查看完整版本: [-- دىننىي قېرىنداشلىق مۇنداق بۇلىدۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> دىننىي قېرىنداشلىق مۇنداق بۇلىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىزباسار 2011-11-02 00:09
 

مۇسۇلمانلار ئارسىدىكى قېرنداشلىق
 

ئاپتورى: دوكتۇر ئەمرۇ خالىد
 
تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلالى
 

 

مۇقەددىمە
ھەمدۇ - سانا اللھ غا خاستۇر , ئۇنى ماختايمىز , ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمىز , ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەيمىز , نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىرىدىن اللھ غا سېغىنىمىز. اللھ ھىدايەتكە باشلىغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالماس, اللھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالماس ! .

كېچە - كۈندۇز ئالمىشىپلا تۇردىكەن , دۇئايى - سالاملىرىمىز ھەر دائىم ئۈزۈلمەستىن اللھ نىڭ تاللىغان ئەڭ ياخشى بەندىسى ۋە ئەلچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن ! ئۇنىڭ پاك ۋە بىغۇبار ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا, بارلىق ئۇلۇغ پاك تەبىئەتلىك ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارغا قىيامەتكە قەدەر ئەگىشىپ ياخشى ئىزلىرىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن !

مەقسەتكە كەلسەك :

 مۇشۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلار ئارا يۇز بېرىۋاتقان ئۆچ - ئاداۋەت, سۆكۇش - مالامەت, تەپرىقە بۆلىنىش, پارچىلىنىش - يۈز ئۆرۇش, تالاش - تارتىش, پېتىشماسلىق .......قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى بىزنىڭ بۇنداق بىرلىشەلمەسلىك - كىلىشەلمەسلىكنى تاشلاپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىمىز زۆرۇرلىكىنى كۈتۈۋاتماقتا؛  پۇرسەت قولدىن كېتىپ ۋاقىت ئۆتۈشتىن ئىلگىرى دىللىرىمىزغا ساغلام ئەقىدە ۋە قېرىنداشلىق كۆچەتلىرىنى قايتىدىن يىلتىز تاتقۇزۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا؛ ئۇلۇغ كەچۈرۈمچان  اللھ تەرەپكە قايتىشنى تىزلىتىپ, ئۆچمەنلىك - ئاداۋەت, ياتلىشىش - كىلىشەلمەسلىكنى چۆرۇپ تاشلىشىمىزنى تەقەززا قىلماقتا؛ اللھ غا تەزەررۇ قىلىپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىپ, دۇنيا ئاخرەتتە,  مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلىشىنى, مۇسۇلمانلارنى خارلىق, ھاقارەت, بۆلۇنۇش, گۇرۇھۋازلىق ۋە چۇشكۇنلىكتن قۇتۇلدۇرۇشىنى, مۇسۇلمانلارغا دۇنيادا ئىززەت - يۈسەكلىك, كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ, ئاخرەتتە بۈيۈك جەننەتلەردە تۇرۇشقا ۋە دەۋزەختىن قۇتۇلۇشقا مۇشەررەپ قىلىشىنى اللھ دىن تىلىشىمىزنى دەۋر ھەم تەقەززا قىلماقتا !.......

بۇنداق تەقەززا ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ئۇلۇغ ئىلاھى ئسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش نىزامى بولغان    " بىر قەۋم ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە, اللھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ " رەئد سۇرىسى 11- ئايەت . ئايىتىگە كۆرە بارلىققا كەلمەكتە. بىز بۇ ئۇلۇغ دەستۇر نوقتىسىدىن قارغىنىمىزدا, اللھ ئۆزىنى ساقلاپ قالغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ رۇھى دۇنياسىدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان خەتەرلىك بىر مەسلىنى بايقايمىز, يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ رۇھى دۇنياسى بۇزۇلۇپ, ئۆز - ئارا تەپرىقە, بۆلىنىش ۋە گۇرۇھۋازلىق - چۇشكۇنلىشىشنىڭ بارغانسىرى كۈچيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىز.

شۇڭا باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك, دۇنيا - ئاخرەتتە بەخىتلىك, قەدىر قىممەتكە تولغان ھاياتقا ئېرشىش ئۈچۈن يۇقارقىلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۇلىكىنى تەكىتلەيمىز, بۇنداق ئېچىنىشلىق رىئاللىقنى جىددى ھالدا ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ, قېرىنداشلىق , ئىتتپاقلىق, ئىززەت, قەددىنى كۆترەش, غەلبە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئورنىغا چىقىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان پارلاق ۋە ئۇلۇغ  يېڭى رىئاللىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز.   

" بىر قەۋم ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە, اللھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ " رەئد سۇرىسى 11 –ئايەت.

قېرىندىشىم ! پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتىگە قارىتا قەلبىڭدىكى ئۆچمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلىغىن !

مەن بۇ سۆزلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارسىدا بىر ئائىلدە بىر ئىمارەتتە, بىر يىزىدا, بىر مەملىكەتتە, بىر رايۇندا پۇتۇن ئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا, ياخشىىلىق, سۆيگۈ, اللھ يولىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ساغلام ئېتىقاد ئۇرۇغىنى تېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن, اللھ تائالا دەيدۇكى { ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۇشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز, ئۇلار ئۆز - ئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەخىتلەر ئۇستىدە بىر - بىرىگە قارشىپ ئولتۇرىدۇ }.   ھىجىر سۇرىسى 47ـ ئايەت 

رەسۇلىمىز ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىگە نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە بىر - بىرنى سۆيۇشنى, اللھ يولىدا ئۆز ئارا قېرىنداشلىق ۋە ئىتتپاقلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنى, قەلبلىرىنى ساپ ۋە پاكىز تۇتۇشنى قايتا - قايتا تاپىلىغان ئىدى .

 ئەبۇ ئىدرىس خەۋلانى مۇنداق دەيدۇ : شامدىكى دەمەشىق مەسجىدىگە كىرگەندىم, قارىسام چىشلىرى سەدەپتەك ئاپئاق بىر يىگىت بار ئىكەن, ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىرەر مەسلىدە تالاش - تارتىش قىلىپ قالسىلا, ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپ, ئۇنىڭ پىكىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلىشىپ قايتىدىكەن . ئۇنىڭ كىملىكىنى سورغاندىم , بۇ مۇئاز ئىبن جەبەل ئىكەنلىكىنى ئېتىشتى .

ئەتىسى بولغاندا چاشكا ۋاقتىدا مەسجىدكە كە لسەم, ئۇ يىگىت مەندىن بۇرۇن كىلىپ بولغانكەن , ئۇنى ناماز ئۇقۇۋاتقان ھالدا كۆردۈم , شۇنىڭ بىلەن ئۇ نامىزىنى ئوقۇپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇردۇم ۋە ئۇدۇل ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سالام قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا : " اللھ بىلەن قەسەمكى, مەن سېنى اللھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن " دىدىم.  ئۇ: "اللھ ئۈچۈنمۇ؟" دەپ سوردى, مەن "اللھ ئۈچۈن"  دېدىم. ئۇ يەنە قايتلاپ:" اللھ ئۈچۈنمۇ ؟" دېدى , مەنمۇ جاۋابەن  "اللھ ئۈچۈن" ! دېدىم . ئۇ مېنىڭ چاپىنىمنىڭ پېشىدىن تۇتۇپ مىنى ئۆزىگە تارتتى ۋە مۇنداق دىدى : " سىزگە خۇشخەۋەر بولسۇن ! مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاگلىغانمەن : " اللھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : مېنى دەپ ياخشى كۆرۇشكەنلەر, مېنى دەپ بىر سورۇندا بولغانلار , مېنى دەپ بىر - بىرىنى يوقلاپ تۇرىدىغانلار , مېنى دەپ بىر بىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئايمايدىغانلار چوقۇم مېنىڭ مۇھەببىتىمگە نائىل بولىدۇ ".

