىمنىڭ بالىسى....موللا مۈشۈك يۇۋاشنىڭ بالىسى... 
 مەمەت ھۆرى ئانىسىدىن بۇنداق ئېغىر گەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەن. چىدىماپتۇ. نەچچە رەت ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەي دەپتۇ. بىراق، چىدىماي ئىلاجى يوقكەن. چۈنكى ھۆرى ئانىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن. مەمەت قىزىرىپ كېتىپتۇ. چىپ-چىپ تەرلەپ كېتىپتۇ. ئالقانلىرىمۇ تەرلەپ كېتىپتۇ....ھاسىراپ كېتىپتۇ. ئەمما جىم ئولتۇرۇپتۇ.
ھۆرى ئانا ئاچچىق بىلەن سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قاپتۇ. گېپىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك، خىيالىغا بىر ئىش كەلگەندەكلا چىپپىتە توختاپ قاپتۇ. ئېغىزى ئوچۇقكەن. چىشسىز ئاغزى قاراڭغۇكەن. ئىچى كۆرۈنمەيدىكەن.
ھۆرى ئېسىگە كەپتۇ. ئۆزىنىڭ نىمىشقا ئاچچىقلاپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قاپتۇ. خىجىل بوپتۇ. تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ بېشىنى سېلىۋاپتۇ. يۈزىنىڭ تېرىسى بوشاپ كەتكەچكە قىزىرىپ كەتكەنلىكى بىلىنمەيدىكەن. ئەمما تەرلەپ كېتىپتۇ. "مەمەتمۇ بىر ئەر كىشى تۇرسا. قاراقچىغىمۇ ئايال لازىمدە!؟ ھۆرى نىمىشقا ئۇنى توسايدۇ. ھەممىدىن توسىسىمۇ ئايالدىن قانداقمۇ توسايدۇ. توۋۋا..!....ھۆرىنىڭ نىمانداق ئىچى تار....مەمەتنىڭ بىر ئايالنى سېغىنىشىنى ياقتۇرمىدى دىسە.....ھۆرى ئۇيات ئەمەسمۇ......سەن ئۇنىڭغا نىمە بولماقچى ؟!...."
ئۇياتلىق يېرى ئېچىلىپ قالغاندەك ، مەخپىيەتلىكى پاش بولۇپ قالغاندەك ھودۇقىدىكەن. كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى تۈزەيدىكەن. كىچىككىنە قاتلايدىكەن. يەنە تۈزەيدىكەن. ئەمما نىمىشقىدۇ بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. ئۆينىڭ ئىچى جىمجىتكەن.......
ھۆرى ئۆمۈر بويى يۈرەك ئازابى بىلەن ياشاپتۇ. ئەتراپىدا بولىۋاتقان تەڭسىزلىك ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئىچى قانغا تولىدىكەن. مىجەزى شۇنداقكەن. ئەتراپىغا قاراپ يۈرەكلىرى سىقىلىدىكەن. بىراق ئۇنى قولى بىلەن توسالمايدىكەن. ناھەقچىلىقنىڭ بېشىغا تاش بىلەن ئۇرالمايدىكەن. ئەمما غەزەپلىك قارايدىكەن. تىللايدىكەن. قاغايدىكەن. ھەر بىر كۈنىنى زەرداپ يۇتۇپ ئۆتكۈزىدىكەن. كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشنى كۆرسە مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئەر-ئايال دىمەستىن سىلكەيدىكەن. مېھرىبانلىقى ئون خوتۇندىن جىقكەن. ئەمما غەزىۋى تۇتقاندا چىشى بۆرىكەن. ئوتى لاۋۇلداپ كۆيىدىغان، سۈيىمۇ دولقۇنلاپ ئاقىدىغان خوتۇنكەن.  ئوتى باركەن، سۈيىمۇ باركەن.
بىراق، بىچارە ھۆرىنىڭ بىر ئۆمۈر كۆڭلى سۇ ئىچمەپتۇ. ھاردۇقى چىققۇدەك بىر ئىش بولماپتۇ. زامانغا ، يارىماس ئىنسانلارغا بولغان قىساسى ئېلىنماپتۇ. كېچىلىرى ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلغۇدەك بىر ئەزىمەت چىقماپتۇ. 
ئەرگە تەگمىسە بولمايدىكەن. سەت بولىدىكەن.ھۆرى ئەرگە تېگىپتۇ. تېنىنى بېرىپتۇ. بىراق جېنىنى بەرگۈدەك ئەرگە تېگەلمەپتۇ.
ھۆرى ئانا مەمەتنى ئەمەس بەلكى قاراقچى مەمەت ئاۋاقنى ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى بۇ قاراقچى باشقىلار قورقۇدىغان تەڭسىزلىككە ئوق ئېتىپتۇ. ھەممە ئادەم قاراشتىن ئەيمىنىدىغان زالىمنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ھۆرىنىڭ ئىچ-باغرى بوشاپتۇ. قىساس ئوتى يېنىكلەپتۇ. خىيالىدىكى بۇ قاراقچىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمگە بەرمىگەن جېنىنى مەمەت ئاۋاققا بېرىدىكەن. شۇنداق قىلسا مۇرادىغا يېتىدىكەن.
ھۆرىنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن. مەمەت ئاۋاقنى بالىسىدەك ياخشى كۆرەمدۇ ياكى بىر ئەر كىشىدەك ياخشى كۆرەمدۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئەمما چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىكەن.
مانا ئەمدىلىكتە چاتاق چىقىپتۇ.
مەمەت ئايال سېغىنىپتۇ. ھۆرى ئانا مەمەتنىڭ ئايال سېغىنىشىنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇنىڭ يات ئايالغا بولغان ھىسياتىنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ تولغۇنۇپ ياتىدىغان كېچىلىرى، نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ يالغۇزسىرايدىغان چاغلىرى بولماسلىقى كېرەككەن. بولمىسا ئاددى ئادەم بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ كۆكرەكلىرى ھەققانىيەت ئۈچۈن ئېچىلىشى كېرەككەن. ھەرگىزمۇ ئايال ئۈچۈن ئېچىلماسلىقى كېرەككەن. توختىماي ئادەم ئۆلتۈرىشى كېرەككەن. يۈرىكىدە قىساسلا  بولىشى كېرەككەن. ئىشقى-ھىسيات، ھەۋەسلەر بولماسلىقى كېرەككەن. قاراقچىلىق قىلمىغاندا تەكچىدىكى بۇتتەك چوڭ سۈپەت كۈلۈمسىرەپ تۇرىشى كېرەككەن...
ئەمما، مەمەت ئاۋاق ھۆرىنىڭ ئارزۇسىنى بىلمەپتۇ. خۇداغا خاس يالغۇزلۇققا كۆنەلمەپتۇ. ئايالغا بولغان ھىسياتىنى ئۆلتۈرەلمەپتۇ. خۇددى ھەزرىتى ئادەم ئۆلتۈرەلمىگەندەك، داۋۇت ئۆلتۈرەلمىگەندەك، سۇلايمان ئۆلتۈرەلمىگەندەك. يۈسۈپ ئۆلتۈرەلمىگەندەك مەمەتمۇ ئۆلتۈرەلمەپتۇ.
مېيىپ ئادەم بولىدىكەن. بىرىنىڭ پۇتى يوق. يەنە بىرىنىڭ قولى يوق. بىرلىرىنىڭ قۇلىقى ياكى كۆزى يوق. ئەمما يۈرىگى يوق ئادەم بولمايدىكەن.
مەمەت <<ئانىسى>>نىڭ تۇيۇقسىز جىمىپ، بېشىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ سەل يېنىكلىگەندەك بوپتۇ. ئولتۇرۇپ بېقىپتۇ. ھۆرى ئانا بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. جىم ئولتۇرىدىكەن. رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغلىق ئىچىدىكى كىچىككىنە بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. مەمەت، ئۇنىڭ ئورۇقلىقىدىن قۇلىقىنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالغان مۈرىسىگە قاراپتۇ. ئىچى سېرىلىپتۇ. بىلەكلىرىگە ماسلاشمىغان يوغان ئالقانلىرى مەمەتنىڭ ئاز جاپاسىنى تارتتىمۇ......
-       ئانا، سەندىن باشقا يۆلەنچۈگۈم يوق. سەندىن باشقا كىمگە ئىشىمەن. مەن بەك ھېرىپ كەتتىم. شۇنداق ھېرىدىمكى بەزىدە ئۆلۈۋېلىپ، ئارام تاپاي دەيمەن.....بىراق........يەنىلا ئۆزەمنى ئالداپ ياشاۋاتىمەن. مەن ئازراق ئارام ئېلىۋالاي....سەيران ماڭا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ.....بىراق.....
مەمەت گېپىنىڭ كەينىنى يا چىقىرالماي ياكى يۇتالماي بىر پەس تۇرۇپ قاپتۇ. ئاخىرى يەنە بولماي سۆزلەپتۇ؛
-       مەن.....بەك ھېرىدىم. قانچىلىك ھېرىپ كەتكىنىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھەممىلا ئادەم مېنىڭ قانچىلىك بىچارە، قانچىلىك ھارغىن ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىمنى بىلمەيدۇ. سەنمۇ بىلمەيسەن، سەيرانمۇ بىلمەيدۇ. باتتال ئاغىمۇ بىلمەيدۇ. ھېچكىم بىلمەيدۇ. سىلەر پەقەت قاراقچى مەمەت ئاۋاقنىلا بىلىسىلەر. ئۇنى تۆمۈرگە ئوخشاش مۇستەھكەم دەيسىلەر.....باشقىنى بىلمەيسىلەر، بىلىشنى خالىمايسىلەر. ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن.....- مەمەتنىڭ ئاۋازلىرى بوغۇلۇپتۇ؛
- سىلەر مېنى قەھرىمان قىلماقچى.....سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئايايسىلەر....قەھرىمان بولۇشتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مېنى قەھرىمان بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار....ماڭا ئۇندىن باشقا يول بەرمىدىڭلار.....تەنە، دوق بىلەن مەجبۇرلىدىڭلار...مېنى ئالدىڭلارغا سېلىۋالدىڭلار.....توغرا ئېيتتىڭ ! مەن خوتۇنسىراپ كەتتىم ! قاراقچىلىقنى ئويلاۋېرىپ باشلىرىم ئېتىلىپ كېتەي دەيدۇ. شۇنداق چاغدا بىر ئايال بىلەن ھال-مۇڭ قىلغۇم كېلىدۇ. قانداق قىلاي ئادەمكەنمەن....تاش ئەمەسكەنمەن ! ئۇنى قۇچاغلىغۇم...سۆيگۈم كېلىدۇ....مۇرادىڭلارغا يېتىسىلەر...بىر كۈنى ئۆلسەم كۆڭلۈڭلەر تىنىدۇ.....يوغان قەبرە قىلىپ گۈللەر تېرىڭلار جۇمۇ...قىرائەت قىپ كېتەرسىلەر تېخى.....- مەمەتنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلىدىكەن. يىغلايدىكەن. بۇرۇنلىرىدىن ئېقىۋاتقان سۇنى كىچىك ۋاقتىدىكىدەك قولىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتىدىكەن.
- مەن سىلەرنى مەڭگۈ رازى قىلالمايمەن. ئۆلۈپ بەرسەممۇ سىلەر رازى بولمايسىلەر. ھويلىدىكى ئىتقىمۇ ئازراق يۇندا بېرىسىلەر، ئۇنى ئەركىلىتىسىلەر....مەن شۇ ئىتچىلىكمۇ يوققۇ.....ھۇ! ئىچى تار يارىماسلار.....ئۆزەڭلەرنىڭ ئارزۇسىنى، يارىماس كاللاڭلاردىكى خىيالىڭلارنى ماڭىلا تاڭدىڭلار....پۇت-قولۇڭلار باغلاقمىتتى ! سىلەر نىمىشقا قاراقچى بولمايسىلەر ! مەن ھەرقايسىڭنىڭ قۇلىدەك بوپ قالدىم. كۆڭلۈڭلەرگە ياقمىسام.....ئەڭ پەس تىللار بىلەن ھاقارەتلىدىڭلار.... سىلەر تويمايسىلەر. قىلغانلىرىمغا تويمايسىلەر. ھەتتا جېنىمنى ئالساڭلارمۇ تويمايسىلەر. سىلەردە بەرگۈدەك ھېچنمە يوق. كۆڭلۈڭلارنىڭ تارلىقىدىن، كىچىكلىكىدىن ماڭا بەرگۈدەك ھېچنىمەڭلار يوق !!!....
ھۆرى بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. ئىككى مۇرىسى توختىماي سىلكىنىدىكەن. تۇرۇپ-تۇرۇپلا بوغۇلۇپ قالغاندەك كانىيىدىكى بىر نەرسىنى يۇتىدىكەن.
بىر چاغدا مەمەت كۆزىنى سۈرتۈپتۇ. ئالقىنى بىلەن كۆزىنى ئويۇۋېتىدىغاندەك قاتتىق سۈرتۈپتۇ. گېلىنى قىرىپتۇ. يۆتۈلۈپتۇ. ئۆزىنى تۇتىۋاپتۇ. ئالدىدىكى ناندىن بىر پارچىنى ئېلىپ خۇددى ئاچ قالغاندەك چايناشقا باشلاپتۇ. ئەمما يۇتالمايدىكەن. قاتتىق-قاتتىق چاينايدىكەن. توختىماي چاينايدىكەن.
ھۆرى ئانىسىنىڭ مۈرىسى توختىماي سىلكىنىدىكەن. بۇقۇلدايدىكەن. ئاخىرى بولماپتۇ. چىدالماپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. ئاۋازىنى قويۇۋېتىپتۇ؛
-       جېنىم بالام !....جېنىم مەمىتىم....مېنى كەچۈر........
كۆزلىرى يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئىكەن. يۈزىنىڭ ھەممە يېرى سۇ بولۇپ كەتكەن ھۆرىنىڭ ئېغىزى ئۈمچىيىپ قالغان ئىكەن. يىغلايدىكەن؛
-       بىزنى كەچۈر.....بىز ئاجىزكەنمىز.....بىز يارىماسكەنمىز.....ھەممە دەرتنى سېنىڭغا يۈكلىدۇق. ساڭا ئوخشاش قولىمىز، پۇتىمىز بولسىمۇ يەنىلا ئاجىزكەنمىز...بىز سەندەك بولالمىدۇق. بىر تال مەمەتنى ئىككى قىلالمىدۇق....جېنىم، بالام !؟...بىز نىمىدىگەن يارىماس.......
زامانغا قارشى قورال كۆتۈرۈپ قويۇپ، يالغۇز قالغان قاراقچى بىلەن زۇلۇمغا قارشى ئىمكان تاپالمىغان قېرى موماي خوشنىلارغا تۇيدۇرماي تازا يىغلاپتۇ. ئىچىدىكى زەرداپلار ياشقا ئايلىنىپ ئېقىپ تۈگىگىچە يىغلاپتۇ.....
ئاخىرى ھەر ئىككىسى يېنىكلەپ قاپتۇ. "چاي ئىچ، سەنمۇ ئىچكىن، سارمايدىن ئازراق يىمەمسەن.." دىيىشىپ بىللە قوساق توقلاپتۇ. ئاخىرى چىرايلىق ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىپتۇ. مەمەت قىرىق كۆز دەرگاھىغا بارماقچى بوپتۇ. سۇلتان ئانىغا رەخمەت ئېيتقاچ ئۇنىڭدىن ئۆزىگە تىلسىم پۈتۈپ بېرىشنى ئۆتۈنىدىكەن. ھۆرى ئانا، مەمەت قايتىپ كەلگۈچە سەيران بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەممە ئىشنى تەييار قىلىپ تۇرماقچى بوپتۇ.

