باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 517 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: كەڭ ساي تېز خەۋەرلىرى
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1264
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1264دانە
ئۆسۈش: 5880 %
مۇنبەر پۇلى: 16819 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

كەڭ ساي تېز خەۋەرلىرى

ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا غەلىبە قىلدى ۋە ئالدىمىزدىكى بەش يىل بويىچە قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 3 مىليونغا يېقىن ئاۋاز بەرگۈچى بار بولغان قىرغىزىستاندا، 66% تىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشتى.
قىرغىزىستان سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە سايلامغا قاتناشقان ئاتامبايېۋ، رەقىبلىرىنى ئۆز رايونلىرىدىمۇ ئارقىدا قالدۇرۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
ئاتامبايېۋنىڭ ئەڭ يېقىن رەقىبلىرى 15% ئاۋازغىمۇ ئېرىشەلمىدى.
ئاتامبايېۋنىڭ غەلىبىسى قىرغىزىستان ئالىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
سايلام نەتىجىلىرى سايلام ئورگىنى تەرىپىدىن ماقۇللىنىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتامبايېۋ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى روزا ئوتۇنبايېۋادىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
پارلامېنت تۈزۈمىگە قەدەم قويغان قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش دائىرىسى تارايتىلغانىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلىشتىن ئىلگىرى باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئاتامبايېۋنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشى بىلەن، ئىنقىلابتىن كېيىنكى قىرغىزىستاندا تولۇق مەنىدە كۈچ بىرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولدى.



ئافغانىستاندا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئۈچ ئايرىم ھۇجۇمدا 13 نەپىرى ئامېرىكا ئەسكىرى بولۇپ، جەمئىي 19 كىشى ئۆلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
بىرىنچى ھۇجۇم خەۋىرى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىن كەلدى.
بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ بىرونىۋىكلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 13 ناتو ئەسكىرى، بىر ئافغان ساقچىسى ۋە 3 ئافغان پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بۇرۇنقى ئافغان پادىشاھلىرى سەلتەنەت سۈرگەن دارۇلئامان سارىيىغا يېقىن بىر يەردە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىككىنچى ھۇجۇم كۇنار ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلدى. بىر ئايال ئادەم بومبىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا كېرىشكە ئورۇنۇش ئەسناسىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىشخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر ئايالدىن گۇمانلىنىپ ئوق چىقارغانلىقى ۋە ئايالنىڭمۇ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقى ئېلان قىلىندى. ۋەقەدە ئىككى ئامانلىق ساقلاش خادىمى يارىلاندى.
يەنە بىر ھۇجۇم، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا مەيدانغا كەلدى. ئافغانىستان ئەسكىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان قوراللىق بىر كىشى، 2 ناتو ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى.



فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلەپ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKKتەرەپدارلىرىنىڭ تاش ۋە تاياق –توقماقلىق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى.
ۋەقەدە يارىلانغان 15 كىشىدىن بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باستىي مەيدانىدىكى نامايىشتىن ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى قوللىرىغا تۈرك بايراقلىرىنى ئالغان ھالدا مەيدانغا توپلىنىشقا باشلىغان تۈركلەرگە تاياق –توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
فىرانسىيە ساقچىلىرى، نامايىشچىلارنى قوغداش ئۈچۈن رايوننى ساقچى كارىدورى ئىچىگە ئالدى، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
ۋەقە يۈز بەرگەن ئەسنادا رايوندا قاتناش توختاپ كەتتى.




ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ، پارىژدا، پەلەستىننىڭ ب د ت پەن- مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.
ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ، چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان ياۋروپادا پەلەستىننىڭ ئەزالىقى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش مەسىلىسىدە قوللىغۇچىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.
ئىھسانئوغلۇ، پارىژدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بۈگۈن (دۈشەنبە) كى پەلەستىننىڭ ئەزالىقى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋاز بېرىش پائالىيتىدە پەلەستىننى قوللاپ بېلەت تاشلاشلىرىنى تەلەپ قىلدى.
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىھسانئوغلۇ، تولۇق ئەزالىق ئۈچۈن بېلەت تەشلاش پائالىيىتىدە ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تولۇق قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ئىھسانئوغلۇنىڭ تولۇق ئەزالىق مەسىلىسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى سۆزلەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنبەرگە چىقىدىغانلىقى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.




سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسەد رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كىرىزىستىن ئىلگىرىمۇ بار بولغان ۋە كىرىزىس ئەسناسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق سىياسىي كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
نامايىشلار ئەسناسىدا، «يۈزلەرچە ئەسكەر، ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى» نى تىلغا ئالغان ئەسەد، «بۇ كىشىلەر قانداق ئۆلدى؟ تىنچلىق نامايىشلىرى ئەسناسىدا ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ ياق! بۇلار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. دېمەككى بىز قوراللىق كىشىلەرنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
ئەسەد، سۆھبەت جەريانىدا، دۆلىتىنى خەلقئارالىق ئىمبارگولاردىن قوغداپ قالغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سۈرىيەدە مارت ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلاردا 3 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.


،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1264
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1264دانە
ئۆسۈش: 5880 %
مۇنبەر پۇلى: 16819 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

لىۋىيەلىك مەھبۇس قىرغىنچىلىق ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئەسلىمىسىنى سۆزلەپ بەردى


دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، كازافى ھاكىمىيەت باشقۇرغان 42 يىلدا، لىۋىيەدە تەخمىنەن 4000 دىن 5000 غىچە كىشى يوقاپ كەتكەن، بۇ يىل 2-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا، تەخمىنەن 25 مىڭ كىشى يوقاپ كەتكەن، ھازىر ئېنىق تېپىلغىنى تىرىپولىدىكى ئەبۇسالىم تۈرمىسى ئون مىڭ كىشىلىك ئورەكتىكى 1270جەسەت، لىۋىيە دائىرىلىرى ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىغان پەيتلەردە بىر ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان گۇرۇپپا توختاۋسىز خىزمەت قىلىپ، كازافى دەۋرىدىكى ئون مىڭ كىشىلىك ئورەكنى ئىزدىدى، كازافىغا قانداق قاراش كېرەك،؟ لىۋىيە تارىخىغا قانداق قاراش كېرەك؟، ئۇرۇشتا خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن لىۋىيە كىچىك مەسىلە ئەمەس، شۇنداقتىمۇ، لىۋىيە قوراللىق خادىملىرىنىڭ كازافى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قىلغان زوراۋانلىقى كازافىدىن قېلىشمىدى، ئۇلار بىردىن بىر ئاتمىغان، بەلكى، قاتار تۇرغۇزۇپ سىيرىغان. مانا بۇ لىۋىيە ئىلگىرىكى تارىخنى قايتىلىماي، قانداق قىلىپ، دېموكراتىك، مەدەنىي يېڭى تۈزۈمنى ئورنىتىپ چىقالايدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يوقاپ كەتكەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە بېكىتىش مەملىكەتلىك كومىتېتى دەيدىغان بىر تەشكىلات خىزمەت قىلىشقا باشلىغان، ئۇلار ھازىر سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەبۇ سالىم تۈرمىسىدىكى ئون مىڭ كىشىلىك ئورەكتە 1270 جەسەتنىڭ بارلىقىنى بېكىتتى، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇ سالىم تۈرمىسىدە 11 يىل سولانغان ئەنۋەر خالىقنى تاپتى. ئەنۋەر خالىق ئۈچۈن 1996-يىلى ياز ئەسلەشتىنمۇ قورقىدىغان قاباھەتلىك چۈش ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرگىنىگە يەتتە يىل بولغان ئىدى.

1989-يىلى ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن خالىق ئەنگلىيەدە ئوقۇپ دۆلىتىگە قايتىدۇ، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە لىۋىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئەبۇ سالىم تۈرمىسىگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭغا بىدئەتچىلىكنى تارقىتىش گۇناھى ئارتىلغان ئىدى.

بۇ تۈرمە تىرىپولىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا ھەممىنى شۈركەندۈرىدىغان يىغىۋېلىش لاگىرى ئىدى، ئۇنىڭغا سولانغانلارنىڭ ھەممىسى كازافى ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولغان ياكى كازافى ھاكىمىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلغان سىياسىي جىنايەتچىلەر ئىدى، بۇ جاينىڭ شارائىتى ناھايىتى ناچار ئىدى، مەھبۇسلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنمايتتى.

خالىق سوراق قىلىنمايلا، بىۋاسىتە تۈرمىدىكى ئىككىنچى رايونغا تەقسىم قىلىنغان ئىدى.

ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى، 1996-يىلى يازدا بۇ تۈرمىگە ئۈچ نەپەر غازاتچى ئېلىپ كېلىنىدۇ، بۇ كىشىلەر لىۋىيەدىن ئافغانىستانغا بېرىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان ئېكسترىمىزمچىلار ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇلار شۇ جايدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، كازافىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

ئۇلار تۈرمە 4-رايونىدىكى 9-نومۇرلۇق كامېرغا قامالدى، ئارىلىقى خالىق ياتقان كامار بىلەن يېقىن ئىدى، ئەينى چاغدا ھەر بىر كاماردا 25 نەپەر مەھبۇس ياتاتتى، ھەر بىر تۈرمە رايونىدا 10 كامار بولاتتى، پۈتكۈل تۈرمىدە تەخمىنەن 1700 دىن ئارتۇق مەھبۇس بار ئىدى.

تۈرمىنىڭ شارائىتى بەك ناچار بولغاچقا غازاتچىلار بەك نارازى ئىدى، ئاخىرى بۇ ئۈچ كىشى تۈرمە ساقچىسى تاماق ئەكىلىدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قېچىشنى پىلانلايدۇ، خالىق شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئېسىمدە قېلىشىچە 28-ئىيون جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 يېرىملاردا ئۇلار تۈرمە ساقچىسىنى يارىلاندۇرۇپ، ئاچقۇچنى ئالدى، تۈرمە باشقۇرغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلدى، ئىشلار بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتى، بۇ ئۈچ كىشى ئاچقۇچ بىلەن كامېرلارنىڭ ئىششىقىنى بىرمۇ بىر ئاچقاندا، تۈركۈم تۈركۈملەپ مەھبۇسلار چۇقان كۆتۈردى.

تەڭرى خالىققا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ئىدى. خالىقنىڭ كامېرىنى ئاچىدىغان چاغدا،ھەرقانداق قىلىپمۇ ئاچالمىدى. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا خالىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كىيىن، تۈرمە باشلىقى زور تۈركۈم ساقچىلارنى ئېلىپ كېلىپ تۈرمىنى قورشىدى.مۇتلەق كۆپ قىسىم تۈرمىدىن قاچقۇچىلار تۈرمىگە قاماپ قويۇلدى.بىردەمدىن كىيىن لىۋىيە ھەربىي ئىشلار ئاخباراتى مەسئۇلى ئابدۇللاھ سەينۇش ئەبۇسالىم تۈرمىسىگە يېتىپ كەلدى. سەينۇش كازافىنىڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى دېگۈدەك كازافىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.

خالىق ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سەينۇش تۈرمىدىن قاچقانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلىنىپ،ئەگەر مەھبۇسلار دەرھال قايتىپ كەتمىسە، ئىككى ئايروپىلان ئەۋەتىپ جايىنى تۈپتۈز قىلىۋېتىمەن، دېدى. سەينۇش تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇسلاردىن ۋەكىل ئەۋەتىپ تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇپاتەھ.دىۋادى ئىسىملىك بىر ۋەكىل ئامما ئارىسىدىن چىقىپ سەينۇش بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت ئەتىسى ئەتىگەنگىچە داۋاملاشتى.
خالىق مۇنداق دېدى: بۇ ۋاقىتتا قاتتىق مۈگۈدىگەنىدىم ئۇشتۇمتۇت كامېرنىڭ قۇلۇپى ئېچىلدى. تۈرمە ساقچىسى ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھلىرىنى سېرتقا ئېلىپ چىقتى. ساقچىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئىلگىرىكىدىن ياخشىراق ئىدى. ئۇلار تېخى مۈرەمگە يېنىك ئۇرۇپ قويدى.

ئارقىدىن تۈرمە ساقچىسى 2-نومۇرلۇق تۈرمە رايونىدىكى بارلىق مەھبۇسلارنى ئاياقلىرىڭلارنى كىيىپ يىغىلىڭلار دېدى . بۇ ۋاقىتتا كىشىنى ئەجەل يېتىپ كەلگەندەك سۈر بېسىپ،تۆۋەن ئاۋازدا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدۇق.

بىر توپ ھەربىيلەر ئۇلارغا تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كىيىن،خالىق قاتارلىق ئىلگىرى قامالغان سىياسىي مەھبۇسلار ھەربىي ئىشلار جىنايىتى رايونىغا يۆتكەلدى.

پىلىموت ئىككى سائەت ئېتىلدى.

ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدىكى ناشتىدا خالىق قەھۋە، سۈت ئېچىشىنى،تۇخۇم،بولكا ۋە سېرىق ماي يېيىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ مەن تۇخۇمنىڭ قانداق تەمدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانىدىم، دېدى.

چۈش سائەت تەخمىنەن 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە خالىق ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يىراقتىكى ئۇدا پارتلىغان بومبا ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بىر مەھبۇس ئۆگزىدىكى تۈرمە ساقچىلىرى گىرانات ئېتىۋاتقان ئوخشايدۇ، دېدى.

بومبا پارتلاش ئاۋازىدىن كىيىن، شىددەتلىك ئېتىلغان پىلىموت ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ خۇددى ئەسكەرلەر قارغا ئېتىشنى مەشىق قىلغانغا ئوخشايتتى. خالىق مۇنداق دېدى: بىز شۇ ۋاقىتتىلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇلار باشقا كامېردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قىرىپ تاشلىغانىدى. شۇ ئەسنادا بىزنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىدۇق. ئۆينىڭ ئىچىدە چۇقان كۆتۈرۈلدى. بەزىلەرنىڭ كۆڭلى ئېلىشقىلى تۇردى.

ئاردىن ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن،مىلتىق ئاۋازى پەسەيدى. ئارقىدىن يەنە 15 مىنۇت ئارىلاپ ئارىلاپ مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى. خالىق مۇنداق دېدى :مەن قۇراللىق ئەسكەرلەر نەپسى توختىمىغان ئامان قالغۇچىلارنى ئاتقان ئوخشايدۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم . تۈرمىنىڭ ئاشپىزى ساپارى كىيىن ماڭا يېشىل ياغلىقلىق ئەسكەرلەرنىڭ مىلتىق تۇتقىنىچە جەسەتلەر دۆۋىسىنى ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى ئوغرىلىقچە ئېيتىپ قويدى.

ئىگىلىنىشىچە: دۆۋە–دۆۋە جەسەتلەر دەسلىپىدە ئەبۇ سالىم تۈرمىسىدىكى ئورەككە كۆمۈلگەن كىيىن، ھازىرقى ئون مىڭ كىشىلىك ئورەككە يۆتكەلگەن.

قىرغىن قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەي، خالىق قاتارلىقلار يېڭى تۈرمە رايونىغا يۆتكەلدى. ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇ كونا تۈرمە رايونىغا قايتىپ كەلگەندە تۈرمىدىن قويۇق سىر پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. كىيىن تۈرمىنىڭ تەمىناتى ئىلگىرىكىدىن ياخشىراق بولدى. لېكىن يەنىلا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەيتتى.

خالىق قاتارلىقلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بالا قازادىن قۇتۇلۇپ قالدى.سەينۇشنىڭ قارىشىچە بۇ كىشىلەرنىڭ خېيىم خەتىرى تۆۋەن ئىكەن.

2000-يىلى خالىقنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلدى. ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قۇراللىق كۈچلىرى تىرىپولىنى ئىشغالقىلغاندىن كىيىن، ئۇ دۆلىتىگە قايتىپ ئۆزى 11 يىل تۇرغان جاينى كۆردى.

ئۇنىڭ ئەسلىمىسى خۇددى قاينامدەك ئۆركەشلەيتتى.ئۇ بۇ تۈرمىدە ئۆزى ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملەرنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆتكەن ئون بىر يىلدا پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك يېڭىلانغانىدى، ئۇ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى. تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، ئەنگلىيەگە بېرىپ ئوقۇغان بۇ ئىختىساس ئىگىسى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى :مەن ھەرگىز ئازابلانمايمەن ياكى ئۆكۈنمەيمەن. بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارايمەن.

ئۇنىڭغا ئوخشاش قارايدىغانلا ناھايىتى ئاز. ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئەبۇسالىم تۈرمىسىدە ئەقىلگە سىغمىغان ھالدا يوقۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر كازافى ھاكىمىيىتىدىن قان قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ تۈرمىگە بەنىغازىلىقلار كۆپ قامالغانىدى. كازافى لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ئاممىغا ئەزەلدىن قاتتىق قول بولۇپ كەلگەنىدى. شۇڭا بەنىغازىلىقلارنىڭ قەلبىدە غەزەپ ئوتى بالدۇرلا يانغانىدى.

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى لىۋىيەدە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى بەنىغازىدىن باشلاندى. ئەبۇسالىم تۈرمىسىدە قىرىپ تاشلانغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كازافى ھاكىمىيىتىدىن ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى ئاقلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى –ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشىنىڭ مۇھىم پىلتىسى بولدى.

ئەر ئايال چوڭ كىچىك ھەممە كىشى بەنىغازى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزگەندە،كازافىنىڭ كىچىك ئوغلى خامىسقا تەۋە قىسىم ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ،يەنە بىر پاجىئەلىك ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سەككىز ئايدىن كىيىن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بومباردىمان قىلىشى ئارقىسىدا كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك :ئەمەلىيەتتە كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولىشى دەل ئەبۇسالىم تۈرمىسىدىكى قىرغىنچىلىقتىن باشلاندى.

بۇ خىل ھۆكۈم يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە بېكىتىش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالام.شىرجانىنىڭ 10مىڭ كىشىلىك جەسەت ئورىكىنى تېپىش خىزمىتىگە شەرەپ ئېلىپ كەلگەندەك قىلاتتى.

شىرجانى مۇنداق دېدى : ئەبۇسالىم تۈرمىسى چوڭ قىرغىنچىلىقى بولغان جاي لىۋىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنغان جاي بولۇپ كەلگەنىدى؛ كازافىمۇ پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بېرىپ سەككىز يىلدىن كىيىن بىر قېتىملىق ئاشكارا سۆزىدە بۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى. ئۇندىن كىيىن ھېچ كىممۇ بۇنى تىلغا ئالمىدى. كازافى بۇ ۋەقەنى ئەكسىگە بۇراپ تەشۋىق قىلىپ، ماڭغا قارشى چىققانلارغا ياخشى كۈن يوق دەپ چۈشەندۈردى.قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى.

خالىق قاتارلىقلارنىڭ ئېيتقانلىرى ھەرگىزمۇ يالغۇز ئىسپات ئەمەس. يەنە باشقا ئامان قالغۇچىلار جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلىرىمۇ ئىسپات بېرەلەيدۇ. شۇڭا شىرجانى سۆزۈم ئىشەنچلىك دەپ قارايدۇ.

يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە بېكىتىش مەملىكەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان،خىزمەتلەرنى جىددىي قانات يايدۇردى. خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىمۇ بۇنىڭغا قاتناشتى.

شىرجانى: يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنى بېكىتىشكە بىر نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ، دېدى. ھازىر خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى تىرىپولى قاتارلىق جايلاردا لىۋىيەنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى تەربىيەلىدى . ئۇلار ئالايلۇق: قەبرە كولاش،خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش، جەسەتلەردە قېلىپ قالغان ئۈنۈملۈك ئۇچۇرلارنى توپلاش قاتارلىق قىرغىنچىلىققا ئائىت ئىسپاتلارنى تېپىشقا ئائىت كونكرېت تەدبىرلەرنى ئۆگەتتى. ئۇندىن باشقا DNA ئەۋرىشكىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھەر بىر قەبرىنىڭ ئورنىنى ئېنىق بېكىتىشمۇ تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىدۇ.

شىرجانى مۇنداق دېدى: ئەبۇ سالىم تۈرمىسىنىڭ تارىخى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ھەم ئەسلىگە قايتۇرۇلۇشى كېرەك.بۇ لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قەدەم.مەن جەزىملەشتۈرۈمەنكى قىرغىنچىلىق راستتىنلا يۈز بەرگەن. جەزملەشتۈرۈشمەك بىزنىڭ قىلىدىغانلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى خەلققە ئەينەن يەتكۈزۈش.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىن ئېلىندى.
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
ئۆسۈش: 4550 %
مۇنبەر پۇلى: 23008 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-11-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئەتە ئۆگۈن خېلى سىرلار ئېچىلىدۇ تېخى ئاللاھ خالىسا.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
karluk007
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل  ئەخلاقتۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8110
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 350 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-12
ئاخىرقى: 2011-11-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

بىز بىلمەيدىغان بەك كۆپ
شۈكرى.اللە
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 915
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە915دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 9909 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئەمدى ھەممىسى ئاشكارلىنىدۇ
ئەركەكلەر قەسەم قىلمايدۇ ، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر سۆزى قەسەمدۇر .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9014
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1177 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2011-11-02
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

بۇ كازافىي دىگەن نىمانداق ۋەھشى ياۋۇز نىمە ،،،،،،،،
mp3
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4800 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-11-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ياخشى خەۋەرلەر ئىكەن،
دوستلىشىش
281151976
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2011-11-01
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئامىرىكا بۇ ئۇرۇشنى شۇنداق چىرايلىق قىلدى ، ئەممە ئامرىكىنىڭ ۋەزىپىسى تېىخى تۈگكىنى يوق ، ئەجابا ئۇلار كازافىغا ئوخشاش كىشلەرگە ھاكىميەتنى بىرەرمۇ ؟ بۇ  يەردە كۆزدە تۇتىدىغان ئىش كازافىنىڭ رەززىلكىكى ئەمەس بەلكى ئامىركا مۇسۇلمانلارغا ھاكىميەتنى بىرەمدۇ دېگەن ئىش ،. ئەلۋەتتە بەرمەيدۇ ، ئۇنداقتا ئۇرۇش قىلامدۇ ؟ ياق ئۇنداق قىلسا ئامرىكنىڭ ئالدىغا پەيدا بولىدىغىنى كازافىدىن قەيسەر ھەم كۇشلۇك بولغان لىۋىيە خەلقى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ھازىر غوۋا ئاشكارا بولغان مەقستىگە قارايدىغان بولساق ، ئامرىكا لىۋىيەنى ئشكى ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرمەكچى ، ھەم بۇنى ئۇزۇنغا تارتىپ ئۆزى ئوز كۇچنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى ساقلاپ قالماقچى ، ھەم مۇسۇلمانلارنى  قىرماقچى قاراپ تۇرۇڭلار .............. ئىش شۇنداق بولىدۇ. چۇنكى بۇ يولنى لىۋىيە خەلقى ئۆزى تاللايدۇ ، ھەم تاللىغان ھى ھى .........
ئارمىىزدىكى كازافىنى ھەم سادەمنى تىللاۋاتقان كىشلەرگە ئەقلىم ھەيران .
ئىش قىلىپ دۆلتىمىز ئامان تىنىچ بولسۇن
salih@@
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7448
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2011-11-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئۇرۇش باھانىسىدا ئۆمرى تۇرمىدە ئۆتكەن بىچارىلەرگە ياخشى بولدىدە.     
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 799
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 8332 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-11-01
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

راست دەيدۇ، ھەممىسى يېشىلىدۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.