 بۇ ھەدىستە بىر ئاز توختىلايلى :

اللھ تائالانىڭ :" مېنى دەپ ياخشى كۆرۇشكەنلەر, مېنى دەپ بىر سورۇندا بولغانلار,  چوقۇم مېنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتىمگە نائىل بولىدۇ " دېگەن سۆزىدە , اللھ نى ياخشى كۆرگەنلىكتىن   بىر سورۇندا توپلىشىپ اللھ غا زىكرى - سانا ئېيتىدىغانلار كۆزدە تۇتۇلغان . مانا شۇنىڭ ئۈچۈن , مەشھۇر زاھىد جۇنەيد –ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋەھمەت قىلسۇن- ھەر دائىم خىلۋەتخانىسىدا مەشغۇل ئىدى, قاچانىكى دوستلىرى ئۆيگە كەلسە , ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ بىللە ئولتۇراتتى ۋە ئۇلارغا : " سىلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇشتۇنمۇ ساۋابلىق ئىش بارلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز قېشىڭلارغا چىقماس ئىدىم " دەيتتى. چۈنكى بۇنداق تەقۋادار دوستلار ئولتۇرۇشى قەلبنى سۇزۇلدۇرۇشكە ۋە ئالاھىدە ئىلىم ھىكمەت ھاسىل قىلىشقا پۇرسەت يارتىدىغانلىقىدا گەپ يوق . اللھ تائالانىڭ :" مېنى دەپ بىر بىرىدىن ھېچ نەرسىلىرىنى ئايىمايدىغانلار" دېگەن سۆزىگە كەلسەك بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئەبۇ بەكرى سددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەقەت اللھ نىڭ رازىلىقىنى دەپلا جېنى ۋە مال - مۇلىكىنى ئاتاپ ھىجرەتكە ئاتلانغىنىدەك , بىر - بىرىنىڭ ھەر قانداق مۇھىم ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىغا جېنىنى ئىقتىسادىنى ئايىمايدىغالاردۇر .

 اللھ تائالانىڭ : "مېنى دەپ بىر - بىرىنى يوقلاپ تۇردىغانلار " دىگەن سۆزى ئالاھىدە يېقىن دوستلۇق - قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ اللھ يولىدا ئورناپ , اللھ رازىلىقى ئۈچۈنلا تەسۋىرلىگۈسىز دەرجىدە ئۇلۇغ بىر رۇھقا ئىگە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. اللھ سۆيگۈسى تۈپەيلىدىن دوستلارنىڭ قەلبى بىرـ بىرىگە تەلپىنىدۇ ۋە ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بۇ خىل بۈيۈك رۇھنىڭ تۇرتكىسىدە بىر - بىرىنى يوقلىشىپ, ئۇچرىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىلاھى ۋە ئىنسانى سۆيگۈنىڭ كامالىتىنى نامايەن قىلىپ اللھ نىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇش ئۇلۇغ نىئمىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىدۇ .

قېرىندىشىم ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرسىڭىز اللھ نىڭ ياخشى كۆرۇشىگە ئىېرشىسىز ! .

توغرا ئەقىدىلىك دوست - يارەنلىرىڭىز بىلەن بىر سورۇندا بىللە ئولتۇرۇپ , پاك قەلىب, گۈزەل ئەخلاقىڭىزنى نامايەن قىلغان ھالدا تائەت - ئىبادەت, زىكرى - سانا بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز, اللھ نىڭ كىتابىنى ۋە رەسۇلىنىڭ سۇننەت - ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىپ مۇتالىئە قىلسىڭىز, بۇلار ئارقىلىق اللھ سۆيگۈ - مۇھەببىتىگە نائىل بولىسىز! مۆمىن قېرىنداش - بۇرادەرلىرىڭىزنى اللھ نىڭ ئۈچۈن زىيارەت قىلىپ يوقلاپ تۇرسىڭىز اللھ نىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۇرەلەيسىز!.

رەسۇلىمىز ھەردائىم پاك قەلىب ۋە گۈزەل خۇلىق بىلەن اللھ رازىلىقىنى دەپ ئۆز - ئارا قېرىنداشلىق ئورنىتىش ۋە اللھ ئۈچۈن ياخشى كۆرشۇشكە تەرغىب قىلىپ, ئۈندەپ تۇراتتى . 

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسىنى بايان قىلىدۇ :" بىرئادەم باشقا بىر يۇرتتىكى قېرىندىشىنى يوقلاپ بېرىپتۇ, اللھ بۇ ئادەمنىڭ شۇ يۇرۇتقا كىرىدىغان يولىغا بىر پەرىشتىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ, ئۇ ئادەم كەلگەن چاغدا پەرىشتە ئۇنىڭدىن ( نەگە بارماقچىسىز ؟ ) دەپ سوراپتۇ, ئۇكىشى جاۋابەن ( بۇيۇرىتتىكى بىر قېرىندىشىمنى يوقلىغىلى كەلدىم ) دەپتۇ. پەرىشتە ( ئۇنىڭدا سەن كۆزلەيدىغان بىرەر ئېلىشىڭ بارمۇ ؟ ) دەپ سورغان ئىكەن ، ئۇكىشى : ( ياق , مەن پەقەت ئۇنى اللھ ھەققىدىلا ياخشى كۆرىمەن) دەپتۇ ,  پەرىشتە ئۇنىڭغا ( مەن خۇددى سەن ئۇ قېرىندىشىڭنى اللھ يولىدا ياخشى كۆرگىنىڭدەك اللھ مۇ سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن اللھ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىمەن ) دەپتۇ. مۇسلىم  رىۋايەت قىلغان.

ھەزىرتى ئىبنى ئابباس رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان : " ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسى- ئاللاھ يولىدا دوستلىشىش، ئاللاھ يولىدا دۈشمەنلىشىش، ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ يولىدا نەپرەتلىنىشتۇر". سەھى ھەدىسلەر توپلىمى، ئالبانى 2539- ھەدىس.

بۇھەدىسكە ئىزاھات :

" اللھ يولىدا دوستلىشىش " اللھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا ئۆز ئارا يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشتۇر .

" اللھ يولىدا دوشمەنلىشش " بولسا اللھ يامان كۆرىدىغان ۋە چەكلەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقتا ھەمكارلىشىش , بىر - بىرىگە ناشايەن ئىشلارنى يامان كۆرسىتىش ۋە اللھ نىڭ دوشمەنلىرىنى دوشمەن كۆرۇش قاتارلىقلاردۇر .

" اللھ يولىدا سۆيۈش, اللھ يولىدا نەپرەتلىنىش " ھەققىدە مۇجاھىد ئىبنى ئۇمەرنىڭ بۇسۆزىنى نەقلى قىلغان : " سەن بۇ ئارقىلىق اللھ نىڭ ئەڭ يېقىن بەندىسى بولۇش شەرىپىگە ئېرشەلەيسەن ۋە يۇقۇرقى سۈپەتنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيالايسەن .

دەۋرىمىزدە اللھ يولىدا چىڭ تۇرغانلارنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە مۇناپىقلىق ئالامەتلىرى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇردىغان ئۆزىنى موللا - ئالىم دەپ قارايدىغان كۆپلىگەن زاتلاردىن نەپرەتلىنىشمۇ اللھ يولىدا نەپرەتلىنىش قاتارىغا كىرىدۇ.

ئىمام شافىئى مۇنداق دېگەن :" ئىسىل ئادەملەر بىلەن ئارلاشقىن ئىسىل ئادەمدەك ياشايسەن, پەسكەشلەرگە ئارلاشمىغىن , پەسكەش ھىساپلىنىپ قالىسەن " .

شۇڭلاشقا قەدىمقىلاردىن سۆز قالغان :"يامان ناچار ئادەملەرگە ئارلىشىش خەتەرلىكتۇر ۋە ئىنتاين زەرەرلىكتۇر, بۇ خۇددى دېڭىز سەپىرىگە چىققانغا ئوخشايدۇ, گەرچە يولۇچى دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ, ئۇنىڭ قەلبى دەككە - دۈككىدە ئۆتىدۇ " .

قېرىندىشىم !

ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسى اللھ ئۈچۈن مۆمنلەرنى ياخشى كۆرۇشتۇر ۋە اللھ ئۈچۈن مۇناپىقلارـ كاپىرلاردىن نەپرەتلىنىشتۇر .

ئەنەس ئىبنى مالىك رەسۇلۇللاھدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان " ئۈچ خىل خىسلەت ئۆزىدە تېپىلغان ئادەم ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ : اللھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئۇنىڭغا باشقىلاردىن ئەڭ سۆيۈملۈك بولىشى , بىرسىنى ياخشى كۆرسە پەقەت اللھ  رازىلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرۇش, كۇفرىگە قايتىشنى خۇددى دوزاخقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۇش ."

 

اللھ يولىدا سۆيگۈ ۋە قېىرىنداشلىقتىن مىساللار
رەسۇلۇللاھنىڭ اللھ يولىدا قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ساھابىلەرگە زور تەسىر قىلغان ئىدى .ئۇلار بۇساھەدە نادىر ئولگىلەردۇر .

سەئىد ئىبنى رەبىئ بىلەن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف اللھ يولىدا دوستلاشقان ئىدى . ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلاردىن  ئىدى. سەئىد ئىبنى رەبىئ بولسا مەدىنىلىك ئەنسارىلاردىن ئىدى. بۇ باشقا - باشقا يىراق ئىككى شەھەر بۇلۇپ, ئۇ ئىككى ساھابىنىڭ ئوتتۇرسىدا نەسەپ ئالاقىسى, نە ئېلىم - بېرىم ياكى تىجارەت - سودا ئالاقىسى بولمىغان ئىدى .

بىراق ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى بۇ بۈيۈك ئىسلام دىنى بىرلەشتۈرۇپ, ئۆز ئارا قېرىنداش قىلىپ قويغان , ئۇلارنىڭ دوستلۇقى اللھ يولىدىكى دوستلۇق ئىدى .

سەئىد ئىبنى رەبىئ  ئۆز ئۆيىنىڭ بىر قىسىمىنى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفكە قولايلىق تۇرالغۇ قىلىپ بەرگەن , شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بارلىق مال مۇلىكىنى ئىككەيلەن تەڭ نىسبەتتە بۆلۇشۇش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى ......

ئۈممەتنىڭ ئەزالىرى ئارسىدىكى مۇنداق بىر - بىرىنى يۆلەش, قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈگە قاراڭ!...بىز بىلەن شۇ ساھابىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ نىملىكىنى بىلەمسىلەر ؟

پەرق شۇكى , ساھابىلەر قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىجرا قىلىش, تەتبىقلاش ئۈچۈن ئاڭلايتتى . بىز بولساق ئۇلارنى بىپەرۋا, غاپىل ۋە چۇشەنمەستىن ئاڭلايمز ! پەرۋەردىگارىم ئۆزەڭ ساقلىغايسەن !.

 

مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ۋە اللھ يولىدىكى سۆيگۈ نەپرەت
بەدر غازىتىدا مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەن كۇپپار قوشۇنلىرىنىڭ ئارسىدا مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ بىر تۇققىنى ئەبۇ ئەزىزئىبنى ئۇمەيرمۇ بار ئىدى, ئۇنى ئەنسارلاردىن بىرى ئەسىرگە ئالغان ئىدى ,  ئىبنى ئۇمەير بۇتۇققىنىنىڭ قېشىدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ تېخى اللھ غا بويسۇنمىغان كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرلىرىدىكى نەسەپ قېرىنداشلىقىنى ئىسىگىمۇ كەلتۈرمەيتتى, پەقەت اللھ يولىدىكى دىنى قېرىنداشلىقىنى كۆزدە تۇتاتتى . شۇڭا ئۇ بىر تۇققىنىنى ئەسىرگە ئالغان ئەنسارى قېرىندىشىغا : ئۇنى چىڭ باغلاپ قوي , ئانىسىنىڭ قول ئىلىكىدە بار, بەلكىم ئانىسى ئۇنىڭغا تۆلەم بېرىپ ئۇنى سەندىن ئېلىپ كېتەر " دەيتتى . 

 مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير  اللھ يولىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ نەسەپ ۋە قانداشلىق رىشتىسىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى .

ئارىمىزدا مۇشۇنداق رىشتىنى ھىس قىغانلار بارمىدۇ ؟ .

ئارىمىزدا پەلەستىنلىكلەر, ئىراقلىقلار, چىچەنلىكلەر, ۋە باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىدىن قىينىلىپ ئۇخلىيالمايۋاتقانلار بارمىدۇ ؟ !!..

ئۇلۇغ ساھابە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيردەك بولىشىمىزنى ئاللاھدىن تىلەيمەن .

 

ساغلام قەلبكە ئىگە بىر ئەنسارى ساھابە ھەقىىدە
زۇھرى مۇنداق دەيدۇ : ئەنەس ئىبنى مالىك مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى : " رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ئىدۇق، ئۇ:"  ( ھازىر ئالدىڭلارغا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىركىشى چىقىپ كىلىدۇ" دېدى , شۇنىڭ بىلەن ئەنسارلاردىن بىر كىشى چىقىپ كەلدى, تاھارەت ئالغانلىقتىن ئۇنىڭ ساقاللىرىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى ۋە ئىككى كەشىنى كۆتىرۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى بولغاندا, رەسۇلۇللاھ يەنە ھېلقىدەك دېدى ۋە ھېلىقى ئادەم يەنە بىرىنجى ھالىتىدىكىدەك چىقىپ كەلدى . رەسۇلۇللاھ يەنە بۇرۇنقىدەك سۆز قىلغان ئېدى   يەنە شۇئادەم   بىرىنچى قېتىمدىكى  ھالىتىدە ئالدىمىزغا چىقىپ كەلدى .

 رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرغان چاغدا, ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس ئۇكىشىگە ئەگىشىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا :" مەن دادام بىلەن تەگىشىپ قالدىم, شۇڭا ئۈچ كۇنگىچە دادامنىڭ قېشىغا كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم , ئەگەردە ئۈچ كۈن ئۆتكىچە مېنى ئۆيۈڭدە قوندۇراي دىسەڭ شۇنداق قىل " دېدى، ئۇ ماقۇل بولدى .

