ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان قىز ئمان بىيرنىز ئىسلام ئەخلاقى، ھۆكۈملىرىدە ۋە پىرىنسىپلىرىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا بەك ھېرىسمەن ئېدى، ئۇ دائىم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت يىڭى دىنىنىڭ كاتتىلىقى بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىك قىسسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كوكۇمۇ كەنتىدە مۇتەئەسسىپ خرىستىئان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدىم، ئۇلارنىڭ بۇ مۇتەئەسسىپلىكى ماڭا ۋە كچىك سىڭلىمغا بولغان مۇئامىلىلىرىدە ئىپادىلىنىشكە باشلىدى،ئەقلىمىزگە كەلگەندىن باشلاپ ئۇلار بىزنى ھەر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدا قىلىنىدىغان ئىبادەت ۋە دىنى مۇراسىملارغا مەجبۇرى ئىلىپ باراتتى، لېكىن مەن قەلبىمدىن بۇ چېركاۋلارغا بېرىشنى خالىمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن مەن باشقا دىنلار توغرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىدىم، باشقا دىنلار ۋە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان پەلسەپىلەر توغرىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ، مۇراجىئەت قىلىپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم، بۇددا دىنى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ، بۇنىڭغا قانائەتلەنمىدىم ۋە بۇ توغرىدىكى پەلسەپىلەر مېنى قايىل قىلالمىدى، يەھۇدىيەت قارىشىدىن بەكمۇ نەپرەتلىنىپ كەتتىم، بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلىۋاتقان زۇلمى ۋە زوراۋانلىقى مېنىڭ ئۇلارغا بولغان نەپرىتىمنى زىيادە قىلىۋەتتى، بىر كۈنى دىنلار توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۇتۇپخانىدا كىتابلارنى كۆرۈپ كېتىۋېتىپ قۇرئان-كەرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىدىن بىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، مەن شۇ ۋاقىتقىچىلىك قۇرئان-كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن خۇنۈكلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىنغان مۇقەددەس كىتابى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم». ئىمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق تېرىشچانلىقىم بىلەن قۇرئان-كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم، غەرب لاپايت شەھىرىدىكى ئىسلام مەركىزىگە ئالدىراپ باردىم، ئۇ يەردە مېنى دىنى قېرىنداشلار قىزغىن كۈتۈۋالدى، مەن ئۇلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى سۈپەتلەپ بېرىشتىن ئاجىزلىق قىلىمەن، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئىززەت-ئىكرام قىلدى، قەلبىمدە ئىسلام توغرىسىدا پەيدا بولغان بارلىق سوئاللىرىمغا قىزغىنلىق ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇ توغرا دىنغا بولغان قاناتتىم ۋە ھېرىسمەنلىكىم زىيادە بولدى، ئۇلار بىلەن مۇشۇ دىن توغرىسىدا كۆپ ماتېرىيال كۆرۈپ ۋە كىتابلارنى ئوقۇپ كېيىن يەنە قايتا ئۇچرىشىشقا ۋەدە بېرىپ خوشلاشتىم. مېنىڭ بۈيۈك ئىسلام دىنىغا كېرىشكە بولغان ئىنتىلىشىم يۇقىرى بولدى، ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئاشكارا قىلىشتىن بۇرۇن تولۇق بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتتۇم، غەرب لاپايىت شەھىرىدىكى ئىسلام مەركىزىگە بېرىپ كېلىش جەريانىدىكى بىرقانچە ئاي ئىچىدە ئۆزۈمنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈردۈم، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشتىم، ئۇلار بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق ئۇچۇرىشىش مېنىڭ تېزلىكتە