ئاۋام پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقى جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئۇلتېشىدۇر
يانفۇنىڭىز ئوچۇق قالغان بولسا، توخۇ چىللاشتىن بۇرۇنراق سىزنى ئويغىتىۋېتىدۇ، قارايدىغان بولسىڭىز، كارتىىڭىزغا مانچە پۇل ئۇرۇلدى، پالانى شىركەت پوكۇنى يەرگە داچا سالدى، دېگەندەك ئەخلەت ئۇچۇرلار قاتارلىشىپ كەلگىلى تۇرغان. بەكرەك كەچ يېتىپ قالغان بولسىڭىز، سەھەردە بىردەم ئۇخلىۋالاي دېسىڭىزمۇ، ئەنە
شۇنداق قىسقا ئۇچۇرلار سىزگە ئارام بەرمەيدۇ، پاراكەندە قىلىدۇ.
بىكاردىن-بىكار پاراكەندە قىلسا، كەيپىڭىز ئۇچماي قالاتتىمۇ؟ بۇنداق ئىشلار بىرەر قېتىم بولۇپ قالسىغۇ مەيلىتى، شۇغىنىسى، كۈندە بولۇپ تۇرىدۇ. سىزگە ئازراق دەخلىسى بولدىمۇ دەيلى، بۇنى توسۇشقا ئامالىڭىز يوق، بەك جىق ئىش كېتىدۇ، لېۋىڭىزنى چىشلەپ چىدىماي ئامال يوق. بۇنداق بولۇشى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئەمەس ياكى بىرەر سەھۋەنلىكىڭىزدىنمۇ ئەمەس. بىرلا سەۋەپ ياكى سەھۋەنلىكىڭىزدىن، ئۇ بولسىمۇ ئاۋام پۇقرا بولۇپ قالغىنىڭىز.
بۇ مەندەك بىر ئاۋام پۇقرانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار. يېقىندا چىققان بىر پارچە خەۋەرمۇ بۇنىڭ ئىسپاتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، خەۋەرلىشىش شىركىتىدە ئاجايىپ خاسىيەتلىك بىر «قىزىل تىزىملىك» بارمىش، شۇ تىزىملىككە كىرىۋالسىڭىز، ئەخلەت ئۇچۇرلار يېقىنمۇ كېلەلمەيدىكەن. بۇنداق تىزىملىككە كىرىشنى ئوڭاي چاغلاپ قالماڭ، مېنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغاندىلا ئاندىن كىرەلەيدىكەنسىز.
ئەسلى، ئەخلەت ئۇچۇرنى توسۇش قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەسكەن، لېكىنزە، سىز ئەمەلدار ئەمەس-دە. مېنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولمىغاندىكىن، ھەر كۈنى ئاز-پاز پاراكەندە بولۇپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شورى، گېپىڭىز ھەق بولسىمۇ، سىز بىلەن كىمنىڭ نېمە كارى.
گەپ قىسقا ئۇچۇردىكى پەرقتىلا ئەمەس، بۇنداق پەرق تۇرمۇشنىڭ ھەممە يېرىدە بار. ئەمەلدار بىلەن (ھېچ بولمىسا، مېنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار) مەندەك ئاۋام پۇقرانى سېلىشتۇرۇپ باقايلى: ئەمەلدار بولسا مۇتلەق بىخەتەر بولىدۇ، توققۇزى تەل، ئىشلىرى ھەل بولىدۇ. ماڭسا يولى راۋان، داۋالانماقچى بولسا، ئەمەلدارلار ياتىقى تەييار، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا نوقتىلىق مەكتەپلەر بار. ئۈچ ۋاخ تامىقى ئالاھىدە تەمىنلەنگەن ئەشيالار بىلەن ئېتىلىدۇ. ئاۋام پۇقرانىڭچۇ؟ داۋالىنىشى تەس، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشى تەس، يولدا مېڭىشىمۇ تەس، ئۈچ ۋاق تامىقىدا بىخەتەر يېمەكلىك يېيىشىمۇ تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەيدۇ، شۇنداق بەدەللەر جاننى خورىتىدۇ، يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدۇ، قاتتىق ھالسىرىتىدۇ، ئۈمىدىنى ئۈزۈۋېتىدۇ.
جۇڭگودا ئەمەلدار بولماق قالتىس ئىش. قانداق دەمسىز؟ ھېچنېمىدىن غەم قىلمايسىز، بوۋاقتىنمۇ بەكرەك ياخشى بېقىلىسىز. يامغۇر ياغسا، كۈنلۈك كۆتۈرمەيسىز، كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭىدىغانلار تەييار. بالىلار بايرىمىدا يەسلىگە بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈشكە بارسىڭىز، بالىلار تومۇزنىڭ ئاپتىپىدا نومۇر ئورۇنلاپ بەرسە، سايىدا ئولتۇرۇپ كۆرۈسىز.
