باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1758 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: قوي سويۇشنى ئۈگۈنۈڭ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
ئۆسۈش: 4550 %
مۇنبەر پۇلى: 23008 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-11-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 11:41

قوي سويۇشنى ئۈگۈنۈڭ

قوي سويۇشنىڭ ئابىستىراكىت دەرىسلىكى

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم كەڭساي ئەھلى، قۇربان ھېيىتقىمۇ ئاز قاپتۇ مانا. ئابىستىراكىت بولسىمۇ قوي سويۇشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. ئەركەكلەر ئوبدان كۆرۈڭلار ھە 

سۇئال_ جاۋاپ تەرىقىسىدە باشلاپ كەتتىم ئەمسە.


1_سۇئال: تاھىربەگ ئۇستام، قوي دىگەن نىمە؟

جاۋاپ:ۋۇ دۆت، شۇنىمۇ بىلمەمسەن.  قوي دىگىنىمىز، ھە، قوي دىگىنىمىز،  ھالال ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،تۆت پۇتلۇق،  ئۆزى يۇڭلۇق، جۇغى ئۆچكىدىن سەل چوڭراق، كالىدىن كىچىكرەك، ئاچا تۇياقلىق، بەزىللىرىنىڭ مۈڭگۈزى بار، بەزىللىرىنىڭ يوق، ئۆزى يۇۋاش بىر ھايۋان.

رەسىم:  قوي







  2_سۇئال: قانداق ۋاقىتتا قوي سويىمىز ؟

جاۋاپ: قۇربان ھېيىتتا ، گۆش لازىم بولغاندا قوي سويىمىز .
 

3_سۇئال:قوي سويۇشقا نىمىلەر لازىم بولىدۇ؟

جاۋاپ: قوي، شۇ قوينى سويالىغىدەك بىجرىم ئەركەك، قوينىڭ پۇتىنى بوغىدىغان تانا، ئىتتىك پىچاق،  قوينى ئاسىدىغان ئىلغا(چەپرەس)، ئۆپكە_ھىسىپ، ئىچ باغچىنى قويىدىغان داس_تەلەڭگە، پات پات قولنى يۇيۇپ تۇردىغانغا ئىسسىق تەڭشەلگەن سۇ، قولنى ئېيتىدىغان لۆڭگە ۋەھاكازالار.

4_سۇئال:قۇربانلىقنىڭ قانداق ئەھكاملىرى بار؟

جاۋاپ: بۇنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن كۆرۋىلىڭ.

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (1-قىسىم)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (2-قىسىم)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (3-قىسىم)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(4-قىسىم)

مۇسۇلمانلار بىلىشكە تىگىشلىك مەسىللەر يۇقارقىسى، ئوبدان ئوقۇپ، شۇ بويۇنچە قىلىشقايلا.


5_سۇئال: قوي سويۇشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن تاھىربەگ ئۇستاز.