يالغان مەمەت ئاۋاق
 
مەمەت ھەسەن تېغىغا چۈشتىن كېيىن يېتىپ كەپتۇ.
تاغنىڭ بېلىدىكى يېشىلىقتا توختاپتۇ. كۆكۈش گۈللۈك يايلاق سارغايغان ئىكەن. گۈللەرنىڭ ئۇرۇقى پىشىپ تۆكۈلەي دىگەن ئىكەن. شۇڭا بۇرۇنقىدەك كۆكۈش كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇ يالغۇز دەرەخ ئاستىدا دەم ئالغاچ ھۆرى ئانىسى تەييارلاپ بەرگەن يىمەكلىكتىن يەپ قوسىقىنى توقلاپتۇ.
مەمەت سۇلتان ئانىنىڭ قىياپىتىنى سۇس ئەسلىيەلەيدىكەن. بەدىندىكى ئوقلارنى چىقارغىچە يېرىم ھۇشسىز ئىكەن. ئۇ سۇلتان ئانىنىڭ ئاپپاق چىرايى بىلەن "مەمەت ئاۋاق....ئازراق چىدا، ئاز قالدى...ياخشى بولۇپ كېتىسەن...." دىگەن مۇلايىم ئاۋازىنىلا بىلىدىكەن.
مەمەت نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپتۇ ئەمما قىرىق كۆز دەرگاھىغا بېرىپ باقمىغان ئىكەن. باشقا قىرىقلارغىمۇ بېرىپ باقماپتىكەن. ئەمدى بارىدىكەن. بارمىسا بولمايدىكەن. بېشى قېيىپتۇ. يول تاپالماپتۇ. سۇلتان ئانا ئۇنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىكەن. ھېچكىم بىلمەيدىغان سىرلارنى، تارىخنى، شېھىتنى، ئۆلۈمنى بىلىدىغان سۇلتان ئانا ئۇنىڭغا نۇرغۇن جاۋاپلارنى بېرىدىكەن. بېشىدىكى سەۋدانى يوق قىلىدىكەن. مەمەتكە ئوق ئۆتمەيدىغان تىلسىم قىلىپ بېرىدىكەن. قىرىق كۆز دەرگاھى شۇنداق قىلالايدىكەن. مەممەت يېپ-يېڭى ئادەم بولىدىكەن. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ تېزلا قايتىدىكەن.
سەيراننى خىيال قىپتۇ. ئۇنىڭ زىناقلىرىنى، لەۋلىرىنى، پۈتۈن بەدىنىنى خىيال قىپتۇ. سەيراندىن كېلىۋاتقان ئايال پۇرىقىنى خىيال قىپتۇ. مەمەت ئايال كىشىنىڭ خىيالىنى قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن سەيراننى خىيال قىلىدىكەن. چۈنكى سەيران مەمەتنى "ياخشى كۆرۈمەن" دەپتىكەن. مەمەت خوشالكەن. بىر ئايال زاتى مەمەتنى ياخشى كۆرسە ھېچنىمدىن قورقمايدىكەن. ھەرقانداق ئادەم ياخشى كۆرۈدىغان ئادەمنى تاللىيالايدىكەن. ئەمما قاراقچىلار تاللىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدىغان تەغدىرى بىلەن ئۇنى-بۇنى تاللايدىغان ھالى بولامدۇ. كىملا بولسا بولىۋېرىدىكەن.
سەيراننى ئېلىپ يىراقلارغا كېتىدۇ. ھۆرى ئانىسىنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ. ئازراق يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ. يەنە ئوۋچىلىق قىلىدۇ. ئېتىپ كەلگەن كەكلىكلەرنى كاۋاپ قىلىدۇ. سەيران بىلەن ھۆرى ئانا ئىڭەكلىرىدىن ياغلىرىنى ئېقىتىپ كەكلىك كاۋاپلىرىنى يەپ كېتىدۇ. بالىلىرى مومىسىنىڭ قۇچاغلىرىدا ئوينايدۇ. ھۆرى ئانىسى " ۋاي جۇۋاينىمەكلەر...نىمىدىگەن شوخ نىمىلەر بۇ..." دەپ كۈلۈپ كېتىدۇ.....
مەمەت قىرىق كۆز شىپاخانىسىغا يېتىپ كەپتۇ.
يېرىمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىشىك ئالدىدا ساقلاپتۇ. تېخى دېمىنى ئېلىپ بولمايلا، ئىشىك ئېچىلىپ ئىگىز بىر شەيخ چىقىپ كەپتۇ. مەمەت سالام قىپتۇ. شەيخ قايتۇرۇپ سالام قىلغاچ ئۇنى ئىچكىرىگە تەكلىپ قىپتۇ. بىر نەچچە ئۆيدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئىچكىرىدىكى چوڭ بىر ئۆيگە كىرىپتۇ. ئىشىكتىن كىرىپ قىبلە تامدا بىر قىلىچ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە يوقكەن. ئويۇقلارمۇ يوقكەن. يوغان دېرىزىدىن سۇس يورۇق كىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئۆيدە ئوچاق ياكى شىرەمۇ يوقكەن. رەڭدار شىرداق ياكى گىلەممۇ يوقكەن. پەقەت كىگىزلا سېلىنغان ئىكەن. شۇنداق چوڭ كۆرۈنىدىكەن.
ئاپپاق كىيىنىپ ئېيىق تېرىسى ئۈستىدە ئولتۇرغان سۇلتان ئانا ئۇنى يېنىغا تەكلىپ قىپتۇ؛
-       مەمەت ئاۋاق، سېنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم ..ئەھۋالىڭ قانداق- دەپتۇ.
ئاۋازىدىن يەنىلا شۇ مۇلايىم كۆيۈنۈش تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن. مەمەتنىڭ مىڭڭىسىدە ئۇششاق ئۇچقۇنلار چاقنايدىكەن. مۇرىسى، دۈمبىلىرى، بەدىنى تاتلىق بىر سېزىم بىلەن غۇژۇلدايدىكەن؛
-       ياخشى تۇردۇم سۇلتان ئانا...- دەپتۇ.
سۇلتان ئانا توقسان توققۇز مۇنچاقلىق تەسۋىسىنى ئالدىرىماي سېرىدىكەن. بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. مەمەتمۇ بېشىنى سېلىپتۇ. كىگىزنىڭ ئاق-قارا يۇڭلىرىغا قارىغىنىچە ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا سۇلتان ئانا؛
- گەپ قىل مەمەت ئاۋاق....دەردىڭنى ئېيت – دەپتۇ. مەمەت بېشىنى كۆتۈرمەپتۇ. ئاران ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا؛
- مەن تاغدىن چۈشەي دەيمەن. قاراقچىلىقتىن قول ئۈزەي دەيمەن- دەپتۇ. سەل تۇرىۋېلىپ كەينىدىن؛
- ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىشقا يارىمىدىم.....- دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ.
سۇلتان ئانا باشقا گەپ قىلماپتۇ. تەسۋىسىنى سېرىگەچ ئورنىدىن قىمىرلاپ قويۇپ؛
- كۆڭلۈڭ خالىغاننى قىل - دەپتۇ.
مەمەت ئالدىراپ قاپتۇ. سۇلتان ئانىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەن. قاراقچىلىقنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈشىنى خالايدىكەن. ئەمما سۇلتان ئانا باشقا گەپ قىلمايدىكەن. تەسۋىسىنى سېرىدىكەن. بايىقىدىن ئىتتىك سېرىدىكەن. مەمەت تامغا قاراپتۇ. تامدا يالغۇز قىلىچتىن باشقا ھېچنىمە يوقكەن؛
-       ئانا قاراقچىلىق قىلىۋەرسەم بولارمۇ ؟ ... بىر پاي ئوقتا ئۆلسەممۇ مەيلىتتى دەپ ئويلايمەن.....- مەمەت يالۋۇرغاندەك ئاۋازدا سوراپتۇ. سۇلتان ئانا مىدىر قىلمايدىكەن. تەسۋىسىنى ئىتتىك سېرىدىكەن.
- ماڭا بىر تىلسىم قىلىپ قويساڭ. دۈشمەننىڭ ئوقى تەگمىسە.......- ئاۋازىدا تارتىنىش ۋە خىجىللىق بار ئىكەن. سۇلتان ئانا مەمەتكە قاراپتۇ. چىرايى بۇ گەپنى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىغاندەك بىپەرۋا ئىكەن.
- مەمەت ئاۋاق، مەندە ئۇنداق تىلسىم يوق. بۇ دەرگاھتىمۇ ئۇنداق قۇدرەت يوق. ھېچكىم شېھىتنىڭ يولىنى توسىيالمايدۇ. ھەر قانداق تىلسىم ئۆلۈمنى يېڭەلمەيدۇ. سەن ئۆزەڭنىڭ يولىنى ئۆزەڭ تاللا...-دەپتۇ. كەينىدىن - كۆڭلۈڭ خالىغاننى قىل – دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ.  يەنىلا شۇ گەپنى قىپتۇ.
سۇلتان ئانا تەسۋىسىنى يېنىغا قويۇپ، ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن بىر مەخمەل قۇتىنى ئاپتۇ. ئىچىدىن تامغىلىق بىر ئۈزۈكنى ئېلىپتۇ؛
- بۇ شىپاخانىنىڭ تامغىسى. ئىلگىرى بۇ تامغىنىڭ كۈچى ئاناتولىيەدىنمۇ ھالقىپ يىراق-يىراقلارغا قەدەر يېتىپ باراتتى. ساكارىيا، ئانتەپ لەرگىمۇ بارغان. ھازىر قانداقكىن مەنمۇ بىلمىدىم..... مېنىڭ كۈنۈممۇ ئاز قالدى. مەندىن كېيىن بۇ شىپاخانا تاقىلىدۇ. ئۈزۈك سەندە قالسۇن، ساڭا پايدىسى تەگسىكەن دەپ ئۈمۈت قىلىمەن. سەندىن ئۆتۈندىغىنىم ئۈزۈكنى ئۆلگىچە قولۇڭدىن ئايرىما - دەپتۇ. سۇلتان ئانا "قېنى قولۇڭغا ھازىرلا سېلىپ باقچۈ ؟!" دەپ ئۈزۈكنى مەمەتكە بېرىپتۇ. مەمەت ئۈزۈكنى ھۆرمەت بىلەن ئېلىپ قولىغا ساپتۇ. ئۈزۈك مەمەتكە ئاتاپ سوقۇلغاندەك دەل كەپتۇ. سۇلتان ئانا خاتىرجەم بولغاندەك"ئۇھ" دەپ قويۇپتۇ. سۇلتان ئانا كەينىدىن تامدىكى قىلىچقا بىر قاراپتۇ. كۆزىنى ئۈزمەي ئۇزاق قاراپتۇ. ئاندىن مەمەتكە بۇرۇلۇپ؛
- بۇ قىلىچ سېنىڭ ھەققىڭدەك قىلىدۇ. بىراق مەنمۇ ئېنىق بىلمەيۋاتمەن. شۇڭا قىلىچنى ساڭا ھازىر بېرەلمەيمەن.- دەپتۇ. كەينىدىن؛- بەلكىم مەن ئۆلگەندە بۇ قىلىچ بۇرۇنقىكىدەك ئۆزىنىڭ ئىگىسىنى ئۆزى تاپار....-دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ. مەمەت بىر قىلىچقا بىر سۇلتان ئانىغا قارايدىكەن. قىلىچنى ئېلىش-ئالماسلىقنى سۇلتان ئانىغا ئوخشاش ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. سۇلتان ئانا مەمەتنىڭ قاراقچىلىقى توغرىسىدا ھېچنىمە دىمەپتۇ. "كۆڭلۈڭ خالىغاننى قىل " دىگەندىن باشقا سۆز قىلماپتۇ.  ئۇنىڭغا دۇنيا ھەققىدە، ئاخىرەت ھەققىدە، ئائىلە، جەمىيەت ۋە مەسئۇلىيەت توغرىسىدا نۇرغۇن پاراڭلارنى سېلىپ بېرىپتۇ. ئىنساننىڭ قۇرۇتتىنمۇ ئاجىزلىقى يەنە شۇنداقلا پەرىشتىلەردىنمۇ ئۇلۇغلىقى توغرىسىدىمۇ سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەمەت سۇلتان ئانىنىڭ پاراڭلىرىدىن بىر نەرسىنى چۈشۈنىشكە، بايقاشقا تىرىشىدىكەن. ئەمما قايسىسىنى چۈشۈنىشنى، مەھكەم تۇتۇشنى يەنىلا بىلەلمەپتۇ. ئۆزى خىلمۇ-خىل ئادەملەر ئارىسىدا، ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن تىرىكلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بازاردا يەنە بىر تۇتۇپ مازارلىقتا يۈرگەندەك گاراڭ تۇيغىلار ئارىسىدا قاپتۇ.
ئۇلار خۇپتەنگىچە شۇنداق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. خۇپتەن نامىزىنى بىرلىكتە ئۆتەپتۇ. سۇلتان ئانا مەمەتكە ئىقتىدا قىپتۇ. نامازدىن كېيىن سۇلتان ئانا مەمەت ئۈچۈن قىلىچ ئېسىلغان ئۆيگە ئورۇن سېلىپ بېرىپتۇ.  مەمەت كېچە قاراڭغۇلىقىغا تولغان ئۆيدە بىر ھازاغىچە ئۇيقىسى كەلمەي يېتىپتۇ. بالىلىق ۋاقىتلىرى، ئاتا-ئانىسى، خەدىچە يەنە ئابدى ئاغا، ئوسمان چوڭ، سەيرانلار خىيالىغا كېلىپتۇ. ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تا ھازىرغىچە ئېنىق بىر يولنى تاپالماي يۈرگەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئەمما يەنىلا قانداق قىلىشنى بىلەلمەپتۇ. ئۇياققا ئۆرۈلۈپتۇ، بۇياققا ئۆرۈلۈپتۇ. خىياللىرىنىڭ كەينى چىقماي بىر چاغدا ئۇخلاپ قاپتۇ.
مەمەت ئەتىسى ناشتا قىلىۋاتقاچ سۇلتان ئانىغا؛
-       سۇلتان ئانا.....مەن مۇشۇ دەرگاھتا قالسام بولارمۇ ؟ ئۆمۈر بويى قىرىقلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغاچ ياشىسام دەيمەن- دەپتۇ. سۇلتان ئانا شۇ زامانلا؛
-       ياق ! بولمايدۇ. سەن بۇ يەردە مەڭگۈ قالالمايسەن. كۆنمەيسەن. بۇ دەرگاھ سېنىڭ ئورنۇڭ ئەمەس...- دەپتۇ.
مەمەت باشقا سۆز قىلماپتۇ. ئۇلار جىم-جىت ئولتۇرۇپ چاي ئىچىپتۇ. مەمەت شۇ كۈنىلا سۇلتان ئانا بىلەن خوشلۇشۇپ قىرىق كۆز دەرگاھىدىن ئايرىلىپتۇ.  
مەمەت تاغدىن چۈشۈپ مەريەمچىل غولى تەرەپكە قايرىلىدىغان ئورمانلىققا كەلگەندە ئالدىغا بىر توپ ئادەم ئۇچراپتۇ. ئۇلار بىر جەسەتنى زەمبىلدە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئۆلگىنى شۇنداق ياش بالا بولۇپ بۇرۇتلىرى ئەمدىلا كۆكلىگەن ئىكەن. جەسەتنىڭ مەيدىسى قىزىل قان ئىكەن.  ئالدىدا بىر بوۋاينى قولتۇقىدىن يۆلەپ كېلىدىكەن. بوۋاينىڭ كۆزلىرىدە ياش يوقكەن. تىرىكلىكنىڭ نىشانىمۇ يوقكەن. پەقەت لەۋلىرى " بالام...بالام..."دەيدىكەن. ئۇلار يېققىن كەلگەندە مەمەت كەينىدىكى بىرەيلەندىن " نىمە بولدى ؟..." دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئادەم ئالدىراپلا؛
-       مەمەت ئاۋاق دىگەن ئىپلاس بۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى - دەپتۇ. مەمەت چۆچۈپ كېتىپتۇ؛
-       مەمەت ئۇنداق قىلمايدىغۇ ؟! قاچان شۇنداق بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئادەم؛
-       بىزمۇ مەمەتنى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ئاڭلىغان. ئەمما كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن. ئەمدى كۆردۇق. ئاخشام غولنىڭ ئىچىدە ئېتىۋېتىپ، " سىلەر مېنىڭغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرمىدىڭلار...ئەمدى سىلەرنى مۇشۇنداق جازالايمەن، دىدى.- دەپتۇ. مەمەت قېتىپلا قاپتۇ. چىرايىنى سوراپتۇ؛
