باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1159 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۇناھىمىز نىمە ئىدى؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1428
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-03 12:43

گۇناھىمىز نىمە ئىدى؟


گۇناھىمىز نىمە ئىدى؟
 
ياقۇببېك ۋەلىخوجايېۋ
(<<ئۆزبېكىستان ئەدەبىيات سەنئىتى>> ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 2- سانىدىن ئابدۇقادىر قارلۇغ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان)

 
1937-يىلنىڭ كەچ كۈزى بولسا كېرەك،ئاتىمىزنى كىمدۇر بىرسى‹يولدىن تايدۇرغان›.‹كۆرۈپ تۇرۇپسەنكى،زاماننىڭ ئەلپازى بۇزۇق،سەن ھەم پەيزۇللانىڭ تەقدىرىڭلار قىل ئۈستىدە،بالا-چاقام كوچىدا تەمتىرەپ قالمىسۇن دىسەڭ يۈر بىز بىلەن...› دەپ ئېيىتقاندا ئۇ لاقا-لۇقىسىنى يىغىشتۇرۇپ، كۈدە كۆرپىسىنى يۈدۈپ تەۋەككۇلچى ئالاماننىڭ ئارقىسىدىن ئەگشىپ ئۇيغۇر يۇرتلىرى تەرەپلەردىن باشپاناھ ئىزدىگەنلەر بىلەن بىرگە ۋەتەننى تەرك ئەتكەن.

ۋەتەنگادالىقنىڭ ئىپتىداسى مانا شۇنداق باشلانغىنى ئېنىق.لېكىن بۇ قەدەمنىڭ ھەم ئۆمرى ئۇزاق بولمىغان.1939-يىلىغا بارماي كىمدۇر ئۇچلىغان ئۆتكۈر شەمشەرنىڭ تىغى ئۇنىڭ ھەم ئەزىز بېشىغا چۈشكەن.ئانىمىز تاجىنىسا بېگىم بىر ئېتەك بالا، يەنى يەتتە پەرزەنىد بىلەن بەرىبىر كوچىدا،ناتونۇش يۇرتلاردا تەمتىرەپ قالغان.

 1937-يىلنىڭ شىددەتلىك بوران چاپقۇنلىرىدىن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل پەرزەنىتلىرى قاتارى ۋەتەننى تەرك ئەتكەن، يىراق-يېقىن يۇرتلاردىن پاناھلىق ئىزدىگەن بىگۇناھ كىشىلىرىمىزنىڭ جېنى ھەم ئامان قالمىدى.بۇ جاھالەت قىلىچىنىڭ دەستىسىدە شۈبھىسىز ‹خەلقلەر ئاتىسى› سىتالىنىىڭ مۆھىرى بار ئىدى.

بۈگۈن قايتا قۇرۇش ۋە ئاشكارىلىق ھەدىيە ئەتكەن ھۆرىيەت نەتىجىسىدە،ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولغان ۋەتەنداشلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەت ۋە مۇسىبەتلەر تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ.نەزىرىمدە بۈگۈن تەقدىر تەقەززاسى بىلەن چەتئەللەردىن پاناھلىق ئىزدىگەن، پىشانىسىگە ‹ۋەتەن گادا›لىقى پۈتۈلگەن، ‹ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە خىيانەت قىلغانلار› دەپ تامغا بېسىلغان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇش،ئۇلارنىڭ تەرجىمەھالىغا تېخىمۇ ئېنىقلىق  ۋە روشەنلىك كىرگۈزۈش،قەتلىئام قىلىنغان مىڭلاپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رويخەتلىرىنى ھەم ئېلان قىلىش پەيتى كەلدى.

ئۆز يۇرتىدا ‹ۋەتەن ساتقۇچ›،‹خائىن› دەپ ئاتىلىپ دۈشمەنلەر رويخېتىگە قوشۇلغانلارنىڭ ئۆزگە ئەللەردىكى تۇرۇش-تۇرمۇشى، ئىش-پائالىيەتلىرى قانداق بولدى؟ بۇلار ھازىرغىچە كۆپچىلىككە قاراڭغۇ بولۇپ كەلمەكتە...ئايرىم كونا ئۇدۇمدىن تا بۈگۈنگىچە ۋاز كەچمىگەنلەر ‹بىر بالاسى بولمىسا، يۇرتنى تاشلاپ كېتىشەرمىدى؟› دىيىشىپ، ھامان قارا ساناب دوق قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتالماي يۈرۈشمەكتە.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ھەقىقەتنى يورۇتماق،‹ۋەتەن گادا› ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ تەقدىرىدىن، يۈرۈگىدىكى ئارزۇ ئۈمىتلىرىدىن سۆزلىمەك جاھىزدۇر.

