باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2845 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئېرىم ئۇرىدۇ      (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1543
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1543دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10700 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 13:15

ئېرىم ئۇرىدۇ      (گېنېرال)


  
     ئاپتورى:  روزى سوپى ئۈچتېكىن


- ئاۋارىچىلىق ھېېس قىلمىسىڭىز سوراپ باقاي،سىزمۇ دۇناي ناھىيىسىدىنمۇ؟
- شۇنداق.
-پاراڭلاشقاچ ماڭساق قانداق؟
- ياق.
-قىزىقكەنسىز،پاراڭلاشقانغا نېمە بولىدۇ؟
- ھاراق ئىچىۋالغان بىر ئەر بىلەن پاراڭلاشقىنىمنى ئاڭلىسا ئېرىم ئۇرىدۇ.
- قارىغاندا ئېرىڭىز بەك تاياقچى ئوخشىمامدۇ؟
- ھەئە...
سەندە ھېلىلا شۇنچىلىك زور قىزىقىش قوزغىغان بۇ ئايالنىڭ كەسكىن-كەسكىن گەپلىرى ئەمدى بايىقى قىزىقىشىڭنى نەچچە ھەسسىلەنگەن ھەيرانلىققا ئايلاندۇردى.بۇنى ئاز دېگەندەك،ئۇ دېرىزە تەرەپكە ئاز-ئازدىن سۈرۈلۈپ،خۇددى سېنىڭ يۇقۇملۇق كېسىلىڭ باردىك ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ يىراق ئولتۇردى.ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھېلىقى گەپلىرىگە قوشۇلۇپ ئىسپىرت تەسىرىدە ئازراق قىزىپ قالغان كاللاڭنى سان-ساناقسىز سوئاللار بىلەن تولدۇردى.
<<توۋا،مۇشۇنداق چىرايلىق ئايالنىمۇ ئۇرامدۇ كىشى،قولىدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيدىغان،ھە دېسىلا خوتۇنىغا مۇشت كۆتۈرۈپ قوپىدىغان ئۇنداق ئەرلەرنىڭ قولىنى سۇندۇرىۋەتسە بولىدۇ زادى.ئايال كىشىگە قول سالغان ئەرنىمۇ ئەر دېگىلى بولامدۇ!ھازىر دېگەن قانداق چاغ،ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئاللىقاچان ئىشقا ئېشىپ بولغانلىقىنى بىلمەمدىكىنە ئۇ قاراتۈرۈك؟مۇشتۇمىغا ئىشىنىپ،قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان قانداق يوغانباش ئۇ؟ياق،بۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ،كىم بىلىدۇ،بۇ نايناق مۇشۇنداق دەپ ماڭا يېقىنلاشماقچىمۇ تېخى؟ھازىر يىراق ئولتۇرىۋالغان بىلەن ھېلىلا چاپلىشىپ كېتەمدۇ،بۇنىمۇ بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.>>
ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن ئۇنىڭغا كۆزۈڭنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدۇڭ.ئەمما ئۇ پىسەنت قىلماي،بايا سەن بىر قاراپلا:<< ئاھ خۇدا،مۇشۇنداقمۇ چىرايلىق كۆزلەر بولىدىكەن - ھە،بۇ جاھاندا!>> دەپ پىچىرلاپ تاشلىغان شەھلا كۆزلىرىنى دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىدىن ئالماي ئولتۇراتتى.قىسقىسى،يېنىدا سەندەك بىر قاملاشقان ئەرنىڭ ئولتۇرغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتى شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە لاتاپەتلىك ئىدىكى،بايا ئۇنىڭ گېپى بىلەن ئازراق پەسكويغا چۈشۈپ قالغان شەيتىنىڭنى يەنە قۇتراتتى.
- تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟- بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ،ياق،بەكلا ھودۇقۇپ كەتكەندەك تۇيۇقسىزلا شۇنداق سورىدىڭ سەن،ئەسلى باشقا بىر گەپنى قىلماقچى بولۇپ.