جاۋاپ:بۇ سۇئالنى ناھايىتى ياخشى سورىدۇڭ. قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغىن.
ئەۋۋەل تاھارەت ئېلىۋالىمىز. كىيمىڭنى كونىراق كىيىمگە ئالماشتۇر، بولمىسا ھېيىتلىق كىيمىڭگە قان چاچىراپ مەينەت بوپ كىتىدۇ. ئاندىن پىچاقنى ناھايىتى ئىتتىك قىلىمىز. كۆپ بىلەيلەيمىز. ئاندىن  ئېغىلدىن قوينى يىتىلەپ چىقىپ، پاكىز بىر يەرگە ياتقۇزىمىز. پۇتلىرىنى تانا بىلەن چىڭ بوغىمىز. بېشىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىمىز. تەكىبىر بىلەن قوينى بوغۇزلايمىز. پىچاقنى قوينىڭ بۇغدىيىكىگە سۈرىمىز. تىز سۈرئەتتە سۈرىمىز. ھەرە تارىتقان كەبى غارتىلدىتىپ تارىتساڭ بولمايدۇ. قاننى تولۇق ئېقىتىپ بولۇپ، قوينىڭ بېشىنى ئارقىغا قايرىساق بىشى بىلەن بەدىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان سۆگەڭ ئايرىلىپ يۇلۇنى كۆرىنىدۇ. يۇلۇنىنى ئۈزۋىتىمىز.
تولۇق جېنى چىقىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆرە تۇرغان ھالىتىدىكى ئارقا ئوڭ پۇتىنى ئاۋايلاپ تىشىپ، پۈۋلەشكە باشلايمىز. پۈۋلىمىسەك گۆش قىزىل،بىرخىل سەت  چىقىپ قالىدۇ. پۈۋلىگەندە ھەممە يېرىگە يەلنى تولۇق ماڭدۇرمىز. ئەمما پۈۋلەپ ئېتىۋىتىشكە بولمايدۇ (ھى ھى ، مۇشۇ ۋاققىچىغۇ بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم). ئىشقىلىپ بەك كۈچەپ كەتمەڭ، باشقىچە ئاۋازلاز چىقىپ كەتمىسۇن، ئەتراپىڭىزدا ئادەم بولسا سەت تۇرىدۇ.
ئاندىن پۈۋلەش ئۈچۈن تەشكەن يەرنى چىڭ تۇتۋىلىپ، پىچاقنى ئېلىپ تۆش تەرپىدىن باشلاپ ئاۋۋايلاپ تۇرۇپ كاسسىغىچە تېرىسىنى يېرىۋالىمىز.  ئاندىن ئالدىرماي تېرىسىنى گۆشتىن ئاجىرتىمىز. تېرىنى كىسىۋالماي، گۆشنى تېرىگە چىقىرۋەتمەي بەكلا ئاۋۋايلايمىز. ئىككىلا تەرەپنىڭ تىرىسىنى پاكىز ئاجىرتىپ بولغاندىن كىيىن كاناي بار يەردىكى گۆشنى ئىككىگە بۆلۈپ، كاناينى چىقىرۋالىمىز، بەك ئېھتىيات قىلىڭ. كاناينىڭ ئاستىغا چاپلانغان قىزىل ئۆڭكەچنى تارتىپ چىقىرىپ، چىڭ بوغىۋىتىمىز. بۇ يەرنى بوغۇشنى ئۇنتۇپ قالساق، قوينى ئاسقان چاغدا ئاشقازىندىكى بارلىق ئالامەتلەر تۆكۈلۈپ، ھەممە يەرنى بۇلغايدۇ. بوغۇپ بولۇپ، قوينىڭ كاللىسىنى تىنىدىن ئايرىپ ئېلىۋىتىمىز. ئاندىن قوينى تەييارلىغان ئىلغىغا ئاسىمز.
ئاندىن قۇيرۇق تەرپىدىن باشلاپ، تېرىسىنى گۆشتىن چورىتلا ئاجىرتىپ ئېلىپ، يانغا تاشلاپ قويىمىز.   قورساق تەرپىدىن باشلاپ ئالدىرماي يارىمىز تۆش تەرەپكىچە. بەكلا ئاۋۋايلاڭ. بولمىسا قېرىنىنى، ياكى ئۈچەينى كىسىپ قويسىڭىز ، ئىچىدىكى ئالامەتلەر چىقىپ كىتىپ،گۆشنى بۇلغىۋلىسىز. ئاندىن ئاۋۋايلاپ ئىش قارنىنى ئالىمىز. ئاۋۋال قېرىننى، ئاندىن ئاچچىق ئۈچەينى، ئاندىن تاتلىق ئۈچۈينى، ئاندىن ئۆتنى، ئاندىن ئۆپكىنى ئالىمىز، تۈگىدى.
مانا مۇشۇنداق ئاددى . قېنى ئەمسە كەڭسايدىكى ئەركەكلەر قولغا پىچاقنى ئېلىپ، بۇ يىلىقى قۇربانلىق قوينى سويۇش ئۈچۈن ئالغا !!!  



ھېيىت ۋاقتى كەلگەندە خېلى چوڭ، بىجىرىم ئەر كىشىلەرنىڭ قوي سويالماسلىقى، ھەتتا قوينى بوغۇزلىغاندا قىز بالىدەك كۆزىنى قولى بىلەن ئىتىۋىلىشى ياكى باشقا ياققا قارىۋىلىشى كۆڭلۈمنى بەكلا غەش قىلىدۇ. توخۇ بوغۇزلاپ باقمىغان ئەركەكلەر كۆپىيىپ كىتىپتۇ. چوڭلار بۇنداق بولسا، بۇندىن كىيىنكى كىچىكلەر نىمە بولماقچى؟  بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ جۈرئەرلىك، قورقماس قىلىپ تەربىيلىمىسىڭىز، چوڭ بولغاندا خېنىم مىجەز، لاتا_غىلاپ، قاندىن قورقىدىغان... بولۇپ چوڭ بولىدۇ شۇ.
شۇ ڭا قېرىنداشلار، تەتىل ۋاقىتلىرىدا بالىلارنى كەچكىچە گىتتار چالدىغان، دۇتتا چالدىغان، ئۇسسۇل ئۈگىتىدىغان...، دىگەندەك تايىنى يوق يەرلەرگە ئاپىرىپ بەرمەي، قاسساپ تونۇشلىرڭىزغا شاگىرتلىققا تۇتۇپ بىرىڭ. قوي سويۇشنى ئۈگەنسۇن. جۈئەتلىك، قاندىن قورىقمايدىغان، ئەركەكتەك چوڭ بولسۇن!!!
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-29 12:30قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 799
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 8332 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-11-01

بەك چۈشۈنۈشلۈك ھەم قىزىقارلىق يېزىلىپتۇ. قېنى كەڭسايلىق ئەركەكلەر بىرەرىمۇ كۆرۈنمەيدا  
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 185
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-11-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 12:43

تازىمۇ  ئوبدان  بوپتۇ .  ھەركىم  قۇربانلىقنى  ئۆزى  قىلسا  ياخىشى  ئەمەسمۇ ؟  مەنمۇ  ئەتە  يەكشەنبە  بازاردا  پىچاقنى   چاقىلتىپ  تەييار  قىپ  قويمەن  .  ئاللاھ  خالسا  .
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 560
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە560دانە
ئۆسۈش: 1493 %
مۇنبەر پۇلى: 6477 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-02
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 12:43

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

مەن بار...  
مەن ئۆمرۈمدە قوي سويۇپ باقمىغان،  ھەمىشە پۇتىنى تۇتۇپ بېرەتتىم،  ئەمدى  پۇتىنى تۇتۇپ بېرەي دېسەممۇ ئامال يوقتە...
تەپەككۇر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئېسىل نېئمىتىدۇر!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8918
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-10
ئاخىرقى: 2011-10-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 12:50

ھە--راسىت!  قوينىڭ ھەممە پۇتىنى بوغۇۋالماڭلار جۇمۇ!
ئۇچ پۇتىنى بوغۇپ قويۇڭلاركەينىدىكى بىر پۇتىنى بوش قويۇڭلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8842
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-03
ئاخىرقى: 2011-10-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 12:57

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

مەن دائىم قۇربان ھىيىتتا سىزدىگەندەك قىلاتتىم. لىكىن يۇرىتتىن ئايرىلىپ باشقا يۇرىتتا(0991) ئوقۇش ئىشى بىلەن بولغاندىن كىيىن بۇيىل ھىيىتنى مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكۈزىدىغان بولدۇمدە .خەيىربوپتۇلا . قىرىنداشلىرىم سالامەت بولۇپ ھىيىتنى سالامەت ئۆتكۈزسەڭلا مەن شۇنىڭغا خوش .    
mp3
شۈكرى.اللە
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 915
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە915دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 9909 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 13:21

مەن مۇشۇ كەمگىچە بىر تال چۈجىمۇ بوغۇزلاپ باقمىغان قاننى كۆرسەم ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ مىنىڭ بەك باغرىم يۇمشاق  
ئەركەكلەر قەسەم قىلمايدۇ ، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر سۆزى قەسەمدۇر .
دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
WA PA DAR
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 410 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2011-10-31
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 13:31

(ھى ھى ، مۇشۇ ۋاققىچىغۇ بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم). ئىشقىلىپ بەك كۈچەپ كەتمەڭ، باشقىچە ئاۋازلاز چىقىپ كەتمىسۇن، ئەتراپىڭىزدا ئادەم بولسا سەت تۇرىدۇ.  
ھي.بەك قىززىق جۇمۇ سىز   
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 890
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە890دانە
ئۆسۈش: 3600 %
مۇنبەر پۇلى: 11447 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-11-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 13:38

natsist
باغرى يۇمشاقnatsist
باغرى قاتتىق گىتلىردىن ئۈلگە ئالىدىكەن دە...!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1914
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1914دانە
ئۆسۈش: 4550 %
مۇنبەر پۇلى: 23008 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-11-01
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-29 13:49

3-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

يوۋۋۋ...  قوينىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بىرەلىگەن بولساڭلا خېلى تەمكىن بالىكەنسىلەر جۇمۇ.  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