-         ساپسېرىق نىمىكەنغۇ، چېچى بىلەن بىر غېرىچ بۇرۇتىمۇ سېرىقكەن...-دەپ غۇدۇڭشۇپتۇ ھېلىقى ئادەم.
مەمەت تونۇپتۇ. " سېرىق چايان ئىكەندە....."
ھازىدارلار <<مەمەت ئاۋاق>>نى تىللاپ قاغىغىنىچە ئۇزاقلاپ كېتىپتۇ. مەمەت جايىدا ئولتۇرۇپ قاپتۇ. مىڭڭىسىدە قىپ-قىزىل ئۇچقۇنلار چۆگىلەيدىكەن.  ھەي سېرىق چايان ھۆكۈمەتنىڭ ئىتى.....يەنە باشلاپسەندە....." دەپتۇ.
مەمەت دەگىرمەن ئۆلۈك يولىغا ماڭماپتۇ. چىچەكلى يولىغا چۈشۈپتۇ. مىڭىسىدە سېرىق-قىزىل ئۇچقۇنلار پارتىلايدىكەن. كىرىشىپ كەتكەن چىشلىرى بوشىمايدىكەن. شۇنداق ئىلدام ماڭىدىكەن. قەدىمىنىڭ تېزلىكىدىن خىيال سۈرگىدەك ۋاقىتمۇ يوقكەن. كۆز ئالدىدىن سېرىق چاياننىڭ ھىجىيىپ تۇرغان قىياپىتى كەتمەيدىكەن. چىغلىقتىن ئۆتۈۋاتامدۇ ياكى سايدا كېتىۋاتامدۇ دىققەت قىلمايدىكەن. ئەتراپىغا قارىمايدىكەن. بېشىنى كۆتۈرمەستىن ئالدىغا مېڭىۋېرىدىكەن.
مەمەت ئاۋاق چىچەكلى قەبىلىسىنىڭ يازلىقىغا كەلگەندە تۈركمەنلەر كۈزلۈككە كېتىپ قالغان ئىكەن. يازلىق چېدىر تىككەن يەردە باتتال ئاغىنىڭ بەش خادىلىق چېدىرىلا قالغان ئىكەن. باتتال ئاغا مەمەتنى كۆرۈپ ھەيران قالماپتۇ. پەقەت كۈلۈمسىرەپتۇ. مەمەتمۇ كۈلۈمسىرەپتۇ. باتتال ئاغا؛
-       مەن سېنىڭ كېلىدىغىنىڭنى بىلگەچكە ساقلىدىم. قاسىم بىلەن تۆمۈرمۇ كەتمىدى.....- دىگىنىچە ئۇنى چېدىرغا باشلاپتۇ. چېدىر ئىلگىركىدەكلا گۈلخاندەك رەڭدار ئىكەن. ئاچىماق ياغاچتىكى قارچۇغا ئادەم كىرگەنلىكىنى بىلىپ قانىتىنى سىلكىپ قويۇپتۇ؛
-       راست ئېيتىپسەن. ئىچىمدىكى قۇرت مېنى باشقۇرىدىكەن. مەن ئۆزەمنى باشقۇرالمىدىم. بەلكىم ئۆلگىچە باشقۇرالمايدىغان ئوخشايمەن......- مەمەت سۆزلەۋېتىپ باتتال ئاغىغا قارايدىكەن. باتتال ئاغىنىڭ كۆزى  مەمەتتە ئەمەسكەن. ئۇنىڭ قولىدىكەن. ئۇنىڭ بارمىقىدىكى ئۈزۈكتە ئىكەن. كۆزلىرىدە ھەيرانلىق ۋە ئەيمىنىش بار ئىكەن. بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. مەمەت ئاۋاققا قاراپتۇ؛
-       بۇ ئۈزۈك شىپاخاننىنىڭ ئۈزۈكى...پەقەت ئەڭ ھۆرمەتلىك پىر تاقايدۇ....- دەپتۇ. مەمەت سۇلتان ئانىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. باتتال ئاغا يېققىن كەپتۇ. ئۈزۈككە ئۇزاق قاراپتۇ. ئاندىن مەمەتكە قاراپتۇ؛
-       مەمەت ئاۋاق، قىرىق كۆز شىپاخانىسى سېنى تاللاپتۇ. ئەمدى ساڭا ئوق ئۆتمەيدۇ. بۇ دىياردا ساڭا ئەگەشمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ....-دەپتۇ.
مەمەت ئاۋاق باتتال ئاغىغا سېرىق چاياننىڭ ۋەقەسىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. باتتال ئاغىمۇ جىددىكەن؛
-       ئۇنىڭ ئىسمى ئابدى . بۇ ئادەمنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. قاراقچى ئاتىلىپ تاغدا يۈرسىمۇ ئادەم بۇلىمايتتى. بەزىدە بۇ تاغلاردىن يوقاپ كېتەتتى. يەنە پەيدا بولاتتى. ئادەملىرىنىڭ تۈرك ياكى ئورۇس ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئەمدى بىلىندى. ئەسلىدە ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمىكەن. مۇشۇنداق ئىشلارغا سالىدىكەن......
ئۇلار قىسقىلا مەسلىھەتلىشىپتۇ. باتتال ئاغا ئاتلارنى يۆتكەپ قويغىلى كەتكەن تۆمۈر بىلەن قاسىمنى چاقارتىپتۇ. ئۇلار كېلىپ مەمەت بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. "باتتال ئاغام سېنى كېلىدۇ...دىدى...مانا كەلدىڭ...بىز تەييار! " دىيىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆزىمۇ مەمەتنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكتە ئىكەن. باتتال ئاغا مەمەتنىڭ ساقلاپ قويغان قوراللىرىنى ئالدىغا قويۇپتۇ. مەمەت تۆمۈرنى سېرىق چاياننىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرىنى بىلگەندىن كېيىن تېزدىن قايتىپ ئۆزىگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتىپتۇ. تۆمۈر خوشاللىقتىن ئالقانلىرىنى بىر-بىرىگە سۈركەيدىكەن. ئورنىدا تۇرالمايدىكەن. ئۇ بۇيرۇقنى ئېلىپلا يولغا چىقىپتۇ. مەمەت قاسىمغا قورال-ئوقلارنى تەكشۈرۈشنى، ئاتلارنى ئوبدان تويغۇزۇپ تەييارلىق قىلىشنى ئېيتىپتۇ. قاسىم مەن كۈندە نەچچە قېتىم تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. دەپتۇ. مەمەت ئۆزىنىڭ تۆمۈر كەلگۈچە ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.....
مەمەت ئويغانغاندا چېدىردا ھېچكىم يوق ئىكەن. سىرتقا چىقىپتۇ. كۈننىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى ئورماننىڭ ئىچىدە نېپىز شايىدەك كۆرۈنىدىكەن. چېدىردىن يىراق بولمىغان بۇلاق بويىدا قاسىم ئاتلارنى توقۇۋاتقان ئىكەن. پەقەت بىر ئات ئىگەرلەنمىگەن بولۇپ ئۇ مەمەت ئۈچۈن تەييارلىنىپتۇ. ئورماننىڭ ئىچىدىن باتتال ئاغا بىلەن تۆمۈر چىقىپ كەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئورۇندا پوستتا تۇرغان ئىكەن. باتتال ئاغا " قانداقراق ياتتىڭ ؟ " دەپ مەمەتتىن ئەھۋال سوراپتۇ. مەمەت " ياخشى ئۇخلىدىم. ھاردۇقۇم چىقتى " دەپتۇ. تۆمۈر سېرىق چاياننىڭ ئەترىتىنى تاپقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خورام ساق دىگەن يەردە ئالتى قىز بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەمەت، قاسىم بىلەن تۆمۈرنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقىپتۇ.
ئۇلار خورام ساققا يېقىنلاشقاندا ئاتلىرىنى بىر جىرانىڭ ئىچىگە قاڭتۇرۇپ قويۇپ سېرىق چاياننىڭ ئەترىتىگە يېقىنلىشپتۇ. تۆمۈر ئېيتقاندەك ئۇلار ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىكەن. بەزىلىرى مەس بولۇپ كەتكەنمۇ ئالا-تاغىل ۋاقىرىشىپ قويىدىكەن. قوراللىرىنى بىر تۈپ قاچورىغا يۆلەپ قويغان ئىكەن. بەش-ئالتىدەك دېھقان قىزى بىر تاشنىڭ تۈۋىدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرىدىكەن. مەمەتلەر ئۇلارنى ئۈچ ئورۇندىن قورشاۋغا ئاپتۇ. ئالدى بىلەن مەمەت ئاۋاق قورشاۋدىكىلەرگە قاراپ ۋاقىراپتۇ؛
- سىلەر قورشاۋدا قالدىڭلار ! مەمەت ئاۋاق. قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇڭلار...
قورشاۋدىكىلەر چۆچۈشۈپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى توختۇتۇپتۇ. ئەتراپقا قارىشىپتۇ. ئالمان-تالمان قوراللىرى قويۇلغان يەرگە يۈگرەپتۇ. مەمەت قورالغا يۈگرەپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئالدىدىكى پاكار، بۇقا بويۇن بىرىنىڭ پۇتىغا ئېتىپتۇ. بۇقا بويۇن چىقىرىغىنىچە يىقىلىپتۇ. قالغانلار جايىدا يېتىۋاپتۇ. مەمەتلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئارىلىق قويۇپ توختىماي ئاتىدىكەن. ئۇلارغا بېشىنى كۆتۈرىدىغانىمۇ ئىمكانىيەت يوقكەن. بىر چاغدا بىرىسى توۋلاپتۇ؛
- بولدى قىل. سەن راستىنلا مەمەت ئاۋاق بولساڭ بىز تەسلىم بولايلى...
مەمەتلەر ئوق ئېتىشنى توختۇتۇپتۇ. ئۇلاردىن ئىگىز بويلۇق بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ بۇياققا كەپتۇ. ئەلەڭكۆزكەن. قولىغا ئاي-يۇلتۇز بەلگىسى چېكىۋالغان ئىكەن. مەمەت ئالدىغا چاقىرىپتۇ. " مېنى تونۇمسەن ؟ " دەپ سوراپتۇ. ئۇ "تونۇيمەن. مەمەت ئاغامنى ۋاي ۋاي يېزىسىدا كۆرگەن ئىدىم. " دەپتۇ. مەمەت ئاۋاق " بارغىن. سېرىق چايانغا ئېيتقىن " دەپتۇ. ئۇ بېرىپ ھەمراھلىرىغا بىر نەرسىلەرنى دەپتۇ. ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇياققا كېلىپتۇ. مەمەت بىلەن تۆمۈر يىراقتىن ئۇلارنى قارىغا ئېلىپ تۇرۇپتۇ. قاسىم ئۇلارنىڭ كالتە ئىشتىنىنىلا قالدۇرۇپ قالغان كىيىملىرىنى سالدۇرۋېتىپتۇ. ئاندىن قوللىرىنى باغلاپتۇ. سېرىق چاياننىڭ سېرىققا مايىل چېقىر كۆزلىرى ئەتراپقا ئەندىكىپ قارايدىكەن. مەمەت كېلىپ " سەن مەمەت ئاۋاقمۇ ؟" دەپ سوراپتۇ.  سېرىق چايان ھىجىيىپتۇ. " كەچۈرۈڭ، ئاغامنىڭ دۆلىتىدە بىر نەچچە كۈن يۈرۈپ باقتۇق" دەپتۇ. مەمەت " كىم سېنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى ؟" دەپ سوراپتۇ. سېرىق چايان " قولۇمنى يېشىۋەتكەن بولساڭلار، بەك ئاغرىپ كەتتى.." دەپ گەپنى ئەپقېچىپتۇ. مەمەت ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى قويۇپتۇ. " ئېيتە ؟!... لالما ئىت..." دەپ يەنە سوراپتۇ. سېرىق ئىت تىلىنى چايناپتۇ. " فەرۇخ يۈز بېشى بىر ئادىمىمىنى ئېۋەتىپتۇ. مەن <<مەمەت ئاۋاق>> دەپ تاغچىلارنى بۇلىسۇن...بىرنەچچىسىنى ئۆلتۈرسۇن قولىدىن كەلگىنىنى قىلسۇن. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىسا مەخسەت ئەمەلگە ئاشىدۇ. دەپ ئېيتتۇرۇپ بېرىپتۇ...." دەپ گۆشۈيۈپ تۇرۇپتۇ.  قاسىم يېرىم يالىڭاچ تىترىشىپ تۇرغان قىزلارغا كىيىملىرىنى ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ئۇلارغا يېزىسىغا قايتىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. سېرىق چايان بىلەن ئادەملىرىنى ئالدىغا سېلىپ ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن يىگىتنىڭ يېزىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
ئۇلار يېزىغا كىرگەندە ئۈچ قوراللىق بىلەن ئالتى يالىڭاچ ئادەمنى كۆرگەن يېزىلىقلار ھەيران قاپتۇ. ھەممىسى توپلۇنۇپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەن بالىنىڭ دادىسىنى سېرىق چايان بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تونۇپتۇ. ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ. تۆنۈگۈن يولدا ئۇچراشقان بىر نەچچە يېزىلىق مەمەتنى تونۇپتۇ. " بىز تۆنۈگۈن ئۇچراشقانغۇ..." دىيىشىپتۇ. بالىنىڭ دادىسى مەمەتنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەچ؛
- ئوغلۇم...مەمەت ئاۋاقنى سەن تۇتۇپ كەلدىڭمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ.      
مەمەت، بوۋايغا گەپ قىلماپتۇ. سېرىق چايان ئابدىدىن سوراپتۇ؛
- ئېيتە...مەمەت ئاۋاق دىگەن كىم ؟!....
سېرىق چايان بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. مەمەت يەنە سوراپتۇ. سېرىق بېشىنى سالغىنىچە تۇرىدىكەن. تۆمۈر كېلىپلا كاسىسىغا تېپىپتۇ. سېرىق مۈرىسى بىلەن مەمەت ئاۋاقنى كۆرسۈتۈپتۇ. بالىنىڭ دادىسى مەمەت ئاۋاققا قاراپتۇ. ئاغزى ئوچۇقكەن....كۆزلىرى چىمىلدايدىكەن؛
- ئوغلۇم بۇ نىمە ئىش.....ئەسلىدە مەمەت ئاۋاق سەنكەنسەندە.....
مەمەت ئاۋاق " شۇنداق مەن مەمەت ئاۋاق..." دەپتۇ. بوۋاي يىغلامسىراپتۇ..." كۆڭلۈم ئىشەنمىگەن. بۇ سېرىق، مەمەت ئاۋاق بولالامدۇ...." دەپتۇ. مەمەت ئاۋاق ئۇلارغا؛
- بۇلارنى مەمەت ئاۋاقنى ئاقلاش ئۈچۈن تۇتۇپ كەلدىم. سىلەر قىساس ئىگىسى قانداق قىلىشنى خالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار...- دەپتۇ. ئاندىن قاسىم بىلەن تۆمۈرنى باشلاپ يولغا چۈشۈپتۇ. يېزىلىقلار ئالدىنى توسۇپتۇ. " بىر چىنە چېيىمىزنى ئىچكىن..." دەپتۇ. مەمەت " بولدى ئىچكۈم يوق" دەپتۇ. يېزىلىقلار قىزىرىدىكەن. ئوڭايسىزكەن. " ئەمدى نادانلىق قىلماڭلار...سىلەرنىڭ ئەخمەقلىقىڭلاردىن ھۆكۈمەت مۇشۇنداق ئىتلىرىنى مەمەت ئاۋاق قىلالايدۇ......مەمەت ئاۋاقنىڭ قانداق ئادەملىكى سىلەرگە ئايان..." دەپتۇ. يېزىلىقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ قاپتۇ....