- تېلېفونۇم يوق.
ئۇ ھەتتا بېشىنى بۇراپمۇ قويماي شۇنداق دېدى.سەن: << ھەر نېمە بولسا،ئەتىگەندە ئىت نىجاسەت يېمەستە قېلىنلىق دورىسىدىن ئانچە-مۇنچە ئىستېمال قىلىپ قويۇپتىكەنمەن،بولمىسا نومۇستىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدىكەنمەن بۇ جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان سەھرا گۈزىلىنىڭ ئالدىدا!...>> دېگەنلەرنى خىيالىڭدىن ئۆتكۈزگەچ،كېيىنكى قەدەمدە گەپنى قەيەردىن باشلاشنى پىلانلاۋاتقاندەك بىر دەم جىممىدە ئولتۇرۇپ قالدىڭ ۋە ئىلگىرى قىز-ئاياللارنىڭ ئالدىدا گەپ دېگەننى يىپقا تىزىپ،ئۆز قولۇڭ بىلەن بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان مەرۋايىت مارجاندەك قىلىۋېتىدىغانلىقىڭنى ئېسىڭگە ئالدىڭ.
راست ئەمەسمۇ،ئۇلار ئالدىڭدا تۇيۇقسىزلا توكى كەتكەن رادىئودەك دۇدۇقلاپ،گويا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك تىرناق تاتىلاپ تۇراتتى.ئەمما،ماۋۇ ئايال...ئەجەبا ئۇ ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرمەمدىغاندۇ،سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلمەمدىغاندۇ!
- قورقۇپ كەتمەڭ،مەن شۇ مۇنداقلا سوراپ قويغان،- دېدىڭ ئەمدى ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ پېتىنالمايۋاتقاندەك بىر خىل ئەلپازدا.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساڭا لاپپىدە بىر قاراپ قويدى.شۇندىلا تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىڭكى،ئۇنىڭ بۇ قارىشىدا << ئىككىمىز ئالمىشىپ قالدۇقمۇ قانداق؟>> دېگەن ئۆتكۈر بىر كىنايە بار ئىدى.ھەئە،ئەمدى سەن ئۆز سالاھىيىتىڭنى ئاشكارىلىمىساڭ،ئۇنىڭ ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان بولۇۋاتقان نوپۇزۇڭنى قوغداپ قالمىساڭ بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
- ئېھتىمال،سىز مېنى دەماللىققا تونۇماي قالغانسىز،مەن x يازغۇچى بولىمەن.سىلەرنىڭ ناھىيىدىكى xx يازغۇچىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالماي ناھىيەڭلارغا تۇرمۇش ئۆگەنگىلى كېتىۋاتىمەن.
قارىغاندا ئۇ بۇ گەپلىرىڭنىمۇ بىر تىيىنغا ئالمايدىغاندەك قىلاتتى،ئۇنىڭ پەرۋاسىزلىقى ئىچىڭنى پۇشۇردى،ئاققۇدەك تەكەببۇرانە تۇرقى ھەيرانلىقىڭنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
- مەن شۇ كېيىن سىزگە تېلېفون قىلىپ،ئېرىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان زوراۋانلىقلىرىنى بىرمۇ بىر سوراپ،ھېكايە قىلىپ يېزىپ،جەمئىيىتىمىزدىكى سىزدەك سانسىزلىغان ئاياللارنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىك كۈنلىرىنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرەي،شۇ ئارقىلىق ئايالىنى ئۇرىدىغان ئاشۇنداق نائەھلىلەرنى سۆكەي،ئۇلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا ياياي،شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى نامايەن قىلاي دەپ...
- مەن ئۆيدىكى ئىشنى تالاغا يايىدىغانلارغا ئۆچ!
