查看完整版本: [-- داداڭغا ئوخشاش سەي ساتىسەن (شەخلا) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> داداڭغا ئوخشاش سەي ساتىسەن (شەخلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahla91 2011-10-31 13:50
ئون ياشلىق ئوغلۇمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىكى ، «دادامغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشىپ بەردىم »دىگەن باياننى كۆرگەن مۇئەللىم ، ئوغلۇمغا «ياخشى ئوقىمىساڭ ،داداڭدەك سەي ساتىسەن »دىگەن سۆزنى قىلىپتۇ ،
ئالدىنقى كۈنى ئوغلۇم كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋىتىپ ،بىر كۈنلىك پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىگەن ، دادىسىغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشتىن ئىبارەت جەرياننى يېزىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ، سەۋەبىي دەل مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئاشۇ بىر جۈملە تەنبىھ -تەنقىدى بوپتۇ .
تۇرۇپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى ،كۈندىن كۈنگە جان باقماق تەسلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى جەمىيئەتتە ،ئوغۇل بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىتىلدۇرۇش  ، ھەم دادىسى بىلەن بىرلىكتە سىرتقى دۇنيا بىلەن كۆپىرەك ئۇچۇرشۇپ ،ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنى داۋاملىق دادىسىغا ياردەملەشتۈرۈپ كېلىۋاتقىنىمىز راست .
ئوغلۇم تۆت ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپ داۋاملىق دادىسى بىلەن بىرگە يۈرىيدۇ ، ئۇنىڭ ھەم بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز بەدىلىگە ، بۇ يىل ئون ياشتىن ئاشقان ئوغلۇمدا ئالدى بىلەن جاپاغا چىداش روھى غەلبىلىك يېتىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم دەرىجىدە سودا ئېڭىمۇ پەيدا بولدى ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئاچقان بانكا ھېساۋاتىدا مەلۇم مىقداردا شەخسىي جوغلانمىسىمۇ يوق ئەمەس ،
مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ، يالغۇز قالغاندا قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ، تەڭ ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن كۆز قاراشلىرى بار .
دادىسى يېنىدا بولمىغان شارائىتتا دۇكاندا خېرىدارلار بىلەن لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشىپ ، بەزىدە يۇقىرى ئونمىڭ سومدىن ، تۈۋىنى ئۈچ مىڭ سومغىچە بولغان سودىلارنى خاتاسىز قىلالايدۇ ، ھېساۋاتتا ئازغانلىق تارىخ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىدى .
ئوغلۇمنىڭ ئەڭ پەخىرلىندىغان ، ھەم چوڭ كۆرىدىغان ئادىمى دەل دادىسى ، ئۇ مۇشۇ يېشىغىچە ، دادىسىنىڭ «سەي » ساتىدىغانلىقىدىن نۇمۇس ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۆزىنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ يۈرىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى ،
بىراق نالايىق مۇئەللىمنىڭ مەسىلىنىڭ ماھايىتىنى تەھلىل قىلماي مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن چىقارغان يەكۈنى ، ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە تۇيۇقسىز قارا چىكىتتىن بىرنى قويغانلىقى غەزىۋىمنى قوزغىماي تۇرالمىدى .
ياخشى ئوقۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ، مۇئەللىمنىڭ كەپسىزلىك قىلغان بالامغا تەربىيە بېرىشىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەق ئىش .
بىراق بالىنىڭ قەلبىدە دادىسىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان سۆزنى قىلىش قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان چاكىنىلىق ، بۇ بىۋاستە شۇ مۇئەللىمنىڭ كىشلىك دۇنيا قارىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ .
ئوقۇتقۇچى قانداق ئىنسان ؟ ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى .

ئۇنداقتا بۇ روھىي ئىنژىنىرنىڭ ئوغلۇمغا داداڭدەك «سەي »ساتىسەن دىگىنىنى قانداق چۈشەنسەم بولا! ئالدى بىلەن «سەي»دىگەن بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇنى ،« كۆكتات »دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم ، چۈنكى ئانا تىلىمىزدا بۇنىڭغا ئېنىقلىما بار ئەمەسمۇ .
ئەمدىكى قەدەمدە ، مۇئەللىمدىن سورايدىغىنىم ، كۆكتات سېتىش ، نۇمۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ؟ ئۇ ئوغۇرلۇقمۇ ، بۇلاڭچىلىقمۇ ؟ ئوغلۇمنىڭ دادىسى ياخشى ئوقىمىغانمۇ ؟ جەمىيئەتتىكى كەسىپلەرنىڭ ئېسىل ناچارلىق ئۆلچەم چېكى بارمۇ ؟
ئوقۇغۇچىڭىز ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە قاندىقىراق كەسىپ بىلەن شوغۇللانسا سىزچە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ ؟
نۆۋەتتە ئوقو -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ساپا مائارپنىڭ تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ، سىزگە دەرىسلەردە ئۆلۈك تولۇق نۇمۇر ئالدىغان ئوقۇغۇچى بىلەن  ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى لازىم ؟
كەلگۈسىدە دۆۋلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا باغلىنىپ قالدىغان ، ئۇنىڭغا يېتىشەلمىسە ئائىلىدە ئاتا -ئانىسىغا ، سىرتتا جەمىيئەتكە يۈك بولدىغانلارغا قارىغاندا ، مەكتەپتىن چىقىپلا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغانلارنىڭ قايسى ياخشى؟
بىزنىڭ ئىككى پەرزەنتىمىز بار ، بىز ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۈيىمىزدىن خېلىلا يىراق بولغان مەكتەپكە بېرىشقا جان دەپ رازى بولغان ، سەۋەبىنى بىلەمسىز مۇئەللىم ؟
ئىككى بالام كۈندە ئاز دىگەندىمۇ سەككىز كېلومىتىر مۇساپىنى بېسىپ  ئالدىڭلارغا ئوقۇغىلى بارىدۇ ، تاڭ سەھەردە بالىلارنى مەكتەپكە كېچىكتۈرمەي يەتكۈزۈش ئۈچۈن دادىسى ئىككىمىز ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز ،
كۈندە يېرىم سائەت بولسىمۇ كۆپىرەك ئۇخلىۋىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ، تاتلىق ئۇيقىسىنى قويۇپ ، مەكتەپ ئىنتىزامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ ، ھازىر كۈندىن كۈنگە ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى ، ئۈرۈمچىنىڭ كېلماتى كۆرىنەرلىك تۈۋەنلەپ يىلدىكىدىن بۇرۇن قار چۈشۈپ كەتتى ، بىراق بىز يەنىلا كېچىكمەسلىككە تىرىشىمىز . قاتناش قىستاڭچىلىقى جانغا تىگىدىغان چوڭ مەسىلە ، مەكتەپكە ۋاقتىدا يېتىش ئۈچۈن قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت ، بىراق بىز رازى ، بارلىق كۈچىمىز بىلەن تېرىشىۋاتىمىز ، سەۋەبىي بەك ئاددى مۇئەللىم ، پەققەت بىرلا ، چۈنكى مەكتىۋىڭلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنىپلار تەسىسى قىلىنغان ، ھېچ بولمىغاندا ساقلاپ قېلىنغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيىنىمىز مۇئەللىم !
بەلكىم بالام كەپسىزدۇ ، ئۇيۇن قېپىدۇ . بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىڭىزنى ئىشلەپ كەلمىگەن يەرلىرىمۇ باردۇ، بىراق نەتىجىسى ئۈمۈدسىزلەنگۈدەك دەرىجىدە تۈۋەن ئەمەس . سىنىپنىڭ بەك ئالدى بولمىسىمۇ ، يەنىلا  كۆڭۈلدىكىدەك دىيىشكە بولدۇ ،
چۈشىنەلمىدىم مۇئەللىم ، بىز بالىلارنى سىلەرگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ، يىتەرسىزلىكلىرىنى ھامان ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يىتەكلىشىمىز كېرەك ئىدىغۇ !
دادىسىنىڭ ئۇستازى تەرپىدىن كەمسىتىلىشى ، كىچىك بالىنىڭ يۇمران قەلبىدە قانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ يەنە بىر مەسىلە ، بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىسىنى يېتىلدۇرۇشنىڭمۇ ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز ؟
بالامنى مۇستەقىل ياشاشقا ئۆگۈتـۈش ئۈچۈن ، تىجارەتكە ياردەملەشتۈرگەن بىز خاتا قىلدۇقمۇ ؟ ياكى تەربىيەنى توغرا قىلالماي دوۋلەتكە باج تاپشۇرۇپ قىممەت يارتىۋاتقان دادىنى كەمسىتىپ چىشلەپ تارتقان سىز خاتا قىلدىڭىزمۇ ؟