يېڭى تۇرشاۋۇل

قارا تاغلىقنىڭ ئوغلى مۇرتازا ئەپەندىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ساغىرىپ كېتىپتۇ. چۈنكى تومۇرلاردىكى قانلىرى ئايلىنىشتىن توختاپ قالغان ئىكەن. قان ئايلانمىسا ئادەمنىڭ چىرايى ساپ-سېرىق سارغىيىپ كېتىدىكەن. ئۆلگەن قاراقچىنىڭ مەمەت ئاۋاق ئەمەسلىكى ئۇنى شۇنداق قىلىپ قويۇپتۇ.
بۇ شۇم خەۋەر كەلگەن چاغدا ھويلىدا كۈزنىڭ ئاپتىۋىغا قاقلىنىپ قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغان ئىكەن. كاتىپنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپتۇ. ئاڭلاپ بولۇپلا سىڭار كۆزىدە ياش پەيدا بوپتۇ. ئېغىزىدىن بايىلا ئىچكەن قەھۋەنىڭ رەڭگىدىكى ئازراق سۇيۇقلۇق تېشىپ چىقىپتۇ. ئارقىدىنلا پاڭڭىدە ئېتلىپ كېتىپتۇ؛
- ھۆسنە !......مەن چاخچاق قىلغان ئىدىمغۇ......ھۆسنە قېنى سەن !؟.....ئادەم ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا چاخچاق قىلسا بولمامدۇ.....
ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەمما تىك تۇرالماپتۇ. ئىككى قولى بىلەن ئىككىنى تىزىنى تۇتىۋاپتۇ. زوڭزۇيۇپ قاپتۇ. كىچىك بالىلار تەرەت قىلىۋېتىپ قوڭىنى سۈرتەلمەي يىغلايدىغۇ، يا تۇرالماي ياكى ماڭالماي. ھەئە شۇنداق تۇرۇپ قاپتۇ. ئاندىن شۇ پېتى كەينىگە ئاستا ئۆرۈلۈپتۇ؛
-ھۆسنە !......قېرىندىشىم چاخچاقنى بىلمەپتۇ. خۇدا ھەققى چاخچاق قىلغان. كۆڭلى نازۇككەن. يېققىن كۆرۈپ چاخچاق قىلغانتىمغۇ...ھە.....
ھۆسنە خاتۇن پەلەمپەيدە پەيدا بوپتۇ. ئەھۋالنى چۈشۈنۈپتۇ. ئېرىنىڭ تەغدىرى يەنە ئۆزگۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ. بىچارە مۇرتازانى كۆتە-كۆتە بىلەن ئۆيگە ئەكىرىپتۇ. ياتقۇزۇپتۇ. بېشىنى تۇخۇم بىلەن تېڭىپتۇ. ئېغىزىغا شېكەر سۈيى تېمىتىپتۇ. ئالقىنىغا قىزىلمۇچ سۈركەپتۇ. ئاغرىق ئىڭرايدىكەن. " مەن چاخچاق قىلغان ئىدىم.....قېرىندىشىم دەپ ئويلىغانتىم.....ئەركىلەپ قويساممۇ بولمامدۇ.....ئۇنى تېپىڭلار....يۈسۈپنى ئىزدىگەندەك ئۇنى ھەممە يەردىن ئىزدەڭلار...." ھۆسنە خاتۇن توققۇز ئادەمنى توققۇز تەرەپكە يولغا ساپتۇ. قەيەردىن بولمىسۇن ئەلى ئىزچىنى تېپىشنى بۇيرۇپتۇ. تاپقان ھامان يەتتە قەدەم يەردىن ئۆمۈلەپ بېرىپ قولىنى سۆيۈشنى، داغ-دۇغا بىلەن ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ.....
****************************************************

