رەسىم:
ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىدا لېكسىيە سۆزلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-30 16:07
ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىدا يېڭى يول ئاچقان، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ، ئەلنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئېتوت چولپىنىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز مەركەز ۋە شىنجاڭنىڭ مەخسۇس تەسسىس قىلغان ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە ئوقۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەلگەن. 27-ئۆكتەبىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابلىز پايتەخىتتىكى ئۇيغۇر ستۇدېنلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەگە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، شۇنداقلا پايتەخىتتىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستۇدېنتلار قاتناشتى. لېكسىيەدىن كېيىن ئابدۇكېرىم ئابلېز لېكسىيەگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى .
upload=1]