ئەنەس ئېيتىدۇ ئابدۇللاھنىڭ دىيىشىچە ئۇ ھېلىقى كىشى بىلەن ئۈچ كىچە بىللە بولغان بولسىمۇ, كىچىدە بىرەر قېتىم تۇرۇپ ئىبادەت قىلغىنىنى كۆرمەپتۇ, لېكىن ئۇكىشى كىچىسى ئويغىنىپ كىتىپ ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆرۇلسە , اللھ قا زىكرى - تەسبىھ ئېيتىپ قويدىكەن ۋە بامدات نامىزى ئۈچۈنلا ئورنىدىن تۇرىدىكەن .

ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :" پەقەت مەن بۇ كىشىنىڭ ياخشى سۆلەرنىلا ئاغزىدىن چىقىردىغانلىقىنى بايقىدىم , ئۈچ كۇن ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئەمەل - ئىبادەتلىرىنىڭ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دىدىم :" ئى اللھ نىڭ بەندىسى، ئەسلىدە مەن بىلەن دادامنىڭ ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق تەگىشىش - يۈز ئۆرۇش بولغان ئەمەس, بىراق مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سىز توغرىسىدا ئۈچ قېتىم " ھازىر قېشىڭلارغا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىركىشى چىقىپ كىلىدۇ" دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم , ھەر ئۈچ قېتىمدا سىز چىقىپ كەلدىڭىز, شۇڭا قېشىڭىزدا قونۇپ باقاي دېگەن نىيەتكە كەلدىم , مەقسىدىم , سىزنىڭ قانداق ئەمەل - ئىبادەتلىرىڭىز بارلىقىنى كۆرۈپ, مەنمۇ سىزنى دوراي دېگەنىدىم , لىكىن سىزنىڭ كۆپ ئىبادەت - ئەمەل قىلغانلىقىڭىزنى كۆرمىدىم, ئۇنداقتا سىز نېمە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ئېيتقان دەرجىگە يەتتىڭىز ؟ " ئۇ كىشى " سىز كۆرگەندىن باشقا ھېچ نەرسە يوق " دەپ جاۋاب بەردى.

 ئابدۇللاھ ئېيتىدۇ : مەن قايتىۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇكىشى مېنى چاقىردى ۋە :" سىزكۆرگەندىن باشقا ھېچ ئىش يوق, پەقەتلا مەن مۇسۇلمانلاردىن ھېچ بىرىگە كۆڭلۈمدە غۇم ساقلىمايمەن, اللھ بەرگەن ياخشىلىققا قارىتا ھىېچ كىمگە ھەسەت قىلمايمەن " دىدى .

ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ : "مانا دەل مۇشۇ خىسلەت سىزنى جەننەتكە لايىق قىلغان, بىز قىلىپ بولالمايۋاتقانلارمۇ دەل مۇشۇلار ".    

 

رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرنىڭ بىر - بىرىگە بولغان  قېرىنداشلىق , مېرى - مۇھەببەت تۇيغۇسىنى قەدىرلىگەن

رەسۇلۇللاھ بۇنداق مېھرى - مۇھەببەتنى, بۇنداق قېرىنداشلىقنى بەكمۇ قەدىرلەيتتى. ئوھۇد غازىتىدا ساھابىلەردىن 70 كىشى شەھىد بولغان ئىدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبمۇ بار ئىدى, ئۇشېھىد قىلىنىپلا قالماستىن, مۇشرىكلار ئۇنىڭ مۇبارەك جەسىدىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ پارچلاپ تاشلىغان ئىدى ..... شۇنداقلا رەسۇلۇللاھمۇ بۇغازاتتا زەربىگە ئۈچراپ جاراھەتلەنگەن ۋە ئوتتۇر چىشى سۇندۇرۇلغان ئىدى .

مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق كەيپىياتتا تۇرۇپمۇ مۇسۇلمانلانىڭ قېرىنداشلىق - ئتتىپاقلىق مەسلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولگەن .

ساھابىلەر ھەر قايسى ئۆز ئۇرۇغ - تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى مەدىنىگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشقا تەمشەلگەن چاغدا, رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى شېھىت بولۇپ يىقىلغان جايلىرىغا دەپنە قىلىشنى بۇيرىدى ۋە بىر قەبرىگە ئىككىدىن, ئۈچتىن قىلىپ دەپنە قىلىشنى, قايسى قۇرئاندىن جىقراق بىلىدىغانلىرى بولسا شۇنى ئالدى بىلەن قىبلە تەرپكە قويۇشنى بۇيرىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بىرمۇ - بىر ناماز ئۇقۇدى , ھەر بىر شېھىت ئېلىپ كىلىنگەن چاغدا ھەمزىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قويۈپ نامىزىنى چۇشۈرەتتى ھەمزىنىڭ قەبرىسىگە ئەبۇ بەكرى ئۆمەر ۋە زۇبەير چۈشتى...

 رەسۇلۇللاھ قەبرىنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇردى,  رەسۇلۇللاھ   ئەمرى ئىبنى جەمۇھ بىلەن ئابدۇللا ئىبنى ھەرام ھايات ۋاقتىدا يېقىن دوست قېرىنداش بولغاچقا, ئۇئىككىسىنى بىر قەبرىگە دەپنە قىلىشنى بۇيرىدى . رەسۇلۇللاھ بارلىق ساھابلىرىدىن رازى بولغان ھالدا بۇدۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى .

 

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە اللھ يولىدىكى قېرىنداشلىق سىنىقى
بىر كۇنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب خىزمەتكارىغا مىڭ دەرھەم پۇلنى بېرىپ, ئۇنى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھقا ئاپىرىپ بېرىشنى ۋە بۇ پۇللارنىڭ ئەبۇ ئۇبەيدىگە تەئەللۇق بولغانلىقىنى, خالىغىنىچە سەرىپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇشنى بۇيرىدى. شۇنداقلا خىزمەتكارىغا ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى قانداق قىلدىغانلىقىنى كۈزىتىپ بېقىشنى تاپشۇردى. خىزمەتكار ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دېگىنى بويىچە پۇلنى ئەبۇ ئۇبەيدىگە ئاپىرىپ بېرىپ كۈزىتىپ باقتى. ئەبۇ ئۇبەيدە دەرھال بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قويماي يوقسۇل - مىسكىنلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى . خىزمەتكار ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا قايتىپ كىلىپ , ئەبۇ ئۇبەيدىنىڭ ھېلىقى پۇللارنى تامامەن اللھ يولىدا سەرىپ قىلىۋەتلىكىنى يەتكۈزدى. ئاندىن كېيىن ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇخىزمەتكارغا يەنە مىڭ دەرھەم پۇلنى تۇتقۇزۇپ, بۇلارنى مۇئاز ئىبنى جەبەلگە ئاپىرىپ بېرىپ ئەبۇ ئۇبەيدىگە ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتىپ ۋە قاراپ بېقىشنى تاپشۇردى. خىزمەتكار قايتىپ كىلىپ , مۇئازمۇ خۇددى ئەبۇ ئۇبەيدەگە ئوخشاش قىلغنىنى يەتكۈزدى . ئۆمەر خىزمەتكارىغا يەنە مىڭ دەرھەم پۇلنى بېرىپ سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاسقا ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن قاراب بېقىشنى ئېيتتى . خىزمەتكار قايتىپ كىلىپ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ خۇددى ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن مۇئازغا ئوخشاش پۇللارنى قويماي ئۈلەشتتۇرىۋەتكەنلىكىنى يەتكۈزدى. ھەزىرتى ئۆمەر ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا : ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئۇلار بىرـ بىرىگە ئوخشاش قېرىنداشلاردۇر!"  دىدى .