ئۇ گېپىڭنى قاپ ئوتتۇرىدىن بۆلۈۋەتمىگەن بولسا يەنە قانچىلىك سۆزلەر بولغىيدىڭكىن،ئۆزۈڭچە قايناپ-تېشىپ.
- قانۇن يول قويسا ئاشۇنداق ھەددىدىن ئاشقانلارنى بىر پاي ئوق بىلەن <<پاڭڭىدە>> ئېتىپ تاشلىسا،قىز-ئاياللىرىمىزنى ئۇرغان قولىنى سۇندۇرىۋەتسە...- دەپ گېپىڭنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈردۈڭ سەن.
- ئاغزىڭىزغا تاش-تۇپراق،- دېدى ئۇ ئەمدى ساڭا خۇددى ئېزىق چىشىغا ئېلىپ چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك ئەلپازدا تىكىلىپ قاراپ،- بايىدىن بېرىى چالغان دېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرسام،بەكلا ئەزۋەيلەپ كەتتىڭىز.ئەگەر مۈمكىن بولسا،بىز ئەرلەرگە ئىككى ئەمەس،ئۈچ-تۆت قول تىلەيمىز.نېمىشقا دېگەندە،ئۇلار بىزنىڭ يۆلىكىمىز ھەم يۈرىكىمىز.ئەگەر ئىش سىزنىڭ قارغىشىڭىزچە بولىدىغان بولسا،مۈدۈرۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمىزدە كىم بىزنى يۆلەيدۇ؟
ئۇ سېنىڭ ھەيرانلىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرىڭگە بىر دەم مىختەك تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سەندىن ئۆزى كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالدىمۇ ۋە ياكى سەن ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغاندەك،ئۇمۇ ساڭا قىزىقىپ قالدىمۇ توساتتىنلا سوراپ قالدى:
- سىزنىڭ خوتۇن - بالىلىرىڭىز بارمۇ؟
- بىر ئوغلۇم بار.
-ئايالىڭىزچۇ؟
-ئالدىنقى يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن.
- نېمىشقا ئەمدى؟
- ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىمىزدا مېھىر-مۇھەببەت قالمىدى،ئۆيدە مېنىڭ گېپىمنى ھېسابقا ئالمىدى.
- ئۇرسىڭىز بولمامدۇ؟
بەدەنلىرىڭ تىكەنلىشىپ كەتتى،قانداقتۇر بىر سوغۇق ئېقىم تومۇر-تومۇرلىرىڭغا تاراپ بەدىنىڭنى مۇزلىتىۋەتتى.بۇ سېنىڭ ئاغزىڭغا چىش چىقىپ تېخى تۇنجى قېتىم بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن << ئايالىڭىزنى ئۇرسىڭىز بولمامدۇ؟>> دېگەن سۆزنى ئاڭلىشىڭ ئىدى.ئايالىنى ئۇرىدىغان بۇ قايسى دەۋر،قانچىنچى ئەسىر - ھە؟ قارىغاندا ئالدىڭدىكى بۇ ئايال خۇدايىم چىراي دېگەننى ئايىماي بەرگىنى بىلەن ئەقىل-ئىدراك دېگەن نېمىدىن زەررىچە بەرمىگەن بىر چىرايلىق دۆتتەك قىلاتتى.ھېچبولمىسا ئېرى كۈندە ئۈچ ۋاق ئۇرۇپ تۇرمىسا يېگەن نېنى سىڭمەيدىغان ياكى بېقىنى قىچىشىپ قالىدىغان ئاياللاردىندەكمۇ قىلاتتى.
- بوشاڭلىق قىلماي،قانداقلا قىلىپ بولمىسۇ ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قالغان بولسىڭىز،بالىڭىز يىتىم بولۇپ قالمايتتى.
- مۇھەببەت قالمىغان ئائىلىنى ساقلاپ قالغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
- سىز مۇھەببەتنى،ئائىلىۋى تۇرمۇشنى نېمە سەپ ئويلايسىز؟ئۇنى ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە ئۆزگەرمەي بىر خىللا تۇرىدىغان توختام سۇ دەپ قارامسىز؟ بىلىپ قېلىڭ،ئىچى،تېگى جىم تۇرۇپ قالغان نەرسە ئاسان كېرەكتىن چىقىدۇ،ئىچىدىن سېسىيدۇ،تېگىدىن تۈگىشىدۇ.قارىغاندا،سىز تېخىچە بىر ئۆينىڭ نېمە بىلەن ئۆي بولىدىغانلىقىنى بىلمەپسىز.ئائىلە دېگەن ھەرگىزمۇ << قەدىرلىكىم،سۆيۈملۈكۈم،كۆيدۈم،پىشتىم...>> بىلەنلا ئۆرە بولىدىغان نەرسە ئەمەس.ئۇنىڭدا مۇھەببەتتىن باشقا يەنە مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەت دېگەنلەرمۇ بولىدۇ.