"سۇلتان ئانا شىپاخانىدىن چىقىپتۇ...مەمەت ئاۋاقنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ....پەيغەمبەر تامغىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ." دىگەن پاراڭ يېزىدا-شەھەردە مەشھۇر داستانغا ئايلىنىپتۇ. قىرىق كۆز دەرگاھىنىڭ پىرى شىپاخانىدىن چىققاننى ئىنسۇ-جىن ئاڭلاپ باقماپتىكەن. تاغچىلار، يەرلىكلەر، شەھەرلىك ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ. تاغ قوزغالغان بولسا بۇنداق ھەيران قالماسكەندۇق. خالايىق شۇنداق ھەيران قاپتۇ.
بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھوشىنى ئاپتۇ. ئەمدىلا يۇتقان تامىقىنى قۇسۇپ تاشلاپتۇ. ئۇلار مەمەت ئاۋاق شەھەرگە كىرگەن بولسىمۇ بۇنداق قورقۇپ كەتمەسكەندۇق. ئالامەت قورقۇپتۇ.
ھەممەيلەن زۇلپى ئەپەندىمنىڭ شەھەر سىرتىدىكى باغچىسىغا يىغىلىپتۇ. بۇ باغچىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم يىغىنلىرىنى ئاچىدىغان مەخپى داچا بار ئىكەن.
ھاكىمنىڭ چىرايى چارىسىز كۆرۈنىدىكەن. خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ ئامالسىزدەك كۆرۈنىدىكەن. ئىككى باشنىڭ چىرايى شۇ تۇرسا قالغان پۇت-قوللارنىڭ چىرايى قانچىلىك بولماقچىتتى. شۇ پوقتەككەن. بۇ سورۇندا قوراللىق ساقچىنىڭ باشلىغى فەرۇخ يۈز بېشى يوقكەن. ئۇنى تەكلىپ قىلماپتۇ. ھېلىمۇ نومۇستىن ئۆلگۈدەك قىلغان تۇرسا....شۇڭا ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرگۈسى كەلمەيدىكەن.  
جىمجىتلىقنى يەنىلا ھاكىم بۇزۇپتۇ. بۇزماي بولامدۇ !؟ بۇ يەرگە خىيال سۈرگىلى كەلمىگەن تۇرسا؛
-       بىز قىرىق كۆز دەرگاھى دىگەن نىمىنى يوقالدى دەپ بېكىتكەن. بىراق، ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز. خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭ تەسىرى تېخى يوقالماپتۇ. دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل يولداشلار بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن....؟!
ساقال سۈننىتىسىز، پاكىزە چىراي ياش ئاخۇنۇم سەللىلىك بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. كەڭ، نۇرانە پىشانىسىدىن شۇرۇلداپ تەر ئاقىدىكەن. ئېغىزىنى ئۆمەللەپتۇ. يەنە بېشىنى سېلىپتۇ. ھاكىمنىڭ قاراۋاتقانلىقى ئېسىگە كېلىپ تېزلا يەنە كۆتۈرۈپتۇ. نامازدا سۈرىنىڭ كەينىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ بۇنداق ھودۇقماسكەندۇق. بىچارە شۇنداق ھودۇقۇپتۇ؛
-       بىز....بىز...پىلاندىكى....ھەر يىللىق پىلاننى ئورۇنداپ ماڭغان....ۋەخپىلەرنى تارتىۋالساق ئۇلار ئاچتىن ئۆلىدۇ. دەپ ئويلىغان. ھېچنىمىسىنى قويماي تارتىۋالدۇق. زىيارەتچىلەرنىڭ مال-پۇل سوغا قىلىشىنى چەكلىدۇق.....تىرىكچىلىك يولى قالمىغان بولمىسا.....ھېلىغىچە ئاچلىقتىن ئۆلىشى كېرەكتى.....
ھاكىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپتۇ؛
-       سىز ئەزھەر داشۇېدە قىرائەت قىلىپ يىيىشتىن باشقا نەرسە ئۆگەنمىگەنما ؟؟!......سىزلەرنى ئەشۇنداق مازارلارنىڭ تەسىرىنى تازىلاشقا مەسئۇل دەپ بېقىۋاتىمىز. ئۇلار قەھرىمانلىقنىڭ سىمۋولى بولىۋاتىدۇ. ئەڭ يامىنى مۇشۇ تەسىرى !...تەسىرى !...... 
 ھاكىم سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئۈستەلنى ئىككى مۇشت ئۇرۇپ توختۇتۇپتۇ. بىچارە ياش موللا خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ بۇنداق تىترىمەس. دىرىلداپ تىترەۋاتقىنىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. سوقىچاق ئۈستەلنىڭ ئاستى قاراڭغۇكەن. كۆرگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا يىغىندىكىلەر ياش ئاخۇنۇمنىڭ ئولتۇرۇپلا سىيىۋەتكەنلىكىنى كۆرەلمەپتۇ. ھاكىم خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا قاراپتۇ. جۈيجاڭ قاتتىق چىراي ئادەمكەن. تۆت سىڭىرلىك ئادەمكەن. بىراق بۈگۈن ئۇنىڭ ئىككىلا سىڭىرى قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ سەل غەيرەتلىككەن؛
- ئىلگىرى مەمەت ئاۋاق ئادەتتىكى قاراقچى ئىدى. ئەمدى قىرىق كۆز دەرگاھى ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتمەكچى. شۇنداق كېتىۋەرسە مەمەت خەلقنىڭ قەلبىدىكى ساماۋى قەھرىمانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنى يوقىتىش ئىلگىركىدىنمۇ نەچچە ھەسسە تەسلىشىدۇ.- دەپتۇ. يىغىندىكىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ. دىمەك شۇنداق كېتىۋەرسە مەمەت ئاۋاق تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىكەن.  ھۆكۈمەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى گېلىنى قىرىپتۇ. تاقىۋالغان كۆزئەينىكى چوڭ كۆرسىتىدىغان كۆزەينەككەن. كۆزەينەكتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى كىچىككىنە كۆرۈنىدىكەن؛
- خەلىمىز بۇنداق خۇرپىلىقنىڭ، فېئودالىزىمنىڭ ئۇۋىلىرى تەرىپىدىن ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىنىپ كەلمەكتە. نادان خەلق ئۆزىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قۇل بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەڭ يامىنى خەلق ئارىسىدا "ئازاتلىق ئۇرۇشىدا غازاتچىلار بولغاچقا تاجاۋۇزچىلار مەغلۇپ بولغان...ئۇ چاغلاردا ئوسمانىزىم ئۆلۈپ كەتكەن. كامالىزىم تۇغۇلمىغان ئىدى. ئىسلامىزىم يالغۇز جەڭ قىلغان" دىگەندەك خاتا ئىدىيە ھۆكۈم سۈرمەكتە.  بۇنداق ئىدىيە بىزنىڭ كامالىزىمغا زىيانلىق. ھەتتا كامالىزىمنىڭ تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ مەملىكىتىمىزدە ھوقوق كۈرىشى ئېلىپ بېرىشتىن يانمايدۇ.  شۇڭا مەمەت ئاۋاق بىلەن قىرىق كۆز دەرگاھىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. ناۋادا بۇنىڭغا يول قويساق ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىش يۈز بېرىدۇ. قىرىق كۆز دەرگاھىغا بىر قەھرىمان كېرەك. چۈنكى ئۆلگەن مازار قەھرىمان بىلەن قايتا تىرىلىدۇ. مەمەت ئاۋاققىمۇ بۇ دەرگاھتەك مەنىۋى يۆلەنچۈك كېرەك. بۇ مەنىۋى يۆلەنچۈك بىلەن ئۇ قاراقچى ئۆلمەس ئادەمگە ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەتەرلىكى، ھەم يوقتۇشقا قولايلىقى ئەشۇ قاراقچى. مۈمكىن بولسا تېز سۈرئەتتە ئۇنى يوقۇتۇش، ھېچبولمىسا ئۇنىڭ ئوبرازىنى بۇلغاپ ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك. قىرىق كۆز دەرگاھىغا ئالدىراپ قول سېلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا خەلق ئىچىدە ئۇنىڭ ئوبرازى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولۇپ كېتىدۇ.- دەپتۇ. 
 مۇتەخەسىس سۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىزدىگەندەك ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپتۇ. ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا؛
- مەمەت ئاۋاقنىڭ ئوبرازىنى سۇندۇرۇش مەسىلىسىنى بىزمۇ ئويلاشقان. بەلكىم ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىز ئورۇنلاشتۇرغان ئادەملەر بۇ مەخسەت ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقاندۇ....بەلكىم تېزلا خەۋىرى يېتىپ كېلىدۇ.- دەپتۇ. يۇمۇلاق ئۈستەلنىڭ تۆۋەن بۇلىڭىدا ئولتۇرغان باش كاتىپ بىر نەرسە دىمەكچى بولغاندەك ئورنىدا قىمىرلاپتۇ. ھېچكىم دىققەت قىلماپتۇ. ئالدىغا ئىڭىشىپ ھاكىم باشلىق تۆردىكىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپتۇ. ھەممىلا ئادەم پەس تەرەپكە دىققەت قىلمايدىكەن. شۇڭا كاتىپقا قارىماپتۇ. ئۇ ئاستا ۋە سىلىققىنە گېلىنى قىرىپتۇ. ھاكىم ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭغا قاراپتۇ. كاتىپ پۇرسەتنى ئۆتكۈزمەيلا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. دەرىجىسى ھەممىدىن تۆۋەن بولغاندىكىن، ئولتۇرۇپ سۆزلىسە سەت بولىدىكەن. شۇڭا تۇرۇپتۇ؛
- چىچەكلى دەرەسىنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يېزا باشلىغى مەخمۇت ئالىباش ئالدىنقى كۈنى ماڭا ئۇچرىغان. مەمەت ئاۋاقنىڭ گېپى چىقىپ كۈلۈپ كەتتى. كىچىككىنە بىر ماڭقا ئۈچۈن شۇنچىلا پەرىشان بولۇش ئەرزىمەيدۇ. دىدى. مەن ئۆزلىرى ئۇنداق دىگەن بىلەن بۇ قاراقچىنى يوقاتماق سەل قىيىن تۇرمامدۇ دىسەم، ئۇ سىلەرنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىڭلار خاتا. ناۋادا بۇ ۋەزىپە ماڭا تاپشۇرۇلسا ھەپتە كۈندە ئۇ ماڭقىنى تىرىك تۇتىمەن. دەپ مەيدىسىگە مۇشلىدى...- دەپتۇ.
سورۇندىكىلەرگە مەخمۇت ئالىباشنىڭ سۆزلىرى ياقماپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنى كىچىككىنە ئىشقا ئايلاندۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ. چاخچاق بولمىسا بۇ.  يىغىن ئەھلى غۇدۇرۇشۇپتۇ. بىراق ھاكىم ئۇنداق ئويلىماپتۇ. بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدىغانلا بولسا مەخمۇتنىڭ بۇندىن ئېغىر گەپلىرىنىمۇ كۆتۈرۈشكە تەيياركەن. شۇڭا سۇغا چۆكۈۋاتقان ئادەم قولىغا بىر نەرسە ئىلەشكەندەك ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىپتۇ. باش كاتىپتىن ياندۇرۇپ سوراپتۇ؛
- سۆزلىرى ئىشەنچىلىكمۇ ؟! قانداق شەرتى بار ئىكەن ؟ ......
كاتىپ سۆزىنىڭ ئېتىۋارغا ئېلىنغانلىقىدىن خوشال بوپتۇ. ئالدىراپ قاپتۇ؛
-       ئىشەنچىلىك. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم شۇنداق دىگەن. مەن دىققەت قىلماپتىمەن.....
ھاكىم سەل ئولتۇرىۋاپتۇ. ئالدىدىكى ماتىريال دۆۋىسىنى مەخسەتسىز شۆرلەپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. كاتىپقا مىقتەك تىكىلىپتۇ؛
- مەمەت ئاۋاققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇردىن بىز ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە سەن دەۋاتقان بۇ ئەھۋالمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇنىڭدىن مۇھىم يىپ ئۇچى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈشەندىڭمۇ ؟!........
كاتىپنىڭ خوشاللىقى پۇررىتە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ۋاقتى ئۆتكەن تاماقنى سورۇنغا ئەكىلىپ قويغاندەك ئوڭايسىزلىنىپتۇ.
يەرلىك سودا-سانائەتچى تاشقىن باي مەخمۇت ئالىباش توغرىلىق سۆز قىستۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. ھاكىم ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ؛
-       بۇ ئادەمنىڭ دىخانلارنى باشقۇرۇش تەجرىبىسى ئۆزگىچە. ئۇ قىلغاننى ھېچكىم قىلالمايدۇ. قايسى يېزىنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ سىزىقىدىن چىقىپ قالسا ئىشى چاتاق. ئۇلارغا ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىدۇ. بۇ مۆھلەت ئىچىدە يېزىلىقلار ئۆزىنىڭ ئۆي-ۋاق، ئوزۇق-تۈلۈك، مال-چارۋىلىرىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشى كېرەك. ناۋادا ئۈچ كۈنگىچە كۆچمىسە ئۇلارنى يېزا بىلەن قوشۇپ كۆمۈۋېتىدۇ. دىگىنىنى قىلىدىغان ئادەم. بۇ ئىشنى ئۆزى تەلەپ قىلغان بولسا ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن قەبىلە قوراللىقلىرىنى تارقىتىش، تاغدىكىلەرنى تۈزلەڭگە چۈشۈرۈش دولقۇنىدا چوڭ تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم....
يىغىندىكىلەر ئۇنى-بۇنى دىيىشىپتۇ. مەمەت ئاۋاقنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مىڭلىغان ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلىشىپتۇ. ئەمما قانداق قىلىش توغرىسىدا قارىمۇقنىڭ قاسرىغىچە بولسىمۇ ئامال تاپالماپتۇ. ئۇيان ئويلاپتۇ. بۇيانغا قاراپتۇ. ھېچ ئامال بولماپتۇ. ئەشۇ پوچى ئالىباشتىن باشقا ھېچنىمە ئۇچرىماپتۇ. ئامالسىز بۇ قېتىمقى قوغلاپ يوقۇتۇشقا شۇنى باشلىق قىلىپ يولغا سالماقچى بوپتۇ.
ئۇلار يىغىندىن قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ مەخپى خادىملىرىدىن بىرى جىددى مەلۇمات بىلەن باشلىقىنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇلار بىر يانغا ئۆتۈپ پىچىرلىشىپتۇ. پىچىرلىشىپ بولغاندىن كېيىن باشلىقنىڭ قولتۇغىدىكى تاۋۇزى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەندەك چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ خەۋپسزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ پىچىرلاپتۇ. " بىز ئورۇنلاشتۇرغان <<مەمەت ئاۋاق>> بىلەن ئادەملىرىنىڭ ئۆلۈكى بايقىلىپتۇ. ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. قاتىلنىڭ كىملىكى ئېنىق ئەمەس....."

