اﷲ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، شۇمۇ ئېنىقكى، اﷲ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ [38]. ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىنىدى، اﷲ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر [39]. ئۇلار پەقەت پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر اﷲ بىر بۆلۈك ئىنسانلارنى يەنە بىر بۆلۈكىگە قارشى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق (بۇزغۇنچىلىقنىڭ) ئالدىنى ئېلىپ تۇرمىسا ئىدى، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە اﷲ نىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە اﷲ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، اﷲ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر [40].( ئۇ مۆمىنلەر) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى اﷲ قا ئائىتتۇر [41].
يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى
ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنى قوغدايدۇ، دۈشەمنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىدۇ، ئۇلارغا ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. شۇمۇ ئېنىقكى، ئاللاھ تائالا ھەر قانداق خىيانەتچى، ئەھدىنى بۇزغۇچى، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، نېمەتكە شۈكۈر قىلمايدىغان، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ، باشقىسىغا چوقۇنىدىغان، بۇتلارغا، مازارلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى زادى ياقتۇرمايدۇ.
بۇ سۈپەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانداشلىرى بولغان مۇشرىك ئەرەبلەرگە قارىتىلغان سۈپەتلەردۇر.
مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا گاھ تىلى بىلەن، گاھ قولى ۋە ئىش ھەرىكىتى بىلەن كۆپ ئەزىيەتلەرنى قىلاتتى. ھەتتا بەزىدە ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ مۇشرىكلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلاتتى، ھال ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا«سەۋر قىلىڭلار، مەن ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلغان پەيغەمبەر ئەمەسمەن»دەيتتى. ئەھۋال شۇنداق داۋام قىلىۋەردى. بۇ ئارىدا مۇشرىكلەر تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى، مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ بەك بوزەك قىلىدىغان، خورلايدىغان، خالىغانچە تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىداپ بولالمىغان مۇسۇلمانلار ئاۋۋال ھەبەشىستانغا(ھازىرقى ئېپۇپىيىگە)، ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇجايدا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلدى. ئەمما مەككىلىك مۇشرىكلەر مەدىنىگە ۋە ھەبەشىستانغا كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆي-ۋارانلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مال-مۈلۈكلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، خوتۇن، بالىلىرىنى قىيىن-قىستاقلارغا ئالغىلى تۇردى. مەدىنىدە بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى ئاڭلىغان ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ بۇ ناھەق جەۋر-زۇلۇملىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەكرار-تەكرار ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بىر ئەمر-پەرمان بولمىغىچە ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى ۋە سەۋر قىلىش لازىملىقىنى ئېيتاتتى. شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنىدە:« ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىنىدى»دېگەن ئايەت چۈشتى.
شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەقسىزلىق قىلغان ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۇرۇش قوزغىغان كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرەپتىن رەسمىي رۇخسەت كەلگەن بولدى.
ئىلگىرى مەككىلىك مۇشرىكلەر ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان، مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلغان ۋە ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشى شەكىلدە ئازابلىغان ئىدى. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا مۇسۇلمانلار ھەر تەرەپتىن زۇلۇمغا ئۇچىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىشقا ۋە ئۇرۇشسىزمۇ ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشكە قادىردۇر. ئەمما ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش يولىدا قان-تەر ئاققۇزۇشىنى ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان كاتتا مۇكاپاتلارغا ئەجىر قىلىپ ئېرىشىشىنى خالىغانلىقتىن، ئۇلارنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ۋە تائەت-ئىبادەت ئۈچۈن جاپا چېكىشكە بۇيرىغان. ئەڭ مۇھىمى بۇ سىناق دۇياسىدا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىنى ۋە ساداقىتىنى سىناپ كۆرۈشنى خالىغان.
ئاللاھ تائالا بۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ:« ئۇلار پەقەت پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى» دېگەن. توغرا، ئۇلار رەببىمىز ئاللاھ تائالادۇر دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. بۇرۇج سۈرىسىدىكى بىر ئايەتتە:« ئۇلارنىڭ غالىب ۋە ھېكمەتلىك ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى سەۋەبلىك كاپىرلار ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدى»[1] دەپ كەلگەن.
