ئامرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ غەربىدە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆلدى دەپ كۆمۈۋېتىلگىنىگە 126 يىل بولغان مۇربىخىي ئىسىملىك بىر ئەسكەر جەسەت ساندۇقىدىن تىرىك چىققان. بۇ غەلىتە خەۋەر نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپ ساندىكى گېزىت- ژۇرناللار بۇ ئىشنى ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەپ كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بىر نەچچە گۆركار بىر تاغلىق رايۇندا گۆر كولاۋېتىپ، چىرىپ كەتكەن بىر جەسەت ساندۇقىنى بايقىغان. دەسلەپتە ئۇلار بۇ يەرنى نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى كونا زاراتگاھلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ،كولاۋەرگەن ۋە جەسەت ساندۇقىنى ئالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ساندۇق ئىچىدىن بوش، ئەمما ناھايىتى ئېنىق »مېنى قۇتقۇزۇڭلار! مېنى قۇتقۇزۇڭلار!« دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغان. گۆركارلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنئۇلار دەرھال جەسەت ساندۇقىنى ئاچقان ۋە ساندۇق ئىچىدە كىيىملىرى چىرىپ كەتكەن، كاكار ۋە ياقا بەلگىسىدىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان، چىرايى سارغىيىپ، چاچلىرى ئۆسۈپ، تىرناقلىرى يۆگۈشۈپ كەتكەن بەئەينى ئۆلۈك سىياقىغا كىرىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ، بوشقىنا نەپەس ئېلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقىنىدىن داڭ قېتىپ قالغان.يۈرەكلىك ھەم ھوشيار بىر گۆركار دەرھال قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە تېلېفۇن بېرىپ، بۇ يېرىم ئۆلۈك ھالەتتىكى ئەسكەرنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددى قۇتقۇزغانئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسىمى يوسىفۇس مۇرىبىخي بولۇپ، 126 يىل ئىلگىرى بىرلەشمە ئارمىيىگە قاتنىشىپ، جەنۇب- شىمال ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلانغاندا ئۆلدى دەپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىپ كۆمۈۋېتىلگەنىكەن. مۇربىخىي ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن »لىنكۇلىن زۇڭتۇڭ قاچان قىسىمغا كېلىپ بىزنى يوقلايدۇ؟ بىرلەشمە ئارمىيە غەلبىلىك جەڭ قىلىۋاتامدۇ- يوق؟ دېگەنگە ئوخشاش ئۆتكەن زامانغا ئائىت سۇئاللارنى سورىغان. ئۇ 1864- يىلى يارىدار بولغاندا، سوغوق يەر ئاستى بۇلىقىنىڭ يېنىغا كۆمۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت ھاياتىنى ساقلاپ تۇرالىغانىكەنمۇربىخي ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ 25 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلىگەن. شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغا قەدەر ھېسابلىغاندا، ئۇ، 151 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇرقىدىن يەنىلا 20 نەچچە ياشتەك كۆرۈنىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇربىخينىڭ مېڭىسىنىڭ زەخمىلەنگەنلىكى ئېنىقلانغان. ئۇ ئۆزى يولۇققان بەخىتسىزلىككە نىسبەتەن گاڭگىراش ۋە چۈشىنىكسىزلىك ھېس قىلغان. بىر تۈركۈم ئالىملارمۇربىخىي ئۈستىدە يېڭى بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
قېرىنداشلار بەلكىم بۇئشلار يالغاندۇ -ياكى ئاللانىڭ قۇدۇرتىدۇ؟---------
خىسلەت تورىدىن ئېلىندى