 

مەشھۇر ئېغىر پىتنىنىڭ ئۇممەتنىڭ اللھ يولىدىكى ئۆز ئارا قېرىنداشلىق - سۆيگۈ مەسلىسىگە قالدۇرغان ساۋىقى
ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن, ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك ۋاقتىدا مۇسۇلمان بىر - بىرىگە قارشى ئىككى ئارمىيەگە بۆلىنىپ كەتكەن ئىدى, بىر قوشۇننىڭ بېشىدا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب , يەنە بىرسىنىڭ بېشىدا زۇبەير ئىبن ئەۋۋام بار ئىدى .

ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئەلى ۋە زۇبەير ئىككىسى اللھ يولىدا ياخشى كۆرۇشكەن ئىككى قېرىنداش سۇپىتىدە بىر - بىرگە تەنبىھ بىرىش مۇئامىلىسىدە بولغان .

بەيھەقى ھەرب ئىبن ئەسۋەد دۇئەلىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ : ئەلى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىللىرى تەلھە ۋە زۇبەيرلەر بار يەرگە يېقىنلاشقان ۋە ئەسكەر سەپلىرىمۇ بىر - بىرگە يېقىن كەلگەن چاغدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بۇرۇن مىنگەن خېچىرغا مىنىپ ئالدىغا چىقتى ۋە " ماڭا زۇبەيرئىبن ئەۋۋامنى چاقىرىپ بېرىڭلار " دەپ تولىدى . زۇبەير ئۇنىڭغا چاقىرىپ كىلىندى , ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇدۇل قارشىپ تۇراتتى, ئۆزئارا يېقىنلىقىدىن ھەتتا مىنگەن ئۇلاغلىرىنىڭ بويۇنلىرى بىر - بىرگە تېگىشىپ تۇراتتى, ئەلى مۇنداق دىدى :

 " ھەي زۇبەير , اللھ نىڭ نامى بىلەن ساڭا ئېيتىمەن, رەسۇلۇللاھ بىز مۇنداق بىر جايدا تۇرغان چاغدا قېشىمىزدىن ئۆتكىنى يادىڭدا بارمۇ ؟ رەسۇلۇللاھ ساڭا : زۇبەير !  ئەلىنى ياخشى كۆرەمسەن ؟ دېگەندە سەن ئەلى مەن بىلەن بىر دىندىكى ئانا ۋە دادا تەرەپ تاغىلىرىمنىڭ ئوغلى تۇرسا قانداقمۇ ياخشى كۆرمەي!؟ دېگەن ئىدىڭ, شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ : "ھەي زۇبەير، اللھ بىلەن قەسەمكى، سەن ناھەق ھالدا بۇ ئەلى بىلەن ئۇرىشسەن " دىگەن ئىدىغۇ ؟ دىدى , زۇبەير ئەلىگە قاراپ " شۇنداق , اللھ بىلەن قەسەمكى , ئۇسۆزلەرنى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان چاغدىن  تارتىپ يادىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. مانا ھازىر ئەسلەۋاتىمەن, اللھ بىلەن قەسەمكى، سەن بىلەن ھەرگىز ئۇرۇشمايمەن " دېدى دە  زۇبەير ئۇلىغى بىلەن سەپلەرنى يارغان ھالدا كەينىگە قايتتى.

زۇبەير ئەلى ئىبن ئەبى تالىب بىلەن ئۇرۇشماستىن قايتقان ئىدى, ئەمما پىتنىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش ئوتىنى قايتا تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت كۆزلىگەن ئىسلام تونىغا يۆگىنىۋالغان يەھۇدى سۈيقەستچىللىرى زۇبەيرنى ئۆلتۈردى, بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان پىتنىدە تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۆلتۈرۈلدى .      

ئەلى رەزىيەللاھۇ بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىپ يىغلاپ, يىغا - زارە ئىچىدە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ: "بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! ئى ئەبۇمۇھەمەد سېنى مۇنداق قان ئىچىدە كۆرۈش ماڭا بەكمۇ ئېغىر كەلدى! مەن، سەن ۋە زۇبەير ئۈچىمىز اللھ نىڭ كالامىدىكى : { ئۇلارنىڭ دىللىردىكى دۇشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز ئۇلار ئۆز ئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەخىتلەر ئۈستىدە بىر - بىرگە قارشىپ ئولتۇرىدۇ }ھىجر سۇرىسى 47 -ئايەت دىيىلگەن ئادەملىرىدىن بولىشىنى ئۈمىد قىلمىز " دەيتتى .

قېرىنداشلىرىم ! بۇ ئىشقا ئىبرەت - ساۋاق ئېلىش يۈزسىدىن ئوبدان ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟

مەن بۈگۈنكى پىتنىلەردىن ئەنسىرەيمەن, بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈپ - پارچىلىنىپ كېتىشىدىن قورقىمەن .

بىز بىر سەپتىكى مەقسەتداش قېرىنداشلاردىن بولايلى ! بىز اللھ يولىدىكى سۆيگۈ ئۈستىتدە بىرلىككە كىلەيلى ! بىز غۇبارسىز , پاك , ساپ - سۈزۈك , ساغلام قەلىب ئىگىلىرىدىن بولايلى !

 

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈمەتلىرىگە اللھ يولىدىكى سۆيگۈ - قېرىنداشلىقنى ئۆگىتىشى
ئىبنى شىھاب سالىمدىن ئۇققان , سالىم ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:" مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى, ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە تاشلىۋەتمەيدۇ؛ كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا اللھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ ؛ كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرسە , اللھ تائالا قىيامەت كۇنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرنى ئۇنىڭدىن كۆتىرۋىتىدۇ؛ كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيبىنى ياپسا , اللھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيبىنى ياپىدۇ" بۇخارى رىۋايىتى.

 ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ :" كىمكى بىرمۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرنى تۇگەتسە, اللھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى كۆتىرۋىتىدۇ؛ كىمكى يوقسۇلغا ئاسانچىلىق يارتىپ بەرسە, اللھ تائال ادۇنيا ۋە ئاخرەتتە  ئۇنىڭغا ئاسانچىلىق يارتىپ بىردۇ؛كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ  ئەيبىنى ياپسا, اللھ دۇنيا ۋە ئاخرەتتە  ئۇنىڭ ئەيبىنى ياپىدۇ , بەندە ئۆز قېرىندىشىغا ياردەمدە بولۇپ تۇردىغانلا بولسا, اللھ ئۇبەندىدىن ياردىمىنى ئۈزمەيدۇ, كىمكى ئىلىم ئىزدەپ يول ماڭسا اللھ تائالا ئۇنىڭ بەدلىگە ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ؛ بىر توپ ئادەم اللھ نىڭ ئۆيلىرىدىن بىرىدە ئۆزئارا مۇزاكىرە - ئۈگۈنۈش ئۈچۈن يىغلدىغانلا بولسا, ئۇلارغا اللھ نىڭ غەمخورلىقى ياغىدۇ, رەھمىتى  قاپلايدۇ, مالائىكىلەر ئۇلارنى ئورايدۇ ۋە اللھ ئۇلارنى پەرىشتىلەر ئارىسىدا تىلغا ئالىدۇ؛ ئىش - ئەمەلى ناچار بولغان ئادەمگە ئۇنىڭ نەسىبىنىڭ پايدىسى تەگمەيدۇ" مۇسلىم  رىۋايىتى.