قارىغاندا، شور پىشانە ئادەم ئاۋام پۇقرا بولۇپ قالغىدەك. ئاۋام پۇقرانىڭ ئۆمرى خۇددى قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەندەك، جان تالىشىش بىلەن ئۆتىدىكەن. كىشىلەردىكى يەڭگىلتەكلىك، چۇس مىجەزلىك، شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ سەۋەبىنى بۇنىڭدىن چۈشىنىش مۇمكىن. «ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ، نام-ئاتاق ۋە مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش كېرەك» دېيىشنىڭ سەۋەبى ۋەھىمە ۋە تەشۋىشتىن، ئاۋام پۇقرا ئۇچرىغان ۋەھىمە ۋە تەشۋىشتىندۇر. بۇنداق ۋەھىمە ۋە تەشۋىش ئاۋام پۇقرانىڭ كۈن ئېلىشى قىيىن بولغانلىقتىندۇر.
جۇڭگودا ئىككى قۇتۇپنى تىلغا ئالغاندا، كۆپىنچە شەھەر بىلەن يېزىنى، شەرق بىلەن غەربنى تىلغا ئالىمىز، ئاۋام پۇقرا بىلەن ئەمەلدارنىڭ پەرقىنى تىلغا ئالىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئاۋام پۇقرالىقتىن قۇتۇلۇپ، مېنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن! ئەركىنلىككە چىقتىڭىز، ئازاد بولدىڭىز، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىسىز دېگەن گەپ. ئەگەر يەنىلا ئاۋام پۇقرا بولۇپ تۇرسىڭىز، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق شارابىنى تېتىماي ئامالىڭىز يوق. راست گەپنى قىلغاندا، بۇنداق قىلىش ئاۋام پۇقرانى كەمسىتكەنلىك-خورلىغانلىق بولۇپ، ئاۋام پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قۇربانلىق، بەخت-سائادىتىنى بەدەل
قىلغانلىقتۇر.
بۇ بىر بىنورمال ھادىسىدۇر. ئاۋام پۇقرا كىم؟ جەمئىيەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئادەم ئاۋام پۇقرادۇر. ئۇلار بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. موشۇنداق مۇتلەق كۆپ سانلىق ئادەم كاپالەتكە ئىگە بولسا، بىخەتەر، ئامان-ئېسەن بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئۇلى مۇقىم بولىدۇ. شۇ ئۇلنىڭ ھەر بىر ئەزاسى كۈندە دېگۈدەك دەخلىگە ئۇچراپ تۇرسا، قورقۇنچ، تەشۋىش ئىچىدە ياشىسا، ئۇل مۇقىم بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ يۇقۇرىدىكىلەر تېنچ-خاتىرجەم بولسىلا، تېنچ-خاتىرجەم بولدۇق دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق تېنچ-ئامانلىق قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان، خىيالىي تېنچ-ئامانلىق بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك تېپىشى مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس.
ئۇزۇن يىللار ئەمىن بولغان ئەللەرگە قارىسىڭىز، ئاۋام پۇقرا بولۇشنىڭ ئۆزى بەختتۇر. ئاۋام پۇقرا خۇسۇسىي تۇرمۇش قورغىنى ئىچىدە ياشايدۇ، ھەرقانداق قانۇنسىز كۈچ دەخلى قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، شۇنچە ئەركىن، شۇنچە خاتىرجەم، شۇنچە مەمنۇنىيەت بىلەن ياشايدۇ. ئەمىلى قانچە ئۆسكەنسىرى، قۇربان قىلىدىغان خۇسۇسىي ھوقۇقى شۈنچە كۆپ، چەكلىمە شۇنچە كۆپ، پاراكەندىچىلىك شۇنچە كۆپ، مەسئۇلىيەت شۇنچە ئېغىر، خېيىمخەتەر شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ئاۋام پۇقرانىڭ خۇسۇسىي ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىش چوڭ گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداق قىلغانلار يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. چوڭ ئەمەلدارلارنى بولسا، گېزىتلەردە ھەر كۈنى تىللاپ تۇرسا بولىدۇ، يولدا ئۇچراپ قالسا، يۈزىگە قارىتىپ پالاق تۇخۇم ئاتسا بولىدۇ. مانا بۇنىڭدىن مۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرىش مۇمكىن: ئاۋام پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقى قانچىكى كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئاۋام پۇقرانىڭ تۇرمۇشى قانچىكى تېنچ-خاتىرجەم بولسا، جەمئىيەت شۇنچە ساغلام بولىدىكەن.
مانا بۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ھەقىقىي سىرى بولسا كېرەك.
شياۋ شۇ ئىمزاسىدا «سۇمرۇغ تورى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە «خەلق تورى»غا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=386&extra=page%3D1