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۇن رۇخسەت بەرگەنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىدىن، سۇنداقلا مۆمىنلەرنى جىھادقا ئۈندىگەنلىكىدىن ئەجەبلەنمەڭلار. ئەگەر ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى قەدىمدە ۋە ھازىردا ھەقسىزلىق قىلغۇچى، زالىم كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىمىغان بولسا ئىدى، بۇتپەرەسلىك دۇنيانى قاپلىغان، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئورۇنلار يەر يۈزىدىن يوق بولغان، خرىستىئانلارنىڭ چېركاۋلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىدىغان مەسجىدلىرى ئاللىبۇرۇن يەر بىلەن يەكسان بولغان بولاتتى.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە ئەلۋەتتە ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە ھەممىگە قادىردۇر. ھېچقانداق بىر كۈچ ئۇنى يېڭەلمەيدۇ.
ئەمدى، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قانداق ياردەم قىلىش كېرەك؟
ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭغا ئەمەلىي رەۋىشتە ئەگىشىش، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش، پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش، چۈشۈرگەن كىتابىغا تولۇق ئەمەل قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەن بولۇپ سانىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىدىن بىھاجەت بىر زات. ئۇ كىشىلەرنى ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس. ئىسلام دىنىنى شۇنداق مۇستەھكەم تۇتۇپ ماڭغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. بۇ كەسكىنلەشكەن ھەقىەتتۇر. « ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ياردەم قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ ۋە قەدىمىڭلانى مۇستەھكەم قىلىدۇ.»[2]
قۇرئان كەرىمنىڭ شۇنداق ئوچۇق ۋە ئېنىق بايانىدىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدىن قانچىلىك يىراقلىشىپ قالغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، قايسى يۈزىمىز بىلەن ئاللاھ بىزگە ۇاردەم قىلمىدى دەيمىز؟ بىز ئاللاھ تەلەب قىلغان شەكىلدە مۆمىن بولالىدۇقمۇ؟ بىز راستىنلا ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم قىلدۇقمۇ؟ بىز پەقەت «مۇسۇلمان»دېگەن ئىسىم بىلەنلا بۇ دىنغا ئۆزىمىزنى مەنسۇپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما ئىسلامنىڭ روھى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھكاملىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرى پەقەت كىتاب يۈزىدىلا قالغان. ئاللاھ تائالانىڭ «بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز»[3]دېگەن سۆزى بىزدە تامامى مەنىسى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.
بىز مۇسۇلمانلاردا رىياخورلۇق شۇنچىلىك زور تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىز ۋە ئىسلامىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى شەكىلۋازلىقتىنلا ئىبارەت بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئىخلاس ۋە قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش دېگەبلەر بىزدە يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان. ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزگىچىلىكلەر ۋە خىسلەتلەرنى ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلاردىن تېپىش ئىنتايىن قىيىن. شۇڭا بىزنىڭ ھالىمىز خاراب، تەلىيىمىز كاج بولۇپ كەلمەكتە.
ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغان مۆمىنلەر يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىنسا، تۆۋەندىكى 4 ئىشنى تولىقى بىلەن ئورۇندايدۇ:
(1) بەش ۋاخ نامازنى پۈتۈن شەرتلىرى ۋە ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ. چۈنكى ناماز ئىسلام دىنىدا ئىماندىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كۈنلۈك پەرزدۇر. ناماز بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش نوقتىسى، نەپسنى پاكلىغۇچى، روھنى يۈكسەلتكۈچى، تەرتىپ ۋە ئىنتىزامنى ئۆگەتكۈچى، يامانلىقتىن توسقۇچى شىپا ۋە يول باشلىغۇچى خاراكتېرلىك ئىبادەتتۇر. «ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ گۇناھلاردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ.»[4] قىسقىسى، ناماز دىننىڭ تېرىكى ۋە ئىبادەتنىڭ بېشىدۇر.
(2) زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ. زاكات مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ تۈرتكسى بولغان ئىبادەت بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە خەيرخاھلىقنى ئورنىتىشنىڭ يولى ئۆزئارا ياردەملىشىش، بىر-بىرىنىڭ يۈكىنى بىللە كۆتۈرۈش، ئاجىزلارنى يوقلاشتىن باشلىنىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. مانا ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان زاكات بۇ مەقسەت بىلەن بۇيرۇلغان ئىككىنچى چوڭ ئىبادەتتۇر.
زاكات بەرگۈچى ئۇنى ئالغۇچىغا مىننەت قىلماستىن، مەغرۇرلانماستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەرزىنى ئادا قىلدىم دېگەن ئېتىقادتا بېرىدۇ ۋە ئالغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ئالغان ئېتىقاد بىلەن ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەمئىيەتتە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە شۇنداق ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئارقىلىق دوستلۇق، مۇھەببەت، ئىناقلىق ئاشىدۇ.
ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ نۇرلۇق دىنىدىن، مىڭ يىللاردىن بىرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن نۇرلۇق شەرىئىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، تەڭسىزلىكنى يوق قىلىش فەۋاسى بىلەن سوتسىيالىزمنى تەجرىبە قىلىپ كۆردى. ئەمما سوتسىيالىزمدا بايلار كەمبەغەللەرگە، كەمبەغەللەر تېخىمۇ كەمبەغەللەرگە ئايلاندى. خەلقنىڭ پۇل-مېلى ۋە ۋەتەننىڭ بايلىقى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قوراللارنى سېتىپ ئېلىش ۋە ياساشقا ئىشلىتىلدى. خەلق بىر نانغا زار بولدى. سوتسىيالىستىك تۈزۈم مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئىنسانلار چىقىش يولى ئىزدەپ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرمەس دىنىغا ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىگە قايتىشقا باشلىدى. شۇڭا ھازىر دۇنيادا ئادەم سانى ئەڭ تىز كۆپىيىۋاتقان ۋە كىشىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان دىن ئىسلام دىنى بولۇپ قالدى.
(4.3) ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش). ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ۋە تەنقىدنىڭ يولى قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەركىم ئۆز دەردىنىلا ئويلايدىغان ۋە ھەممە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش كويىدا بولىۋاتقان بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا، مۇسۇلماننىڭ رولى، ئەھمىيىتى ۋە ۋەزىپىسى باشقىلارنىڭمۇ غېمىنى يېيىش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە زىيان ۋە پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن توسۇشتىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. چۈنكى كۈچ-قۇۋۋەت ئىناقلىقتىن تۇغۇلىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنىدا ھەركىمگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئورۇندىشى پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن «ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت» ھۆررىيەتنىڭ جاكارچىسىدۇر. چۈنكى «ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت»نىڭ ئۆزى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش، ياخشىلىقنى تەرغىب قىلىپ، يامانلىقنى سۆكۈش ۋە تەنقىدلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى ھۆررىيەت باشقا دىندىكىلەر دەۋا قىلغاندەك قەيتسىز ۋە چەكسىز ھۈررىيەت ئەمەس. بەلكى مەلۇم ئەخلاقىي پرىنسىپلار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۆررىيەتتۇر. بۇ خۇددى بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنى قوغدىشى، ھېمايە قىلىشى، بىر-بىرىگە يول كۆسىتىشى، خاتالىقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى قاتارلىق ئىشلىرىغا ئوخشاشتۇر.
ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە بىرلىكى گۈللەپ ياشنايدۇ. بۇزغۇنچىلار ۋە دۈشمەنلەر ئۇلارنى پارچىلاش غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماستىن مەغلۇب بولىدۇ. قاچانىكى بىرەر جەمئىيەتتە، ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت ئىشلىرى ئاجىزلىشىپ قالىدىكەن، بۇنداق جەمئىيەتتە ئاجىزلىققا ۋە زاۋاللىققا قاراپ يۈز تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ تارىختىكى مەشھۇر دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ، پارچىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىلنىڭ ئۇلار ئارىسىدا ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر - بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!.»[5]
يۇقىرىقىلاردىن بىلىمزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم قىلغنالارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان، زاكاتنى تولۇق بېرىدىغان، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان كىشىلەرنى مۇداپىئە قىلىدۇ. قانداقلا بىر ئۇممەت بۇ 4 ئاساسنىڭ بىرەرسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، ئۇنداق ئۇممەت ئۆزىنى خار ۋە زەبۇنلۇققا ئىتتىرگەن بولىدۇ.
مەلۇمكى، بىز مۇسۇلمانلار جەمئىيەتنىڭ راۋاج تېپىش يولىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولغان مەزكۇر4 ئىشنىڭ كۆپلىرىنى زايە قىلىۋەتكەنلىكىمىز سەۋەبلىك، بىز خورلۇققا مەھكۇم بولدۇق، خەلقئارادىكى ئىناۋىتىمىز تۆۋەنلەپ ھەيۋىتىمىز يوقالدى، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ئازىيىپ، دۈشمەنلىرىمىگە قارام بولۇپ قالدۇق. بىزنىڭ قايتىدىن قەت كۆتىرىشىمىز ئۈچۇن قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتكە ئېسىلىشتىن باشقا يولىمىز يوق!
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ
[1] بۇرۇج سۈرىسى8-ئايەت.
[2] مۇھەممەد سۈرىسى7-ئايەت.
[3] سەبەئ سۈرىسى13-ئايەت.
[4] ئەنكەبۇت سۈرىسى45-ئايەت.
[5] مائىدە سۈرىسى79-ئايەت
مەنبە: مەرىپەت مۇنبىرى