ansar514 2011-10-31 15:18
بۇ جەميىتىمىزنىڭ مائارىپ يۇنىلشىگە مەنمۇ ئازراق نارازى.بىزنىڭ يۇرتلىرمىزدىكى باللارنىڭ دەرىسلىكلىرنى بىر ئىغىز ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغان خەنزۇ ئوقوتقۇچىلار بىررىدۇ دىسە؟. قوش تىل دىسىمۇ ئۇنىڭدا ئانا تىل ئەلۋەتتە بارغۇ؟ يەنە كىلىپ باللارنىڭ پىسخكىسقا ماس كىلەمدۇ شۇ قوشتىل؟ مىنىڭچە (مەنمۇ مائارىپ كەسپىدە ئوقوغان)بۇ قوش تىل باللارنىڭ بوغچىسىنى كۆپەيتىپ ئۇلارغا ئەركىن تەپەككۇر قىلىش موھىيتىنى چەكلەپ قويدۇ. مەنمۇ يەنلا بۇرۇنقىدەك ئاساسى پەنلەر نىڭ ئانا تىلدا مەخسۇس خەنزۇتىلى دەرىس تەسىس قىلىپ يىزىق ئىغىز مەشقى ۋە لوغەت تۇرلىرى بويچە تىربىيلەش ئىلىپ بارسا دەيمەن.(بىز كەسىپنى شۇنداق ئۇگەنگەن ئۇنمى بەكلا ياخشى ھەم تىز بولغان)

يەنە كىلىپ مەكتەپلەردە ھەقىيقى ئۆزىنى مىللتىمىزنىڭ  كەلگۇسىنىڭ ئىنژىنىرلىرى دەپ ھىس قىلدىغانلاردىن قانچىسى باردۇ دەيمەن.ھىس قىلاي دىسىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىچارە مۇئەللىملەرنىڭ ئۇنۋارسال دەرىس ئۆتۇشلىرى ئۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيدۇ.ھەپتىسىگە تەخمىنەن 18سائەت دەرىس ئۆتىدۇ،ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىخى.(بىزنىڭ يۇرتتا )

xahla91 2011-10-31 15:50
قوش تىل دىسە مېنىڭمۇ نېرۋام قىرىق گەز ئۈچىدۇ ،بالىلار ئىنىقلا ھەممىنى ئۆلۈك ياتلايدۇ ، ئوغلۇمغا نەچچە قېتىم دىدىم ، دەرىسلىكنى مۇئەللىم ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن  ئۇيغۇر تىلىدا بىر چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىل دەپ ، بىراق ئوغلۇم ئۇنداق قىلالمىدى ، مۇئەللىمىدىن قوقتى ، ئۇنى دەپ كەلسەم ، ئېنىقلا مۇئەللىم بولغۇچى بىزگە جىق  دەرىسلىك پىلان سىتاستىكىسىنى  پەش قىلىدۇ .
ئۇلارنىڭ ۋاقتى بەك قىممەتلىك ، دەرىسلىك پىلاندىن كېچىكسە بولمايدۇ ،
بىراق بىزنىڭ بالىلىرىمىزچۇ ، ئۇلارنىڭ ھاياتى مۇشۇنىڭ بىلەن نابۇت بولىۋاتىدۇ ، بىچارىلەرچە بىر سائەت پاقا تەشكەن تۆشۈكتەك مۇئەللىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ ، ئىمتىھانلاردىن چالا ياتلاپ ئۆتۈپ ، يا چۈشەنمىگەن ئۇ نىمىلىرىنى ،