ئالدىڭدا تۇرغان ئايالنىڭ ئالدىدا يېڭىلىپ قېلىشنى تەن ئالغۇڭ كەلمىدى بولغاي،گەپنىڭ تېمىسىنى بۇرىماقچى ۋە ئۇنىڭ گويا ئاتاكىغا ئۆتكەن پىلىموتنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقاندەك تۈگىمەس سۆزلىرىنى تورىماقچى بولدۇڭ:
- قارىغاندا،سىزنىڭ ئېرىڭىز تېلېۋىزورغا ئېلان بېرىپ قويۇپ،ئۆزىڭىز ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىپ خەجلەپ ئۆيىڭىزدە ھېچ ئىش قىلماي ياتقۇدەك ياخشى ئوخشىمامدۇ؟
- بىز ئۇنداق قىلىپ كۆنمەپتىكەنمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل ئۈچۈن ئۇنچە قىلىپ كەتمەيمىز.كېيىنكى قېتىم خوتۇن ئېلىش نېسىپ بولسا،سىز شۇنداق قىلارسىز.
ئەتىگەنكى ھاراقنىڭ كاساپىتىمۇ ياكى يۈزۈڭ شۇنداق قېلىنمۇ،دەككەڭنى يەپ تۇرۇپمۇ يەنە بولدى قىلغۇڭ كەلمىدى.
- بىنا ئۆيۈڭلار بارمۇ؟
- يوق.بىزنىڭ ئۆي يېزىدا،كەڭرى باغلىق،ساپ ھاۋالىق كېسەك ئۆيىمىز بار.
- ماشىناڭلار باردۇ ھەقاچان؟
-ئېشەك ھارۋىمىز بار.
- ھا! ھا! ھا!... تايىنلىقكەنغۇ ئۇ ئېرىڭىزمۇ! بىر قاراتۈرۈك ياكى چالا ساۋات دېھقان دەڭە ئۇ بايقۇشنى!...
- ئۇ ئوقۇتقۇچى،تېخى سىزدىن ياخشى يازىدىغان يازغۇچى!
- ئەجەپ ماختاپ كەتتىڭىز شۇ توقماقچىڭىزنى.ئۇ سىز دېگەندەك شۇنچە ياخشى بولسا ھازىر تەتىل بولغاندىكىن سىز بىلەن بىللە كەلمەي،يولغا يالغۇز سېلىپ قويۇپتىغۇ ئەمىسە؟
- توغرا دەيسىز،ئەسلى ئۇ كەلگەن بولسا سىزدەك ئادەم بىلەن بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالماستىم.بىراق ئۇ كېلەلمىدى.مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان باشقا ئىشى بولغاچقا شۇ يەردە قالدى،مەن كېسەل قېيىنئانامنى باققىلى ماڭدىم.
- پاھوي،قالتىس ئىشقۇ بۇ،ئەزەلدىن سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدىغان قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداقمۇ ھېكايىلەر بار دەڭ! بىر چاغلاردا قېيىنئانا ھەققىدە مۇنداق بىر شېئىرنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە:
مۇڭدىشىڭمەن زېرىكىپ قالساڭ،
سىردىشىڭمەن تېرىكىپ قالساڭ...
- ئاشۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى مەن بولىمەن.
ئۇنىڭ شۇ گېپى بىلەن مەستلىكىڭ بىردىنلا يېشىلىپ كەتكەندەك بولدى.كۆز ئالدىڭدىكى بۇ ئايالغا قايتىدىن زەن سېلىپ قاراپ،قەلبىڭ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن تولدى.
شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى تېز-تېز يىغىشتۇرۇشقا باشلىغىنىدىن،مۇشۇ يول بويىدا چۈشۈپ قالماقچى ئىكەنلىكىنى پەملەپ قالدىڭ ۋە بايىقى سېنى بەكمۇ بىئارام قىلىپ كەلگەن سوئالىڭنى قايتا سوراپ،سەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر جاۋابنى ئالدىڭ.
- لېكىن شۇنچە ماختاپ كەتكەن ئېرىڭىزنىڭ سىزنى ئۇرىدىغان ئىشى پەقەت قاملاشمايدىكەن،بىر ئوقۇتقۇچى تۇرۇپمۇ ئادەم ئۇرامدۇ؟
- گېپىمنى تېخىچە چۈشەنمىدىڭىزما؟ ئېرىم مېنى ئەمەس،بەلكى ماڭا پوخۇرلۇق قىلماقچى بولغانلارنى ئۇرىدۇ...

