ئون ياشلىق ئوغلۇمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىكى ، «دادامغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشىپ بەردىم »دىگەن باياننى كۆرگەن مۇئەللىم ، ئوغلۇمغا «ياخشى ئوقىمىساڭ ،داداڭدەك سەي ساتىسەن »دىگەن سۆزنى قىلىپتۇ ،
ئالدىنقى كۈنى ئوغلۇم كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋىتىپ ،بىر كۈنلىك پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىگەن ، دادىسىغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشتىن ئىبارەت جەرياننى يېزىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ، سەۋەبىي دەل مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئاشۇ بىر جۈملە تەنبىھ -تەنقىدى بوپتۇ .
تۇرۇپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى ،كۈندىن كۈنگە جان باقماق تەسلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى جەمىيئەتتە ،ئوغۇل بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىتىلدۇرۇش ، ھەم دادىسى بىلەن بىرلىكتە سىرتقى دۇنيا بىلەن كۆپىرەك ئۇچۇرشۇپ ،ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنى داۋاملىق دادىسىغا ياردەملەشتۈرۈپ كېلىۋاتقىنىمىز راست .
ئوغلۇم تۆت ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپ داۋاملىق دادىسى بىلەن بىرگە يۈرىيدۇ ، ئۇنىڭ ھەم بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز بەدىلىگە ، بۇ يىل ئون ياشتىن ئاشقان ئوغلۇمدا ئالدى بىلەن جاپاغا چىداش روھى غەلبىلىك يېتىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم دەرىجىدە سودا ئېڭىمۇ پەيدا بولدى ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئاچقان بانكا ھېساۋاتىدا مەلۇم مىقداردا شەخسىي جوغلانمىسىمۇ يوق ئەمەس ،
مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ، يالغۇز قالغاندا قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ، تەڭ ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن كۆز قاراشلىرى بار .
دادىسى يېنىدا بولمىغان شارائىتتا دۇكاندا خېرىدارلار بىلەن لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشىپ ، بەزىدە يۇقىرى ئونمىڭ سومدىن ، تۈۋىنى ئۈچ مىڭ سومغىچە بولغان سودىلارنى خاتاسىز قىلالايدۇ ، ھېساۋاتتا ئازغانلىق تارىخ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىدى .
ئوغلۇمنىڭ ئەڭ پەخىرلىندىغان ، ھەم چوڭ كۆرىدىغان ئادىمى دەل دادىسى ، ئۇ مۇشۇ يېشىغىچە ، دادىسىنىڭ «سەي » ساتىدىغانلىقىدىن نۇمۇس ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۆزىنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ يۈرىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى ،
بىراق نالايىق مۇئەللىمنىڭ مەسىلىنىڭ ماھايىتىنى تەھلىل قىلماي مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن چىقارغان يەكۈنى ، ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە تۇيۇقسىز قارا چىكىتتىن بىرنى قويغانلىقى غەزىۋىمنى قوزغىماي تۇرالمىدى .
ياخشى ئوقۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ، مۇئەللىمنىڭ كەپسىزلىك قىلغان بالامغا تەربىيە بېرىشىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەق ئىش .
بىراق بالىنىڭ قەلبىدە دادىسىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان سۆزنى قىلىش قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان چاكىنىلىق ، بۇ بىۋاستە شۇ مۇئەللىمنىڭ كىشلىك دۇنيا قارىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ .
ئوقۇتقۇچى قانداق ئىنسان ؟ ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى .
ئۇنداقتا بۇ روھىي ئىنژىنىرنىڭ ئوغلۇمغا داداڭدەك «سەي »ساتىسەن دىگىنىنى قانداق چۈشەنسەم بولا! ئالدى بىلەن «سەي»دىگەن بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇنى ،« كۆكتات »دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم ، چۈنكى ئانا تىلىمىزدا بۇنىڭغا ئېنىقلىما بار ئەمەسمۇ .