kuwruk 2011-10-31 16:50
ساپاسىز ئۇقۇتقۇچى ،،،،،ئىكەن،،،بۇ،،،،،!!!!!!!!!!

مىسكىن 2011-10-31 17:01
ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى يوق نىمىكەن ئۇ ،ئون ياشقا كىرگەن بالىغىمۇ شۇنداق گەپ قىلامدۇ؟ كۆكتات ساتقان شۇنچە يامان نومۇسلۇق ئىشمۇ؟ كۆكتات يىمەي سامان يەپ چوڭ بولغان مەلىم ئوخشايدۇ.

كۆكئاي 2011-10-31 17:16
ھەر يەنىڭ ئۇخشىمايدىكەندە

بىزنىڭ بۇيەردە بولسا ئاتاڭدەك كەتمەن چاپىسەن دەيدۇ.

oylinish 2011-10-31 18:01
دەرس ئۆتۈۋېتىپ سىنىپ ئىچىدىلا تاماكا چېكىدىغان ئوقۇتقۇچىغا قانداق باھا بەرسەك بولار؟   مېنىڭ شۇنداق ئوقۇتقۇچىم بار.

era13 2011-10-31 19:22
مەخسەت ئېنىق ، نېشان ئۇزاق، كەلگۈسى پارلاق........

nazli0998 2011-10-31 20:55
قۇش تىللىق مائارىپ دەپ بىز گە نىمە جاپا .............
ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىمۇ  ئۇيغۇر ، سۆزلەۋەتقان ئۇقۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇر ئىغىزدىن چىقىۋاتقىنى
باشقا مىللەتنىڭ تىلى ......................



ئادەم دىگەن نىمە ئىش قىلسا قىلسۇن ھاللال ئىشلەپ پۇل تاپقان دىكىن بولمىدىمۇ ؟؟؟؟
ھەي....!!!!! كىشىلەرنىڭ  دۇنيا قارشى ئوخشىمايدۇدە !
بەك دىگۈسى كەپ كەتسە ياخشى ئوقۇمىساڭ جاپادا قالسەن دىسىلا بولمىدىمۇ !!!

natsist 2011-10-31 21:20
ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسى

general 2011-10-31 21:46
<ئاتاڭ بىلەن ئۇستازىڭنىڭ نامىزى بىرلا ۋاقىتتا بولۇپ قالسا،ئاۋال ئۇستازىڭنىڭ نامىزىغا بېرىشىڭ كېرەك> دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا خەلقىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى ھۆرمەت تۆرىگە كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.ئەپسۇس،ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي...

amanxa 2011-10-31 22:44
ئۇلار دەرس ئۆگىنەمدۇ ياكى تىلمۇ؟ مۇشۇنى ئويلىسىلا  ھەي.............

muslima32 2011-11-01 02:17
تۆۋە ھەر باشلىقلارنىڭ،سودىگەرمىليۇنىرلارنىڭ  بالىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەتىجىسى ناھايتى تۆۋەن ئەخلاقىمۇ ئانچە ياخشغى بولمايدىكەن ،ئۇمۇئەلىملەر ئۇللارنىڭ بالىلىرىنى چوڭ بولغاندا داداڭغا ئوخشاش باشلىق بولامسەن،داداڭغا ئوخشاش مىليۇنىر بولامسەن دەپ تىللامدىغاندۇ ،زادى ئۇللارنىڭ بالىلىرنى نىمە دەپ تىللايدىغاندۇ،يا ئۇلارغا خوشامەت قىلىپ ئۇللارنى تىللىمامدىغاندۇ يە،

