ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى نىمىشقا ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ
2-ئۆكتەبىر ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭچېڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى بىر ئەركەك بىلەن گەپ تالىشىپ قاپتۇ. دوختۇر ياڭ ئەپەندى ياخشى كۆڭلى بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغان ئىكەن، ھېلىقى ئەركەك ياڭ ئەپەندىنى دۇمبالاپ تاغاق سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ، ئۇ دۇمبالاۋېتىپ: مەن دېگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى، يۇقۇرىدا ئارقا تېرىكىم بار، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن، دەپتۇ. تورداشلارنىڭ يېزىشىچە، بۇ نوچى ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭچېڭ ناھىيە فەنگاڭ بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لى چېڭفۇ ئىكەن. (چىلۇ تورىنىڭ 2011-يىل 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى)
ھېچنېمىدىن قورقمايمەن، دېگىنى ھېچكىمدىن قورقمايمەن، دېگەن گەپ. توۋا، دەپ قالدىم، تىرناقچىلىك ئەمەل تۇتقان بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ھېچكىمدىن قورقۇپ قالمايدىكىنا!؟ ئۆزىمۇ راستىنى دەپ تاشلاپتۇ، يۇقۇرىسىدا ئارقا تېرىكى بارىكەن. شۇ «ئارقا تېرەك»لەر بازارنىڭ، ناھىيە-شەھەرنىڭ، ھەتتا ئۆلكىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىدۇ ھەقىچان. ئارقا تېرىكى ئۆرۈلمىسە، بۇ سېكرېتار بەخىرامان يۈرىۋېرىدۇ، دېگەن گەپ. ئۇنىڭ ئارقا تېرىكىنىڭ نام-ئەمىلى نېمە، ئۇلارنىڭ قانداق ئالغۇ-بەرگۈسى بار، بۇ تەرىپى نامەلۇم.
لى سېكرېتار گەپنى چالا دەپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ قاپ يۈرەك بولۇشىدا يەنە بىر سەۋەپ بار، ئۇ بولسىمۇ لى سېكرېتارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئورنى. بازارلىق ئىنتىزام سېكرېتارىنى سەل چاغلاپ قالماڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى، خىيانەتچىلىك، چېرىكلىكلىرىنى ئۇ بىلىدۇ، بىر تالاي ئەمەلدارنىڭ جېنى شۇنىڭ قولىدا دېگەن گەپ، قەلىمىنى ئېلىپ شۇنداقلا بىر جىجىلىسا، ئەمەلداردىن بىرسى ئۆزىنى ھەپسىدە كۆرىدۇ. جىممىدە ئۆتكۈزىۋەتسە، بىر تالاي چىركىننى ساقلاپ قالالايدۇ. قايسى بىر ئىنتىزام سېكرېتارىنىڭ قولىدا بىر تۇتام پاش قىلىش خېتى يوق؟ قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ كۆزى توق؟ ئىنتىزام سېكرېتارىنىڭ ھېچنېمىدىن قورقماسلىقى مانا شۇنىڭدىن.
ئەمەلدارلار ئىنتىزام سېكرېتارىدىن قورقىدۇ، ئىنتىزام سېكرېتارى ھېچكىمدىن قورقمايدۇ، ئەزەلدىن شۇنداق. لى سېكرېتار راست گەپنى دەپتۇ. بۇنىڭدىن مۇنداق بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: ئىنتىزام سېكرېتارىنى كىم نازارەت قىلىدۇ؟ نۆۋەتتە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەكسىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا.
ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەخسۇس ئورگان ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولۇپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى نازارەت قىلىدۇ، لېكىن، بۇنىڭ رولى چەكلىك بولدى. چېنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پاش قىلىنغاندا، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈشكە بېرىپمۇ پاكىت تاپالماي قايتىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، پاش قىلىنسىمۇ موللاق ئاتمايدىغان، تەكشۈرۈلسىمۇ چاتاق تېپىلمايدىغان، باشقۇرغىلى بولمايدىغان سېكرېتار، دەپ نامى چىققان، تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پاش قىلغۇچىغا ۋە بوينى قاتتىق كادىرلارغا زەربە بەرگەن، ئۆچ ئالغان.
نازارەتسىز ھوقۇقنىڭ چەكسىز يوغىناپ كېتىدىغانلىقى شەكسىز. نازارەتسىز ئەمەلدارمۇ ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ، خۇددى لى سېكرېتارغا ئوخشاش. يۇقۇرىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىپ بولالمىسا، تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم-ھۆكۈمەت نازارەت قىلىشقا پېتىنالمىسا، يەنە نېمىدىن قورققۇلۇق؟ ھېلىغۇ بىر دوختۇرنى ئۇرۇپ قويۇپتۇ، خىيانەت قىلىپ چېرىكلەشسىمۇ، تەكشۈرىدىغان ئادەم بولمىسا، قورققۇدەك نېمىسى بار؟
لى سېكرېتاردەك ئىنتىزام سېكرېتارلىرىنى قورقىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بولغان نازارەت مىخانىزىمىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقۇرىدىن نازارەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر ئورۇن مەخسۇس نازارەت قىلىدىغان بولۇش، پارتكوم-ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ نازارەت قىلىش چارىسىنى تۈزۈش، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تور نازارەتچىلىك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش زۆرۈر. (لى سېكرېتارنىڭ دېلوسى تورداشلار نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ تورغا يوللىغان سەۋەبلىك ئاشكارىلانغان.) لى سېكرېتار تەڭرىدىن قورقمىسىمۇ، توردىن قورقىدۇ، قانۇن-ئىنتىزامدىن قورقىدۇ، باشقا ئەمەلدارلارمۇ شۇنداق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئىنتىزام سېكرېتارىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى تۈزۈلۈپ بولغىچە، تور نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر.
مەنبە: خەنزۇچە «نۇر تورى»
ئاپتورى: ۋاڭ شۆجىن
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=393&extra=page%3D1