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەنىدى دەيدۇ : "بىر - بىرىڭلارغا ئۆچمەنلىك قىلماڭلار،  بىر - بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار, بىر - بىرىڭلارغا كەينىڭلارنى قىلىشماڭلار, اللھ نىڭ قېرىنداش بەندىللىرى  بولۇڭلار, مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋىتىشى ھالال ئەمەس " تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

 ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇرەسۇلۇللاھنىڭ  مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان :" بىر ئادەمنىڭ  ئۆز قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ, ئىككىسى ئۇچرىشىپ قالغاندا بۇمۇ يۈز ئۆرۈپ ئۇمۇ يۈز ئۆرۈپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىككىسىنىڭ ياخشىسى سالامنى دەسلەپتە باشلىغىنىدۇر" بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى دەيدۇ :" دۇشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ- دە، 1 اللھ غا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان ھەر قانداق بەندە مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەقەتلا ئۆزى بىلەن قېرىندىشى ئوتتۇرسىدا ئاداۋەت بار ئادەم قالىدۇ, اللھ تەرەپتىن بۇ ئىككىسى ياراشقىچە كۈتىڭلار, بۇ ئىككىسى ياراشقىچە كۈتىڭلار, بۇ ئىككىسى يارشىۋالىغىچە كۈتىڭلار, دىيىلىدۇ".  مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

   رەسۇلۇللاھ بىر كۇنى قەدىر كىچىسىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ساھابىلەرگە دەپ بېرىش ئۈچۈن چىقىدۇ ۋە ساھابىلەردىن ئىككى كىشىنىڭ جىدەللىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ , ئۇلاردىن سادىر بولغان ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ, شۇنىڭ بىلەن قەدىر كىچىسى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ ۋە كۆتىرلىپ كېتىدۇ, سەۋەبى دەل شۇ قېتىملىق جىدەل - ماجرا, شۇڭا مۇسۇلمانلار قەدىر كېچىسىگە ئۇچراش ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم .

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ ماڭا دىيشچە , رەسۇلۇللاھ قەدىر كىچىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن چىققان ئىكەن , مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى تەگىشىپ قاپتۇ, شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىدى :"مەن سىلەرگە قەدىر كىچىسىنى دەپ بېرىش ئۈچۈن چىققان ئىدىم, پالانى - پالانى ئىككىسى تەگىشىپ قاپتۇ, شۇنىڭ بىلەن قەدىر كىچىسى كۆتىرلىپ كەتتى, بەلكىم بۇسىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىشى مۇمكىن, قەدىر كىچىسىنى يەتتە ۋە توققۇز ۋە بەشلەردە ئىزدەڭلار "  بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

قەدىر كېچىسى كىلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن كۆتىرلىپ كەتتى . كىلىشەلمەسلىك يوقالسۇن , ئۆچ - ئاداۋەت  يوقالسۇن , نەپرەت يوقالسۇن, شۇنىڭدا اللھ بىزدىن رازى بولغۇسى.

رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە پۈتۈن ئۈممەتلەرگە اللھ يولىدا ياخشى كۆرشىشن ىئۆگىتىپ  ۋە تەلىم بېرىپ, ئۈممىتى ئىچىدىكى ھەر بىر مۇسۇلمان اللھ يولىدا بىر قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە ئۇنىڭغا بىلدۇرۇپ قويۇشنى تاپىلىغان, بۇنداق قىلىش ئارقىلىق پۇتۇن مۇسۇلمانلار ئارا مىھرى - مۇھەببەت, قېرىنداشلىق ۋە دوسلۇقنىڭ تارقىلىشى كۆزلىنىدۇ .  

       ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ئىدىم , بىر ئادەم ئۆتۈپ قالدى , كۆپچىلىكنىڭ ئارسىدىن بىرەيلەن : يا رەسۇلۇللاھ، مەن بۇ كىشىنى ياخشى كۆرىمەن " دىدى , رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بۇنى بىلدۇرۇپ قويدۇڭمۇ ؟ دەپ سورغان ئىدى , ئۇ :" ياق " دىدى . رەسۇلۇللاھ " تۇر، بېرىپ ئۇنىڭغا بىلدۇرۇپ قوي !" دىدى ؛ ئۇكىشى  ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بېرىپ : " ھەي پالانى , مەن  سىنى اللھ يولىدا ياخشى كۆرىمەن " دېگەن ئىدى اللھ ئۈچۈن ياخشى كۆرسەڭ اللھ سىنى ياخشى كۆرسۇن " دىدى. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

 بىر ئادەم ئىبنى سەمماكقا :" بۇيەرگە ئەتە كەلسەڭ، ئۆز- ئارا بىر- بىرىمىزدە ئېلىشىمىز بولسا ئېلىشىۋېلايلى، قىيامەتتە پايدىسى بولىدۇ! " دېگەندە  ئىبنى سەمماك ئۇنىڭغا ياق بەلكى ئەتە كەلسەڭ، ئۆز- ئارا كەچۈرشىۋېلايلى! دېگىن " دېگەن ئىدى .

ساھابىلەرنىڭ بىرى مۇنداق دېگەن : قېرىندىشىمنىڭ يەتمىش ئۆزرىسى باردۇر دەپ قارا, ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ئۆزرىسىنى تاپالمىساڭ , مەن خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن, بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزرىسى باردۇر دېگىن ".

 بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ :

 قىيامەت كۈنى ئىككى بەندە اللھ نىڭ ئالدىدا تۇرۇدۇ, ئىككىسىنىڭ بىرى" ئى رەببىم, قېرىندىشىمدىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن !"  دەيدۇ؛

اللھ تائالا يەنە بىرىگە : قېرىندىشىڭغا ھەققىنى بەرگىن " دەيدۇ .

ئۇ : ئى رەببىم , ياخشىلىقلىرىم تۇگدى " دەيدۇ ,

اللھ تائالا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا :" قېرىندىشىڭنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگدى " دەيدۇ, 

ئۇبەندە " ئى رەببىم مېنىڭ گۇناھلىرىمدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا ئارتىلسۇن " دەيدۇ ,

 اللھ تائالا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا :" بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىغا رىغبىتىڭ بارمۇ ؟ دەيدۇ,

 ئۇ :" ئى رەببىم ئۇ نېمە ؟ دەپ سورايدۇ ,

اللھ ئۇنىڭغا:" بېشىڭنى كۆتەرگىن ! "دەپ بۇيرۇيدۇ ,

ئۇبېشىنى كۆتۈرۈپ قارسا, ئەڭ گۈزەل بىر سارايدا تۇرغان !

بەندە سورايدۇ :" ئى رەببىم بۇ ساراي كىمنىڭ ؟ بىر پەيغەمبەرنىڭمۇ ؟ ياكى بىر شېھىتنىڭمۇ ؟ "

اللھ تائالا :" بۇساراي پۇلىغا چىقىش قىلالايدىغان كىشىنىڭ ؟ "دەيدۇ .

بەندە :" ئى رەببىم پۇلىغا كىم چىقىش قىلالايدۇ ؟ دەپ سورايدۇ :

اللھ سەن چىقىش قىلالايسەن " دەيدۇ,

 ئۇ بەندە :" ئى رەببىم قانداقسىگە مەن چىقىش قىلالايمەن ؟ " دەيدۇ ,

اللھ تائالا :" قېرىندىشىڭنى كەچۈرۈش ئارقىلىق " دەيدۇ,

 بەندە دەرھال :" كەچۈردۇم رەببىم , كەچۈردۇم " دەيدۇ

اللھ تائالا:" قېرىندىشىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ, ھەر ئىككىڭلار جەننەتكە كىرىڭلار " دەپ بۇيرۇيدۇ ....