ياۋاگۈل 2011-11-01 13:21
تېمنمۇ ئۇقۇدۇم دىمسمۇ ئۇ ،ئۇقۇتقۇچنىڭ تەنقىدى توغرا بولماپتۇ، بىراق  ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار ئوخشاش ئەمەس بالىلارغا ياخشى تەربىيە بىرىدىغان ھەتتا ھېچنىمە بىلمەيدىغان ئۇقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۇرۇپ ئۇلارنى يىتەكلەيدىغان ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس.

ياۋاگۈل 2011-11-01 13:26
مەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام ھەپتىدە 21 سائەت دەرس بىرىمەن ، تاپشۇرۇق تەكشۇرمەن ،3خىل دەرس تەييارلايمەن  راس گەپنى قىلسام ھازىر بالىلارنىڭ ئۆگۇنۇشگە كۇڭۇل بۇلۇش بەك ئاز ،بىز پەقەت شەكىلنى قوغلشىمىز،

fatih204 2011-11-01 14:26
ھەر ھالدا داڭداڭغا ئوخشاش سەي ساتىسەن دىگەن سوز مىنىڭچە داداڭغا ئوخشاش باشلىق بولىسەن دىگەن سوزدىن يېقىملىق ،،،  چۇنكى سەي ساتىسەن دىسە بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە ئوز ئەجرىگە تايىنىپ كۇن ئالىدىغان ، ھالال ياشايدىغان بىرى يادىغا كېلىدۇ ،،  باشلىق دىگەن سوز چىقسا پارىخور بولىدىغان ئوخشايسەن دەپ چۇشىنىدۇ بالىلار ،،،،

nazli0998 2011-11-01 22:05
باشلىق بولسىلا  پارخور بولام دىكەن ...؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ باشلىقلارنىڭ ،بايلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ
ناچار ، ئەخلەقسىز  بوپ كىتىشى ناتايىن .............

saifulla 2011-11-01 22:20
مەن قەتئى قارشى!!!  كىچىك بالىدا نەدە ئۇنچىكىك جىق ئويلانغۇدەك كاللا بولسۇن. ...  شەھلاغا تەسەللى بېرىۋاتامسەن يا؟  

ئەلى 2011-11-01 22:29
ۋوي  با  دەيمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك سودىنى قىلالايدىغان 10 ياشلىق بالىدا ئۇنداق كاللا  ئەمەس،ئۇنىڭدىنمۇ ئاشىدىغان كاللا بار.مۇئەللىمنىڭ ئۇ گىپى بۇ بالىغا بەك تەسىرمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.چۈنكى كىچىكىنلا شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن،قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ توغرىلىقىنى بىلىدۇ

saifulla 2011-11-01 22:45
ئەگەر فاتىخ دىگەندەك بولغان بولسا...

      (   دادىسىغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشتىن ئىبارەت جەرياننى يېزىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ) 
                                                                                                                               بۇنداق بولمايتتى.ئۇياشتىكى باللا  باشلىق بىلەن كۆكتات ساتقۇچىنى بىريەرگە قويسا باشلىقنى چوڭ بۈلىدۇ ئەلۋەتتە.  ھىلىغۇ 10 ياشلىق بالىكەن 30~~40 قا كىرىپ قىلپمۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي يۈرىۋاتقانلار بارتۇرسا، شۇڭا فاتىخنىڭ دىگىنى ئەمەلىيەتكە قەتئى ئۇيغۇن ئەمەس.مەن قارشى