چەتئەللەردىكى ئۆزبېكلەر ۋۇجۇدىدا جۇش ئۇرغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئەركىن ۋاھىدوۋ ‹ياشلىق› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە شۇنداق ئىزھار ئەتكەنكەن:‹تۈرلۈك سۆھبەت ئەنجۇمەنلەردە، مەن شۇنىڭغا ئەمىن بولدۇمكى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۆزبېكنىڭ قېنىدا ئۆز ۋەتەن مېھرى جۇش ئۇرۇپ تۇرۇپتۇ.ئۆزبېكىستانلىق يىگىت قىزلار مېنى كەچۈرسۈنكى،بىز گاھى ۋەتىنىمىزدە ياشاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيمىز، مەن كۆرۈپ سۆھبەتلەشكەن ۋەتەنداشلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا بولغان مۇھەببىتى مىڭ ھەسسىلەپ ئارتۇق دىسەم لاپ بولماس؛ئادەتتە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاينى ۋەتەن دەيدۇ.لېكىن سۈرىيەدە تۇغۇلغان يا ماراكەشتە دۇنياغا كەلگەن يا ئىستامبۇلدا كۆز ئاچقان ئۆزبېك ئۈچۈن بەرىبىر، ۋەتەن بۇ پەقەت ئۆزبېكىستاندۇر.›

 شۇنداق، بۇ ئەينى ھەقىقەتتۇر. مەن بۇنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەنمەن. بىز ياشىغان جاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئاۋات شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ غۇلجا دەپ ئاتىلاتتى. ئىقلىمى مۆتىدىل،تۇپرىغى مۇنبەت،سۇلىرى ئەلۋەك، گۈزەل ۋە باي بىر يۇرت ئىدى.جەننەت تىمسالى باغلىرىدا پىشقان مىۋىلەر جاننى ياشارتاتتى.ھوسۇللۇق يەرلىرىدە يېتىلگەن بۇغدايدىن پىشۇرۇلغان نېپىز ئاق نانلار ئاجايىپ يىىشلىك ھەم لەزىز ئىدى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتى ئوچۇق، باغرى زىمىنىدەك كەڭ، تىلى تىلىمىزغا يېقىن،دىلى دىلىمىزغا پەيۋەندە،دىنىمىزغا پەيۋەندە، دىنىمىز ھەم بىر ئىدى. ئاللاھقا سېغىنماق ئۈچۈن ‹ئۆزبېك مەسچىدى› ئاچماقنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۆز سىمايىڭنى ئىزدەش ئۈچۈن ‹ئەنجان رەستىسى›گە بارماق زۆرۈر ئەمەس ئىدى.

بۈگۈن بېشىمىزغا مۇسىبەت چۈشكەندە، باغرىنى ئاچقان، نېنىنى،جايىنى،سۈيىنى ئايىمىغان بۇ كۆڭلى ئوچۇق مەردانە خەلقتىن ئۆزرە سوراپ ئېيتىمەنكى،بەرىبىر ئەشۇنداق قۇتلۇق ماكان ھەم ئۆزبېكلەر ئۈچۈن ئۆز ئېلى ئورنىنى باسالىغان ئەمەس. ئۆزبېكلەر مەيلى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ئالتاي، چۆچەك،ئۈرۈمچى، غۇلجا،تۇرپان، قۇمۇل،قەشقەر، خوتەنلەردە بەھوزۇر ئىستىقامەت قىلغان بولسۇن ئەمما، ئۆز ۋەتىنىگە ئەندىجان،فەرغانىغا،سەمەرقەنت، بۇخاراغا،تاشكەنت، خارەزىمگە ئىنتىزار بولۇپ ياشىغان.

بىز بوخچىمىزنى مۈرىمىزگە ئېسىپ، خەت ساۋادىمىزنى چىقارماق نىيىتىدە مەكتەپ بوسۇغۇسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان بالىلىق چاغلىرىمىزدا كۆپ نەرسىلەردىن بىخەۋەر ئىدۇق. ئۆزلىرىنى ئەلگە باش دەپ ئويلىغان ئاتىلىرىمىز ھالى تۈزۈكرەك باشپاناھ تېپىپ ئۈلگۈرمەي پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتماق ئۈچۈن ئۆزبېك مەكتەپلىرىنىڭ تەشۋىشىنى قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىكەن.

خاتىرەمنىڭ يارقىن بەتلىرىدە ئۆچمەس بولۇپ مۆھۈرلىنىپ قالغان بىر ۋەقەنى ئەسلەيمەن. ئۆزبېك مەسچىدى نىڭ تارغىنە سەيناسىدا قاتار-قاتار بولۇپ سىنىپمۇ-سىنىپ تىزىلىپ تۇرغانمىز. قارشىمىزدا كۈلرەڭ ماتادىن تون كىيگەن،سارغۇچ سەللە ئورىغان، ئاجايىپ روھلۇق، نۇرانە بىر كىشى تەلەپۇز قىلغان ئۆزبېكچە سۆزنىڭ چىرايلىق ئاھاڭلىرىنى، جەزبىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ھىس قىلغانمەن...