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئىمام

  مەخمۇت ئالىباش پاكار، چىرايىنى مۇدۇرچاق باسقان، كۆزى پولتىيىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىكەن. ئاچچىقى يامان ئىكەن. چېچىنىڭ ئالدى قارا كەينى بولسا ئاقىرىپ كەتكەن ئىكەن. شۇڭا ئۇنى ئالىباش دەپ قويىدىكەن.
بۈگۈن  باقىرگەدىكى تۆت يېزىنىڭ ئادەملىرىگە بېرىلگەن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت توشۇپتۇ. ئۇلارغا مەمەت ئاۋاقنى تاپشۇرۇش ياكى يېزىدىن چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول بار ئىكەن.
مەخمۇت ئالىباش ئەتتىگەندىلا تاغ باغرىدىكى قوماندانلىق شىتاۋىدىن چىقىپتۇ. قوراللىق ساقچى قىسىمنى باشلاپ دەسلەپكى يېزىغا يېتىپ كەپتۇ. كوچىدا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيدىكەن. بىر تال توخو ياكى مۈشۈكمۇ كۆرۈنمەيدىكەن. بىرەر تۇرخۇندىن ئىسمۇ چىقمايدىكەن. جىم-جىتكەن.  ساقچىلار ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ. ھېچكىم ئۇچرىماپتۇ. ھەتتا سەكراتقا چۈشكەن قېرى ئادەممۇ ئۇچرىماپتۇ.
ئالىباش ساقچىلارغا ئۆي-قوتانلارنىڭ لىم ياغاچلىرىنى ئورنىدىن قوزغىتىپ تاشلاشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنداق قىلىۋەتسە مىدىراپ كەتكەن ياغاچنىڭ ئاستىدا ئادەم ئولتۇرمايدىكەن.
ئۇلار ئىككىنچى يېزىغا كەلگەندىمۇ ئادەم ئۇچرىماپتۇ. يېزىلىقلار ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۈچۈنچى يېزىدىكى ئەھۋال باشقىچە ئىكەن. يېزىلىقلارنىڭ ھەممىسى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قاتارلىشىپ ئولتۇرىدىكەن. باشلىرىنى كۆتۈرمەيدىكەن. ئالىباش ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇيانغا بىر ئۆتۈپتۇ. بۇيانغا بىر ئۆتۈپتۇ. مىيىقىدا كۈلۈپتۇ. ئوتتۇرىدا توختاپتۇ؛
-       ھۆرمەتلىك يېزا ئەھلى، بۇ قانداق قارشى ئېلىش ؟! زۇۋانىڭلار چىقمايدىغۇ ......
يېزىلىقلار جىمكەن. ساقچىلار كۈلۈشۈپتۇ. مەخمۇت ئالىباشمۇ كۈلۈمسىرەپتۇ. كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. ساقچىلارمۇ كۈلۈشۈپتۇ. ئىسقىرتىشىپتۇ. يېزىلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر چال ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. مەخمۇتنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈزەڭگىدىكى پۇتىغا ئېسىلىپتۇ؛
-       ئاغام . شۇنچە يىللاردىن تېرىقچىلىقىڭنى قىلدۇق. بىزگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن. مەمەت ئاۋاقنى راستىنلا بىلمەيمىز. قىش كېلىۋاتىدۇ. خۇدا رازى بولسۇن. بىزنى ۋەيران قىلما.......
مەخمۇت ئاغا چالنىڭ چىرايىغا قاراپتۇ. ئاستا ئېڭىشىپتۇ. چال ئالىباشنىڭ سۆزىنى كۈتۈپ ئېغىزىغا قاراپتۇ. مەخمۇت تۇيۇقسىزلا چالنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپتۇ؛
- ھۇ ! ئىپلاسلار. سەنلەر قانداق كۈنگە لايىقلىقىڭنى بىلەمسەن ؟! تېخى خۇدانى تىلىڭغا ئالىسىنا......جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغىلى شۇنچە يىل بولدى. تەغدىرىڭگە تەن بېرىپ يۇۋاش بولمۇدۇڭ...ئەمدى كۆرىسەن....  
مەخمۇت ئاغا ساقچىلارغا " تەييارلان !" دەپتۇ. ھەر بىر ئۆينىڭ لىم ياغىچىغا سالما سېلىشقا " ھۇجۇم !" دەپتۇ. ساقچىلار بەش-ئالتىسى بىر بولۇپ ئۆي-ئۆيلەرنىڭ لىملىرىنى، لىم كۆتەرتكەن تىرەك ياغاچلارنى  ئاتلىرىغا سۆرىتىشكە باشلاپتۇ. ئۆرۈلۈپ چۈشۈۋاتقان ئۆگزىلەردىن چىققان چاڭ-توزاڭ خۇددى ساكارىيەدىكى جەڭ مەيدانىنى ئەسلىتىدىكەن....
توپا-چاڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈۋاتقان ساقچىلار ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەملەرنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ھېچ بولمىسا قوللىرىدىكى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرۇپ ئۆتىدىكەن. ئاياللار قۇچاقتىن چۈشۈپ كەتكەن بالىلىرىنى يەرلەرنى سىپاشتۇرۇپ ئىزدەيدىكەن. ئۆرۈلگەن ئۆيىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان بىر بوۋاينىڭ ئۈستىدىن تۈرك ساقچىسى چەۋەندازدەك ئېتىنى ئاتلىتىپ ئۆتۈپتۇ. ئۆتۈپ بولغۇچە بوۋاينىڭ تۇمشۇقىغا بىرنى تېپىپتۇ. كاساپەت ! نەق تەككۈزۈپتۇ. يېزىنىڭ ئىچىنى ئادەملەرنىڭ يىغا-زارىسى، قوي-كالىلارنىڭ ئەنسىز مەرەش-مۆرەشلىرى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. دەھشەتلىك <<جەڭ>> بىر سائەتتەك داۋاملىشىپتۇ.
مەيداندىلا مەشق قىلىپ ئەمەلىي مانىۋىر قىلىش پۇرسىتى بولمىغان ساقچىلارغا بۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بوپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ يىللار جەريانىدا يېتىلدۈرگەن ماھارەتلىرىنى تولۇق نامايەن قىپتۇ.
مەخمۇت ئالىباش ساقچىلارنى باشلاپ يەنە بىر يېزىغا مېڭىپتۇ. بۇ قېتىم مەمەتنى تۇتماي قويمايدىكەن. پۈتۈن تورۇس يېزىلىرىنى قان قۇستۇرۇپ بولسىمۇ ئۇنى تۇتىدىكەن.

****************************************************
مەمەت ئاۋاق مەخمۇت ئالىباشنىڭ قەسىمىنى ئاڭلاپتۇ. " يا مەمەتنى تۇتۇش يا تورۇستىن قايتماسلىق !" باتتال ئاغىنىڭ دىيىشىچە بۇ ئادەم ھەددىدىن تاشقىرى جاھىلكەن. بىر ئىشقا كىرىشتىمۇ بولدى. چوقۇم باشقا ئېلىپ چىقىدىكەن. ھەممىنى ئۇنتۇيدىكەن. مەيلى ئويغاق ياكى ئۇيقىدا بولسۇن شۇ ئىشنىڭ كويىدا بولىدىكەن.
نەچچە كۈن ئۆتمەي ئالىباشنىڭ بىرمۇنچە يېزىنى مەجبۇرى كۆچۈرۋەتكەنلىكى، نەچچە يېزىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆي-ۋاقىغا كۆمۈۋەتكەنلىك خەۋىرى كېلىپتۇ. قاسىمنىڭ تۇققانلىرىدىن بىر نەچچىسى ئۇلارنى پاناھ تارتىپ كەپتۇ. بىچارىلەرنىڭ ئەھۋالى شۇنداق ناچاركەن. سورىغان سوئالغىمۇ جاۋاپ بېرىش خوشياقمايدىكەن. مەمەت ئاۋاق بۇ يەردە يېتىۋېرىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئالىباش ھامىنى بۇ يېزىغىمۇ كېلىدىكەن. تېزدىن بىر ئامال تاپمىسا قاچىدىغان يېرىمۇ قالمايدىكەن. كۆچ-كۆچ جېنىدىن ئۆتكەن يېزىلىقلارنىڭ بىر كۈنى پەيلى بۇزۇلسا مەمەتنىمۇ بوش قويمايدىكەن.
مۇسلىم ساقايغاندىن بۇيان مەمەتلەرنىڭ ئەتراپىدىن كەتمەيدىكەن. ئۆزىنىڭ ئەمدى قوي باقمايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن قاراقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى نەچچە قېتىم دەپ بوپتۇ. مەمەت كۈلۈپ قويۇپتۇ.
مەمەت سىرتقا چىقىدىكەن. ئۆيگە كىرىدىكەن. تىتتىت بولىدىكەن. ئالىباش بىلەن تۇتۇشماقچى بوپتۇ. ساقچىلار بەك كۆپكەن. ئۇلار بىر قوشۇنكەن. ئالىباشمۇ شۇنى كۈتىدىكەن. مەمەتنىڭ مەيدانغا چىقىشنى كۈتىدىكەن. مەمەت ئاۋاق ئەمدى يىراقلارغا قېچىپ كېتەلمەيدىكەن. كەينىدە قىيامەت بولىۋاتسا نەگىمۇ بارالايدۇ ؟!
مەمەت بىر كۈنى ئەتتىگەندە غولنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. قايتىپ كەلگەندە كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرىدىكەن. يۈزلىرىدىن سۇ تامچىلىرى تېمىپ تۇرىدىكەن. نىمىشقىدۇ بىر ئىشقا ئالدىرايدىكەن. كېلىپلا مۇسلىمنى چاقىرىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن قاچورىنىڭ تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپتۇ. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە مۇسلىمنىڭ كۆزلىرىمۇ كۈلۈپ تۇرىدىكەن. ئورنىدا تۇرالمايدىكەن. قوللىرىنى ئۇۋىلايدىكەن. مەمەت ئۇنىڭغا " ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىۋېلىپ ھازىرلا ماڭ. " دەپتۇ. مۇسلىم " بولدىلا. يولوچىنىڭ ئوزوقى يولدا " دەپتۇ.  
مەمەت قاسىم بىلەن تۆمۈرنى ئېلىپ باتتال ئاغىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئۈچەيلەن ئۇنىڭ چېدىرىدا ھېچكىمنى كىرگۈزمەي جىددى سۆزلىشىپتۇ. ئۇلار تارقالغاندا باتتال ئاغىنىڭ چىرايىدىكى ئەندىشە بىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئىككى يىگىتنىغۇ دىمەيلا قويۇڭ. ئېغىزى يۇمۇلمايدىكەن. كۈلىدىكەن.
تۆمۈر بىلەن باتتال ئاغا ئۆزلىرىدە بار قورال-ياراغلارنىڭ سانىنى ئېلىپ تاييارلاشقا مېڭىپتۇ. قاسىم قېچىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدىن ۋە قەبىلىدىكى ياشلاردىن مەمەتنىڭ تويىغا بېرىش ئۈچۈن ئادەم تاللاشقا مېڭىپتۇ.....

****************************************************

ۋاي ۋاي يېزىسىدىكى ئوسمان چوڭ بۈگۈن بامداتتىن يېنىپلا سەيپەلىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. كوماك ئېغىزى يۇمۇلمايدىكەن. " ھە قېرى !؟ يەنە ئىنجىقلاپ يېتىپسەنمۇ ؟...قوپە...سەن قىز ئاتىسى بولسەن. مەن ساڭا قۇدا چۈشىمەن.  بۈگۈن توي...." دەپتۇ. سۈتچاينىڭ شامىسىنى چاينىغاچ ئولتۇرغان سەيپەلى "...كەل ئوسمان...ئەتتىگەنكى قەدەم مۇبارەك...ئولتۇر...نىمنىلەرنى دەپ كەتتىڭ ؟ " دەپ پايپېتەك بولۇپتۇ. ئوسمان چوڭ ئۇنىڭغا ئاخشام مەمەتنىڭ بىر ئادەمنى ئېۋەتكەنلىكى، بۈگۈن سەيران بىلەن توي قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، مەمەتنىڭمۇ تويغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. سەيپەلى چۆچۈپ كېتىپتۇ. " ئوسمان. ئالجىدىڭمۇ ؟! مەمەتنى ئىزدەپ ساقچىلار چاشقان تۆشۈكىنىمۇ كولاۋاتسا...بۇنداق چاغدا توي قىلىمىز دىيىش قانداق گەپ ؟!..."
ئوسمان چوڭ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. " ئالجىغىنى سەن ! مېنىڭ شۇڭقارىمنى بىلمەمسەن. ئۇ دىگەن مەمەت ئاۋاق ! پەيغەمبەر تامغىسى بار قاراقچىلارنىڭ پىرى !...... ئالىباش تاغمۇ-تاغ، يېزىمۇ- يېزا ھەممىنى قاڭغىر-قاخشىتىپ يۈرۈيدۇ. چارچاپ كەتكەندۇ.....ئۇلارنىمۇ تويغا چاقىرىپ ھاردۇق سورايمىز..." دەپتۇ.
ئاندىن ئولتۇرۇپ مەمەتنىڭ ۋاي ۋاي يېزىسىدا ئىكەنلىكىنى ئالىباشقا ئاڭلىتىپ، ئۇنى بۇياققا ئەكىلىپ بۇزغۇنچىلىقتىن توختۇتۇش پىلانىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
سەيپەلىنىڭ ئەندىشىسى كۈچۈيۈپتۇ. " مەمەتنىڭ نىمە قىلغىنى !؟ بۇنداق خەتەرلىك ئويۇننىمۇ ئوينامدۇ ؟ ناۋادا......"
ئوسمان چوڭ ئۇنىڭ سۆزىنى قېقىپتۇ. " سەن ئۆمۈر بويى شۇنداق ئېھتىيات، ئەندىشە بىلەن ياشاۋاتىسەن. نىمىگە ئېرىشتىڭ. بولدى. سەن سەيرانغا ئاتا بولىسەن. پىشىندىن كېيىن نىكاھقا كېلىمىز.....
سەيپەلى بولىۋاتقان ئىشلارنى تولۇق چۈشۈنۈپ بولغىچە ئوسمان چوڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ھويلىدا تۇرۇپ " گۆشىنى جىقراق قىلىپ ئەنجان پولو سالۇرسەن-ھە....." دەپ ۋاقىراپ قويۇپتۇ.......   
چۈشكە يېققىن يېزىدىكى ھەممەيلەن مەمەت ئاۋاق بىلەن سەيراننىڭ تويى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بوپتۇ. ھەيران قالىدىغان ئىش "مەمەت تويغا كېلىدىكەن ! " يېزىلىقلار قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيدىكەن. " راست كېلەرمۇ ؟ ئەجەپ-ھە....." دىيىشىدىكەن. ھەممىسى ئەنسىرەيدىكەن. يەنە بىر تۇرۇپ قورقمايدىكەن. تۇرۇپلا مەغرۇركەن. " مەمەت ئاۋاقتا پەيغەمبەر تامغىسى بار. ئۇنىڭغا ئوق ئۆتمەيدۇ...." " خۇدا بۇ تامغىنى تاقىغان ئادەمنى قوغدايدۇ...." "......مەمەت ئاۋاق سەن بىلەن بىزدەك ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس. ئۇ دىگەن خۇداغا ھەممىدىن يېققىن...
شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇلاقلىرىغا دىققەت قىلىدىكەن. ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان تۇققىنى بارلارغا دىققەت قىلىدىكەن. ھۆكۈمەتتىن قۇتقۇزۇش ئېلىۋاتقانلارغا دىققەت قىلىدىكەن. مەمەتنىڭ توي خەۋىرىنى يېزىدىن چىقىرۋەتمەسلىككە تىرىشىدىكەن. ئەمما بىر ئوسمان چوڭ ھېچنىمىگە دىققەت قىلمايدىكەن. ئالچاڭلاپ ماڭىدىكەن. تۇرۇپ-تۇرۇپلا كانىيىنى قىرىپ جېنىنىڭ بېرىچە يولنىڭ ياقىسىغا تۈكۈرىدىكەن. ئۇچرىغان ئادىمىگە ئۈنلۈك سالام قىلىدىكەن. بىرەر ئېغىز چاخچاق قىلىشنى ئۇنۇتمايدىكەن.....
مەمەت ئاۋاق چۈشكە يېققىن تولۇق قوراللانغان ئون بىر يىگىتنى ئەگەشتۈرۈپ  يېزىغا كىرىپ كەپتۇ. ھەممىسىنىڭ ئاستىدا ئېسىل نەسىللىك ئات بار ئىكەن. مۈرىلىرىدىكى يېپ-يېڭى گېرمان مىلتىقى بىلەن بەللىرىدىكى چەپراس ئوقدان ۋە ئەگرى قىلىچلار يىگىتلەرنى شۇنداق ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدىكەن. قاسىم بىلەن يەنە ئىككى يىگىت بوينىغا دەستىلىك پىلىموت ئېسىۋالغان ئىكەن. ئون ئىككى يىگىتنىڭ ھەممىسى قىزىل دوپپا كىيگەن بولۇپ، قارىغان ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە ياش كېلىدىكەن. يىگىتلەر يېزىلىقلارنى كۆرۈپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ.
يېزىلىقلار ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ. يىگىتلەرنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋاپتۇ. ئۈزەڭگىلىرىنى سىلايدىكەن. سالام قىلىپ كۆرىشىدىكەن. ھەممىسى مەمەتنىڭ بارمىقىدىكى ئۈزۈككە دىققەت قىلىدىكەن. بىر-بىرىگە كۆرسۈتىدىكەن. ئۇنىڭ ئېتىنى، كىيىملىرىنى سىلاپ قويىدىكەن. ئالدىغا بېرىشقا، ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇشقا تىرىشىدىكەن. قۇچاقتىكى بالىلىرىغا مەمەت ئاۋاقنى كۆرسىتىدىكەن. " مەمەت ئاۋقىمىز !....پىرىم !....دەپ سالام قىلىدىكەن. ئامانلىق سورايدىكەن. توۋلاشلار، تاڭلايلارنى چاكىلدىتىشلار، "..ئۇيان تۇ بۇيان تۇر.." دىيىشلەر ئارىلىشىپ كېتىپتۇ. ئۆيلەردىن، ئېتىزلاردىن، ئېغىللاردىن ئادەملەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىدىكەن. ئوسمان چوڭمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئادەملەر توپىنى ئىتىرىپ يۈرۈپ ئوتتۇرىغا كىرىپتۇ. مەمەتنى كۆرۈپتۇ. مەمەتمۇ كۆرۈپتۇ. ئىككىسى ئۈنسىز قۇچاغلىشىپتۇ. بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكىلىدىكەن.  
ئوسمان چوڭ يىگىتلەر بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئوسمان چوڭ مەمەتنىڭ قولىغا ئېسىلىپتۇ. ئۈزۈك سالغان بارمىقىغا سۆيۈپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئەتراپتىكى يېزىلىقلارغا " جىم " دەپتۇ. ھەممەيلەن تىنجىپتۇ. چال كۈلىدىكەن. ھەممە يېرى كۈلىدىكەن؛
- ھۆرمەتلىك ئەر-ئايال، قېرى-ياش جامائەتنى بۈگۈن پىشىن نامىزىدىن يېنىپ ئوغلۇم مەمەت ئاۋاقنىڭ تويىغا تەكلىپ قىلىمەن- دەپتۇ. خالايىق چۇرقۇرىشىپ كېتىپتۇ. قاقاقلاپ كۈلۈشۈپتۇ. تەنتەنە قىپتۇ. يىگىتلەرنى ئوسمان چوڭ ئۆيىگە باشلاپ كېتىپتۇ.
يېزا قاينايدىكەن. قازاندا ئاش دەم يەۋاتقان ئىكەن. ساماۋەردە چاي ئاللىقاچان تەييار ئىكەن. مەزەلەرنى قەمەر ئانا خوشنىلار بىلەن بامداتتىن يېنىپلا تەييار قىلغان ئىكەن.  يېزىنىڭ بىيىتچى-ھېپىزلىرى، ئېيتقاق-ئۇسۇلچىلىرى يىغىلىشقا باشلاپتۇ. ئوسمان چوڭنىڭ ئۆيى، ھويلىسى، ئىشىك ئالدى، كوچىسى كەلگەن مېھمانلار بىلەن لىق توشۇپتۇ. سۇ سېپىپ، پاكىزە سۈپۈرگەن كوچىلارغا قەدەر داستىخان تارتىلىپتۇ.
ئوسمان چوڭ بىر نەچچە ئاقساقاللار بىلەن مەمەت ئاۋاقلارنى باشلاپ سەيپەلىنىڭ ئۆيىگە نىكاھقا مېڭىپتۇ.....

