ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!قېرىنداشلار،بۈگۈن سىلەرگە ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان ، ساھابىلەر ئارسىدا يۈز بەرگەن يەرمۈك ئۇرۇشىدىكى قىسقىغىنا ۋەقەلىكنى ئېلىپ كەلدىم.بۇ ۋەقەنى ئوقۇپ ئەستايدىل ئويلۇنۇپ باقايلى!ئەشۇلاردىكى ئىسلامى قېرىنداشلىق ھازىرقى جەمىيەتتە ياشاۋاتقان بىز قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ تېپلارمۇ؟
بىزانسلار ئاۋۋال ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانىتىغا ھۇجۇم باشلاپ، ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا قاراپ سىلجىدى. بۇ ۋاقىتتا، چوڭ ساھابە ۋە مەشھۇر قوماندان مۇئاز ئىبنى جەبەل مۇنداق دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى:
«ئى پەرۋەردىگارىم! دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پۇتلىرىنى تىترىتىپ، يۈرەكلىرىگە ۋەھىمە سال! بىزگىمۇ جاسارەت ۋە غەيرەت ئاتا قىلىپ، سەن يولغا قويغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ھەردائىم ئىتائەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىل! بىزگە دۈشمەنلىرىمىز بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئۇرۇش قىلىدىغان شىجائەت بەر ۋە ئىلاھىي تەقدىرگە رازىمەنلىك بىلەن بويۇن ئېگىشكە مۇيەسسەر قىل، ئى رەببىم!»
ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە بىزانس سەپلىرىدىكى ئەرەب زۇبەيدىلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، چۇقان سالغان پېتى كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. مۇسۇلمانلار بولسا، بىزانسلارغا بولغان ھۇجۇمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇلاردىن تالاپەتكە ئۇچراپ قېچىشقا باشلىغانلارنى كەينىگە قايتۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن دۈشمەننى پەرىشان قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام قوشۇنىدىن قاچماقچى بولغانلارنى ئاياللار توستى. شۇنىڭ بىلەن قوشۇن ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.
ئۇرۇش شىددەتلىك داۋاملىشىۋاتاتتى. قوماندان ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل بار كۈچى بىلەن: «مەن ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھقا قارشى بىرمۇنچە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەممەن. بۈگۈن سەنلەردىن قورقۇپ قالامتىم؟» دەپ ۋارقىرايتتى. ئاندىن ئۇ ئەسكەرلىرىگە قاراپ: «ئاراڭلاردا مەن بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈشكە قەسەم ئىچكەنلەر بارمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ چاقىرىققا دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋار ۋە ئىكرىمەنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھارىس ئىبنى ھىشام قاتارلىق 400 گە يېقىن ئەسكەر كۆكرەك كېرىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەممىگە تونۇلغان كىشىلەر ئىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇرۇشقان بۇ قەھرىمانلاردىن دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋار قاتارلىق بىر گۇرۇھ ئەسكەر شېھىت بولدى، قالغانلارنىڭ ھەممىسى يارىلاندى. بۇ ئۇرۇش داۋامىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقە رىۋايەت قىلىنىدۇ:
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يارىلانغان بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن سۇ ئېلىپ كېلىندى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىگە سۇ ئۇزىتىلدى، ئەمما ئۇ يېنىدىكىسىنىڭ قاراشلىرىغا چىدىماي: «ئاۋۋال ئۇنىڭغا بېرىڭلار!» دەپ سۇنى ئىچمىدى. ئىككىنچىسىگە ئۇزىتىلسا، ئۇمۇ ئۈچىنچىسىنى كۆرسىتىپ ئىچكىلى ئۇنىمىدى. سۇ ئىچىلمەي داۋاملىق ئايلىنىپ ماڭدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى يارىدارغا كەلگەندە، سۇ ئۈلگۈرمەي شېھىت بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، سۇنى كەينىگە قايتۇرۇپ باشتا ئىچمىگەن يارىدارلارغا ئىچكۈزمەكچى بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى شېھىت بولۇپ بولغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ تۇنجى قەھرىمانلىرى جان بېرىش ئالدىدا كۆرسەتكەن بۇ ئاجايىپ خىسلىتى بىلەن تارىخنىڭ شەرەپ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.