اللھ نىڭ رەھمىتى مانا مۇشۇنداق كەڭ .

قېرىنداشلىرىم ! بىز ھازىردىن باشلاپ دىللىرىمىزدىن ئۆچ - ئاداۋەتنى سۇغۇرۇپ تاشلايلى ! كىمنىڭ قەلبىدە بىرەرسىگە ئۆچمەنلىك ياكى ئاداۋەت بار بولسا ھازىردىن تارتىپ دەرھال قەلبىدىن چىقىرىپ تاشلىشى زۆرۇر ! شۇ چاغدىلا اللھ ساپ ۋە پاك قەلىبلەرگە قاراپ مەغپرەت قىلىدۇ,كەچۇرىدۇ, اللھ نىڭ ياردىمى نازىل بولىدۇ , ئۇممەت خارلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ ئىززەت يولىغا قاراپ ئات سالىدۇ .

 { ئىختىلاپ قىلىشماڭلار , بولمىسا قورقۇپ قالىسىلەر, كۈچ - قۇۋۋىتىڭلاركىتىپ قالىدۇ } ئەنفال سۇرىسى 46 - ئايەت .   

ئاخىردا , مېھرىبان ۋە سېخى  اللھ دىن ئۈممەتكە بىرلىك - ئىتتىپاقلىق , پىداكارلىق - كۆيۈمچانلىق , قېرىنداشلىق - دوستلۇق , ساغلام قەلىب ۋە گۇزەل خۇلق , ئىززەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت, شۇنداقلا دۇشمەن ئىگەللىۋالغان قىممەتلىك زېمىنلىرىمىزنى قايتۇرۋېلىشنى نىسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن . ئامىين !

 

 

http://www.uzuk.net/?p=562

بەختىياروف 2011-11-02 10:17
اللھ رەخمەت قىلسۇن

مەرىپەت 2011-11-02 14:35
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
شۇنچىلىك قىممەتلىك تىما يوللىغانلىقىڭىزدىن خۇرسەنمەن
ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ يۈكسەك دوستلۇققا مۇيەسسەر قىلسۇن(امين)
(جزاك اللەخيرا)

جەڭچى 2011-11-02 17:49
قىرىندىشىم  قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.

ئەلى 2011-11-02 18:47
مەنغۇ ساھابىلەر دەۋرىدىكىدەك دىنىي قېرىنداشلىقنى كۆرۈپمۇ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىدىم.بىراق ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان،پەقەت مۇشۇ تور يۈزىدىلا ئالاقە قىلىۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلارنى بەزىدە ئىختىيارسىز سېغىنىپ قالىمەن،يالغۇزلۇقتا زېرىككەن،بىرەر ئىشتا ئىككىلەنگەن ۋە ياكى ئۆزۈمنى شۇنداق غېرىپ ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق بىر كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىسام كۆڭلۈم كۆتۈرۈپ قالىدۇ.بۇرۇن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان بالىلار بىلەن مەسجىدلەردە ئۇچرىشىپ قېلىپ شۇنداق يېقىن بۇرادەر بولۇپ قالدىم.خۇددى بىر تۇققان قېرىنداشلاردەكلا يېقىن بىلىنىدۇ ئۇلار.مۇشۇلارنى ئويلاپ ساھابىلەر دەۋرىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ،ھەقىقىي دىنىي قېرىنداشلىقىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.

nazli0998 2011-11-02 22:02
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم !

ئىزباسار 2011-11-02 23:02
ساھابىلەرنىڭ دوسلۇقىغا ،ئۆزىنىڭ جېنى قىيىن قىستاقتا قالسىمۇ ئۆزىنى ئويلىماي قېرىندىشىنى ئويلىيالايدىغان ئىمانىغا قارسا ئادەمنىڭ كۈزىگە ئىختيارسىز ياش كىلىدۇ.
ھازىر كۈپۈنچە دوسلۇقلار دۇنياۋىي مەنپەئەت ئۇستىگە قۇرۇلغان..... خالىس ئاللاھ ئۈچۈنلا دوسلاشقانلار بەكمۇ ئاز بۇرادەر!

نەزىرە 2011-11-02 23:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەنپەئەتلىك تېمىللىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.  ئاللاھ ھەر بىرىمىزنى ( ئاللاھ توغرىسىدا دوستلىشىدىغان، ئاللاھ توغرىسىدا دۈشمەنلىشىدىغان ) مۆئمىن قېرىنداشلاردىن قىلسۇن، ئامىن............

سىزنىڭ ھەر بىر مەنپەئەتلىك تېمىڭىزنى كۆرگىنىمدە،بىزگە نۇرغۇن بىلىملەرنى يەتكۈزگەن (ھەمزە ) قېرىندىشىم ئېسىمگە كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت دۇئا قىلىپ تۇرۋاتىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ، قىيامەت كۈنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن، ئامىن...........

  ھەمزە قېرىندىشىمىز ۋاپات بولغاندا ئاللاھ تائالادىن بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى چىقىرىپ بېرىشىنى تىلىگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىڭ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىپ سىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئىز باسار  قىلىپ ئەۋەتتى، ئىز باسارلىقنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇڭ، سىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىپ تۇرىمەن. ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن، ئامىن.................

ئىزباسار 2011-11-02 23:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى نەزىرە نىڭ 2011-11-02 23:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەنپەئەتلىك تېمىللىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.  ئاللاھ ھەر بىرىمىزنى ( ئاللاھ توغرىسىدا دوستلىشىدىغان، ئاللاھ توغرىسىدا دۈشمەنلىشىدىغان ) مۆئمىن قېرىنداشلاردىن قىلسۇن، ئامىن............

سىزنىڭ ھەر بىر مەنپەئەتلىك تېمىڭىزنى كۆرگىنىمدە،بىزگە نۇرغۇن بىلىملەرنى يەتكۈزگەن (ھەمزە ) قېرىندىشىم ئېسىمگە كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت دۇئا قىلىپ تۇرۋاتىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ، قىيامەت كۈنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن، ئامىن...........
.......

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئاللاھ ھەممىمىزگە كۆپلەپ ئەجىرلەرنى ئاتا قىلسۇن!
ئەپسۇس مەن قېرىندىشىمىز ھەمزە مۇنبەردە بار ۋاقىتلاردا بۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىش نىسىپ بولماپتىكەن. باشقا مۇنبەرلەردە كەڭساي مۇنبىرىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كىرگەنتىم. ئاللاھقا شۇكرىكى بۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئۈزۈمنى بىر ئۇچۇقچىلىققا بېرىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. باشقا مۇنبەرلەردە تىما-ئىنكاسلارنى قىرقىپ تۇرغان.ئەمما بۇ مۇنبەردە پەۋقۇلادتا تىما-ئىنكاسلار بولمىسا ئۆز پېتى تۇرىدىكەن.
مىنىڭ قېرىندىشىمىز ھەمزىنىڭ تىمىلىرىنى تولۇق ئوقۇغۇنۇم ئۈچۈنمۇ يازمىلىرىم ئۇنىڭ يازمىلىرىغا ئوخشىشىپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئاللاھ مۇنبەردىكى "ھەمزە" دەك ئەمەس رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى "ھەمزە(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)"دەك ياشىغىلى،ھەم شۇنىڭ ئىزباسارى بۇلۇشقا مۇۋەپپەق قىلسا مەن نىمە دىگەن بەخىتلىك ھە؟!
ئاللاھ ھەمزە قېرىندىشىمىزنىڭ سەھۋەنلىكتىن،مەجبۇرلانغانلىقتىن قىلىپ سالغان بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرسۇن. ئامىين