****************************************************

شەھەرگە، ھۆكۈمەتكە دەھشەتلىك خەۋەر يېتىپ كەپتۇ.
- مەمەت ئاۋاق، ۋاي ۋاي يېزىسىغا يېتىپ كەلدى ! بۈگۈن تويى بولىۋاتىدۇ. يىگىرمىدەك تولۇق قوراللىق ئادىمى بار....
ئالدىنقى خەۋەرچىنىڭ مەلۇماتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يەنە بىر ئايال يېتىپ كەپتۇ. خەۋەر ئوخشاش. " مەمەت ئاۋاق. ۋاي ۋاي يېزىسىدا ! كۆزۈم بىلەن كۆردۈم...." ئىككى خەۋرچى دېمىنى ئېلىپ ئازراق چاي ئىچمەيلا ئۈچۈنجى خەۋەرچى يېتىپ كەپتۇ. " مەمەت ئاۋاق ! ......قىرىقتەك قوراللىق.....ھازىر يېزىدا....."  
خەۋەرچىلەر بىر-بىرىنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلىنىپتۇ. بىر يېزىلىق تۇرۇپمۇ ئوچۇق چىراي بېرىشەلمەپتۇ. بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىغا نومۇس قىپتۇ. ئاخىرىدا قورۇنۇش تۈگەپ ئەھۋاللىشىپتۇ. بەس-بەستە سۆزلىرىنى تولۇقلىشىپتۇ. كاتىپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇلارنى بىر-بىرىگە كۆرسىتىپ قويغانلىقىغا ئۆكۈنۈپتۇ.    
خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىغى، ھاكىم باشلىق كاتتىباشلار تەرەپ-تەرەپتىن ھۆكۈمەتكە يىغىلىپتۇ. ھەرقايسى ساقچىخانە، قوراللىق ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ جىددى يىغىلىپتۇ. يىغىن پەقەت ئون مىنۇتلا ئېچىلىپتۇ. يىغىندىن كېيىن بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ھېچكىم ئۆيلىرىگە قايتماپتۇ. مەمەت ئاۋاق توغرىسىدا بۇنداق ئېنىق خەۋەر بولماپتىكەن. بۇ بىر ئامەتكەن. ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بارلىق قوراللىق كۈچلەر ۋاي ۋاي يېزىسىغا ئاتلىنىپتۇ. مەخمۇت ئالىباشقا خەۋەر ماڭدۇرۇپتۇ. "شەھەرگە قايتماي، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋاي ۋاي يېزىسىغا يېتىپ بارسۇن. شۇ يەردە ئۇچۇرشىمىز. مەمەت ئاۋاق قىرىقتەك ئادىمى بىلەن شۇ يەردە...."
مەمەت ئاۋاقلار دىگەردىن ئۆتكەندە شەھەرنىڭ يېنىدىكى بىر قۇرۇپ كەتكەن باغقا كېلىپ مۆكۈنۈپتۇ. مۇسلىم بىلەن ئەلى توكۇر ئۇلاردىن بۇرۇنلا شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ باغ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرشۇش ئورنىكەن. مەمەت ئادەملىرى بىلەن قىسقىلا كېڭىشىپتۇ. يىگىتلەردىن بەش نەپىرى ئۇددۇل بېرىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن. ئاندىن ياغاچتىن سېلىنغان بۇ بىناغا ئۆت قويۇۋېتىدىكەن. مەمەت ئاۋاق ئالتى يىگىت بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپتە ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان زامان تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىدىكەن. پەرھات ئىمامنى قۇتۇلدۇرىدىكەن. ئۇلار ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ تېز سۈرئەتتە يەنە مۇشۇ باغدا ئۇچۇرشىدىكەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئەلى توكۇر يالغۇز يېتىپ كەپتۇ. مەمەت ئاۋاق ئەنسىرەپ مۇسلىمنى سوراپتۇ. توكۇر دېمىنى ئالالمايدىكەن. ھاسىرايدىكەن " مۇسلىم....يامان نىمىكەن ئۇ . تۈرمە تەرەپتە قالدى....تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش بوپ قالمىسۇن. مەن قاراپ تۇراي..." دەيدۇ. ئەلى توكۇر شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەرۋازىسىدا ئىككى پوستنىڭ قېتىپ تۇرغانلىقىنى، بىر ماشىنىنىڭ سەي-كۆكتات بېسىپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا بىرنەچچە خىزمەتكارنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. تۈرمە تەرەپتە بولسا پوستتىن باشقا ئادەم كۆرمىگەنلىكىنى بەلكىم ئىچىدە يەنە ساقچىلارنىڭ بولىشى كېرەكلىگىنى ئېيتىپتۇ. مەمەت ئەلى توكۇرنى بىر ئات بىلەن تېزدىن ۋاي ۋاي يېزىسىغا بېرىشنى، ئەھۋالنى كۈزۈتۈپ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كونا تۈگمەننىڭ يېنىدا ساقلاشنى بۇيرۇپتۇ. ئەلى توكۇر " خوپ ! مەمىتىم. " دەپتۇ. يۇتۇم سۇمۇ ئىچمەي يولغا چىقىپتۇ.  
مەمەت ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي قاسىم باشلىق بەش يىگىتنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ماڭدۇرۇپتۇ. ئۇلار كېتىپ يېرىم سائەتتەك ئۆتۈپ ھۆكۈمەت تەرەپتە ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ.
مەمەت قالغانلارنى باشلاپ ئۇددۇل تۈرمىگە مېڭىپتۇ.....