ئەمدىكى قەدەمدە ، مۇئەللىمدىن سورايدىغىنىم ، كۆكتات سېتىش ، نۇمۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ؟ ئۇ ئوغۇرلۇقمۇ ، بۇلاڭچىلىقمۇ ؟ ئوغلۇمنىڭ دادىسى ياخشى ئوقىمىغانمۇ ؟ جەمىيئەتتىكى كەسىپلەرنىڭ ئېسىل ناچارلىق ئۆلچەم چېكى بارمۇ ؟
ئوقۇغۇچىڭىز ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە قاندىقىراق كەسىپ بىلەن شوغۇللانسا سىزچە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ ؟
نۆۋەتتە ئوقو -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ساپا مائارپنىڭ تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ، سىزگە دەرىسلەردە ئۆلۈك تولۇق نۇمۇر ئالدىغان ئوقۇغۇچى بىلەن ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى لازىم ؟
كەلگۈسىدە دۆۋلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا باغلىنىپ قالدىغان ، ئۇنىڭغا يېتىشەلمىسە ئائىلىدە ئاتا -ئانىسىغا ، سىرتتا جەمىيئەتكە يۈك بولدىغانلارغا قارىغاندا ، مەكتەپتىن چىقىپلا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغانلارنىڭ قايسى ياخشى؟
بىزنىڭ ئىككى پەرزەنتىمىز بار ، بىز ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۈيىمىزدىن خېلىلا يىراق بولغان مەكتەپكە بېرىشقا جان دەپ رازى بولغان ، سەۋەبىنى بىلەمسىز مۇئەللىم ؟
ئىككى بالام كۈندە ئاز دىگەندىمۇ سەككىز كېلومىتىر مۇساپىنى بېسىپ ئالدىڭلارغا ئوقۇغىلى بارىدۇ ، تاڭ سەھەردە بالىلارنى مەكتەپكە كېچىكتۈرمەي يەتكۈزۈش ئۈچۈن دادىسى ئىككىمىز ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز ،
كۈندە يېرىم سائەت بولسىمۇ كۆپىرەك ئۇخلىۋىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ، تاتلىق ئۇيقىسىنى قويۇپ ، مەكتەپ ئىنتىزامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ ، ھازىر كۈندىن كۈنگە ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى ، ئۈرۈمچىنىڭ كېلماتى كۆرىنەرلىك تۈۋەنلەپ يىلدىكىدىن بۇرۇن قار چۈشۈپ كەتتى ، بىراق بىز يەنىلا كېچىكمەسلىككە تىرىشىمىز . قاتناش قىستاڭچىلىقى جانغا تىگىدىغان چوڭ مەسىلە ، مەكتەپكە ۋاقتىدا يېتىش ئۈچۈن قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت ، بىراق بىز رازى ، بارلىق كۈچىمىز بىلەن تېرىشىۋاتىمىز ، سەۋەبىي بەك ئاددى مۇئەللىم ، پەققەت بىرلا ، چۈنكى مەكتىۋىڭلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنىپلار تەسىسى قىلىنغان ، ھېچ بولمىغاندا ساقلاپ قېلىنغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيىنىمىز مۇئەللىم !
بەلكىم بالام كەپسىزدۇ ، ئۇيۇن قېپىدۇ . بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىڭىزنى ئىشلەپ كەلمىگەن يەرلىرىمۇ باردۇ، بىراق نەتىجىسى ئۈمۈدسىزلەنگۈدەك دەرىجىدە تۈۋەن ئەمەس . سىنىپنىڭ بەك ئالدى بولمىسىمۇ ، يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك دىيىشكە بولدۇ ،
چۈشىنەلمىدىم مۇئەللىم ، بىز بالىلارنى سىلەرگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ، يىتەرسىزلىكلىرىنى ھامان ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يىتەكلىشىمىز كېرەك ئىدىغۇ !
دادىسىنىڭ ئۇستازى تەرپىدىن كەمسىتىلىشى ، كىچىك بالىنىڭ يۇمران قەلبىدە قانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ يەنە بىر مەسىلە ، بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىسىنى يېتىلدۇرۇشنىڭمۇ ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز ؟
بالامنى مۇستەقىل ياشاشقا ئۆگۈتـۈش ئۈچۈن ، تىجارەتكە ياردەملەشتۈرگەن بىز خاتا قىلدۇقمۇ ؟ ياكى تەربىيەنى توغرا قىلالماي دوۋلەتكە باج تاپشۇرۇپ قىممەت يارتىۋاتقان دادىنى كەمسىتىپ چىشلەپ تارتقان سىز خاتا قىلدىڭىزمۇ ؟