        بۇ ئادەم ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىن بولغان ئىلى، ئالتاي،تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەلىخان تۆرە(‹‹مەشھۇر تۆمۈر تۈزۈكلىرى›› نىڭ تەرجىمانى تارىخچى ئالىم ئەلى ساغونىي) ئىدى. بۇ كىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئانا تىل مەكتىۋى بىلەن مۇبارەك ئېتىپ، ئۇنى ‹‹نەمۇنە›› دەپ ئاتىغان ھەمدە ئەلىشىر نەۋائى نامىدا يۇرۇتۇلۇشنى ئېيىتقان. شۇ تەرىقىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي بۇرجىگىدە ئەلىشىر نەۋائى نامىدىكى ‹‹نەمۇنە›› مەكتىۋى دۇنياغا كۆز ئاچقان!

      بۈگۈن ئۆزۈم مۇئەللىم بولۇپ دۇنيانىڭ ئاچچىق چۈچۈگىنى تېتىپ، ئويمان-چوڭقۇرىنى كۆرۈپ، ئويلاپ بالىلىغىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىۋاتىمەن. ‹‹نەمۇنە›› مەكتىۋىگە تۇنجى قەدەم قويغان چېغىمىزدىن باشلاپ بېشىمىزنى سىلىغان، ئىلىم ۋە مەرىپەتكە يېتەكلىگەن ئەقلىمە،ئوۋتات ۋە رەمزىيە ئاپايلارنى، ئىمىنجان ئەپەندىنى،سۈننەتىللا،شاھابىددىن،نەبىي،ئۇبەيدۇللا،قادىر ۋە ھېكمەت ئەپەندىلەرنى نەقەدەر چەكسىز ئېھتىرام بىلەن ئەسلىشىمنى بايان قىلىپ بەرمىگىم قىيىن.

      بىر قېتىم دەرس ۋاقتىدا ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز ئىمىنجان ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا بىر-ئىككى قېتىمدىن شېئىر ئوقۇتۇپ ئارىسىدىن مېنى تاللىدى ھەمدە فۇرقەتنىڭ مەشھۇر <سايدىڭ قويۇۋەر سەيياد> مۇسەددىسىنى ئىنتۇناتسىيەلىك ئوقۇشقا ئۈگەتتى،شۇنداقلا مەكتەپ مىقياسىدا دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىلىدىغان دېكلىماتسىيە مۇسابىقىسىگە تەييارلىدى. شۇنداقلا ھەربىر سۆزنىڭ قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن تارتىپ، دېكلىماتسىيەدە قانداق نەپەس چىقىرىشىمغىچە ناھايىتى ئېنىق ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەن بۇنى مەكتىۋىمىزدىكى شېئىر ئوقۇش مۇسابىقىسىدە ھاياجان بىلەن ئوقۇغان چېغىم ئۇستازىم مەندىن بەكلا رازى بولدى.

      ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي <نەمۇنە>دىكى ئوقۇشنى تاماملىدۇق. ھەممىمىز قايسىدۇر ئوقۇشلارغا ھەم يۇقۇرى يىللىقلارنى نىشانلاپ تارقالدۇق. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن بىر پۇرسەتتە مەكتىۋىمىزنى سېغىنىپ كۆرگىلى كەلدىم. مەكتەپ ھويلىسىدا ئىمىنجان ئەپەندىمنى غەمكىن ۋە چۈشكۈن كەيپىياتتا ئۇچرۇتىپ كۆڭلۈم قەۋەتلا يېرىم بولدى.قىسقىغىنە سالام-سەھەتتىن كېيىن مۇئەللىم مېنى تەنتەربىيە مەيدانچىسىنىڭ بىر چېتىگە باشلاپ باردى ۋە:" ئوغلۇم <سايدىڭ قويۇۋەر سەيياد>نى ئوقۇغىن!" دىدى ھەيران بولۇپ بىئىختىيار رەۋىشتە ئوقۇشقا باشلىدىم.ئىمىنجان ئەپەندى كۆزلىرىنى يۇمۇپ خۇددى<مۇناجات>،<گىريا>،<چۆل يىراق>كۈيلىرىنى تىڭشاۋاتقان ئادەمدەك يەلكىلىرىنى رېتىملىق تەۋرىتىپ ئاۋازىمغا قۇلاق سالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشتىن تېخىمۇ ھەيران بولۇپ دېكلىماتسىيەدىن توختىدۇم.<بولدى،بولدى، ئوغلۇم ئەمدى تاقىتىم چىدىماس... بەس،بەس!>دىدى. ھازىر ئويلىسام، بىچارە مۇئەللىمىم بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىك كۈنلەرگە ئۇھسىنىپ يىغلىغانمۇ ياكى يۇرت ۋەتەننى مۇشتاق بولۇپ سېغىنغانمۇ بىلمىدىم، پەقەت يەلكىلىرى سىلكىنىپ-سىلكىنىپ ئۇلۇغ تىنغانچە يىغلىغىنى ئېسىمدە.

        1949 -يىلنىڭ كەچكۈزىمۇ ياكى 50-يىللارنىڭ باھار كۈنلىرىمۇ ئىشقىلىپ شۇ ئارىدىكى كۈنلەر ئىدى. غۇلجىغا ھەلىمە ناسىروۋا،مۇكەررەم تۇرغۇنبايىۋا،نەزىرە ئەھمەدوۋا،سارە ئاپا، تاماراخانىم،ھەلىمە كامىلوۋا،مۇھەممەدجان مىرزايىپ ۋە يەنە بىرقانچە ئاتاغلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ قەدىمى يەتكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا مېھمانلار ئۈچۈن مەخسۇسلانغان ئۆلچەملىك مېھمانخانا،سارايلار يوق ئىدى. سەنئەتكارلىرىمىز ئۆزبېك بايلارنىڭ خانىدانلىرىغا چۈشۈشكەن ئىدى.شۇ چاغدا ئاپام بىچارە: <ھەلىمە كىمنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ؟ بىلىپ كەلگەيسەن!> دەپ مېنى جىددى بۇيرۇپ ئالدىراتقان ئىدى.ئۇقۇشۇپ بولغاندىن كېيىن باشلاپ بارغىنىمىدا، ئاپام ئاشۇ ئۆينىڭ ھويلىسىدىكى سۇپىدا يەنى مېھمان چۈشكەن ئۆينىڭ قارشىسىدا، ئاستىغا پەرەنجىسىنى تاشلاپ سائەتلەپ ئولتۇرغىنىنى ئەسلەيمەن.يەنە بىر چاغدا ھەلىمە خانىمنىڭ ئىشىكنىڭ قانىتىنى ئېچىپ چىقىپ كەلگىنىنى، ئاپام بىچارىنىڭ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ :<ھەلىمە ئاپا!> دەپ ئۈمتىلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تەمتىرەپ قالغىنىنىڭ گۇۋاھى بولغانمەن. ھەلىمە خانىم بولسا ئاپامنى ھەر كۈنكى <ئانا، ئارتىسىت!> دەپ چاقىرىدىغان مۇساپىرلارنىڭ بىرى دىدىمۇ ياكى كۆرمىدىمۇ ياندىكى ئۆيگە بىخارامان كىرىپ كەتكەن ئىدى. بالا ئىدىم شۇ پەيتىلەردە، كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ھېچقاچان ئاپامنىڭ بۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىنى كۈرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغانمەن. بۈگۈن ئەلەم بىلەن، ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدىغان ئېغىر دەرت بىلەن بۇ ناتىۋان لەھزەلەرنىڭ مەنىسىنى ھىس قىلىمەن.

       ئەندىجاندا ھەلىمەنىڭ قوڭغۇراقتەك ئاۋازىدا ئىجرا ئەتكەن ناخشىلىرىنى ئىشىتكەن ئاپام ئۈچۈن تاجىنىسسا بېگىمگە، ھەلىمە خانىم دىدارىغا بىر ئىلىك تىكىلمەك،ئۈنسىز،سۆزسىز ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىماق، ئۇنىڭغا ۋەتەن بولۇپ زار- ئىنتىزار قىلغان يۇرت سېغىنچىغا تەسكىن، مەلھەم بولۇپ تۇيۇلغان بولسا نە ئەجەب!

دەرھەقكى، باشقا ئەللەردىكى ئۆزبېكلەر شائىر ئەركىن ۋاھىدوۋنىڭ يازغىنىدەك كۆپ ماددىي مۇھتاجلىقتا ياشىمىغان.ئەمما، مەن ئەقىلدىن ئازغان، يىمەك-ئىچمىگىنى ئەستىن چىقىرىپ، ئۈستى بېشىغا ئېتىبارسىز قاراپ يۈرگەن پەرىشانخاتىر،يۇرت پەرزەنىد داغىدا كۆيۈپ مەجنۇن سۈپەت تۈسكە كىرگەن كۆپلىگەن ۋەتەنداشلىرىمنى بىلىمەن.

        بۇندىن بىرنەچچە يىل مۇقەددەم ئاللاھ پېقىرغا ئىستانبۇل،قاھىرە ۋە يەنە بىرقانچە چەتئەل شەھەر، مەملىكەتلىرىگە بارماقنى نېسىپ قىلدى.ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن جاھانغا مەشھۇر <شەرق بازىرى> دا كېتىۋېتىپ قۇلۇغىم تۈۋىدە ياڭرىغان ماڭا شۇنچە يېقىشلىق ھەم تونۇش كەلىمىدىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ توختىدىم.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم!
قارشىمدا يارشىملىق، ئازادە كىيىنگەن،ئالىپ قامەتلىك كىشى ماڭا جىلمىيىپ تۇراتتى.ئېسەنكىرەپ قالغانىدىم،ئۇ سۆزلىرىنى يەنە بىر مەرتە ماڭا قايتۇردى:
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم! قەدەملىرىگە مەرھابا!
ئۇ يەنە ماڭا تىكىلدى:
_ مانا بۇ كۈلبەئى ۋەيرانى بىزنىڭ خانىدان، قېرىندىشىم، بىر پىيالە چايغا مەرھەمەت قىلغايسىز، ياق دىمىگەيسىز_دىدى. بۇ ئادەمنىڭ دەردى قەلبىمگە يېقىن ئىدى، ئۇنىڭ كىچىككىنە دۇكانچىسىغا ئىككىلەنمەي قەدەم باستىم. ھوزۇرلۇق چاي ئۈستىدە سۆھبىتىمىز قىززىپ كەتتى.
_ كەمىنە ناسىرجان ئابدۇپەتتاھ ئوغلىمەن، شەھرىخاندىنمەن قېرىندىشىم.
مەن ھەم ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم:
_ پېقىر ئەندىجاندىنمەن _ دىدىم.
_ يارەببى،يارەببى! جانىم جانىڭىزغا تەسەددۇق بولغاي! جامە مەسچىدىنىڭ تاملىرىغا تەككەن يەلكىڭىزنى كۆزلىرىمگە سۈرتەي،تاۋاپ قىلاي،قېرىندىشىم ماڭا ئىجازەت قىلغايسىز، _ دەپ ئورنىدىن تۇردى، ئىككى قولى بىلەن يەلكەمنى سىلاپ،قوللىرىمنى كۆزلىرىگە سۈرتتى. ئۆزەمنى تۇتالمىدىم...
_ قاچان تەركى ۋەتەن ئەتكەن ئىدىڭىز ئۆزىڭىز؟ تەقدىرگە نىمە دىگۈلۈك،ئەجەب بۇ يەرلەرگە كېلىپ قاپسىز،_دىدىم.
_ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇ ۋەتەنداش! پىشانىمىزگە ئۆز ئېلىمىز سىغماپتۇ، يۇرتىمىزدا ياشىماقنى نېسىپ ئەتمەپتۇ بىزگە، نىمە ئامال دەيسىز؟
ناسىر ئاكا ماڭا ئېغىر ئەلەم بىلەن تىكىلدى. سورىسام نە يۇرتى شەھرىخاننى، نە ئەندىجاننى نە يەلكەمنى سىلاپ تاۋاپ ئەتكەن جامە مەسچىدىنى بىلەتتى دەيسىز؟ مەن ھەيران بولمىدىم. نىھايەت،ئورنۇمدىن تۇرىۋاتقىنىمدا ناسىر ئاكا خۇددى قۇلىغىمغا پىچىرلاۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى:
_ ئۆزر، ۋەتەنداش، ئۆزلىرى بۇ ياقلارغا يول ئالغاندا بىرەر تونمۇ، دوپپىمۇ ۋە ياكى ئەتلەس شايىنىڭ قىيىندىلىرىدىن بولسىمۇ ئالغاچ كەلمىدىلىمۇ؟
ئىستانبۇل بازارلىرىدا بۇ ئاتا تەۋەررۈك لىباسلىرىمىزغا كۆزۈم چۈشكەن ئىدى، بۇ كىشى مەندىن دەل شۇنى سوراپ تۇرىۋاتاتتى.
_ سوراۋاتقانلىرىڭىز بازارلاردا باركەنغۇ !
_ ياق، مەقسىدىمنى چۈشەنمىدىڭىز،ئۇقمىدىڭىز ۋەتەنداش!
_شۇ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدا تىكىلگىنىدىن، ۋەتەننىڭ ھىدى كېلىپ تۇرغانلىرىدىن بولسا دىمەكچى ئىدىم. تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاپ كىيەر ئىدىم. باشتىن -ئاياق سەرپۇ قىلار ئىدىم ئۆزىڭىزگە.
ئۆزرەمنى ئېيتتىم.ناسىرجان ئاكىغا بېشىمدىكى دوپپىنى كىيدۈرۈپ قويماقتىن ئۆزگە ئىلاجىم قالمىدى. ۋەتەندىشىمنىڭ سۈرىتى خاتىرەمدە كۆزلىرىدە لىققىدە ياش ئالغان پېتى قالدى.

        شۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۈمدىن باشقا بىر پىكىر كېچىدۇ. ۋاقتى كېلەر، يۇرتىمىزدا يەنە قايتا مەمۇرچىلىق كۈنلەر كېلەر،مورا تۇرخۇنلارنىڭ دىۋارلىرى تۈتۈنلەرگە تولار، يىمەك ئىچمەك، كىيىم كېچەك،ئولتۇراق قاتارى ئەقەللىي تۇرمۇش مۇھتاجلىقلىرىغا ئادەملەر ئالاھىيدە زور مەسىلىلىەر سۈپىتىدە نەزەرىنى سالماس، ھەتتا پىسەند قىلماس.ئەمما، يۈرەكلىرىمىزنى زىدە قىلىپ يۇرتنى ئوڭ-تەتۈر قىلغان،سۈر تەشۋىش،ئېغىر مۇسىبەت ۋە قىرغىن چاپ كۈنلەر قايتا تەكرارلانمىسا بەس! شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر كۆڭۈلنى خىرە قىلىۋاتقان كۆپ يېتىشسىزلىكلەرنى بەزىلەرنىڭ <قايتا قۇرۇش>،<ئاشكارىلىق>نىڭ كاساپىتى دىگەن پىكىرلىرىگە قەتئىي قوشۇلغۇم كەلمەيدۇ. ئاخىر بۈگۈن ھەقىقەتنىڭ قاناتلىرى بەزەن قايرىلغان بولسىمۇ بەرىبىر ئازدۇر-كۆپتۇر يورۇغلۇققا چىققىنىمىز راستقۇ، ھەقىقەتنىڭ پەرۋازى پۈتۈنلەي بوغۇلۇپ قېلىۋاتقىنى ھەم يوققۇ.ئەجەبا يورۇغلۇق ۋە ھەقىقەت... بۇلار بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسمۇ؟!

      ئاشۇ قارا يىللاردا، يۇرتىنى تەرك قىلغان، "ستالىن بەرگەن ئالەمشۇمۇل كۈنلەر" گە بەرداش يەتمەي <ۋەتەنگادا> بولغان دەربەدەرلەرنىڭ سۈرەتلىرى ئۈستىگە قارا سىزىقلار سىزىلار ئىدى.مەتبۇئاتتا، بەدئىي ئەسەرلەردە ھەم ئۇلار "ھەر مىللەتنىڭ جەننىتى ئۇلۇغ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تاش ئاتقۇچى زەھەرخەندە، يامان ئادەملەر..." دەپ ئاتىلار ئىدى.ئۇلارنىڭ ئوبرازلىرى ئەنە ئەشۇنداق غەلەت غايىلەرگە بويسۇندۇرىلغان ھالدا غېرىپ مىسكىن،بىر بۇردا نان مۇھتاجلىقىدا خارۇ-زار، گاداي بىچارە تەرىزدە يارىتىلار ئىدى.ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئاتەش مۇھەببەت،پاكلىق،ئادىمىيلىك بولسا ھەمىشە ئېتىباردىن چەتتە قالار ئىدى.لېكىن بۇنداق بىدادلىق، تەۋقى لەنەتلەردىن بىخەۋەر، خەۋەردار بولسا ھەم ۋۇجۇدىدىكى مۇھەببەت ۋە ئېتىقادتىن كېچىشنى ئىستىمىگەن مېھنەتكەش تەركى ۋەتەن خەلق، بەرىبىر يۈرىگىدىكى سەمىمىيىتىنى "خەلقلەر نىجاتچىسى" دىن پارىغ تۇتمىغان. ئۇنىڭغا سېغىنغان، رەسىملىرىنى مەكتەپلەرنىڭ ، ھەتتا ئۆيلىرىنىڭ تۆرىلىرىگە ئېسىشىپ ئەتىۋارلاپ ساقلىغان. باشلىرىغا چۈشكەن مۇسىبەتلەرگە ئۇنىڭ ھېچقانداق دەخلىسى يوق دەپ بىلىشكەن.

         1953-يىلى ئالتىنچى سىنىپتا ئوقۇيتتىم.مۇئەللىمىمىز ئەبەيدۇللا ئەپەندى <ستالىن ئۆلۈپتۇ>دىگەن سۆزنى ئېيتالماي يىغلىغان،"خەلقلەر ئاتىسى" نىڭ مۇسىبىتىدىن ۋاقىپ بولغاچ پۈتۈن مەكتەپ ماتەمدار بولغان ئىدى. ھەممەيلەن داد سېلىپ پەرياد قىلغان، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ شەيتانلاپ قالغانلار بار ھەم ئارىمىزدا. پۈتۈن شەھەر سۈكۈتكە چۆمگەن، ئۇن زاۋۇدىدىن بېرىلگەن گۈدۈك ھەممەيلەننى ئۆز جايىغا مىخلاپ قويغان ئىدى. بارچە خەلق قايغۇغا چۆكۈپ،" پۈتۈن دۇنيا ئەمگەكچىلىرى ۋە ئېزىلگۈچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى" غا مۇھەببەت ۋە قىيماسلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشىپ ۋىدالاشقان ئىدى. بۈگۈن بولسا لەنەتلىك زۇلمەتلەر ئۈستىدىكى پەردىلەر ئېچىلىپ، ھەقىقەت ئايان بولماقتا. بۇ ھەقىقەت ھەممە نەرسىدىن ئۇلۇغ ئەمەسمۇ؟! خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاڭلىشى ئەمەسمۇ؟!

         ھازىر كۆڭلۈم تۆرىدىن جاي ئالغان بىر ۋەقەنى ئىپتىخار بىلەن ئەسلەيمەن. ئانا تىل ئەدەبىياتى مۇئەللىمىمىز ئىمىنجان ئەپەندى بەزىدە قىيىنراق سۆزلەرنى ياكى ناملارنى ياخشى تەلەپپۇز قىلالمىساق دەرھال يېنىمىزغا كېلىپ:
_ بۈگۈن بولمىسا ئەتە ياكى ئۆگۈن ئۆز ئۆيۈڭگە بارىسەن، بالام، ئاشۇ يەردە ھەم مۇشۇنداق گەپ قىلىپ ئولتۇرساڭ ئۇيات، كىم ئوقۇتقان ئانا تىلدىن دەپ سورىسا، مەن قانداق ئادەم بولۇپ قالىمەن ئۇ چاغدا؟_ دەيتتى.
بىز بولساق <قەيەردىكى ئۆز ئۆيىمىزگە بارار بولغىيتتۇق؟>دەپ ھەيران بولساقمۇ ،بەرىبىر سۆزلەرنى مۇئەللىمىمىز ئۈگەتكەندەك تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتۇق.شۇلارنى ئويلىسام، بۈگۈنكى كۈنىمىز ئۆزبېك تىلىغا دۆلەت مۇقامى بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنىۋاتقان مۇلاھىيزىلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتىدۇ. تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالى، ھالىتىدىن ھەم قېنىقىش ھىس قىلمايمەن. <ئاناڭ كېسەل بولۇپ قالدى، تېزراق يېتىپ كەلگىن ئوغلۇم> دىگەن ئىككى جۈملىلىك تېلىگىراممىنى ئېۋەرتەلمەي قىينىلىۋاتقان دېھقاننى،<مېنى ئىشقا قوبۇل قىلىشىڭىزنى سورايمەن> دىيىلگەن ئىلتىماسنى رۇس تىلىدا يېزىشنى پەرىزگە ئايلاندۇرۇپ ئۆلگەن ئادەملەرنى ئەسلەپ بەزەن بۇنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ تېگىگە ھېچ يېتەلمەي ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.

        بەزى ھەمدەرتلىرىمىز<ئۆزبېك تىلى ياردەمگە مۇھتاج> دەپ مۇراجىئەتلەرنى قىلىشىپ ئەستايىدىل جان كۆيدۈرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مېنىڭ نەزەرىمدە بۇ ئېغىر ئەھۋالدىن پەقەت ياردەم بىلەنلا قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئالاھىيدە ئىمكانىيەت، تولۇق شارائىت ۋە نورمال ئىمتىيازلار بېرىلىشى كېرەك. شۇندىلا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن.

       ئۆزىڭىز ئويلاڭ، رەھبەر بولغان توغرىسى يۇرت ۋە ئەلنىڭ بېشى بولغان ئادەم، ئۆزبېك بولۇپ تۇرۇپ ئۆزبېك تىلىنى بىلمىسە، زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ قالغان تەقدىردە قەغەزگە قاراپ زورىغا ئوقىسا،رادىئو ۋە تېلىۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئۆز ئانا تىلىنى خالىغانچە خار قىلىپ،پايمال قىلىشپ گەپ قىلىشسا بۇ نە بىدادلىق،نومۇسلۇق دەرتلەر بولدى ئەمدى؟

        دەل شۇنداق چاغلاردا يەنە ئۆزبېك تىلىدا ئوقۇتىلىدىغان مەكتەپ ئاچماق ئۈچۈن خانۇ-مانىنى ئورتىغا تاشلىغان مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىمنى، مەكتەپ بىناسىنى قۇرماق ئۈچۈن يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا يەلكىسىگە قىش، كېسەك يۈدۈپ يۇقىرى قەۋەتكە ئېگىلىپ ۋە ئۆمىلەپ چىقىپ كېتىۋاتقان تۇرسۇنئاينى، ئۇنىڭغا بېغىشلاپ شېئىر يازغان شائىر ئەھەد شاكىر ئوغلىنى يادلايمەن. ئۇلارنى بۇنداق جاسارەتكە ئۈندىگەن قۇدرەتلىك كۈچ نىمە ئىكىن دەيمەن؟ بۇ ئەلۋەتتە سۆزسىز ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتدۇر.

       ئۆزگە يۇرتلاردا ئۆز ۋەتىنىگە ئىنتىزار بولۇپ ياشاۋاتقان ئۆزبېكلەر تاساددىبى بىر ھاللاردا سىز بىلەن مېنى ئۆزلىرى ئىستىقامەت قىلىۋاتقان جايلاردا ئۇچرۇتۇپ قالغۇدەك بولسا، بېشىمىزدىكى دوپپىمىزغا تىكىلىپ، باغرىمىزغا ئېتىلغۇدەك بولۇپ قېشىمىزغا كېلىشىدۇ. شۇ چاغلاردا <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەتەنداش!> دىسە، بىز تەمتىرەپ دىگۈدەك ئىككى ئېغىز كەلىمىنىڭ مەنىسىنى دەررۇ ئاڭقىرالمىساق، ئۆز تىلىمىز قېلىپ باشقا تىلدا جاۋاپ بەرسەك ماڭقۇرۇتلۇق بولمامدۇ؟

       ھازىر ستالىن ھاكىممۇتلەقلىقى دەۋرىدىكى قىرغىنباس كۈنلەرنىڭ ئازاب دەرتلىرى ھەققىدە كۆپ سۆزلىشىۋاتىمىز.ئايرىملار:<ھەدەپ ستالىننى يامان دىگەن بىلەن بىرەر نەرسە ئۆزگۈرۈپ قالاتتىمۇ؟ ئەكسىچە كۈندىن-كۈنگە بەتتەر بولۇۋاتمامدۇ>دىيىشمەكتە. بۇنداق پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتكە ئىنتايىن يۈزەكى قاراش، مىليونلاپ ئادەملەر تەقدىرىگە، ئۇلارنىڭ بىگۇناھ ئازاب چەككەن پەرزەنىدلىرى دەردىگە ئېتىبارسىز قاراش ۋە يۈزسىزلىك قىلىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.

       مۇھاجىرلىقتا ئاتىلىرى دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ پەرزەنىتلىرى يۈرىگىدە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمىغۇدەك يەنە بىر ئېغىر دەرت بار.ئاتىلىرى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ سۈرەنلىك يىللىرىدا قۇربان بولغان تەڭتۈشلىرىمىز:<ئاتام قەھرىمان ئىدى> دەپ ئىپتىخار بىلەن سۆزلەر،نامەلۇم ئەسكەر خاتىرىسىگە ئورنىتىلغان خاتىرە تاش، مەشئەللەرگە گۈللەر قويار، ھەتتا 37- يىللارنىڭ قىرغىنچاپلىرىدا قەتىل ئېتىلگەنلەرنىڭ ھەم خاتىرىسىنى تىكلەش ئىمكانلىرى تېپىلار، شۇنىڭ بىلەن مەرھۇملارنىڭ روھلىرى ئەمىن تاپار، پەرزەنىت ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى ۋە ۋۇجۇدى بىر نەپەس ئارام ئالار. ئەمما بىزچۇ؟

        <شەھرى ئەندىجانغا ئوڭ پۇتۇمنى قويسام، سول پۇتۇمنى بېسىشقا ئۈلگۈرمەي نەپىسىم ئۈزۈلسە شۇنىڭغا رازىمەن> دەپ نالە قىلغان بوۋىمىز ئەھمەدبەگ ھاجىنىڭ قەبرىسى قەشقەردە، خوجام قۇملۇق مازىرىدا يوقلاغسىز قالدى.تالزار چايخانىسىدا پىر پىيالە كۆك چاي ئىچمەككە جېنىنى تىككەن ئاتىمىز جەينەك مىرزىنىڭ ئەزىز باشى قايلاردا ئۈزۈلدى، بىخەۋەرمەن.ھەلىمە خانىم دىدارىغا ۋەتەن دەپ قارىغان ئانىمىز تاجىنىسسا بېگىمنىڭ مەقبەرەسى غۇلجىدا بەيتۇللا مەسچىدىنىڭ ئېتىگىدە، يېڭى ئىمارەتلەر تېگىدە يوق بولۇپ كەتتى. ئاكام نىمەتتۇلا ئىستانبۇلدا،<تۈركىستانلىق نېمەت جەينەك> دەپ يېزىلغان قەبرە تېشىنىڭ ئاستىدا مۇڭلىنىپ يېتىپتۇ.

      ۋا دەرخ! بۇ دەھشەتلەرگە قايدىن جاۋاپ ئىزلىگەيمەن،ئۆزۈمگە نىمىلەرنى دەپ تەسكىن بەرگەيمەن؟ ئاتا-ئانىمىزنى سېغىنساق قايغا بېرىپ كىمنىڭ بېشىدا يىغلىغايمىز، كىمنىڭ قەبرىسىدە دۇئا قىلىپ، قايسى تۇپراققا بېشىمىزنى قويغايمىز؟ بىزنىڭ، بىز كەبىلەرنىڭ گۇناھىمىز نىمە ئىدى؟
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،بۇس ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6803
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 303 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-30

كەڭ سايغا نىمە بولغان ؟؟ خېلى بىر ئەجىرلەر بىلەن تەييارلانغان بىر قىسىم نادىر تىمىلار قاراقسىز قېلىۋېتىپتۇ ؟..
[ بۇ يازمىنىdarya 2011-11-09 23:46قايتا تەھرىرلىدى ]
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،بۇسۇغىدا دالجىماس ئىتتەك،ماڭا ئەھدە ۋاپا ياخشى
ئا. ئۆتكۈر