****************************************************

مەخمۇت ئالىباش ھۆكۈمەت ئېۋەتكەن خەۋەرچىدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپتۇ. " ھەي ئاۋاق ! مېنى بۇ يەردە ئالدىراش يۈرۈيدۇ، دەپ غىپپىتە توي قىلاي دىگەنما..." دەپ ئاچچىق ھىجىيىپتۇ. ساقچىلارنى يېنىك قوراللىنىپ تېزدىن ۋاي ۋاي يېزىسىغا ئاتلىنىشقا بۇيرۇپتۇ.
ئۇلار ۋاي ۋاي يېزىسىغا نامازشامغا يېقىن يېتىپ بېرىپتۇ. يېزىنىڭ ئىچى جىمجىتكەن. ھەر-بىر دوقمۇشتا، ھەر-بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، كوچا ئېغىزلىرىدا قوراللىق ساقچىلار پوستتىكەن. ئالىباشنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ساقچىلاردىن بىرى ئۇنى خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بار بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. مەخمۇت ئالىباش ئۆيگە كىرگەندە باشلىق بىلەن ھەمراھلىرى ئوڭسۆلى يوق بىر ئاۋارە ساقچىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەن. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا قان يوقكەن. ئالىباشنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ باشلىق ھېلىقى ساقچىغا " بولدى. " دەپتۇ. ئاندىن ئالىباشقا قاراپ؛
- بىز ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپتۇ. پۈتۈن بىنا كۆيدۈرلۈپتۇ. بەلكىم مەمەت ئاۋاقنى بۇ يېزىغا قورشىۋالغىنىمىز ئۈچۈن بىزنى قايمۇقتۇرماقچى ئوخشايدۇ. يۇقۇرى دەرىجىلىك باشلىقلار خەۋپ ئىچىدە . مەن ئاساسلىق قوشۇننى شەھەرگە يۆتكەپ ماڭىمەن. ھازىر يېزا تولۇق قورشاۋدا. سىز ھەر-بىر ئۆي ھەتتا كىچىككىنە تۆشۈككە قەدەر تولۇق ئاختۇرۇپ مەمەت ئاۋاقنى تۇتىسىز. مەن شەھەردىكى قاراقچىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، يەنە قايتىپ كېلىمەن.
مەخمۇت ئالىباش مەمەت ئاۋاقنى يوقۇتۇش شەرىپىنىڭ يەنىلا ئۆزىگە ئوڭچە قالغانلىقىغا مەمنۇن بوپتۇ. " ماقۇل" دەپتۇ. قوللىرىنى ئۇۋۇلاپتۇ. ئورنىدا تۇرالمايدىكەن.
باشلىق ئاساسلىق ساقچى كۈچىنى ئەگەشتۈرۈپ ئەڭ يېقىن يوللار بىلەن شەھەرگە يۈگرەپتۇ.
ئالىباش ساقچىلارغا، پۈتۈن يېزىدىكى تىرىك جانلىقنى مەيدانغا يىغىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇلارنى تولۇق تەكشۈرەيدىكەن. بىرمۇ-بىر سورايدىكەن. ئەرلەرنىڭ ساقاللىرىنى تارايدىكەن. يالغان بولسا چۈشۈپ كېتىدىكەن. روپاش ئاياللارنىڭ ياغلىقلىرىنى ئالدۇرىدىكەن. شۇندىلا ئەر ياكى ئاياللىقىنى بېكىتكىلى بولىدىكەن.....
مەمەت ئاۋاق ھىچقانچە كۈچىمەيلا تۈرمىنى ئىگەللەپتۇ.
دەرۋازىۋەن ئىشىكنى چەكمەيلا كىرگەن ئورۇق يىگىتتىن كىمنىڭ تۇققىنى ئىكەنلىكىنى سوراپ بولغىچە يەنە بىر نەچچەيلەن تاپ باستۇرۇپ كىرىپتۇ. قول-پۇتلىرىنى باغلاپ ئېغىزىغا ئۈستەلدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقنى پۈرلەپ تىقىپ قويۇپتۇ. تۈرمىنىڭ بايرىقى كونىراپ كەتكەن ئىكەن. زەمبىرەك ئوقى تەككەندەك يېرىمى پۇچۇقكەن. شۇڭا يۇقۇرىدىن بۇ يېڭى بايراقنى ئېۋەتىپتىكەن. دەرۋازىۋەن ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قاپتۇ. تېخى يېڭىلا كەلگەن بايراقنى ئېغىزىغا تىقىپ شالتاق قىلغۇچە، ئاۋۇ دەسمالنى تىقسا بولمامدۇ !؟ ئەمدى پۈرلىشىپ كەتكەن بايراقنى ئاسقىلى بولامدۇ ؟!
يەنە بىر ئىشخانىدا كۇرت ئويناپ ئولتۇرغان بەش-ئالتىدەك گۇندىپاي ساقچى  بار ئىكەن. يىگىتلەر ئىشىكنى تېپىپ كىرىپتۇ. " قولۇڭنى كۆتەر! " دەپتۇ. ھەممىسى باشلىرىنى كۆتۈرۈپتۇ. قوللىرىنىمۇ كۆتۈرۈپتۇ. قوللىرىدا كۇرت بار ئىكەن......
مەمەت گۇندىپايلار يۆلەپ چىققان پەرھات ئىمامنى تونۇيالماپتۇ. ئۇنىڭ چىرايلىق بۇجۇغۇر ساقاللىرى بىدىدەك پاخپىيىپ تۇرىدىكەن. ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان كۆزلىرى ئىچكىرىدىكەن. ئاران پىلىلداپ تۇرىدىكەن. مەمەت ئىمامغا قاراپ كۆزلىرىگە ياش كەپتۇ. " ئىسىت !
خۇدانىڭ ياخشى بەندىسى، يېزىدىكى ئەڭ كېلىشكەن ئادەم ئىدىڭغۇ !؟..." دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ. يوباز ئوغلىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ بەتتە ئىكەن. نىمە بولىۋاتىدۇ ؟..... كىم قاراۋاتىدۇ ؟. بىلمەيدىكەن.
مەمەت ئاۋاق ئاتقا مىنىپتۇ. ئىمامنى ئالدىغا كىچىك بالىنى ئالغاندەك كۆتۈرۈپ ئېلىپتۇ. يوباز ئوغلىنى يەنە بىرەيلەن ئالدىغا ئېلىپتۇ.
يىگىتلەر ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كونا باغقا يېتىپ كەپتۇ. قاسىم بىلەن بەش يىگىت ئۇلارنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. مەمەتلەرنى كۆرۈپ يۈگرەپ كەپتۇ. " كېچىكتىڭلارغۇ ؟ " دەپتۇ. مەمەت " خۇداغا شۈكرى! چاتاق يوق ." دەپتۇ. مەمەت قاسىمدىن " قانداق بولدى ؟ يارىلانغانلار بارمۇ ؟ ' دەپ سوراپتۇ. قاسىم كۈلىدىكەن. " بۇرنىمىزمۇ قانىمىدى . بىر پاي ئوق بىلەن ھەممىسى قېچىپ كەتتى. ھۆكۈمەت بىناسىغا ئوت قويۇۋەتتۇق. ئەنە قارا....." دەپتۇ. ھەممىسى شۇ ياققا قاراپتۇ. ئاسمان-پەلەك ئۆرلەۋاتقان قارا ئىس، قوڭى يوغان، ئۇچى ئىنچىكەن بولۇپ ئاسمانغا كۆتۈرىلىدىكەن.
مەمەت پەرھات ئىمامغا قارا ئىسنى كۆرسۈتۈپتۇ. ئىمامنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىدە ياش پەيدا بوپتۇ. ئېغىزى ئۈمچىيىپتۇ. مەمەت ئىمامغا؛
- ئىمام ئەمدى بىزدىن ئايرىلما- دەپتۇ. ئىمام؛     
- مېنى نەگە ئاپىرىسەن ؟ - دەپ سوراپتۇ.
مەمەت ئاۋاق ئىمامغا؛
-       بىزگە ئىمام بولىسەن - دەپتۇ.
پەرھات ئىمام؛
- ئەمدى ماڭا تامنىڭ ئىچىدىكى مېھراپ، ھارام...- دەپتۇ.
مەمەت ئاۋاق ئىمامغا؛
- ئەمدى ئالدىڭدا تام يوق. تورۇس تاغلىرىنىڭ ھەممە يېرى مېھراپ - دەپتۇ.
مەمەت ئاۋاق، قاسىم بىلەن يەنە بىر يىگىتكە ئىمامنى ئېلىپ ئالدىدا مېڭىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇددۇل تورۇس تەرەپكە، كۆرۈنگەن ئاق باش تاغنىڭ باغرىغا قاراپ مېڭىشنى ئېيتىپتۇ؛
- شۇ جايدا بىزنى كۈتۈڭلار. بىز ۋاي ۋاي يېزىسىدىكى ئىشنى تۈگۈتۈپلا كەينىڭلاردىن يېتىشىپ بارىمىز- دەپتۇ.     
يوباز ئوغلى " يېزامغا كېتەي " دەپتۇ. " نىمىشقا تۈرمىدىن ئېلىپ چىقتىڭلار ؟! " دەپ قېيداپتۇ. " ئەمدى مېنى، سىلەر بىلەن بىر يولدىكەن دىمەمدۇ !؟ " دەپ قاخشاپتۇ.
مەمەتلەر قورقۇنچ دەستىدىن تۈرمە بىلەن ئۆيى پەرقسىز بولۇپ قالغان بۇ ئادەمگە خەيرىخاھلىق قىپتۇ. ئازراق پۇل-پۈچەك بېرىپتۇ. بىر ئاتنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.
مەمەت ئاۋاق يىگىتلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ۋاي ۋاي يېزىسىغا خۇپتەن بىلەن يېتىپ بېرىپتۇ. يېزىنىڭ ئىچىدە ئوتقاش كۆتۈرىۋالغان ئادەملەر يۈگرىشىدىكەن. ئۇلار كونا تۈگمەنگە بېرىپتۇ. ئەلى توكۇرلار ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. كۆرۈشۈپتۇ. توكۇر يېزىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپتۇ؛
- ئالىباش يېزىلىقلارنى مەيدانغا توپلىدى. ھەممىسىنى تەكشۈردى. ھەتتا قۇچاقتىكى بوۋاقلارنىڭ يۆگەكلىرىنىمۇ ئېچىپ تەكشۈردى. يېزىلىقلاردىن سېنى نەگە يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى سورىدى. نىكاھىڭنى كىمنىڭ ئوقۇغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. تاياق يەپ يىقىلمىغان ئادەم قالمىدى. ئالىباش ھازىر مەيداننىڭ چېتىدىكى ئوسمان تەلۋىنىڭ ئۆيىدە. ساقچىلارغا ھەر-بىر تام، ھەتتا ئېغىل-سامانلىققا قەدەر ئۆرگۈزدى. يېزىلىقلارغا تاملارنى چالىتىپ سېنى ئىزدىتىۋاتىدۇ- دەپتۇ. 
مەمەت ئاۋاق يىگىتلەرنى قوراللىرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. ئاتلىرىنىڭ ئىگەر-جابدۇقلىرىنى چىڭىتىشنى بۇيرۇپتۇ؛
-       ھازىر بىز سۇسلۇق قىلساق بولمايدۇ. قالغان ساقچى بىلەن كارىمىز يوق. ئۇددۇل ئالىباشقا ھۇجۇم قىلىمىز. ئۇنى ئۆلتۈرىمىز. ئۇنى تاپقىچە ھېچكىم ئوق چىقارمايدۇ. ئۇلار سېزىپ بولغىچە ئالىباش بىلەن ئۇچۇرشۇپ بولىشىمىز كېرەك. بۇ ئىشنى شۇنداق تېز ئاياقلاشتۇرمىساق ئادىمىمىز ئاز. چىقىم جىق بولۇپ كېتىدۇ. – دەپتۇ. ھەممەيلەن جىددىلىشپتۇ. قورال-ياراغلىرىغا دىققەت قىپتۇ. ئاياقلىرىنىڭ بوقۇشلىرىنى، ئاتلارنىڭ تۆشلۈكلىرىنى چىڭىتىپتۇ. مەمەت ئاۋاق ھەممەيلەننىڭ تەييار بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئاتقا مىنىپتۇ. يىگىتلەرگە " ھەممىڭلارنى خۇداغا ئامانەت ! قېنى ماڭايلى..." دەپتۇ.  ئون ئاتلىق يېزىدىكى مەيدان تەرەپكە ئېتتىلىپتۇ. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە بىر ساقچى ئۇچراپتۇ. ساقچى يىگىتلەرنى كۆرۈپتۇ. كىملىكىنى بىلەي دىگۈچە ئۇنىڭ يېنىدىن بوراندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مەمەت ئاۋاقلار ئوسمان تەلۋىنىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە ئاتلىرىدىن تېزلىك بىلەن چۈشۈپتۇ.  تاملارغا قادالغان ئوتقاشلار بولغاچقا تەلۋىنىڭ ھويلىسى يورۇق ئىكەن. تۆت يىگىت ئاتلارنى تۇتۇپ سىرتتا مۇداپىئە ئۈچۈن قاپتۇ. مەمەت ئاۋاق قالغانلارنى ئەگەشتۈرۈپ ھويلىغا باستۇرۇپ كىرىپتۇ. مەخمۇت ئالىباش ھويلىدا يەنە ئىككى ساقچى بىلەن قەھۋە ئىچىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. قوراللىق كىرگەنلەرنى كۆرۈپتۇ. مەمەت ئاۋاق ؛
-       قىمىرلىما ! مەن مەمەت ئاۋاق -دەپتۇ. ئالىباش ئورنىدىنمۇ تۇرماپتۇ. چىرايى بوزۇرۇپ كېتىپتۇ. يېنىدىكى ساقچىلارنىڭ بىرى ئۈستەلدىكى تاپانچىغا ئېسىلىپتۇ. مەمەت ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىر پاي ئوق ئېتىپتۇ. بىچارە نېرىراققا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. مەخمۇت ئالىباش مەمەتكە يالۋۇرۇپ، بىر نەرسە دىمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئۆمەللەپتۇ. مەمەت ئاۋاق ئۇنى ساقلىمايلا؛
- ھەي ئالىباش. سېنىك كۈنىڭ مېنىڭكىدىن قىسقىكەن. بۇنى پەيلىڭدىن كۆر...- دەپتۇ. مىلتىقىنى توغۇرلاپ ئالىباشنىڭ كۆكرىكىگە كەينى-كەينىدىن ئۈچ پاي ئوق ئېتىپتۇ. ئوقنىڭ زەربىسىدىن ئالىباش ئولتۇرغان پېتى كەينىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. بىچارە ئالىباش مەمەتكە بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالماپتۇ.
يېنىدىكى ساقچى بېشىنى ئۈستەلگە قويۇۋاپتۇ. ئىككى پۇتى توختىماي تىترەيدىكەن. ئۈستەلمۇ تىترەيدىكەن. ئۆمرىدە تىترەپ باقمىغان ئادەم تىترىسە شۇنداق تىترەيدىكەن. تىترەپتۇ دىگۈدەك تىترەيدىكەن.
مەمەت ئاۋاقلار قانداق تېزلىك بىلەن كىرگەن بولسا شۇنداق تېزلىك بىلەن چىقىپتۇ. ئاتلىرىغا مىنىپتۇ. يېزىنىڭ سىرتىدىكى قاراڭغۇلۇققا قاراپ چېپىپتۇ.
ئاتلىقلار يۇرتتىن چىقىپتۇ. ئاي قاراڭغۇسىدا پايانسىز دالا سۈترەڭ يورۇپ تۇرىدىكەن. دالىنىڭ كېچىدىكى ھاۋاسى يۇرتنىڭ ئىچىگە قارىغاندا سوغۇق بولىدىكەن. بەدەنلەرنى شۈركەندۈرىدىكەن. ئەمما يىگىتلەرگە يەنىلا دالا ياخشىكەن. ئاتلىرىنى توسالغۇسىز ئەركىن چاپتۇرىدىكەن. ئاتلار چېپىپ قىززىغانچە ئۈستىدىكى يىگىتلەر ئىسسىق ئولتۇرىدىكەن.
يىراقتا، ئاسمان بىلەن زىمىننىڭ تۇتاشقا يېرىدە تورۇس تاغلىرى سوزۇلۇپ ياتىدىكەن. ئىككى چېتى كۆرۈنمەيدىكەن. يىگىتلەر كېچىنىڭ باغرىدا يورۇپ تۇرغان ئەلى چوققىسىغا قاراپ ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ.

 

خوش، شۇنداق قىلىپ <<مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ>>نىڭ ئۈچۈنچى قىسمىمۇ تۈگىدى. پەرۋەردىگارنىڭ بەرگەن ئىمكانىيىتىگە مىڭلىغان شۈكرىلەر بولسۇن. خۇدا سالامەت قىلسا كېيىنكى قېتىم تۆتىنچى قىسمىنى سۆزلەپ بېرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن؛

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت

Abdurehim ablathan

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى.













[ بۇ يازمىنىئا.ئابلەتخان 2011-11-09 16:59قايتا تەھرى ]
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 516
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە516دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 6356 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-09 00:18

1-قەۋەت ئا ئابلەتخان ئىنكاسىغا
ئىلگىرى بۇ جاي خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ سوفىيە دىگەن داڭلىق چېركاۋى ئىكەن. كېيىن تۈرك خەلىقلەرى پەرەڭ قەۋىملىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ئىسلامىيەتنىڭ شۆھرىتى بولغان سۇلايمان مەسچىتىگە ئۆزگەرتىپتۇ. بۈگۈنچۇ ؟
...........................................
ئەسلى ئىستانبۇلدىكى ئايا سوپىيان چىركوۋسى مىلادىيەنىڭ 532-يىلى سېلىنغان بولۇپ ئوسمان خەلىپە دەۋرىدەمەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەن ئوسمان خەلىپە بۇ چىركوۋنىڭ شۇ ۋاختىدىكى قەدىمى بىنا كارلىق ئۇسلۇبىغا ھورمەت قىلىپ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋاتماي ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مەريەمنىڭ سۇرەتلىرىگە رەخ يوگەپ قويۇپ نامازنى ئوقۇۋەرگەن  مەسجىدنىڭ ئىسمىنى شۇ ۋاختىدىمۇ ئىسمىنى ئايا سوپىيان( ayasofiyan) مەسجىدى دەپ ئۆزگەرىتكەن ھازىرمۇ ئىسمى ئاياسوپىيان مەسجىدى سۇلايمانىيە ئەمەس بۇيەردە ئىسىم ئالماش بولۇپ قاپتۇ سۇلايمانىيە مەسجىدنى كيىنكى مۇسۇلمان خەلىپىلەر ئۇز قولى بىلەن  سالغان بۇ سۇلايمانىيە مەسجىد ھازىرمۇ شۇ پېتى بار ئايا سوپىيان مەسجىدنى 90 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەكشەنبەكۈنى ھېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاچىتى