3- سۆھبەت
- سىز ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ قارامسىز -يوق؟
- ئەلۋەتتە مۇسۇلمان دەپ قارايمەن.
- ئۇنداقتا مۇسۇلمان دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟
- ئاللاھقا بويسۇنغۇچى دېگەن گەپتۇ؟
- ئاللاھ راستلا بارمۇ؟
- ئەلۋەتتە بار.
- قېنى؟
- كۆڭلىمدە بار.
- بار دېگەندىكىن ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىز؟
- كۆرسىتىپ بېرەلمەيمەن، لېكىن بارلىقىغا ئىشىنىمەن.
- نىمىشقا ئىشىنىسىز؟ ئىشىنىشتىكى ئاساسىڭىز نېمە؟
- بۇنى دەپ بېرەلمەيمەن، لېكىن كۆڭلۈمدە ئىشىنىمەن.
- بۇ گېپىڭىز ئادەمنى قانداقمۇ قايىل قىلالايدۇ؟ ئەگەر سىز مەندە پۇل بار، دېسىڭىز، مەن ئىشەنمەي تۇرىۋالسام دەرھال يانچۇقتىكى پۇلنى چىقىرىپ مانا پۇل، مەندە راستلا پۇل بار، دەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيسىزغۇ، دەيمەن. يا، ئۇنداق قىلماي، مەن سىزدە پۇل يوقكەن، دېسەم، مەندە پۇل راست بار، سىزگە كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن بىلەن پۇلۇم بارلىقىغا كۆڭلۈمدە ئىشىنىمەن، دەپ تۇرۋالامسىز؟
- ئەلۋەتتە يانچۇقتىن پۇلنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ گېپىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايمەن.
- ئەمىسە ئاللاھ بار، دەيسىزيۇ، نېمىشقا بۇ گېپىڭىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسىز؟ بۇنداق ئەھۋالدا مەن سىزنىڭ بۇ گېپىڭىزنىڭ راست ئىكەنلىگە قانداقمۇ ئىشىنەي؟ قارىغاندا سىز يالغانچى ئوخشايسىز، شۇنداقمۇ؟
- ياق، مەن يالغانچى ئەمەس، ئاللاھ راست بار، لېكىن بۇنى ئېغىزىمدا ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىكەنمەن، كۆڭلۈمدە تۇلۇق ئىشىنىمەن.
- دىنسىزلار ئاللاھ يوق دېدى، شۇنداققۇ؟
- ھەئە.
- ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش «ئاللاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، لېكىن يوق ئىكەنلىكىنى كۆڭلۈمدىلا بىلىمەن، ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن» دېدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ «يوق» دېگەن گېپىگە قارىتا دەلىل كەلتۈردىمۇ؟
- دەلىل كەلتۈردى.
- ئۇنداقتا بىزمۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىسەك بولامدۇ- قانداق؟ بىز بار، دېدۇق، لېكىن دەلىل كەلتۈرەلمىدۇق، ئۇلار يوق، دېدى، دەلىل كەلتۈردى. شۇنداق بولغانىكەن، دەلىلگە ئىشىنىشىمىز كېرەكمۇ -قانداق؟
- ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ.
- بۇنى ئېغىزدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن بىلەن قەلبىمدە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن.
- ئەگەر بىرسى ئاتا- ئانىڭىزنى تىللىسا قاراپ تۇرامسىز؟
- ياق، ئۇنىڭغا قارشى چىقىمەن.
- ئەگەر بىرسى سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىزنى ئىنكار قىلىپ، سىزنى ھارامدىن بولغان، ئاتا- ئانىسى يوق يېتىم، دېسە قانداق قىلىسىز؟
- ئۇنىڭغا ئۇ گېپىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن، ئۇنىڭغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە نارازىلىق بىلدۈرىمەن.
- ئۇنىڭغا ئاتا- ئانىڭىزنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىسىز، ئەگەر يەنىلا ئىشەنمەي شۇنداق دەپ تۇرىۋالسا، ئاتا- ئانىڭىزنى يۈزلەشتۈرىسىز، ھەتتا تونۇش- بىلىشلەردىن گۇۋاھچىمۇ كەلتۈرەلەيسىز، شۇنداققۇ؟
- شۇنداق.
سىزگە نىسبەتەن ئاللاھ مۇھىممۇ ياكى ئاتا- ئانىڭىزمۇ؟
ئاللاھ مۇھىم.
- بىرسى سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىزنى ھاقارەت قىلسا دەرھال سەكرەپ تۇرالايسىز، ئۇنىڭغا قارشى چىقالايسىز، ئاتا- ئانىڭىزنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى دەلىل ئىسپاتلارنى كەلتۈرەلەيسىز، ئۇنداقتا نىمىشقا ئاتا - ئانىڭىزدىنمۇ ئۇلۇغ بولغان، سىزنى ۋە سىزگە لازىملىق جىمى نەرسىنى ياراتقان، سىزگە مۇشۇ ھاياتلىقنى بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ زات ئاللاھنى باشقىلار ھاقارەت قىلسا بۇنىڭغا قارشى ئىپادە بىلدۈرەلمەيسىز؟ ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى نىمىشقا دەلىل -ئىسپات كەلتۈرەلمەيسىز؟ جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نۇمۇسلۇق ئىش بولامدۇ؟
-
- بەزىلەر ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا «دىن- ئازغۇنلۇق» دېيىشتى. ھەتتا: « بۇ دۇنيادا خۇدا پاتىدىغان ئورۇن يوق، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىمۇ پۈتۈنلەي ئوت، خۇدا ئۇ يەردىمۇ ھەرگىز تۇرالمايدۇ، خۇداغا ئىشەنگۈچىلەر بىر توپ نادان، خۇراپىي، ئەقىلسىز ئىنسانلاردۇر» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ گېپىچە، خۇدا مەۋجۇت بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ تۇرىدىغان ئورۇن تاپالماسمىش. بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ھاقارەت بولامدۇ؟ مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، نىمىشقا بۇ گەپلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئىسپات تاپالمايمىز؟ بىز خۇدايىمىزغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز؟
------------------------
بۇ سۆھبەت تۈگىمىدى،
داۋامى بار...