باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2426 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: داداڭغا ئوخشاش سەي ساتىسەن (شەخلا)
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 578
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە578دانە
ئۆسۈش: 1935 %
مۇنبەر پۇلى: 7413 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-31 13:50

داداڭغا ئوخشاش سەي ساتىسەن (شەخلا)

ئون ياشلىق ئوغلۇمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىكى ، «دادامغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشىپ بەردىم »دىگەن باياننى كۆرگەن مۇئەللىم ، ئوغلۇمغا «ياخشى ئوقىمىساڭ ،داداڭدەك سەي ساتىسەن »دىگەن سۆزنى قىلىپتۇ ،
ئالدىنقى كۈنى ئوغلۇم كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋىتىپ ،بىر كۈنلىك پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىگەن ، دادىسىغا ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىشتىن ئىبارەت جەرياننى يېزىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ، سەۋەبىي دەل مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئاشۇ بىر جۈملە تەنبىھ -تەنقىدى بوپتۇ .
تۇرۇپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى ،كۈندىن كۈنگە جان باقماق تەسلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى جەمىيئەتتە ،ئوغۇل بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىتىلدۇرۇش  ، ھەم دادىسى بىلەن بىرلىكتە سىرتقى دۇنيا بىلەن كۆپىرەك ئۇچۇرشۇپ ،ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنى داۋاملىق دادىسىغا ياردەملەشتۈرۈپ كېلىۋاتقىنىمىز راست .
ئوغلۇم تۆت ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپ داۋاملىق دادىسى بىلەن بىرگە يۈرىيدۇ ، ئۇنىڭ ھەم بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز بەدىلىگە ، بۇ يىل ئون ياشتىن ئاشقان ئوغلۇمدا ئالدى بىلەن جاپاغا چىداش روھى غەلبىلىك يېتىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم دەرىجىدە سودا ئېڭىمۇ پەيدا بولدى ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئاچقان بانكا ھېساۋاتىدا مەلۇم مىقداردا شەخسىي جوغلانمىسىمۇ يوق ئەمەس ،
مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ، يالغۇز قالغاندا قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ، تەڭ ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن كۆز قاراشلىرى بار .
دادىسى يېنىدا بولمىغان شارائىتتا دۇكاندا خېرىدارلار بىلەن لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشىپ ، بەزىدە يۇقىرى ئونمىڭ سومدىن ، تۈۋىنى ئۈچ مىڭ سومغىچە بولغان سودىلارنى خاتاسىز قىلالايدۇ ، ھېساۋاتتا ئازغانلىق تارىخ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىدى .
ئوغلۇمنىڭ ئەڭ پەخىرلىندىغان ، ھەم چوڭ كۆرىدىغان ئادىمى دەل دادىسى ، ئۇ مۇشۇ يېشىغىچە ، دادىسىنىڭ «سەي » ساتىدىغانلىقىدىن نۇمۇس ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۆزىنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ يۈرىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى ،
بىراق نالايىق مۇئەللىمنىڭ مەسىلىنىڭ ماھايىتىنى تەھلىل قىلماي مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن چىقارغان يەكۈنى ، ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە تۇيۇقسىز قارا چىكىتتىن بىرنى قويغانلىقى غەزىۋىمنى قوزغىماي تۇرالمىدى .
ياخشى ئوقۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ، مۇئەللىمنىڭ كەپسىزلىك قىلغان بالامغا تەربىيە بېرىشىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەق ئىش .
بىراق بالىنىڭ قەلبىدە دادىسىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان سۆزنى قىلىش قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان چاكىنىلىق ، بۇ بىۋاستە شۇ مۇئەللىمنىڭ كىشلىك دۇنيا قارىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ .
ئوقۇتقۇچى قانداق ئىنسان ؟ ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى .

ئۇنداقتا بۇ روھىي ئىنژىنىرنىڭ ئوغلۇمغا داداڭدەك «سەي »ساتىسەن دىگىنىنى قانداق چۈشەنسەم بولا! ئالدى بىلەن «سەي»دىگەن بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇنى ،« كۆكتات »دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم ، چۈنكى ئانا تىلىمىزدا بۇنىڭغا ئېنىقلىما بار ئەمەسمۇ .
ئەمدىكى قەدەمدە ، مۇئەللىمدىن سورايدىغىنىم ، كۆكتات سېتىش ، نۇمۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ؟ ئۇ ئوغۇرلۇقمۇ ، بۇلاڭچىلىقمۇ ؟ ئوغلۇمنىڭ دادىسى ياخشى ئوقىمىغانمۇ ؟ جەمىيئەتتىكى كەسىپلەرنىڭ ئېسىل ناچارلىق ئۆلچەم چېكى بارمۇ ؟
ئوقۇغۇچىڭىز ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە قاندىقىراق كەسىپ بىلەن شوغۇللانسا سىزچە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ ؟
نۆۋەتتە ئوقو -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ساپا مائارپنىڭ تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ، سىزگە دەرىسلەردە ئۆلۈك تولۇق نۇمۇر ئالدىغان ئوقۇغۇچى بىلەن  ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى لازىم ؟
كەلگۈسىدە دۆۋلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا باغلىنىپ قالدىغان ، ئۇنىڭغا يېتىشەلمىسە ئائىلىدە ئاتا -ئانىسىغا ، سىرتتا جەمىيئەتكە يۈك بولدىغانلارغا قارىغاندا ، مەكتەپتىن چىقىپلا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغانلارنىڭ قايسى ياخشى؟
بىزنىڭ ئىككى پەرزەنتىمىز بار ، بىز ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۈيىمىزدىن خېلىلا يىراق بولغان مەكتەپكە بېرىشقا جان دەپ رازى بولغان ، سەۋەبىنى بىلەمسىز مۇئەللىم ؟
ئىككى بالام كۈندە ئاز دىگەندىمۇ سەككىز كېلومىتىر مۇساپىنى بېسىپ  ئالدىڭلارغا ئوقۇغىلى بارىدۇ ، تاڭ سەھەردە بالىلارنى مەكتەپكە كېچىكتۈرمەي يەتكۈزۈش ئۈچۈن دادىسى ئىككىمىز ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز ،
كۈندە يېرىم سائەت بولسىمۇ كۆپىرەك ئۇخلىۋىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ، تاتلىق ئۇيقىسىنى قويۇپ ، مەكتەپ ئىنتىزامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ ، ھازىر كۈندىن كۈنگە ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى ، ئۈرۈمچىنىڭ كېلماتى كۆرىنەرلىك تۈۋەنلەپ يىلدىكىدىن بۇرۇن قار چۈشۈپ كەتتى ، بىراق بىز يەنىلا كېچىكمەسلىككە تىرىشىمىز . قاتناش قىستاڭچىلىقى جانغا تىگىدىغان چوڭ مەسىلە ، مەكتەپكە ۋاقتىدا يېتىش ئۈچۈن قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت ، بىراق بىز رازى ، بارلىق كۈچىمىز بىلەن تېرىشىۋاتىمىز ، سەۋەبىي بەك ئاددى مۇئەللىم ، پەققەت بىرلا ، چۈنكى مەكتىۋىڭلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنىپلار تەسىسى قىلىنغان ، ھېچ بولمىغاندا ساقلاپ قېلىنغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيىنىمىز مۇئەللىم !
بەلكىم بالام كەپسىزدۇ ، ئۇيۇن قېپىدۇ . بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىڭىزنى ئىشلەپ كەلمىگەن يەرلىرىمۇ باردۇ، بىراق نەتىجىسى ئۈمۈدسىزلەنگۈدەك دەرىجىدە تۈۋەن ئەمەس . سىنىپنىڭ بەك ئالدى بولمىسىمۇ ، يەنىلا  كۆڭۈلدىكىدەك دىيىشكە بولدۇ ،
چۈشىنەلمىدىم مۇئەللىم ، بىز بالىلارنى سىلەرگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ، يىتەرسىزلىكلىرىنى ھامان ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يىتەكلىشىمىز كېرەك ئىدىغۇ !
دادىسىنىڭ ئۇستازى تەرپىدىن كەمسىتىلىشى ، كىچىك بالىنىڭ يۇمران قەلبىدە قانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ يەنە بىر مەسىلە ، بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىسىنى يېتىلدۇرۇشنىڭمۇ ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز ؟
بالامنى مۇستەقىل ياشاشقا ئۆگۈتـۈش ئۈچۈن ، تىجارەتكە ياردەملەشتۈرگەن بىز خاتا قىلدۇقمۇ ؟ ياكى تەربىيەنى توغرا قىلالماي دوۋلەتكە باج تاپشۇرۇپ قىممەت يارتىۋاتقان دادىنى كەمسىتىپ چىشلەپ تارتقان سىز خاتا قىلدىڭىزمۇ ؟
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-01 22:29

17-قەۋەت (saifulla) نىڭ يازمىسىغا

ۋوي  با  دەيمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك سودىنى قىلالايدىغان 10 ياشلىق بالىدا ئۇنداق كاللا  ئەمەس،ئۇنىڭدىنمۇ ئاشىدىغان كاللا بار.مۇئەللىمنىڭ ئۇ گىپى بۇ بالىغا بەك تەسىرمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.چۈنكى كىچىكىنلا شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن،قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ توغرىلىقىنى بىلىدۇ
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!