ئاپتورى: ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1466
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1466دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12871 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-10

گېنىرال ،تەس كۈنگە قاپسىز جۇمۇ ،،،قاراپراق تەگمەي ئەر دىگەنگە،،،،
قاچانلاردا ئەرگە تېگۋالغان ؟بىزگىمۇ دەپ قويماي ،،،،
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1543
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1543دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10700 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 15:01

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-11-05 14:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گېنىرال ،تەس كۈنگە قاپسىز جۇمۇ ،،،قاراپراق تەگمەي ئەر دىگەنگە،،،،
قاچانلاردا ئەرگە تېگۋالغان ؟بىزگىمۇ دەپ قويماي ،،،،

ئەرگە تېگىش ئېلانى بېرەي دېگەنما ھىندىستانلىق شاھرۇھخان؟ 
 قايسىلا تېمىغا قارىسام ئۆزلىرى غاجاپ قويىۋاتىلا ئەسمەتخاننىڭ ئىتلىرىدەك.شۇنى تەس كۈنگە قالدى دەيتمىز يا شاھرۇھخان،ھى ھى ھى...
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 16:38

بەك ئىسىل ھىكايە ئىكەن ...ئۇزىنى تۇتىۋالغان ،ئەدەب-ھايالىق ،،ھاياسىز چاخچاقلارغا ھەمدەمدە بۇلمايدىغان قىز-چۇكانلارغا كىممۇ پىتىنىپ قانات سۇرەلەيدۇ،،،،
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1466
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1466دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12871 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 17:50

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى general نىڭ 2011-11-05 15:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئەرگە تېگىش ئېلانى بېرەي دېگەنما ھىندىستانلىق شاھرۇھخان؟ 
 قايسىلا تېمىغا قارىسام ئۆزلىرى غاجاپ قويىۋاتىلا ئەسمەتخاننىڭ ئىتلىرىدەك.شۇنى تەس كۈنگە قالدى دەيتمىز يا شاھرۇھخان،ھى ھى ھى...

سەۋدالىقتا نېرۋا ئايلىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟؟؟ئېلاننى مەن بېرىۋاتمايمەن ....تېمىلىرىغا
ئوبدانراق قاراپ باقىسلا .............
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1209
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1209دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12883 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 19:03

ئايال كىشى دېگەن مۇشۇنداق ئېسىل بولسا... ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
ھە راست تېما ئىگسى ئوغۇل بالىكەنغۇ، قانداقمۇ ئەرگە تېگىش ئېلانى بەرسۇن؟
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 19:04

[quote]بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-11-05 17:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

سەۋدالىقتا نېرۋا ئايلىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟؟؟ئېلاننى مەن بېرىۋاتمايمەن ....تېمىلىرىغا
ئوبدانراق قاراپ باقىسلا .............
--ئۇلوغ ئايەم كۇنلىرنىڭ ھۈرمىتى ئۇچۇن بۇلسىمۇ ئىتپاق ئۇتسەڭلار بۇلمامدۇ؟؟؟
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 22:43

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى general نىڭ 2011-11-05 15:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئەرگە تېگىش ئېلانى بېرەي دېگەنما ھىندىستانلىق شاھرۇھخان؟ 
 قايسىلا تېمىغا قارىسام ئۆزلىرى غاجاپ قويىۋاتىلا ئەسمەتخاننىڭ ئىتلىرىدەك.شۇنى تەس كۈنگە قالدى دەيتمىز يا شاھرۇھخان،ھى ھى ھى...




ھاھاھاھا  ...  قامچا جايىغا تەگدى .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 451
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 5007 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-05 23:28

بۇگۇن كۆۋرۈك ئەپەندىدە زور ئىلگىرلەش بارغۇ؟
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
مەرفۇئە
ئاللاھ   ھەممىمىزنى   ھىدايەت   قى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9302
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 805 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-02-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-06 01:36

     «     ئىزباسار                بۇگۇن كۆۋرۈك ئەپەندىدە زور ئىلگى
رلەش بارغۇ؟                »              kuwruk
                                بۇۋا    ،   ماختاپ  قۇيسا    ھېيت   كۇنى    ئېچىۋامماڭ    يەنە.
مەرفۇئە  دىن  پۇتۇن  قىرىنداشلارغا   ئاللاھ نىڭ  سالامى  بۇلسۇن!