مەرفۇئە 2011-11-04 09:49
   ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ياراتقان، قاراڭغۇلۇقنى ۋە يۇرۇقلۇقنى ياراتقان قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا (چەكسىز تەشەككۇر)  مۇھەممەت رەسۇلۇللاھ ساللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ، ئائىلە تاۋاباتلىرىگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۇچىلەرگە دۇرۇت ۋە سالاملار  بۇلسۇن.                   ئاللاھ تائالا   بىزنى  مۇشۇنداق ئىسلامي  سۇرۇنلاردىن  ئايرىمىسۇن ................  

wali12 2011-11-04 21:10
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم

مەستانە 2011-11-09 02:07
سالام
مەن دائىم ئۆزۇم كۆرۇپ باقمىغان قىرىنداشلىرىمدىن دائىم ياردەم سورايمەن سىزنىڭچە بۇ خىل قارشىم توغرىمىدۇ؟

wali12 2011-11-09 13:01
قىرىندىشىم  قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،رەھمەت

wali12 2011-11-12 17:32
ئاللاە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.قۇلڭىزغا دەت كەلمىسۇن،

muslima32 2011-11-13 01:45
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم مۇشۇ مەنپەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇللۇغ ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىسۇن، ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ،مۇشۇ نىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزلۈپ قالمىسۇن،

era13 2011-11-13 12:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!قېرىنداشلار،بۈگۈن سىلەرگە ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان ، ساھابىلەر ئارسىدا يۈز بەرگەن يەرمۈك ئۇرۇشىدىكى قىسقىغىنا ۋەقەلىكنى ئېلىپ كەلدىم.بۇ ۋەقەنى ئوقۇپ ئەستايدىل ئويلۇنۇپ باقايلى!ئەشۇلاردىكى ئىسلامى قېرىنداشلىق ھازىرقى جەمىيەتتە ياشاۋاتقان بىز قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ تېپلارمۇ؟


بىزانسلار ئاۋۋال ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانىتىغا ھۇجۇم باشلاپ، ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا قاراپ سىلجىدى. بۇ ۋاقىتتا، چوڭ ساھابە ۋە مەشھۇر قوماندان مۇئاز ئىبنى جەبەل مۇنداق دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى:

«ئى پەرۋەردىگارىم! دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پۇتلىرىنى تىترىتىپ، يۈرەكلىرىگە ۋەھىمە سال! بىزگىمۇ جاسارەت ۋە غەيرەت ئاتا قىلىپ، سەن يولغا قويغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ھەردائىم ئىتائەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىل! بىزگە دۈشمەنلىرىمىز بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئۇرۇش قىلىدىغان شىجائەت بەر ۋە ئىلاھىي تەقدىرگە رازىمەنلىك بىلەن بويۇن ئېگىشكە مۇيەسسەر قىل، ئى رەببىم!»

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە بىزانس سەپلىرىدىكى ئەرەب زۇبەيدىلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، چۇقان سالغان پېتى كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. مۇسۇلمانلار بولسا، بىزانسلارغا بولغان ھۇجۇمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇلاردىن تالاپەتكە ئۇچراپ قېچىشقا باشلىغانلارنى كەينىگە قايتۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن دۈشمەننى پەرىشان قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام قوشۇنىدىن قاچماقچى بولغانلارنى ئاياللار توستى. شۇنىڭ بىلەن قوشۇن ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.

ئۇرۇش شىددەتلىك داۋاملىشىۋاتاتتى. قوماندان ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل بار كۈچى بىلەن: «مەن ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھقا قارشى بىرمۇنچە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەممەن. بۈگۈن سەنلەردىن قورقۇپ قالامتىم؟» دەپ ۋارقىرايتتى. ئاندىن ئۇ ئەسكەرلىرىگە قاراپ: «ئاراڭلاردا مەن بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈشكە قەسەم ئىچكەنلەر بارمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ چاقىرىققا دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋار ۋە ئىكرىمەنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھارىس ئىبنى ھىشام قاتارلىق 400 گە يېقىن ئەسكەر كۆكرەك كېرىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەممىگە تونۇلغان كىشىلەر ئىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇرۇشقان بۇ قەھرىمانلاردىن دىرار ئىبنى ئەل ئەزۋار قاتارلىق بىر گۇرۇھ ئەسكەر شېھىت بولدى، قالغانلارنىڭ ھەممىسى يارىلاندى. بۇ ئۇرۇش داۋامىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقە رىۋايەت قىلىنىدۇ:

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يارىلانغان بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن سۇ ئېلىپ كېلىندى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىگە سۇ ئۇزىتىلدى، ئەمما ئۇ يېنىدىكىسىنىڭ قاراشلىرىغا چىدىماي: «ئاۋۋال ئۇنىڭغا بېرىڭلار!» دەپ سۇنى ئىچمىدى. ئىككىنچىسىگە ئۇزىتىلسا، ئۇمۇ ئۈچىنچىسىنى كۆرسىتىپ ئىچكىلى ئۇنىمىدى. سۇ ئىچىلمەي داۋاملىق ئايلىنىپ ماڭدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى يارىدارغا كەلگەندە، سۇ ئۈلگۈرمەي شېھىت بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، سۇنى كەينىگە قايتۇرۇپ باشتا ئىچمىگەن يارىدارلارغا ئىچكۈزمەكچى بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى شېھىت بولۇپ بولغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ تۇنجى قەھرىمانلىرى جان بېرىش ئالدىدا كۆرسەتكەن بۇ ئاجايىپ خىسلىتى بىلەن تارىخنىڭ شەرەپ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

wali12 2011-11-14 21:04
  

inakschi 2011-11-14 21:15
بۇنداق قېرىنداشلىقنى ھازىر پەقەت ۋەزىرىستاندىلا كۆرگىلى بۇلىمىش.

illikbahar 2011-11-18 13:07
ئەجەپ ياخشى تىمىكەن  رەخمەت

بىگان 2011-11-21 16:02
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ،قىيامەتلىك دوست  بولۇشقا قول بىرىشكەن 3 دوستۇم ئىسىمگە كىلۋاتىدۇ...كۆڭلۇم توىمۇ يىرىم بوپ كەتتى،ئۇلار يىنىمدا ئەمەس،نەقەدەر كۆرگۈم كەلدى...قاچانمۇ تىزراق كۆرىغەرمىز ھە؟ مىنى سىغىنىدىڭلارمۇ قېىرنداشلىرىم.سىلەرنى بەك سىغىندىم...
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

بىگان 2011-11-21 16:04
تور مەۋھۇم دۇنيا،يەنە كىلىپ ھازىر كىشلەرگە بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ،ئارىمىزدا رىياكارلارمۇ كۆپ.ئىھتىيات قىلىپ يۈرگىنىڭز ياخشىراق،قالغىنىنى ىمىسەممۇ چۈشىنىسز...
ئەلۋەتتە بىز ھەممىمىز قېرىنداشلار،دىندا قېرىنداشلاردىن بىز...

مۇختار 2011-11-29 15:17
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم


查看完整版本: [-- دىننىي قېرىنداشلىق مۇنداق بۇلىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065047 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us