ئىسلام دىنىغا كېرىشىمگە يېتەرلىك ئېدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كۈنۈمدىكى خۇرسەنلىكىمنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈمنى دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقاندەك ھېس قىلىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن قۇرئان-كەرىم لۇغىتى بولغان ئەرەب تېلىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئىندىئانا ئۇنۋىرېسىتىنىڭ ئەرەب تىلى پاكۇلتىتىغا كىردىم». ئىمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمغا تۇنجى بولۇپ قارشى تۇرغۇچىلار ئائىلەمدىكى كىشىلەر بولدى، ئاتا-ئانام ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنى مەسخىرە قىلىپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دېيىشتى. ئاللاھقا سان-ساناقسىز مەدھىيە ۋە شۈكرى ئېيتىمەن، مەن بىر مۇسۇلمان ياش بىلەن توي قىلدىم، ئاللاھ بىزگە ئابدۇللاھ ۋە پاتىمىدىن ئىبارەت ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى، مەن ئۇلارنى توغرا ئىسلام تەربىيىسىدە يېتىلدۈرۈشكە بەك ھېرىسمەن، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ئالى تەلىماتى ۋە دىنى پاكلىقتىن ئايرىلغان ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى پىتنە-پاسات ۋە بۇزۇقچىلىقتىن يىراق قىلىشقا تىرىشىمەن». ئىمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:« مەن دائىم ئاللاھقا ھەمدە-سەنا ۋە رەھمەت-شۈكرى ئېيتىمەن، ئەگەر ئاللاھنىڭ ماڭا بولغان رەھمەت-پەزىلىتى ۋە ئىنايىتى بولمىغان بولسا ئېدى، مەن ئىسلامغا كىرىدىغان توغرا يول تاپالمايتتىم، مەن ئاخىرقى ھاياتىمغىچە ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىشقا ۋەدە قىلىمەن. مەن غەربلىك مەنىۋىياتى چاڭقىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قولۇمنى سوزدۇم، مېنىڭ بىر خوشنام بولۇپ، ئۇ يېشى يەتمىشتىن ئاشقان قېرى موماي ئېدى ، بىر كۈنى ئۇنىڭغا قۇرئان-كەرىمنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدىن بىرنى ھەدىيە قىلدىم، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇ مەن بىلەن ئاچچىقلانغان ھالەتتە ئۇچراشتى ۋە ماڭا قاراپ ئاچچىق ياش تۆكۈپ: نېمە ئۈچۈن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭا مۇشۇ كاتتا دىننىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگەتمەي، دىنى پىرىنسىپلاردىن تەلىم بەرمىدىڭىز؟ دېدى. مەن خوشنامنىڭ سۆزىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم، ئۇ موماي شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، مەن ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى ۋە نېمەتلىرىگە كۆپ شۈكرى ئېيتتىم، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى سۆزلەش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى:« سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ بىر كىشىنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى، سەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر». مەنبە مەرىپەت تورى رۇستەم ساراچېۋ بولسا ھازىرقى زاماننىڭ ئۈلگىسى . ئۇ ئاخشام قاۋاقخانىدا بىر توپ ھاراقكەش دوستلىرىغا ئەتە مەسچىتكە مۇسۇلمان بۇلۇشقا قەسەم بەرگىلى بارىدىغانلىقىنى ، شۇنىدىن كىيىن ھاراق بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزدىغانلىقىنى ئىيتىپ خوشلاشتى . بىر نەچچە دوستى ئۇنى ھاراق بۇتۇلكۇسىنى كۈتۇرۇپ مەسچىتكە بارغىدەك دەپ مەسخىرە قىلىپ كۇلۇشتى .
ئىككىنجى كۈنى تاڭ سەھەر ئۇنىڭ كاللىسى سەگەك ئىدى . يەنجۇقىدا يەنە ئىشىپ قالغان تۈنۈگۈن كەچتىكى قاۋاقخانىدا خەجىلەپ بۇلالمىغان 500 رۇبىلى بار ئىدى .
ئۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 17 ياش ئىدى. رىئال رۇس تۇرمۇشىدىن بۇرۇنلا زىرىكىشكە باشلىغاندى . ئىسلامغا ئىتقاد قىلشنى بولسا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت مۇلاھىزە قىلغان مەقسىتى ئىدى . ئو بولسا بىر خىل ئۆلچەملىك كىچىك لۇكچەك ، جەمىيەت داشقىلى ، نۇرغۇن ئەسكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىدى ،
ئەمما بۇگۇن ئۇ ئويغاندى . مەسچىتكە بىرىپ ، خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ يىڭباشتىن ئادەم بولدى . ئۇ رۇسسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن تارقالغان ئىسلام گۈللۈنۈش ھەركىتىنى كۆردى. بىر ئۈلۈش يىڭى ئىجتىمائى مەدەنىيەتنىڭ پۇرۇقىغا ۋەكىللىك قىلدى .
ئۇ ھەقىقەتەن ئىككى ئىغىر ئىشكىنىڭ ئارسىدىن مەسچىتكە قەدەم تاشلاپ كىرىپ كەلدى. ئىچ تەرەپ بولسا تەمكىن ........ۋاقىت بولسا 2006-يىلى 9-ئاي ، رامىزان ئىيى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ئىدى .
ئىلگىركى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغان ۋاقىتتا ، رۇستەم ساراچېۋ بولسا ئاران ئىككى ياش ئىدى . بەش ياش ۋاقتىدا ئۇ چىچىنىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتىلغانقىنى ئاڭلىدى . 12 ياش ۋاقتىدا پۇتۇن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەردى . كىيىن پۇتۇن دۇنيانىڭ ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى . ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىسلامدا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ بالا-قازانىڭ زامانى .ئەمما ئۇنىڭ رۇھى ھالىتىدە كونا ئەنئەنە ئۆلگەندى . يىڭى قۇبۇل قىلغان غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى ساخىتا خىيالى مەنزىرە ، سان-ساناقىسىز ياشلار ھىس قىلغان مەنسىز ، ئۇلار بىر خىل ھەقىقى مەنادىكى دىنغا مۇھتاج . بۇ بولسا ھازىرقى زامانىمىزنىڭ دۇنياۋى يۈزلىنىشى .
مەسچىت چوڭ زال قۇش قەۋەت كارۋىتىنىڭ ئۈستىنكى قەۋتىدە قىزل-تۇتۇق ئارلاش نۇسخىدىكى يىڭى گىلەم . تامدا ئارەپچە ئايەت بار ئىدى . ئۇ ھەر كۇنى چۈشتىن كىيىن ئاششۇ مەسچىتكە نامازغا قاتناشقىلى بارىدۇ . ئۇ يەردە ناھايىتى كۆپ ئادەم بار . ھەممىسى ياشلار، ئۇلار بىرلكىتە غەربى جەنۇپ يۈنىلىشىدىكى مەككە تەرەپكە قاراپ ناماز ئۇقۇيدۇ . ئۇ <<مەن دائىم ھەيرانلىق ھىس قىلىمەن ،بۇ نىماندان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاي؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياشلار ،نىيەتنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ،پاك ، مەن ناھايىتى خۇشالمەن ھىچقاچان بۇ خىل پاك دوستلۇق بىلەن مۇئامىلىگە يۇلۇقۇپ باقمىغان . بۇ يەردىمۇ ئىلگىرى مەن تۇنۇيدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىكەن . ئالايلۇق ئەئىرماس ، تكىنوفلار ، ئۇلار ئىلگىرى مەن بىلەن ئوخشاش ئىدى . يەنى جەمىيەت لۈكچىكى ئىدى . ئەمما ھازىر ئۇلار بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەمەس .مەسچىت ئارقىلىق مەن بىلەن ئۇلار ھەممىسى باشقا بىر خىل ئادەملەرگە ئۆزگىرىپتۇ >> دىدى.
رۇستەم ساراچېۋ رۇسسىيەدە تاتر مىللىتىگە مەنسۇپ .
http://www.norislam.com/?viewnews-13916[ wolfتەرىپىدىن2011-01-11 15:31قايتا تەھرىرلەندى ]