xahla91 2011-11-02 00:22
ئىنىقكى ئوقۇتقۇچى بالامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ، مۇتلەق كەمسىتىش مەنىسىدە ،«ياخشى ئوقىمىساڭ ، داداڭسەك سەي ساتىسەن» دىگەن .
بىراق تۈنۈگۈن مەن مۇئەللىم بىلەن كۆرەشمەكچى بولسام ، ئوغلۇم ، مەن يەنە بۇ مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇيمەن ، كۆرەشسىڭىز ، مۇئەللىم سىز كەتكەندىن كىيىن ،ئاپاڭغا دەپسەن دەپ مېنى يەنە تەنقىدلەيدۇ ، مۇئەللىم نىمە دىسە دىسۇن ، قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلىمەن ، ماڭا ئىش تاپماڭ ، قايتىپ كېتىڭ دەپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن يامانلىتىپ قايتۇردى.
ئۇنىڭ خاتىرىگە يازغىلى ئۇنىماسلىقى ، نۇمۇس قىلغانلىقى ئەمەس ، بەلكى ئا دۆت مۇئەللىمنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن بىزار بولغانلىقىدىن بولدى .

maniwer2010 2011-11-02 00:40
ھىندىستاننىڭ «سەرگردان» فىلىمىدە  < ئوغرىنىڭ بالىسى ئوغرى بولىدۇ ،سوتچىنىڭ بالىسى سوتچى بولىدۇ> دىگەن گەپ بار ئىدى ،شۇ سۆز ئېسىدە قالغان مۇالىممۇ نىمە ،ئۇ .

fatih204 2011-11-02 13:15
مەن بۇنى بىر خەنزۇچە نوتۇقتىن ئاڭلىغان ،، دىمەكچى بولغىنى باشلىقلارنىڭ بەرگەن ئوبرازى ياخشى ئەمەس ،، كۇندە تىلۋۇزۇردا ، ئويدە نەدىلا بولسا پارىخورلۇق ، خىيانەت سوزلىرى ھەممە يەرنى قاپلىغان ،، بالىلار ئەڭ راست گەپ قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە نىمە كەلسە شۇنى ئىيتىدۇ ،،،،  ئەمما بۇنىمۇ مۇتلەق دىگىلى بولمايدۇ ،،،
باشلىق بولسىلا شۇنداق بولامدىكەن ؟؟؟   جاۋابىم ،، ئەگەر ھازىرقى باشلىقلارنىڭ ھەممىنى ئاۋال تۇرمىگە ئېلىپ ، ئاندىن مەسلىسىنى ئادىل ھەققانى كىشىلەر ئېنىقلاپ كەلسە ، قانچىلىك پاك بوپ ئاخلىنىپ چىقار ؟؟؟؟ يۇزدىن بىرى ئوتۇپ كەتسە 5 چىقار ،، بۇ 5شىمۇ ساپ ئاقمايدىغان مۇئاۋىن توۋەن ئەمەلدىكىلەر بولىشى مۇمكىن ،،  
مەن باشلىق باينىڭ بالىسىنى ناچار دىمىدىم ،، ئەمما شۇ ھارامدىن تاپقان دۇنيادا ئوسكەن بالىلاردىنمۇ ياخشى بالىلارنىڭ چىقىشىنى سەل تەس دەپلا بىلىمەن ،، بۇنداق ئىسىل بالىلارنى مەنمۇ ئۇچراتقان ،، لىكىن كىبىر ، كىشىلەرنى تەبىقىگە بولۇپ مۇئامىلە قىلىش يانىلا سىڭىپ كىتىدىكەن ،،، لىكىن ئەبۇ جەھىلنىڭ نەسلىدىن ئىكرەمەنى چىقىرىشقا قادىر ئاللاھ ، شۇلار ئائىلىسىدىنمۇ ھەقكە خىزمەت قىلىدىغانلارنى چىقىرىشى ئاللاھنىڭ ھىكمىتىگە ئۇيغۇن ئىش

pirate 2011-11-03 19:06
شۇنداقمۇ   

راس راس ياخشىلىرمۇ چىقىپ قالدۇ. مەسلەن...


查看完整版本: [-- داداڭغا ئوخشاش سەي ساتىسەن (شەخلا) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047173 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us